قەلبىنۇر ئېلياس يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 17:23
كەتكەنلەرنى ئۇلۇغلاشمۇ يۈكسەك مۇھەببەت .
قەلبىدە ئەقى ...
بۇ سۆزلىرىڭىز ئەسكى تامدەك سۆكۈلۈپ تۇرغان كۆڭلۈمگە ئەڭ ياخشى تەسەللىي بولدى. مەرھۇم تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ«بىرنەرسە يازايچۇ» دېسەملا كاللامغا باشقا ھېچنەرسە كەلمەيدىغان، ئاشۇ مەھبۇبەمنىڭ سۈپەت، خىسلەتلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، شۇ تەرەپكە سۆرەپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان 4-5 يىلدا باشقا تېمىلاردا ھېچ نەرسە يازالمىدىم. شۇڭا، قەلەمنى بولىشىغا قويۇپ بېرىپ يازدىم. ئاخىرى «ھەسرەت پۈتۈكلىرى» ناملىق بىر كىتاب بولۇپ قالدى. ئەمما، بىرىنىڭ تارىخىمىزدا بۇنداق كىتاب مەيدانغا كەلمىگەچكە، خۇدۇكسېراپ ساقلاپ كېلىۋاتاتتىم. ئەمدى يۈرەكلىك ھالدا بىر يەرلەرگە ئېتىپ باقسام بولغاىدەك. سىزنىڭ مەدىتىڭىزگە رەھمەت!