كۆرۈش: 1784|ئىنكاس: 62

ئابدۇرېھىم زۇنۇن: سەن كەتتىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1814
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5171
تۆھپە : 11
توردا: 507
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 19:19:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                         
                              سەن كەتتىڭ

توۋا! ھايات قىسمەتلىرى ئاجايىپ بولىدىكەن، بىر كۈنى خۇشاللىقتىن بېشىڭ ئاسمانغا تاقاشسا، يەنە بىر كۈنى قۇيۇن ئۇچۇرغان قامغاقتەك ئازگاللارغا بېرىپ تىقىلىدىكەنسەن. «ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار» دېگىنى راست ئىكەن. كۆل سۈيىدەك تىپتىنچ ئۆتىۋاتقان ھاياتىمدا تۇيۇقسىز داۋالغۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن دىشۋارچىلىقلارغا ئۇچراپ، ھاياتىمدىكى كۈلكە، شادلىقلاردىن ـــ يىگىرمە يىللىق ھالال جۈپتىمدىن ئايرىلىپ قالدىم.
                                                  1

بىز تۈنچى ئۇچراشقاندا، قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك تولىمۇ گۈزەل، تولىمۇ سۇلۇق ۋە نازۇك قىز ئىدىڭ؛ يۈرەكنى ئۆرتەپ تاشلىغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە كۆيدۈرگۈچى ـــ ئوت چاقناپ تۇرىدىغان قاپقارا بوتا كۆزلىرىڭ قۇم بۇلاقتەك ئويناپ تۇراتتى. قۇيغان ئۆپكىدەك ئاپپاق يۈزلىرىڭ، ھىلال ئايدەك قاپقارا ئەگىم قاشلىرىڭ،چىمداپ چىقارغاندەك، ئېقىپ چۈشكەندەك، ئىلىپتەك قاڭشىرىڭ، ئويماقتەك يۇمۇلاق، گىلاستەك قىزىپقىزىل لەۋلىرىڭ بىلەن ئىچىمگە مىڭ تونۇرنىڭ ئوتىنى يېقىپ، مېنى كۆيدۈرگەن، سۆيدۈرگەن، مەھلىيا-مەپتۇن قىلغانىدىڭ...
باي-باياشات ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، چوڭ بولغىنىڭغا قارىماي خۇي-پەيلىڭدە ھاكاۋۇلۇقتىن، چوڭچىلىقتىن، بىراۋنى كەمسىتىشتىن ئەسەرمۇ يوق بولغاننىڭ ئۈستىگە، تولىمۇ خۇش پىچىم، تولىمۇ يېقىشلىق، تولىمۇ رايىش، تولىمۇ چىقىشقاق، تولىمۇ مېھرىبان، تولىمۇ كۆيۈمچان ئىدىڭ. غۇنچە بويۇڭغا ئاددىي رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلىرىڭ تولىمۇ ماسلىشاتتى، خويمۇ يارىشاتتى... رەھمەتلىك ئانام، ئۇلۇغ-ئۇششاق ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم ساڭا مەندىن ئۆتە ئامراق ئىدى...
سەن قاشالانغان چاھار باغدا ئۆسكەن گۈل بولساڭ، مەن ئىشقىڭدا تىنماي سايرايدىغان ناۋاكەش بۇلبۇل ئىدىم؛ بىردەم كۆرمىسەم، تىتىلداپ تۇرالمايتتىم-دە، يېنىڭغا ئۇچۇپ باراتتىم. ھاياتىڭنىڭ ئون سەككىزىنچى باھارىدا توي قىلىپ ـــ تۇزغا تۈگۈرگەن ناننى تەڭ يەپ، بىر ياستۇققا باش قويغانىدۇق، چەكسىز قۇت، شادلىق بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىپ، بىر-بىرىمىزگە يار-يۆلەك بولىدىغان تۇرمۇش سەپىرىمىزنى باشلىغانىدۇق.  قولىمىز قىسقا بولسىمۇ، مەنىۋى بايلىقىمىز زىيادە، كۆڭلىمىز توق ئىدى...
ئاز كەم يىگىرمە يىللىق ئەر-خوتۇنلۇق ھاياتىمىزدا بىر قېتىممۇ مايتارتىشماي، ئالىيىپ قاراشماي، سەن-پەن دېيىشىپ قالماي، تولىمۇ ئىجىل-ئىناق ئۆتكەنىدۇق. شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك! ئاتا-ئاناڭ، ئىنىلىرىڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن تولىمۇ رازى، مەمنۇن ئىدى؛ ئەتراىپىمىزدىكى نۇرغۇن-نۇرغۇن كىشىلەر بىزگە زوقلىناتتى، ھەۋەس قىلاتتى، كەينىمىزدىن سۆزلەيتتى... ساڭا كۆز تەگدى، گۈلۈم! سېنى ئوتى ياماننىڭ ئوتىدىن، كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن، سۆزى ياماننىڭ سۆزىدىن ساقلىيالمىدىم، قوغۇدىيالمىدىم، جېنىم!
سەن يىقىلغاندا، ئاران ئوتتۇز ئۈچ ياشلىق نازۇك گۈل ئىدىڭ، ئۈچ يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ساقايماس نەس كېسەل ـــ «راك» بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشتىڭ، بىر ئادەمنىڭ دەرد-ئەلىمنى يەنە بىر ئادەم تارتىشىپ بېرەلمەيدىكەن؛ ئەگەر ئۈلىشىۋالغىلى بولسا ئىدى، ھەممە كېسىلىڭنى ئۆزۈملا تارتىشقا مىڭ مەرتىۋە، يۈز مىڭ مەتىۋە رازى ئىدىم. مەن پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتە مەدەتكارلا بولالىدىم. بەندىنىڭ قولىدىن نېمە كېلىدۇ دەيسەن! سەن ئاغرىق ئازابىدا ـــ دوزاخ ئوتدا پۇچۇلانغان ۋاقىتلىرىڭدا يارىلانغان كېيىك بالىسىدەك كۆزۈمنى مۆلدۈرلىتىپ قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئامال قىلالمىدىم. سەندىن ئەلەملىرىمنى، كۆز ياشلىرىمنى يوشۇرۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىنىڭ پىنھاندىكى ھاجەتخانىسىنىڭ بۇلۇڭلىرىغا كىرىپ، دەريا-دەريا ياش تۆكتۈم. ئەر كىشىمۇ يىغلامدۇ، دېدىڭما؟ يىغلايدىكەن، خۇددى ئىچىگە ۋولقان-لاۋالىرىنى پاتقۇزالمىغان يانارتاغلار پارتىلاپ قىپقىزىل ئوت يالقۇنىنى ئەتراپقا چېچىپ، ھەممە نەرسىنى كۈلگە ئايلاندۇرۇپ تاشلىغاندەك ئىچ-ئىچىدىن ھەرىكەتلىنىپ پارتىلاپ، بوغۇلۇپ، ھەتتا ھۆڭرەپ يىغلايدىكەن؛ گويا شىمالنىڭ ئاسمىنى تۇرۇپلا چىلەكلەپ يامغۇر تۆككەندەك، ئەزىم دەريالارغا تۇيۇقسىز قىيان كەلگەندەك يىغىمۇ قاپساپ كېلىدىكەن. مانا مەن تالاي قېتىم ئەنە شۇنداق يىغلىغان، ئەنە شۇنداق ياش تۆككەن، پىغانىمنى ئىچىمگە پاتۇرالماي، ئەركەك شىردەك ھۆركىرەپ، يانارتاغدەك پارتىلاپ، دەمدەردەك ھۇق تاتىپ، بوغۇلۇپ - بوغۇلۇپ يىغلاپ كەتكەن يىگىتمەن.
                                              2         

سەن كەتتىڭ، تىرنىقىمىز ئەمدى ئىللىشقا، قول-ئىلكىمىز ئۇزىراشقا باشلىغاندا كېتىپ قالدىڭ، بىر يوچۇن قول ئۈزۈپ تاشلىغان غۇنچىدەك شېخىڭدىن ئۈزۈپ تاشلاندىڭ، تولىمۇ ياش كەتتىڭ؛ كونىلارنىڭ گېپى بويىچە ئېتتقاندا : «ئون گۈلىڭنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان» ۋاقتىڭدا كېتىپ قالدىڭ؛ ھاياتنىڭ خوۋلۇقلىرىنى ھېچقانچە كۆرمەيلا كەتتىڭ، بىزنى تاشلاپ كەتكەن ۋاقتىڭ ئۈجمىلەر راسا مەي باغلاپ پىشقان 22- ماي ئىدى، ئىككى-ئۈچ كۈن ئىلگىرى بودەك-بودەك ئاق ئۈجمىلەرنى تىرىپ كېلىپ، چۆچۈرىدەك ئېغىزىڭغا سېلىپ قويغانىدىم، سەن ئەمدىلا 37- باھارىڭنى ئۇزىتىش ئالدىدا تۇرغان گۈل ئىدىڭ...
سەن كەتتىڭ، ھاياتىنىڭ ئاتمىش نەچچىنچى داۋانۋىغا يامىشىۋاتقان، كېسەل چېقىپ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئاتا-ئاناڭنى، ھاياتنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى تېخى تېتىپ ئۈلگۈرمىگەن ئىككى باچكاڭنى، كۆز قارىچۇقۇڭ، گۆھىرىڭ، بارلىقىڭ، كۆز نۇرۇڭ، يۈرەك - باغرىڭ ھېسابلىنىدىغان ئىككى تايچىقىڭنى، مەن ـــ بۇلبۇلۇڭنى، قولۇڭنى كۆسەي، چېچىڭنى سۈپۈرگە قىلىپ تۇتقان ئۆيۈڭنى، ئۆزۈڭ بىر قوللۇق سەرەمجانلاشتۇرۇپ چىققان ئۆيۋاقا، سۈرتۈپ پارقىرىتىپ تۇتىدىغان تۆشۈكنىڭ سەرەمجانلىرىنى، بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىدەك مۇڭلۇق ئاۋازلىرىڭنى، بۇلاقنىڭ شىلدىرلىشىدەك سۈزۈك پىچىرلاشلىرىڭنى، كاككۇكنىڭ سايرىشىدەك يېقىملىق كۈلكىلىرىڭنى، كەكلىكتەك يەڭگىل قەدەم ئېلىشلىرىڭنى، بىر نەرسە يېزىشقا تۇتۇنغان، كىتابلارنىڭ گۈل بەتلىرىگە مىختەك قادالغان چاغلىرىمدا ئاتنىڭ قېنىدەك دەملەپ ئەكىلىپ بېرىدىغان چايلىرىڭنى، ئاياللىق نازاكىتىڭ بىلەن قىلىدىغان تاتلىق چاقچاقلىرىڭنى، نەچچە پارچە سۈرىتىڭنى، بۇ دۇنيانىڭ بارلىق خورلۇق، دەرد - ئەلەملىرىنى، ھەممە- ھەممىنى...  يۈرىكىمگە ئويۇپ، ماڭىلا تاشلاپ كېتىپ قالدىڭ.
مەن گۈل ئىشقىدا كېچە-كۈندۈز خەندان ئۇرغان بۇلبۇلدەك سېنىڭ ئوتۇڭدا، سېنىڭ ئىشىق-پىراقىڭدا ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغاندىم، قىزىق قۇملۇققا تاشلانغان بېلىقتەك چاكىلدىدىم، قوقاسقا كۆمۈلگەن ھۆل چىۋىقتەك پۇچۇلاندىم؛ سۆيۈملۈك ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يېتىم بوتىدەك بوزلىدىم؛ گاھ ھۆڭگىرەك ئېيتىپ، گاھ يۇم-يۇم يىغلىدىم. ئۇ تەرىپىمگە قارىسام، ئەسكى تامدەك تۆكۈلۈپ تۇرغان ئاتا-ئاناڭ؛ بۇ تەرىپمكە قارىسام، ياپراقلىرى ئۆز رەڭگىنى يوقاتقان يۇمران نوتىدەك، سېرىق سەپدەردەك سارغايغان ھالدا ئېرغاڭلاپ تۇرغان گۆھەرلىرىڭ ــ بىر جۈپ ئوغلۇڭ. ئېيتە، يۈرىكىم بۇ ئەلەم، بۇ يوقىتىشقا قانداق چىدايدۇ!
سەن كەتتىڭ، يىراق شەھەردە ئوقۇۋاتقان چوڭ ئوغلىمىز كۈيلەپ قالغان سەۋدا بۇقىدەك بۆركىرەپ، ئوقتەك ئېتىلىپ ئىشىكتىن كىرگەنچە بوينۇمغا ئېسىلغاندا، يەرگە ئۆزىنى تاشلاپ يىلاندەك سويلاپ، كىرپىدەك تۈگۈلۈپ، ئايغىردەك كىشنەپ كەتكەن چاغدا يۈرىكىم ئېزىلىپ، مال-ۋارانلار ئايىغىدا يەنجىلگەن قۇرۇق غازاڭدەك كۈكۈن بولدى، ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا ئېزىلگەن ئۈگۈتتەك  ئۇن بولدى؛ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي، چاك-چېكىمدىن بۆسۈلدۈم...
سەن كەتتىڭ، ئېڭىكىڭنى قوشقان، پۇتۇڭنى چاتقاندا، ئىچ-ئىچىمدىن مىڭ پاتمان ھەسرەت، مىڭ پاتمان نادامەت، مىڭ پاتمان يىغا بۇقسىدى، چوققامغا مىڭ پاتمان ئېغىرلىقتىكى گۈرزە ئۇرۇلغاندەك بولدى؛ بېشىمدا قارا بۇلۇتلار، توڭ قاغىلار ئەگىدى، «ئاھ گۈلۈم، مېنى تاشلاپ كەتتىڭغۇ، ئەمدى بۇلبۇلۇڭ قانداق قىلىدۇ، بۇ ئەلەم، بۇ جۇدالىققا ئۇ قانداق چىدايدۇ!» دېدىم ئۆز- ئۆزۈمگە.
ئاھ، بۇ پۇرقەت، بۇ ئايرىلىشقا مۇشتتەك يۈرەك قانداق چىدىسۇن! ئۆزۈمنى تاملارغا، ئىشىكلەرگە ئۇرۇپ، ھەر يانغا تاشلاپ دەريا-دەريا ياش تۆكتۈم، ئۆزۈمنى بىدىبىدار، تىتما-تالاڭ قىلدىم؛ يېقىن-يورۇق، ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ : «‹قازاغا رىزا، سەۋرە قىلىڭ، ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم›...دېگىنى شۇ ئوخشايدۇ...» دېگەنلىرى قۇلىقىمغا ئۇرۇلغان بولسىمۇ، گۈلخان بولۇپ كۆيىۋاتقان ھەسرەتلىك يۈرىكىمدىكى ئوتنى پەسەيتەلمىدى، دەردىمگە دەرمان بولالمىدى، نېرۋىلىرىمنى غىدىقلىيالمىدى، يارارامغا مەلھەم بولالمىدى، يىغامنى توختۇتالمىدى...
«ئاھ خۇدا! ئۇنىڭ ئورنىدا جېنىمنى ئالساڭ، ئۇ ياشىسا بولماسمىدى، بىزدە : «‹زەردار داداڭغا قالغۇچە، پاقمىباش ئاناڭغا قال› دېگەن گەپ بارغۇ، بالىلىرىمىزغا سېنىڭ مېھرىڭنى، سېنىڭ سۆيگۈڭنى، سېنىڭ ھىدىڭنى قانداق ھېس قىلدۇرارمەن، قانداق ئۇسۇلدا بېرەرمەن، ئۇلارنى ئۆيلىگەندە، قۇدىلارنىڭ ئالدىغا يالغۇز قانداق چىقارمەن!؟...» دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە. شۇ ۋاقىتتىكى بىر نەچچە مېنۇت نەچچە مىڭ يىلدەك تۇيۇلدى ماڭا؛ يەر ئاسمان، ئاسمان يەر بولۇپ كۆمتۈرۈلگەندەك، ئوڭدا-دۈم بولۇپ ئۆرىلىۋاتقاندەك، يەر شارى توختىماي پىرقىراۋاتقاندەك تۇيۇلدى ماڭا.
سېنى سۇغا ئېلىشتى، مەندە ھېلى ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، كۈلگۈنچەك چىرايىڭدا ئاپتاپ پارلىتىپ ئالدىمغا چىقىپ كېلىدىغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولدى؛ چۈنكى تېخى نەچچە سائەتنىڭ ئالدىدا مۇزلاپ، كۆكىرىپ كەتكەن، قېنى قېچىپ، گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىڭ بىلەن سۆيۈپ قويغان، بېلىكىمگە بېشىڭنى قويۇپ، تاۋار ئاسلاندەك مىسىلداپ، پۇشۇلداپ ئۇخلىغان ئەمەسمىدىڭ ! بۇ «ھېلى كېتىمەن، بىردەم پۇرىۋالاي، ھىدىڭنى ھىدلىۋالاي...» دەپ بەرگەن بىشاتىڭمىدى !
چۈش بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا مۆڭۈپ قالغان ئادەمدەك خاۋاتىرلىنىپ تۇرغۇنۇمدا، ئىچكەركى ئۆيدىن بېشىنى چىقىرىپ :
ـــ بالىلار، ئاناڭلارنىڭ يۈزىنى كۆرىۋىلىڭلار ! ـــ دېدى بىر ئايال. يىگىتلىرىمىزنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتىم:  
ـــ سۇغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەر كىشى مېيىتنى كۆرسە نامەھرەم بولىدۇ، سىلى كىرمىسىلە، ـــ دەپ مېنى توسىۋالدى ئۇ ئايال. سەندىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمىغان ھالدا يېتىم بالىدەك بويۇن قىسىپ ئىشىك تۈۋىگە كېلىۋالدىم؛ بۇ يەردىكى مۇنەججىم ئاياللار بىر پەس پەتىۋار سۆزلىشىپ، تالاش-تارتىش قىلىشقاندىن كېيىن، كۆز جىيەكلىرى تورلاشقان كۆكچىدەك قورۇلغان بىر ئايال :
ـــ نىكاھىدىكى ئايال بولغاندىن كېيىن، رازىلىشىۋالسا بولىدۇ، ـــ دەپ پەتىۋار چىقاردى ۋە يېنىڭغا كىرىشىمگە، رازىلىق بېرىشىمگە «رۇقسەت» قىلدى. رازىلىق سۆزلىرىنى پىچىرلاپ تۇرۇپ، ساڭا كۆز ئۇردۇم، سەن بەجايىكى بىر پەرىشتىگە، ھۆر-غىلمانلارغىلا ئوخشاپ قالغانىدىڭ. ئاپپاق كېپەن ئىچىدە بىر تولۇن ئاي ياتاتتى، ياق-ياق، پارلاپ تۇرغان بىر قۇياش ياتاتتى...
سەن كەتتىڭ، ياغاچ ئاتقا مىندۈرۈپ، ھەممىمىزنىڭ بارار جايى بولغان پانىي ئالەمگە ئۇزاتتۇق... مەن بىر سىقىم توپىنى ئۇچۇملاپ ئېلىپ، بارماقلىرىم ئاراچلىرىدىن  تۇپراق بېشىڭغا چاچقاچ :
ـــ خاتىرجەم يات، تۇپراقنىڭ تېشىدىلا بولسام، بىر جۈپ گۆھىرىڭ ـــ يۈرەك پارىلىرىڭنى كۆز قانچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن، «قاناتلىققا قاقتۇرماي، تۇمشۇقلۇققا چوقۇتماي» چوڭ قىلىمەن ـــ دېدىم ئىچىمدە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-14 19:21  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتىللاسى يىغىش سەۋەبى
sultannur + 10 كۆڭلۈم بۇزۇلىۋاتىدۇ

ھەممە باھا نومۇرى : تىللاسى + 10   باھا خاتىرىسى

mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 611
تۆھپە : 0
توردا: 104
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 19:55:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم مۇئەللىم!.... ۋاپادار گۈلىڭىزنىڭ پىراقى قىيناۋېتىپتۇ-دە.............
........
سەندىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمىغان ھالدا يېتىم بالىدەك بويۇن قىسىپ ئىشىك تۈۋىگە كېلىۋالدىم؛ بۇ يەردىكى مۇنەججىم ئاياللار بىر پەس پەتىۋار سۆزلىشىپ، تالاش-تارتىش قىلىشقاندىن كېيىن، كۆز جىيەكلىرى تورلاشقان كۆكچىدەك قورۇلغان بىر ئايال :
ـــ نىكاھىدىكى ئايال بولغاندىن كېيىن، رازىلىشىۋالسا بولىدۇ، ـــ دەپ پەتىۋار چىقاردى ۋە يېنىڭغا كىرىشىمگە، رازىلىق بېرىشىمگە «رۇقسەت» قىلدى. رازىلىق سۆزلىرىنى پىچىرلاپ تۇرۇپ، ساڭا كۆز ئۇردۇم، سەن بەجايىكى بىر پەرىشتىگە، ھۆر-غىلمانلارغىلا ئوخشاپ قالغانىدىڭ. ئاپپاق كېپەن ئىچىدە بىر تولۇن ئاي ياتاتتى، ياق-ياق، پارلاپ تۇرغان بىر قۇياش ياتاتتى...
.............


مۇنۇ بايانلىرىنى ئوقۇپ مېنى يىغا تۇتتى.... ھەقىقەتەن كۆز تەككەندەكلا ياش كېتىپ قالدى ئەمەسمۇ  خانىملىرى....
..........
ھايات-شۇنداق. بىرى كۈلۈپ، بىر يىغلايدىغان..... بۇ جاھاندا كىممۇ مۇھەببەتكە ، ھاياتقا قانغان دەيلا....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-14 19:59  


ئاناتىلىمىزنىڭ پەش-چېكىتلىرىنىمۇ ئىسراپ قىلمايلى!

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1030
تۆھپە : 26
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 20:22:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرنىڭ تىلى شۇنداق يەڭگىل ۋە يارقىن چىقىپتۇ. ھاياجان قايناپ تۇرىدىكەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  348
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 85
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 20:30:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبتىن تامچىغان قۇرلار مۇشۇنداق تەسىرلىك بولىدۇ. ئادەم يوقۇتۇش ئىچىدە ئېرىشىدۇ. بۇ نەسرلەر يوقۇتۇشنىڭ قىيامى ئەمەسمۇ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  246
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 699
تۆھپە : 2
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 20:45:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن كەتتىڭ.
بۇ ئاھلىق نىدا يۈرىكىمنى لەرزىگە سالدى ..چىن تۇيغۇلار مانا مۇشۇنداق تەسىرلىك ،ۋۇجۇتلارنى لەرزىگە سالالايدۇ ..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇلفىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-14 20:46  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2252
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 587
تۆھپە : 0
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 21:03:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ بولغۇچە يۈزلىرىمنى ھۆل قىلىۋەتكەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ئولتۇرۇپ، مەرھۇمغا جەننەت ، ئۇنىڭ شۇڭقارلىرىغا جاسارەت، پەرزەنتلەرنىڭ تېغى بولغان ئۇستازغا سەۋىر، چىدام-غەيرەت ، سالامەتلىك تىلىدىم. ......ئۇنىڭدىن باشقا بىر نەرسە دىيىشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ.

ئىنساپ قىلساڭ كېلۇر قەنىت -گېزەك ،
نائىنساپتىن قاچۇر توڭ تېزەك.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1108
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 384
تۆھپە : 0
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 23:28:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راستما؟
ئۈلۈمنىڭ كۆزى كور دەيدىكەن ئەللەر.... سەۋىر تاقات يار بولغاي راست بولسا. ئايالىڭىزنىڭ ، بىر تال جانانىڭىزنىڭ ھاياتلىقتىكى مۇھەببىتى سىزگە مەڭگۈلۈك ھەمراھتۇر. بەردەم بولۇڭ.

نەسىرنىڭ تىلى يەڭگىل ، تەسىرلىك يۈرەكنى ئەزگۈدەك چىقىپتۇ. ئۇخشىتىشلار بەكمۇ جانلىق قوللىنىپتۇ.
قەلىمىڭزگە بەركەت، نەتىيىجە يار بولغاي ئۇستاز!

كىتاب ئوقۇمىغان مىللەت گۇمرانلىقتا قالىدۇ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  244
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1175
تۆھپە : 0
توردا: 251
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 01:37:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپ ، چىن سۆيگۈ قەلئەسىدە ھىجران دەشتىللىرىدىن بىئارام بۇلۇۋاتقان ، تۈگۈمەس شىرىنلىكنى، ۋىسال بەختىنى ئۈن-تىنسىز سېغىنىۋاتقان قەلبى ئاتەش، روھى پاك، ئاق كۈڭۈل پەرىشتە سۈپەت ئۇستازىم ، مۇشۇ مىنۇتلاردا سىزگە پەقەت مۇشۇنداق ئىككى قۇر ئەرزىمەس تەسەللىگە تولغان ھۆرمەت ئەھكامىمنى ئىگىلىپ تۇرۇپ، كۈچلۈك قايغۇرۇش ئىستىكىدە  بايان قىلماقتىن مەندە باشقا چارە يوق ئىكەن.
ئۇستاز، بەردەم بۇلۇڭ،سەۋىر تاقەتلىك بۇلۇڭ.بىر جۇپ شۇڭقارىڭىزنى ئەجدالىرىمىزنىڭ ئېتىقادى سىڭگەن مۇشۇ ئانا زىمىندىن ئىبارەت بوز تۇپراققا يىلپىزدەك چاققان، كالىدەك ئىشچان، يولۋاستەك باتۇر، بۈركۈتتەك قەيسەر،شىردەك كۈچتۈڭگۈر قىلىپ ئەقىل پاراسەت بابىدا ساما-سامالاردا پەر قاقتۇرۇپ مىھرىبان، تىرىشچان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىڭىزغا سىزنىڭ روھىيەت ئاسمىنىڭىزدىكى پاك-پاكىز، قەلىبىڭىزدىكى ئۇخچۇپ چىققان بۇلاقتەڭ سۈپ-سۈپسۈزۈك ئېقىن سۇدەك توختاۋسىز ئىقىۋاتقان يۈرەك سۆزلىرىڭىز كېپىل بۇلالايدۇ.
سىز ئاشۇ بىر جۇپ شىر سۈپەت ئارسلانلىرىڭىزغا ھامان ھەمدەمدە بولمىسىڭىز بولمايدۇ،سىز ساقسىز بۇلۇپ قالسىڭىز تۇمشۇقى بارلار چۇقۇيدۇ. قاناتلىقلار قانات تاشلايدۇ.
سىز يەنە ياشايسىز،ياشىغاندىمۇ راۋرۇس ياشايسىز،مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.ئەنە شۇنداق قىزلىق قەلبىگە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان يىگىتلىك تامغىڭىزنى ھەققى ھالاللىق بىلەن باسقان سۆيگۈ مەھبۇبىڭىزنىڭ ئالدىدا بەرگەن يىگىتلىك ۋەدىللىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىز  
ئاللاھ ئىگەم باقى ئالەمدىكى ئۆمۈرلۈك ئەقىدىڭىزنىڭ ئوچمەس شاھىدى بولغان گۈلخانىڭىزنىڭ روھىنىمۇ  خاتىرجەم  ئەمىن تاپقۇزۇدۇ ئەمەسمۇ.
خەيرىيەت ئۇستاز.باللىرىڭىزنى ياخشى تەربىيەلەڭ ،ھەر پەيشەنبە كۈنى باقى ئالەمگە كەتكەن جۇپتىڭىزنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلىغاندا  يانچۇقىڭىزغا دېھقاننىڭ ھالاللىق بىلەن تېرىپ ئۆستۈرگەن رەڭگى قىزىل، توق بولغان دانلاردىن توشقۇزۇپ جەننىتى قوۋېملارغا قۇشۇلغانلارنىڭ روھىنى ئىزدەپ ئاسماندا ئۇچۇۋاتقانلارغا چېچىپ بىرىڭ. نامازدا بىلىڭىزگە چەگكەن ئاق بەلباغلاردىن ، مۇسىبەت كىيىمىدىن ئاز-ئازدىن يىرتىپ مەرھۇمەنىڭ بېشىغا چىگىپ قۇيۇڭ.
ئاللاھ سىزنىڭ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن،باللىرىڭىزنىڭ تەلىيىنى ئوڭ قىلسۇن.
خەير. ئامان بۇلۇڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلا راخمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-15 01:52  


ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق،ئەڭ زور بەخت ئۆزىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى باشقىلارغا تەغدىم قىلىشتۇر.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1814
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5171
تۆھپە : 11
توردا: 507
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 22:42:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.توختى سەببەت يوللىغان ۋاقتى  2013-6-14 19:55
ئابدۇرېھىم مۇئەللىم!.... ۋاپادار گۈلىڭىزنىڭ پىراقى قىين ...



     رەھمەت! مەنمۇ يىغلاپ تۇرۇپ يازغان نەسر ئىدى بۇ. چىن گەپلەر چىن يۈرەككە تەسىر قىلسا كېرەك!

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1814
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5171
تۆھپە : 11
توردا: 507
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 11:04:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdurexit eli يوللىغان ۋاقتى  2013-6-14 20:22
نەسىرنىڭ تىلى شۇنداق يەڭگىل ۋە يارقىن چىقىپتۇ. ھاياجان ...



       مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 807
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1339
تۆھپە : 5
توردا: 168
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-5

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 16:52:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېلىمغا ئاچچىق بىر نەرسە تۇرىۋېلىپ،كۆزۈم سەل تورلاشقاندەك بولغاچقا نەسىرنى تەستە ئوقۇپ تۇگەتتىم. ھەقىقى تەسىرلىك مۇھەببەت داستانىدىن بىرنى ئوقۇپ چىققاندەك قىلىمەن. ئابدۇرېھىم زۇنۇن مۇئەللىمگە سەۋرى تىلەيمەن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  163
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1390
تۆھپە : 1
توردا: 190
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 17:23:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتكەنلەرنى ئۇلۇغلاشمۇ يۈكسەك مۇھەببەت .
قەلبىدە ئەقىدىنىڭ يىلتىزى قۇرىمىغان ، ۋاپا گۈلىنىڭ بەرگىنى دىلىدا مەڭگۈ سولاشتۇرمايدىغان ئادەملەردىلا مۇشۇنداق پاكىزە  ئادىمىيلىك تۇيغۇ  بولىدۇ.
نەسىر تىلى ئاممىباپ، يەڭگىل ۋە تەسىرلىك چىقىپتۇ.

قەلبىنۇر ئىلياس

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1814
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5171
تۆھپە : 11
توردا: 507
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 16:32:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزلۇق يوللىغان ۋاقتى  2013-6-14 20:30
قەلبتىن تامچىغان قۇرلار مۇشۇنداق تەسىرلىك بولىدۇ. ئاد ...



     ئۇزلۇق، پىشقان ئوبزورچىغا خاس مېغىزلىق يازغان بۇ مىكرو ئوبزورىڭىز مۇزلاشقا باشلىغان كۆڭلۈمنى ئىللىتتى ۋە ئۈمىد پەيدا قىلدى. رەھمەت!

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1476
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 507
تۆھپە : 0
توردا: 86
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 16:45:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇدۇم ،ئۇقۇدۇم كۆزۇم ياش بولدى.ياق قەلبىم لىققىدە ياشقا تولۇپ كەتتى.چىن يۇرەكتىن ھەقىقىي ساپ تىل ئارقىلىق ئېتىلىپ چىققان ئەسەر يۇرەكنىڭ بېغىشىغا شۇنداق تىگىدىكەن،مۇئەللىم .
لېرىكىچانلىقى ناھايىتى كۇچلۇك، پىكىرى ئۆتكۇر نەسركەن. قەلەملىرى ھارمىغاي.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1814
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5171
تۆھپە : 11
توردا: 507
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 19:23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلفىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-6-14 20:45
سەن كەتتىڭ.
بۇ ئاھلىق نىدا يۈرىكىمنى لەرزىگە سالدى ..چى ...




   شۇنداق، سىڭلىم زۇلپىيە. مەن يىغلاپ ئولتۇرۇپ يازغان بۇ نەسر سىلەرنىڭمۇ يۈرىكىڭلارنى تاتىلىيالىشى شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك. بۇ پەقەت راست بىر كۆرنىش. ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تۇرمۇش چىنلىقى ئۇنىڭ تەسىرچانلىقى ئاشۇرسا كېرەك. رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-18 19:23  


قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش