ئىگىسى: eybuyaqup

قاسىم سىدىق: چىنلىقنىڭ رەھىمسىز يۈزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2502
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 550
تۆھپە : 0
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 11:36:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىھەم يوللىغان ۋاقتى  2013-6-13 09:13
قاينىمىڭ قاسىمكا،قۇسۇرچىلار شۇنداق دەيدۇ.ئۇلار پاكىت ...

دەلىل بىلەن ئوتتۇرغا قويسا ھەممىمىز بەھىرلىنىمىز،مۇھاكىمە قىلىپ باقىمىز،خاتالىق بولسا تۆزىتىۋالىمىز ئەمەسمۇ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  181
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 86
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 11:46:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bilikyar يوللىغان ۋاقتى  2013-6-13 11:10
ئۆستەڭ ئەپەندىم  ئىنكاسىڭىزدا  مۇنداق بىر قانچا پاراڭن ...

2، سىز يەنە بىر ئىنكاسىڭىزدا ‹بارىكاللا ئېيتىپ ‹‹تون كىيگۈزۇش››كېرەككەن ئەسلى!قۇرۇق گەپ سېتىپ ئوقۇرمەنىنى ئالدىغان ئوبزور ئىكەنغۇ › دەپ يېزىپسىز. سىز بۇ يەردە نىمې دېمەكچى؟ ئەجابا سىز مەمتىمىن ھوشۇردەك ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ سەركىسى، مەسئۇلىيەتچان مول ھوسۇللۇق ئۇستازنىڭ تىرنىقىدىن كىر ئىزدىمەكچىمۇ؟ بۇ قىلمىشىڭىز چىكىدىن ئاشقان شەىسىيەتچىل ئۆزلۈك مەۋقەلىگىدىكى چىدىماس ھەسەتخورلۇق كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىڭىزنىڭ تىپىك نامايەندىسىمۇ قانداق؟
داۋامى يەنە بولىشى مۈمكىن.........

ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات؛ ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم -بەختىمنىڭ بىر قىسمى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  222
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 246
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 14:24:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           نام- شەرىپىنى « ئېرىق» دىن ئەمەس،تولىمۇ ھەيۋەتلىك « ئۆستەڭ- ئېقىن »دىن باشلىۋالغان جانابىي ئەپەندىم، سىزگە يەنە قايسى خىلدىكى ئوبزور- مۇھاكىمىلەر لازىم ؟ بىر ئوقۇسا ئاپەتلىك يىللاردىكى « قارا يىپ »لار ئۈستىدىن مەجبۇرىي توقۇپ چىقىرىلغان « شىكايەتنامە » گە، يەنە بىر ئوقۇسا سىركىسىنى بېقىپ ئولتۇرغان ئۇششاق سۆز خوتۇنلارنىڭ چۆچىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان  ئاتالمىش يازمىلار سىزگە بەكرەك ياراپ كەتكەن ئوخشايدۇ.سىز بۇ يازمىلارنىڭ « قەھرىمان»لىرىغا ھېسداشلىق قىلىش،  قاسىم سىدىقنىڭ مۇھاكىمىسىگە ئېنكاس قايتۇرۇش ياكى « سالچىلار »غا باھا بېرىشتىن ئاۋۋال « ئىلى دەرياسى »نىڭ مۇندىن 70، 80 يىل بۇرۇنقى ئەركەك سۈيىنى ئەمەس، ھازىرقى كۆپ يۇۋاشلاپ كەتكەن سۈيىنى ھېچ بولمىسا ئوشۇقىڭىزغىچە بىر كېچىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولاتتى. بىزنىڭ ئوت يۈرەك سالچىلىرىمىز مانا شۇنداق تەلۋە سۇدا، تىلسىم ئېقىندا بىر ئۆڭمەس تارىخنى- سالچىلار تارىخنى ياراتقان. بۇ تارىخنى ئېنكار قىلىش سىز بىلەن بىزدەك غەيۋەتتىن باشقىسىنى بىلمەيدىغان ئەرزىمەس ئادەملەرنىڭ قولىدىن مەڭگۈ كەلمەيدۇ. شۇنداقلا ئامانەتكە قالغان جاننى ئالقىنىغا ئېلىپ سال ئۈستىدە كېتىۋاتقان سالچىلارنىڭ بوينىغا گالۇستۇك، كۆزىگە كۆز ئەينەك تاقاپ، ئۈستىگە پەرەڭلەر بىلەن ئېنگلىزلارنىڭ كاستيۇم- بۇرۇلكىسىنى كىيدۈرۈپ، ئۇلارنى « سادىر ئېنقىلابىي »، « ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىي » دەك چوڭ- چوڭ ئىجتىمائىي ۋەقەلەرگە سۆرەپ كىرىش مەمتىمىن ھوشۇردەك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قولىدىن ھەم كەلمەيدۇ. چۈنكى سالچىلار تۇرمۇشى ئايرىم تۇرمۇش خۇددى خاڭ ئاستىدا ئايلاپ يېتىپ كۆمۈر قازىدىغان كۆمۇر كان ئىشچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدەك. ئۇلارنى ئېنقىلاپ ئىچىگە سۆرەپ كىرىشنىڭ روماندا ھېچقانداق زۆرۈريىتى يوق.چۈنكى سالچىلار دۇنيادا نېمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ، پادىشاھلىق ئورنىغا كىملەر چىقىپ، كىملەر چۈشۈۋاتىدۇ ؟ ... بۇلار بىلەن پەرۋايى پەلەك. ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدە ئىنسان ۋۇجۇدىدا بولۇشقا تېگىشلىك ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ھەممىسى بار. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بىز ئۇلارنى ناچار ئادەملەر دېيەلمەيمىز. شۇلار بولغاچقىلا سالچىلىق تارىخمىز بولالىغان. نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قەھرىمانلىقنى سىز بىلەن بىز بۇ ئەبگا ھەم زەيپانە تۇرقىمىز بىلەن ئەبەدىي دوراپمۇ بولالمايمىز. مەمتىمىن ھوشۇر مانا شۇنداق ئادەملەر ھەققىدىكى تارتىملىق ھېكايىلەرنى بىزگە يەتكۈزۈپ كەلدى. روماننىڭ ئۇتۇقى مانا شۇ يەردە. يازغۇچىنىڭ ساراڭ خوتۇننىڭ چېچىدەك چۇۋالچاق بۇ تارىخنى بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزغا رومان شەكلىدە ئېلىپ كىرىشى ئۈچۈن يېشىنىڭ چوڭۇيۇپ قېلىشى، سالامەتلىكىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەىسلىكىگە قارىماي « بارسا كەلمەس يول » دەپ ئاتىلىدىغان مۇزداۋانغا تەۋەككۇل قىلىپ يۈرۈش قىلىشى، ئاق قار، كۆك مۇز ئۈستىدە تۈننى تاڭغا ئۇلىشى، سالچىلىرىمىزنىڭ ئۆز ۋاقتىدا قالغان تەۋەرۈك ئىزلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارنىڭ روھى بىلەن مۇڭدۇشۇپ چىقىشىدەك قەيسىرانە ئىرادىسىنى ۋە بۇ خۇسۇستا ئېرىنمەي سىڭدۇرگەن ئەمگەكلىرىنى بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېنكار قىلىش نىيىتىدە بولساق، ئۆزۈمىزنىڭ ئادىمىلىك سۈپىتىمىز ھەققىدە قاتتىق بىر ئويلۇشۇپ باقساق بولىدۇ. قاسىم سىدىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم توغرا نىيەتلىك قەلەمكەشلىرىمىز تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىمەي ئۆزلىرىنىڭ لىللا، ھالال، خالىس، سەمىمى مۇھاكىمىلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان ئايرىم كۆزقاراشلار بولسا ئىلمىي، پاكىتى بىلەن ئوتتۇرغا قويايلى. خۇسۇسى ھېسسىيات نوقتىسىدا تۇرۇپ قايتۇرۇلغان تۇتامى يوق ئېنكاسلار، دودىسى يامان خوتۇننىڭ خۇيىدەك قىيداشلار بىزگە ھېچنېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئارىغا زىغ- زىغ سالىدىغان ناچار قىلمىشلارنى ئەدەبىياتىمىزمۇ ھەم كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.سېيىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 17:10  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2502
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 550
تۆھپە : 0
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 14:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ئىزدىنىش"،"ئەلكۈيى"،"قۇتاتقۇبىلىك"كە ئەزا تورداشلاربولسا بۇ تېمىنى شۇلارغا يوللاپ قويسا تەشەككۆر ئېتار ئىدىم.بۇ تېمىنى قاتتىق ۋە جىددى تەپتىش قىلىش كىرەك.تېما مانا:

قاسىم سىدىق:ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش


forum.php?mod=viewthread&tid=9004

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 14:59  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2948
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 17:44:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بەدىئى ئەدەبىياتتىن،ئەدەبى تەنقىتتىن يىراقلىشىپ كەتكىنىمگە ئۇزۇن بولۇپتۇ.دۇنيادا ئەدەبىيات ھەققىدە قانداق يېڭى نەزەريەلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىگىدىن،قايسىلىرىنىڭ بازىرى چاپ-چاپ،قايسىلىرىنىڭ بازىرى ئۆلۆك ئىكەنلىگىدىن بېخەۋەرمەن.«شەكىل نەزەريىسى»دىن ئىبارەت بىر ئابىستىراكىت دۇنيادا ياشاپ،ئۇنىڭ ئازاپ ۋە لەززەتلىرىدىن ھۇزۇرلۇنۇپ يۆرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە«سالچىلار»①ھەققىدىكى تور غەۋغالىرى ۋە كوچا ئوبزۇرلىرى دىققىتىمنى تارتتى.بۇ غەۋغا ۋە ئوبزۇرلارنىڭ تۇرىتكىسىدە ۋاقىت چىقىرىپ روماننى كۇرۇپ چىقتىم.رومان- مېنى ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان قېرىندىشىم بىلەن كۇرۇشكەندەك تۇيغۇغا چۈمدۆردى.ئۇ مېنى خۇددى شەكىل نەزەريىسىدەكلا ھەم ئازاپلىدى ھەم شاتلىققا مۇيەسسەر قىلدى.مېنىڭچە ئازاپتىن ھۇزۇرلۇنۇشنى بېلىش ئىقتىدارىمۇ كىشىلەرگە قىلىنغان كاتتا مەرھەمەت ئىدى.
    مەن بۇ يازمامدا، ۋاقىت ۋە سەھىپە چەكلىمىسى ئېتىۋارى بىلەن ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى،پىرسۇناژلار خارەكتىرى ،ئىستىلىستىكىلىق مەسىلىلەر دىگەندەك نۇقتىلار ئۆستىدە توختىلالمايمەن.مىنىڭ رومان ۋە تور،كوچا ئوبزۇرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ كەلگەن تەسىراتىم شۇكى،بىز ئىستېتىكا،ئېتىكا قاتارلىقلارنى ئۇز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن نەزەريىۋى،پەلسەپەۋى مەسىلىلەردە قايتا ئويلانمىساق،ستىخىيەنى،ھېسسىياتنى مەنبە قىلغان رىيال قىممەت قاراشلىرىمىزنى ئىلمى تەپتىش قىلمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.بىز بەدىئيى ئەدەبىياتتا،سەنئەت ئەسەرلىرىدە ناھايتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇزىنى ئىزدەش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردۇق ۋە كەچۆرمەكتىمىز. كانت، ئەخلاق ھەققىدىكى ئادەتتىكى بىلىشتىن پەلسەپەۋى بىلىشكە ئۇتۇش،ئاممىۋى پەلسەپەۋى بىلىشتىن ئەخلاق مىتافىزىكىسىغا ئۇتۇش جەريانلىرى ئۇستىدە توختالغان②.بىزنىڭ نۇۋەتتىكى رىياللىقىمىزنى كۇزدە تۇتقاندا ئەخلاق مەسىلىلىرىنى پەلسەپەۋى جەھەتتىن «ئاممىۋى بىلىش»ھەققىدە ئېغىز ئاچقىلى بولمايلا قالماي،بۇ نۇقتىدا سىستىمىلىق ئىزدەنگەن بىرمۇ زىيالى يوق.«ئەخلاق مىتافىزىكىسى»دىنغۇ ئەسلا ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.ھەممىگە دىگۇدەك ھېسسى ياندىشىش،ئەقلى بىلىشتىن يىراق تۇرۇش، مانا،بۇ بىزنىڭ رىياللىغىمىز.
    تەن ئېلىش كېرەككى،بىز نەزەرىيە ۋە پەلسەپەۋى نۇقتىدا ئۇزىمىز ھەققىدە مەخسۇسلاشقان ئىلمى ئىزدىنىش ئېلىپ بارالمىدۇق.بۇنداق ئىزدىنىشنى مۇتلەق يوق دىيەلمىسەكمۇ يىتەرلىك بولمىدى.بەدىئى ئەدەبىياتقا،سەنئەتكە سىلىنغان ئەقلى سېلىنمىمىزغا قارىغاندا،نەزەرىيەگە ،پەلسەپەگە سېلىنغان ئەقلى سېلىنما يوقنىڭ ئۇرنىدا بولۇپ كەلدى.ئۇيغۇر بەدىئى ھاياتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىيەۋى ۋە پەلسەپەۋى رىياللىقى يىتىشىپ ماڭالمايلا قالماي،كىيىنكىسى تېخى ئۇزىنى مۇنتىزىم رەۋىشتە شەكىللەندۇرگىنى يوق.يەنى ئۇيغۇر تەنقىدچىلىقى ئۇيغۇر سەنئىتىگە بېرىشكە تېگىشلىك نەرسىنى بېرەلمەي قالدى،نەتىجىدە كۇپ ھاللارداتۇۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ھادىسە كۇرۇلدى:

1.بەدىئى ئەدەبىياتنى ئۇز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى «تالاغا قاراپ قېلىش ھادىسىسى»

     بۇنىڭدا ھەر رەڭ، ھەر شەكىلدىكى زىيادە تەقلىتچىلىكلەردىن ساقلانغىلى بولمىدى،«زامانىۋىلىق»،«دۇنياۋىلىق»لارنىڭ مىللى سەنئەتتىكى توغرا تەبىرى ئۇستىدە ئىزدىنىلمەي،ئۇ گويا تاشقى دۇنيا تەنقىتچىلىكى دەپ چۈشۈنىلدى.بۇ خىل ئۇزىدىن ھالقىپ كەتكەن تەقلىتچىلىك ماھىيەتتە «ئۇزىنى يوقۇتۇش» يولىدىكى تىرىشچانلىق ئىدى.ئەدەبىيات-سەنئەتتە ژانىر،ئىپادىلەش ۋاستىسى،ئىلغار ئىدىيە قاتارلىقلارنى ئىمپورىت قىلىشقا بولىدۇ.لىكىن ئۇلارنى ئۇزىنىڭ ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك بولغان قىممەت قاراشلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىمپورىت قىلىش ئەدەبىيات-سەنئەتتە«ياساش كەسپى»نى شەكىللەندۇرۇدۇ.ھالبۇكى بۇ«كەسىپ»نىڭ «تاۋار»لىرى بولسا،ئۇزى سادىق بولغان «تاشقى دۇنيا»دىمۇ،ئۇزى تەۋە بولغان ئىجتىمائى توپتىمۇ قارشى ئېلىنىپ كېتىشى ناتايىن.چۈنكى بۇنداق ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇدىغان «ياساش كەسپى» بىر مىخانىك قۇراشتۇرۇش جەريانى بولۇپ،ئۇ ئاپىرىدە قىلغان«تاۋار»لاردا ھاياتى كۈچ ۋە بەدىئى جەلىپ قىلىش كۈچى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تەنقىدچلىكى بۇنداق «تالاغا قاراپ قېلىش» ھادىسىسىگە سۈكۈت قىلدى،ھەتتا ئۇزى بېلىپ - بىلمەي،ئۇيغۇر ئەدەبىيات –سەنئىتىنى بۇنداق «ئاسىيلىق»قا قۇتراتتى. چەتئەللەردىن ئۇنىڭ «نەزەريىۋى ئاساس»لىرىنى ئېلىپ كىرىپ،بۇ«ئاسىيلىق»قا ئۇمىت ۋە ئىپتىخار بېغىشلىدى. بىز تولىمۇ قىسمەنلىكلەرنى،بەزى زۇرۇرىيەتلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقىلار ئۈچۈن ناخشا ئېتىپ،ئەسەر يېزىپ بەرمىسەكمۇ بولىدۇ.چۈنكى بىز ھامان ئۇلارنىڭ ئۇزلىرىدەك قاملاشتۇرالمايمىز.ھەركىم ئۇز ناخشىسىنى ئۇزى ئېتىشى كېرەك.ھەركىمنىڭ ئۇزىگە خاس تېماتىكىسى بولىدۇ.

      2. ئادەتلەنگەن نەزەريىۋى قېلىپلاردىن بىراقلا ھالقىپ كېتىش

    «گۇڭگا شېئىريەت» مەلۈم مەنىدە قاتمال،كونسىرىۋاتىپ بولغان،ھە دىسىلا«يامان بولىدۇ»دەپ تۇرۇۋىلىپ، سىقىلغان روھنىڭ پارتىلىشىنى تەقىپ قىلىدىغان«تەنقىت»دىن ئىبارەت بۇ  «قېرى دىداكتىكىچى» غا قىلىنغان خىرىس ئىدى،بۇ«قىرى دىداكتىكىچى» ئاساسەن ئىستېلىستىكىلىق مەسىلىلەرنى تەكىتلەيدىغان ،دەسمايىسى بىرمۇنچە ئىمپۇرىت قىلىنغان«پەرھىز»لەردىنلا ئىبارەت بولغان بىر«بوۋاي»بولغانلىقى سەۋەپلىك ،ئۇيغۇر سەنئىتىنى چىخوپنىڭ «بىلىكۇپ»ىدەك پورتىرىتقا مەھكۇم قىلىش رولىنى ئويناپ كەلگەن. لىكىن، بۇ مەسىلىنىڭ پەقەت بىر تەرىپى،«گۇڭگا شېئىرىيەت»نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رىياللىقىدىمۇ مەسىلە ئاز ئەمەس.زىيادە ئىندىۋىدۇئاللىشىپ كېتىش بۇ قېتىمقى شېئىرىيەت ھادىسىسىدىكى تۆپ مەسىلە ئىدى.ئەينى دەۋىردىكى بەزى تەنقىدچلىرىمىز مۇشۇنداق بىر ھادىسىگە سۆكۆت قىلىپلا قالماي،ھەتتا زىيادە ئىندىۋىدۇئاللىققا يەل بەردى.بۇنداق يەل بېرىش شۇنداق ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۆردىكى،بۇنداق ئەسەرلەرنى كىتاپخانلار بۇ ياقتا تۇرسۇن،ئاپتۇر ئۇزىمۇ ئىنىق شەرىھلەپ بېرەلمەيتتى. ئۇز پىرىنسىپلىرىنى ئۇزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائى توپنىڭ ئىستېتىكىلىق ئۇرتاقلىقى ۋە خاسلىقى ئۇستىگە تورغۇزمىغان سەنئەت ۋە تەنقىدچىلىك ھامان زىدىيەتكە پاتقان،مەغلۇبىيەتكە يۇزلەنگەن،ئىجتىمائى بۇرىچ تۇيغۇلىرىدىن ئايرىلغان بولىدۇ.

3.نەزەرىيە،ئەدەبى تەنقىت ھامان ئەڭ كەڭ مەنىدە دىداكتىكىچىلىق،پىداگوگىكىلىق ئەمگەكتىن ئىبارەت.پەرۋىشكارلىق ۋە يېتەكلەش ئۇنىڭ ئاساسى مىتودى،ئالدىنقى شەرتى بولسا، ئىلمى ۋە مۇنازىرىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان «پىروگىرامما»دىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك.

ھازىر بۇنداق «پىروگىرامما»نىغۇ تاما قىلماي،بىزنىڭ تەنقىتچىلىرىمىز،نەزەريىچىلىرىمىز پەرۋىشكارللىققا يىتەرلىك كۇڭۆل بۇلەلىدىمۇ-يۇق؟ دىگەن سوئال ئۆستىدە ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ كۇرسەك بولىدۇ. بىز«نادىر» ئەسەر مەستانىلىقى ۋە چاقىرىقىغا ئەڭ كۇپ كۇڭۇل بۇلدۇق(ئۇزىمىزدە ئۇنىڭ ئىنىق ئۇلچىمى بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئى نەزەر)لىكىن،پەرۋىشكارلىق بۇرچىمىزنى تولۇق ياكى يېتەرلىك ئادا قىلمىدۇق.مۇجىزە كۈتتۇق،لىكىن،جاپالىق كونكىرىت ئەمكەكلەرنى ئىشلىمىدۇق،«ئۆلگىلىك ئەسەر»لەرنى مەدىھىلەپ ھوشىمىزدىن كىتەي دىدۇق.بۇ ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن كونكىرىت،جاپا-مۇشەققەتلىك جەريانلار ۋە شەرت-شارائىتلار دىققىتىمىزدىن يىراقتا تۇرۇپ كەلدى.بىز «نادىر»لار ئارقىلىق يىتىلىۋاتقان ياش تالانىتلارنى ،تالانىت ئۇچقۇنلىرىنى مەنسىتمىدۇق ياكى دۇمبالىدۇق،ھەتتا بەزى ھاللاردا ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلىدۇق.بىز ئەدەبىيات-سەنئەت ئالدىنقى سىپگە،غەلبىگە ،قەھىرمانغا كۇڭۇل بۇلدۇق.ئارقا سەپكە،ئەدەبىياتنىڭ كېلەچىگىگە يىتەرلىك كۇڭۇل بۇلمىدۇق.ئىدىيال مۇكەممەللىكلەر نۇقتىسىدا تۇرۇۋىلىپ،رىيال مۇمكىنلىكلىرىمىزنى دۇمبالىدۇق...ۋاھاكازالار.بىزنىڭ نەزەريىچىلىرىمىز،تەنقىتچىلىرىمىز ئۇزى ئۇستىدە ئەستايىدىل ئويلۇشۇشقا تېگىشلىك يەردىن ئۇتۇپ كەتتى.بۇ خىل ئويلۇنۇشنى يەنە كېچىكتۇرسەك بولمايدۇ.تەنقىتچىلىرىمىز قەھرى-غەزەپلىك گېنرالنىڭ رولىنى ئېلىۋەرمەي،كۇيۇمچان يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ رولىنىمۇ ئېلىشى كېرەك،«نادىر» ئەسەرلەرنىڭ ئېلانچىسىغىلا ئايلىنىپ قالماي،نۇقسان ئىچىدىكى تالانىت بىخلىرىنى بايقىيالايدىغان ۋە ئۇلارنى پەرۋىش قىلالايدىغان كۇيۇمچان ئەمگەكچىمۇ بولىشى كېرەك.بەدىئى ئەدەبىيات گۆلشىنىنىڭ گۆزەل كېلەچىكى ئالدى بىلەن ئالاقىدار ... «ئەخلاق دىگەن نىمە؟» بۇ ئىنسانىيەت مەڭگۇ ئىزدىنىدىغان سوئال. بىر مەھەل«سىنىپى ئەخلاق»⑤داۋرىڭى بازار تاپتى.مۇئەييەن نۇقتىلاردا «دىنى ئەخلاق» ئەڭ ئۇزۇن ۋە ھازىرغىچە نوپۇزلۇق ئۇرنىدىن ئايرىلىپ باققىنى يۇق،ھەتتا دىنى ئەخلاق ئىنسانىيەت ئېتىكىسىنىڭ بۇشۇگى بولۇپ كەلدى. ئەخلاقشۇناسلار«ئەخلاق»نىڭ نىمىلىگى ھەققىدە ناھايتى نۇرغۇن ۋەسىقىلەرنى قەالدۇردى.ھازىرغىچە «ئەخلاق» نىڭ مۇكەممەل،ھەممە ئورتاق ئىتىراپ قىلىدىغان ئىنىقلىمىسى مەيدانغا كەلمىدى.بۇ تېمىنىڭ ۋەزىپىسى ئەخلاق ياكى ئىستىتېكا مەسىلىلىرى ئۇستىدە ئىلمى نۇقتىدىن مەخسۇس توختۇلۇش ئەمەس.پەقەت«سالچىلار» رومانىدىكى بەزى پىرسۇناژلارنى(پىروتۇتىپلارنى ھەم)«ئەخلاقسىزلىق»تا ئەيىپلەشكە يىتەرلىك ئاساسىمىز بارمۇ-يوق،دىگەن سوئال ئۈستىدە ئانچە- مۇنچە ئىزدىنىپ كۆرۈش.
ئەخلاقى مەجبۇرىيەتلەر ئىتېكا تارىخىدا دەسلەپ شەخىسلەرنىڭلا ئۇتەشكە تېگىشلىك بۇرچى دەپ مەيدانغا كەلگەن.تەدرىجى ھالدا كەسپى ئەخلاق نۇرمىلىرىغا قاراپ تەرەققى قىلىشقا باشلىدى،مەسىلەن: دۇختۇرلۇق،ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى دىگەندەك.لېكىن ،ئەڭ مۇھىم بىر ساھە ئۇزىنىڭ ئەخلاقى بۇرۇچلىرىنى نەزەريىۋى جەھەتتىن تونۇپ يەتكىنى،تۇرغۇزغىنى يوق،ئۇ بولسىمۇ سىياسى.«سىياسى ئەخلاقشۇناسلىق- سىياسى ئېتىكا» تۇرغۇزۇلمىسا ياكى سىياسى جەھەتتىكى ئەخلاقى نۇرمىلار تۇرغۇزۇلمىسا،جەمىيەتنى«ئەخلاق كىرزىسى» قاپلاپ كېتىدۇ.ئەخلاق ھەققىدىكى تەشەببۇسلار ئادەم ئالدايدىغان قۇرۇق نەرسىگە،شۇ تۈپەيلى، ماھىيەتتە ئەخلاقسىزلىققا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. ئادىللىق، بارەۋەرلىك، لەۋزىدە تۇرۇش... قاتارلىق ئەخلاق كاتىگۇريىلىرىنى سىياسىغا تەدبىقلىماسلىققا  كۇرسىتىدىغان ھىچقانداق باھانىمىز يوق. كەسپى، خۇسۇسى، سىياسى، ئومۇمى ئەخلاق ئۇلچەملىرى ئۇز ئارا ئورگانىك بىر گەۋدە سۇپىتىدە ئويۇشالىغاندىلا ئاندىن ئەخلاق كىرزىسلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.سىياسىنىڭ ئەخلاق رامكىسىدىن سىرىتتا قىلىشى ئىنسانىيەت بىشىدىن كەچۈرگەن پاجىئەلەرنىڭ تۇپ سەۋەپلىرىنىڭ بىرى. سىياسى كۇپ ھاللاردا ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگە بويسۇنمايدىغان بېشەم نەرسە بولغانلىغى ئۈچۈنلا گىتلىر مەيدانغا كىلىپ«كىشىنىڭ ھەققى» گە خىرىس قىلالىدى،گىتلىرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىتېكا،ئىستېتىكا قاتارلىق ساھەلەردا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۆرگەن بۇ «پەلسەپىۋى مىللەت»نىڭ يۇزىنى قارا قىلىپ قويدى.ئەينى ۋاقىتتىكى گىرمانىيە گىتلىرغا تىز پۈككىنىدە ھەم چىن مەنىسىدىكى قەھىرمانلىقتىن،ھەم چىن مەنىسىدىكى ئەخلاقتىن  ئايرىلىپ قالغان ئىدى.كانت،گېگىلدەك بۇيۇك مۇتەپەككۆرلەر بۇ ۋاقىتتا قەبرىسىنىڭ ئىچىدە يىتىپ تۇرۇپ،قانچىلىك ئازاپلانغان بولغىيدى-ھە؟! بىزمۇ ھازىر دۇلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشتىن باشقا ئەخلاق بىلەن باشقۇرۇش تەشەببۇسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىۋاتىمىز⑥.نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ تەشەببۇس بىر سىياسىنىڭ ئەخلاققا تۇتقان پۇزىتسىيىسىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ«سىياسى ئەخلاقشۇناسلىق»نىڭ زۇرۇرلىگىدىن دىرەك بەردى.ئارىستوتىلنىڭ«ئادەم سىياسى ھايۋان» دىگەن تەبىرىنى مۇئەييەن مەنىدە ئىلمى قىممەتكە ئىگە دەپ قارىغان ئەھۋالدىمۇ،«سىياسى ئەخلاقشۇناسلىق» ئاللىقاچان كۈن تەرتىپكە قويۇلدى.لىكىن،زىيالىلار قاتلىمى بۇ «يىشىل چىراق»تىن ئىلھاملىنىپ، ئۇزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ھازىرغىچە قىلغىنى يوق.مۇبادا سىياسى ئادەمنى «ئەخلاقسىز»بولۇشقا مەجبۇرلىسا،سىز قوپۇپ ماھىيىتى ئۇزىڭىزگىمۇ رۇشەن بولمىغان «ئەخلاق ئۇلچەملىرى» ۋە ئەخلاقى دەۋەتلەر بىلەن ئازاپلىسىڭىز بۇ ئىلمى ۋە ئەخلاقى ھادىسە بولماي قالامدۇ-قانداق؟!.چۈنكى،«زۇلۇم سىلىش» ئەزەلدىنلا غەيرى ئەخلاقى ھادىسە دەپ قارىلىپ كەلگەن .بۇ يەردە ئىنسانلار مەلۇم نۇقتىدا ئەخلاقلىق بولغىنى بىلەن دەل شۇ «ئەخلاق»يەنە بىر نۇقتىدا ئەخلاقسىزلىق بولۇش قىسمىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.مىنىڭ بۇ تېمىغا يۇقۇرقىلارنى قىستۇرۇشۇمدىكى سەۋەپ،تارىخى ۋە رىيال شەخىسلەرنىڭ«ئەخلاقى»غا باھا بەرگەندە ئىلمى ۋە ئەتراپلىق بولۇشنى ئەسكەرتىش.سېيىت نۇچىنىڭ «ئەخلاقى»بىلەن سۇڭجاڭنىڭ «ئەخلاقى»بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە قىممەتكە ئىگە،لىكىن باشقا بىر نۇقتىدىن ئەخلاقسىزلىق بولىشىمۇ تەبىئى.دىمەكچىمەنكى،ئورتاق،بىرلىككە كەلگەن ئەخلاق قاراشلىرىنى مەيدانغا كەلتۇرمەي تۇرۇپ ئېلىپ بىرىلغان ئەخلاقى دالالەت ۋە تەنقىتلەرنىڭ ئىلمى بولىشى ناتايىن.يەنى،«سالچىلار»نى ئەخلاق نۇقتىسىدىن دۇمبالاشنىڭ ئاساسلىرى يىتەرلىك ئەمەس.مىنىڭ ئېتىكىلىق ئۇلچىمىمدە «ئەخلاق» ئالدى بىلەن ئېلىش ئەمەس،ئەكسىچە بېرىشتۇر.تار مەنىدىكى «مەن»گە نىسبەتەن ئىتقاندا «ئېلىش»نىلا ئويلاش غەيرى ئەخلاقى ھادىسە ھىساپلىنىشى كېرەك.
    خەۋىپ خەتەرگە دادىل يۆزلەنگەن بۇ «سالچىلار»نىڭ قەھىرمانلىقىنى ،ھەقلىق رەۋىشتە«قەھىرمانلىق»نى تۇر ۋە قاتلاملارغا ئايرىش ئارقىلىق تېپىپ ئالالايدىغىنىمىزدەك،ئۇلاردىكى ئەخلاقى جۇلالارنى كۇز ئەينەك ئالماشتۇرۇپ باقساق رۇشەن كۇرۇپ يىتەلەيمىز.بۇ كۇز ئەينەك- ئەخلاق ھەققىدىكى قاتمال،قېلىپلاشقان،كونىرىغان،ھېسسى بولغان،رىياللىقنى مۇپەسسەل ۋە ئادىل كۇزۇتۇش ئىقتىدارىغا ،سىستىمىلىق ئىلمى نەزەريىۋى ئاساسقا ئىگە بولمىغان بوۋا مىراس كۆز ئەينەكلەرنى ئىسلاھ قىلىش،يېڭىلاش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. كىلاسسىك ئىتېكا ئۇقۇملىرى نۇقتىسىدىن نەزەر سالساقمۇ،«سالچىلار»نىڭ پىرسۇناژلىرىنى ئەخلاقلىق كىشىلەر دىيىشكە يىتەرلىك ئاساسلىرىمىز بار.مەن ئۇلارنى ھەرگىز ئەخلاقى جەھەتتە مۇكەممەل كىشىلەر دەۋاتقىنىم يوق.بۇ يەردە«مۇكەممەللىك»نىڭ نىمىلىگىنى،ئۇنىڭ مۇمكىن بولىدىغان،رىيالىققا ئايلىنالايدىغان نەرسە ياكى ئەمەسلىگىنى ئالدى بىلەن ئويلۇشۇش كېرەك.دەرۋەقە، بۇ سالچىلاردا نۇقسان يوق ئەمەس،ھالبۇكى ئۇلار ئەشۇ نۇقسانلىرى بىلەن چىن،گۆزەل ۋە پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئىبارەت.مۇكەممەللىك ھەرقاچان ئىنساننىڭ ئىدىيال دەرىجىسىدۇر.ئىنسان مەڭگۈ ئۇز ئىدىيالىنى ئىزدەيدۇ،لىكىن مەڭگۈ ئۇز ئىدىيالىغا يىتەلمەيدۇ. ئۇ بۇنداق مەڭگۈلۈك سەپەردە غايىۋى مەنزىللىرىنىڭ جۇزئى ئۆتەڭلىرىدە قونۇپ ئۇتىدۇكى،يەنىلا ئۇز ئىدىيالىنىڭ قورشاۋى ئىچىدە،ئۇز ئىدىيالىغا چەكسىز تەلپۈنىپ ياشايدۇ. مانا بۇلار ماتىماتىكىدىكى لېمىت ئۇقۇمىنىڭ ئىجتىمائى ئىستېتىكىدىكى ئىپادىلىنش شەكلىدىن ئىبارەت. دىمەك ،مۇكەممەللىك قوغلۇشۇشقا، چاقىرىق قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشقا تىگىشلىك نىدا. لىكىن،رىيال ئىنساندىن مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىش ئىلمى بولمىغان«ئەدەبى تەنقىت دونكىخۇتچىلىقى»دىن ئىبارەت. بۇ يەردە، ۋېناسنىڭ بىر قولىنىڭ يوق بولىشى ئۇنىڭ گۆزەللىگىگە تەسىر يەتكۆزەلمىگەنلىگىنى،غەرىپ دۇنياسىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەلقىنلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىغىنى ئەسكە ئېلىپ ئۇتسەك كۇپايە.
   مۇشۇنداق تىكىشى توختىمايدىغان قۇرۇق گەپلەر بىر قەدەر كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلغان ،ئەمىلى نەق گەپ بىر قەدەر ئاز ،قاسىمكا !سىلى يالقۇن روزىنىڭ تارىم ژورنىلىنىڭ 2013_يىلىلق 4سانىدىكى ‹‹سالچىلار رومانى توغرۇسىدا دەسلەپكى تەنقىد ››،تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2013_يىلىلق 3_سانىدىكى ‹‹سالچىلار رومانىىنىڭ نوقسانلىرى ›› دېگەن ئىككى پارچە  ئەدەبىى تەنقىدنى قايتا ئوقۇپ  باقسىكەن دەيمەن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2948
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 18:09:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىلىنى ھېچ بىر چاغدا تىلىلغان ئەمەسمەن ،لېكىن سىلى پەيغەمبەر ئەلەيھسالامنىڭ ‹‹كىمكى بىراۋنى ناھەق ئەيىپلىسە ، ئەيىپ شۇ كىشىدە  بولمىسا ،تللىغان سۆز كۆككە كۆتۇرۇلۇپ تىلىغۇچىغا قايتىپ كېلىدۇ ››دېگەن ھەدىسنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايلا -ھە؟!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 906
تۆھپە : 0
توردا: 152
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 18:14:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹تارىم››ژۇرنىلىنىڭ2013-يىللىق4-سانىدا يالقۇن روزى داڭلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ‹‹سالچىلار››ناملىق رومانىنى تەنقىت قىلدى.بۇ ئوبزۇر جەمىيەتتە بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىدى،ئوبزۇرنى ئوقۇغانلار بىردەك يالقۇن روزىنىڭ تەنقىت ماقالىسى ئىلمى بولمىغان،ماقالە خاھىشچانلىققا ئىگە قىلىنغان بولۇپ،تىغ ئۇچىنى يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرغا قاراتقان دەپ قارىدى.مەنمۇ ئۇنىڭ ئوبزۇرىنى ئوقۇپ راستىنلا‹‹قۇرۇق شاختىن ھۆل پۇتاق››چىقارغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم.
ئۆستەڭ بۇرادەر،تۆۋەندىكى ماقالىنى يەنە بىر ئوقۇپ بېقىڭ!....
forum.php?mod=viewthread&tid=8719 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەدىھەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 19:05  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2502
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 550
تۆھپە : 0
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 18:15:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆستەڭ يوللىغان ۋاقتى  2013-6-13 17:44
بەدىئى ئەدەبىياتتىن،ئەدەبى تەنقىتتىن يىراقلىشىپ كە ...

ھەي بالا،قەيىرى،قايسى گەپ نىمە سەۋەپتىن ئاقمايدۇ،ئاساسلىرىڭنى كۆرسەتمەمسەن دەيمەن؟.«ئاقمايدۇ» دەپلا قويساڭ بولامدۇ؟،ئۆستەڭدە ئاقمىغان بىلەن دەريادا ئېقىپ قالارمىكىن؟!.

بىرمۇ-بىر تۇتۇپ كۆرسەت،بىرمۇ-بىر ئاساسىڭنى قوي!.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 18:16  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2948
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 10:00:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن بۇ يازمامدا، ۋاقىت ۋە سەھىپە چەكلىمىسى ئېتىۋارى بىلەن ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى،پىرسۇناژلار خارەكتىرى ،ئىستىلىستىكىلىق مەسىلىلەر دىگەندەك نۇقتىلار ئۆستىدە توختىلالمايمەن.مىنىڭ رومان ۋە تور،كوچا ئوبزۇرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ كەلگەن تەسىراتىم شۇكى،بىز ئىستېتىكا،ئېتىكا قاتارلىقلارنى ئۇز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن نەزەريىۋى،پەلسەپەۋى مەسىلىلەردە قايتا ئويلانمىساق،ستىخىيەنى،ھېسسىياتنى مەنبە قىلغان رىيال قىممەت قاراشلىرىمىزنى ئىلمى تەپتىش قىلمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.بىز بەدىئيى ئەدەبىياتتا،سەنئەت ئەسەرلىرىدە ناھايتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇزىنى ئىزدەش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردۇق ۋە كەچۆرمەكتىمىز. كانت، ئەخلاق ھەققىدىكى ئادەتتىكى بىلىشتىن پەلسەپەۋى بىلىشكە ئۇتۇش،ئاممىۋى پەلسەپەۋى بىلىشتىن ئەخلاق مىتافىزىكىسىغا ئۇتۇش جەريانلىرى ئۇستىدە توختالغان②.بىزنىڭ نۇۋەتتىكى رىياللىقىمىزنى كۇزدە تۇتقاندا ئەخلاق مەسىلىلىرىنى پەلسەپەۋى جەھەتتىن «ئاممىۋى بىلىش»ھەققىدە ئېغىز ئاچقىلى بولمايلا قالماي،بۇ نۇقتىدا سىستىمىلىق ئىزدەنگەن بىرمۇ زىيالى يوق.«ئەخلاق مىتافىزىكىسى»دىنغۇ ئەسلا ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.ھەممىگە دىگۇدەك ھېسسى ياندىشىش،ئەقلى بىلىشتىن يىراق تۇرۇش، مانا،بۇ بىزنىڭ رىياللىغىمىز.
    تەن ئېلىش كېرەككى،بىز نەزەرىيە ۋە پەلسەپەۋى نۇقتىدا ئۇزىمىز ھەققىدە مەخسۇسلاشقان ئىلمى ئىزدىنىش ئېلىپ بارالمىدۇق.بۇنداق ئىزدىنىشنى مۇتلەق يوق دىيەلمىسەكمۇ يىتەرلىك بولمىدى.بەدىئى ئەدەبىياتقا،سەنئەتكە سىلىنغان ئەقلى سېلىنمىمىزغا قارىغاندا،نەزەرىيەگە ،پەلسەپەگە سېلىنغان ئەقلى سېلىنما يوقنىڭ ئۇرنىدا بولۇپ كەلدى.ئۇيغۇر بەدىئى ھاياتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىيەۋى ۋە پەلسەپەۋى رىياللىقى يىتىشىپ ماڭالمايلا قالماي،كىيىنكىسى تېخى ئۇزىنى مۇنتىزىم رەۋىشتە شەكىللەندۇرگىنى يوق.يەنى ئۇيغۇر تەنقىدچىلىقى ئۇيغۇر سەنئىتىگە بېرىشكە تېگىشلىك نەرسىنى بېرەلمەي قالدى،نەتىجىدە كۇپ ھاللارداتۇۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ھادىسە كۇرۇلدى:

1.بەدىئى ئەدەبىياتنى ئۇز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى «تالاغا قاراپ قېلىش ھادىسىسى»

     بۇنىڭدا ھەر رەڭ، ھەر شەكىلدىكى زىيادە تەقلىتچىلىكلەردىن ساقلانغىلى بولمىدى،«زامانىۋىلىق»،«دۇنياۋىلىق»لارنىڭ مىللى سەنئەتتىكى توغرا تەبىرى ئۇستىدە ئىزدىنىلمەي،ئۇ گويا تاشقى دۇنيا تەنقىتچىلىكى دەپ چۈشۈنىلدى.بۇ خىل ئۇزىدىن ھالقىپ كەتكەن تەقلىتچىلىك ماھىيەتتە «ئۇزىنى يوقۇتۇش» يولىدىكى تىرىشچانلىق ئىدى.ئەدەبىيات-سەنئەتتە ژانىر،ئىپادىلەش ۋاستىسى،ئىلغار ئىدىيە قاتارلىقلارنى ئىمپورىت قىلىشقا بولىدۇ.لىكىن ئۇلارنى ئۇزىنىڭ ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك بولغان قىممەت قاراشلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىمپورىت قىلىش ئەدەبىيات-سەنئەتتە«ياساش كەسپى»نى شەكىللەندۇرۇدۇ.ھالبۇكى بۇ«كەسىپ»نىڭ «تاۋار»لىرى بولسا،ئۇزى سادىق بولغان «تاشقى دۇنيا»دىمۇ،ئۇزى تەۋە بولغان ئىجتىمائى توپتىمۇ قارشى ئېلىنىپ كېتىشى ناتايىن.چۈنكى بۇنداق ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇدىغان «ياساش كەسپى» بىر مىخانىك قۇراشتۇرۇش جەريانى بولۇپ،ئۇ ئاپىرىدە قىلغان«تاۋار»لاردا ھاياتى كۈچ ۋە بەدىئى جەلىپ قىلىش كۈچى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تەنقىدچلىكى بۇنداق «تالاغا قاراپ قېلىش» ھادىسىسىگە سۈكۈت قىلدى،ھەتتا ئۇزى بېلىپ - بىلمەي،ئۇيغۇر ئەدەبىيات –سەنئىتىنى بۇنداق «ئاسىيلىق»قا قۇتراتتى. چەتئەللەردىن ئۇنىڭ «نەزەريىۋى ئاساس»لىرىنى ئېلىپ كىرىپ،بۇ«ئاسىيلىق»قا ئۇمىت ۋە ئىپتىخار بېغىشلىدى. بىز تولىمۇ قىسمەنلىكلەرنى،بەزى زۇرۇرىيەتلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقىلار ئۈچۈن ناخشا ئېتىپ،ئەسەر يېزىپ بەرمىسەكمۇ بولىدۇ.چۈنكى بىز ھامان ئۇلارنىڭ ئۇزلىرىدەك قاملاشتۇرالمايمىز.ھەركىم ئۇز ناخشىسىنى ئۇزى ئېتىشى كېرەك.ھەركىمنىڭ ئۇزىگە خاس تېماتىكىسى بولىدۇ.

      2. ئادەتلەنگەن نەزەريىۋى قېلىپلاردىن بىراقلا ھالقىپ كېتىش

    «گۇڭگا شېئىريەت» مەلۈم مەنىدە قاتمال،كونسىرىۋاتىپ بولغان،ھە دىسىلا«يامان بولىدۇ»دەپ تۇرۇۋىلىپ، سىقىلغان روھنىڭ پارتىلىشىنى تەقىپ قىلىدىغان«تەنقىت»دىن ئىبارەت بۇ  «قېرى دىداكتىكىچى» غا قىلىنغان خىرىس ئىدى،بۇ«قىرى دىداكتىكىچى» ئاساسەن ئىستېلىستىكىلىق مەسىلىلەرنى تەكىتلەيدىغان ،دەسمايىسى بىرمۇنچە ئىمپۇرىت قىلىنغان«پەرھىز»لەردىنلا ئىبارەت بولغان بىر«بوۋاي»بولغانلىقى سەۋەپلىك ،ئۇيغۇر سەنئىتىنى چىخوپنىڭ «بىلىكۇپ»ىدەك پورتىرىتقا مەھكۇم قىلىش رولىنى ئويناپ كەلگەن. لىكىن، بۇ مەسىلىنىڭ پەقەت بىر تەرىپى،«گۇڭگا شېئىرىيەت»نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رىياللىقىدىمۇ مەسىلە ئاز ئەمەس.زىيادە ئىندىۋىدۇئاللىشىپ كېتىش بۇ قېتىمقى شېئىرىيەت ھادىسىسىدىكى تۆپ مەسىلە ئىدى.ئەينى دەۋىردىكى بەزى تەنقىدچلىرىمىز مۇشۇنداق بىر ھادىسىگە سۆكۆت قىلىپلا قالماي،ھەتتا زىيادە ئىندىۋىدۇئاللىققا يەل بەردى.بۇنداق يەل بېرىش شۇنداق ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۆردىكى،بۇنداق ئەسەرلەرنى كىتاپخانلار بۇ ياقتا تۇرسۇن،ئاپتۇر ئۇزىمۇ ئىنىق شەرىھلەپ بېرەلمەيتتى. ئۇز پىرىنسىپلىرىنى ئۇزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائى توپنىڭ ئىستېتىكىلىق ئۇرتاقلىقى ۋە خاسلىقى ئۇستىگە تورغۇزمىغان سەنئەت ۋە تەنقىدچىلىك ھامان زىدىيەتكە پاتقان،مەغلۇبىيەتكە يۇزلەنگەن،ئىجتىمائى بۇرىچ تۇيغۇلىرىدىن ئايرىلغان بولىدۇ.

3.نەزەرىيە،ئەدەبى تەنقىت ھامان ئەڭ كەڭ مەنىدە دىداكتىكىچىلىق،پىداگوگىكىلىق ئەمگەكتىن ئىبارەت.پەرۋىشكارلىق ۋە يېتەكلەش ئۇنىڭ ئاساسى مىتودى،ئالدىنقى شەرتى بولسا، ئىلمى ۋە مۇنازىرىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان «پىروگىرامما»دىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك.

ھازىر بۇنداق «پىروگىرامما»نىغۇ تاما قىلماي،بىزنىڭ تەنقىتچىلىرىمىز،نەزەريىچىلىرىمىز پەرۋىشكارللىققا يىتەرلىك كۇڭۆل بۇلەلىدىمۇ-يۇق؟ دىگەن سوئال ئۆستىدە ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ كۇرسەك بولىدۇ. بىز«نادىر» ئەسەر مەستانىلىقى ۋە چاقىرىقىغا ئەڭ كۇپ كۇڭۇل بۇلدۇق(ئۇزىمىزدە ئۇنىڭ ئىنىق ئۇلچىمى بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئى نەزەر)لىكىن،پەرۋىشكارلىق بۇرچىمىزنى تولۇق ياكى يېتەرلىك ئادا قىلمىدۇق.مۇجىزە كۈتتۇق،لىكىن،جاپالىق كونكىرىت ئەمكەكلەرنى ئىشلىمىدۇق،«ئۆلگىلىك ئەسەر»لەرنى مەدىھىلەپ ھوشىمىزدىن كىتەي دىدۇق.بۇ ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن كونكىرىت،جاپا-مۇشەققەتلىك جەريانلار ۋە شەرت-شارائىتلار دىققىتىمىزدىن يىراقتا تۇرۇپ كەلدى.بىز «نادىر»لار ئارقىلىق يىتىلىۋاتقان ياش تالانىتلارنى ،تالانىت ئۇچقۇنلىرىنى مەنسىتمىدۇق ياكى دۇمبالىدۇق،ھەتتا بەزى ھاللاردا ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلىدۇق.بىز ئەدەبىيات-سەنئەت ئالدىنقى سىپگە،غەلبىگە ،قەھىرمانغا كۇڭۇل بۇلدۇق.ئارقا سەپكە،ئەدەبىياتنىڭ كېلەچىگىگە يىتەرلىك كۇڭۇل بۇلمىدۇق.ئىدىيال مۇكەممەللىكلەر نۇقتىسىدا تۇرۇۋىلىپ،رىيال مۇمكىنلىكلىرىمىزنى دۇمبالىدۇق...ۋاھاكازالار.بىزنىڭ نەزەريىچىلىرىمىز،تەنقىتچىلىرىمىز ئۇزى ئۇستىدە ئەستايىدىل ئويلۇشۇشقا تېگىشلىك يەردىن ئۇتۇپ كەتتى.بۇ خىل ئويلۇنۇشنى يەنە كېچىكتۇرسەك بولمايدۇ.تەنقىتچىلىرىمىز قەھرى-غەزەپلىك گېنرالنىڭ رولىنى ئېلىۋەرمەي،كۇيۇمچان يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ رولىنىمۇ ئېلىشى كېرەك،«نادىر» ئەسەرلەرنىڭ ئېلانچىسىغىلا ئايلىنىپ قالماي،نۇقسان ئىچىدىكى تالانىت بىخلىرىنى بايقىيالايدىغان ۋە ئۇلارنى پەرۋىش قىلالايدىغان كۇيۇمچان ئەمگەكچىمۇ بولىشى كېرەك.بەدىئى ئەدەبىيات گۆلشىنىنىڭ گۆزەل كېلەچىكى ئالدى بىلەن پەرۋىشكە مۇھتاج!.
     ئەسلىدىكى گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ساراڭ»قاتارلىق ھىكايىلىرىدىن باشلىنىپ «قۇم باسقان شەھەر»دە ۋايىغا يەتكۆزۆلگەن مەمتىمىن ھوشۇرچە ئوسلۇب بولسا«تالاغا قاراپ قېلىش»نىڭ ئەمەس،ئۇيغۇر ئۇمۇمى خەلق ئىستېتىكىسىنىڭ مەھسولى سۈپىتدە مەيدانغا چىقتى.«مەمتىمىن ھوشۇرچە ئوسلۇب» يېڭى بىر بەدىئى دۇنيا بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرۇپلا قالماي،ھېلىقى «قېرى دىداكتىچى»نىڭ مىڭىسىگە كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت سالدى.بۇ مۇشتنىڭ زەربىسى شۇنچە ئۇشتۇمتۇت،شۇنچە قاتتىق بولدىكى،ھازىرغىچە بۇ «بوۋاي»ئىسىگە كېلەلمەيۋاتىدۇ.«مەمتىمىن ھوشۇرچە ئۇسلۇب» بىزگە نىمە دىمەكچى ياكى نىملەرنى ئۇقتۇردى؟ ئۇ سەنئەتكارلاررغا ئېيتماقچىكى،ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ «تالاغاقاراپ قىلىش»ىنىڭ ھاجىتى يوق.ئۇزىمىزدە بارلىق بەدىئى ئىجادى ئىمكانىيەتلەر يېتەرلىك.ئۆزۈڭلارمۇ تۇنالمايدىغان «بالىلار»نى تەۋەللۇت قىلىشتىن ساقلىنىڭلار!.ئۇ تەنقىتچىلەرگە ئىتماقچىكى:سىلەر ئۇزىمىزدە بار بولغان نەرسىلەرنى قېزىپ ئۇنىڭدىن «نەزەريە » ياساڭلار،سىلەر«تالاغا قاراپ» قالساڭلار بىرمۇنچە بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ كېتىدىكەنسىلەر.تەييارغا ھەييار بولىدىغان ياكى قۇراشتۇرۇمىچىلىق بىلەن ئەپلەپ-سەپلەپ جان باقىدىغان خۇيۇڭلارنى تاشلاڭلار!
    ئۇيغۇر بەدىئى ھاياتى بىلەن ئۇيغۇر تەنقىتچىلىگى ئىلمى ھالدا جىپسىلاشمىسا،نەزەريە ۋە بەدىئى ئەمىليەت ئۇيغۇر مەنىۋى ھاياتىنى،نىسبى ئورتاق بولغان ئۇيغۇر ئىستېتىكىسىنى ئاساس قىلمىسا تەرەققىياتتىن سۇز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھالدا نەزەريە سەنئەت ئەمىليىتىنى قايمۇقتۇرۇش،تەقلىتچىلىككە قىستاش ۋە ئىلمى ئوربىتىدىن چىقىرىۋىتىش رولىنى ئويناپ قالىدۇ.
بۇ رومان، مىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان «مۆگىدەپ» ياتقان،ئۇنتۇلغان ئەدەبى تەنقىت ۋە سەنئەتكە ئالاقىدار بەزى خاتىرىلىرىمنى ئېسىمگە سالغاندەك  قىلىدۇ.لىكىن مەن بۇ يازمىنى «ئۆلچەملىك»ۋە«مۇدا» تەنقىت ئەسىرى دەپ قارىيالمايمەن.يازغانلىرىمنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىگىگە كىتاپخانلار ۋە مۇتەخەسىسلەر باھا بەرسۇن.ئەسكەرتىپ قويۇدىغىنىم: بۇ يازما مېنىڭ«سالچىلار»دىن ئالغان بېۋاستە تەسىراتلىرىمنىڭ، «سالچىلار»نىڭ غېدىغلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا  1.مىللىتىمىزنىڭ ئىتېكىلىق،ئىستېتىكىلىق،تىئولوگىيىلىك،پولتېكىلىق قىممەت قاراشلىرىغا، روھى ،ئىجتىمائى دۇنياسىغا ئائىت ئىلمى يەكۈنلەرنى،ئىلمى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇش ئەڭ جىددى خىزمەت.بۇنداق نەتىجە ،بۇنداق يەكۈنلەر بولمىسا ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدچىلىكى ھامان بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالى بولالمايدۇ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ.مىللى رىياللىق قىممەت قاراشلىرى جەھەتتىكى خاسلىقنى شەرت قىلىدۇ. خاسلىق –سەنئەتنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنىڭ بىرى.بىز ئۇزىمىزنىڭ تەنقىت تىلى ۋە تەنقىت ئۇلچەملىرىنى تورغۇزۇپ چىقىشىمىز، تىپىپ چىقىشىمىز كېرەك.
   2.چەتئەللەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەريىسى قاتارلىقلاردىن ئىجادى ۋە تەنقىدى پايدىلىنىش كېرەك،ئۇنداق بولماي ئەينەن كۇچۇرۇپ كېلىنسە ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى،بەدىئى ھاياتى پىرۇگىراممىلىنىش تەقدىرىگە ،مەدەنيەت ئاستىمىلاتسىيىسىنىڭ تەسىرىگە دوچ كېلىدۇ.ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ رەڭدارلىقى ۋە خاسلىغىنى قولغا كەلتۇرۇش خاس قىممەت قاراشلىرىنى تەلەپ قىلىدىغان نەزەريىنىڭ تۇرغۇزۇلىشى ۋە يىتەكلىشىگە مۇھتاج. نىسبى مەنىدە«نەزەرىيە ئىنقىلابى» ۋە نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئىلىپ بىرىش كېرەك. ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۇزلىرى تەۋە بولغان ئىجتىمائى توپنىڭ بەدىئى،ئىجتىمائى قىممەت قاراشلىرى،رىياللىقى ئاساسىدا تۇروپ،دۇنياۋى«...ئىزىم»لارنى ئۇزلەشتۇرۇشنى ئەڭ جىددى خىزمەت قاتارىغا قويۇش كېرەك.ئۇنداق قىلىنمىغىنىدا ئۇيغۇر بەدى ئىجادىيىتى بىلەن ئاتالمىش«ئۇيغۇر تەنقىتچىلىكى»ئوتتۇرىسىدا ئىككى قارىغۇنىڭ ھېكايىسىدەك كومىدىيىلىك مەنزىرە شەكىللىنىدۇ.ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى «باشباشتاقلىق»بىلەن ئۇزى بىلگىنىنى قىلىۋىرىدۇ.تەنقىت بولسا نەۋرىلىرىنى گىپىگە كىرگۇزەلمەي  غۇدۇڭشۇپلا يۇرىدىغان بۇۋاي،مۇمايلارنىڭ كۆنىگە قالىدۇ.
    3. سېتىفىن.ل.كارتىرنىڭ «گۇمانلىق مەدەنيەت _ ئامىرىكا سىياسىسى ۋە قانۇنىنىڭ دىنى ئىتقاتقا بولغان تەسىرى» دىگەن كىتاۋىدا ⑦دىن،ھاكىميەت،قانۇن،سىياسى قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى بىر قەدەر ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان.كارتىر تۇختۇلۇپ ئۇتكەن يۇقۇرقى ساھەلەرنىڭ «ئەخلاق» بىلەن بولغان زىچ باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكى ئازراقلا تەساۋۋۇر ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەرگە ئۇز-ئۇزىدىن مەلۇم. ئەخلاق دالالەتلىرى ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كېلىشى كېرەكمۇ ياكى زۇلۇممۇ؟،ئورتاق ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاقى مېزانلارنى چىقىش قىلىش كېرەكمۇ ياكى ھەممەيلەن ئۇزلىرىنىڭ ساھەسىنىڭ،ئۇز غايىلىرىنىڭ،ئۇز قىممەت قاراشلىرىنىڭ مېزانلىرىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەكمۇ؟،مانا بۇلار بىز ئويلۇشۇشقا تېگىشلىك نۇقتىلار.
   ھازىرقى زامان كىشىلىرى ناھايتى نۇرغۇن ئەخلاقى بىسىملار ئىچىدە،تىئولۇگىيىلىك بىسىملار ئىچىدە،خىلمۇ –خىل بىسىملار ئىچىدە ياشايدۇ.ئىنسانلارنىڭ فىزىلوگيىلىك تەلپۇنۇشلىرى روھى ھاللىق قىممەت قاراشلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.شەخىسنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن ئائىلە قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ.ئائىلىۋى ۋاپادارلىقلاردىن ئىجتىمائى غايىلىرى قۇربان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.مەھەللىۋى ۋاپادارلىقلاردىن دۇلەت ۋە مىللەت قۇربانلىق بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.دۇلەت ۋە مىللەتتىن پۇتكۇل ئىنسانىيەت قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ.بەندىنى خۇدا قۇربانلىق بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.تەبىئەت ئىنساندىن قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ.  مەن«ئەخلاقنىڭ ماھىيىتى ئېلىش ئەمەس-بېرىش»دىگەندە مۇشۇ نۇقتىنى كۇزدە تۇتقان.ھەممىسى«ئالىمەن» دەيدۇ، «بىرىمەن» دىمەيدۇ. نۇقول «ئېلىش»نى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش«ئەخلاق»،ماھىيەتتە غەيرى ئەخلاقى ھادىسىدۇر.بىز بۇ نۇقتىلار ئۇستىدە ئەستايىدىل ئىلمى ئىزدىنىشىمىز كېرەك.ئۇقۇملارنىڭ ئالماشتۇرۇۋىتىلىشى ۋە سۇيىئىستىمال قىلىنىشى بىزنى خىلمۇ-خىل زىدىيەتكە مۇپتىلا قىلىپ، مەنىۋى جەھەتتىن قاتتىق ئازاپلاپ تۇرماقتا.
    «ئەخلاق دىگەن نىمە؟» بۇ ئىنسانىيەت مەڭگۇ ئىزدىنىدىغان سوئال. بىر مەھەل«سىنىپى ئەخلاق»⑤داۋرىڭى بازار تاپتى.مۇئەييەن نۇقتىلاردا «دىنى ئەخلاق» ئەڭ ئۇزۇن ۋە ھازىرغىچە نوپۇزلۇق ئۇرنىدىن ئايرىلىپ باققىنى يۇق،ھەتتا دىنى ئەخلاق ئىنسانىيەت ئېتىكىسىنىڭ بۇشۇگى بولۇپ كەلدى. ئەخلاقشۇناسلار«ئەخلاق»نىڭ نىمىلىگى ھەققىدە ناھايتى نۇرغۇن ۋەسىقىلەرنى قەالدۇردى.ھازىرغىچە «ئەخلاق» نىڭ مۇكەممەل،ھەممە ئورتاق ئىتىراپ قىلىدىغان ئىنىقلىمىسى مەيدانغا كەلمىدى.بۇ تېمىنىڭ ۋەزىپىسى ئەخلاق ياكى ئىستىتېكا مەسىلىلىرى ئۇستىدە ئىلمى نۇقتىدىن مەخسۇس توختۇلۇش ئەمەس.پەقەت«سالچىلار» رومانىدىكى بەزى پىرسۇناژلارنى(پىروتۇتىپلارنى ھەم)«ئەخلاقسىزلىق»تا ئەيىپلەشكە يىتەرلىك ئاساسىمىز بارمۇ-يوق،دىگەن سوئال ئۈستىدە ئانچە- مۇنچە ئىزدىنىپ كۆرۈش.
ئەخلاقى مەجبۇرىيەتلەر ئىتېكا تارىخىدا دەسلەپ شەخىسلەرنىڭلا ئۇتەشكە تېگىشلىك بۇرچى دەپ مەيدانغا كەلگەن.تەدرىجى ھالدا كەسپى ئەخلاق نۇرمىلىرىغا قاراپ تەرەققى قىلىشقا باشلىدى،مەسىلەن: دۇختۇرلۇق،ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى دىگەندەك.لېكىن ،ئەڭ مۇھىم بىر ساھە ئۇزىنىڭ ئەخلاقى بۇرۇچلىرىنى نەزەريىۋى جەھەتتىن تونۇپ يەتكىنى،تۇرغۇزغىنى يوق،ئۇ بولسىمۇ سىياسى.«سىياسى ئەخلاقشۇناسلىق- سىياسى ئېتىكا» تۇرغۇزۇلمىسا ياكى سىياسى جەھەتتىكى ئەخلاقى نۇرمىلار تۇرغۇزۇلمىسا،جەمىيەتنى«ئەخلاق كىرزىسى» قاپلاپ كېتىدۇ.ئەخلاق ھەققىدىكى تەشەببۇسلار ئادەم ئالدايدىغان قۇرۇق نەرسىگە،شۇ تۈپەيلى، ماھىيەتتە ئەخلاقسىزلىققا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. ئادىللىق، بارەۋەرلىك، لەۋزىدە تۇرۇش... قاتارلىق ئەخلاق كاتىگۇريىلىرىنى سىياسىغا تەدبىقلىماسلىققا  كۇرسىتىدىغان ھىچقانداق باھانىمىز يوق. كەسپى، خۇسۇسى، سىياسى، ئومۇمى ئەخلاق ئۇلچەملىرى ئۇز ئارا ئورگانىك بىر گەۋدە سۇپىتىدە ئويۇشالىغاندىلا ئاندىن ئەخلاق كىرزىسلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.سىياسىنىڭ ئەخلاق رامكىسىدىن سىرىتتا قىلىشى ئىنسانىيەت بىشىدىن كەچۈرگەن پاجىئەلەرنىڭ تۇپ سەۋەپلىرىنىڭ بىرى. سىياسى كۇپ ھاللاردا ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگە بويسۇنمايدىغان بېشەم نەرسە بولغانلىغى ئۈچۈنلا گىتلىر مەيدانغا كىلىپ«كىشىنىڭ ھەققى» گە خىرىس قىلالىدى،گىتلىرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىتېكا،ئىستېتىكا قاتارلىق ساھەلەردا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۆرگەن بۇ «پەلسەپىۋى مىللەت»نىڭ يۇزىنى قارا قىلىپ قويدى.ئەينى ۋاقىتتىكى گىرمانىيە گىتلىرغا تىز پۈككىنىدە ھەم چىن مەنىسىدىكى قەھىرمانلىقتىن،ھەم چىن مەنىسىدىكى ئەخلاقتىن  ئايرىلىپ قالغان ئىدى.كانت،گېگىلدەك بۇيۇك مۇتەپەككۆرلەر بۇ ۋاقىتتا قەبرىسىنىڭ ئىچىدە يىتىپ تۇرۇپ،قانچىلىك ئازاپلانغان بولغىيدى-ھە؟! بىزمۇ ھازىر دۇلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشتىن باشقا ئەخلاق بىلەن باشقۇرۇش تەشەببۇسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىۋاتىمىز⑥.نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ تەشەببۇس بىر سىياسىنىڭ ئەخلاققا تۇتقان پۇزىتسىيىسىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ«سىياسى ئەخلاقشۇناسلىق»نىڭ زۇرۇرلىگىدىن دىرەك بەردى.ئارىستوتىلنىڭ«ئادەم سىياسى ھايۋان» دىگەن تەبىرىنى مۇئەييەن مەنىدە ئىلمى قىممەتكە ئىگە دەپ قارىغان ئەھۋالدىمۇ،«سىياسى ئەخلاقشۇناسلىق» ئاللىقاچان كۈن تەرتىپكە قويۇلدى.لىكىن،زىيالىلار قاتلىمى بۇ «يىشىل چىراق»تىن ئىلھاملىنىپ، ئۇزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ھازىرغىچە قىلغىنى يوق.مۇبادا سىياسى ئادەمنى «ئەخلاقسىز»بولۇشقا مەجبۇرلىسا،سىز قوپۇپ ماھىيىتى ئۇزىڭىزگىمۇ رۇشەن بولمىغان «ئەخلاق ئۇلچەملىرى» ۋە ئەخلاقى دەۋەتلەر بىلەن ئازاپلىسىڭىز بۇ ئىلمى ۋە ئەخلاقى ھادىسە بولماي قالامدۇ-قانداق؟!.چۈنكى،«زۇلۇم سىلىش» ئەزەلدىنلا غەيرى ئەخلاقى ھادىسە دەپ قارىلىپ كەلگەن .بۇ يەردە ئىنسانلار مەلۇم نۇقتىدا ئەخلاقلىق بولغىنى بىلەن دەل شۇ «ئەخلاق»يەنە بىر نۇقتىدا ئەخلاقسىزلىق بولۇش قىسمىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.مىنىڭ بۇ تېمىغا يۇقۇرقىلارنى قىستۇرۇشۇمدىكى سەۋەپ،تارىخى ۋە رىيال شەخىسلەرنىڭ«ئەخلاقى»غا باھا بەرگەندە ئىلمى ۋە ئەتراپلىق بولۇشنى ئەسكەرتىش.سېيىت نۇچىنىڭ «ئەخلاقى»بىلەن سۇڭجاڭنىڭ «ئەخلاقى»بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە قىممەتكە ئىگە،لىكىن باشقا بىر نۇقتىدىن ئەخلاقسىزلىق بولىشىمۇ تەبىئى.دىمەكچىمەنكى،ئورتاق،بىرلىككە كەلگەن ئەخلاق قاراشلىرىنى مەيدانغا كەلتۇرمەي تۇرۇپ ئېلىپ بىرىلغان ئەخلاقى دالالەت ۋە تەنقىتلەرنىڭ ئىلمى بولىشى ناتايىن.يەنى،«سالچىلار»نى ئەخلاق نۇقتىسىدىن دۇمبالاشنىڭ ئاساسلىرى يىتەرلىك ئەمەس.مىنىڭ ئېتىكىلىق ئۇلچىمىمدە «ئەخلاق» ئالدى بىلەن ئېلىش ئەمەس،ئەكسىچە بېرىشتۇر.تار مەنىدىكى «مەن»گە نىسبەتەن ئىتقاندا «ئېلىش»نىلا ئويلاش غەيرى ئەخلاقى ھادىسە ھىساپلىنىشى كېرەك.
    خەۋىپ خەتەرگە دادىل يۆزلەنگەن بۇ «سالچىلار»نىڭ قەھىرمانلىقىنى ،ھەقلىق رەۋىشتە«قەھىرمانلىق»نى تۇر ۋە قاتلاملارغا ئايرىش ئارقىلىق تېپىپ ئالالايدىغىنىمىزدەك،ئۇلاردىكى ئەخلاقى جۇلالارنى كۇز ئەينەك ئالماشتۇرۇپ باقساق رۇشەن كۇرۇپ يىتەلەيمىز.بۇ كۇز ئەينەك- ئەخلاق ھەققىدىكى قاتمال،قېلىپلاشقان،كونىرىغان،ھېسسى بولغان،رىياللىقنى مۇپەسسەل ۋە ئادىل كۇزۇتۇش ئىقتىدارىغا ،سىستىمىلىق ئىلمى نەزەريىۋى ئاساسقا ئىگە بولمىغان بوۋا مىراس كۆز ئەينەكلەرنى ئىسلاھ قىلىش،يېڭىلاش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. كىلاسسىك ئىتېكا ئۇقۇملىرى نۇقتىسىدىن نەزەر سالساقمۇ،«سالچىلار»نىڭ پىرسۇناژلىرىنى ئەخلاقلىق كىشىلەر دىيىشكە يىتەرلىك ئاساسلىرىمىز بار.مەن ئۇلارنى ھەرگىز ئەخلاقى جەھەتتە مۇكەممەل كىشىلەر دەۋاتقىنىم يوق.بۇ يەردە«مۇكەممەللىك»نىڭ نىمىلىگىنى،ئۇنىڭ مۇمكىن بولىدىغان،رىيالىققا ئايلىنالايدىغان نەرسە ياكى ئەمەسلىگىنى ئالدى بىلەن ئويلۇشۇش كېرەك.دەرۋەقە، بۇ سالچىلاردا نۇقسان يوق ئەمەس،ھالبۇكى ئۇلار ئەشۇ نۇقسانلىرى بىلەن چىن،گۆزەل ۋە پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئىبارەت.مۇكەممەللىك ھەرقاچان ئىنساننىڭ ئىدىيال دەرىجىسىدۇر.ئىنسان مەڭگۈ ئۇز ئىدىيالىنى ئىزدەيدۇ،لىكىن مەڭگۈ ئۇز ئىدىيالىغا يىتەلمەيدۇ. ئۇ بۇنداق مەڭگۈلۈك سەپەردە غايىۋى مەنزىللىرىنىڭ جۇزئى ئۆتەڭلىرىدە قونۇپ ئۇتىدۇكى،يەنىلا ئۇز ئىدىيالىنىڭ قورشاۋى ئىچىدە،ئۇز ئىدىيالىغا چەكسىز تەلپۈنىپ ياشايدۇ. مانا بۇلار ماتىماتىكىدىكى لېمىت ئۇقۇمىنىڭ ئىجتىمائى ئىستېتىكىدىكى ئىپادىلىنش شەكلىدىن ئىبارەت. دىمەك ،مۇكەممەللىك قوغلۇشۇشقا، چاقىرىق قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشقا تىگىشلىك نىدا. لىكىن،رىيال ئىنساندىن مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىش ئىلمى بولمىغان«ئەدەبى تەنقىت دونكىخۇتچىلىقى»دىن ئىبارەت. بۇ يەردە، ۋېناسنىڭ بىر قولىنىڭ يوق بولىشى ئۇنىڭ گۆزەللىگىگە تەسىر يەتكۆزەلمىگەنلىگىنى،غەرىپ دۇنياسىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەلقىنلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىغىنى ئەسكە ئېلىپ ئۇتسەك كۇپايە.
    سالچىلار«سالچىلىق»دىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە ئۇزىنى بېغىشلىغىنىدا،ماماتقا تەۋەككۇل قىلغىنىدا بەزى ئىتىېكا شۇناسلار تەشەببۇس قىلغان «مەجبۇرىيەت ئېىتىكىسى» نىڭ ئەخلاق نورمىلىرىنى قانائەتلەندۈرىدۇ. «ئېلىش» ئەمەس،«بېرىش» ئۇلارنىڭ ئەخلاقى قارىشى ۋە ھەركەتلىرىدە رۇشەن ئەكىس ئەتكەن.ۋاپادارلىق، سادىقلىق، يۇز-خاتىرە قىلىش قاتارلىقلار كىلاسسىك ئىتېكا ئۇقۇملىرى، ئەنئەنىۋى ئەخلاق نۇرمىلىرىدىن ئىبارەت. قۇۋان ئەزمە سەمەت نۇچىنىڭ يۇزىنى قىلىپ ئۇلۇمگە تەۋەككۆل قىلىپ سالغا چىققىنىدا مۇشۇ يۇز-خاتىرە قىلىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئەخلاق دالالىتىنىڭ قۇربانى بولۇشنى تاللىغان. ئۇنىڭ ئۇمەر مەدداھقا بولغان سېغىنىشلىرىدا «سادىقلىق»تىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئەخلاق نۇرمىسىنىڭ نۇرى جىلۋە قىلىدۇ.ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇش،ئادىل ۋە جاسارەتلىك بولۇش ئوخشاشلا ئېتىكىلق دالالەتلەردىن ئىبارەت.سەمەت نۇچىنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىدىن بىز بۇنداق ئەخلاقى  جىلۋىلەرنى كۇپلەپ ئوچرىتالايمىز.


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2948
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 10:54:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ ‹‹ ئۇيغۇر تەنقىدچلىكى بۇنداق «تالاغا قاراپ قېلىش» ھادىسىسىگە سۈكۈت قىلدى،ھەتتا ئۇزى بېلىپ - بىلمەي،ئۇيغۇر ئەدەبىيات –سەنئىتىنى بۇنداق «ئاسىيلىق»قا قۇتراتتى››. قاسمكا سىلى ماقالىرىدە يۇقىرىقى قاراشنى  ئوتتۇرغا قويۇپلائۇنداق بولسا ئەدەبىي تەنقىدچىلەردىن ئازات سۇلتان ،يالقۇن روزى ،مەمەت تۇرسۇن ئېلى ،كىرمجان ئابدرىھم ،ئەنۋەر ھوشۇر ...قاتارلىق ئەدەبي تەنقىدچىلەرنىڭ شۇ ۋاقىتىكى يىېڭى ئەدەبىيات ھادىسلىرگە دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ يازغان ئىلمى تەنقىد ماقالىلىرنى سۈكۈت قىلدى دېسەك بولامدۇ ؟مەسىلەن ‹‹تەكلىمكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما››،‹‹ئۇيغۇر يىېڭى شېئرىيتى ھەقىقدە دەسلەپكى تەھلىل››...قاتارلىق كىتاب ۋە ئىلمي ماقالىلەرنى «ئاسىيلىق»قا قۇتراتتى››.دېسەك قانداق بولىدۇ؟ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكى بۇلارغا ئىنكاس قايتۇرماي ھە نېمە قىلساڭ مەيلى دېگەنمىدى -يا؟بىر مىللەتنىڭ تەنقىدچىلىكىنى مۇشۇنداق يەڭگلتەگلىلك بىلەن ئنكار قىلىش ھوقۇقىنى سېلىگە كىم بەردى ؟بۇنى  ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچلىكگەقىلىنغان ھاقارەت ۋە ئاسىيلىق دېمەي نېمە دەيمىز؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2948
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 11:09:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ھەي بالا،گىپىڭنى ئۇچۇق دىگىنە،چاتاق نەدە؟،يالقۇن روزى بەلكىم سەن يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدىن تارتىپ مەن بىلەن «'ئىلپەت»تۇر.ئادرىسىڭنى ئىنىق قالدۇرۇپ قوي،يالقۇن ئىككىمىز چىيىڭنى ئچكىنى بارىمىز.يىراق بولسا كىرانى  كۆتىرىسەن››قاسىمكا يالقۇن روزى مۇشۇ ئۈرۈمچدەكىرا كەتمەيدۇ ،سىلى شۇ ھالغا چۇشۈپ قالغان بولسىلا چاتاق يوق !؟،‹‹يالقۇن روزى بەلكىم سەن يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدىن تارتىپ مەن بىلەن «'ئىلپەت»تۇر››دەپلا مەن ئوقىغان 90-يىللاردا جەنۇبىي شىنجاڭ يىزىلرىدا يەسلى بارلىقىنى سېلى كۆرگەنمۇ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2948
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 11:13:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمكا سېلىنڭ قاراشلىغا ھەر كۈن خۇدايىم بۇيرۇسا ئايرىم-ئايرىم ئنكاس يېزىپ چىقاي !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2948
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 11:54:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تەنقىدچلىكى بۇنداق «تالاغا قاراپ قېلىش» ھادىسىسىگە سۈكۈت قىلدى،ھەتتا ئۇزى بېلىپ - بىلمەي،ئۇيغۇر ئەدەبىيات –سەنئىتىنى بۇنداق «ئاسىيلىق»قا قۇتراتتى. چەتئەللەردىن ئۇنىڭ «نەزەريىۋى ئاساس»لىرىنى ئېلىپ كىرىپ،بۇ«ئاسىيلىق»قا ئۇمىت ۋە ئىپتىخار بېغىشلىدى.قاسىمكا ئۇيغۇر ئەدەبى تەنقىدچىلرىدىن ئازات سۇلتان ،مەتتۇرسۇن ئېلى ،يالقۇن روزى ،ئەنۋەر ھوشۇر ...قاتارلىقلار ئەينى ۋاقىتىكى «تالاغا قاراپ قېلىش» ھادىسىسىگە قارىتا ‹‹تەكلىمكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما ››،‹‹ئۇيغۇر يېڭى شېئىريتى توغرسىدا قاراشلىرىم ››...قاتارلىق كىتاپ ۋە ئىسىل ماقالىلەرنى يېزىپ دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى ،ئۆزلىرى بۇلارنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۇيغۇر تەنقىدچلىكى «ئاسىيلىق»قا قۇتراتتى دەپلا شۇلارنىڭ ئىسىل ماقاللىرى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ئۇلار سۈكۈت قىلىپ شۇنداق ئەسەرلەرگە نېمە قىلساڭ قىل دېدىمۇ-يا؟شۇلارنى كۆرۇپ تۇرۇپ ك.كۆرمەسكە سېلىش ئىلمگە بولغان ئاسىلىقمۇ قانداق ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2948
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 12:00:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېلگە بۇنداق يەگىلتەگللك بىلەن ھۆكۇم چىقرشقا ھوقۇقنى كىم بەردى؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2948
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 12:05:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ھەي بالا،گىپىڭنى ئۇچۇق دىگىنە،چاتاق نەدە؟،يالقۇن روزى بەلكىم سەن يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدىن تارتىپ مەن بىلەن «'ئىلپەت»تۇر.ئادرىسىڭنى ئىنىق قالدۇرۇپ قوي،يالقۇن ئىككىمىز چىيىڭنى ئچكىنى بارىمىز.يىراق بولسا كىرانى كۆتىرىسەن››.قاسىمكا، يالقۇن روزى ئۈرۈمچىدە كرا كەتمەيدۇ ؛سېلى شۇ ھالغاچۇشۈپ قالغان بولسىلا  قولۇم كۆكسۈمدە چۈپەيلشىپمۇ كەتمەيمەن !


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش