كۆرۈش: 3238|ئىنكاس: 60

قاسىم سىدىق: چىنلىقنىڭ رەھىمسىز يۈزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2394
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 14:56:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                   «چىنلىق»نىڭ رەھىمسىز يۆزى

                                   _«سالچىلار»رومانىنىڭ ماڭا بەرگەنلىرى

                                                  قاسىم سىدىق

    بەدىئى ئەدەبىياتتىن،ئەدەبى تەنقىتتىن يىراقلىشىپ كەتكىنىمگە ئۇزۇن بولۇپتۇ.دۇنيادا ئەدەبىيات ھەققىدە قانداق يېڭى نەزەريەلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىگىدىن،قايسىلىرىنىڭ بازىرى چاپ-چاپ،قايسىلىرىنىڭ بازىرى ئۆلۆك ئىكەنلىگىدىن بېخەۋەرمەن.«شەكىل نەزەريىسى»دىن ئىبارەت بىر ئابىستىراكىت دۇنيادا ياشاپ،ئۇنىڭ ئازاپ ۋە لەززەتلىرىدىن ھۇزۇرلۇنۇپ يۆرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە«سالچىلار»①ھەققىدىكى تور غەۋغالىرى ۋە كوچا ئوبزۇرلىرى دىققىتىمنى تارتتى.بۇ غەۋغا ۋە ئوبزۇرلارنىڭ تۇرىتكىسىدە ۋاقىت چىقىرىپ روماننى كۇرۇپ چىقتىم.رومان- مېنى ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان قېرىندىشىم بىلەن كۇرۇشكەندەك تۇيغۇغا چۈمدۆردى.ئۇ مېنى خۇددى شەكىل نەزەريىسىدەكلا ھەم ئازاپلىدى ھەم شاتلىققا مۇيەسسەر قىلدى.مېنىڭچە ئازاپتىن ھۇزۇرلۇنۇشنى بېلىش ئىقتىدارىمۇ كىشىلەرگە قىلىنغان كاتتا مەرھەمەت ئىدى.
    مەن بۇ يازمامدا، ۋاقىت ۋە سەھىپە چەكلىمىسى ئېتىۋارى بىلەن ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى،پىرسۇناژلار خارەكتىرى ،ئىستىلىستىكىلىق مەسىلىلەر دىگەندەك نۇقتىلار ئۆستىدە توختىلالمايمەن.مىنىڭ رومان ۋە تور،كوچا ئوبزۇرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ كەلگەن تەسىراتىم شۇكى،بىز ئىستېتىكا،ئېتىكا قاتارلىقلارنى ئۇز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن نەزەريىۋى،پەلسەپەۋى مەسىلىلەردە قايتا ئويلانمىساق،ستىخىيەنى،ھېسسىياتنى مەنبە قىلغان رىيال قىممەت قاراشلىرىمىزنى ئىلمى تەپتىش قىلمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.بىز بەدىئيى ئەدەبىياتتا،سەنئەت ئەسەرلىرىدە ناھايتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇزىنى ئىزدەش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردۇق ۋە كەچۆرمەكتىمىز. كانت، ئەخلاق ھەققىدىكى ئادەتتىكى بىلىشتىن پەلسەپەۋى بىلىشكە ئۇتۇش،ئاممىۋى پەلسەپەۋى بىلىشتىن ئەخلاق مىتافىزىكىسىغا ئۇتۇش جەريانلىرى ئۇستىدە توختالغان②.بىزنىڭ نۇۋەتتىكى رىياللىقىمىزنى كۇزدە تۇتقاندا ئەخلاق مەسىلىلىرىنى پەلسەپەۋى جەھەتتىن «ئاممىۋى بىلىش»ھەققىدە ئېغىز ئاچقىلى بولمايلا قالماي،بۇ نۇقتىدا سىستىمىلىق ئىزدەنگەن بىرمۇ زىيالى يوق.«ئەخلاق مىتافىزىكىسى»دىنغۇ ئەسلا ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.ھەممىگە دىگۇدەك ھېسسى ياندىشىش،ئەقلى بىلىشتىن يىراق تۇرۇش، مانا،بۇ بىزنىڭ رىياللىغىمىز.
    تەن ئېلىش كېرەككى،بىز نەزەرىيە ۋە پەلسەپەۋى نۇقتىدا ئۇزىمىز ھەققىدە مەخسۇسلاشقان ئىلمى ئىزدىنىش ئېلىپ بارالمىدۇق.بۇنداق ئىزدىنىشنى مۇتلەق يوق دىيەلمىسەكمۇ يىتەرلىك بولمىدى.بەدىئى ئەدەبىياتقا،سەنئەتكە سىلىنغان ئەقلى سېلىنمىمىزغا قارىغاندا،نەزەرىيەگە ،پەلسەپەگە سېلىنغان ئەقلى سېلىنما يوقنىڭ ئۇرنىدا بولۇپ كەلدى.ئۇيغۇر بەدىئى ھاياتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىيەۋى ۋە پەلسەپەۋى رىياللىقى يىتىشىپ ماڭالمايلا قالماي،كىيىنكىسى تېخى ئۇزىنى مۇنتىزىم رەۋىشتە شەكىللەندۇرگىنى يوق.يەنى ئۇيغۇر تەنقىدچىلىقى ئۇيغۇر سەنئىتىگە بېرىشكە تېگىشلىك نەرسىنى بېرەلمەي قالدى،نەتىجىدە كۇپ ھاللارداتۇۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ھادىسە كۇرۇلدى:

1.بەدىئى ئەدەبىياتنى ئۇز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى «تالاغا قاراپ قېلىش ھادىسىسى»

     بۇنىڭدا ھەر رەڭ، ھەر شەكىلدىكى زىيادە تەقلىتچىلىكلەردىن ساقلانغىلى بولمىدى،«زامانىۋىلىق»،«دۇنياۋىلىق»لارنىڭ مىللى سەنئەتتىكى توغرا تەبىرى ئۇستىدە ئىزدىنىلمەي،ئۇ گويا تاشقى دۇنيا تەنقىتچىلىكى دەپ چۈشۈنىلدى.بۇ خىل ئۇزىدىن ھالقىپ كەتكەن تەقلىتچىلىك ماھىيەتتە «ئۇزىنى يوقۇتۇش» يولىدىكى تىرىشچانلىق ئىدى.ئەدەبىيات-سەنئەتتە ژانىر،ئىپادىلەش ۋاستىسى،ئىلغار ئىدىيە قاتارلىقلارنى ئىمپورىت قىلىشقا بولىدۇ.لىكىن ئۇلارنى ئۇزىنىڭ ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك بولغان قىممەت قاراشلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىمپورىت قىلىش ئەدەبىيات-سەنئەتتە«ياساش كەسپى»نى شەكىللەندۇرۇدۇ.ھالبۇكى بۇ«كەسىپ»نىڭ «تاۋار»لىرى بولسا،ئۇزى سادىق بولغان «تاشقى دۇنيا»دىمۇ،ئۇزى تەۋە بولغان ئىجتىمائى توپتىمۇ قارشى ئېلىنىپ كېتىشى ناتايىن.چۈنكى بۇنداق ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇدىغان «ياساش كەسپى» بىر مىخانىك قۇراشتۇرۇش جەريانى بولۇپ،ئۇ ئاپىرىدە قىلغان«تاۋار»لاردا ھاياتى كۈچ ۋە بەدىئى جەلىپ قىلىش كۈچى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تەنقىدچلىكى بۇنداق «تالاغا قاراپ قېلىش» ھادىسىسىگە سۈكۈت قىلدى،ھەتتا ئۇزى بېلىپ - بىلمەي،ئۇيغۇر ئەدەبىيات –سەنئىتىنى بۇنداق «ئاسىيلىق»قا قۇتراتتى. چەتئەللەردىن ئۇنىڭ «نەزەريىۋى ئاساس»لىرىنى ئېلىپ كىرىپ،بۇ«ئاسىيلىق»قا ئۇمىت ۋە ئىپتىخار بېغىشلىدى. بىز تولىمۇ قىسمەنلىكلەرنى،بەزى زۇرۇرىيەتلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقىلار ئۈچۈن ناخشا ئېتىپ،ئەسەر يېزىپ بەرمىسەكمۇ بولىدۇ.چۈنكى بىز ھامان ئۇلارنىڭ ئۇزلىرىدەك قاملاشتۇرالمايمىز.ھەركىم ئۇز ناخشىسىنى ئۇزى ئېتىشى كېرەك.ھەركىمنىڭ ئۇزىگە خاس تېماتىكىسى بولىدۇ.

      2. ئادەتلەنگەن نەزەريىۋى قېلىپلاردىن بىراقلا ھالقىپ كېتىش

    «گۇڭگا شېئىريەت» مەلۈم مەنىدە قاتمال،كونسىرىۋاتىپ بولغان،ھە دىسىلا«يامان بولىدۇ»دەپ تۇرۇۋىلىپ، سىقىلغان روھنىڭ پارتىلىشىنى تەقىپ قىلىدىغان«تەنقىت»دىن ئىبارەت بۇ  «قېرى دىداكتىكىچى» غا قىلىنغان خىرىس ئىدى،بۇ«قىرى دىداكتىكىچى» ئاساسەن ئىستېلىستىكىلىق مەسىلىلەرنى تەكىتلەيدىغان ،دەسمايىسى بىرمۇنچە ئىمپۇرىت قىلىنغان«پەرھىز»لەردىنلا ئىبارەت بولغان بىر«بوۋاي»بولغانلىقى سەۋەپلىك ،ئۇيغۇر سەنئىتىنى چىخوپنىڭ «بىلىكۇپ»ىدەك پورتىرىتقا مەھكۇم قىلىش رولىنى ئويناپ كەلگەن. لىكىن، بۇ مەسىلىنىڭ پەقەت بىر تەرىپى،«گۇڭگا شېئىرىيەت»نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رىياللىقىدىمۇ مەسىلە ئاز ئەمەس.زىيادە ئىندىۋىدۇئاللىشىپ كېتىش بۇ قېتىمقى شېئىرىيەت ھادىسىسىدىكى تۆپ مەسىلە ئىدى.ئەينى دەۋىردىكى بەزى تەنقىدچلىرىمىز مۇشۇنداق بىر ھادىسىگە سۆكۆت قىلىپلا قالماي،ھەتتا زىيادە ئىندىۋىدۇئاللىققا يەل بەردى.بۇنداق يەل بېرىش شۇنداق ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۆردىكى،بۇنداق ئەسەرلەرنى كىتاپخانلار بۇ ياقتا تۇرسۇن،ئاپتۇر ئۇزىمۇ ئىنىق شەرىھلەپ بېرەلمەيتتى. ئۇز پىرىنسىپلىرىنى ئۇزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائى توپنىڭ ئىستېتىكىلىق ئۇرتاقلىقى ۋە خاسلىقى ئۇستىگە تورغۇزمىغان سەنئەت ۋە تەنقىدچىلىك ھامان زىدىيەتكە پاتقان،مەغلۇبىيەتكە يۇزلەنگەن،ئىجتىمائى بۇرىچ تۇيغۇلىرىدىن ئايرىلغان بولىدۇ.

3.نەزەرىيە،ئەدەبى تەنقىت ھامان ئەڭ كەڭ مەنىدە دىداكتىكىچىلىق،پىداگوگىكىلىق ئەمگەكتىن ئىبارەت.پەرۋىشكارلىق ۋە يېتەكلەش ئۇنىڭ ئاساسى مىتودى،ئالدىنقى شەرتى بولسا، ئىلمى ۋە مۇنازىرىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان «پىروگىرامما»دىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك.

ھازىر بۇنداق «پىروگىرامما»نىغۇ تاما قىلماي،بىزنىڭ تەنقىتچىلىرىمىز،نەزەريىچىلىرىمىز پەرۋىشكارللىققا يىتەرلىك كۇڭۆل بۇلەلىدىمۇ-يۇق؟ دىگەن سوئال ئۆستىدە ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ كۇرسەك بولىدۇ. بىز«نادىر» ئەسەر مەستانىلىقى ۋە چاقىرىقىغا ئەڭ كۇپ كۇڭۇل بۇلدۇق(ئۇزىمىزدە ئۇنىڭ ئىنىق ئۇلچىمى بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئى نەزەر)لىكىن،پەرۋىشكارلىق بۇرچىمىزنى تولۇق ياكى يېتەرلىك ئادا قىلمىدۇق.مۇجىزە كۈتتۇق،لىكىن،جاپالىق كونكىرىت ئەمكەكلەرنى ئىشلىمىدۇق،«ئۆلگىلىك ئەسەر»لەرنى مەدىھىلەپ ھوشىمىزدىن كىتەي دىدۇق.بۇ ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن كونكىرىت،جاپا-مۇشەققەتلىك جەريانلار ۋە شەرت-شارائىتلار دىققىتىمىزدىن يىراقتا تۇرۇپ كەلدى.بىز «نادىر»لار ئارقىلىق يىتىلىۋاتقان ياش تالانىتلارنى ،تالانىت ئۇچقۇنلىرىنى مەنسىتمىدۇق ياكى دۇمبالىدۇق،ھەتتا بەزى ھاللاردا ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلىدۇق.بىز ئەدەبىيات-سەنئەت ئالدىنقى سىپگە،غەلبىگە ،قەھىرمانغا كۇڭۇل بۇلدۇق.ئارقا سەپكە،ئەدەبىياتنىڭ كېلەچىگىگە يىتەرلىك كۇڭۇل بۇلمىدۇق.ئىدىيال مۇكەممەللىكلەر نۇقتىسىدا تۇرۇۋىلىپ،رىيال مۇمكىنلىكلىرىمىزنى دۇمبالىدۇق...ۋاھاكازالار.بىزنىڭ نەزەريىچىلىرىمىز،تەنقىتچىلىرىمىز ئۇزى ئۇستىدە ئەستايىدىل ئويلۇشۇشقا تېگىشلىك يەردىن ئۇتۇپ كەتتى.بۇ خىل ئويلۇنۇشنى يەنە كېچىكتۇرسەك بولمايدۇ.تەنقىتچىلىرىمىز قەھرى-غەزەپلىك گېنرالنىڭ رولىنى ئېلىۋەرمەي،كۇيۇمچان يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ رولىنىمۇ ئېلىشى كېرەك،«نادىر» ئەسەرلەرنىڭ ئېلانچىسىغىلا ئايلىنىپ قالماي،نۇقسان ئىچىدىكى تالانىت بىخلىرىنى بايقىيالايدىغان ۋە ئۇلارنى پەرۋىش قىلالايدىغان كۇيۇمچان ئەمگەكچىمۇ بولىشى كېرەك.بەدىئى ئەدەبىيات گۆلشىنىنىڭ گۆزەل كېلەچىكى ئالدى بىلەن پەرۋىشكە مۇھتاج!.
     ئەسلىدىكى گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ساراڭ»قاتارلىق ھىكايىلىرىدىن باشلىنىپ «قۇم باسقان شەھەر»دە ۋايىغا يەتكۆزۆلگەن مەمتىمىن ھوشۇرچە ئوسلۇب بولسا«تالاغا قاراپ قېلىش»نىڭ ئەمەس،ئۇيغۇر ئۇمۇمى خەلق ئىستېتىكىسىنىڭ مەھسولى سۈپىتدە مەيدانغا چىقتى.«مەمتىمىن ھوشۇرچە ئوسلۇب» يېڭى بىر بەدىئى دۇنيا بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرۇپلا قالماي،ھېلىقى «قېرى دىداكتىچى»نىڭ مىڭىسىگە كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت سالدى.بۇ مۇشتنىڭ زەربىسى شۇنچە ئۇشتۇمتۇت،شۇنچە قاتتىق بولدىكى،ھازىرغىچە بۇ «بوۋاي»ئىسىگە كېلەلمەيۋاتىدۇ.«مەمتىمىن ھوشۇرچە ئۇسلۇب» بىزگە نىمە دىمەكچى ياكى نىملەرنى ئۇقتۇردى؟ ئۇ سەنئەتكارلاررغا ئېيتماقچىكى،ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ «تالاغاقاراپ قىلىش»ىنىڭ ھاجىتى يوق.ئۇزىمىزدە بارلىق بەدىئى ئىجادى ئىمكانىيەتلەر يېتەرلىك.ئۆزۈڭلارمۇ تۇنالمايدىغان «بالىلار»نى تەۋەللۇت قىلىشتىن ساقلىنىڭلار!.ئۇ تەنقىتچىلەرگە ئىتماقچىكى:سىلەر ئۇزىمىزدە بار بولغان نەرسىلەرنى قېزىپ ئۇنىڭدىن «نەزەريە » ياساڭلار،سىلەر«تالاغا قاراپ» قالساڭلار بىرمۇنچە بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ كېتىدىكەنسىلەر.تەييارغا ھەييار بولىدىغان ياكى قۇراشتۇرۇمىچىلىق بىلەن ئەپلەپ-سەپلەپ جان باقىدىغان خۇيۇڭلارنى تاشلاڭلار!
    ئۇيغۇر بەدىئى ھاياتى بىلەن ئۇيغۇر تەنقىتچىلىگى ئىلمى ھالدا جىپسىلاشمىسا،نەزەريە ۋە بەدىئى ئەمىليەت ئۇيغۇر مەنىۋى ھاياتىنى،نىسبى ئورتاق بولغان ئۇيغۇر ئىستېتىكىسىنى ئاساس قىلمىسا تەرەققىياتتىن سۇز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھالدا نەزەريە سەنئەت ئەمىليىتىنى قايمۇقتۇرۇش،تەقلىتچىلىككە قىستاش ۋە ئىلمى ئوربىتىدىن چىقىرىۋىتىش رولىنى ئويناپ قالىدۇ.
بۇ رومان، مىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان «مۆگىدەپ» ياتقان،ئۇنتۇلغان ئەدەبى تەنقىت ۋە سەنئەتكە ئالاقىدار بەزى خاتىرىلىرىمنى ئېسىمگە سالغاندەك  قىلىدۇ.لىكىن مەن بۇ يازمىنى «ئۆلچەملىك»ۋە«مۇدا» تەنقىت ئەسىرى دەپ قارىيالمايمەن.يازغانلىرىمنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىگىگە كىتاپخانلار ۋە مۇتەخەسىسلەر باھا بەرسۇن.ئەسكەرتىپ قويۇدىغىنىم: بۇ يازما مېنىڭ«سالچىلار»دىن ئالغان بېۋاستە تەسىراتلىرىمنىڭ، «سالچىلار»نىڭ غېدىغلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىستېتىكا،ئېتىكا ۋە بەدىئى ئەدەبىيات ھەققىدىكى بىرقىسىم قاراشلىرىمنىڭ ئەركىن بايانى.

                                                                 1

   نۇرغۇن ئادەملەر رىيال تۇرمۇش ئىچىدە ياشاۋاتقىنىدا كۇندىلىك زۇرۇرى تۇرمۇش پائاليەتلىرىگە ئەسىر بولۇپ ئۇزىگە،ئۇزىنىڭ تۇرمۇش جۇغلانمىلىرىغا زامان-ماكان ۋە بىر پۈتۈنلۈك نۇقتىسىدىن نەزەر تاشلىيالماي قالىدۇ.شۇڭغىچە بېشىدىن ئۇتكۆزگەن ھايات سەرگۇزەشتىلىرىنى يىغىنچاقلاپ نىسبى ئابىستىراكىت يەكۈنلەرنى چىقىرىش ئادىتى نۇرغۇن كىشىلەردە يېتىلمىگەن بولىدۇ.ھالبۇكى،چىنلىق سىياھى بىلەن يېزىلغان بىر ئەسەرگە تۇرمۇش،تارىخ،ھايات ھەقىقىدىكى تەپسىلات ۋە يەكۈنلەر يۇغۇرۇلغان بولىدۇ.بۇنداق ئەسەر بىزنىڭ ئۇزىمىزنى،تارىخنى،ھاياتنى بىلىشىمىزدە ئەينەكلىك رول ئوينايدۇ.ئۇتمۆشىمىزگە،ھازىرىمىزغا سەپ سېىلىش،ئۇزىمىزنى تۇنۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.گەرچە بۇ خىل ئۇچرىشىش تولا ھاللاردا ئازاپلىق بولسىمۇ،بۇ بىر ياخشى باشلىنىشتۇر.چۈنكى چىنلىقنى ماتىريال قىلغان «ئەسەر»دىن ئىبارەت بۇ ئەينەك،ئەپتىمىزنى ئەينەن كۇرسۆتۆپ،غۇبار ۋە ئازاپ مەنبەلىرىمىزدىن ئاگاھلاندۇرۇدۇ.جىلۋە-جولالىرىمىزغا ئىلھام بېرىدۇ.بىزنىڭ توغرا يەكۈن ۋە توغرا قارار چىقىرىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.بىر مۇنەۋۋەر ئەسەرگە قويۇلىدىغان ئەڭ ئالدىنقى شەرت مېنىڭچە پەقەت بىرلا،ئو بولسىمۇ_چىنلىق!.
    «چىنلىق» ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە ئالاقىدار كەسىپ ئېگىلىرى، ئىستىتېكا نوپۇزلۇقلىرى نۇرغۇن ۋەسىقىلەرنى قالدۇرغان .چىنلىق ۋە گۆزەللىك بىر-بىرىنى شەرت قىلىدىغان ۋە تولۇقلايدىغان ئىستىتېكا كاتىگورىيىلىرى بولۇپ،ئەدەبىياتنى ئۇز ئىچىگە ئالغان سەنئەت ساھەسىدە،ئۇلارنىڭ«بەدىئى چىنلىق» ۋە«بەدىئى گۆزەللىك»دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۈم. «سالچىلار»رومانى مىنىڭدە ئالدى بىلەن ،«بۇ ئەسە رئوخشىمىغان  دەۋىر ئىچىدىكى بىر كەسپىي ساھەنى يورۇتۇش جەريانىدا تۇرمۇش چىنلىقى ۋە بەدىئى چىنلىقنى ئورگانىك ھالدا مۇجەسسەملەشتۇرۈش يولىدا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرىلگەن ئەسەر ئىكەن» دىگەن تەسىراتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى.
     «قەھىرمانلىق»،«گۆزەللىك»،«ئەخلاق» قاتارلىقلارھەم ئىستېتىكا ھەم ئېتىكا ئۇقۇملىرى بولۇپ،بىر-بىرىنى شەرت قىلىدۇ.بىر-بىرىگە سىڭىشكەن بولىدۇ.ئۇلارنىڭ تەكتىدە چىنلىق ئۆزەك سۈپىتىدە جىلۋە قىلغان بولىدۇ.چىنلىقتىن ئايرىلغان ئاتالمىش«گۆزەللىك» ماھىيەتتە خۇنۆكلىكتۇر.چىنلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلمىغان ئاتالمىش«ئەخلاق»، ماھىيەتتە رىياكارلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتۇر.چىنلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلمىغان ئاتالمىش«قەھىرمانلىق»ماھىيەتتە سۆيىئىستىمالچىلىق ۋە پۇرسەتپەتپەرەسلىكتۇر.بۇ تەشەببۇسلارنى قوبۇل قىلىشتىكى ئالدىنقى شەرت بىزنىڭ «چىنلىق»نى،«چىنلىق»نىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى قانداق چۈشۈنىشىمىزگە،قانداق شەرىھلىشىمىزگە باغلىق.مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ چىنلىققا دادىل يۇزلىنىشىنىڭ ئۇزىمۇ مەلۈم مەنىدە قەھىرمانلىقتىن ئىبارەت.
«سالچىلار» رومانىدا،مەيلى ئەسەرنىڭ باش قەھىرمانى بولغان سەمەت نۇچى، مەيلى قۇۋان ئەزمە،مەيلى ئۇمەر مەدداھ بولسۇن،مەيلى ھۈسەن  بايۋەتچە،ئوسمان ئۇلاغچى ياكى گۆلئايىم بولسۇن، زامانىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن پىروتۇتىپلىرىنى ئۇچرىتىش تەبىئى.بۇ پىرسۇناژلار ئارقىلىق بىز ئەينى دەۋىر كىشىلىرىنىڭ پاجىئەلىرى،تەقدىر_ قىسمەتلىرى،ئوي-پىكىرلىرى،تەلپۈنۈشلىرىدىن خەۋەر تاپتۇق.
«سالچىلار»بىر ئەينەك سۈپىتىدە ئەينى دەۋىر ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ خىلى كەڭ قاتلىمىنى،بىزگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان بەزى ساھەلەرنى بىزگە رۇشەن ئەكىس ئەتتۆرۆپ بەردى.بۇ پىرسۇناژلارنىڭ«لوغىتى»ۋە »ئارخىپى»دىن،ئۇلار ھەققىدە ئاز بولمىغان ئۆچۆرلارغا ئېرىشتۇق.مەمتىمىن ھوشۇر بىزگە بۇ رومان ئارقىلىق بەكمۇ كۇرەڭلەپ كەتمەسلىك ۋە بەكمۇ ئۆمىتسىزلىنىپ كەتمەسلىكتىن بىشارەت بەرگەندەك قىلىدۇ.

                                                                    2

    بىر مۇنەۋۋەر ئەدەبى ئەسەر ئاز بولمىغان قىممەت قاتلاملىرىغا ئىگە بولىدۇ. قاتلاملارنىڭ ئىپادىلىنىش دەرىجىسىدىمۇ پەرىقلەر بولىدۇ.ئوخشىمىغان ساپا،ئوخشىمىغان قىممەت قارىشىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ بىر ئەسەردىن قېزىۋالىدىغان جاۋاھىرات ۋە ئەخلەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ.پەقەت پىسخىكىلىق ھۇزۇرلۇنۇشنىلا قوغلىشىدىغان كىشىلەر،ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مىخانىزىملىرىنى غىدىغلىيالمىغان،ھۇزۇرلاندۇرالمىغان ئەسەرنى ياقتۇروپ كىتىشى ناتايىن.ھالبۇكى بۇنداق ئەسەر يەنىلا مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ،پەقەت ئۇنىڭدا ئەشۇ بىر قاتلاملا مەۋجۈت بولماسلىقى ياكى بۇ قاتلامنىڭ مەۋجۈت بولسىمۇ،بايامقى شەخىس ھېس قىلالىغىدەك دەرىجىدە يارقىن بولماسلىقى مۆمكىن.دىمەكچىمەنكى كۇپ قاتلاملىق ئەسەرلەرنىڭ بەدىئى جەلىپ قىلىش كۈچى يۇقۇرى،زۇقلانغۇچىلىرى (كىتاپخانلىرى)نۇرغۇن بولىدۇ. مەن بۇ يەردە بىر ئەسەرگە ھەممە نەرسىنى زورلاپ تېقىش تەلىۋىنى قويىۋاتقىنىم يوق.بارلىق دىتال ۋە تەپسىلاتلار ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشىشى كېرەك، ئەلۋەتتە! بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە سەنئەتكار بىلەن زوقلانغۇچى ئۇتتۇرىسىدا «لاپقۇتلىشىش»مۇناسىۋىتنىىڭ مەۋجۈتلىقى ۋە زۆرۈرلىكى بارغانچە كىشىلەر تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنماقتا.گەرچە بۇ خىل مۇناسىۋەت مەدەنيەت تارىخىدا شۇنچە قەدىمىلىككە ئىگە بولسىمۇ،بىز بۇ خىل مۇناسۋەتنىڭ ئەھمىيىتىنى ،مەۋجۈتلىقىنى نەزەريىۋى جەھەتتىن تونۇشقا باشلىغىنىمىزغا ئۇزۇن بولمىدى.قاتلاملارنى يارىتىش ئاپتۇرنىڭ بۇرچى بولسا،قاتلاملارغا چۆكۈش زۇقلانغۇچىنىڭ مەجبۇريىتى ۋە پائاليەت شەكلىدۇر.
    نەق گەپكە كەلسەك،«سالچىلار»دا ئاز بولمىغان قىممەت قاتلاملىرى مەۋجۈت،ئۇلارنى ھىچ بولمىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاش مۆمكىن:
1.بىلىش قاتلىمى.
2.ئىستېتىك قاتلام.
   كۈل چېچىش ئارقىلىق ھاشارەت ئۆلتۈرۈش،ئاپپاق غۇجا مازىرىدىكى سەيلە...،سالچىلىق،سال باغلاش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق،بىز ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئەينى دەۋىر كىشىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش،ئەمگەك ،تىخنىكا ۋە ئىجتىمائى پائاليەت شەكىللىرىدىن خەۋەر تاپتۇق.پىرسوناژلارنىڭ دىئالوگ،مۇنولۇگلىرىدىن ئۇلارنىڭ تىل ئادەتلىرى(لوغىتى)،قىممەت قاراشلىرىدىن،تەلپۈنىشلىرىدىن خەۋەر تاپتۇق.بەزى پىرسۇناژلارنىڭ كەچمىشلىرى ئارقىلىق ئەينى دەۋىرنىڭ ئىجىتىمائى ئادەتلىرى، پاجىئەلىرى،ئادالەتسىزلىكلىرىدىن خەۋەر تاپتۇق،ناخشا قۇشاقلار،تۇرمۇش مەنقۇلاتلىرى ۋە ئادەتلىرى يەنە بىزنى كەڭ فولىكلور دۇنياسى بىلەن ئۇچراشتۇردى،ۋەھاكازالار.
    ھەر خىل سەۋەپلەر تۆپەيلى بىزدە مەخسۇس تارىخى ئەسەرلەر كەم بولۇپ كەلدى،تارىخى رىياللىقلار فولىكلورلىرىمىزدا،بەدىئى ئەسەرلىرىمىزدە ئەكىس ئېتىپ،بىزنى ئۆتمۈشتىن خەۋەردار قىلدى ياكى بىر يىپ ئۇچى ،بىر نىشان تاختىسى سۆپىتىدە كىيىنكىلەرنىڭ قېزىشىغا،تەپسىلى يورۇتۇشىغا  قالدۇرۇلدى.«سالچىلار»-ئۆلچەملىك تارىخى ئەسەر ئەمەس. ئۇ،پىرسۇناژلىرى تارىخى چىنلىق ئىچىدە،كەڭ تارىخى دىكىراتسىيە ئىچىدە يارىتىلغان بەدىئى ئەسەر.لىكىن ئۇ،بىزگە نۇرغۇنلىغان تارىخى ۋەقەلەرنىڭ تېماتىكىلىق مەۋجۈتلىقلىرىدىن بىشارەت بەردى.«ئاپپاق غۇجام سەيلىسى(ھەزرەت سەيلىسى)»روماندا پەقەت سەمەت نوچى،ئۇمەر مەدداھ قاتارلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىش مۇھىتى سۆپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان.تىخىمۇ توغرىراقىنى ئېيتقاندا ئاپتۇر بۇ پىرسۇناژلار ئۈچۈن خەلقىمىز ئوزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر سەيلە پائاليىتىنى دىكىراتسىيە قىلىپ تاللىغان.ئوخشىمىغان بەدىئى دىتقا ئىگە ئاپتۇرلار ئۇز پىرسۇناژلىرىغا ئوخشىمىغان دىكىراتسىيەلەرنى تاللىشى،سەمەت نوچى،ئۇمەر مەدداھلارنى ھەزرەتتە ئەمەس،ئاللىقانداقتۇر باشقا مۇھىتلاردا يارىتىشى، مەسىلەن: ھېيىتگاھتىمۇ يارىتىشى تامامەن مۇمكىن.«ھەزرەت سەيلىسى» ھەر تەرەپتىن قارىغاندا خەلقىمىزنىڭ ھاياتىدىكى ئەستايىدىل ئويلۇشۇشقا تېگىشلىك ئىزچىل فولىكلۇر ئادىتى بولۇپ،ئاپتۇرنىڭ ئۇنى تاللىشى جايىدا بولغان.«ھەزرەت سەيلىسى» تارىخچىلارنىڭمۇ، ئەدىپلەرنىڭمۇ، سىياسىيۇنلارنىڭمۇ،دىنغا ئىتقاچ قىلىغۇچىلارنىڭمۇ ۋە باشقىلارنىڭمۇ تېمىسى بولالايدۇ.ئاپتۇر،مۇشۇنداق بىر ئونۋىرسال ۋە مۇھىم تېمىنى زامانىمىزكىشىلىرىنىڭ ئىسىگە سالىدۇ.«ھەزرەت سەيلىسى»دىن بىز مۇشۇنداق بىر پائاليەتنىڭ بەدىئى كارتىنىسىغا ئىرىشتۇق.
   تارىخى پاكىتلارغا بولغان ھۇرمەت شۇنداقلا تېماتىكىلىق بىشارەتلەر ئەخمەت ئەپەندىم ۋە غېنى باتۇرنىڭ سالغا چىقىشلىرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلاردا يەنىلا ئەكىس ئىتىدۇ.بىر پۈتۈن روماندا بۇنداق تەپسىلات ۋە بىشارەتلەر يۇقۇرقىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ،ئەلۋەتتە.مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ،«سالچىلار»نى كۆپ قاتلاملىق ئەسەرگە، ئازبولمىغان مەخسۇس تېما دالالەتلىرىگە ئىگە ئەسەرگە ئايلاندۇرغان.
    ئۇيغۇر تارىخى ۋە جەمىيىتىدىكى تېماتىك قاتلاملاردىن بىشارەت بېرىشنىڭ ئۇزىمۇ،مۇئەييەن مەنىدە ۋە مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا ئەھمىيەتكە ئىگە. روماندا ئاساسى قەھىرمانلارنىڭ پائاليەتلىرى،دىيالۇگ -مۇنۇلوگلىرىدا ئەينى دەۋىر خەلق ئىستېتىكىسىنىڭ ئاز بولمىغان ئۇچۇرلىرىغا ئىرىشىمىز.راسىتچىللىق،مەردانىلىق قاتارلىقلار ھەم ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرىمىزدا ھەم گۆزەللىك قاراشلىرىمىزدا ئاساسى ئۇلچەم بولۇپ كەلگەن.بۇنىڭدىن باشقا«سالچىلار»غا مۇھەببەت بىلەن سىلىنغان نەزەرلەردىن ئاپتۇرنىڭ ئىستېتىكىسىدىن خەۋەر تاپىمىز.بىر پۇتۇن روماندىن ئاپتۇرنىڭ «چىنلىق –گۆزەللىك دىمەكتۇر» دەپ قارايدىغانلىغىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.

                                                                  3

    مەن ،«سالچىلار» رومانى نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا،تور دۇنياسىدا ۋە كوچا-كويلاردا مۇھاكىمە-مۇنازىرىلەرنىڭ قىزىپ كەتكەنلىگىنى كۇردۇم، ئاڭلىدىم.ئوخشىمىغان ساپا ۋە قىممەت قارىشىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىنكاسلىرى بىلەن ئۇچراشتىم.بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولۇپ،تور دۇنياسىنىڭ،جەمىيەتنىڭ تەدرىجى ھالدا بىر ئونۋېرىستىت بولۇپ قالىدىغانلىغى مۇقەررەرلىك.مەن يۇقۇرقى قۇرلارنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن تور دۇنياسىدا«ئېنتېرىنىت دۇنيانىڭ مائارىپ ئەندىزىسىنى ئۇزگەرىتمەكتە» ماۋزۇلۇق خەۋەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم.ئەسكەرتىلىشىچە بۇ«موسكىۋا ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 16-يانۋاردىكى خەۋىرى ئىكەن.دىمەكچىمەنكى،تورغا جىددى قاراشنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى.ئۇز سۇزىمىزگە كەلسەك، نىسبى مەنىدە ئەركىنرەك بولغان توردىن ئىبارەت بۇدۇنيادا ئەركىن پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى،ھەركىم ئۇزىنىڭ بېۋاستە تەسىراتلىرىنى ۋە كۇزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى،ھەممە ساھەگە،جۇملىدىن بەدىئى ئەدەبىيات ساھەسىگە كۈچلۆك مەسئولىيەت تۇيغۇسى يۆكلەيدۇ.بۇ ھادىسىلەر بىزنىڭ ئىجتىمائىلىشىش دەرىجىمىزنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىغىدىن،«قۇم باسقان شەھەر» دىكى بېغەملەردىن ساۋاق ئېلىپ، ئەتراپىمىزدىكى ھادىسىلەرگە جىددى نەزەر ئاغدۇرۇشقا ئادەتلىنىۋاتقانلىقىمىزدىن،تەقدىرىمىزنى ئەمدى بىر ياكى بىرقانچە كاتتىلارغا تاپشۇرۇپ ،ئۇزىمىز بىخارامان يۆرىۋىرىدىغان بۇ ئادەتلىمىزنى دەپىن قىلىش يولىدا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئىزدىنىۋاتقانلىغىمىزدىن دېرەك بىرىدۇ. ئومۇمىلىقتىن ئالغاندا ھەر بىر كىتاپخان بىر تەنقىتچى، بىر ئوبزۇرچدىن ئىبارەت.«سالچىلار» ئۈستىدە ئېلىپ  بېرىلىۋاتقان تور ئوبزۇرلىرى ۋە كوچا ئوبزۇرلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۇستىدە توختۇلۇشنىڭ زۇرۇريىتىمۇ يوق.لىكىن،يەڭگىلتەكلىك بىلەن بېرىلگەن مۇئەييەن«پاساھەت»كە ئىگە بەزى باھالار جەلىپ قىلىش كۈچىگىمۇ،ئېزىقتۇرۇش كۈچىگىمۇ ئىگە بولغانلىغى سەۋەپلىك بۇنداق باھالار ئۈستىدە توختۇلۇپ ئۆتۈش زۆرۈر. بەدئىيى ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ سەنئەت شەكلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ناتۇنۇش بولغان بەزى ئۇقۇرمەنلىرىمىزنىڭ قىسمەن ئوبزورلىرى(باھالىرى) كىشىنى ئويلاندۇرۇدۇ. مەن توختۇلۇپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارىغان بۇنداق باھالاردا رومانغا « تۆت ئەيىپ» بەخشەندە قىلىنغان ،ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1.ئاپتۇر«ئىلى سولتانلىقى»،«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى» قاتارلىق ئىلى تارىخىدىكى چوڭ تارىخى ۋەقەلەردىن ئۇزىنى قاچورغان،ئاتلاپ ئۇتۆپ كەتكەن.
2.رومان «قۇم باسقان شەھەر»دەك مۇۋەپىقىيەتلىك چىقماپتۇ،ئاپتۇر چېكىنىپ كەتكەندەك قىلىدۇ.
3.ئەخلاقى چۈشكۈن كىشىلەرگە مەدىھىيە ئوقۇلغان،ئۇلار قەھىرمان،ئوت يۆرەك قىلىپ قويۇلغان.
4.بۇرۇنقى ئەسەرلىرىدىكىدەك قىززىق يەرلىرى كۇپ ئەمەس.
   يۇقۇرقى باھالاردا بىر قانچە نۇقتىغا سەل قارالغان،بۇ نۇقتىلار:
   1.«سالچىلار» رومانىنىڭ ئاساسى تېمىسى ۋە يەتمەكچى بولغان مەقسىدى، سالچىلىقتىن ئىبارەت مۇشۇ كەسىپكە ئۇزىنى بېغىشلىغان كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش،نۇرغۇن كىشىلەرگە ناتۇنۇش بولغان سالچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى ئەدەبىي نۇقتىدىن سۈرەتلەش.نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت ئەينى ۋاقىتتا«سال»غا③ ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىخچام شىېرى كارتىنىسى سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلغان بولسا،مەمتىمىن ھۇشۇر كونكىرىت بىر كەسىپ سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلدى.ئوخشىمىغان ئېىستېتىك نەزەرنىڭ ئۇخشاش تېماتىك مەسىلىدە ئوخشۇمىغان نەتجە يارىتىدىغانلىغى ئەقەللى ساۋات .
   «ئىلى سۇلتانلىغى»،«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى»قاتارلىق زور ۋەقەلەرنىڭ بەدىئى كارتىنىسىنى يارىتىش «سالچىلار» رومانىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس.ئاپتۇرنىڭ بۇ ئەسەرگە تۇتۇش قىلغان چېغىدىكى تۇپ مەقسەتمۇ ئەمەس.مۇبادا بىز بەدىئى ئەدەبىيات ئىجادىيىتىنىڭ ئەقەللى قائىدە-پىرىنسىپلىرىدىن چەتنىگەن ھالدا ئاپتۇرغا تېما تەلىۋىدىن ھالقىپ كەتكەن تەلەپلەرنى قويساق بۇ بىزنىڭ بەدىئى ئەدەبىيات ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ چولتىلىغىدىن،ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئەقەللى بىلىملەرنى ئونتۇپ قالغىنىمىزدىن دىرەك بىرىدۇ.خەنزۇ خەلقىدە «ئىلانغا پۇت سىزىش»دىگەن بىر ئىدىيوم بار.«سالچىلار»دىن«ئىلى سۇلتانلىقى»ياكى«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى»نىڭ بەدىئى كارتىنىسىنى تەلەپ قىلىش، ئاپتۇردىن بەدىئى ئىستىدات تەلەپ قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا«ئىلانغا پۇت سىزىش»نى تەلەپ قىلىشتۇر.بۇ بىر زىدىيەتلىك مەسىلە.بىر مەسئوليەتچان يازغۇچى يۇقۇرقىدەك زور تارىخى ۋەقەلەرنىڭ بەدىئى كارتىسىنىسىنى يارىتىش نىيىتىگە كەلسە ئۇلارنى مەخسۇس تېما سۈپىتىدە روياپقا چىقىرىشى تەبىئى.دىمەكچىمەنكى،«ئىلى سۇلتانلىغى»،«كۆچ-كۆچ»،«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى»دەك زور تارىخى ۋەقەلەر«سالچىلار»نىڭ سېلىغا سىغمايدۇ.مەمتىمىن ھوشۇر«ئىلى ناخشىلىرىنىڭ تارىخى بايانى»،«كۈنلەر شۇنداق ئۆتكەن»قاتارلىق مەخسۇس ئەسەرلىرىدە تارىخقا،رىياللىققا بولغان مەسئوليەتچانلىق روھىنى روشەن ئىپادىلىگەن.ئىجادىيەت پىسخۇلوگىيىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا مەمتىمىن ھوشۇر مۇبادا يۇقۇرقى زور تارىخى ۋەقەلەرنى يورۇتماقچى بولسا مەمتىمىن ھوشۇرچە بەدىئى دىت بىلەن ئۇلارنى مەخسۇس تېما سۈپىتىدە تۇتۇپ،دېتال،تەپسىلات،قۇرۇلما ۋە دىكىراتسىيە(ئارقا كۇرۆنۆش) قاتارلىقلارنى باشقىچە تەشكىللىگەن،مۇز داۋاننىڭ ئىككى تەرىپىدىن «ئىلھام» ۋە «ماتىريال مەنبەسى»ئىزدەپ يۇرمەي،باشقا مەنزىللەرنى سەيىر قىلار ئىدى.
    1930-يىللاردىن كىيىنكى تۇرمۇش سۆرەتلەنگەن بۇ ئەسەردە ئاپتۇر يەنىلا ئەخمەت ئەپەندىم ۋە غېنى باتۇرلارنىڭ سالغا چىقىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تەپسىلات ئارقىلىق «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى» شۇنداقلا بۇ ئىنقىلاپنىڭ قەھىرمانلىرىنى يادىمىزغا سالىدۇ.بىزگە مۇشۇنداق بىر تارىخى تېمىلارنىڭ مەۋجۈتلىگىدىن بىشارەت بېرىدۇ.تەساۋۋۇر كۈچى،بەدىئى ئىپادىلەش ئىقتىدارى،تارىخى بىلىمى يىتەرلىك بولغان بىر سەنئەتكار، ئەخمەت ئەپەندىم ۋە غېنى باتۇردىن ئىبارەت يۇقۇرقى ئىككى تارىخى شەخىسنىڭ سالغا چىقىشىدىن ئىبارەت بۇ تارىخى رىياللىقتىن ئىلھاملىنىپ خىلمۇ-خىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۈشى مۈمكىن.بۇ ۋەقە، رەسساملارنىڭمۇ، ھەيكەلتاراچلانىڭمۇ، يازغۇچىلارنىڭمۇ، شائىرلارنىڭمۇ تېمىسى بولالايدۇ. مەمتىمىن ھۇشۇر ئەسەرلىرىدە،شۇنداقلا مۇشۇ«سالچىلار» رومانىدا زامانىمىزغا بېرىلگەن بۇنداق تېما بېشارەتلىرى ئاز ئەمەس. قارىغاندا ،بۇ خىل بېشارەتچىلىك مەمتىمىن ھوشۇر ئىستېتىكىسىنىڭ تەركىۋى قىسمىدەك قىلىدۇ. تېما بىشارەتلىرى مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىدىكى پەقەت بىر تەرەپ،ئاساسى تەرەپ بولسا زوقلانغۇچىلار بىلەن «لاپقۇتلىشىش» تىپىدىكى ئىدىيە،قاراش،ھېسىسيات قاتارلىقلاردىن ئىبارەت مەنىۋى قاتلام بىشارەتچىلىگىدىن ئىبارەت. بۇ خىل بېشارەتچىلىك ،مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ«ساراڭ»،«ئالتۇن چىشلىق ئىت» قاتارلىق بىر يۆرۇش ھىكايىلىرىدىن باشلىنىپ «قۇم باسقان شەھەر» دە يۇقۇرى پەللىگە چىقىدۇ. بۇ ھىكايە- رومانلار بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى، بىزگە سىڭدۆرۇلگەن مائارىپ بۇلماقلىرىدىكى«رىيالىستىك ئوسلۇب» بۇيىچە يېزىلماي،ئۇيغۇر ئەدەبى تەنقىتچىلىگى،ئۇيغۇر زىيالىلىرى تەييارلىقسىز،ھىچقانداق ئالدىن تەساۋۋۇرغىمۇ ئىگە بولمىغان تۇرغان بىر پەيىتتە يىپ-يېڭى ئەدەبى ھادىسە سۈپتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىجتىمائى ئۇنۇمى،بەدىئى زىلزىلىسى،ھىلىقى بىز ھەجىلەپ ئۈگەنگەن ،ئۇقۇم دائىرىسى تولىمۇ تار بولۇپ قالغان «رىيالىستىك ئۇسلۇب»،«تەنقىدى رىيالىزىم»لارنىڭ رامكىسىنىڭ كونكىرىت سەنئەت ئەمەليىتى ئالدىدا تولىمۇ چەكلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ قويدى.بىز ھازىرغىچە چەتئەللەرنىڭ نەزەريىۋى ئامبارلىرىدىن قورال ئۇتنە قىلىپ بولسىمۇ بۇ ئەسەرلەرنى قانائەتلىنەرلىك باھالىيالمىدۇق. بىز پەقەت بۇ ئەسەرلەرنىڭ «قالتىس» ئىكەنلىگىنىلا تەكىتلىدۇق.ھېس قىلدۇق.ھالبۇكى،شۇنداق تۇروقلۇق،بىز كونكىرىت ئەسەرلەردىن ئەيىپ ئىزدىگەندە تولا ھاللاردا بۇ ئەسەرلەرنى باھالاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان مۇدا نەزەريىلەرنى قورال قىلىۋالدۇق.
    ئەدەبىيات نەزەريىلىرى ئەدەبى ئىجادىيەت ئەمليىتىدىن كىيىن ئىلمى نەزەريىۋى يەكۈن سۆپىتىدە  مەيدانغا كەلگەن.بۇ يەكۈنلەر،بۇ نەزەريىلەر بولسا ئۇزى ئاساسلانغان كونكىرىت ئەدەبى ھادىسىلەرنىڭ چەكلىمىسى ۋە ئمكانىيىتى ئىچىدە روياپقا چىققان.شۇ تەرىقىدە ئەدەبى تەنقىت تىلى،تەنقىت ئەندىزىلىرى،ئۆلچەملىرى بەرپا قىلىنغان.بۇ ئەندىزىلەر كىيىنكى ئىجادى پائاليەتلەرگە تەسىر كۇرسىتىپ،ئىجابى رول ئۇينىغاندىن باشقا،ئىجادىلىقنى بوغۇپ سەلبى رولمۇ ئوينىغان. چۈنكى ھەرقانداق بىر نەزەرىيە نىسبى ئابىستىراكىت يەكۈن ۋە ئەندىزە بولۇپ،تەدبىقلىنىش دائىرىسى چەكسىز بولمايدۇ.لىكىن،ئىنسانىيەتنىڭ كۇنكىرىت ئىجادى پائاليەتلىرى ۋە نەتىجىلىرى ھامان نەزەريىۋى ئەندىزىلەرنىڭ رامكىسىدىن ھالقىپ كىتىدۇ.بۇنىڭغا ناھايتى كۇپ مىساللارنى كەلتۆرۆش مۇمكىن. قالغان مىساللارنى قويۇپ تۇرۇپ مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ يۇقۇردا نامى زىكىر قىلىنغان ئەسەرلىرىنى ئەسلەپ كۇرەيلى، ئۇلارنى تەنقىدى رىيالىزىم بۇيىچە،سۇتسىيالىستىك رىيالىزىم بۇيىچە ياكى رومانتىزىملىق ئۇسلۇپ بۇيىچە ۋە ياكى ھازىر بىزگە ئىسمى مەلۆم بولغان ھەرقانداق بىرەر ئوسلۇپ بويىچە يېزىلغان ئەسەر دىيەلەمدۇق؟.ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەركىپلىرى بار دەپ قاراپ، يومۇرلۇق ھالدا«ئەرۋاھ ئېشى ئۇسلۇبى»دەپمۇ تۇرايلى،يەنىلا ئۇلارنى ئىلمى باھالىيالشىمىز ناتايىن.سەۋەپ زادى قەيەردە،سەۋەپ شۇ يەردىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى ئىستىتېكىسى چەتئەللەردىن قوبۇل قىلىنغان نەزەريىۋى رامكىلار ،ئىستىتېكا قېلىپلىرىغا دەلمۇ-دەل چۈشمەيدۇ.دىمەكچىمەنكى،ئارتۇق ياكى كەم يەرلىرى بار.بۇ مەسىلىنى ئىلمى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللى ئىستىتېكىسى،ئىجادىيەت پىسخۇلۇگىيىسى،قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان يېڭى  نەزەريە كېرەك. مەن يۇقۇرقى قۇرلارنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن، سۇلايمان قەييۇمنىڭ«يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىغا ئوچۇق خەت»سەرلەۋھەلىك يازمىسى ④بىلەن ئۇچراشتىم،«يېڭى نەزىريە» تەشەببۇسىدا ئورتاقلىقلرىمىز بار ئىكەن.تەكىتلەيمەنكى، ئىمپۇرىت قىلىنغان تەييار قۇراللارنى ئەندىزە قىلىپ، بىرەر كونكىرىت ئەسەر ئۆستىدە ئېلىپ بىرىلغان تەقرىزچىلىق يەنىلا «ئاتام ئېيتقان بايامقى» بولۇپ قالىدۇ ۋە بولۇپ قالماقتا.
    ئۇيغۇر مىللى ئىستىتېكىسى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان يېڭى نەزەرىيەنى كىم ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ؟ ئەلۋەتتە، بىز ئۇزىمىز.ھازىر كۇنكىرىت بەدىئى ئەسەرلەرگە باھا يازىدىغان ئادەملەر،ياكى مۇشۇنداق شەيدالىققا بىرىلگەن ئادەملەر ئاز ئەمەس،لىكىن ،شۇنچە كۆپ ئادەم نىمە ئۆچۈن ھە دىسىلا ئەسەر باھالاش قىزغىنلىغىغا بېرىلىمىز-يۇ،يېڭى نەزەريە ئۆستىدە ئەستايىدىل،ئىزچىل ئىزدىنىدىغان بىرەرسى چىقمايدۇ؟.بۇ،جىددى ئويلۇشۇشقا تىگىشلىك مەسىلە.ئەگەر سىز كونكىرىت ئەسەرلەرنى تەييار قوراللار بىلەن تەنقىت قىلىش بىلەنلا بىر ئۇمۇر ياشاپ،يېڭى نەزەريە ئۆستىدە ئىزدەنمىسىڭىز ئۇزىڭىزنى يوقاتقان بولىسىز،باشقىلارنىڭ كارنىيىغا ئايلىنىپ قالغان بولىسىز.،يېڭىچە ئىجادى تەپەككۆر نەتىجىلىرىنى دىتلىيالمايدىغان،ئۇلارنى چەكلەيدىغان كونسىرىۋاتىپ شەخىسكە ئايلىنىپ قالغان بولىسىز،ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ھاياتى كۈچى بولمايدۇ ياكى غايىڭىزدىكىدەك بولمايدۇ.
   ھەر بىر تەنقىتچىنىڭ قولىدا ئۇزى ئىگەللىگەن ياكى ياقتۇرىدىغان ئۇلچەم ،گەز بولىدۇ.ئۇ تەنقىتچى ئەشۇ ئۇلچەملىرى بىلەن بەدىئى ئەسەرنى ئۇلچەيدۇ،بەدى ئەسەر ئۇنىڭ ئۇلچىمىدىن ھالقىپ كەتسىمۇ،كەم قالسىمۇ بۇ ئەسەرنىڭ تارتقۇلىقى بار.بۇنداق تەنقىتچىلىك ئەندىزىسى بىلىپ-بىلمەي ئىجادىيەتنى قىلىپلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.ئۇنىڭدا نۇرغۇن لوگىكىلىق زىدىيەتلەر ئۇزىنى ئاشكارىلىغان ياكى يوشۇرۇنغان بۇلىدۇ.خەلقىمىزنىڭ «قازاندا نىمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ» دىگەن سۇزىدە چوڭقۇر پەلسەپەۋى ھىكمەت بار.سەنئەتكارنىڭمۇ،تەنقىدچىنىڭمۇ ئۇزلىرىنىڭ قازىنى بار.ھەر ئىككىسى ئۇز قازىنىدىكى «تائام»نى بازارغا سالىدۇ.بۇ مەنزىرىدە،سەنئەتكار گۇيا تائام ساتقۇچىلارغا ئوخشىسا،تەنقىتىدچى سۇدا سانائەتنى مەمۇرى جەھەتتىن باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى بازار تەرتىۋىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ،ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچى خادىملارنىڭ رولىنى ئالىدۇ.قۇرۇلما جەھەتتىن ئېيتقاندا،بۇنداق ئىككى قاتلامنىڭ مەۋجۈت بولۇشى مۇقەررەرلىك بولۇپلا قالماي يەنە زۆرۈر. ئۇلار بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۆرۈش،تەرەققى قىلدۇرۇش رولىنى ئۇينايدۇ ۋە ئوينىشى كېرەك.لىكىن، چىن مەنىسىدىكى ئىلمى تەنقىت ئۇلچەملىرى تۇرغۇزۇلمىسا ،غايىدىكىدەك نەتىجىلەرنىڭ ،غايىدىكىدەك ئاقىۋەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى ناتايىن.بىزنىڭ ئۇلچەملىرىمىز كونكىرىت ئىجادى ئەسەرنىڭ ،بۇ ئەسەر تەۋە بولغان ئجتىمائى توپنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىشى،سەنئەتكارنىڭ«ئۇزى»نىڭ مەۋجۇت بولىشىنى چەكلىمەيدىغان بولىشى كىرەك.ئەگەر تەنقىدچىنىڭ ئۇلچەملىرى زىيادە ئىندىۋىدۇئاللىشىپ كەتسە،بۇ ھالدا ئۇنىڭ قىلغانلىرى «سۇيىئىستىمالچىلىق تەنقىدتچىلىگى» بولۇپ قالىدۇ،يەنى بۇ ھالدا،تەنقىتچى تەنقىت قىلىش ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇزىنىڭ ئىندىۋىدۇئال تەنقىت مىزانلىرىنى،ئىندىۋىدۇئال قىممەت قاراشلىرىنى بازارغا سالغان بولىدۇ.بۇنداق تەنقىت ئىلمى تەنقىت ئەمەس،ئەلۋەتتە.
    ئەسەردە ئەكىس  ئەتتۇرۇلگەن سىياسى،ئىجتىمائى ،ئىلمى تىندىسىيە ۋە غايىلەرنى باھالاش،كۇرسىتىپ بېرىشكە بولىدۇ،«تەنقىت»لەپ ئۇجۇقتۇرۇش،ئەدەبى تەنقىدنىڭ ۋە زىپىسى ئەمەس.بۇ ئالدى بىلەن شۇ ساھەلەرگە مەنسۇپ بولغان ئىلمى ئەسەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.«سالچىلار» ھەققىدە تور دۇنياسىدا ۋە كوچا-كويلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇقۇرقى «تۆت ئەيىپ» ئالدى بىلەن «ئەيىپ» سۈپىتىدە ئىلمى ئەسەرلەردە ئىسپاتلىنىشى كېرەك.ئىلمىلىگى ئۇزىگىمۇ گۇڭگا بولغان تەنقىت ۋاستىلىرى ياكى تەنقىت دىتاللىرىدىن ئاپىرىدە قىلىنغان تەنقىدى ئەسەرنىڭ ئۇزى تەنقىتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بەزىلەر «سالچىلار»دىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئېغىزىنىڭ يامانلىقى،زىناخۇرلىقى،ھاراقكەشلىكى شۇنداق ئېنىق تورسىمۇ ئاپتۇر ئۇلارنى قەھىرمان سۈپىتىدە،ئوت يۇرەك ئىنسانلار سۈپىتىدە مەدىھيىلىگەنلىگىدىن زادىلا مەمنۇن بولمىغان. بۇ «قەھىرمان»لارنىڭ يامان ئۇلگە بولۇش رولىنى ئويناپ پۇتۇن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە بۇنداق ئەخلاقسىز«قەھىرمان»،ئەخلاقسىز«ئوت يۇرەك»،ئەخلاقسىز«شىر يۇرەك»لەرنىڭ قۇم-تۇپراقتەك يامراپ كىتىشىگە بولغان ئەندىشىسىنى رۇشەن ئىپادىلىگەن. بۇ خىل مەمنۇتيەتسىزلىك،بۇ خىل ئەندىشەنىڭ مەيدانغا كىلىشىدىن ساقلانغىلى ۋە ئەجەپلەنگىنى بولمايدۇ.ساقلىنىشقا ۋە ئەجەپلىنىشكە تېگىشلىك بولغىنى بىر قۇتۇپقا ئېغىپ كېتىشتىن ئىبارەت.بۇنداق كىشىلەر ئاپتۇرنى سىپايىگەرلىك قىلىپ يالغاننى توقۇشقا،ئاپتۇرنىڭ ئۇزىنىڭ «ئەخلاقسىز» بولىشىغا ،رىيالىستىك مىتۇد بىلەن يېزىلغان بۇ ئەسەرنى ئۇنداق يازماي،رومانتىزىملىق ئوسلۇپ بىلەن يېزىشقا،چىنلىقنى ئەينەن يازماي،ئۇنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك ھالىتىنى تەسۋىرلەشكە دالالەت قىلغاندەك قىلىدۇ.ئەپسۇس،بۇ تەنقىتچىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەسەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن  چىنلىق تولىمۇ بەدبەشىرە بولۇپ،بۇ تەنقىتچىلەر چىنلىقنىڭ ئۇزىدىن ئالالمىغان دەردىنى ئاپتۇردىن ئالغاندەكمۇ  قىلىدۇ. بۇنداق ئەخلاق قارىشى،بۇنداق گۆزەللىك قارىشىنى پەقەت ئەشۇ كىشىلەرنىڭ ئاپتۇرلاردىن كۆتىدىغان تەلىۋى،«ئاشخانە»گە كىرگۇچىلەرنىڭ ئىشتىھاسىغا بېقىپ قىلغان «تاماق» بۇيرۇتمىسى دىيىشكىلا بولىدۇكى،ئورتاق ئىلمى تەنقىت مېزانى دىيشكە ئەسلا بولمايدۇ. مەمتىمىن ھوشۇر چىنلىقنىڭ بىزنى ئازاپلايدىغان رەھىمسىز يۇزىنى بىزگە ئېنىق كۇرسۇتۇپ بەردى. ئۇنى ئۇزگەرتىش ئەلۋەتتە مەمتىمىن ھۇشۇر ياكى بەدىئى ئەدەبىيات تەنھا ئورۇنداپ كېتەلەيدىغان ۋەزىپە ۋە مەجبۇرىيەت ئەمەس.مەمتىمىن ھوشۇر بۇ يەردە يەنىلا بىشارەتچىلىك قىلىپ «بىز مانا مۇشۇنداق خەق» دىگەندەك قىلدى.مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ بۇ«ئەخلاقسىز» كىشىلەرگە بولغان مۇھەببىتى،خەيرىخاھلىقى ھەرگىز ئۇنىڭ «ئەخلاقسىزلىق»نى تەرغىپ قىلغانلىغىنىڭ ئىسپاتى ئەمەس،ئەكسىچە مەمتىمىن ھوشۇر بىزگە «تاز بولسىمۇ سىنىڭ داداڭ» دىمەكچىدەك قىلىدۇ.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ«ئۇڭكۇر بولسىمۇ ئۇيۇم بولسۇن،ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم بولسۇن» دىگەن گىپىدە چوڭقۇر ھىكمەت ۋە چوڭقۇر ئۇزلۆك ئېڭى مەۋجۇت.بىز ھېچ بولىمىغاندا بەزى نەزىريىۋى ئۇقۇملارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەققىدە ئويلۇشۇپ باقساق بولىدىغاندەك قىلىدۇ.

                                                                       4

   «باتۇرلۇق»،«قەھىرمان»لىقلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئېنىقلىمىسى بارمۇ- يوق،خەۋەرسىزمەن. ئەگەر ئېنىقلىما بىرىشكە توغرا كەلسە«رىياللىققا قارشى چىقىش،رىياللىققا جەڭ ئېلان قىلىش،تەۋەككۆلچىلىك قىلىش،ۋاز كېچىش،قۇربان بېرىش،ئەندىزىگە ئاسىيلىق قىلىش» دىگەندەك تېرمىنلارنىمۇ بۇ ئىنىقلىما ئىچىگە كىرگۈزۈشنى ئويلۇشۇپ كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلىمەن.
    ئوخشىمىغان دەۋىر ياكى ئوخشىمىغان توپلارنىڭ قاراشلىرىدا خۇددى «ئەخلاق»قا بېرىلگەن ئىزاھلار پەرىقلىق بولۇپ كەلگىنىدەك،«قەھىرمانلىق»قا بېرىلگەن ئىزاھات،تەبىرلەرمۇ پەرىقلىق بولۇپ كەلدى.لىكىن،بۇلارنىڭ ھەممىسىدە رىيالىققا بولغان ئىسيانكارلىق رەت قىلىنماي،مەركىزى ئورۇنغا قويۇلىدۇ. رىياللىق بولسا كۆپ قاتلاملىق بولۇپ،ئىجتىمائى، سىياسى تەقدىر-قىسمەتلەرگە بولغان ئىسيانكارلىقمۇ،ئائىلە رىياللىقىغا بولغان ئىسيانكارلىقمۇ،ئىشقىلىپ  ھەممە نۇسخىسىنى تاپقىلى بولىدۇ.روماندىكى ئاساسى قەھىرمانلار مەشھۇر تارىخى شەخىسلەر بولماي ئادەتتىكى كىشىلەر بولۇپ ئۇلارغا بىز تارىخى مىللى قەھىرمانلىرىمىزغا قويۇلغان تەلەپلەرنى قويالمايمىز.بۇ«سالچىلار»نى بولسا بىر كەسپى ساھەنىڭ قەھىرمانلىرى ،تەۋەككۆلچىلىك روھىغا باي كىشىلەر دەپ قارىساق خاتالاشقان بولمايمىز.ئۇلارنىڭ قەھىرمانلىقى، ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدىكى تاللاشتا تەۋەككۆلچىلىك قىلالىغانلىغىدا، گەرچە باشقا تاللاشلار يوق بولمىغان ھالەتتىمۇ،خەۋىپ-خەتەرگە تولغان بۇ ساھەنى تاللاشتا ئىپادىلىنىدۇ.دىمەكچىمەنكى،دۇنيادا«چاپايۇفچە قەھىرمانلىق»،«پاۋىل كورچاگىنچە قەھىرمانلىق»بولۇپلا قالماي،يەنە «سىيىت نۇچىچە قەھىرمانلىق»، «غېنى باتۇرچە قەھىرمانلىق»،«سادىر پالۋانچە قەھىرمانلىق»لارمۇ ئەلۋەتتە بار. قەھىرماننىڭ يارىلىشى بىلەن قەھىرماننىڭ ئىتراپ قىلىنىشى ئىككىسى ئىككى ئىش.«غېنى باتۇر»نىڭ ئوخشىمىغان تارىخى دىكىراتسىيەدە «غېنى ئوغرى» بولالايدىغانلىغىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىغىمىز كېرەك.
خەلق ئارىسىدا «داۋان ئاتلاپ چىققان ئۇغال باللا بىز ،جۇمۇ» دىگەن گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدۇق،دەرۋەقە ،خەۋپ-خەتەرگە تولغان مۇزداۋان سەپىرىگە جۆرئەت قىلىشنىڭ ئۇزى بىر قەھىرمانلىق روھتىن ئىبارەت.قارىغاندا بىز«قەھىرمانلىق»،«ئەخلاق» ھەققىدىكى ئۆلچەملىرىمىز ھەققىدە قايتا ئويلاشمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتكەندەك تورىدۇ.ئەتراپىمىزدا «قەھىرمانلىق»كۇپ،دارۋازلىق مۇشۇنداق قەھىرمانلىقلارنىڭ بىرى.شۇنىسى ئىنىقكى، «قەھىرمانلىق» ئالدىدا روھتا مەيدانغا كېلىپ،ئاندىن پوت-قولدا ،چىرايلىرىمىزدا،پۇزىتسىيەلىرىمىزدە ئىپادىلىنىدۇ.روماندا تەۋەككۆلچىلىك – قەھىرمانلىق روھى كەمچىل پىرسۇناژ بەلكىم قۇۋان ئەزمە بولىشى مۇمكىن.قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگىدەك روھىدا قەھىرمانلىق روھى خىلى رۇشەن ئەكىس ئەتكەن.لىكىن شۇنداقتىمۇ بىز،قۇۋان ئەزمىدە زادىلا قەھىرمانلىق ئىلىمىنىتى يوق دىيەلمەيمىز.ئۇنىڭ سالغا چىقىشىدا،ئۇستازىغا،دۇسىتلارغا بولغان ئۇزىنى بېغىشلاش روھى قاتارلىقلاردا بۇنداق ئىلىمنىتلارنى ئوچراتقىلى بولىدۇ.
  ئۆزىنى مەركەز قىلىش،بۆگۆنكى كىشىلىرىمىزنىڭ تۈپ مېزانىغا ئايلىنىپ قالغىلى تۇردى.تۇۋەندىكىسى تازا تىپىك مىسال بولمىسىمۇ پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئىچىدە ئاز بولمىغان شۇنداق كىشىلەر باركى،ئۆيلەنمەكچى بولسا،قىزنىڭ خىزمىتى ۋە مائاشى بار-يوقلىغى،ئائىلىسىنىڭ باي ياكى كەمبىغەللىكى،نوپۇز- سالاھىيىتىنى ئالدى بىلەن سۈرۈشتۈرۈدۇ.بۇنداق كىشىلەر مۇھەببەت دۇنياسىدىكى زەيپانە كىشىلەر بولۇپ،ئۇلاردا فىزىلوگىيىلىك مەنىدىكى جىنىس باركى،روھى ھاللىق مەنىدىكى جىنسىيەت مەۋجۈت ئەمەس.ئولارنىڭ لوغىتىدە«مۇھەببەت» ۋە «ئائىلە»نىڭ ئەنئەنىۋى تەبىرلىرى بۇرمىلانغان بولىدۇ.ئۇلاردا بارى يوق نەرسە «ئۇزى»دىن ئىبارەت.بۇ «ئۇزى» بولسا جىسمانى مەۋجۇتلۇق ۋە بۇ جىسمانى مەۋجۇتلۇقنىڭ بېخەتەرلىگى،ھۇزۇر-ھالاۋىتىنىلا قوغلىشىدىغان روھ ۋە پائاليەتلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت.مانا بۇنداق كىشىلەر تىپىك زەيپانە كىشىلەر بولۇپ،ئۇلاردىن«قەھىرمانلىق»نى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس.ئۇلار«قەھىرمانلىق»قىلسا پەقەت خۇسۇسى مەنىدىكى «ئۇزى» ئۈچۈن قىلىدۇ.ئۇلار سىرىتتىن ئالىدۇ - دە،ھېلىقى تارمەنىدىكى«ئۇزى»گە بېرىدۇ،ئۇزى مەۋجۆت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىجتىمائى توپقا بولسا بىر نەرسە بېغىشلىيالمايدۇ. ئۇلاردا «قەھىرمانلىق»نى ئۇزۇل-كېسىل يوق دىيىشكە بولمايدۇ،ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ «قەھىرمان»لىقى،مەيلى نىمىنى بەدەل قىلىپ بولسىمۇ تار مەنىدىكى«ئۇزى»نىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىش.ئۇلارنىڭ لوغىتىدە«ئېلىش» قەھىرمانلىق،«بېرىش» بولسا جىنايەت ۋە زەيپانىلىقتۇر. تارىخ بىزگە شۇلارنى ئەسكەرىتكەنكى،تارمەنىدىكى «ئۇزى»نىلا مەركەز قىلىدىغان بۇنداق كىشىلەر،«ئۇزى» ئۈچۈن ھەرقانداق شەرتلەرنى قوبۇل قىلىدىغان بۇنداق كىشىلەر ھامان ئىجتىمائى توپنىڭ مەنپەئەتىنى قوربان قىلىش،ياكى ئۇنىڭغا خىرىس قىلىش رولىنى ئويناپ كەلدى.
    مەمتىمىن ھوشۇر«سالچىلار»دا بىزنىڭ ئونتۇلۇپ كىتىۋاتقان ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىمىزنى يادىمىزغا سالغاندەك قىلىدۇ.ۋۇجۇدىدا ئادىللىق تۇيغۇسى پۇتۇنلەي ئۇلۇپ كەتمىگەن كىشىلەرگە ئايانكى،بىزنىڭ «قەھىرمانلىق» ھەققىدىكى قاراشلىرىمىز بۇرمىلىنىپ كەتتى ۋە بۇرمىلىنىپ كىتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ،بىزنىڭ«سالچى»لىرىمىزنىڭ «قەھىرمانلىق» ھەققىدىكى ئەقەللى ستىخىيىلىك مېزانلىرى بۇنداق ئەمەس ئىدى.بىز چىن مەنىسىدىكى«قەھىرمان»لارنى «ئەقىلسىز »،«زەيپانە»،«مەغلۇبىيەتچى» كىشىلەر دىگەن قاراشقا بارغانچە مايىل بولماقتىمىز.ۋۇجۇدىدا قۇۋان ئەزمىچىلىكمۇ جاسارەت يوق كىشىلەر(ئۇنىڭ سالغا چىقىشىنىڭ ئۇز بىر قەھىرمانلىق،ئەلۋەتتە)«قەھىرمان»غا ئايلانماقتا. رىياللىق بىزنى«قەھىرمانلىق»ھەققىدە قايتا ئويلۇشۇشقا قىستىماقتا.بىز بۇ نۇقتىغا جىددى مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.قەھىرمانلىقنىڭ مەۋجۇت تەرتىپلەرگە بولغان ئىسيانكارلىق ئىكەنلىگىنى،بۇ مەۋجۇت تەرتىپلەر بولسا يالغۇز سىياسى دۇنياغىلا مەنسۇپ بولماستىن ،ئىجتىمائى ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە مەنسۆپ ئىكەنلىگىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك.مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا قەھىرمانلار ئاز ئەمەس. قەھىرمانلىق ياكى قەھىرمانلىق ئىلىمىنىتلىرى چۈشۈنىلىشى،قەدىرلىنىشى،بايقىلىشى ،پەرۋىش قىلىنىشى كېرەك.ھەممە ساھالەرنىڭ دىگۇدەك ئۇز قەھىرمانلىرى بولىدۇ.سىز پەقەت ئۇزىڭىز تەلپۇنگەن بىرەر ساھەنىڭلا قەھىرمانلىرىنى ئىتراپ قىلسىڭىز ئىلمىي ھەم ئادىل بولمايدۇ.ھەممە ساھەگە قەھىرمان كېرەك.

                                                                   5

  «ئەخلاق دىگەن نىمە؟» بۇ ئىنسانىيەت مەڭگۇ ئىزدىنىدىغان سوئال. بىر مەھەل«سىنىپى ئەخلاق»⑤داۋرىڭى بازار تاپتى.مۇئەييەن نۇقتىلاردا «دىنى ئەخلاق» ئەڭ ئۇزۇن ۋە ھازىرغىچە نوپۇزلۇق ئۇرنىدىن ئايرىلىپ باققىنى يۇق،ھەتتا دىنى ئەخلاق ئىنسانىيەت ئېتىكىسىنىڭ بۇشۇگى بولۇپ كەلدى. ئەخلاقشۇناسلار«ئەخلاق»نىڭ نىمىلىگى ھەققىدە ناھايتى نۇرغۇن ۋەسىقىلەرنى قەالدۇردى.ھازىرغىچە «ئەخلاق» نىڭ مۇكەممەل،ھەممە ئورتاق ئىتىراپ قىلىدىغان ئىنىقلىمىسى مەيدانغا كەلمىدى.بۇ تېمىنىڭ ۋەزىپىسى ئەخلاق ياكى ئىستىتېكا مەسىلىلىرى ئۇستىدە ئىلمى نۇقتىدىن مەخسۇس توختۇلۇش ئەمەس.پەقەت«سالچىلار» رومانىدىكى بەزى پىرسۇناژلارنى(پىروتۇتىپلارنى ھەم)«ئەخلاقسىزلىق»تا ئەيىپلەشكە يىتەرلىك ئاساسىمىز بارمۇ-يوق،دىگەن سوئال ئۈستىدە ئانچە- مۇنچە ئىزدىنىپ كۆرۈش.
ئەخلاقى مەجبۇرىيەتلەر ئىتېكا تارىخىدا دەسلەپ شەخىسلەرنىڭلا ئۇتەشكە تېگىشلىك بۇرچى دەپ مەيدانغا كەلگەن.تەدرىجى ھالدا كەسپى ئەخلاق نۇرمىلىرىغا قاراپ تەرەققى قىلىشقا باشلىدى،مەسىلەن: دۇختۇرلۇق،ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى دىگەندەك.لېكىن ،ئەڭ مۇھىم بىر ساھە ئۇزىنىڭ ئەخلاقى بۇرۇچلىرىنى نەزەريىۋى جەھەتتىن تونۇپ يەتكىنى،تۇرغۇزغىنى يوق،ئۇ بولسىمۇ سىياسى.«سىياسى ئەخلاقشۇناسلىق- سىياسى ئېتىكا» تۇرغۇزۇلمىسا ياكى سىياسى جەھەتتىكى ئەخلاقى نۇرمىلار تۇرغۇزۇلمىسا،جەمىيەتنى«ئەخلاق كىرزىسى» قاپلاپ كېتىدۇ.ئەخلاق ھەققىدىكى تەشەببۇسلار ئادەم ئالدايدىغان قۇرۇق نەرسىگە،شۇ تۈپەيلى، ماھىيەتتە ئەخلاقسىزلىققا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. ئادىللىق، بارەۋەرلىك، لەۋزىدە تۇرۇش... قاتارلىق ئەخلاق كاتىگۇريىلىرىنى سىياسىغا تەدبىقلىماسلىققا  كۇرسىتىدىغان ھىچقانداق باھانىمىز يوق. كەسپى، خۇسۇسى، سىياسى، ئومۇمى ئەخلاق ئۇلچەملىرى ئۇز ئارا ئورگانىك بىر گەۋدە سۇپىتىدە ئويۇشالىغاندىلا ئاندىن ئەخلاق كىرزىسلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.سىياسىنىڭ ئەخلاق رامكىسىدىن سىرىتتا قىلىشى ئىنسانىيەت بىشىدىن كەچۈرگەن پاجىئەلەرنىڭ تۇپ سەۋەپلىرىنىڭ بىرى. سىياسى كۇپ ھاللاردا ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگە بويسۇنمايدىغان بېشەم نەرسە بولغانلىغى ئۈچۈنلا گىتلىر مەيدانغا كىلىپ«كىشىنىڭ ھەققى» گە خىرىس قىلالىدى،گىتلىرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىتېكا،ئىستېتىكا قاتارلىق ساھەلەردا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۆرگەن بۇ «پەلسەپىۋى مىللەت»نىڭ يۇزىنى قارا قىلىپ قويدى.ئەينى ۋاقىتتىكى گىرمانىيە گىتلىرغا تىز پۈككىنىدە ھەم چىن مەنىسىدىكى قەھىرمانلىقتىن،ھەم چىن مەنىسىدىكى ئەخلاقتىن  ئايرىلىپ قالغان ئىدى.كانت،گېگىلدەك بۇيۇك مۇتەپەككۆرلەر بۇ ۋاقىتتا قەبرىسىنىڭ ئىچىدە يىتىپ تۇرۇپ،قانچىلىك ئازاپلانغان بولغىيدى-ھە؟! بىزمۇ ھازىر دۇلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشتىن باشقا ئەخلاق بىلەن باشقۇرۇش تەشەببۇسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىۋاتىمىز⑥.نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ تەشەببۇس بىر سىياسىنىڭ ئەخلاققا تۇتقان پۇزىتسىيىسىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ«سىياسى ئەخلاقشۇناسلىق»نىڭ زۇرۇرلىگىدىن دىرەك بەردى.ئارىستوتىلنىڭ«ئادەم سىياسى ھايۋان» دىگەن تەبىرىنى مۇئەييەن مەنىدە ئىلمى قىممەتكە ئىگە دەپ قارىغان ئەھۋالدىمۇ،«سىياسى ئەخلاقشۇناسلىق» ئاللىقاچان كۈن تەرتىپكە قويۇلدى.لىكىن،زىيالىلار قاتلىمى بۇ «يىشىل چىراق»تىن ئىلھاملىنىپ، ئۇزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ھازىرغىچە قىلغىنى يوق.مۇبادا سىياسى ئادەمنى «ئەخلاقسىز»بولۇشقا مەجبۇرلىسا،سىز قوپۇپ ماھىيىتى ئۇزىڭىزگىمۇ رۇشەن بولمىغان «ئەخلاق ئۇلچەملىرى» ۋە ئەخلاقى دەۋەتلەر بىلەن ئازاپلىسىڭىز بۇ ئىلمى ۋە ئەخلاقى ھادىسە بولماي قالامدۇ-قانداق؟!.چۈنكى،«زۇلۇم سىلىش» ئەزەلدىنلا غەيرى ئەخلاقى ھادىسە دەپ قارىلىپ كەلگەن .بۇ يەردە ئىنسانلار مەلۇم نۇقتىدا ئەخلاقلىق بولغىنى بىلەن دەل شۇ «ئەخلاق»يەنە بىر نۇقتىدا ئەخلاقسىزلىق بولۇش قىسمىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.مىنىڭ بۇ تېمىغا يۇقۇرقىلارنى قىستۇرۇشۇمدىكى سەۋەپ،تارىخى ۋە رىيال شەخىسلەرنىڭ«ئەخلاقى»غا باھا بەرگەندە ئىلمى ۋە ئەتراپلىق بولۇشنى ئەسكەرتىش.سېيىت نۇچىنىڭ «ئەخلاقى»بىلەن سۇڭجاڭنىڭ «ئەخلاقى»بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە قىممەتكە ئىگە،لىكىن باشقا بىر نۇقتىدىن ئەخلاقسىزلىق بولىشىمۇ تەبىئى.دىمەكچىمەنكى،ئورتاق،بىرلىككە كەلگەن ئەخلاق قاراشلىرىنى مەيدانغا كەلتۇرمەي تۇرۇپ ئېلىپ بىرىلغان ئەخلاقى دالالەت ۋە تەنقىتلەرنىڭ ئىلمى بولىشى ناتايىن.يەنى،«سالچىلار»نى ئەخلاق نۇقتىسىدىن دۇمبالاشنىڭ ئاساسلىرى يىتەرلىك ئەمەس.مىنىڭ ئېتىكىلىق ئۇلچىمىمدە «ئەخلاق» ئالدى بىلەن ئېلىش ئەمەس،ئەكسىچە بېرىشتۇر.تار مەنىدىكى «مەن»گە نىسبەتەن ئىتقاندا «ئېلىش»نىلا ئويلاش غەيرى ئەخلاقى ھادىسە ھىساپلىنىشى كېرەك.
    خەۋىپ خەتەرگە دادىل يۆزلەنگەن بۇ «سالچىلار»نىڭ قەھىرمانلىقىنى ،ھەقلىق رەۋىشتە«قەھىرمانلىق»نى تۇر ۋە قاتلاملارغا ئايرىش ئارقىلىق تېپىپ ئالالايدىغىنىمىزدەك،ئۇلاردىكى ئەخلاقى جۇلالارنى كۇز ئەينەك ئالماشتۇرۇپ باقساق رۇشەن كۇرۇپ يىتەلەيمىز.بۇ كۇز ئەينەك- ئەخلاق ھەققىدىكى قاتمال،قېلىپلاشقان،كونىرىغان،ھېسسى بولغان،رىياللىقنى مۇپەسسەل ۋە ئادىل كۇزۇتۇش ئىقتىدارىغا ،سىستىمىلىق ئىلمى نەزەريىۋى ئاساسقا ئىگە بولمىغان بوۋا مىراس كۆز ئەينەكلەرنى ئىسلاھ قىلىش،يېڭىلاش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. كىلاسسىك ئىتېكا ئۇقۇملىرى نۇقتىسىدىن نەزەر سالساقمۇ،«سالچىلار»نىڭ پىرسۇناژلىرىنى ئەخلاقلىق كىشىلەر دىيىشكە يىتەرلىك ئاساسلىرىمىز بار.مەن ئۇلارنى ھەرگىز ئەخلاقى جەھەتتە مۇكەممەل كىشىلەر دەۋاتقىنىم يوق.بۇ يەردە«مۇكەممەللىك»نىڭ نىمىلىگىنى،ئۇنىڭ مۇمكىن بولىدىغان،رىيالىققا ئايلىنالايدىغان نەرسە ياكى ئەمەسلىگىنى ئالدى بىلەن ئويلۇشۇش كېرەك.دەرۋەقە، بۇ سالچىلاردا نۇقسان يوق ئەمەس،ھالبۇكى ئۇلار ئەشۇ نۇقسانلىرى بىلەن چىن،گۆزەل ۋە پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئىبارەت.مۇكەممەللىك ھەرقاچان ئىنساننىڭ ئىدىيال دەرىجىسىدۇر.ئىنسان مەڭگۈ ئۇز ئىدىيالىنى ئىزدەيدۇ،لىكىن مەڭگۈ ئۇز ئىدىيالىغا يىتەلمەيدۇ. ئۇ بۇنداق مەڭگۈلۈك سەپەردە غايىۋى مەنزىللىرىنىڭ جۇزئى ئۆتەڭلىرىدە قونۇپ ئۇتىدۇكى،يەنىلا ئۇز ئىدىيالىنىڭ قورشاۋى ئىچىدە،ئۇز ئىدىيالىغا چەكسىز تەلپۈنىپ ياشايدۇ. مانا بۇلار ماتىماتىكىدىكى لېمىت ئۇقۇمىنىڭ ئىجتىمائى ئىستېتىكىدىكى ئىپادىلىنش شەكلىدىن ئىبارەت. دىمەك ،مۇكەممەللىك قوغلۇشۇشقا، چاقىرىق قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشقا تىگىشلىك نىدا. لىكىن،رىيال ئىنساندىن مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىش ئىلمى بولمىغان«ئەدەبى تەنقىت دونكىخۇتچىلىقى»دىن ئىبارەت. بۇ يەردە، ۋېناسنىڭ بىر قولىنىڭ يوق بولىشى ئۇنىڭ گۆزەللىگىگە تەسىر يەتكۆزەلمىگەنلىگىنى،غەرىپ دۇنياسىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەلقىنلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىغىنى ئەسكە ئېلىپ ئۇتسەك كۇپايە.
    سالچىلار«سالچىلىق»دىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە ئۇزىنى بېغىشلىغىنىدا،ماماتقا تەۋەككۇل قىلغىنىدا بەزى ئىتىېكا شۇناسلار تەشەببۇس قىلغان «مەجبۇرىيەت ئېىتىكىسى» نىڭ ئەخلاق نورمىلىرىنى قانائەتلەندۈرىدۇ. «ئېلىش» ئەمەس،«بېرىش» ئۇلارنىڭ ئەخلاقى قارىشى ۋە ھەركەتلىرىدە رۇشەن ئەكىس ئەتكەن.ۋاپادارلىق، سادىقلىق، يۇز-خاتىرە قىلىش قاتارلىقلار كىلاسسىك ئىتېكا ئۇقۇملىرى، ئەنئەنىۋى ئەخلاق نۇرمىلىرىدىن ئىبارەت. قۇۋان ئەزمە سەمەت نۇچىنىڭ يۇزىنى قىلىپ ئۇلۇمگە تەۋەككۆل قىلىپ سالغا چىققىنىدا مۇشۇ يۇز-خاتىرە قىلىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئەخلاق دالالىتىنىڭ قۇربانى بولۇشنى تاللىغان. ئۇنىڭ ئۇمەر مەدداھقا بولغان سېغىنىشلىرىدا «سادىقلىق»تىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئەخلاق نۇرمىسىنىڭ نۇرى جىلۋە قىلىدۇ.ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇش،ئادىل ۋە جاسارەتلىك بولۇش ئوخشاشلا ئېتىكىلق دالالەتلەردىن ئىبارەت.سەمەت نۇچىنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىدىن بىز بۇنداق ئەخلاقى  جىلۋىلەرنى كۇپلەپ ئوچرىتالايمىز.

                                                                 6

     «سالچىلار»نىڭ غىدىغلىشىدىن قوزغالغان تەسىرات،كۇزقاراشلىرىم يۇقۇرقىلار بولۇپ، ھاسىلاتلىرىمنى تۇۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
    1.مىللىتىمىزنىڭ ئىتېكىلىق،ئىستېتىكىلىق،تىئولوگىيىلىك،پولتېكىلىق قىممەت قاراشلىرىغا، روھى ،ئىجتىمائى دۇنياسىغا ئائىت ئىلمى يەكۈنلەرنى،ئىلمى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇش ئەڭ جىددى خىزمەت.بۇنداق نەتىجە ،بۇنداق يەكۈنلەر بولمىسا ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدچىلىكى ھامان بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالى بولالمايدۇ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ.مىللى رىياللىق قىممەت قاراشلىرى جەھەتتىكى خاسلىقنى شەرت قىلىدۇ. خاسلىق –سەنئەتنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنىڭ بىرى.بىز ئۇزىمىزنىڭ تەنقىت تىلى ۋە تەنقىت ئۇلچەملىرىنى تورغۇزۇپ چىقىشىمىز، تىپىپ چىقىشىمىز كېرەك.
   2.چەتئەللەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەريىسى قاتارلىقلاردىن ئىجادى ۋە تەنقىدى پايدىلىنىش كېرەك،ئۇنداق بولماي ئەينەن كۇچۇرۇپ كېلىنسە ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى،بەدىئى ھاياتى پىرۇگىراممىلىنىش تەقدىرىگە ،مەدەنيەت ئاستىمىلاتسىيىسىنىڭ تەسىرىگە دوچ كېلىدۇ.ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ رەڭدارلىقى ۋە خاسلىغىنى قولغا كەلتۇرۇش خاس قىممەت قاراشلىرىنى تەلەپ قىلىدىغان نەزەريىنىڭ تۇرغۇزۇلىشى ۋە يىتەكلىشىگە مۇھتاج. نىسبى مەنىدە«نەزەرىيە ئىنقىلابى» ۋە نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئىلىپ بىرىش كېرەك. ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۇزلىرى تەۋە بولغان ئىجتىمائى توپنىڭ بەدىئى،ئىجتىمائى قىممەت قاراشلىرى،رىياللىقى ئاساسىدا تۇروپ،دۇنياۋى«...ئىزىم»لارنى ئۇزلەشتۇرۇشنى ئەڭ جىددى خىزمەت قاتارىغا قويۇش كېرەك.ئۇنداق قىلىنمىغىنىدا ئۇيغۇر بەدى ئىجادىيىتى بىلەن ئاتالمىش«ئۇيغۇر تەنقىتچىلىكى»ئوتتۇرىسىدا ئىككى قارىغۇنىڭ ھېكايىسىدەك كومىدىيىلىك مەنزىرە شەكىللىنىدۇ.ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى «باشباشتاقلىق»بىلەن ئۇزى بىلگىنىنى قىلىۋىرىدۇ.تەنقىت بولسا نەۋرىلىرىنى گىپىگە كىرگۇزەلمەي  غۇدۇڭشۇپلا يۇرىدىغان بۇۋاي،مۇمايلارنىڭ كۆنىگە قالىدۇ.
    3. سېتىفىن.ل.كارتىرنىڭ «گۇمانلىق مەدەنيەت _ ئامىرىكا سىياسىسى ۋە قانۇنىنىڭ دىنى ئىتقاتقا بولغان تەسىرى» دىگەن كىتاۋىدا ⑦دىن،ھاكىميەت،قانۇن،سىياسى قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى بىر قەدەر ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان.كارتىر تۇختۇلۇپ ئۇتكەن يۇقۇرقى ساھەلەرنىڭ «ئەخلاق» بىلەن بولغان زىچ باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكى ئازراقلا تەساۋۋۇر ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەرگە ئۇز-ئۇزىدىن مەلۇم. ئەخلاق دالالەتلىرى ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كېلىشى كېرەكمۇ ياكى زۇلۇممۇ؟،ئورتاق ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاقى مېزانلارنى چىقىش قىلىش كېرەكمۇ ياكى ھەممەيلەن ئۇزلىرىنىڭ ساھەسىنىڭ،ئۇز غايىلىرىنىڭ،ئۇز قىممەت قاراشلىرىنىڭ مېزانلىرىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەكمۇ؟،مانا بۇلار بىز ئويلۇشۇشقا تېگىشلىك نۇقتىلار.
   ھازىرقى زامان كىشىلىرى ناھايتى نۇرغۇن ئەخلاقى بىسىملار ئىچىدە،تىئولۇگىيىلىك بىسىملار ئىچىدە،خىلمۇ –خىل بىسىملار ئىچىدە ياشايدۇ.ئىنسانلارنىڭ فىزىلوگيىلىك تەلپۇنۇشلىرى روھى ھاللىق قىممەت قاراشلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.شەخىسنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن ئائىلە قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ.ئائىلىۋى ۋاپادارلىقلاردىن ئىجتىمائى غايىلىرى قۇربان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.مەھەللىۋى ۋاپادارلىقلاردىن دۇلەت ۋە مىللەت قۇربانلىق بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.دۇلەت ۋە مىللەتتىن پۇتكۇل ئىنسانىيەت قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ.بەندىنى خۇدا قۇربانلىق بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.تەبىئەت ئىنساندىن قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ.  مەن«ئەخلاقنىڭ ماھىيىتى ئېلىش ئەمەس-بېرىش»دىگەندە مۇشۇ نۇقتىنى كۇزدە تۇتقان.ھەممىسى«ئالىمەن» دەيدۇ، «بىرىمەن» دىمەيدۇ. نۇقول «ئېلىش»نى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش«ئەخلاق»،ماھىيەتتە غەيرى ئەخلاقى ھادىسىدۇر.بىز بۇ نۇقتىلار ئۇستىدە ئەستايىدىل ئىلمى ئىزدىنىشىمىز كېرەك.ئۇقۇملارنىڭ ئالماشتۇرۇۋىتىلىشى ۋە سۇيىئىستىمال قىلىنىشى بىزنى خىلمۇ-خىل زىدىيەتكە مۇپتىلا قىلىپ، مەنىۋى جەھەتتىن قاتتىق ئازاپلاپ تۇرماقتا.
    4.«سالچىلار» رومانى مۇئەييەن دائىرىدە دەۋىرنىڭ چىنلىغىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەردى.بۇ نۇقتىدا رومان چىنلىقنى تەكىتلەپ قەسەم ئىچىدىغان،ئەمما ئۇزى سېپى ئۇزىدىن يالغانچى بولغان بەزى ئەسەرلەرگە نىسبەتەن ئۇزىنىڭ گۇزەللىك ۋە ئەخلاقى پىرىنسىپلارغا سادىق بولغانلىغىنى ئىپادىلىدى.ئەگەر بۇ روماندا دومبالىغىدەك پىرىنسىپال نۇقسان بار دىيىلسە ئۇ ھالدا ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەرنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ ناھايتى كەڭ بولۇپ كەتكەنلىگى،ئۇزىنىڭ«ئالىجاناپ» ۋە «تەمكىن»لىگى تۇپەيلى سۇكۇتنى ئەلا بىلىپ كىلىۋاتقان بەزى كەسپى ساھە ۋە ژانىرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىغىمۇ چېقىلىپ قويغانلىقى ئۇنىڭ «نۇقسان»نى بولسا كېرەك.بىزدە ئۇلچەملىك رومان ئەندىزىسى بارمۇ؟،غەرىپتىن كىرگەن بۇ ژانىر ئۇيغۇر جەمىيىتىدە يەنىلا غەرىپنىڭ رومانغا قويۇدىغان تەلەپلىرىنى ئۆلۈك تەدبىقلىشى كېرەكمۇ؟.مىنىڭچە بۇنداق تەشەببۇس قوللاشقا ئىرىشىپ كېتىشى ناتايىن.بۇ يەردە مۇنداق ئىككى مەسىلە مەۋجۇت،بىرى غەرىپ ئۇز رىياللىقىغا ئاساسەن ئۇزىنىڭ ئىستېتىك،ئىتىكىلىق نەزەريە سىستىمىسىنى تاماملاپ بولغان،پەقەت ئىسلاھات ئېلىپ بىرىۋاتىدۇ.بىزدە ئۇنداق ئىلمى سىستىما شەكىللەنگىنى يوق.بىزنىڭ زىيالىلىرىمىز تېخى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان بۇنداق نەزەريىلەرنىڭ زۇرۇرلىگىنى ھېس قىلىپ يەتمىدى،ھېس قىلغانلىرى بولسىمۇ ئەمگەك قىلىپ ئورتاق قوبۇل قىلغىدەك بىرەر نەتىجىنى روياپقا چىقارغىنى يوق.قىلىۋاتقىنىمىز غەرىپ قىممەت قاراشلىرى ،ژانىر ئەندىزىلىرى ئارقىلىق ئۇزىنىڭ ئىجادى ئەسەرلىرىنى دومبالاش،خالاس! ئىككىنچىسى،غەرىپنىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار كەسپى ساھەلىرى ئۇزلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى قىلىپ كەلگەن.مەسىلەن غەرىپتە«سالچىلىق» ۋە «سال»دەك مۇشۇنداق ئاتالغۇلار ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار تۇرمۇش بار دەپ قارىساق، بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى غەرىپنىڭ ئېزاھلىق لوغەتلىرىدە،تارىخى بايانلىرىدا،پوبلىستىك ئەسەرلىرىدە يىتەرلىك تونۇشتۇرۇلغان بولىدۇ.بۇ ھالدا ،بەدىئي ئىجادىيەتچى ئۇز ئەسىرىدە بۇ تەكرارى خىزمەتلەر ئۈچۈن باش قاتۇرمىسىمۇ بولىدۇ.بىزدىچۇ؟،بىز ئاۋامغا ئانچە تونۇش بولمىغان بىر ساھەنىڭ بەدىئى كارتىنىسىنى ياراتماقچى بولساق ،بېچارە يازغۇچى  ھەممە ساھەنىڭ ۋەزىپىسىنى تەڭ ئورۇنلاشقا تىرىشچانلىق كۇرسەتمىسە بولمايدۇ.كىشىگە نەسىھەت قىلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغان ھىلىقى زىيالىلار بولسا ئۇزلىرىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك،ئەڭ زۇرۇر بولغان ئىشلارنى قىلمايۋاتقانلىغىنى ئويلاپمۇ قۇيماي تەنىقىت كالتىكى ئوينىتىدۇ!.كۇرۇنۇپ تۇرۇپتىكى،بەزى ئەسەرلىرىمىزنىڭ ئاخباراتلىشىپ كىتىشىنىڭ سەۋەپلىرى زىيالىلىرىمىزنىڭ يالقاۋلىغىنى مەنبە قىلىدۇ!.
    يۇقۇرقىدەك ئەھۋالدا «ئۇيغۇر رومانچىلىقى»ئۇستىدە ئەستايىدىل ئويلۇشۇش،ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئېنىقلىمىسى ئۇستىدە كاللا قاتۇرۇش بەكمۇ مۇھىم.سەنئەت كاتىگۇرىيسىگە مەنسۇپ بولغان بارلىق ئەسەرلەردە مىللى ،ئورگىنال خاسلىقلار بولىدۇ.سەنئەت پۇتۇن ئىنسانىيەت بىرلا قاراشقا ئىگە بولۇشقا تىگىشلىك تەبىئى پەن ساھەسى ئەمەس.سەنئەتتە ئۇزىمىز بولۇشىمىز كېرەك.ھەممە ساھەنىڭ ياكى نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۇتەپ قويۇشقا مەجبۇرلانغان بەدىئى ئەدەبىيات ،مانا مۇشۇنداق «چېپىلغاق» بولىدۇ ۋە شەرتلىك ھالدا«چېپىلغاق»بولىشى كېرەك!.
    خۇلاسە كالام،«سالچىلار» رومانى ۋە شۇ ۋەجىدىن كېلىپ چىققان تور،كۇچا ئوبزۇرلىرى بىر دەۋىر كىشىلىرىنى،بىر ساھەنى،زامانىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ بەدىئى ئەدەبىياتقا بولغان چۈشەنچە ۋە تەلەپلىرىنى ئەكىس ئەتتۇردى.بۇ ئومۇمى مەنزىرىدە بەك مۇپەسسەل بولمىسىمۇ ئاپتۇرنى ئۇز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرنىڭ،پىرسۇناژلارنىڭ،زۇقلانغۇچىلارنىڭ ۋە ئۇلار ياشىغان دەۋىرنىڭ ئەپتىنى كۇردۇق.مەنمۇ مۇشۇنداق بىر تېمىنى ئەركىن مونۇلۇگ شەكلىدە يېزىپ ئۇز ئەپتىمنى نامايەن قىلماقتىمەن.مىنىڭچە ئىستېتىك غايىلەر، مەۋجۇت بولغان ئىستېتىك رىياللىقلارنى چەتكە قاقمايدۇ،چەتكە قاقالمايدۇ ۋە چەتكە قاقماسلىغى كېرەك.بىزنىڭ بارىمىز شۇ ئىكەن،ئەينەكتىكى ئەپتىمىز شۇ ئىكەن.،ئالدى بىلەن ئەشۇ بارىمىزدىكى ئىستېتىكىلىق ،ئىتېكىلىق جۇلالارنى بايقىشىمىز،ئىككىنجى قەدەمدە غايىۋى مەنزىللەرنى ئويلۇشۇشىمىز كېرەك.ھالبۇكى تەشەببۇس قىلىنغۇسى بۇنداق ئىستېتىكىلىق،ئىتېكىلىق مەنزىللەر رىيال تۇرمۇشتا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولغان سىستېمىلىق پەلسەپەۋى لايىھە ئاساسىدا لايىھىلىنىشى زۇرۇر. «سالچىلار» ۋە ئۇنى مەركەز قىلغان زوقلۇنۇش جەريانى ئەپتىمىزنى ئۇزىمىزگە تونۇتتى.چىنلىقىمىزنى كۇزىمىزگە كۇرسەتتى.مانا بۇ روماننىڭ غەلبىسى.بىزنىڭ چىنلىقتىن مەمنۇن بولمىغانلىغىمىز،ئۇزىمىزنىڭ ئەپتىمىزنىڭ ئانچە نۇرانە ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتنى مەنبە قىلىدۇ.دەرۋەقە چىنلىق راستچىل ۋە رەھىمسىز بولۇدۇ.ئۇ يۇز خاتىرە قىلىشنى،ئارزۇلىرىمىزغا بېقىپ پەرداز قېلىپ چىقىشنى خالىمايدۇ.بىز يۇقۇرقىچە چىنلىقتىن ،رىياللىقتىن مەمنۇن بولمىغان ئىكەنمىز ئۇنى ئۇزگەرتىشنىڭ ئەمەلى قەدەملىرىنى باسساق بولىدۇ.بەدىئى ئەدەبىيات رىياللىققا تەسىر كۇرسەتمەيدۇ ئەمەس،تەسىر كۇرسىتىدۇ،لىكىن ئۇ رىياللىقنى ئۇزگەرتىشنىڭ ئاساسى ۋاستىسى ئەمەس.ھەممىنى بەدىئى ئەدەبىياتنىڭ بېجا كەلتۇرۇشىدىن ئۇمىت كۈتۈش ،ئەسىر –ئەسىرلەپ ھەر قايسى پەلسەپەۋى تارماقلاردا ئۇزىنى تاپالماسلىق،دىداكتىكىلىرىدا ئەقلى يۇكسەكلىك،مەنتىقى قۇدىرەت بولماسلىق قاتارلىقلار _ مانا بۇ بىزگە خاس رەھىمسىز،لىكىن ئەخمەقلىققە تويۇنغان چىنلىقتۇر!.
مەن «سالچىلار»غا ۋە شۇ تۇپەيلى قۇزغالغان غەۋغالارغا تەشەككۆر بىلدۇرىمەن.سەۋەپ ئۇلار مېنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۇزەمنى ئەسلىشىمگە تۇرىتكە بولدى.يۇقۇرقى تاقا –تۇقا مۇنۇلۇگلار بۇ ئەسلەشنىڭ خاتىرىلىرىدۇر.ئېھتىمال مەنمۇبىر«ساراڭ»دۇرمەن.«مەن كىم؟» بۇ بەكمۇ قەدىمى، لىكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەڭگۇ يېڭى سوئال بولسا كېرەك. «مەن كىم»نىڭ جاۋابى ئېنىق بولغاندىن كىيىنلا ئاندىن «كىم بولۇشۇم كېرەك؟»كە ئۇتۇمىز!...بەدىئى ئەدەبىيات ئالدىنقى سوئالنىڭ جاۋابىنى بىزگە تەقدىم قىلىشتا تىرىشچانلىق كۇرسۆتۆپ كەلدى،كىينكى سوئالنىڭ جاۋابى بەدىئى ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس،بەلكى ئالدى بىلەن ئىلمى ئەمگەكلەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر،ئەپسۇس،زىيالىلار قاتلىمى،ئالدىنقىسىنىڭمۇ ،كىيىنكىسىنىڭمۇ ئۇرتاق ئىتراپ قىلىنىدىغان ئىلمى جاۋابى ئۇستىدە ئەستايىدىل ئىزدەنگىنى ،تۇتامغا چىققىدەك نەتىجە قولغا كەلتۇرگىنى يوق! ئەقەللىسى،بىر مىللەتنىڭ بەدىئى ئەسەرلىرىنى شۇ مىللەتنىڭ ئورتاق مىللى ئىستېتىكىسىى،پەلسەپەۋى چۈشەنچىلىرى نۇقتىسىدا تۇرۇپ شەرىھلىيەلمىگەن، بەدىئى ئەدەبىياتىنىڭ نىمە بولۇشى لازىملىغى، زادى نىمىلىكى قاتارلىق سوئاللارغا ئىنىق جاۋاپ ھازىرلىمىغان ئەدەبىيات تەنقىدى، سۆيىئىستىمالچىلىق پاتقىغىغا ئاسانلا پېتىپ قالىدۇ!.


پايدىلانمىلار:

①.مەمتىمىن ھوشۇر:«سالچىلار»-شىنجاڭ ياشلار-ئۇسمۇرلەر نەشىرياتى 2012-يىلى 11-ئاي1- نەشىرى،1-بېسىلىشى.2توم.
②.كانىت:«ئەخلاق مىتافىزىكىسى پىرىنسىپلىرى».شاڭخەي خەلىق نەشىرياتى1986-يىلى 1ىەشىرى 1-بېسىلىشى.
③.نەزەر غۇجا ئابدۇسەمەت:«يورۇق ساھىللار»-ئالمۇتا يازغۇچىلار نەشىرياتى 1993-يىلى،ئۇيغۇرچە نەشىرى.163-بەت.
④.سۇلايمان قەييۇم:«مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىغا ئوچۇق خەت»،«شىنجاڭ مەدەنيىتى»ژورنىلى،2012-يىلى 6-سان.
⑤. «ئەخلاق«-م.روزېنتال.پ.يودىن:«قىسقىچە پەلسەپە لوغىتى»،مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىرى.2-تۇم1561-1564-بەتلەر.
⑥.«ئەخلاق بىلەن دۇلەت باشقۇرۇش»چۇشەنچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى.جۇڭگۇ كۇممۇنىستىك پارتيەسى ئاخبارات تورى.ئادىرىس:
http://dangshi.people.com.cn/GB/221024/221026/221625/15019450.htm
⑦.سېتىفىن.ل.كارتىر:«گۇمانلىق مەدەنيەت _ ئامىرىكا سىياسىسى ۋە قانۇنىنىڭ دىنى ئىتقاتقا بولغان تەسىرى»-جۇڭگۇ ياشلار نەشىرياتى، بىجىڭ 2012-يىلى 10-ئاي 1-نەشىر 1-باسمىسى208-بەت.

«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىلى 6-سانىدىن ئېلىندى.



ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالە ئىجازەت بىلەن يوللاندى. ھەرقانداق كىشىنىڭ باشقا تورلارغا چاپلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.





idraksoft

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  211
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 67
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 15:56:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1899
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 247
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 17:52:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ قەلىمى راستلا ئۆتكۈركەن....

ئىبراھىم.مۇختار سانغۇن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1508
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 880
تۆھپە : 2
توردا: 111
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-27

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 19:26:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ماقالە مۇئەللىپىگە بارىكاللا!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2948
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 20:03:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ئېيتىپ ‹‹تون كىيگۈزۇش››كېرەككەن ئەسلى!قۇرۇق گەپ سېتىپ ئوقۇرمەنىنى ئالدىغان ئوبزور ئىكەنغۇ .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 938
تۆھپە : 0
توردا: 159
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 20:40:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمكامنىڭ بۇ ماقالىسىنى ئوقۇپ بولۇپ‹‹ئۇھ...››دىدىم...
ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ماقالە بوپتۇ،مانا ئوبزۇر دىگەننى موشۇنداق يازمامدۇ!...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2502
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 607
تۆھپە : 0
توردا: 346
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 20:41:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆستەڭ يوللىغان ۋاقتى  2013-6-12 20:03
بارىكاللا ئېيتىپ ‹‹تون كىيگۈزۇش››كېرەككەن ئەسلى!قۇرۇ ...

رەھمەت،ئەيىپلىرى بولسا دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويساڭلار مىھمان قىلىمەن،دەلىلسىز ھېسياتىنى ئىپادىلىگەنلەرنى سۆيىمەن.لىكىن....
،دەلىل؟،مانا بۇ بىز مەڭگۆ ئۇچرايدىغان سوئال.ئەدەبىيات ئالاھىدە ھادىسە ئەمەس،ئۇ ،تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى.
بىر گەپنى ئەسكەرتىپ قوياي،ھەر بىر ئىنكاسقا بىر مۇ -بىر جاۋاپ بېرەلمەيمەن.تىللايدىغانلارغىمۇ،ماختايدىغانلارغىمۇ پەرۋا قىلمايمەن.پەرۋا قىلىدىغىنىم ماڭا پەلسەپە ئۆگەتكەن ئاددى بىر دېھقان.ئەپسۇس،ئۇئۆلۆپ كەتتى!....گىپىم تۆگـىمىدى.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-12 21:22  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2948
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 20:49:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹سالچىلار››رومانىنىڭ كەمچىلىكى توغرسىدا ئۆتكۇر تەنقدچى يالقۇن  روزى ناھاتتى لىلا گەپ قىلغان ئىدى،شۇ بىر قاتار تەنقىدنىڭ كۈچىنى ئاجىزىلىتىش ئۈچۈن بىر قىسم كالتە پەم تەنقىدچىلەر ‹‹داپقا چۇشكەن ماياقتەك ›› تىرە تاراقشىتىپ ،ئۆزى بىلگەن سەنەمگە ئۇسىسۇل ئويناپ ؛توپ ھاسىل قىلىپ ‹‹ھەقىقىەت ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ››دېگەن ئاتىلار سۆزىنى ئېسىدىن چىقىرىپ  ،قانچە كۆپ گەپ قىلساق  ‹‹سالچىلار››رومانىنىڭ  كەمچىلىكىنى تۈگۈتىمىز دەپ ‹‹ئاينى ئېتەك بىلەن ياپماق››چى بولۇۋاتىدۇ ؛‹‹قۇلاقنى ئېتىپ قوڭغۇراق ئوغۇرلىغلى بولمايدىغانلىقنى ›› ،ھامان رەسۋا بولدىغا نلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  545
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 615
تۆھپە : 0
توردا: 136
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 21:24:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىلى سۇلتانلىغى»،«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى»قاتارلىق زور ۋەقەلەرنىڭ بەدىئى كارتىنىسىنى يارىتىش «سالچىلار» رومانىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2502
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 607
تۆھپە : 0
توردا: 346
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 21:24:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆستەڭ يوللىغان ۋاقتى  2013-6-12 20:49
‹‹سالچىلار››رومانىنىڭ كەمچىلىكى توغرسىدا ئۆتكۇر تەنق ...

مەسىلەن،قەيىرىدەشۇنداق،بەلكىم مەن خاتالاشقاندۇرمەن.دەلىل كۇرسەتسەڭ سىنى ئۇستاز توتىمەن!. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-12 21:26  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2502
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 607
تۆھپە : 0
توردا: 346
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 23:53:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆستەڭ يوللىغان ۋاقتى  2013-6-12 20:49
‹‹سالچىلار››رومانىنىڭ كەمچىلىكى توغرسىدا ئۆتكۇر تەنق ...

مەسىلەن؟.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2502
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 607
تۆھپە : 0
توردا: 346
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 02:10:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆستەڭ يوللىغان ۋاقتى  2013-6-12 20:49
‹‹سالچىلار››رومانىنىڭ كەمچىلىكى توغرسىدا ئۆتكۇر تەنق ...

ھەي بالا،گىپىڭنى ئۇچۇق دىگىنە،چاتاق نەدە؟،يالقۇن روزى بەلكىم سەن يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدىن تارتىپ مەن بىلەن «'ئىلپەت»تۇر.ئادرىسىڭنى ئىنىق قالدۇرۇپ قوي،يالقۇن ئىككىمىز چىيىڭنى ئچكىنى بارىمىز.يىراق بولسا كىرانى كۆتىرىسەن.

چاتاق زادى قەيەردە،بۇ تېمىنىڭ يالقۇن بىلەن نىمە مۇ ناسىۋىتى بار؟.ئۇچۇق دىمەمسەن!.
يەنە پاكىت كۆرسەتمىسەڭ مەن ساڭا ئۇيغۇر تىلىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولىمەن!.

ساڭا خەت قالدۇرۇپ قويدۇم،قارا،مانا:

قەيەردە چاتاق بار ؟دىمەمسەن ھەي،سونۇر!.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 02:12  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 938
تۆھپە : 0
توردا: 159
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 09:13:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاينىمىڭ قاسىمكا،قۇسۇرچىلار شۇنداق دەيدۇ.ئۇلار پاكىتمۇ كۆرسۈتۈپ بېرەلمەيدۇ،سىز پاكىت كۆرسەتسىڭىز خۇددى بەز يىگەن مۆشۈكتەك كۆزىنى يۈمىۋالىدۇ.ئۇنداقلارنىڭ ھالىغا ۋاي!...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 751
تۆھپە : 0
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-27

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 10:39:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق غوۋغالىرى ، چۇقانلىرى ، قۇسۇرچىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ سىھرى كۈچىنى يوقاتمايدۇ . خۇدا ساقلىسۇن ، جىمجىت ئەدەبىياتتىن ... ‹‹ ئۆستەڭ›› نىڭ قاسىمكامغا ئەركىلىشىنىمۇ ئەدەبىيات دەپ چۇشەنسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ دەپ قارايمەن . ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنكاسىدىمۇ ‹‹ سالچىلار ›› نى تېخى تولۇق ھېس قىلمىغانلىقى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ . بۇ ئۇنىڭ  خۇددى ئۆزى ئىشلەتكەن ماقال تەمسىللىرىدەك ئىش قىلغىنىنى ئەمدى بىلىدۇ . چۈنكى ، دەلىلى يوق پىكىر  سۈ ئۇستىدىكى كۇپۇككە ئوخشايدۇ ، بۇنىسى ئۇنىڭغا ئايان . ھازىر بىزدە 300 گە يېقىن رومان ئىلان قىلىندى . لېكىن ، ئوبزورچىلىرىمىز نېمە ۋەجىدىكىن كۆزىنى يۇمىۋالدى ، ھەتتا گاھى بىر ئاپتورلارنىڭ ئوننەچچە رومانى ئىلان قىلىندى ، بېرەرسى ‹‹ سالچىلار ››دەك ئىنكاسكا ئىگە بولمىدى . بۇ مېنىڭچە ، ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ... دېمەك ، ‹‹ سالچىلار ›› نىڭ مېنىڭچە بەختى باركەن دەپ قارايمەن . ئەدەبىيات ئاشۇنداق قىزغىنلىق ئىچىدە مەڭگۈ ئۆز سېھرى كۈچىنى يوقاتمايدۇ ، ھەممىڭلارنىڭ ئىلمىلىك ئىچىدە پىكىر قىلىشىپ ، تورىمىزنى جانلاندۇرۇشىڭلارغا تىلەكداشمەن ...

شېىئر مېنىىڭ ئاسمىنىم ...!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  181
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 86
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 11:10:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆستەڭ ئەپەندىم  ئىنكاسىڭىزدا  مۇنداق بىر قانچا پاراڭنى قىلىپسىز. مەن شۇ ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى بىلسەم دەيمەن.
1، سىز ئىنكاسىڭىزدا ‹‹ھەقىقىەت ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ›› دەپسىز.  بىراق مېنىڭ چۈشەمدىكى نەزىرىمدىكى ‹‹ھەقىقىەت ئىگىلمەيدۇ ھەم سۇنمايدۇ، ئىگىلسىمۇ سۇنسىمۇ ئوخشاشلا ھەقىقەت بولالمايدۇ.›› ‹ھەقىقەتنىڭ ئىگىلىشى›بولسا بىر قىسىم نومۇسسىزلارنىڭ ھەقىقەتنى ‹ئىگىپ›ئۆز ئىھتىياجىغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەتقىلدۇرۇشىدىن ئىبارەت.‹ھەقىقەتنىڭ سۇنۇشى›بولسا ھەقىقەتنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.  ئۇنداقتا سىزچە قانداق ھەقىقەت ئىگىلىدۇ؟ قانداق ھەقىقەت ئىگىلمەيدۇ؟ ئاساسىڭىز ۋە ئۆلچىمىڭىز نېمە؟ بۇنى سىز قانداق چۈشەندۈرۈسىز؟ بۇ مەسىلىگە مېنىڭ قارىزىم باشقىچىرەك.

ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات؛ ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم -بەختىمنىڭ بىر قىسمى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش