|
ۋاقىتنىڭ ھارۋىسى
ئايقۇت
ۋاقىت
ھامان بىر كۈنى
ئېلىپ كېتىدۇ سېنى
ھارۋىسىغا سېلىپ.
ئىلاجىم يوق
يولدىكى تېرەكلەردەك
قاراپ تۇرۇشتىن باشقا.
ئاندىن
ھېچ ئىش بولمىغاندەك
ياشاۋېرىمەن
گۆھىرىمنى ئۇرغانچە تاشقا.
گۈللەر سۆزلىمەس
يامغۇرلار ياغماس
ئەمدى سۆيگۈنى قىياس قىلغىلى بولماس
لېكىن مەن يەنىلا ياشايمەن
مەي بولغان ئازاپلىرىمغا چىلىشىپ
ئەسلىمە دەرەخلىرىنىڭ
شاخلىرىغا ئىلنىشىپ
ئۇپراپ...چېقىلىپ.
ۋاقىت ھارۋىسىنى تاراقلىتىپ
ئېلىپ كىلەر يەنە
ناتونۇش ئازابلارنى
قەلبىمنىڭ داتلاپ كەتكەن ئىشىكلىرى
جالاقلاپ ئېچىلار ياكى ئېچىلماس...
قېرىپ كەتكەن ۋاقىت
ئۇخلاپ قالغاندا
ئاق چاچلىرىمنى ئايغا قالدۇرۇپ
قېتىلارمەن مەنمۇ تۇپراققا.
Time’s Cart
Time
Will take you away
One day, after all
I have no way
Except watching
Like poplars beside the road.
Then
I will pretend—
Nothing had happened,
With striking my gem against a stone.
Flowers are not telling,
Rain is not coming.
There no more love could be imagined.
But I am living, still
With soaking in my ripe anguish
Snagging on
The branch of memories tree.
Deteriorating….
And smashing.
But the time
Driving its clattering cart,
Will bring me again,
Unknown anguishes.
But my heart’s rusted doors,
Will be opened, or not, with bang….
When the aged time
Fall asleep
Leaving my snow white hairs to the moon
I will enter embrace of the earth….
بۇ شېئىرنى بۇرۇن بىر سېڭلىم تەرجىمە قىلغان ئىدى، بۈگۈن خاتىرىلىرىمنى ۋاراقلاۋېتىپ قولۇمغا چىقىپ قالدى. قېرىنداشلارنى كۆرۈپ باقسۇن دېگەن مەقسەتتە يوللىدۇم.
|
|