جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 970 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 279|ئىنكاس: 2

ئايقۇت: ۋاقىت (ئىككى خىل تىلدا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1098
تۆھپە : 139
توردا: 228
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:17:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىتنىڭ ھارۋىسى


ئايقۇت



   ۋاقىت

ھامان بىر كۈنى

ئېلىپ كېتىدۇ سېنى

ھارۋىسىغا سېلىپ.

ئىلاجىم يوق

يولدىكى تېرەكلەردەك  

قاراپ تۇرۇشتىن باشقا.

ئاندىن

ھېچ ئىش بولمىغاندەك

ياشاۋېرىمەن

گۆھىرىمنى ئۇرغانچە تاشقا.

گۈللەر سۆزلىمەس

يامغۇرلار ياغماس

ئەمدى سۆيگۈنى قىياس قىلغىلى بولماس

لېكىن مەن يەنىلا ياشايمەن

مەي بولغان ئازاپلىرىمغا چىلىشىپ

ئەسلىمە دەرەخلىرىنىڭ

شاخلىرىغا ئىلنىشىپ

ئۇپراپ...چېقىلىپ.

ۋاقىت ھارۋىسىنى تاراقلىتىپ

ئېلىپ كىلەر يەنە

ناتونۇش ئازابلارنى

قەلبىمنىڭ داتلاپ كەتكەن ئىشىكلىرى

جالاقلاپ ئېچىلار ياكى ئېچىلماس...

قېرىپ كەتكەن ۋاقىت

ئۇخلاپ قالغاندا

ئاق چاچلىرىمنى ئايغا قالدۇرۇپ

قېتىلارمەن  مەنمۇ تۇپراققا.



Time’s Cart



Time

Will take you away

One day, after all

I have no way

Except watching

Like poplars beside the road.

Then

I will pretend—

Nothing had happened,

With striking my gem against a stone.

Flowers are not telling,

Rain is not coming.

There no more love could be imagined.



But I am living, still

With soaking in my ripe anguish

Snagging on

The branch of memories tree.

Deteriorating….

And smashing.



But the time

Driving its clattering cart,

Will bring me again,

Unknown anguishes.

But my heart’s rusted doors,

Will be opened, or not, with bang….

When the aged time

Fall asleep

Leaving my snow white hairs to the moon

I will enter embrace of the earth….



      بۇ شېئىرنى بۇرۇن بىر سېڭلىم تەرجىمە قىلغان ئىدى، بۈگۈن خاتىرىلىرىمنى ۋاراقلاۋېتىپ قولۇمغا چىقىپ قالدى. قېرىنداشلارنى كۆرۈپ باقسۇن دېگەن مەقسەتتە يوللىدۇم.


كۈرەش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 13:00:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 229
تۆھپە : 6
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 19:30:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      يەڭگىل چىققان، ئەزگۈ ھېس-تۇيغۇلارغا تويۇنغان ياخشى شېئىر ئىكەن، ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم، تەشەككۈر، يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش