ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆلچىمى توغرسىدا
ئەزىز ھېيت كۈن
يېڭىلىق،ئىجادىيلىق،ئىجادىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئۇقۇمنىڭ يادرۇسى يېڭىلىق ئۇقۇمى بولۇپ،ئىجادىيلىق،ئىجادىيەت ئۇقۇملىرى يېڭىلىق ئۇقۇمىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.ئىجادىيلىق-خۇسۇسىيەتكە،ئىجادىيەت–سەنئەت ئەسەرلىرى،ئىلمىي ئەسەرلەر،ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قارىتىلغان.تۇرغۇنلۇق،قاتماللىققا نىسبەتەن يېڭىلىقنىڭ بارلىققا كېلىشى جانلىنىش ۋەزىيىتى يارىتىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.يېڭىلىقنىڭ ئىجادىيلىق دەرىجىسىگە كۆتىرلىشى سەنئەت قانۇنىيىتى،ئىلىم-پەن قانۇنىيى تى،ئەدەبىيات قانۇنىيىتىنىڭ ئەمىلىلەشتۈرۈلىشىدە رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە.يېڭىلىق بىلەن ئىجادىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتىدە يېڭىلىق ھادىسىلىق خۇسۇسىيەتنى،ئىجادىيلىق ماھايەتلىك خۇسۇسىيەتنى تەشكىل قىلىپ يېڭى ئىجادىيەت ھېساپلانغان يېڭى ئەسەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
ئالدى بىلەن «يېڭىلىق »ئۇقۇمىنى چۈشىنىش زۈرۈر.بۇ ئۇقۇمنى چۈشىنىش ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ۋە چۈشەنچىسى تەرپى دىن بەلگىلىنىدۇ.جاھىل،مۇتەسىپ،كونىلىق تونىغا مەڭگۈلۈك بەند بولۇپ كەتكەنلەرگە ھەرقانداق بىر يېڭىلىق غەلىتىلىك، غەيرىلىك بولۇپ تۇيىلىدۇ.ئۇلارنىڭ يېڭىلىققا يۈزلىنىشى ياكى يېڭىلىقنى قۇبۇل قىلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.يېڭىلىققا تۇتىدىغان پوزىتسىيە كۆزقاراش ۋە چۈشەنچە تەرپىدىن بەلگىلەنگەندىن باشقا ئادەمنىڭ سەۋىيىسى ،ساپاسىنىڭ دەرىجىسى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.ساپاسى تۆۋەن ئادەملەرنى ئۆتكۈنچى ھادىسلەرمۇ بىر يېڭىلىق سۈپىتىدە ھەيران قالدۇرۇپ ھاياجانلاندۇرىشى مۇمكىن.مودا قوغلىشىشقا بېرىلگەنلەرنىڭ كۆپۈنچىسى مەسىلىنى ماھايەت جەھەتتىن ئويلاپ كەتمەيدى غانلاردۇر.كۆرۈنۈش جەھەتتىكى قالتىسلىققا مەپتۇن بولۇش ،بارلىققا كەلگەن ھادىسىنىڭ پايدا-زىيىنىنى ۋە قانچىلىك مەۋ جۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاشماسلىق ئۇلارنىڭ تېيىز تەپەككۈرىدىكى ئورتاقلىقتۇر.كۆزقاراش، چۈشەنچە،سەۋىيە،ساپا ئامىللىرى ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى يېڭىلىقنى تونۇشنىمۇ بەلگىلەيدۇ.كۆز قاراش،چۈشەنچە ئەدەبىي ئىجادىيەتتە نىمىنىڭ يې ڭىلىق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل بولسا سەۋىيە،ساپا ئامىلى يېڭىلىقنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەيدىغان ئامىلدۇر. ئەنئەنىنىڭ بايرىقىنى مەڭگۈلۈك كۆتىرۋالغانلارغا پەقەت ئەنئەنە نوقتىسىدىن بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرلا يېڭىلىق ھې ساپلىنىدۇ.زامانىۋىيلىق نوقتىسىدىن بارلىققا كەلگەن ھەرقانداق چوڭ-كىچىك ئۆزگىرىش ئۇلارنىڭ نەزرىدە يولدىن چەتنەپ كېتىش،ئاسىيلىق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.ئەنئەنىدىن قەتئى خوشلىشىپ زامانىۋىيلىقنى بىردىن-بىر تۇغ قىلىۋالغانلارغا نىسبەتەن ئەنەنە ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ھەرقانداق يېڭىلىق قىلچە يېڭىلىق بولماستىن كونا پىكىرنىڭ قايتىلىنىشى بولۇپ تۇيىلىدۇ.شۇڭا ئەنئەنە تەرەپدارلىرى بىلەن زامانىۋىيلىق تەرەپدارلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا كۆرۈنمەس بىر ھاڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.ئەنئەنىۋى روھنى زامانىۋىي تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىپادىلەش ئەنئەنىنى زامانىۋىيلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر خىل توغرا يولدا كېتىۋات قانلارنىڭ ئەۋزەللىكىدۇر.زامانىۋى تەپەككۈرنى ئەنئەنىۋى شەكىل،ئۇسلۇپتا ئىپادى لەش زامانىۋىيلىقنى ئەنەنە بىلەن يۇغۇرۇشتىن ئىبارەت يەنە بىر خىل توغرا يولدا كېتىۋاتقانلارنىڭ ئەۋزەللىكىدۇر.ئەنەنە بىلەن زامانىۋىيلىقنى ئۆز-ئارا قارمۇ-قارشى ئورۇنغا قويىۋىلىپ ئۆز-ئارا توختىماي قارشىلىش ئىككى تەرەپنى ئوخشاشلا چارچىتىدىغان،كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان،گاڭگىرتىدىغان تۇيۇق يولدۇر.يېڭىلىق بىلەن كونىلىقنىڭ مەڭگۈ سىغىشالمايدى غان تەرەپلىرى بولغاندىن باشقا بىر-بىرىنى شەرت قىلىدىغان،بىر-بىرىگە باغلىنىدىغان –كېسىشىدىغان تەرەپلىرى بولىدۇ. كونىلىق بولمىسا يېڭىلىق بارلىققا كەلمەيتى.يېڭىلىق كونىلىقنى يېڭىلاش زۈرۈريىتى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ. يېڭىلىق بارلىققا كەلگەندە كونىلىق تەركىبىدىكى ئىلغارلىقىنى تامامەن يوقاتقان ئامىلنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ.كونىلىقنىڭ ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغان تەرەپلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.دېمەك بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق پۈتۈنلەي،–يۈزدە-يۈز يېڭىلىق بولماستىن كونىلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى بار قىسمىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىلغارلىقىنى،قوللىنىشچانلىقىنى يوقاتقان تەركىبىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان يېڭى لىقتۇر.يېڭىلىق مەڭگۈلۈك يېڭىلىق بولالمايدۇ.ئۇنىڭ ئۇزاققىچە ئىلغارلىقىنى ساقلاپ قالىدىغان قىسمى بولۇش بىلەن رىئاللىق تىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشالمايدىغان قىسمىمۇ بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يېڭىلىق ئۆزىنىڭ رىئاللىقتىكى ئۆزگىرىش لەرگە ماسلىشالمايدىغان قىسمى ئارقىلىق كونىلىققا ئايلىنىدۇ.شۇ كەمتۈكلۈك يېڭى ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشالايدىغان يېڭى دىن بارلىققا كەلگەن ئىلغارلىق-يېڭىلىق ئارقىلىق تولدۇرىلىدۇ.شۇڭا بارلىققا كەلگەن ھەرقانداق يېڭىلىق مۇكەمەل،كەم-كۈ تىسىز يېڭىلىق ئەمەس.ئۇنىڭ ئىلغار تەرىپى يېرىم نىسبەتنى ئىگىلسسە، رىئاللىققا تولۇق ماسلىشىپ بولالمايدىغان قىسمى يېرىم نىسبەتنى ئىگىللەيدۇ.دۇنيانى ۋە روھنى بىر قېتىمدىلا يېڭىلىق ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس.ئوچۇق ئېيتقاندا يېڭىلىقنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا بىر جەريان كېتىدۇ.يېڭىلىق تولۇق ئومۇملىشىپ بولغىچە كونىلىقنىڭ مۇئايەن قىسمى بەلگىلىك دەرىجىدە ساقلىنىپ تۇرىدۇ.يېڭىلىق ئومۇملىشىپ بولغاندا ئۇنىڭ مەلۇم قىسمى كونىرايدۇ.شۇنىڭ بىلەن يېڭىلىقنىڭ مۇئايەن قىسمى كونىلىققا ئايلىنىپ بولىدۇ.ئۇنى يەنە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق تولۇقلايدۇ.ئۇنداق زەنجىر سىمان باغلىنىش مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ.بۇ يېڭىلىق بىلەن كونىلىقنىڭ،ئىلگىركى يېڭىلىق بىلەن كېيىنكى يېڭىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ،ئالمىشىشى،ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىش جەريانىدۇر. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقنىڭ دەرىجىسىنى قەلەم ئىگىلى رىنىڭ بەدىي سەۋىيسى ۋە ئونۋېرسال ساپاسى بەلگىلەيدۇ.يازغۇچىنىڭ پۈتكۈل تاكامۇللىقى بىلەن ئەسىرىدە ياراتقان يېڭى لىقنىڭ يۈكسەكلىك دەرىجىسى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.مىللى خاسلىقنى دۇنياۋىي يۈكسەكلىككە كۆتىرىپ نامايەن قىلغان بۈيۈك يازغۇچىلارنىڭ كاتتا ئەسەرلىرى دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئېسىل گۆھەر بولۇپلا قالماستىن ئۇ خىل يازغۇچىلارمۇ دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە يىتۈك تىل سەنئەتكارلىرى بولۇپ كەلدى.ئەكسىچە تار دائىردىن ھالقىيالمىغان،كىچىك مەھەللىسى، ياكى يۇرتىدىن ھالقىپ ئۆتەلمىگەن،يېڭىلىق قۇبۇل قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى مەھەللىۋى دائىردىن كېڭەيتەلمىگەن ياز غۇچى-شائىرلار «مەھەللىۋى يازغۇچى-شائىر »بولۇپ كەلدى.ئاڭ يۈكسەكلىكىدىكى پەرق،كۆزقاراش،نەزەردىكى بېكىنمى چىلىك،ئەدەبىي ماھارەت جەھەتتىكى تۆۋەنلىك،بىلىم جەھەتتىكى تېيىزلىق،تەجىربە جەھەتتىكى يەكۈنسىزلىك،پاراسەت جە ھەتتىكى كەمتۈكلۈك شۇ خىل قەلەم ئىگىلىرىنى ئۆز مەھەللىسى، يۇرتنىڭ «دۆڭلىرى» بولۇش بىلەن قانائەتلەندۈرۈپ رايۇن، ماكان ھالقىش،زامان ھالقىش ئىمكان ىيىتىدىن مەھرۇم قىلدى.خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان قوشاقچىلار، مەداھلارنىڭ ئۆز تەۋەلىكى دائىرسىدە چەكلىنپ قېلىشى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن ئۇنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولغان خەلق ئاممىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئەممامەخسەتلىك ئىجادىيەت بولغان يازما ئەدەبىياتنىڭ قوشۇنىنى تەشكىل قىلغۇچى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ مەسۇليىتى ۋە بۇرچى خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ مەسۇليىتى ۋە بۇرچىدىن زور دەرىجىدە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش يالغۇز بەدئىي نوقتىدىن يېڭىلىق يارىتىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ.بەلكى بەدئىيلىك بىلەن ئىدىيۋىلىكنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىشتا ئىپادىلىنىدۇ.لىرىك ئەسەرلەردە جۈملىدىن شئېىرلاردا مۇزى كىغا ئوخشاش ئېنىق سۆزلىگىلى-چۈشەندۈرگىلى بولىدىغان ئىدىيۋى مەزمۇن بولمايدۇ.لېكىن كەيپىيات ۋە مايىللىق ياكى خاھىش بولىدۇ.كەيپىيات،مايىللىق، خاھىش روھنىڭ گەۋدىلىنىشدۇر.گەۋدىلەنگەن روھ بولسا شئېىردىكى مەنادارلىقتۇر. ئەدە بىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش قارىتىلغان ئوبكىت جەھەتتە ئايرىملىق ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئومۇملۇق ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبكىت ئۈچۈن بارلىققا كېلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ كەلدى.يەككە ئادەم ۋە تار دائىردىكى ئادەملەرنىڭ يىگانىلىق پىسخىكىسى، ئۆزلىرىنى ئاۋام خەلقتىن چەتكە ئېلىش،توپتىن خالى بولۇش ئارزۇسى، دۇنيانىڭ زىرىكىشلىكى، ھاياتنىڭ بىمەنىلىكى تەسىراتىنى ئىپادىلەيدىغان ھەتتا ئۇلۇغلاش جەھەتتە يېڭىلىق دەرىجىسىگە كۆتىردىغان يۈزلىنىشمۇ ئەدەبىيات تارىخىدا قىسمەن يۈزلىنىش سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.ئۇ قىسمەن ھادىسىنىڭ يې ڭىلىق ئىكەنلىكى بەرھەق بولسىمۇ،ئاز يىگانىلىق خاھىشىدىكى كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىنى يارقىن نامايەن قىلسىمۇ لېكىن غول ئېقىن بولغان خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسى ئېقىمنىڭ بىرلىك،ئۇيۇللۇق،باراۋەرلىك،ھەمكارلىق،رەزىللىكلەردىن ئورتاق نەپرەت لىنىپ گۈزەللىك،ياخشىلىققا ئورتاق تەلپۈنۈش ئارزۇسى،خاھىشىغا يېقىنلىشالمىدى.ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلب سادا سىغا ئايلىنالمىدى.ئېقىندىن يىراقتا قالغان كىچىك-كىچىك ئېرىقلاردەك گاھ كۆرۈنۈپ گاھ يوقايدىغان ھالىتىدىن قۇتۇلالمى دى.ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئومۇملۇق ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق يۇقۇرقىنىڭ ئەكسىچە زور ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئەدەبىيات نىڭ ئاساسى يۈزلىنىشى بولۇپ كەلدى.بۇ ئەھۋال ھازىرمۇ يارقىن گەۋدىلەنمەكتە.ئوبكتقا قارىتىلغان ئىككى خىل يېڭىلىقنىڭ تۈپ پەرقى:تەنھالىقنى،ئايرىملىقنى،بىرىكمەسلىكنى،ھىملەشمەسلىكنى تەرغىپ قىلىش بىلەن كوللىكتىپچانلىقنى،ئۇيۇل بولۇشنى، ھەمكارلىشىشنى،قەلبداشلىقنى،بىر گەۋدىلىشىشنى ،قارشى تۇرىدىغانغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ،تەشەبۇس قىلىدىغاننى ئورتاق تەشەبۇس قىلىشنى نامايەن قىلىش ئوتتۇرسىدىكى پەرقتۇر.يۇقۇرقى پىكىر ھەرگىز يەككە ،مۇستەقىل ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرۇپ كوللىكتىپ بىرلىكتە قەلەم تەۋرىتىپ بىر ئەسەر ئىجات قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ.بەلكى بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنىڭ قىسمەن ئادەملەرنىڭ بەھرلىنىش ئارزۇسى ئۈچۈن ياكى كەڭ خەلقنىڭ بەھرلىنىش ئارزۇسى ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى ئايرىۋېلىشقا قارىتىلغان.ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش چوقۇم يېڭىلىق بولۇش تەلەپ،ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان يېڭىلىق بولىشى كېرەك.يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆلچىمى بولسا ماكرۇلۇق ئۆلچەم ۋە مىكرۇلۇق ئۆلچەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ماكرۇلۇق ئۆلچىمى-تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىشتۇر. بۇ يەردىكى تەپەككۈردىكى يېڭىلىق ئەدەبىياتقا نىسبتەن ئوبرازلىق تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ.دۇنيادا ئىنسانلار ئۈچۈن ئەزەلدىن تە پەككۈردا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرىدىغان بايلىق مەۋجۇت بولغان ئەمەس.تەپەككۈردا يېڭىلىق يارىتىش يەككە نوقتىدا ئادەم ئېڭىنىڭ تەرەقىياتىنى،ئومۇمىي نوقتىدا ئىنسانىيەت ئېڭىنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈ رۈپ كەلگەن.ئىنسانلار تەپەككۈرى چوڭ جەھەتتە تارىختىن بۇيان ئەقلىي تەپەككۈر بىلەن ئوبرازلىق تەپەككۈردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈر بويىچە تەرەققى قىلىپ، ھازىرقى زامانغا كەلگەندە زامانىۋى ئاڭنىڭ تۈرتكىسىدە يىغما تەپەككۈر(ئەقلىي تەپەككۈر بىلەن ئوبرازلىق تەپەككۈرنى يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇپ تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلى)دىن ئىبارەت يېڭى تەپەككۈر ئۇسۇلنى بارلىققا كەلتۈردى.ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىجادىيلىق دەرىجىسىگە كۆتىرىش دەل ئوب رازلىق تەپەككۈردا يېڭىلىقنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە قارىتىلغان. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەرىجىسى بولسا كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا يۈزلەن گەن بولۇپ،ئەڭ كىچىك نوقتا سۆز ئىشلىتىشتە نامايەن بولسا ئەڭ چوڭ نوقتا پۈتكۈل ئوبرازلىق تەپەككۈر يۈرگۈزۈش جەريا نىنى يېڭىلىققا ئىگە قىلىشتا ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.بۆسۈش خاراكتىرلىق يېڭىلىق ياراتقان ئەسەرلەرنىڭ تۈپ ئالاھىدى لىكىنى ئاددى ھالدا «كۈچلۈك بەدىي چىنلىققا ئىگە قىلىش،تىپىكلىك يۈكسەكلىكىگە كۆتىرىش»دېگەن باھالار بىلەن سۈپەتلەپ، چەكلىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ.ئۇ بۈيۈك ئەسەرلەرنىڭ ھەر بىرى ئىجادىيلىق نوقتىسىدىن «كاتتا قۇرۇلۇش،ھاياتىىي كۈچكە تول غان بىر شەھەر ،بەدىي قانۇنىيەت بويىچە يارىتىلغان ئۆزگىچە دۇنيا»دۇر.دېمەك ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى ئوبىكتىپ ۋە سو بىكتىپ دۇنيانى ئەكس-ئەتتۈرۈپ قويۇشلا بولماستىن رىئاللىق بىلەن يازغۇچىنىڭ تەسەۋۇرىنى ئورگانىك يۇغۇرغان ئاساستا يېڭى،ئۆزگىچە بىر بەدئىي دۇنيا كارتىنىسىنى سۈرئەتلەپ چىقىشتىن ئىبارەت.بۈيۈك ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئېسىل سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان كاتتا سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە ئۇلۇغ ئىلمىي ئىجادىيەتنىڭ نامايەندىسى بولغان مەشھۇر ئىلىم -پەن ئەسەرلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇلۇپ ئۇلۇغلىنىشىنىڭ،بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا بۈيۈك ئەدەبىي ئىجادى يەت ئەسەرلىرىنىڭ رەسمى «ئىجادىيەت»ھېساپلىنىشىنىڭ سەۋەبى شۇ. چۈنكى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە رەسمى يېڭىلىق يارى تىش ئىلىم-پەندە ۋە سەنئەتتە زور يېڭىلىق يارات قانغا ئوخشاش قىيىنغا توختايدىغان ئىش.تارىختا ئۆلمەس ئەسەر دەپ نام ئېلىپ بۈگۈن گىچە ئۇلۇغلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ھەربىرى ھەرگىزمۇ بىر كېچىدە ئوپۇل-توپۇل بارلىققا كېلىپ قالغان بولماستىن ئەدىپلەرنىڭ ئون ھەتتا يىگىرمە يىللىق ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر.بۈگۈنكى كۈندە يۈكسەك ئىستىتېك قىممەت يارىتىش بىلەن يۈكسەك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش دۇنياۋى يۈزلىنىشكە ئايلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئەدەبى ياتنىڭ ۋە سەنئەتنىڭ ماھايىتى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا يۇقۇرى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ بازىرى ئىتتىك ئەسەرلەرنى چاپ-چاپ بازارغا ئۈلگۈرتۈش ئەسەرنىڭ سۈپەت مۇكەمەللىكىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئىلىم -پەن ئەسەرلىرى ماتىريال،تېخنىكا،ۋاقىتنىڭ يۇغرۇلمىسىنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇردىغان ماددى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچى قىرىشقا ئوخشىمايدۇ.ئەگەر ئەدەبىيات نىڭ ۋەزىپىسى رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەنلا چەكلەنگەن بولسا ۋاقىت بىلەن ئەسەرنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى ئۈنۈمىنى ئوڭ تاناسىپ دەپ ھېساپلىسا توغرا بولىۋېرەتى.لېكىن ئەدەبىي ئەسەرنى ئىجات قىلىش ماھايەت جەھەتتىن ئىجادىيەت ئۇقۇمى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولىشى كېرەك.يەنى تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىش بو لالىشى كېرەك.رەسمى ئىجادىيەت ئۇقۇمىنىڭ ئۆلچىمى نوقتىسىدىن قارىغاندا بىر قەلەم ساھىبىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ قانچىسى تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىش بولالايدۇ ؟بەزى قەلەم ساھىبىلىرى نام -شۆھرەت قازانغىچە ھەر بىر ئەسىرىنى ئىجا دىيەتىكى يېڭىلىق بولۇش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈپ، تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزۈلدۈرمەي بارلىققا كەلتۈرىدۇ. نام قازانغاندىن كېيىن قانائەت تونىغا ئورىنىپ،بىر خىل قېلىپتا كېسەك قويىۋەرگەندەك ئىلگىركى تەپەككۈرىدە ئەسەر يېزىۋې رىدۇ. ئىلگىركى تەپەككۈرىدە جان بېقىۋېرىدۇ.ئىجادىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشىدىن،ئىلغار بەدىي سەۋىيەگە يېقىنلىشى شىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. تەپەككۇردە يېڭىلىق يارىتىش ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ماكرۇلۇق ئۆلچەم. شۇنداقلا ئۆتمۈش ،ھازىر، كەلگۈسى ئۈچۈن قەتئى ئۆزگەرمەيدىغان ئوممۇمىي ئۆلچەم.يېڭى ئەسەر ئۇقىمى ئىككى خىل مەنىگە ئىگە. بىرى: سان نوقتىسىدىن يېڭى ھېساپلىنىدىغان ئەسەرلەر. يەنى ساننى كۆپەيتىش ياكى ساننى توش قۇزۇش رولىنىلا ئوينىيالايدىغان ، يېڭى يورۇقلۇققا چىققان كونا قېلىپتىكى ئەسەرلەر.يەنە بىرى: سۈ پەت نوقتىسىدىن ئۇزاققىچە ئۆز يېڭىلىقىنى ساقلاپ قالالاي دىغان ئەسەرلەر.سان نوقتىسىدىن بارلىققا كەلگەن يېڭى ئەسەرلەرنىڭ يېڭىلىقى ۋاقىت جەھەتتە كۈچلۈك چەكلىمىگە ئىگە بولۇپ،يورۇقلۇققا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كونا ئەسەر ئاتىلىپ قالىدۇ.ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتىرىلىپ كېتىدۇ. سۈپەت نوقتىسىدىن يېڭى بارلىققا كەلگەن يېڭى ئەسەرلەرنىڭ يېڭىلىقى بولسا ۋاقىتنىڭ كۈچلۈك چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.ئۇ خىل ئەسەرلەر سۈپەت قاتلاملىقىغا تويۇنغان بولۇپ ۋاقىت ئۆت كەنسىرى ئەۋزەل ئالاھىدىلىكلىرى پىيازنىڭ پوستى سويۇلغاندەك بىر-بىرلەپ ئاشكارلىنىدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەڭ چوڭ بۇرۇختۇملۇق–تۇرغۇن ھالەتنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىدۇر.قايسى مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدا بول سۇن بېكىنمە ھالەتنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشى ۋە ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىدىن چەتنەش ھادىسىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.ئىلىم-پەن قانۇنىيىتى بىلەن سەنئەت قانۇنىيىتى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق. ئەدىبىيات نىڭ قانۇنىيىتىمۇ شۇنداق ئەلۋەتتە.شۇ ئورتاق نوقتىدا مىللەتلەر ئەدەبىياتى،رايۇن،قىتئەلەر ئەدەبىياتى ئۆز-ئارا كېسىشەلەي دۇ.ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. مەدەنىيەت چەمبىرىكىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە مىللىي ئاڭ،تىل، پىسخىكا ئەنئە نىسىدىكى پەرقلەر ئۇلارنى روشەن خاسلىققا ئىگە قىلىپ تۇرىدۇ.بۇ نوقتا رايۇن ئەدەبىياتى ۋە مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى كەسكىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئۆتكۈر نوقتىدۇر.بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن سان ئەمەس سۈپەت جەھەتتە بۆسۈشنىڭ بولماسلىقى،بىر مىللەت ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن ئىجادىيەت ۋەزىيىتىدە سۈپەت جەھەتتە گەۋدىلىك ئىلگىرلەشنىڭ بولماسلىقى تۇرغۇنلۇق ، بۇ رۇختۇملۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.شۇ ئەھۋالدا ئەڭ ئاۋال كۆرۈلدىغىنى ئەدەبىياتنىڭ ئىجادىلىق قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلى شالمىغانتىن ئىبارەت ئەجەللىك ئاجىزلىقتۇر. چۈنكى ئىجادىيلىق ئۈلۈكسىز يېڭىلاش ئارقىلىق ئىلگىرلەشنى بارلىققا كەلتۈرۈش نى تەلەپ قىلىدۇ.بۇ تەلەپ بىر كۈنلۈك ياكى بىر قانچە يىللىق تەلەپ بولماستىن ھەرۋاقىت،ئىزچىل ھالدا دائىم ئەمىلىلىشىش نى شەرت قىلىدىغان،مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان تەلەپتۇر.ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش–ئالدى بىلەن ئەدەبىيات قانۇنىيىتىنىڭ تەلىپى.ئەدەبىيات قانۇنىيىتىنىڭ بۇ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالمىغانلىق چوڭ جەھەتتە ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكتۇر.ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش يەنە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەخىرسىز تەلىپى شۇنداقلا ئىجتى
مائى جەمىيەتنىڭ تەلىپىدۇر.چۈنكى ھەرقانداق ساھە ئۆز ساھەسىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلىغان دىن باشقا كىشىلەرنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ كۈتكەن تەلەپلىرىنى ئورۇنلاش جەھەتتىكى رولى بىلەن جەمىيەتتە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ماكرۇلۇق ئۆلچىمى بولغان تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىش –تۆۋەندىكى ئۈچ موھىم تەلەپنى تۈپ شەرت قىلىدۇ.ئۇ ئۈچ شەرت :بىرىنچى:ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىش،ئىككىنچى:رىئاللىقنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلىشىش.ئۈچۈنچى: دۇنياۋىيلىققا يۈزلىنىش بىلەن ،مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈ رۈشكە ئۇيغۇنلىشىش. بەدئىي چىنلىق تار دائىردىكى ئۇقۇم،ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتى بەدىي چىنلىقتىن باشقا ئوبرازلىق ئىجا دىي تەپەككۈرگىچە بولغان ناھايىتى كۆپ تەركىپنى ئۆزئىچىگە ئالغان كەڭ دائىردىكى ئۇقۇم.رىئاللىق قانۇنىيىتى بولسا تۇرمۇش چىنلىقىدىن ھالقىغان ھالدا مەۋجۇدىيەتنىڭ قانۇنىيتى،جەمىيەتنىڭ قانۇنىيىتى،مەنىۋى دۇنيانىڭ قانۇنىيىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ مەنىدىكى ئومۇمىي ئۇقۇم،دۇنياۋىيلىققا يۈزلىنىش بىلەن مىللى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىر لەشتۈرۈشكە ئۇيغۇنلىشىشمۇ ناھايىتى كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ مەنىدىكى ئۇقۇم.يۇقۇرقى ئۈچ موھىم شەرت بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق بولغان مۇكەمەل بىر گەۋدە.1901-يىللىق نوبىل ئەدەبىياتمۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەشھۇر فىران سىيە شائىرى سۇلى فىرۇدۇمدىن تارتىپ تاكى 2012-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جوڭگۇلۇق خەنزۇ ياز غۇچى مويۈەنگىچە بولغان بارلىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبىلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداقلا 1901-يىللىق نوبىل ئەدىبى يات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى روسىيەلىك ئۇلۇغ يازغۇچى لىف تولوستۇيدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە نوبىل ئەدەبىياتىنىڭ رەس مى ساھىبى بولالمىسىمۇ،دۇنياۋى تەسىر قوزغىغان كاتتا يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بارلىققا كەلتۈرگەن يېڭىلىقلار يۇقۇرقى ئۈچ موھىم شەرتكە ئۇيغۇنلىشىش ئاساسىدا تەپەككۈردا زور يېڭىلىق يارىتىشنى زور دەرىجىدە نامايەن قىلغان بۈيۈك ئەدىپلەردۇر.يېڭىلىق يارىتىش يەنىي ئىجادىيلىق ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ موھىم بىر تەركىبىدۇر. ئىجا دىيلىقنى كۆزلىگەندە ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيەتىنىڭ باشقا تەركىبلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.ئەدەبىياتنىڭ قانۇ نىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ 1-موھىم شەرتى قىلىنىشىمۇ شۇنىڭغا قارىتىلغان.ئالدى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىنى پىششىق ئىگىللەپ ،شۇ ئاساستا ئىجادىيلىقنى گۋدىلەندۈرۈش كېرەك.يەنى تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئادەتتە ئەدەبىيات ئۇقىمى بىلەن تىل سەنئىتى ئۇقۇممى ئوخشاش مەنىگە ئىگە.شۇڭا ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتى ئالدى بىلەن تىل ئىشلىتىش پاساھىتىدىن باشلىنىپ ئاخىرى ئۇسلۇپ يارىتىشقىچە بولغان ناھايىتى كۆپتەر كىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەنا،-روھ ئامىلى بىلەن بەدىيلىك ئامىلى تەن بىلەن جاننىڭ مۇناسىۋىتىدەك بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە.ئەسەرنى مەنا دىن ئازات قىلىشقا ئۇرۇنۇش تەننى جانسىز قالدۇرۇشقا كۈچەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.قايسى بىر بۈيۈك ئەسەر يۈكسەك بەدئىي لىك ئارقىلىق يۈكسەك ئىدىيۋىلىكنى نامايەن قىلىشنىڭ جەۋھىرى بولمىغان؟ ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتى–بىر پۈتۈن گەۋ دە.ئۇ تارىختىن بۇيانقى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمىلىيىتىنىڭ تەدرىجى يەكۈنلىنىپ جەۋھەرلەشتۈرۈلگەن مېغىزىدۇر.ھەم ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى داۋامىدا تېخىمۇ مۇكەمەللىكە يۈزلىنىپ نۇرلىنىدىغان گۆھىرىدۇر.شۇڭا نەزىريە ھەرگىزمۇ ئۆلۈك نەرسە ئەمەس.ئۇ كۈچلۈك ئەمىليەتچانلىق ۋە يېڭىلىپ تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.نەزىريە ئەمىليەتتىن خۇلاسىلىنىدۇ.يەنە ئەمىل يەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.ئەمىليەتكى ئۆزگىرىش نەزىريەنىڭ يېڭىلىنىشىنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ. يازغۇچى-شائىرلار ئىجادى يەت ئەمىليەتچىلىرى.گەرچە ئۇلار ئەدەبىيات نەزىريىچىلىرى بولمىسىمۇ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى،ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ، ئە دەبىي تەرجىمە ،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىقىنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغان ئەدەبىيات نەزىريىسىدىن مۇئايەن دەرىجىدە خەۋەردار بولۇشى كېرەك. ئەدەبىياتنىڭ قۇرۇلمىسى ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى،ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ،ئەدەبىيات نەزىريىسى، ئەدىبىي تەرجىمەشۇناسلىق،ئەدەبىيات تەتقىقادچىلىقىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بىر قولدىكى بەش بارماقنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش. ئەدەبىياتنىڭ پۈتكۈل ماھىيىتىنى چۈشەنمەكچى بولغان ھەرقانداق ئادەم ئەدەبىياتنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ شۇ بەش تەركىبى قىسمىدىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك.يەنى ئەدەبىي ئەسەر يېزىش تالانتى بولمىسا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشى، مۇلاھىيزە قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا ئەدەبىي تەنقىدچىللىكە ھەۋەس قىلىشى،ئانا تىلىدىن باشقا بىر قانچە تىلنى پىش شىق ئىگىلگەن قابىليىتى بولسائەدەبىي تەرجىمىگە ئىشتىياق باغلىشى،بىلىمى مول ھەم ئىلمىي تەپەك كۇر قىلىش ئىقتىدارى بولسا ئەدەبىيات تەتقىقادى جەھەتتە ئىزدىنىپ بېقىشى كېرەك.مەيلى يازغۇچى-شائىر بولسۇن ياكى ئەدەبىي تەنقىدچى بول سۇن،ئەدەبىي تەرجىمان بولسۇن،ئەدەبىيات تەتقىقادچىسى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىيات نەزىريىسى بىلەن قورال لىنىشقا مۇھتاج.ئەدەبىيات نەزىريىچىسىمۇ ئەلۋەتتە نەزىريە كۆلىگە چۆكۈپ تۇرىۋەرمەي يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى نىڭ،ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ، ئەدىبىي تەرجىمىچىلىكنىڭ،ئەدەبىيات تەتقىقادچىلىقىنىڭ ئەھۋاللىرىدىن پىششىق خەۋەردار بو لۇپ تۇرۇشقا مۇھتاج.شۇندىلا نەزىريەدە يېڭىلىق يارىتالايدۇ.يازغۇچى-شائىرلار ئەدەبىي ئىجادىيەتتە كامال تېپىشقا يۈزلى نىش بىلەن بىللە ئەدەبىيات نەزىريىسى جەھەتتىمۇ بەلگىلىك سەۋىيەگە ئىگە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ماقالە ياكى نوتۇق ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلالايدىغان بەلگىلىك نەزىريىۋى تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى ھا زىرلىشى كېرەك.كۆپ قىرلىق بولۇپ يېتىلگەنلەر ئەدىپ سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.ئەدەبىياتنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقۇرقى بەش تەركىبىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئەمىليىتىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۇتۇق قازانغانلار «ئەدەبىياتشۇناس»دېگەن تاكامۇل نام شەرپىگە ئېرىشەلەيدۇ.لېكىن ئۇن داق كىشىلەر ناھايىتى ئاز يېتىشىپ چىققىدۇ.شۇڭا ئىجادىيەت دېگەن نام نوقۇل ھالدا بىر خىل تەركىپكە قارىتىلمايدۇ. ئىجا دىيەتكە قەدەم قويىۋاتقانلار ھەم قويماقچى بولغانلار ئۆزىنى بىر تەركىپ بىلەن چەكلەپ قويماي ياكى بىر تەركىپ ئىچىگە سولىۋالماي،ئىقتىدارى يار بەرگەن باشقا تەركىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆزىنى سىناپ، دەڭسەپ باقسا بولىدۇ.بۇ پەقەت ئومۇ مىي نوقتىدىن ئەسكەرتىش بولۇپ ھەرگىزمۇ كونكېرت شەخس ياكى بىر خىل تەركىپكە يۈزلىنىپ كېتىۋاتقانلارغا قارىتىلغان ئەمەس.ھەركىم ئۆز قابىليىتى ۋە تاللىشىغا يارىشا ئىش قىلىدۇ ئەلۋەتتە.ئەدەبىياتتا ئىجادىيلىققا-يېڭىلىققا يۈزلىنىش بىلەن ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىنىڭ تاكامۇللىشىپ بېرىشى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.يەنى كونىرىغان، ئىجاديەت ئەمىليىتىگە ئۇيغۇنلى شالمىغان ئامىللار شاللىنىپ،ئورنىنى ئىجادىيلىق تولدۇرۇپ،تولۇقلاپ ماڭىدۇ.
تەپەككۈردا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ 2-موھىم شەرتى بولغان رىئاللىقنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىش تۇرمۇش چىنلىقىغا قارىغاندا ناھايىتى كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.رىئاللىق چوڭ جەھەتتە ئوبىكتىپ رىئاللىق ۋە سوبىكتىپ رىئاللىقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تەركىبى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئوبىكتىپ رىئاللىق –ماددى ئالەمدۇر.سوبىكتىپ رىئاللىق بولسا روھى ئالەمدۇر. ئوبىكتىپ رىئاللىق تاشقى رىئاللىق دەپ قارالسا سوبىكتىپ رىئاللىق ئىچكى رىئاللىق دەپ قارىلىدۇ. تاشقى رىئاللىق ئادەمنىڭ پائالىيىتى،جەمىيەتنىڭ ھالىتى،تەبىي موھىتنىڭ ھالىتىدىن ئىبارەت ئۈچ تەركىبى قىسىمنىڭ بىر پۈتۈنلىكى دىن تەشكىل تاپىدۇ.ئىچكى رىئاللىق بولسا ئادەمنىڭ ئېڭىدىكى،تۇيغۇسىدىكى،روھى ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىر پۈ تۈنلىكىدىن تەشكىل تا ىدۇ. ئەمىليەتكە ئۇيغۇن بولۇش تاشقى رىئاللىققا ئۇيغۇن بولۇشنى كۆرسەتسە،ئىچكى رىئالىققا ئۇيغۇن بولۇش ھېسسىياتقا ئۇيغۇن بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.ئىلىم –پەن ئەسەرلىرى مۇتلەق ھالدا ئەمىليەتكە –تەبىئەتنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ چىنلىقى-ئەمىليىتىگە ئۇيغۇنلاشقان بولىدۇ. ئىلىم- پەندە ھېسسىيات دېگەن نەرسە بولمايدۇ . ئىلىم-پەن ئۆزىگە قىلچە ھېسسىيات ئارلاشتۇرمايدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى ئوبىكتىپ چىنلىققا-رىئال ئەمىليەتكە ئۇيغۇنلى شىشتىن تاشقىرى ئىچكى رىئاللىقنىڭ چىنلىقىغا-ھېسىيات چىنلىقىغا ئۇيغۇنلىشىدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە سەئەت ئەسەرلىرى نىڭ جانلىقلىق خۇسۇسىيىتىگە-كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش،جەلپ قىلىش،ئىلھاملاندۇرۇش،خوشاللىق،زوق بېغىشلاش ياكى ئازاپ تۇيغۇسىنى قوزغاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشىمۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ مەۋجۇت بولۇش قانۇنىيىتىگە،جەمىيەتنىڭ تەرەقىيات قا نۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەن بىرگە كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ چىنلىقىغىغا ئۇيغۇنلاشقانلىقىدىندۇر.تاشقى رىئاللىق چىنلىقىغا ئۇيغۇنلىشىش قىسمەن سالماقنى ئىگىلسە روھى دۇنيا چىنلىقىغا ئۇيغۇنلىشىش ئاساسى سالماقنى ئىگىللەيدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ كوزۇرلۇق نوقتىسى روھى دۇنيانى قېزىپ يورۇتۇشتىن ئىبارەت.روھى دۇنيانى قانچىلىك دەرىجىدە قېزىش ۋە قانداق يورۇتۇپ بېرىش يازغۇچى-شائىرنىڭ ئەدەبىي تالانتى ۋە ئىستىداتىغا باغلىق.تاشقى رىئاللىقنىڭ كەڭلىكلىكى ماكاننى دائىرە قىلسا چەكسىزلىكى ئۆتمۈش،ھازىر ،كەلگۈسىدىن ئىبارەت ۋاقىت پۈتۈنلىكىنى دائىرە قىلىدۇ.شۇڭا تاشقى رىئاللىقنىڭ يارقىن ھالىتى دەۋر رىئاللىقى بولسا چۈشكە ئوخشاش خاتىرگە ئايلانغان ھالىتى ئۇزاق ئۆتمۈشنىڭ رىئاللىقىدۇر.ئارزۇ بىلەن كۈچلۈك بىرىكىپ تەسەۋۇر قىلىنىدىغان ھالىتى بولسا كەل گۈسىنىڭ رىئاللىقىدۇر.چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا ئەدەبىياتتا رىئال لىققا ئۇيغۇنلىشىشنىڭ ئۆتكۈر نوقتىسى زامانىۋىيلىق بىلەن ئەنئەنىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە كۆرى لىدۇ. بۇ ماھايەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا يۈزلىنىش بىلەن ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىدۇر.ھەرقانداق بىر دەۋرنىڭ زامانى ۋېيلىقى بولىدۇ.ئۆتمۈشتىكى ھەر بىر دەۋرنىڭمۇ زامانىۋېيلىقى بولغان.يەنە كەلگۈسىدىكى ھەر بىر دەۋرنىڭمۇ زامانىۋىيلىقى بول ىدۇ.زامانىۋېيلىق مەلۇم بىر دەۋردىكى رىئاللىقنىڭ تەرەقىياتىنى ئالغا ئىلگىرلىتىدىغان ئىلغار يۈزلىنىشتىن ئىبارەت.بۇ يەردى كى زامانىۋىيلىق كونكېرتلىق نوقتىسىدا ئەدەبىياتتىكى زامانىۋىيلىقنى كۆرسىتىدۇ.ئەلۋەتتە.يېڭىلىققا جۈملىدىن تەپەككۈر يېڭىلىقىغا تەلپۈنۈش ئىنسان قەلبىنىڭ تەبىي ئىنتىلىشى بولۇپ ئۇ تۇيغۇ بىلەن تەسەۋۇرنىڭ يۇغۇرۇلغان يېڭى كارتىنىسى بو لۇپ ئىپادلىنىپ ئىجاد قىلغۇچىنىڭ قەلبىدىكى لەرزىنى ئوقۇرمەننىڭ قەلبىگە يۆتكىيەلەيدۇ.زامانىۋىيلىق ئەنئەنىنى تاشلاپ ئالدىغا كەتمەيدۇ.بەلكى ئەنئەنىگە ياندىشىپ يېڭى يۈزلىنىشكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ.ئەنئەنە بولسا يىلتىز-مەنبە سۈپىتىدە قومۇرۇلۇپ كەتمەستىن زامانىۋىيلىقنىڭ يۈرىكىگە تۇتاشقان تومۇر سۈپىتىدە مەۋجۇت بولىدۇ.20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا مەشھۇر قازاق شائىرى قۇربان ئەلى ئوسمان «كىگىز ئۆيدىن پۈتۈن دۇنياغا »ناملىق شئېىرنى ئى جات قىلىپ ئەنئەنىۋى ئوبرازلىق تەپەككۈردىن بىر بالداق ھالقىپ دۇنيانى دۇنيانىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈشتىن ئىبارەت زامان ىۋى يېڭىچە تەپەككۈر كۆزىنى نامايەن قىلغان بولسا 60 -يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە شائىر ئوسمانجان ساۋۇت «ئالمى دەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» ناملىق شئېىرنى ئىجات قىلىپ دۇنياۋى نەزەر تەپەككۈرىنى ئالەمچە نەزەر تەپەككۈررى يۈك سەكلىكىگە كۆتۈردى.20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇر شئېىريىتىدە بارلىققا كەلگەن ئەخمەتجان ئوس مان باشلامچىلىقىدىكى يېڭى شئېىريەت دولقۇنى كۆتىرلىشى،غەرپ مۇدىرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلىشى، ئىز لەنمە ھىكايىچىلىقنىڭ بارلىققا كېلىشى قاتارلىق ئەدەبىيات ھادىسلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۇرغۇن،بېكىنمە ھالىتىدە سىلكى نىش پەيدا قىلدى.ئۇ ھادىسىلەر ماھايەتتە تەپەككۈردىكى يېڭىلاش،بۆسۈش بولۇپ،كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جانلىنى شىغا ئىجادىي نوقتىدىن ۋە پاسىپ نوقتىدىن تەسىر كۆرسەتتى.ئىجادىي نوقتىدىن كۆرسەتكەن تەسىرى شۇكى :بىرىنچىدىن ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتتىكى تەپەككۈر ئۇسۇلىنىڭ ئاددى،تۈز،تېيىز،يۈزەكى،كونا،قېلىپلاشقان تەپەككۈر ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ يېڭى، قاتلاملىق،كۆپ قىرلىق،ئۆزگىرىشچان،يىغمىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە تەپەككۈر ئۇسۇلى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن زاھىرلىدى.ئىككىنچىدىن:شۇ ئەدەبىيات ھادىسلىرى چەت ئەل ئەدەبىياتىدا ئۆرنەك ئېلىپ قۇبۇل قىلىشقا تېگشلىك ئىلغار تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى، بېكىنمە، تۇرغۇن ئەدەبىياتقا نىسبەتەن سىلكىنىش،جانلىنىش مەنزىرسىنى پەيدا قىلايدىغان يېڭىلىق ھاياتىي كۈچىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇلغان باسقۇچىدا نامايەن قىلدى.ئۈچۈنچىدىن شۇ مەزگىلدە ئۇي غۇر شئېىرتيىتىدە يېڭىچە شئېىريەت ھەركىتى،پىروزىچىلىقىدا مودىرنىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا يېزىلغان پىروزا ئەسەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ،ئەنئەنىۋى شئېىريەت بىلەن پىروزىنىڭ مەۋجۇت ھالىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەدەبىيات قارىشى ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.تۆتىنچىدىن ئەينى ۋاقىتتا كۆتىرىلگەن دولقۇن پەيدىن –پەي پەسىيىپ تەدرىجى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئېقىنى ئىچىگە يۇغۇرلۇپ كەتكەن بولسىمۇ شۇ چاغدىن باشلاپ ئىجادىيەت ئەمىليىتىدە يورۇقلۇققا چىققان ئەسەرلەر سۈپەت جەھەتتە بۇرۇنقى ئەسەرلەردىن زور دەرىجىدە ئۆسۈشكە يۈزلەندى.يازغۇچى –شائىرلارمۇ تەپەككۈر ئۇسۇلىنى يېڭىلاش باسقۇچىغا كۆچۈپ ئەدەبىياتنىڭ زامانىۋىيلىق يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلاشتى.كۆز يۇمۇشقا بولمايدىكى شۇ چاغدىكى ئەدەبىيات ھادىسلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كېيىنكى سۈپەت يۈكسىلىشىگە يۈزلىنىشىگە مۇئايەن تەسىر كۆرسەتتى.بەشىنچىدىن :شۇ چاغدىن باشلاپ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ رىئال ئەھۋالىغا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ رىئال ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەندەك زور ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاڭ ئۇيغۇر ئەدە بىياتى قوشۇنىدا شەككىللەندى.سەلبى جەھەتتىكى تەسىرى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە كۆرۈلدى.بىرىنچىدىن:ئەينى ۋاقىتتا شۇ ئەدەبىيات ھادىسلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سىلكىنىش پەيدا قىلغان بولسىمۇ بەلگىلىك نىسبەتتىكى كىشىلەردە جۈملىدىن ياشلار ئىچىدە چەتئەل مۇدىرنىزىم ئەدەبىياتىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويىۋالدىغان ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان بىرتەرەپلىمە خاھىشنى پەيدا قىلغان.80 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تالانتلىق مەرھۇم ئوت يۈرەك شائىر باتۇر روزى يازغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بەشيۈز يىللىق پاجىئە »ناملىق ماقالە شۇ خىل خاھىشنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ماقالىدا ئەلىشىر ناۋايىدىن كېيىنكى بەشيۈزيىللىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىر پاجىئە دەپ يەكۈنلەنگەن.بۈگۈننىڭ بولۇپمۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئىلغارلىق سەۋىيىسى كۆزى بويىچە قارىغاندا شۇ جەريان ھەقىقەتەن بىر پاجىئە بولىشى مۇمكىن. لېكىن تارىخقا تارىخنىڭ ئەينەن كۆزى بىلەن قاراپ نۇرغۇنىغان ئىجتىمائى سەۋەپلەر نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۇنى ھەرگىز مۇ پاجىئە دەپ قاراشقا بولمايدۇ.بۇ نوقتىنى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ ئۆزىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغان بولسا كېرەك.90-يىللاردىن باشلاپ ئىجات قىلغان ئەسەرلىدە ئۇنداق ئىنكار قىلىش خاھىشى كۆرۈلمىدى. ئىككى نچىدىن:ئەخمەجان ئوسمان يېڭى شئېىريەتنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۇنجى بولۇپ ئېلىپ كىرگۈچى ئىكەنلىكى،تەپەككۈردا يېڭىلىق يارىتىشتا بايراقدار ئىكەنلىكى، ھازىرغىچە دۇنيا ئەدەبىياتىغا يۈزلىنىشتە ئەرەپ ۋە ئېنگىلىز تىلىدا ئەسەر ئېلان قىلىپ دۇنيا مىقياسىدا تونۇلىۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئىكەنلىكى بىلەن ئۇلۇغلىنىشقا مۇناسىپ بولسىمۇ لېكىن يېڭى شئېىريەتنى ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ غول ئېقىنى بولغان ئەنئەنىۋى شئېىريەت بىلەن يۇغۇرۇشقا ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى نوقتىسىدىن ۋە شئېىر يەت نەزىريىسى نوقتىسىدىن قادىر بولالمىدى.قادىر بولىشىمۇمۇمكىن ئەمەس ئىدى.چۈنكى ئۇ ئالى مەكتەپ ھاياتى باسقۇ چىدىلا ۋەتەندىن ئاي رىلغان.ئۇزاق مەزگىل چەتئەل موھىتىدا ياشىغان.ئۇيغۇرنى بىر پۈتۈن بىلىپ چىقىش،چۈشىنىش ئىم كانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان.ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئېلىپ كىرگەن يېڭى شئېىريەت ھادىسىسى تەپەككۈرنى يېڭىلاش جەھەتتە ئۇي غۇر شئېىريىتىگە يېڭى قان بېغىشلىسىمۇ ئەنئەنە بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە ئاجىزلىق قىلىپ مۇجىمەللىك،قايمۇقۇش پەيدا قىلغاندەك يېقىنقى مەزگىلدە ئۇ تەشەبۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ھېچنىمىزىم ھادىسىسىمۇ ئۇيغۇر شئېىريىتىدە مۇئايەن دەرىجىدە مۇجىمەل لىك،قايمۇقۇش پەيدا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى شئېىريەت ھادىسىسى ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ ئاساسى ئېقىمى بو لالماي ئۇيغۇر شئېىريى تىنىڭ غول ئېقىنىنىڭ يۈزلىنىشىگە يۇغۇرلۇپ كەتكەندەك ھېچنىمىزىم ھادىسىسىمۇ شۈبھىسىزكى ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ غول ئېقىنىغا يۇغۇرلۇپ كېتىدۇ.زامانىۋىيلىق بىلەن ئەنئەنىۋىيلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇيغۇنلىشىشتا يېرىم ئەسىرلىك ئىجادىيەت يولىنى بېسىپ ئۆتكەن ئۇستاز شائىر بۇغدا ئابدۇللا 1986-يىلى ئىجات قىلغان «تاڭدىكى دەريا » ناملىق شئېىرىدىن باشلاپ يېڭى بىر ئىجادىيەت باسقۇچىغا كۆچكەن.ئۇنىڭ شۇ چاغدىن باشلاپ ئىجات قىلغان شئېرىي ئەسەرلىرىدە ساپ ئەدەبىياتنىڭ خۇسۇسىيىتىگە تويۇنۇشتىن باشقا زامانىۋى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەن ئەنىۋى چوڭقۇرلۇقنى ئىخچام يورۇتۇش يارقىن نامايەن بولۇپ كەلدى.ئۇستاز شائىر بۇغدا ئابدۇللانى ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى ئىلغار يۈزلىنىشنىڭ تىپىك ۋەكىلى دېيىشكە بولىدۇ.ئۇ شئېىرغا ئەزەلدىن بىر ساپ تىل سەنئىتى ئە سىرى دەپ قاراپ ھەربىر شئېىرىغا بىر رومانغا ئەجىر سىڭدۈرگەندەك زور زېھنى كۈچ ۋە يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ كەلدى. ئۈچۈنچىدىن: ئەينى ۋاقىتتىكى ياشلار ئارىسىدىكى ئەنئەنىنى ئىنكار قىلىش خاھىشى بىر مەنىۋى مىراس سۈپىتىدە ھەربىر مەزگىلدىكى بەلگى لىك نىسبەتتىكى ياش ئەدەبىيات ئىخلاسمەنلىرى قەلبىدە ئۈزۈلمەي مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.ئۇلار تەجىر بىسىنىڭ كەملىكى، كۆزقارىشىنىڭ بىر تەرەپمىلىكى،رىئاللىققا بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئالى مەك تەپتە ئۈگەنگەن دۇنياۋى ئەدەبىياتنىڭ يۈكسەكلىكى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆرۈمسىزلىكىنى كۆرۈپ، چەتئەلنىڭ گۈل، ئۆزىمىزنىڭ تېزەك كۆرۈنىدىغان تەسىراتقا قۇچاقلىنىپ كېتىشتىن خالىي بولالمىغاندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ناھايىتى قىسمەن ھالدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان چەتئەل ئەدەبىياتىنى ئۇلۇغلاپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چۆكۈرۈش،ئىنكار قىلىش خاھىشى ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەڭگۈلۈك ھەقىقەت سۈپىتىدە ئورناپ كەتتى.كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پۈتۈنلىكى ئايرىلمىغاندەك ھەرقانداق شەيىنىڭ ،ئادەم نىڭ ،مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ.چەتئەل ئەدەبىياتىغا چوقۇنغۇچىلار يەنە بىر كۆزىنى ئېچىپ ئەنئەنىنىڭ كونا چاپان بولماستىن بىر مەنىۋىي خەزىنە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلىسە، ئەنئەنىنى ئۇلۇغلاپ چەتئەل ئەدەبىياتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارمۇ چەتئەل ئەدەبىياتىدىكى ئۈلگە، ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان ئىلغار تەركىپلەرنى تونۇپ يې تەلىسە ئېسىل ئىش بولاتى. ھەرقان داق چاغدا پىچاقنىڭ بىسىنى تۇتساق قولىمىزنى زەخمىلەندۈردىدۇ.ناۋادا پىچاقنىڭ سې پىنى تۇتساق پىچاق بىزنىڭ قورالىمىزغا ئايلىنىدۇ.ئادەم يولۇقىدىغان ھەرقانداق ئىش ياكى مەسىلە شۇ پىچاقتىن ئىبارەت. ئىش ياكى مەسىلىنىڭ پايدىلىق ۋە پايدىسىز تەرىپى بولىدۇ.ئەنئەنە پۈتۈنلەي ئېسىل ئەمەس.ئۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلاشقا مۇھتاج.زامانىۋىيلىقمۇ ئاسماندىن چۈشمەيدۇ بەلكى يىلتىزى بولغان ئەنئەنە قوينىدىن ئۈنۈپ چىققىدۇ. تۆتىنچىدىن:80-يىللارنىڭ ئاخىرى 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى غەرپ مودىرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ پىروزا، شئېىريەت، نەسىرچىلىك، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزگە كۆرسەتكەن كۈچلۈك تەسىرى شۇ مەزگىلدىن باشلاپ قىسمەن قەلەم ئىگىلىرى قەلبىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەيدىغان ئېغىش خاھىشىنى بارلىققا كەلتۈردى.ئۇيغۇر ئەدەبىيا تىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئۆلچەش مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.ئەكسىچە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ مەيداننى ،يۈكسەكلىك نوقتىسى بىلەن ئۆلچەش قۇبۇل قىلىنىدىغان ،ئۆرنەك قىلىدىغان ئوبكتنى يېتەكچى ئورۇنغا قويىۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.قىسمەن ماقالىلەردە، ئوبزورلاردا، سۆھبەتلەردە ئاز نىسبەتتىكى قەلەم ئىگىلىرىمىزنىڭ ئاڭقىرماستىن چەتئەل ئەدەبىيا تى مەيدانىدا تۇرۇپ ئۇيغۇر پىروزىسى، شئېىر يىتىگە باھا بېرىۋاتقان لىقى،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تولىمۇ ئارقىدا،ئۇيغۇر يازغۇچى لىرىنىڭ ئەدەبىي تالانتى ۋە ئىستىداتىنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن لىكىنى ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز. چەت ئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئىلغار سەۋىيىسى ئالدىدا ئۇيغۇر ئەدەبىيا تىنىڭ ناھايىتى كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئەمىليەت.لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىر لىرىغا يۈكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ.يېقىنقى تۆت يۈز يىلدىن بۇيان رايۇنىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ،ھادى سىلەر،يېغىلىقلار،خەلقىمىز بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر مەدەنىيەتتە ناھايىتى زور چېكىنىشنى بارلىققا كەلتۈردى.شۇ نەچچە يۈز يىللىق تارىخنى ۋە ئازات بولۇپ 30 يىلغىچە بولغان بوران-چاپقۇنلۇق جەرياننى بىر پۈتۈن تارىخى جەريان نوقتىسى دىن ئويلىغىنىمىزدا ئاندىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتە ئۆزىگە چۇشلۇق ئەدەبىيات بولۇپ تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشى نەلەيمىز.سىياسى،ئىقتىسات،ئىجتىمائىيەت،مەدەنىيەت بىر پۈتۈن گەۋدە.بىر جەمىيەتنىڭ تەرەق قىياتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىپلەردۇر.شۇ تەركىپلەر بىر-بىرىگە زىچ مۇنا سىۋەتلىك. بۈگۈنكى تەرەققى قىلىۋاتقان جەمىيىتىمىزدە ئەشۇ تەر كىپلەر ماس ھالدا تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. ئۆتمۈشتە بولسا ئەكسىچە بىر-بىرىگە ماس ھالدا كەينىگە چېكىنگەن.چەتئەلنىڭكىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشنىڭ تۈپ پەرقى بولىدۇ.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چەتئەل ئەدەبىياتى ىڭ نەزرى بىلەن ئۆلچەش ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشتىن ھالقىپ،چەتئەل ئە دەبىياتى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىش،چەتئەل ئەدەبىياتى تەرپىدىن يۇتۇلۇپ كېتىش،ئۇيغۇرلارنىڭ موھىتىدا،مەنىۋى زىمىنىدا ياشاپ تۇرۇپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئاسىيلىق قىلىش دېسەك ئاشۇر ۋەتكەن بولمايمىز. ئەسئەت سۇلايمان «ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرە تۇتېم مەدەنىيىتى توغىرسىدا »ناملىق كىتاۋىدا كېيىنكى مەزگىللەر دە تارىخ سەھنىسىدە باش كۆتەرگەن موڭغۇللارنىڭ كۆك بۆرىنى ئوران-تۇتېم قىلغانلى ق غا قارىتا مەدەنىيەتشۇناس ئالىملارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ «موڭغۇللارنىڭ شۇ تۇتىمى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇ تېمچىلىقىنى دورىشى،قوپال قىلىپ ئېيتقاندا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈكرۈك چاچراندىسى» دەيدۇ.نۆۋەتتە چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئۇسلۇبىنى دوراش،تەقلىد قىلىش ھالىتى يۈكسىلىشكە ئېرىشىپ قىلچە ئىككىلەنمەي چەت ئەل ئەدەبىياتى ئۆلچىمىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالدىغان ئەھۋال قىسمەن قەلەم ئىگىلىرىدە قىسمەن ھالدا كۆرۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ.مىللىي ئەدەبىياتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى ئايرىم تېما بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئايرىم توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.بەشىنچىدىن : ئەينى دەۋردىكى شۇ ھادىسىلەرنىڭ سەلبى تەسىرى كەينى-كەينىدىن يېتىشىپ چىققان يېڭى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ بەلگىلىك ساندىكىلىرىدە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى،خەلق ئېغىز ئەدەبى ياتى،خەلق فىلوكلورىىغا پۈتۈنلەي «كونا نەرسە»دەپ قاراپ قىززىقمايدىغان،ئەھمىيەت بەرمەيدىغان،ھەتتا پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان ناچار خاھىشنى پەيدا قىلدى.شۇڭا ئۇلارنىڭ بىرقىسمى قىلچە ئىككىلەنمەي نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چەتئەل ئەدەبى ياتىنىڭ نەزرى بىلەن ئۆلچەيدىغان بولىۋالدى.نەچچە مىڭ يىللىق ئەدەبىيات خەزىنىسى ئۇلارنىڭ نەزرىدە ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان،ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يېتىشىۋېلىشىدىكى «پۇتتلىكاشاڭ»دەپ قارىلىدىغان بولدى.ئەمىليەتتە چەتئەل ئەدبى ياتىدىكى ئىلغار ئامىللار نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشىدىكى بىرلا كۆزنەكتىن ئىبارەت.باشقا كۆزنەكلەر بولسا كىلاسسىك ئەدەبىيات،ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى،يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتى ،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ،باشقا مىللەتلەر ئەدەبىيا تى كۆزنەكلىرى(تەرجىمە ئەسەرلەر)دۇر.شۇ كۆزنەكلەر ئۇيغۇر ئەدەبىيا تىنىڭ بىر پۈتۈن مەۋجۇتلىقىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى شۇ كۆزنەكلەرنى ئۆز-ئارا يۇغۇرۇش ئاساسىدا يېڭىلىنىپ تەرەققى قىلىدۇ.قۇبۇل قىلىش يېڭىلىق يارىتىش ناھايىتى موھىم تەرەپ.قۇبۇل قىلىشتىكى مەخسەت ئۆزىگە خاس يېڭىلىق، تەرەقىيات يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتۇر.دېمەك قۇبۇل قىلىش مەخسەت ئەمەس.بەلكى ۋاستە.ۋاستە مەخسەتكە ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ.يوشۇرۇش ھاجەتسىزكى يېقىنقى يىللاردا «مىكرۇ ئوبزور»دەپ ئاتىلىدىغان تېخنىكىلىق تەنقىد بارلىققا كەلدى.ئۇنى «ئېدراك تېخنىكا تەنقىدچىلىكى»دەپ ئاتاش مۇۋاپىق.چۈنكى ئۇ خىل تەنقىدچىلىك ھېسسىيات ئامىلىدىن پۈتۈنلەي «ئازات»قىلىنغان.خاھىشچانلىقتىنمۇ «ئازات »قىلىنغان.شۇنىڭ بىلەن غول ئەدەبىي تەنقىدچىلىك يۈزلىنىشىدىكى جانلىقلىق ۋە چوڭقۇرلۇقتىنمۇ بىراقلا خالى قىلىنغان.شۇ ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق ھەتتا شئېىر تەقرىزچىلىكىدىمۇ شئېىرنى ئىزاھلاش –چۈشەندۈرۈش بولۇپ گەۋدىلەنگەن.تېخنىكىلىق تەنقىد چەتئەل ئەدەبىياتىدىكى تەنقىدچىلىك ئۇسلۇبىنىڭ ئەينەن كۆچۈرۈلۈپ كېلىشىدىن ئىبارەت.بۇ خىل تەنقىدچىلىكنىمۇ ئەخمەتجان ئوسمان «تۈگىمەس ناخشا ھەققىدە تەھلىل» ناملىق ماقالىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۇنجى قېتىم ئېلىپ كىرگەن قەلەم ساھىبىدۇر.ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شۇ ماقالىسىغا تالانتلىق شائىر قۇربان بارات رەددىيە ماقالىسى يازغان. ئەخمەتجان ئوسمان شۇ ماقالىسىدا ھېسسىيات ئامىلىنى پۈتۈنلەي چىقىرۋېتىپ «تۈگىمەس ناخشا»نى ئېدراكلىق تەنقىد نوقتىسىدىن تەھلىل قىلغان.ئىككى ماقالە 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا «تارىم» دا بىر ساندا بىللە ئېلان قىلىنغان.بۈگۈنكى « مىكرۇ ئوبزورچىلىق»نىڭ يىلتىزىنى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شۇ ماقالىسىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.شۇنداقلا ئېدراك تەنقىدچى لىكىنىڭ ئاجىزلىقىنى قۇربان باراتنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئېلان قىلغان رەددىيە ماقالىسىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.مېنىڭچە ئېدراك لىق تەنقىدنى ئايرىم تەنقىدچىلىك ئۇسۇلى قىلىۋالماي غول ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە يۇغۇرۇش كېرەك.ئۇقۇم ئىزاھلاش،سەھىپە ئىخچاملىقى ئەۋزەللىكىنى قۇبۇل قىلىپ ھېسسىيات ئامىلىدىن ،خاھىشچانلىقتىن پۈتۈنلەي خالى قىلىش ئالاھىدىلىكىنى ئۆز لەشتۈرمەسلىك كېرەك.ئۇ خىل تەنقىدچىلىكنىڭ بارلىققا كەلگەن زىمىنى چەتئەل. تەرەققىياتنىڭ ئىنتايىن تىزلىكى غەرپ دۇن ياسىدا ئادەملەرنىڭ ئۆز-ئارا ياتلىشىشنى يۇقۇرى چەككە يەتكۈزۈپ ئادەملەرنى ھاياجانلانمايدىغان، تەسىرلەنمەيدى غان،كومپىيۇتىرغا ئوخشاش پەقەت ئەقىلدىن ئىبارەت بىر خىل تەپەككۈر ئۇسۇلى ئارقىلىق پىكىر قىلىدىغان دەرىجىگە ئاپى رىپ قويغان بولىشى مۇمكىن. ئېدراكلىق شئېىرلار،ئېدراكلىق پىروزا ئەسەرلىرىمۇ تەبىي پەن لەردىكى چۈشەندۈرۈش ماقالى لىرىغا يېقىنلاشقان بولىشى مۇمكىن.لېكىن بىزنىڭ موھىتىمىز ئوخشىمايدۇ.كىشىلەر يەنىلا ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنىڭ ئوخشاش كونتۇرۇللىقىدا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ ئەھۋال يەرلىك ئالاھىدىلىك سۈپىتىدە ناھايىتى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ.
تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ 3-شەرتى بولغان دۇنياۋىيلىققا يۈزلىنىش بىلەن مىللى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئۇيغۇنلىشىش بۈيۈك يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئەمىليىتىدە قايتا–قايتا دەلىللەنگەن يارقىن نوقتىدۇر.18-19-ئەسىرلەردە فرانسۇز ئەدەبىياتى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى بۈيۈك پەللە بولۇپ نامايەن بولغان.18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رۇس ئەدەبىياتى بارلىققا كېلىش باسقۇچىغا قەدەم قويمىغان،فىرانسۇز ئەدەبىياتى رۇسىيەدە ئىنتايىن ئالقىشلانغان مەزگىل ئىدى.19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پۇشكىن رۇس ئەدەبىياتىنىڭ يوقلىقىغا خاتىمە بەرگەن.19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بىلىنسكى،دوبۇرلىيۇۋ قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىكىدە رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى گۈللىنىپ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا رۇس ئەدەبىياتىنىڭ فىرانسۇز ئەدەبىياتى بىلەن تەڭ دەرىجىدە دۇنياۋى ئەدەبىيات دەرىجىسىگە كۆتىرىلىشىگە تۈرتكە بولغان.20-ئەسىردە ئامىركا ئەدەبىياتى گۈللىنىش بىلەن بىللە لاتىن ئامىركىسى ئەدەبىياتى باش كۆتۈرۈپ ئۆزگىچە مىللى مەدەنىيەتنى دۇنياغا نامايەن قىلغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندىستان،مىسىر،ياپونىيە ئەدەبىياتىمۇ شەرق ئەدەبىياتىنىڭ كۆپ قىرلىق، كۆپ مەدەنىيەت قاتلىمىلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلغان.جوڭگۇ شىنخەي ئىنقىلاۋى ئارقىلىق يېڭى زامان مەدىنىيىتىگە بۇرۇلۇپ يۈز يىل ئۆتكەن 2012-يىلدا نوبىل ئەدەبىيات ساھىبى مويەن ئارقىلىق خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياۋى سەۋىيەگە كۆتىرىلۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلدى.تۈركىيە ئەدەبىياتىمۇ ئوتتۇرا شەرقنىڭ،مىسىرنىڭ،ياۋروپانىڭ ئەدەبىياتىنىڭ كېسىشمە نوقتىسىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇرخان پامۇك دېگەن ئىسىم ئارقىلىق دۇنياغا ئۆزىنى تونۇتتى.بۈيۈك يازغۇچىلاردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك:قايسى ئىرق،قىتئە،دۆلەت،رايۇن،مىللەتكە تەۋە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئۆزى تەۋە مەدەنىيەت چەمبىرىكىنى دائىرە،مىللىي ئالاھىدىلىكىنى يادرۇ قىلىپ،ئۆز قەلىمى ئارقىلىق يورۇتقان ئۆزگىچە،يېڭى بەدىي دۇنيانى دۇنياۋى يۈكسەكلىككە كۆتىرىپ ئىنسانىيەتكە ئەبىدىي ئۇنتۇلمايدىغان ئۆلمەس ئەسەرلەرنى سوۋغا قىلدى.نوبىل ئەدەبىياتىغا نائىل بولالماسلىق ئېرىشەلمىگەن يازغۇچىلارنىڭ تۆھپىسىنى خىرەلەشتۈرەلمەيدۇ.چۈنكى نوبىل ئەدىبىياتنىڭ سان چەكلىمىسىدىن باشقا يەنە ئۆلچەم جەھەتتىكى نۇرغۇن شەرتلىرىنىڭ بارلىقى ئېنىق.نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ شەرىپىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئەڭ قىممەتلىك تەرىپى مۇكاپاتلانغۇچىغا بېرىلىدىغان « .... دە يېڭى بىر پەللە ياراتقانلىقى ئۈچۈن ئۇشبۇ مۇكاپات بېرىلدى» دېگەن باھادا بولىشى مۇمكىن.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن دۇنياغا يۈزلىنىش 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاندى.ئۇنىڭ ئالدى دىكى بىر قانچە يۈز يىللىق تارىخى جەريان تارىخ تىن خەۋەردار كۆڭۈللەرگە ئايدىڭ.باشقا تىللار،چەتئەل تىللىرىدىن تەرجىمە قىلىش ياخشى يۈزلىنىشى بارلىققا كېلىش بىلەن بىللە خەنزۇ تىلىدا بىۋاستە ئەسەر يېزىشتىن باشقا ئېنگىلىز،ئەرەپ قاتارلىق چەتئەل مىللەتلىرى تىلىدا ئەسەر يازىدىغان قەلەم ئىگىلىرىمىزمۇ يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.ئىپادىلەش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە بىلىم جەھەتتە دوكتۇرلۇق سالاھى يىتىنى ھازىرلىغان،ئەدەبىي تالانتا ھەم ئىلمىي تەتقىقاتتا تەڭ يېتىشكەن ئىستىدات ئىگىلىرىمىزمۇ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ.يەنە كېلىپ ئۇلار ياش،ئومۇمىي يۈزلىنىشتىن قارىغاندا دوستلۇق ھەم ھەمكارلىق رىشتىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ.بۇ ياخشى ئەھۋال.ئۇلار ئىلگىركىلەر ھازىرلاپ بولالمىغان قابىليەتلەرنى،كەمتۈكلۈكلەرنى تولدۇرۇشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ.روھمىزدىكى كۆرەلمەسلىك، ئىناق سىزلىق،ئىنكار قىلىش ،ئۆز-ئارا ئورا كوللاش جاراھەتلىرى ساقىيىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ....ئومۇمىي نوقتىدىن قارىغاندا ئاساسىي ئېقىم،يۈزلىنىش ياخشى بولىۋاتىدۇ.شۇ ئېقىم،يۈزلىنىشنىڭ ئۈزلۈكسىز،ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىدا گەپ يوق.ئۇيغۇر ئەدە بىياتىنىڭ دۇنياۋىي ئەدەبىيات سەۋىيىسىگە يېقىنلىشىشغا،يېتىشىگە بىر جەريان كەتسىمۇ شۇ كۈن ھامان كېلىدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مىكرۇلۇق ئۆلچىمى ئەركىن،مۇستەقىل،خاس ھالدا تەسەۋۇر بىلەن تۇيغۇنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگىچە،يېڭى بەدىي ئالەمنى يارىتىشتۇر.ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ماكرۇلۇق ئۆلچىمى بولغان تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىش بارلىق قەلەم ئىگىلىرىگە ئورتاق بولغاندەك مىكرۇ ئۆلچەممۇ ھەممەيلەنگە ئورتاق تۇر.ئەمىليەتتە ماكرۇلۇق ئۆلچەم كۆپ بولىشى مۇمكىن.مىكرۇلۇق ئۆلچەممۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن.ئورتاقلىق نوقتىسىدىن قارىغاندا ماكرۇ ئۆلچەمنىمۇ يۇقۇرقى بىر نوقتىغا،مىكرۇ ئۆلچەمنىمۇ يۇقۇرقى بىر نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۇۋاپىق.ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرى كۆپ بولغانلىقتىن ئۆلچەمنى كۆپەيتىش ياكى كۆپەيتمەسلىك ھەربىر قەلەم ئىگىسىنىڭ ئەركىن تاللاش ئىختىيارلىقىدىكى ئىش.مۇستەقىل ئويلىنىش،ئەركىن تەپەككۈر قىلىش،خاس تەسەۋۇر يۈرگۈزۈش كونكېرتلىقتا ھەر بىر قەلەم ئىگىسى ئۈچۈن ئورتاقتۇر.دوراش،تەقلىد قىلىش،كۆچۈرمىچىلىك،ئۆزلەشتۈرۈشتىن مۇستەقىل،يېڭى ئىجادىيەتنىڭ بارلىققا كەلمەيدىغانلىقىنى ھەر بىر قەلەم ئىگىسى ئۆزىگە دائىم ئەسكەرتىپ تۇرىشى زۈرۈر.
مەن ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆلچىمى ھەققىدىكى ئويلىغانلىرىمنى ئۆز سەۋىيەم ۋە ئىقتىدارىمغا يارىشا بايان قىلدىم.مەن ناھايىتى توغرا ۋە ئىنتايىن مۇكەمەل بولدى دەپ ئېيتالمايمەن.قەلىمى،تەپەككۈرى كۈچلۈك،سەۋىيىسى يۇقۇرى قەلەم ئىگىلىرى بۇ ھەقتە توغرا ۋە مۇكەمەل بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويسا شۇنداقلا مېنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلىرىمنى ئىنكار قىلىۋەتسە تامامەن بولىۋېرىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-10 16:56