كۆرۈش: 756|ئىنكاس: 26

ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆلچىمى توغرسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 13:31:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆلچىمى توغرسىدا



ئەزىز ھېيت كۈن





    يېڭىلىق،ئىجادىيلىق،ئىجادىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئۇقۇمنىڭ يادرۇسى يېڭىلىق ئۇقۇمى بولۇپ،ئىجادىيلىق،ئىجادىيەت ئۇقۇملىرى يېڭىلىق ئۇقۇمىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.ئىجادىيلىق-خۇسۇسىيەتكە،ئىجادىيەت–سەنئەت ئەسەرلىرى،ئىلمىي ئەسەرلەر،ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قارىتىلغان.تۇرغۇنلۇق،قاتماللىققا نىسبەتەن يېڭىلىقنىڭ بارلىققا كېلىشى جانلىنىش ۋەزىيىتى يارىتىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.يېڭىلىقنىڭ ئىجادىيلىق دەرىجىسىگە كۆتىرلىشى سەنئەت قانۇنىيىتى،ئىلىم-پەن قانۇنىيى تى،ئەدەبىيات  قانۇنىيىتىنىڭ ئەمىلىلەشتۈرۈلىشىدە رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە.يېڭىلىق بىلەن ئىجادىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتىدە يېڭىلىق ھادىسىلىق خۇسۇسىيەتنى،ئىجادىيلىق ماھايەتلىك خۇسۇسىيەتنى تەشكىل قىلىپ يېڭى ئىجادىيەت ھېساپلانغان يېڭى ئەسەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى  بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
   ئالدى بىلەن «يېڭىلىق »ئۇقۇمىنى چۈشىنىش زۈرۈر.بۇ ئۇقۇمنى چۈشىنىش ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ۋە چۈشەنچىسى تەرپى دىن بەلگىلىنىدۇ.جاھىل،مۇتەسىپ،كونىلىق تونىغا مەڭگۈلۈك بەند بولۇپ كەتكەنلەرگە ھەرقانداق بىر يېڭىلىق غەلىتىلىك، غەيرىلىك بولۇپ تۇيىلىدۇ.ئۇلارنىڭ  يېڭىلىققا يۈزلىنىشى ياكى يېڭىلىقنى قۇبۇل قىلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.يېڭىلىققا تۇتىدىغان پوزىتسىيە كۆزقاراش ۋە چۈشەنچە تەرپىدىن بەلگىلەنگەندىن باشقا ئادەمنىڭ سەۋىيىسى ،ساپاسىنىڭ دەرىجىسى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.ساپاسى تۆۋەن ئادەملەرنى ئۆتكۈنچى ھادىسلەرمۇ بىر يېڭىلىق سۈپىتىدە ھەيران قالدۇرۇپ ھاياجانلاندۇرىشى مۇمكىن.مودا قوغلىشىشقا بېرىلگەنلەرنىڭ كۆپۈنچىسى مەسىلىنى ماھايەت جەھەتتىن ئويلاپ كەتمەيدى غانلاردۇر.كۆرۈنۈش جەھەتتىكى قالتىسلىققا مەپتۇن بولۇش ،بارلىققا كەلگەن ھادىسىنىڭ پايدا-زىيىنىنى ۋە قانچىلىك مەۋ جۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاشماسلىق ئۇلارنىڭ تېيىز تەپەككۈرىدىكى ئورتاقلىقتۇر.كۆزقاراش، چۈشەنچە،سەۋىيە،ساپا ئامىللىرى ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى يېڭىلىقنى تونۇشنىمۇ بەلگىلەيدۇ.كۆز قاراش،چۈشەنچە ئەدەبىي ئىجادىيەتتە نىمىنىڭ يې ڭىلىق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل بولسا سەۋىيە،ساپا ئامىلى يېڭىلىقنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەيدىغان ئامىلدۇر. ئەنئەنىنىڭ بايرىقىنى مەڭگۈلۈك كۆتىرۋالغانلارغا پەقەت ئەنئەنە نوقتىسىدىن بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرلا يېڭىلىق ھې ساپلىنىدۇ.زامانىۋىيلىق نوقتىسىدىن بارلىققا كەلگەن ھەرقانداق چوڭ-كىچىك ئۆزگىرىش ئۇلارنىڭ نەزرىدە يولدىن چەتنەپ كېتىش،ئاسىيلىق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.ئەنئەنىدىن قەتئى خوشلىشىپ زامانىۋىيلىقنى بىردىن-بىر تۇغ قىلىۋالغانلارغا نىسبەتەن ئەنەنە ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ھەرقانداق يېڭىلىق قىلچە يېڭىلىق بولماستىن كونا پىكىرنىڭ قايتىلىنىشى بولۇپ تۇيىلىدۇ.شۇڭا ئەنئەنە تەرەپدارلىرى بىلەن زامانىۋىيلىق تەرەپدارلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا كۆرۈنمەس بىر ھاڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.ئەنئەنىۋى روھنى زامانىۋىي تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىپادىلەش ئەنئەنىنى زامانىۋىيلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر خىل توغرا يولدا كېتىۋات قانلارنىڭ ئەۋزەللىكىدۇر.زامانىۋى تەپەككۈرنى ئەنئەنىۋى شەكىل،ئۇسلۇپتا ئىپادى لەش زامانىۋىيلىقنى ئەنەنە بىلەن يۇغۇرۇشتىن ئىبارەت يەنە بىر خىل توغرا يولدا كېتىۋاتقانلارنىڭ ئەۋزەللىكىدۇر.ئەنەنە بىلەن زامانىۋىيلىقنى ئۆز-ئارا قارمۇ-قارشى ئورۇنغا قويىۋىلىپ ئۆز-ئارا توختىماي قارشىلىش ئىككى تەرەپنى ئوخشاشلا چارچىتىدىغان،كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان،گاڭگىرتىدىغان تۇيۇق يولدۇر.يېڭىلىق بىلەن كونىلىقنىڭ مەڭگۈ سىغىشالمايدى غان تەرەپلىرى بولغاندىن باشقا بىر-بىرىنى شەرت قىلىدىغان،بىر-بىرىگە باغلىنىدىغان –كېسىشىدىغان تەرەپلىرى بولىدۇ. كونىلىق بولمىسا يېڭىلىق بارلىققا كەلمەيتى.يېڭىلىق كونىلىقنى يېڭىلاش زۈرۈريىتى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ. يېڭىلىق بارلىققا كەلگەندە كونىلىق تەركىبىدىكى ئىلغارلىقىنى تامامەن يوقاتقان ئامىلنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ.كونىلىقنىڭ ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغان تەرەپلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.دېمەك بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق پۈتۈنلەي،–يۈزدە-يۈز يېڭىلىق بولماستىن كونىلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى بار قىسمىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىلغارلىقىنى،قوللىنىشچانلىقىنى يوقاتقان تەركىبىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان يېڭى لىقتۇر.يېڭىلىق مەڭگۈلۈك يېڭىلىق بولالمايدۇ.ئۇنىڭ ئۇزاققىچە ئىلغارلىقىنى ساقلاپ قالىدىغان قىسمى بولۇش بىلەن رىئاللىق تىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشالمايدىغان قىسمىمۇ بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يېڭىلىق ئۆزىنىڭ رىئاللىقتىكى ئۆزگىرىش لەرگە ماسلىشالمايدىغان قىسمى ئارقىلىق كونىلىققا ئايلىنىدۇ.شۇ  كەمتۈكلۈك يېڭى ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشالايدىغان يېڭى دىن بارلىققا كەلگەن ئىلغارلىق-يېڭىلىق ئارقىلىق تولدۇرىلىدۇ.شۇڭا بارلىققا كەلگەن ھەرقانداق يېڭىلىق مۇكەمەل،كەم-كۈ تىسىز يېڭىلىق ئەمەس.ئۇنىڭ ئىلغار تەرىپى يېرىم نىسبەتنى ئىگىلسسە، رىئاللىققا تولۇق ماسلىشىپ بولالمايدىغان قىسمى يېرىم نىسبەتنى ئىگىللەيدۇ.دۇنيانى ۋە روھنى بىر قېتىمدىلا يېڭىلىق ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس.ئوچۇق ئېيتقاندا يېڭىلىقنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا بىر جەريان كېتىدۇ.يېڭىلىق تولۇق ئومۇملىشىپ بولغىچە كونىلىقنىڭ مۇئايەن قىسمى بەلگىلىك دەرىجىدە ساقلىنىپ تۇرىدۇ.يېڭىلىق ئومۇملىشىپ بولغاندا ئۇنىڭ مەلۇم قىسمى كونىرايدۇ.شۇنىڭ بىلەن يېڭىلىقنىڭ مۇئايەن قىسمى كونىلىققا ئايلىنىپ بولىدۇ.ئۇنى يەنە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق تولۇقلايدۇ.ئۇنداق زەنجىر سىمان باغلىنىش مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ.بۇ يېڭىلىق بىلەن كونىلىقنىڭ،ئىلگىركى يېڭىلىق بىلەن كېيىنكى يېڭىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ،ئالمىشىشى،ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىش جەريانىدۇر. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقنىڭ دەرىجىسىنى قەلەم ئىگىلى رىنىڭ بەدىي سەۋىيسى ۋە ئونۋېرسال ساپاسى بەلگىلەيدۇ.يازغۇچىنىڭ پۈتكۈل تاكامۇللىقى بىلەن ئەسىرىدە ياراتقان يېڭى لىقنىڭ يۈكسەكلىك دەرىجىسى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.مىللى خاسلىقنى دۇنياۋىي يۈكسەكلىككە كۆتىرىپ نامايەن قىلغان بۈيۈك يازغۇچىلارنىڭ كاتتا ئەسەرلىرى دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئېسىل گۆھەر بولۇپلا قالماستىن ئۇ خىل يازغۇچىلارمۇ دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە يىتۈك تىل سەنئەتكارلىرى بولۇپ كەلدى.ئەكسىچە تار دائىردىن ھالقىيالمىغان،كىچىك مەھەللىسى، ياكى يۇرتىدىن ھالقىپ ئۆتەلمىگەن،يېڭىلىق قۇبۇل قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى مەھەللىۋى دائىردىن كېڭەيتەلمىگەن ياز غۇچى-شائىرلار «مەھەللىۋى يازغۇچى-شائىر »بولۇپ كەلدى.ئاڭ يۈكسەكلىكىدىكى پەرق،كۆزقاراش،نەزەردىكى بېكىنمى چىلىك،ئەدەبىي ماھارەت جەھەتتىكى تۆۋەنلىك،بىلىم جەھەتتىكى تېيىزلىق،تەجىربە جەھەتتىكى يەكۈنسىزلىك،پاراسەت جە ھەتتىكى كەمتۈكلۈك شۇ خىل قەلەم ئىگىلىرىنى ئۆز مەھەللىسى، يۇرتنىڭ «دۆڭلىرى» بولۇش بىلەن قانائەتلەندۈرۈپ رايۇن، ماكان ھالقىش،زامان ھالقىش ئىمكان ىيىتىدىن مەھرۇم قىلدى.خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان قوشاقچىلار، مەداھلارنىڭ ئۆز تەۋەلىكى دائىرسىدە چەكلىنپ قېلىشى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن ئۇنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولغان خەلق ئاممىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئەممامەخسەتلىك ئىجادىيەت بولغان يازما ئەدەبىياتنىڭ قوشۇنىنى تەشكىل قىلغۇچى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ مەسۇليىتى ۋە بۇرچى خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ مەسۇليىتى ۋە بۇرچىدىن زور دەرىجىدە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش يالغۇز بەدئىي نوقتىدىن يېڭىلىق يارىتىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ.بەلكى بەدئىيلىك بىلەن ئىدىيۋىلىكنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىشتا ئىپادىلىنىدۇ.لىرىك ئەسەرلەردە جۈملىدىن شئېىرلاردا مۇزى كىغا ئوخشاش ئېنىق سۆزلىگىلى-چۈشەندۈرگىلى بولىدىغان ئىدىيۋى مەزمۇن بولمايدۇ.لېكىن كەيپىيات ۋە مايىللىق ياكى خاھىش بولىدۇ.كەيپىيات،مايىللىق، خاھىش روھنىڭ گەۋدىلىنىشدۇر.گەۋدىلەنگەن روھ بولسا شئېىردىكى مەنادارلىقتۇر. ئەدە بىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش قارىتىلغان ئوبكىت جەھەتتە ئايرىملىق ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئومۇملۇق ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبكىت ئۈچۈن بارلىققا كېلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ كەلدى.يەككە ئادەم ۋە تار دائىردىكى ئادەملەرنىڭ يىگانىلىق پىسخىكىسى، ئۆزلىرىنى ئاۋام خەلقتىن چەتكە ئېلىش،توپتىن خالى بولۇش ئارزۇسى، دۇنيانىڭ زىرىكىشلىكى، ھاياتنىڭ بىمەنىلىكى تەسىراتىنى ئىپادىلەيدىغان ھەتتا ئۇلۇغلاش جەھەتتە يېڭىلىق دەرىجىسىگە كۆتىردىغان يۈزلىنىشمۇ ئەدەبىيات تارىخىدا قىسمەن يۈزلىنىش سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.ئۇ قىسمەن ھادىسىنىڭ يې ڭىلىق ئىكەنلىكى بەرھەق بولسىمۇ،ئاز يىگانىلىق خاھىشىدىكى كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىنى يارقىن نامايەن قىلسىمۇ لېكىن غول ئېقىن بولغان خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسى ئېقىمنىڭ بىرلىك،ئۇيۇللۇق،باراۋەرلىك،ھەمكارلىق،رەزىللىكلەردىن ئورتاق نەپرەت لىنىپ گۈزەللىك،ياخشىلىققا ئورتاق تەلپۈنۈش ئارزۇسى،خاھىشىغا يېقىنلىشالمىدى.ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلب سادا سىغا ئايلىنالمىدى.ئېقىندىن يىراقتا قالغان كىچىك-كىچىك ئېرىقلاردەك گاھ كۆرۈنۈپ گاھ يوقايدىغان ھالىتىدىن قۇتۇلالمى دى.ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئومۇملۇق ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق يۇقۇرقىنىڭ ئەكسىچە زور ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئەدەبىيات نىڭ ئاساسى يۈزلىنىشى بولۇپ كەلدى.بۇ ئەھۋال ھازىرمۇ يارقىن گەۋدىلەنمەكتە.ئوبكتقا قارىتىلغان ئىككى خىل يېڭىلىقنىڭ تۈپ پەرقى:تەنھالىقنى،ئايرىملىقنى،بىرىكمەسلىكنى،ھىملەشمەسلىكنى تەرغىپ قىلىش بىلەن كوللىكتىپچانلىقنى،ئۇيۇل بولۇشنى، ھەمكارلىشىشنى،قەلبداشلىقنى،بىر گەۋدىلىشىشنى ،قارشى تۇرىدىغانغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ،تەشەبۇس قىلىدىغاننى ئورتاق تەشەبۇس قىلىشنى نامايەن قىلىش ئوتتۇرسىدىكى پەرقتۇر.يۇقۇرقى پىكىر ھەرگىز يەككە ،مۇستەقىل ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرۇپ كوللىكتىپ بىرلىكتە قەلەم تەۋرىتىپ بىر ئەسەر ئىجات قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ.بەلكى بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنىڭ قىسمەن ئادەملەرنىڭ بەھرلىنىش ئارزۇسى ئۈچۈن ياكى كەڭ خەلقنىڭ بەھرلىنىش ئارزۇسى ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى ئايرىۋېلىشقا قارىتىلغان.ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش چوقۇم يېڭىلىق بولۇش تەلەپ،ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان يېڭىلىق بولىشى كېرەك.يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆلچىمى بولسا ماكرۇلۇق ئۆلچەم ۋە مىكرۇلۇق ئۆلچەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ماكرۇلۇق ئۆلچىمى-تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىشتۇر. بۇ يەردىكى تەپەككۈردىكى يېڭىلىق ئەدەبىياتقا نىسبتەن ئوبرازلىق تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ.دۇنيادا ئىنسانلار ئۈچۈن ئەزەلدىن تە پەككۈردا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرىدىغان بايلىق مەۋجۇت بولغان ئەمەس.تەپەككۈردا يېڭىلىق يارىتىش يەككە نوقتىدا ئادەم ئېڭىنىڭ تەرەقىياتىنى،ئومۇمىي نوقتىدا ئىنسانىيەت ئېڭىنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ  تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈ رۈپ كەلگەن.ئىنسانلار تەپەككۈرى چوڭ جەھەتتە تارىختىن بۇيان ئەقلىي تەپەككۈر بىلەن ئوبرازلىق تەپەككۈردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈر بويىچە تەرەققى قىلىپ، ھازىرقى زامانغا كەلگەندە زامانىۋى ئاڭنىڭ تۈرتكىسىدە يىغما تەپەككۈر(ئەقلىي تەپەككۈر بىلەن ئوبرازلىق تەپەككۈرنى يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇپ تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلى)دىن ئىبارەت يېڭى تەپەككۈر ئۇسۇلنى بارلىققا كەلتۈردى.ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىجادىيلىق دەرىجىسىگە كۆتىرىش دەل ئوب رازلىق تەپەككۈردا يېڭىلىقنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە قارىتىلغان. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەرىجىسى بولسا كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا يۈزلەن گەن بولۇپ،ئەڭ كىچىك نوقتا سۆز ئىشلىتىشتە نامايەن بولسا ئەڭ چوڭ نوقتا پۈتكۈل ئوبرازلىق تەپەككۈر يۈرگۈزۈش جەريا نىنى يېڭىلىققا ئىگە قىلىشتا ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.بۆسۈش خاراكتىرلىق يېڭىلىق ياراتقان ئەسەرلەرنىڭ تۈپ ئالاھىدى لىكىنى ئاددى ھالدا «كۈچلۈك بەدىي چىنلىققا ئىگە قىلىش،تىپىكلىك يۈكسەكلىكىگە كۆتىرىش»دېگەن باھالار بىلەن سۈپەتلەپ، چەكلىنىپ  قېلىشقا بولمايدۇ.ئۇ بۈيۈك ئەسەرلەرنىڭ ھەر بىرى ئىجادىيلىق نوقتىسىدىن «كاتتا قۇرۇلۇش،ھاياتىىي كۈچكە تول غان بىر شەھەر ،بەدىي قانۇنىيەت بويىچە يارىتىلغان ئۆزگىچە دۇنيا»دۇر.دېمەك ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى ئوبىكتىپ ۋە سو بىكتىپ دۇنيانى ئەكس-ئەتتۈرۈپ قويۇشلا بولماستىن رىئاللىق بىلەن يازغۇچىنىڭ تەسەۋۇرىنى ئورگانىك يۇغۇرغان ئاساستا يېڭى،ئۆزگىچە بىر بەدئىي دۇنيا كارتىنىسىنى سۈرئەتلەپ چىقىشتىن ئىبارەت.بۈيۈك ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئېسىل سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان كاتتا سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە ئۇلۇغ ئىلمىي ئىجادىيەتنىڭ نامايەندىسى بولغان مەشھۇر ئىلىم -پەن ئەسەرلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇلۇپ ئۇلۇغلىنىشىنىڭ،بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا بۈيۈك ئەدەبىي ئىجادى يەت ئەسەرلىرىنىڭ رەسمى «ئىجادىيەت»ھېساپلىنىشىنىڭ سەۋەبى شۇ. چۈنكى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە رەسمى يېڭىلىق يارى تىش ئىلىم-پەندە ۋە سەنئەتتە زور يېڭىلىق يارات قانغا ئوخشاش قىيىنغا توختايدىغان ئىش.تارىختا ئۆلمەس ئەسەر دەپ نام ئېلىپ بۈگۈن گىچە ئۇلۇغلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ھەربىرى ھەرگىزمۇ بىر كېچىدە ئوپۇل-توپۇل بارلىققا كېلىپ قالغان بولماستىن ئەدىپلەرنىڭ ئون ھەتتا يىگىرمە يىللىق ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر.بۈگۈنكى كۈندە يۈكسەك ئىستىتېك قىممەت يارىتىش بىلەن يۈكسەك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش دۇنياۋى يۈزلىنىشكە ئايلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئەدەبى ياتنىڭ ۋە سەنئەتنىڭ ماھايىتى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا يۇقۇرى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ بازىرى ئىتتىك ئەسەرلەرنى چاپ-چاپ بازارغا ئۈلگۈرتۈش ئەسەرنىڭ سۈپەت مۇكەمەللىكىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئىلىم -پەن ئەسەرلىرى ماتىريال،تېخنىكا،ۋاقىتنىڭ يۇغرۇلمىسىنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇردىغان ماددى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچى قىرىشقا ئوخشىمايدۇ.ئەگەر ئەدەبىيات نىڭ ۋەزىپىسى رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەنلا چەكلەنگەن بولسا ۋاقىت بىلەن ئەسەرنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى ئۈنۈمىنى ئوڭ تاناسىپ دەپ ھېساپلىسا توغرا بولىۋېرەتى.لېكىن ئەدەبىي ئەسەرنى ئىجات قىلىش ماھايەت جەھەتتىن ئىجادىيەت ئۇقۇمى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولىشى كېرەك.يەنى تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىش بو لالىشى كېرەك.رەسمى ئىجادىيەت ئۇقۇمىنىڭ ئۆلچىمى نوقتىسىدىن قارىغاندا بىر  قەلەم ساھىبىنىڭ ئەدەبىي  ئەسەرلىرىنىڭ قانچىسى تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىش بولالايدۇ ؟بەزى قەلەم ساھىبىلىرى نام -شۆھرەت قازانغىچە ھەر بىر ئەسىرىنى ئىجا دىيەتىكى يېڭىلىق بولۇش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈپ، تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزۈلدۈرمەي بارلىققا كەلتۈرىدۇ. نام قازانغاندىن كېيىن قانائەت تونىغا ئورىنىپ،بىر خىل قېلىپتا كېسەك قويىۋەرگەندەك ئىلگىركى تەپەككۈرىدە ئەسەر يېزىۋې   رىدۇ. ئىلگىركى تەپەككۈرىدە جان بېقىۋېرىدۇ.ئىجادىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشىدىن،ئىلغار بەدىي سەۋىيەگە يېقىنلىشى شىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. تەپەككۇردە يېڭىلىق يارىتىش ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ماكرۇلۇق ئۆلچەم. شۇنداقلا ئۆتمۈش ،ھازىر، كەلگۈسى ئۈچۈن قەتئى ئۆزگەرمەيدىغان  ئوممۇمىي ئۆلچەم.يېڭى ئەسەر ئۇقىمى ئىككى خىل مەنىگە ئىگە. بىرى: سان نوقتىسىدىن يېڭى ھېساپلىنىدىغان ئەسەرلەر. يەنى ساننى كۆپەيتىش ياكى ساننى توش قۇزۇش رولىنىلا ئوينىيالايدىغان ، يېڭى يورۇقلۇققا چىققان كونا قېلىپتىكى ئەسەرلەر.يەنە بىرى: سۈ پەت نوقتىسىدىن ئۇزاققىچە ئۆز يېڭىلىقىنى ساقلاپ قالالاي دىغان ئەسەرلەر.سان نوقتىسىدىن بارلىققا كەلگەن يېڭى ئەسەرلەرنىڭ يېڭىلىقى ۋاقىت جەھەتتە كۈچلۈك چەكلىمىگە ئىگە بولۇپ،يورۇقلۇققا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كونا ئەسەر ئاتىلىپ قالىدۇ.ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتىرىلىپ كېتىدۇ. سۈپەت نوقتىسىدىن يېڭى بارلىققا كەلگەن يېڭى ئەسەرلەرنىڭ يېڭىلىقى بولسا ۋاقىتنىڭ كۈچلۈك چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.ئۇ خىل ئەسەرلەر سۈپەت قاتلاملىقىغا تويۇنغان بولۇپ ۋاقىت ئۆت كەنسىرى ئەۋزەل ئالاھىدىلىكلىرى پىيازنىڭ پوستى سويۇلغاندەك بىر-بىرلەپ ئاشكارلىنىدۇ.
  ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەڭ چوڭ بۇرۇختۇملۇق–تۇرغۇن ھالەتنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىدۇر.قايسى مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدا بول سۇن بېكىنمە ھالەتنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشى ۋە ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىدىن چەتنەش ھادىسىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.ئىلىم-پەن قانۇنىيىتى بىلەن سەنئەت قانۇنىيىتى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق. ئەدىبىيات نىڭ قانۇنىيىتىمۇ شۇنداق ئەلۋەتتە.شۇ ئورتاق نوقتىدا مىللەتلەر ئەدەبىياتى،رايۇن،قىتئەلەر ئەدەبىياتى ئۆز-ئارا كېسىشەلەي دۇ.ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. مەدەنىيەت چەمبىرىكىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە مىللىي ئاڭ،تىل، پىسخىكا ئەنئە نىسىدىكى پەرقلەر ئۇلارنى روشەن خاسلىققا ئىگە قىلىپ تۇرىدۇ.بۇ نوقتا رايۇن ئەدەبىياتى ۋە مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى كەسكىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئۆتكۈر نوقتىدۇر.بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن سان ئەمەس سۈپەت جەھەتتە بۆسۈشنىڭ بولماسلىقى،بىر مىللەت ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن ئىجادىيەت ۋەزىيىتىدە سۈپەت جەھەتتە گەۋدىلىك ئىلگىرلەشنىڭ بولماسلىقى تۇرغۇنلۇق ، بۇ رۇختۇملۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.شۇ ئەھۋالدا ئەڭ ئاۋال كۆرۈلدىغىنى ئەدەبىياتنىڭ ئىجادىلىق قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلى شالمىغانتىن ئىبارەت ئەجەللىك  ئاجىزلىقتۇر. چۈنكى ئىجادىيلىق ئۈلۈكسىز يېڭىلاش ئارقىلىق ئىلگىرلەشنى بارلىققا كەلتۈرۈش نى  تەلەپ قىلىدۇ.بۇ تەلەپ بىر كۈنلۈك ياكى بىر قانچە يىللىق تەلەپ بولماستىن ھەرۋاقىت،ئىزچىل ھالدا دائىم ئەمىلىلىشىش نى  شەرت قىلىدىغان،مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان تەلەپتۇر.ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش–ئالدى بىلەن ئەدەبىيات قانۇنىيىتىنىڭ تەلىپى.ئەدەبىيات قانۇنىيىتىنىڭ بۇ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالمىغانلىق چوڭ جەھەتتە ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكتۇر.ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش يەنە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەخىرسىز تەلىپى شۇنداقلا ئىجتى
مائى جەمىيەتنىڭ تەلىپىدۇر.چۈنكى ھەرقانداق ساھە ئۆز ساھەسىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلىغان دىن باشقا كىشىلەرنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ كۈتكەن تەلەپلىرىنى ئورۇنلاش جەھەتتىكى رولى بىلەن جەمىيەتتە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.
  ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ماكرۇلۇق ئۆلچىمى بولغان تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىش –تۆۋەندىكى ئۈچ موھىم تەلەپنى تۈپ شەرت قىلىدۇ.ئۇ ئۈچ شەرت :بىرىنچى:ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىش،ئىككىنچى:رىئاللىقنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلىشىش.ئۈچۈنچى: دۇنياۋىيلىققا يۈزلىنىش بىلەن ،مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈ   رۈشكە ئۇيغۇنلىشىش. بەدئىي چىنلىق تار دائىردىكى ئۇقۇم،ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتى بەدىي چىنلىقتىن باشقا ئوبرازلىق ئىجا دىي تەپەككۈرگىچە بولغان ناھايىتى كۆپ تەركىپنى ئۆزئىچىگە ئالغان كەڭ دائىردىكى ئۇقۇم.رىئاللىق قانۇنىيىتى بولسا تۇرمۇش چىنلىقىدىن ھالقىغان ھالدا مەۋجۇدىيەتنىڭ قانۇنىيتى،جەمىيەتنىڭ قانۇنىيىتى،مەنىۋى دۇنيانىڭ قانۇنىيىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ مەنىدىكى ئومۇمىي ئۇقۇم،دۇنياۋىيلىققا يۈزلىنىش بىلەن مىللى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىر   لەشتۈرۈشكە ئۇيغۇنلىشىشمۇ ناھايىتى كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ مەنىدىكى ئۇقۇم.يۇقۇرقى ئۈچ موھىم شەرت بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق بولغان مۇكەمەل بىر گەۋدە.1901-يىللىق نوبىل ئەدەبىياتمۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەشھۇر فىران سىيە شائىرى سۇلى فىرۇدۇمدىن تارتىپ تاكى 2012-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جوڭگۇلۇق خەنزۇ ياز غۇچى مويۈەنگىچە بولغان بارلىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبىلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداقلا 1901-يىللىق نوبىل ئەدىبى يات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى روسىيەلىك ئۇلۇغ يازغۇچى لىف تولوستۇيدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە نوبىل ئەدەبىياتىنىڭ رەس مى ساھىبى بولالمىسىمۇ،دۇنياۋى تەسىر قوزغىغان كاتتا يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بارلىققا كەلتۈرگەن يېڭىلىقلار يۇقۇرقى ئۈچ موھىم شەرتكە ئۇيغۇنلىشىش ئاساسىدا تەپەككۈردا زور يېڭىلىق  يارىتىشنى زور دەرىجىدە نامايەن قىلغان بۈيۈك ئەدىپلەردۇر.يېڭىلىق يارىتىش يەنىي ئىجادىيلىق ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ موھىم بىر تەركىبىدۇر. ئىجا دىيلىقنى كۆزلىگەندە ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيەتىنىڭ باشقا تەركىبلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.ئەدەبىياتنىڭ قانۇ نىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ 1-موھىم شەرتى  قىلىنىشىمۇ شۇنىڭغا قارىتىلغان.ئالدى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىنى پىششىق ئىگىللەپ ،شۇ ئاساستا ئىجادىيلىقنى گۋدىلەندۈرۈش كېرەك.يەنى تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئادەتتە ئەدەبىيات ئۇقىمى بىلەن تىل سەنئىتى ئۇقۇممى ئوخشاش مەنىگە ئىگە.شۇڭا ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتى ئالدى بىلەن تىل ئىشلىتىش پاساھىتىدىن باشلىنىپ ئاخىرى ئۇسلۇپ يارىتىشقىچە بولغان ناھايىتى كۆپتەر كىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەنا،-روھ ئامىلى بىلەن بەدىيلىك ئامىلى تەن بىلەن جاننىڭ مۇناسىۋىتىدەك بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە.ئەسەرنى مەنا دىن ئازات قىلىشقا ئۇرۇنۇش تەننى جانسىز قالدۇرۇشقا كۈچەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.قايسى بىر بۈيۈك ئەسەر يۈكسەك بەدئىي لىك ئارقىلىق يۈكسەك ئىدىيۋىلىكنى نامايەن قىلىشنىڭ جەۋھىرى بولمىغان؟ ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتى–بىر پۈتۈن گەۋ دە.ئۇ تارىختىن بۇيانقى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمىلىيىتىنىڭ تەدرىجى يەكۈنلىنىپ جەۋھەرلەشتۈرۈلگەن مېغىزىدۇر.ھەم ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى داۋامىدا تېخىمۇ مۇكەمەللىكە يۈزلىنىپ نۇرلىنىدىغان گۆھىرىدۇر.شۇڭا نەزىريە ھەرگىزمۇ ئۆلۈك نەرسە ئەمەس.ئۇ كۈچلۈك ئەمىليەتچانلىق ۋە يېڭىلىپ تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.نەزىريە ئەمىليەتتىن خۇلاسىلىنىدۇ.يەنە ئەمىل يەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.ئەمىليەتكى ئۆزگىرىش نەزىريەنىڭ يېڭىلىنىشىنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ. يازغۇچى-شائىرلار  ئىجادى يەت ئەمىليەتچىلىرى.گەرچە ئۇلار ئەدەبىيات نەزىريىچىلىرى بولمىسىمۇ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى،ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ، ئە دەبىي تەرجىمە ،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىقىنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغان ئەدەبىيات نەزىريىسىدىن مۇئايەن دەرىجىدە خەۋەردار بولۇشى كېرەك. ئەدەبىياتنىڭ قۇرۇلمىسى ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى،ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ،ئەدەبىيات نەزىريىسى، ئەدىبىي تەرجىمەشۇناسلىق،ئەدەبىيات تەتقىقادچىلىقىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بىر قولدىكى بەش بارماقنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش. ئەدەبىياتنىڭ پۈتكۈل ماھىيىتىنى چۈشەنمەكچى بولغان ھەرقانداق ئادەم ئەدەبىياتنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ شۇ بەش تەركىبى قىسمىدىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك.يەنى ئەدەبىي ئەسەر يېزىش تالانتى بولمىسا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشى، مۇلاھىيزە قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا ئەدەبىي تەنقىدچىللىكە ھەۋەس قىلىشى،ئانا تىلىدىن باشقا بىر قانچە تىلنى پىش شىق ئىگىلگەن قابىليىتى بولسائەدەبىي تەرجىمىگە ئىشتىياق  باغلىشى،بىلىمى مول ھەم ئىلمىي تەپەك كۇر قىلىش ئىقتىدارى بولسا ئەدەبىيات تەتقىقادى جەھەتتە ئىزدىنىپ بېقىشى كېرەك.مەيلى يازغۇچى-شائىر بولسۇن ياكى ئەدەبىي تەنقىدچى بول سۇن،ئەدەبىي تەرجىمان بولسۇن،ئەدەبىيات تەتقىقادچىسى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىيات نەزىريىسى بىلەن قورال لىنىشقا مۇھتاج.ئەدەبىيات نەزىريىچىسىمۇ ئەلۋەتتە نەزىريە كۆلىگە چۆكۈپ تۇرىۋەرمەي يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى نىڭ،ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ، ئەدىبىي تەرجىمىچىلىكنىڭ،ئەدەبىيات تەتقىقادچىلىقىنىڭ ئەھۋاللىرىدىن پىششىق خەۋەردار بو لۇپ تۇرۇشقا مۇھتاج.شۇندىلا نەزىريەدە يېڭىلىق يارىتالايدۇ.يازغۇچى-شائىرلار ئەدەبىي ئىجادىيەتتە كامال تېپىشقا يۈزلى نىش بىلەن بىللە ئەدەبىيات نەزىريىسى جەھەتتىمۇ بەلگىلىك سەۋىيەگە ئىگە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ماقالە ياكى نوتۇق ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلالايدىغان بەلگىلىك نەزىريىۋى تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى ھا زىرلىشى كېرەك.كۆپ قىرلىق بولۇپ يېتىلگەنلەر ئەدىپ سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.ئەدەبىياتنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقۇرقى بەش تەركىبىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئەمىليىتىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۇتۇق قازانغانلار «ئەدەبىياتشۇناس»دېگەن تاكامۇل نام شەرپىگە ئېرىشەلەيدۇ.لېكىن ئۇن داق كىشىلەر ناھايىتى ئاز يېتىشىپ چىققىدۇ.شۇڭا ئىجادىيەت دېگەن نام نوقۇل ھالدا بىر خىل تەركىپكە قارىتىلمايدۇ. ئىجا دىيەتكە قەدەم قويىۋاتقانلار ھەم قويماقچى بولغانلار ئۆزىنى بىر تەركىپ بىلەن چەكلەپ قويماي ياكى بىر تەركىپ ئىچىگە سولىۋالماي،ئىقتىدارى يار بەرگەن باشقا تەركىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆزىنى سىناپ، دەڭسەپ باقسا بولىدۇ.بۇ پەقەت ئومۇ مىي نوقتىدىن ئەسكەرتىش بولۇپ ھەرگىزمۇ كونكېرت شەخس ياكى بىر خىل تەركىپكە يۈزلىنىپ كېتىۋاتقانلارغا قارىتىلغان ئەمەس.ھەركىم ئۆز قابىليىتى ۋە تاللىشىغا  يارىشا ئىش قىلىدۇ ئەلۋەتتە.ئەدەبىياتتا ئىجادىيلىققا-يېڭىلىققا يۈزلىنىش بىلەن ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىنىڭ تاكامۇللىشىپ بېرىشى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.يەنى كونىرىغان، ئىجاديەت ئەمىليىتىگە ئۇيغۇنلى شالمىغان ئامىللار شاللىنىپ،ئورنىنى ئىجادىيلىق تولدۇرۇپ،تولۇقلاپ ماڭىدۇ.     
      تەپەككۈردا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ 2-موھىم شەرتى بولغان رىئاللىقنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىش  تۇرمۇش چىنلىقىغا قارىغاندا ناھايىتى كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.رىئاللىق چوڭ جەھەتتە ئوبىكتىپ رىئاللىق ۋە سوبىكتىپ رىئاللىقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تەركىبى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئوبىكتىپ رىئاللىق –ماددى ئالەمدۇر.سوبىكتىپ رىئاللىق بولسا روھى ئالەمدۇر. ئوبىكتىپ رىئاللىق تاشقى رىئاللىق دەپ قارالسا سوبىكتىپ رىئاللىق ئىچكى رىئاللىق دەپ قارىلىدۇ. تاشقى رىئاللىق ئادەمنىڭ پائالىيىتى،جەمىيەتنىڭ ھالىتى،تەبىي موھىتنىڭ ھالىتىدىن ئىبارەت ئۈچ تەركىبى قىسىمنىڭ بىر پۈتۈنلىكى دىن تەشكىل تاپىدۇ.ئىچكى رىئاللىق بولسا ئادەمنىڭ ئېڭىدىكى،تۇيغۇسىدىكى،روھى ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىر پۈ تۈنلىكىدىن تەشكىل تا ىدۇ. ئەمىليەتكە ئۇيغۇن بولۇش تاشقى رىئاللىققا ئۇيغۇن بولۇشنى كۆرسەتسە،ئىچكى رىئالىققا ئۇيغۇن بولۇش ھېسسىياتقا ئۇيغۇن بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.ئىلىم –پەن ئەسەرلىرى مۇتلەق ھالدا ئەمىليەتكە –تەبىئەتنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ چىنلىقى-ئەمىليىتىگە ئۇيغۇنلاشقان بولىدۇ. ئىلىم- پەندە ھېسسىيات دېگەن نەرسە بولمايدۇ . ئىلىم-پەن ئۆزىگە قىلچە ھېسسىيات ئارلاشتۇرمايدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى  ئوبىكتىپ چىنلىققا-رىئال ئەمىليەتكە ئۇيغۇنلى شىشتىن تاشقىرى ئىچكى رىئاللىقنىڭ چىنلىقىغا-ھېسىيات چىنلىقىغا ئۇيغۇنلىشىدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە سەئەت ئەسەرلىرى نىڭ جانلىقلىق خۇسۇسىيىتىگە-كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش،جەلپ قىلىش،ئىلھاملاندۇرۇش،خوشاللىق،زوق بېغىشلاش ياكى ئازاپ تۇيغۇسىنى قوزغاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشىمۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ مەۋجۇت بولۇش قانۇنىيىتىگە،جەمىيەتنىڭ تەرەقىيات قا نۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەن بىرگە كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ چىنلىقىغىغا ئۇيغۇنلاشقانلىقىدىندۇر.تاشقى رىئاللىق چىنلىقىغا ئۇيغۇنلىشىش  قىسمەن سالماقنى ئىگىلسە روھى دۇنيا چىنلىقىغا ئۇيغۇنلىشىش ئاساسى سالماقنى ئىگىللەيدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ كوزۇرلۇق نوقتىسى روھى دۇنيانى قېزىپ يورۇتۇشتىن ئىبارەت.روھى دۇنيانى قانچىلىك دەرىجىدە قېزىش ۋە قانداق يورۇتۇپ بېرىش يازغۇچى-شائىرنىڭ ئەدەبىي تالانتى ۋە ئىستىداتىغا باغلىق.تاشقى رىئاللىقنىڭ كەڭلىكلىكى ماكاننى دائىرە قىلسا چەكسىزلىكى ئۆتمۈش،ھازىر ،كەلگۈسىدىن ئىبارەت ۋاقىت پۈتۈنلىكىنى دائىرە قىلىدۇ.شۇڭا تاشقى رىئاللىقنىڭ   يارقىن ھالىتى دەۋر رىئاللىقى بولسا چۈشكە ئوخشاش خاتىرگە ئايلانغان ھالىتى ئۇزاق ئۆتمۈشنىڭ رىئاللىقىدۇر.ئارزۇ بىلەن كۈچلۈك بىرىكىپ تەسەۋۇر قىلىنىدىغان ھالىتى بولسا كەل گۈسىنىڭ رىئاللىقىدۇر.چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا ئەدەبىياتتا رىئال لىققا ئۇيغۇنلىشىشنىڭ ئۆتكۈر نوقتىسى زامانىۋىيلىق بىلەن ئەنئەنىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە كۆرى لىدۇ. بۇ ماھايەتتە  يېڭىلىق يارىتىشقا يۈزلىنىش بىلەن ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىدۇر.ھەرقانداق  بىر دەۋرنىڭ زامانى ۋېيلىقى بولىدۇ.ئۆتمۈشتىكى ھەر بىر دەۋرنىڭمۇ زامانىۋېيلىقى بولغان.يەنە كەلگۈسىدىكى ھەر بىر دەۋرنىڭمۇ زامانىۋىيلىقى بول ىدۇ.زامانىۋېيلىق مەلۇم بىر دەۋردىكى رىئاللىقنىڭ تەرەقىياتىنى ئالغا ئىلگىرلىتىدىغان ئىلغار يۈزلىنىشتىن ئىبارەت.بۇ يەردى كى زامانىۋىيلىق كونكېرتلىق نوقتىسىدا ئەدەبىياتتىكى زامانىۋىيلىقنى كۆرسىتىدۇ.ئەلۋەتتە.يېڭىلىققا جۈملىدىن تەپەككۈر يېڭىلىقىغا تەلپۈنۈش ئىنسان قەلبىنىڭ تەبىي ئىنتىلىشى بولۇپ ئۇ تۇيغۇ بىلەن تەسەۋۇرنىڭ يۇغۇرۇلغان يېڭى كارتىنىسى بو لۇپ ئىپادلىنىپ ئىجاد قىلغۇچىنىڭ قەلبىدىكى لەرزىنى ئوقۇرمەننىڭ قەلبىگە يۆتكىيەلەيدۇ.زامانىۋىيلىق ئەنئەنىنى تاشلاپ ئالدىغا كەتمەيدۇ.بەلكى ئەنئەنىگە ياندىشىپ يېڭى يۈزلىنىشكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ.ئەنئەنە بولسا يىلتىز-مەنبە سۈپىتىدە قومۇرۇلۇپ كەتمەستىن زامانىۋىيلىقنىڭ يۈرىكىگە تۇتاشقان تومۇر سۈپىتىدە مەۋجۇت بولىدۇ.20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا مەشھۇر قازاق شائىرى قۇربان ئەلى ئوسمان «كىگىز ئۆيدىن پۈتۈن دۇنياغا »ناملىق شئېىرنى ئى جات قىلىپ ئەنئەنىۋى ئوبرازلىق تەپەككۈردىن بىر بالداق ھالقىپ دۇنيانى دۇنيانىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈشتىن ئىبارەت زامان ىۋى يېڭىچە تەپەككۈر كۆزىنى نامايەن قىلغان بولسا 60 -يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە شائىر ئوسمانجان ساۋۇت «ئالمى دەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» ناملىق شئېىرنى ئىجات قىلىپ دۇنياۋى نەزەر تەپەككۈرىنى ئالەمچە نەزەر تەپەككۈررى يۈك سەكلىكىگە كۆتۈردى.20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇر شئېىريىتىدە بارلىققا كەلگەن ئەخمەتجان ئوس مان باشلامچىلىقىدىكى يېڭى شئېىريەت دولقۇنى كۆتىرلىشى،غەرپ مۇدىرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلىشى، ئىز   لەنمە ھىكايىچىلىقنىڭ بارلىققا كېلىشى قاتارلىق ئەدەبىيات ھادىسلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۇرغۇن،بېكىنمە ھالىتىدە سىلكى نىش پەيدا قىلدى.ئۇ ھادىسىلەر ماھايەتتە تەپەككۈردىكى يېڭىلاش،بۆسۈش بولۇپ،كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جانلىنى شىغا ئىجادىي نوقتىدىن ۋە پاسىپ نوقتىدىن تەسىر كۆرسەتتى.ئىجادىي نوقتىدىن كۆرسەتكەن تەسىرى شۇكى :بىرىنچىدىن ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتتىكى تەپەككۈر ئۇسۇلىنىڭ ئاددى،تۈز،تېيىز،يۈزەكى،كونا،قېلىپلاشقان تەپەككۈر ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ يېڭى، قاتلاملىق،كۆپ قىرلىق،ئۆزگىرىشچان،يىغمىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە تەپەككۈر ئۇسۇلى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن زاھىرلىدى.ئىككىنچىدىن:شۇ ئەدەبىيات ھادىسلىرى چەت ئەل ئەدەبىياتىدا ئۆرنەك ئېلىپ قۇبۇل قىلىشقا تېگشلىك ئىلغار تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى، بېكىنمە، تۇرغۇن  ئەدەبىياتقا نىسبەتەن سىلكىنىش،جانلىنىش مەنزىرسىنى پەيدا قىلايدىغان يېڭىلىق ھاياتىي كۈچىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇلغان باسقۇچىدا نامايەن قىلدى.ئۈچۈنچىدىن شۇ مەزگىلدە ئۇي غۇر شئېىرتيىتىدە يېڭىچە شئېىريەت ھەركىتى،پىروزىچىلىقىدا مودىرنىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا يېزىلغان پىروزا ئەسەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ،ئەنئەنىۋى شئېىريەت بىلەن  پىروزىنىڭ مەۋجۇت ھالىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەدەبىيات قارىشى ۋە  ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.تۆتىنچىدىن ئەينى ۋاقىتتا كۆتىرىلگەن دولقۇن پەيدىن –پەي پەسىيىپ تەدرىجى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئېقىنى ئىچىگە يۇغۇرلۇپ  كەتكەن بولسىمۇ شۇ چاغدىن باشلاپ ئىجادىيەت ئەمىليىتىدە يورۇقلۇققا چىققان ئەسەرلەر سۈپەت جەھەتتە بۇرۇنقى ئەسەرلەردىن زور دەرىجىدە ئۆسۈشكە يۈزلەندى.يازغۇچى –شائىرلارمۇ تەپەككۈر ئۇسۇلىنى يېڭىلاش باسقۇچىغا كۆچۈپ ئەدەبىياتنىڭ زامانىۋىيلىق يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلاشتى.كۆز يۇمۇشقا بولمايدىكى شۇ چاغدىكى ئەدەبىيات ھادىسلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كېيىنكى سۈپەت يۈكسىلىشىگە يۈزلىنىشىگە مۇئايەن تەسىر كۆرسەتتى.بەشىنچىدىن :شۇ چاغدىن باشلاپ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ رىئال ئەھۋالىغا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ رىئال ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەندەك زور ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاڭ ئۇيغۇر ئەدە بىياتى قوشۇنىدا شەككىللەندى.سەلبى جەھەتتىكى تەسىرى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە كۆرۈلدى.بىرىنچىدىن:ئەينى ۋاقىتتا شۇ ئەدەبىيات ھادىسلىرى ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىدا سىلكىنىش پەيدا قىلغان بولسىمۇ بەلگىلىك نىسبەتتىكى كىشىلەردە جۈملىدىن ياشلار ئىچىدە چەتئەل مۇدىرنىزىم ئەدەبىياتىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويىۋالدىغان ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان بىرتەرەپلىمە خاھىشنى پەيدا قىلغان.80 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تالانتلىق مەرھۇم ئوت يۈرەك شائىر باتۇر روزى يازغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بەشيۈز يىللىق پاجىئە »ناملىق ماقالە شۇ خىل خاھىشنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ماقالىدا ئەلىشىر ناۋايىدىن كېيىنكى بەشيۈزيىللىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىر پاجىئە دەپ يەكۈنلەنگەن.بۈگۈننىڭ بولۇپمۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئىلغارلىق سەۋىيىسى كۆزى بويىچە قارىغاندا  شۇ جەريان ھەقىقەتەن بىر پاجىئە بولىشى مۇمكىن. لېكىن تارىخقا تارىخنىڭ ئەينەن كۆزى بىلەن  قاراپ نۇرغۇنىغان ئىجتىمائى سەۋەپلەر نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۇنى ھەرگىز مۇ پاجىئە دەپ قاراشقا بولمايدۇ.بۇ نوقتىنى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ ئۆزىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغان بولسا كېرەك.90-يىللاردىن باشلاپ ئىجات قىلغان ئەسەرلىدە ئۇنداق ئىنكار قىلىش خاھىشى كۆرۈلمىدى. ئىككى نچىدىن:ئەخمەجان ئوسمان يېڭى شئېىريەتنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۇنجى بولۇپ ئېلىپ كىرگۈچى ئىكەنلىكى،تەپەككۈردا يېڭىلىق يارىتىشتا بايراقدار ئىكەنلىكى، ھازىرغىچە دۇنيا ئەدەبىياتىغا يۈزلىنىشتە ئەرەپ ۋە ئېنگىلىز تىلىدا ئەسەر ئېلان قىلىپ دۇنيا مىقياسىدا تونۇلىۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئىكەنلىكى بىلەن ئۇلۇغلىنىشقا مۇناسىپ بولسىمۇ لېكىن يېڭى شئېىريەتنى ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ غول ئېقىنى بولغان ئەنئەنىۋى شئېىريەت بىلەن يۇغۇرۇشقا ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى نوقتىسىدىن ۋە شئېىر يەت نەزىريىسى نوقتىسىدىن قادىر بولالمىدى.قادىر بولىشىمۇمۇمكىن ئەمەس ئىدى.چۈنكى ئۇ ئالى مەكتەپ ھاياتى باسقۇ چىدىلا ۋەتەندىن ئاي  رىلغان.ئۇزاق مەزگىل چەتئەل موھىتىدا ياشىغان.ئۇيغۇرنى بىر پۈتۈن بىلىپ چىقىش،چۈشىنىش ئىم كانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان.ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئېلىپ كىرگەن يېڭى شئېىريەت ھادىسىسى تەپەككۈرنى يېڭىلاش جەھەتتە ئۇي غۇر شئېىريىتىگە يېڭى قان بېغىشلىسىمۇ ئەنئەنە بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە ئاجىزلىق قىلىپ مۇجىمەللىك،قايمۇقۇش پەيدا قىلغاندەك يېقىنقى مەزگىلدە ئۇ تەشەبۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ھېچنىمىزىم ھادىسىسىمۇ  ئۇيغۇر شئېىريىتىدە مۇئايەن دەرىجىدە مۇجىمەل لىك،قايمۇقۇش پەيدا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى شئېىريەت ھادىسىسى ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ ئاساسى ئېقىمى بو لالماي ئۇيغۇر شئېىريى تىنىڭ غول ئېقىنىنىڭ يۈزلىنىشىگە يۇغۇرلۇپ كەتكەندەك ھېچنىمىزىم ھادىسىسىمۇ شۈبھىسىزكى ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ غول ئېقىنىغا يۇغۇرلۇپ كېتىدۇ.زامانىۋىيلىق بىلەن ئەنئەنىۋىيلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇيغۇنلىشىشتا يېرىم ئەسىرلىك ئىجادىيەت يولىنى بېسىپ ئۆتكەن ئۇستاز شائىر بۇغدا ئابدۇللا 1986-يىلى ئىجات قىلغان   «تاڭدىكى دەريا » ناملىق شئېىرىدىن باشلاپ يېڭى بىر ئىجادىيەت باسقۇچىغا كۆچكەن.ئۇنىڭ شۇ چاغدىن باشلاپ ئىجات قىلغان شئېرىي ئەسەرلىرىدە ساپ ئەدەبىياتنىڭ خۇسۇسىيىتىگە تويۇنۇشتىن باشقا زامانىۋى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەن ئەنىۋى چوڭقۇرلۇقنى ئىخچام يورۇتۇش يارقىن نامايەن بولۇپ كەلدى.ئۇستاز شائىر بۇغدا ئابدۇللانى ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى ئىلغار يۈزلىنىشنىڭ تىپىك ۋەكىلى دېيىشكە بولىدۇ.ئۇ شئېىرغا ئەزەلدىن بىر ساپ تىل سەنئىتى ئە سىرى دەپ قاراپ ھەربىر شئېىرىغا بىر رومانغا ئەجىر سىڭدۈرگەندەك زور زېھنى كۈچ ۋە يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ كەلدى. ئۈچۈنچىدىن: ئەينى ۋاقىتتىكى ياشلار ئارىسىدىكى ئەنئەنىنى ئىنكار قىلىش خاھىشى بىر مەنىۋى مىراس سۈپىتىدە ھەربىر مەزگىلدىكى بەلگى لىك نىسبەتتىكى ياش ئەدەبىيات ئىخلاسمەنلىرى قەلبىدە ئۈزۈلمەي مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.ئۇلار تەجىر بىسىنىڭ كەملىكى، كۆزقارىشىنىڭ بىر تەرەپمىلىكى،رىئاللىققا بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئالى مەك تەپتە ئۈگەنگەن دۇنياۋى ئەدەبىياتنىڭ يۈكسەكلىكى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆرۈمسىزلىكىنى كۆرۈپ، چەتئەلنىڭ گۈل، ئۆزىمىزنىڭ تېزەك كۆرۈنىدىغان تەسىراتقا قۇچاقلىنىپ كېتىشتىن خالىي بولالمىغاندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ناھايىتى قىسمەن ھالدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان چەتئەل ئەدەبىياتىنى ئۇلۇغلاپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چۆكۈرۈش،ئىنكار قىلىش خاھىشى ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەڭگۈلۈك ھەقىقەت سۈپىتىدە ئورناپ كەتتى.كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پۈتۈنلىكى ئايرىلمىغاندەك ھەرقانداق شەيىنىڭ ،ئادەم نىڭ ،مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ.چەتئەل ئەدەبىياتىغا چوقۇنغۇچىلار يەنە بىر كۆزىنى ئېچىپ ئەنئەنىنىڭ كونا چاپان بولماستىن بىر مەنىۋىي خەزىنە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلىسە، ئەنئەنىنى ئۇلۇغلاپ چەتئەل ئەدەبىياتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارمۇ چەتئەل ئەدەبىياتىدىكى ئۈلگە، ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان ئىلغار تەركىپلەرنى تونۇپ يې تەلىسە ئېسىل ئىش بولاتى. ھەرقان داق چاغدا پىچاقنىڭ بىسىنى تۇتساق قولىمىزنى زەخمىلەندۈردىدۇ.ناۋادا پىچاقنىڭ سې پىنى تۇتساق پىچاق بىزنىڭ قورالىمىزغا ئايلىنىدۇ.ئادەم يولۇقىدىغان ھەرقانداق ئىش ياكى مەسىلە شۇ پىچاقتىن ئىبارەت. ئىش ياكى مەسىلىنىڭ پايدىلىق ۋە پايدىسىز تەرىپى بولىدۇ.ئەنئەنە پۈتۈنلەي ئېسىل ئەمەس.ئۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلاشقا مۇھتاج.زامانىۋىيلىقمۇ ئاسماندىن چۈشمەيدۇ بەلكى يىلتىزى بولغان ئەنئەنە قوينىدىن ئۈنۈپ چىققىدۇ. تۆتىنچىدىن:80-يىللارنىڭ ئاخىرى 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى غەرپ مودىرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ پىروزا، شئېىريەت، نەسىرچىلىك، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزگە كۆرسەتكەن كۈچلۈك تەسىرى شۇ مەزگىلدىن باشلاپ قىسمەن قەلەم ئىگىلىرى قەلبىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەيدىغان ئېغىش خاھىشىنى بارلىققا كەلتۈردى.ئۇيغۇر ئەدەبىيا تىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئۆلچەش مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.ئەكسىچە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ مەيداننى ،يۈكسەكلىك نوقتىسى بىلەن ئۆلچەش قۇبۇل قىلىنىدىغان ،ئۆرنەك قىلىدىغان ئوبكتنى يېتەكچى ئورۇنغا قويىۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.قىسمەن ماقالىلەردە، ئوبزورلاردا، سۆھبەتلەردە ئاز نىسبەتتىكى قەلەم ئىگىلىرىمىزنىڭ ئاڭقىرماستىن چەتئەل ئەدەبىيا تى مەيدانىدا تۇرۇپ ئۇيغۇر پىروزىسى، شئېىر يىتىگە باھا بېرىۋاتقان لىقى،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تولىمۇ ئارقىدا،ئۇيغۇر يازغۇچى لىرىنىڭ ئەدەبىي تالانتى ۋە ئىستىداتىنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن لىكىنى ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز. چەت ئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئىلغار سەۋىيىسى ئالدىدا ئۇيغۇر ئەدەبىيا تىنىڭ ناھايىتى كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئەمىليەت.لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىر لىرىغا يۈكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ.يېقىنقى تۆت يۈز يىلدىن بۇيان رايۇنىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ،ھادى سىلەر،يېغىلىقلار،خەلقىمىز بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر مەدەنىيەتتە ناھايىتى زور چېكىنىشنى بارلىققا كەلتۈردى.شۇ نەچچە يۈز يىللىق تارىخنى ۋە ئازات بولۇپ 30 يىلغىچە بولغان بوران-چاپقۇنلۇق جەرياننى بىر پۈتۈن تارىخى جەريان نوقتىسى دىن ئويلىغىنىمىزدا ئاندىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتە ئۆزىگە چۇشلۇق ئەدەبىيات بولۇپ تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشى نەلەيمىز.سىياسى،ئىقتىسات،ئىجتىمائىيەت،مەدەنىيەت بىر پۈتۈن گەۋدە.بىر جەمىيەتنىڭ تەرەق قىياتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىپلەردۇر.شۇ تەركىپلەر بىر-بىرىگە زىچ مۇنا سىۋەتلىك. بۈگۈنكى تەرەققى قىلىۋاتقان جەمىيىتىمىزدە ئەشۇ تەر كىپلەر ماس ھالدا تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. ئۆتمۈشتە بولسا ئەكسىچە بىر-بىرىگە ماس ھالدا كەينىگە چېكىنگەن.چەتئەلنىڭكىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشنىڭ تۈپ پەرقى بولىدۇ.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چەتئەل ئەدەبىياتى ىڭ نەزرى بىلەن ئۆلچەش ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشتىن ھالقىپ،چەتئەل ئە دەبىياتى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىش،چەتئەل ئەدەبىياتى تەرپىدىن يۇتۇلۇپ كېتىش،ئۇيغۇرلارنىڭ موھىتىدا،مەنىۋى زىمىنىدا ياشاپ تۇرۇپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئاسىيلىق قىلىش دېسەك ئاشۇر ۋەتكەن بولمايمىز. ئەسئەت سۇلايمان «ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرە تۇتېم مەدەنىيىتى توغىرسىدا »ناملىق كىتاۋىدا كېيىنكى مەزگىللەر دە تارىخ سەھنىسىدە باش كۆتەرگەن موڭغۇللارنىڭ كۆك بۆرىنى ئوران-تۇتېم قىلغانلى ق غا قارىتا مەدەنىيەتشۇناس ئالىملارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ «موڭغۇللارنىڭ شۇ تۇتىمى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇ تېمچىلىقىنى دورىشى،قوپال قىلىپ ئېيتقاندا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈكرۈك چاچراندىسى» دەيدۇ.نۆۋەتتە چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئۇسلۇبىنى دوراش،تەقلىد قىلىش ھالىتى يۈكسىلىشكە ئېرىشىپ قىلچە ئىككىلەنمەي چەت ئەل ئەدەبىياتى ئۆلچىمىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالدىغان ئەھۋال قىسمەن قەلەم ئىگىلىرىدە قىسمەن ھالدا كۆرۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ.مىللىي ئەدەبىياتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى ئايرىم تېما بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئايرىم توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.بەشىنچىدىن : ئەينى دەۋردىكى شۇ ھادىسىلەرنىڭ سەلبى تەسىرى كەينى-كەينىدىن يېتىشىپ چىققان يېڭى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ بەلگىلىك ساندىكىلىرىدە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى،خەلق ئېغىز ئەدەبى ياتى،خەلق فىلوكلورىىغا پۈتۈنلەي «كونا نەرسە»دەپ قاراپ قىززىقمايدىغان،ئەھمىيەت بەرمەيدىغان،ھەتتا پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان ناچار خاھىشنى پەيدا قىلدى.شۇڭا ئۇلارنىڭ بىرقىسمى قىلچە ئىككىلەنمەي نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چەتئەل ئەدەبى ياتىنىڭ نەزرى بىلەن ئۆلچەيدىغان بولىۋالدى.نەچچە مىڭ يىللىق ئەدەبىيات خەزىنىسى ئۇلارنىڭ نەزرىدە ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان،ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يېتىشىۋېلىشىدىكى «پۇتتلىكاشاڭ»دەپ   قارىلىدىغان بولدى.ئەمىليەتتە  چەتئەل ئەدبى ياتىدىكى ئىلغار ئامىللار نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشىدىكى بىرلا كۆزنەكتىن ئىبارەت.باشقا كۆزنەكلەر بولسا كىلاسسىك ئەدەبىيات،ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى،يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتى ،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ،باشقا مىللەتلەر ئەدەبىيا تى كۆزنەكلىرى(تەرجىمە ئەسەرلەر)دۇر.شۇ كۆزنەكلەر  ئۇيغۇر ئەدەبىيا تىنىڭ بىر پۈتۈن مەۋجۇتلىقىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى شۇ كۆزنەكلەرنى ئۆز-ئارا يۇغۇرۇش ئاساسىدا يېڭىلىنىپ تەرەققى قىلىدۇ.قۇبۇل قىلىش يېڭىلىق يارىتىش ناھايىتى موھىم تەرەپ.قۇبۇل قىلىشتىكى مەخسەت ئۆزىگە خاس يېڭىلىق، تەرەقىيات يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتۇر.دېمەك قۇبۇل قىلىش مەخسەت ئەمەس.بەلكى ۋاستە.ۋاستە مەخسەتكە ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ.يوشۇرۇش ھاجەتسىزكى يېقىنقى يىللاردا «مىكرۇ ئوبزور»دەپ ئاتىلىدىغان تېخنىكىلىق تەنقىد بارلىققا كەلدى.ئۇنى «ئېدراك تېخنىكا تەنقىدچىلىكى»دەپ ئاتاش مۇۋاپىق.چۈنكى ئۇ خىل تەنقىدچىلىك ھېسسىيات ئامىلىدىن پۈتۈنلەي «ئازات»قىلىنغان.خاھىشچانلىقتىنمۇ «ئازات »قىلىنغان.شۇنىڭ بىلەن غول ئەدەبىي تەنقىدچىلىك يۈزلىنىشىدىكى جانلىقلىق ۋە چوڭقۇرلۇقتىنمۇ بىراقلا خالى قىلىنغان.شۇ ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق ھەتتا شئېىر  تەقرىزچىلىكىدىمۇ شئېىرنى ئىزاھلاش –چۈشەندۈرۈش بولۇپ گەۋدىلەنگەن.تېخنىكىلىق تەنقىد چەتئەل ئەدەبىياتىدىكى تەنقىدچىلىك ئۇسلۇبىنىڭ ئەينەن كۆچۈرۈلۈپ كېلىشىدىن ئىبارەت.بۇ خىل تەنقىدچىلىكنىمۇ ئەخمەتجان ئوسمان «تۈگىمەس ناخشا ھەققىدە تەھلىل» ناملىق ماقالىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۇنجى قېتىم ئېلىپ كىرگەن قەلەم ساھىبىدۇر.ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شۇ ماقالىسىغا تالانتلىق شائىر قۇربان بارات رەددىيە ماقالىسى يازغان. ئەخمەتجان ئوسمان شۇ ماقالىسىدا ھېسسىيات ئامىلىنى پۈتۈنلەي چىقىرۋېتىپ «تۈگىمەس ناخشا»نى ئېدراكلىق تەنقىد نوقتىسىدىن تەھلىل قىلغان.ئىككى ماقالە 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا «تارىم» دا بىر ساندا بىللە ئېلان قىلىنغان.بۈگۈنكى « مىكرۇ ئوبزورچىلىق»نىڭ يىلتىزىنى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شۇ ماقالىسىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.شۇنداقلا ئېدراك تەنقىدچى لىكىنىڭ ئاجىزلىقىنى قۇربان  باراتنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئېلان قىلغان رەددىيە ماقالىسىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.مېنىڭچە ئېدراك لىق تەنقىدنى ئايرىم تەنقىدچىلىك ئۇسۇلى قىلىۋالماي غول ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە يۇغۇرۇش كېرەك.ئۇقۇم ئىزاھلاش،سەھىپە ئىخچاملىقى ئەۋزەللىكىنى قۇبۇل قىلىپ ھېسسىيات ئامىلىدىن ،خاھىشچانلىقتىن پۈتۈنلەي خالى قىلىش ئالاھىدىلىكىنى ئۆز لەشتۈرمەسلىك كېرەك.ئۇ خىل تەنقىدچىلىكنىڭ بارلىققا كەلگەن زىمىنى چەتئەل. تەرەققىياتنىڭ ئىنتايىن تىزلىكى غەرپ دۇن ياسىدا ئادەملەرنىڭ ئۆز-ئارا ياتلىشىشنى يۇقۇرى چەككە يەتكۈزۈپ ئادەملەرنى ھاياجانلانمايدىغان، تەسىرلەنمەيدى غان،كومپىيۇتىرغا ئوخشاش پەقەت ئەقىلدىن ئىبارەت بىر خىل تەپەككۈر ئۇسۇلى ئارقىلىق پىكىر قىلىدىغان دەرىجىگە ئاپى رىپ قويغان بولىشى مۇمكىن. ئېدراكلىق شئېىرلار،ئېدراكلىق پىروزا ئەسەرلىرىمۇ تەبىي پەن لەردىكى چۈشەندۈرۈش ماقالى لىرىغا يېقىنلاشقان بولىشى مۇمكىن.لېكىن بىزنىڭ موھىتىمىز ئوخشىمايدۇ.كىشىلەر يەنىلا ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنىڭ ئوخشاش كونتۇرۇللىقىدا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ ئەھۋال يەرلىك ئالاھىدىلىك سۈپىتىدە ناھايىتى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ.
  تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ 3-شەرتى بولغان دۇنياۋىيلىققا يۈزلىنىش بىلەن مىللى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئۇيغۇنلىشىش بۈيۈك يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئەمىليىتىدە قايتا–قايتا دەلىللەنگەن يارقىن نوقتىدۇر.18-19-ئەسىرلەردە فرانسۇز ئەدەبىياتى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى بۈيۈك پەللە بولۇپ نامايەن بولغان.18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رۇس ئەدەبىياتى بارلىققا كېلىش باسقۇچىغا قەدەم قويمىغان،فىرانسۇز ئەدەبىياتى رۇسىيەدە ئىنتايىن ئالقىشلانغان مەزگىل ئىدى.19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پۇشكىن رۇس ئەدەبىياتىنىڭ يوقلىقىغا خاتىمە بەرگەن.19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بىلىنسكى،دوبۇرلىيۇۋ قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىكىدە رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى گۈللىنىپ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا رۇس ئەدەبىياتىنىڭ فىرانسۇز ئەدەبىياتى بىلەن تەڭ دەرىجىدە دۇنياۋى ئەدەبىيات دەرىجىسىگە كۆتىرىلىشىگە تۈرتكە بولغان.20-ئەسىردە ئامىركا ئەدەبىياتى گۈللىنىش بىلەن بىللە لاتىن ئامىركىسى ئەدەبىياتى باش كۆتۈرۈپ ئۆزگىچە مىللى مەدەنىيەتنى دۇنياغا نامايەن قىلغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندىستان،مىسىر،ياپونىيە ئەدەبىياتىمۇ شەرق ئەدەبىياتىنىڭ كۆپ قىرلىق، كۆپ مەدەنىيەت قاتلىمىلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلغان.جوڭگۇ شىنخەي ئىنقىلاۋى ئارقىلىق يېڭى زامان مەدىنىيىتىگە بۇرۇلۇپ يۈز يىل ئۆتكەن 2012-يىلدا نوبىل ئەدەبىيات ساھىبى مويەن ئارقىلىق خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياۋى سەۋىيەگە كۆتىرىلۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلدى.تۈركىيە ئەدەبىياتىمۇ ئوتتۇرا شەرقنىڭ،مىسىرنىڭ،ياۋروپانىڭ ئەدەبىياتىنىڭ كېسىشمە نوقتىسىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇرخان پامۇك دېگەن ئىسىم ئارقىلىق دۇنياغا ئۆزىنى تونۇتتى.بۈيۈك يازغۇچىلاردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك:قايسى ئىرق،قىتئە،دۆلەت،رايۇن،مىللەتكە تەۋە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئۆزى تەۋە مەدەنىيەت چەمبىرىكىنى دائىرە،مىللىي ئالاھىدىلىكىنى يادرۇ قىلىپ،ئۆز قەلىمى ئارقىلىق يورۇتقان ئۆزگىچە،يېڭى بەدىي دۇنيانى دۇنياۋى يۈكسەكلىككە كۆتىرىپ ئىنسانىيەتكە ئەبىدىي ئۇنتۇلمايدىغان ئۆلمەس ئەسەرلەرنى سوۋغا قىلدى.نوبىل ئەدەبىياتىغا نائىل بولالماسلىق ئېرىشەلمىگەن يازغۇچىلارنىڭ تۆھپىسىنى خىرەلەشتۈرەلمەيدۇ.چۈنكى نوبىل ئەدىبىياتنىڭ سان چەكلىمىسىدىن باشقا يەنە ئۆلچەم جەھەتتىكى نۇرغۇن شەرتلىرىنىڭ بارلىقى ئېنىق.نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ شەرىپىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئەڭ قىممەتلىك تەرىپى  مۇكاپاتلانغۇچىغا بېرىلىدىغان «  .... دە يېڭى بىر پەللە ياراتقانلىقى ئۈچۈن  ئۇشبۇ مۇكاپات بېرىلدى» دېگەن باھادا بولىشى مۇمكىن.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن دۇنياغا يۈزلىنىش 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاندى.ئۇنىڭ ئالدى دىكى بىر قانچە يۈز يىللىق تارىخى جەريان تارىخ تىن خەۋەردار كۆڭۈللەرگە ئايدىڭ.باشقا تىللار،چەتئەل تىللىرىدىن تەرجىمە قىلىش ياخشى يۈزلىنىشى بارلىققا كېلىش بىلەن بىللە خەنزۇ تىلىدا بىۋاستە ئەسەر يېزىشتىن باشقا ئېنگىلىز،ئەرەپ قاتارلىق چەتئەل مىللەتلىرى تىلىدا ئەسەر يازىدىغان قەلەم ئىگىلىرىمىزمۇ يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.ئىپادىلەش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە بىلىم جەھەتتە دوكتۇرلۇق سالاھى يىتىنى ھازىرلىغان،ئەدەبىي تالانتا ھەم ئىلمىي تەتقىقاتتا تەڭ يېتىشكەن ئىستىدات ئىگىلىرىمىزمۇ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ.يەنە كېلىپ ئۇلار ياش،ئومۇمىي يۈزلىنىشتىن قارىغاندا دوستلۇق ھەم ھەمكارلىق رىشتىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ.بۇ ياخشى ئەھۋال.ئۇلار ئىلگىركىلەر ھازىرلاپ بولالمىغان قابىليەتلەرنى،كەمتۈكلۈكلەرنى تولدۇرۇشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ.روھمىزدىكى كۆرەلمەسلىك، ئىناق سىزلىق،ئىنكار قىلىش ،ئۆز-ئارا ئورا كوللاش جاراھەتلىرى ساقىيىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ....ئومۇمىي نوقتىدىن قارىغاندا ئاساسىي ئېقىم،يۈزلىنىش ياخشى بولىۋاتىدۇ.شۇ ئېقىم،يۈزلىنىشنىڭ ئۈزلۈكسىز،ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىدا گەپ يوق.ئۇيغۇر ئەدە بىياتىنىڭ دۇنياۋىي ئەدەبىيات سەۋىيىسىگە يېقىنلىشىشغا،يېتىشىگە بىر جەريان كەتسىمۇ شۇ كۈن ھامان كېلىدۇ.
   ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مىكرۇلۇق ئۆلچىمى ئەركىن،مۇستەقىل،خاس ھالدا تەسەۋۇر بىلەن تۇيغۇنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگىچە،يېڭى بەدىي ئالەمنى يارىتىشتۇر.ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ماكرۇلۇق ئۆلچىمى بولغان تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىش بارلىق قەلەم ئىگىلىرىگە ئورتاق بولغاندەك مىكرۇ ئۆلچەممۇ ھەممەيلەنگە ئورتاق تۇر.ئەمىليەتتە ماكرۇلۇق ئۆلچەم كۆپ بولىشى مۇمكىن.مىكرۇلۇق ئۆلچەممۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن.ئورتاقلىق نوقتىسىدىن قارىغاندا ماكرۇ ئۆلچەمنىمۇ يۇقۇرقى بىر نوقتىغا،مىكرۇ ئۆلچەمنىمۇ يۇقۇرقى بىر نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۇۋاپىق.ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرى كۆپ بولغانلىقتىن ئۆلچەمنى كۆپەيتىش ياكى كۆپەيتمەسلىك ھەربىر قەلەم ئىگىسىنىڭ ئەركىن تاللاش ئىختىيارلىقىدىكى ئىش.مۇستەقىل ئويلىنىش،ئەركىن تەپەككۈر قىلىش،خاس تەسەۋۇر يۈرگۈزۈش كونكېرتلىقتا ھەر بىر قەلەم ئىگىسى ئۈچۈن ئورتاقتۇر.دوراش،تەقلىد قىلىش،كۆچۈرمىچىلىك،ئۆزلەشتۈرۈشتىن مۇستەقىل،يېڭى ئىجادىيەتنىڭ بارلىققا كەلمەيدىغانلىقىنى ھەر بىر قەلەم ئىگىسى ئۆزىگە دائىم ئەسكەرتىپ تۇرىشى زۈرۈر.
   مەن ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆلچىمى ھەققىدىكى ئويلىغانلىرىمنى ئۆز سەۋىيەم ۋە ئىقتىدارىمغا يارىشا بايان قىلدىم.مەن ناھايىتى توغرا ۋە ئىنتايىن مۇكەمەل بولدى دەپ ئېيتالمايمەن.قەلىمى،تەپەككۈرى كۈچلۈك،سەۋىيىسى يۇقۇرى قەلەم ئىگىلىرى بۇ ھەقتە توغرا ۋە  مۇكەمەل بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويسا شۇنداقلا مېنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلىرىمنى ئىنكار قىلىۋەتسە تامامەن بولىۋېرىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-10 16:56  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 528
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1011
تۆھپە : 0
توردا: 177
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 16:09:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىدە نېمە دىيىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ ماقالىدىكى ئىملا خاتالىقىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلمىغانلىقى مېنى ئەپسۇسلاندۇردى...
.........
توغرسىدا...ئەھ مىيەتكە ...ماھايەتلىك...تەرپىدىن..مۇكەمەل..نەزرىدە..ئەنەنە..بې غىشلاش..بايرى قىنى...بەدىيلىك ...ئۇقۇممى...تەسەۋۇر...ئۇيغۇنلى شىش..كونى لىقنىڭ.. مۇئايەن...

ئاپتۇرنىڭ ئالدىراڭغۇلۇقىدىن  مۇشۇ ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەقەت 10نەچچە قۇردىنلا يۇقارقى ئىملا خاتالىقىنى  دەماللىققا ئىلغا قىلدىم-خالاس....

ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئانا تىلىمىزغا كۆيۈنۈپ قويايلى! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-5 16:10  


ئاناتىلىمىزنىڭ پەش-چېكىتلىرىنىمۇ ئىسراپ قىلمايلى!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 17:28:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ ئىملاسىدىكى خاتالىق ئەمەس.خەت تىزىلىشىنىڭ تور بېتىگە ماسلاشماسلىقىدىكى خاتالىق.مەن تەھرىرلەپ تۈزەيمەن.تورداش م،توختى سەبەتنىڭ كۈيۈمچانلىقىغا تەشەككۈر.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  105
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 924
تۆھپە : 0
توردا: 202
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 20:31:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېزىز ئەپەندى بۇ ماقالە ئۈچۈن ئەتراپلىق ئىزدىنىپتۇ.  شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكىدەك بەزى ھۆكۈملەردە تېخىمۇ ئەمەلىيەتچان بولۇشقا توغرا كېلىدۇ:

ئەخمەت جان ئوسمان يېڭى شئېىريەتنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۇنجى بولۇپ ئېلىپ كىرگۈچى ئىكەنلىكى،تەپەككۈردا يېڭىلىق يارىتىشتا بايراقدار ئىكەنلىكى، ھازىرغىچە دۇنيا ئەدەبىياتىغا يۈزلىنىشتە ئەرەپ ۋە ئېنگىلىز تىلىدا ئەسەر ئېلان قىلىپ دۇنيا مىقياسىدا تونۇلىۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئىكەنلىكى بىلەن ئۇلۇغلىنىشقا مۇناسىپ بولسىمۇ لېكىن يېڭى شئېىريەتنى ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ غول ئېقىنى بولغان ئەنئەنىۋى شئېىريەت بىلەن يۇغۇرۇشقا ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى نوقتىسىدىن ۋە شئېىريەت نەزىريىسى نوقتىسىدىن قادىر بولالمىدى.قادىر بولىشىمۇمۇمكىن ئەمەس ئىدى.چۈنكى ئۇ ئالى مەكتەپ ھاياتى باسقۇچىدىلا ۋەتەندىن ئاي  رىلغان.ئۇزاق مەزگىل چەتئەل موھىتىدا ياشىغان.ئۇيغۇرنى بىر پۈتۈن بىلىپ چىقىش،چۈشىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان.ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئېلىپ كىرگەن يېڭى شئېىريەت ھادىسىسى تەپەككۈرنى يېڭىلاش جەھەتتە ئۇيغۇر شئېىريىتىگە يېڭى قان بېغىشلىسىمۇ ئەنئەنە بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە ئاجىزلىق قىلىپ مۇجىمەللىك،قايمۇقۇش پەيدا قىلغاندەك يېقىنقى مەزگىلدە ئۇ تەشەبۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ھېچنىمىزىم ھادىسىسىمۇ  ئۇيغۇر شئېىريىتىدە مۇئايەن دەرىجىدە مۇجىمەللىك،قايمۇقۇش پەيدا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى شئېىريەت ھادىسىسى ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ ئاساسى ئېقىمى بولالماي ئۇيغۇر شئېىريى تىنىڭ غول ئېقىنىنىڭ يۈزلىنىشىگە يۇغۇرلۇپ كەتكەندەك ھېچنىمىزىم ھادىسىسىمۇ شۈبھىسىزكى ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ غول ئېقى نىغا يۇغۇرلۇپ كېتىدۇ.

مۇئەللىپنىڭ مەن نەقىل ئالغان يۇقارقى بۆلەكتىكى بەزى نۇقتىلاردا، بولۇپما ئاۋۇ قىزىل بويالغان جۈملىلەردە قايتا ئويلىنىپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.



تور خاتىرەم: http://www.hechkim.com

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2108
يازما سانى: 887
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1513
تۆھپە : 0
توردا: 1046
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 21:40:21 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدا ئوتتۇردا قۇيۇلغان پىرىنسىپاللىق مەسىللەر ئەتىراپلىق مۇلاھىزە قىلنىپ،باش تىما ئۇبدان يۇرتۇلۇپ بىرلىپتۇ.مۇشۇنداق ئىجادى ئەمگەكنىڭ روياپقا چىقىرىش ئاسان ئەمەس. مۇبارەك بولسۇن!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 22:29:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىئانغا:

   سىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ئىزدىنىش،سىناق ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە بۇ يولدا ئۇتۇق قازىنىشقا روھىڭىزنى بېغىشلىغان ئۈمىدلىك ياش قەلەم ئىگىلىرىنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىڭىزنى ئۆتكەن يىلى پىكىرلىرىمدە ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم.
    يۇقۇردا سىز ئويلىنىپ بېقىشىمنى تەۋسىيە قىلغان مەسىلىلەرگە كەلسەك مەن ئويلىنىپ تۇرۇپ يازدىم.يۇقۇرقى ماقالىدا  سىز ئوتتۇرغا قويغان مەسىلىلەرنى دەلىللەپ ئىسپاتلاپ بولغىلى بولمايدۇ.تېما ،مەزمۇن،سەھىپە ئېھتىياجى يۈزىسىدىن يوپۇتۇپ ئۆتۈپ كەتتىم.ئۇ ئايرىم -ئايرىم بىر قانچە تېمىلاردۇر.ئۇ ھەقتە كېيىنكى ماقالىلىرىمدا ئىنچىكە مۇلاھىيزە يۈرگۈزىمەن.ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ 81-يىللىق قاراىدىكى ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ،84-يىلى ئەرەپ دۇنياسىغا ئوقۇشقا بارغانلىقىنى بىلىمەن.چۈنكى مەن 83-يىلى شۇ فاكۇلتىتقا ئوقۇشقا بارغان.ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى چەتئەلدە ئۆتكەن ياكى چەتئەل بىلەن باغلىنىشلىق.تەپسىلى ئەھۋالنى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ تەرجىمھالى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.
مەن ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شئېىرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.ئىككى ھەپتە ئىلگىرى «ئىزدىنىش تورى»دا ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىنغان شئېىرلىرىنى كۆرگەن ئىدىم.بەھىرلىنىش سەۋىيىسى تۆۋەن بىر قانچە نەپەر تورداش «شئېىر ئەمەس» دېگەن ئىنكاسلارنى يېزىپتىكەن.رەدىيە بېرىپ ئىنكاس يازاي دېسەم ئۇ تورنىڭ ئەزاسى ئەمەس ئىدىم.شئېىرنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتى نوقتىسىدىن ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شئېىرلىرى دۇردانىدەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە.بەھرلىنىش يا بەھرلىنەلمەسلىك ئايرىم گەپ.مەن بۇ گەپنى ئۇ تور بېتىگە يازالمىدىم.
   يەككە -شەخسى نوقتىدىن ئەخمەتجان ئوسمان شئېىرلىرىنى ئىنتايىن ياقتۇرىمەن.تىلىنى «ئوغۇزنامە»نىڭ تىلى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغۇم كېلىدۇ.چۈنكى تىلى «ئوغۇزنامە 'تىلىدەك ئىخچام ،يەڭگىل،راۋان.بۇ جەھەتتە ھازىرغىچە ئەخمەتجان ئوسمان ياراتقان پەللىنى ئىچىمىزدە ھېچكىم بۆسۈپ ئۆتەلمىدى...بۇ راست.ئەمما بىر پۈتۈن ئۇيغۇر شئېىريىتى نوقتىسىدىن قارىغاندا ئالاھىدىلىكنىلا كۆرۈپ،كەمتۈكلۈك-بوشلۇقلارغا كۆز يۇمىۋالغىلى بولمايدۇ....
   سىز ئوتتۇرغا قويغان نېگىزلىك مەسىلىلەر ھەققىدە كېيىنكى ماقالىلىرىمدە ئىنچىكە توختىلىمەن.قايىل قىلىش مەسىلىسىدە ھەممەيلەننى قايىل قىلىمەن دەپ ھۆددە قىلالمايمەن.چۈنكى كۆزقاراش،ئىدىيە،پوزىتسىيە،مەيدان ئوخشىمىسا بىرلىككە كەلگىلى بولمايدۇ.لېكىن ئەدەبىياتقا بولغان مۇھەبەت ۋە ئەدەبىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىستىكى جەھەتتە ھەممىمىز ئورتاقلىققا ئىگە.چوڭ مەخسەتتە ئوخشاشلىق بولسا ئىجادىيەت قارىشى ۋە ئۇسۇلىدا ئوخشىماسلىق،رەڭدارلىقنىڭ بولىشى نورمال ئىش.چوڭ نوقتىدا پىكرىمىز بىر يەردىن چىقسا  كونكېرت نوقتىلاردا پەرقىمىز بولسا بولىۋېرىدۇ.ھازىرچە دەيدىغىنىم شۇنچىلىك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-5 22:39  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 1279
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 7476
تۆھپە : 3
توردا: 787
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-11-1

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 23:27:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  105
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 924
تۆھپە : 0
توردا: 202
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 23:52:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۈن يوللىغان ۋاقتى  2013-6-5 22:29
پاسىئانغا:

   سىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ئىزدىنىش،س ...

ئەزىز ئەپەندى، مەن ئەسكەرتكەن نۇقتىلاردىن يەنىلا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىڭىز.
بىرىنچى نۇقتا:  قەلبىدە مىللەت سۆيگۈسى، ۋەتەن سۆيگۈسى كۈۋەجەپ تۇرىدىغان بىر ئوتيۈرەك شائىرغا نىسبەتەن...  «ئۇيغۇرنى بىر پۈتۈن بىلىپ چىقىش، چۈشىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان» دېگەن خۇلاسىڭىزدە ساددىلىق، بىرتەرەپلىمىلىك ناھايتى ئېغىر. جۇغراپىيەسىمان تەرجىھال ۋە بىرنەچچە سان-سىفىر بىلەن بىر ئادەمنىڭ مىللەت چۈشەنچىسىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. پۈتۈن ئۆمرىنى «سۇ»نىڭ ئىچىدە پىلتىڭلاپ ئۆتكۈزگەن «بېلىق»نىڭ «سۇ» ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ھەرقانچە بولسىمۇ ئۆسۈپ-يېتىلىپ بولغاندىن كېيىن «سۇ»دىن ئايرىلغان بېلىقنىڭ سۇ ھەققىدىكى «ئويى»غا يەتمەيدۇ.
ئىككىنچى نۇقتا: «يېڭى شئېىريەتنى ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ غول ئېقىنى بولغان ئەنئەنىۋى شئېىريەت بىلەن يۇغۇرۇشقا ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى نوقتىسىدىن ۋە شئېىريەت نەزىريىسى نوقتىسىدىن قادىر بولالمىدى.قادىر بولىشىمۇمۇمكىن ئەمەس ئىدى.» دېگەن ئۆزئارا زىت ھۆكۈمىڭىزدە سۇبيېكتىپ ئاغمىچىلىق بار. چۈنكى، شائىرنىڭ ۋەزىپىسى يېڭى شېئىرىيەت بىلەن ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتنى ئېلەشتۈرۈش (يۇغۇرۇش) ئەمەس ئىدى. بىراق بۇ، قانداقتۇر، نەزەرىيە جەھەتتىن بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى ئۇ ئۆزى خالاپ چىقمىغان بولۇشى مۇمكىن...
ئۈچىنچى نۇقتا: ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئاساسىي ئېقىم بولالمىغانلىقى ۋە ھېچنېمىزمنىڭمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۈچلۈك پەرىزىڭىز.
يېڭى شېئىرىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم بولغان بولمىغانلىقىنى سەگەك ئوقۇرمەنلەر ئاسانلا ھېس قىلالايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ يېڭى شېئىرىيەتنىڭ خاتالىقى ھېسابلانمايدۇ. ئاساسىي ئېقىم بولۇش ياكى بولماسلىقنى شائىرلار بېكىتمەيدۇ ، خەلق ئاممىسى تېخىمۇ بېكىتەلمەيدۇ. ھالبۇكى بۇ خىل بېكىتىشنى ھامان شېئىرىيەت نەزەرىيەچىلىرى ۋە ئەدەبىياتشۇناسلار قولىغا ئېلىۋالىدۇ...
ھېچنېمىزمغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ غول ئېقىنىغا يۇغۇرۇلۇپ كېتىشى ياكى ئايرىم ئېقىن بولۇپ قېلىشىنى كېيىنكى ئەمەلىيەتتىن كۆرسەك بولىدۇ.

تور خاتىرەم: http://www.hechkim.com

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 672
تۆھپە : 7
توردا: 104
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 01:21:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆلچىمى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە مۇھەممەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-6 01:22  


توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 254
تۆھپە : 1
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-14

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 10:12:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئىزىز ھىيىت كۈنگە تىخىمۇ مەدەت تىلەيمەن!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 11:25:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغلانبەگنىڭ ئىلھاملاندۇرغانلىقىغا تەشەككۈر.مەن «جاللات خېنىم»«باھادىرنامە»شۇنداقلا چوغلانبەگنىڭ باشقا نادىر ئەسەرلىرىگە  پىكىر ،تەكلىپ بېرىپ بولالمىغانلىقىمدىن مەيۈسلىنىۋاتقىنىمدا چوغلانبەگنىڭ مېنى ئىلھاملاندۇرغانلىقى مېنى خىجىللىقتا قويدى...

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 11:39:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلىكە مۇھەمەتكە:
  
      ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقىمۇ ئۆلچەم كېتەمدۇ؟ دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشەندىم.بىر نوقتىدىن ئالغاندا يېڭىلىق،ئىجادىيەت ئەركىن ،چەكلىمىسىز بولىشى كېرەك دەپ قارىلىدۇ.لېكىن نىمىدە،قايەردە مۇتلەق ئەركىن بولسۇن؟ھەرقانداق ئەركىنلىك ئۆز چەمبىرىكىنى ئىچىدە ئەركىن بولىدۇ.چەمبىرىگە ئۈسكەندە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.ئىجادىيەتنىڭ ئوچۇق ئېيتقاندا ئەدەبىي ئىجادىيەت يارىتىشنىڭ مۇئايەن دەرىجىدە ئورتاقلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئۆلچىمى بولمىسا ھەركىم ھەر نىمە دەيدىغان،ھەتتا ئەڭ پۈچەك نەرسىلەر يېڭىلىق سۈپىتىدە مەيدانغا چىققىدىغان قالايمىقان ھالەت بارلىققا كەلمەمدۇ؟ بىر خىل ئەركىنلىكنى تەرغىپ قىلغۇچىلار ئۆزىنى ئەركىنلىك خوجايىنى ھېساپلىشى مۇمكىن.ئەمىليەتتە ئۇلار ئۆزلىرى قوراللانغان كۆزقاراش،ئىدىيەنىڭ تۇتقۇنلىرىدۇر.شۇ كۆز قاراش،ئىدىيەنى ئۇلار قورال قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئەركىنلىك خوجايىنى ھېس قىلغان.ناۋادا شۇ ئىدىيە،كۆزقاراشقا ئۇلار ئەشەددى ئۆچ بولسا ئۆزلىرىنى قۇل،تۇتقۇن ھېس قىلغان بولاتى....

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
jallat ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1942
تۆھپە : 0
توردا: 817
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 11:52:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورمەتلىك ئەزىز ھېيت كۈن،سىز ئۇيغۇر يېڭى شېئىريىتىىدىكى ئۇستازلارنىڭ شېئىرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىكەنسىز .ھەم «ئوغۇزنامە»داستانىغا يىقىنلىقنى قەيىتلەپسىز.يۇ،بۇ ماقالىڭىزدا ئەنئەنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ قۇيۇپسىز .ئەنئەنە چۇشەنجىسىدە مەلۇم چۇشىنىشمەسلىك بولۇپتۇ ...


ئەنئەنىمىزدىكى –شېئىريەت ھۇجەيرىلىرى


ئابدۇرېشىت سۇلايمان



شېئىريەت- سۇزۇك روھى پائىلىيىتىمىزنىڭ  ھەركەتچان ھۇجەيرىسىگە ئايلانغاندا، تەننىڭ گۇزەللىك تەرىپىدىن قامال قىلىنىش جەرياننى تاماملىغان تەپەككۇر، بوشلۇق بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىدۇ .بۇ بىر مىدىسسېنالىق يۇزلىنىش .دۇنيا –ئىلىم پەن جەۋھەرلىرىدىكى بىئۆلىگىيەلىك يەكۇن .ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر ھەم تۇيغۇسىدىكى شەيئىلەر گۇزەللىكتىكى نۇر –شىئېريەت ھۇجەيرىلىرى تەرىپىدىن مۇنۇپۇل قىلىنغاندا تەننىڭ تىرە قاتلىمىدىكى نەملىك، قۇرغاقلىق بىلەن ئېستىتېكىلىق پەرىق نىسپىتىدە تۇرۇپ نىرۋا سىستىمىسىنىڭ قورشاۋىدىن چىقىپ كىتىدۇ .شەيئىلەرگە ئەقىل  بىلەن ئەمەس ،ئوز ھىسياتىنىڭ تەبىئېي ھوكۇملىرى بىلەن مۇھاكىمە ئىلىپ بارىدۇ  .دۇنيادىكى شەيئىلەر بىلەن غەيرىلىك ئىچىدە ئۇچرىشىدۇ .

شېئىريەت ھۇجەيرىسىدىكى  پىسخوگىيەلىك ۋاقىت ئېستىرىلكىسى –بىئۆگىيەلىك سائەت  تەرتىپىگە كىرگەندە  ،ئىدراكى رامكا ئىچىدىكى  ئېستىتېك مۇددىئا گۇزەللىكنى شەرىت قىلىدۇ .ئوتمۇش بىلەن كەلگۇسى ئوتتۇرسىدىكى تۇقۇنۇش ئىچىدە شىئېريەتنى قوبۇل قىلىۋاتقان روھىيىتىمىز، تىنىمىزنىڭ ياپ –يىشىل ئورمانلىق ئىچىدىكى ساپ ئوكسىگىن سۇمۇرۇپ چەكسىز راھەتكە چۇمگەن دەۋرىدىكى «كىلىماتنىڭ تەن راھىتى »گە ئوخشاش بىئۆگىيەلىك سائەتىمىزنىڭ يوشۇرۇن ئىڭىمىزدىكى قوزغىتىش كۇچىگە ئىرىشىدۇ .روھى ئانالىز ئىلمىنىڭ ياراتقۇچىسى ،روھى كىسەللەر دوختۇرى ،دۇنيادىكى ئۇچ نەپەر بويۇك شەخىسنىڭ بىرسى سىگمۇند فرېئۇدنىڭ «ھىسىتېرىيە تەتقىقاتى »ناملىق كىتابىدىكى - «ئىنسانىيەت ئېڭىنىڭ ئارقىسىدا ناھىيتى مەخپى ۋە كۇچلۇك بىر جەرياننىڭ مەۋجۇت بولۇش مومكىنچىلىكى ،...ئىنسانىيەت ھاياتىدا پىسخىكىلىق جەرياننىڭ ھالقىلىق ئورنى... »...قاتارلىق بايقاشلىرى ،ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىغا كۇچلۇك تەسىر كورسىتىپ مىدىسسىنا ساھەسىدىكى نىرۋا كونتىرۇللىغىدىكى ئەزالارنىڭ ھۇجەيرە تەتقىقاتىغا ھىممەت ئاتا قىلغان .
بىلىقلار خىمىيەلىك سىگنالدىن پايدىلىنىپ ئوخشاش تۇر ئىچىدىكى يەككە ئەزالارنى پەرىقلەندۇردۇ .ئىنسانىيەتنىڭ  شېئىريەت ھۇجەيرىسىدىكى پەرىق بىلەن گۇزەللىك قارىشى ،بولۇپمۇ يىزىقتىكى ئېستىتېكىلىق جەريان كورىشىدىن  شىئېريەتتىن زوقلۇنۇش ئىستىمالىغا دىياگۇنۇز قويۇشقا بولۇدۇ .بەلكىم بۇ قاراش ماكان ھەم زامان چەكلىمىسىدىكى پەرىقلەر بىلەن ئاغدۇرلۇپ كىتىشى مومكىن ،لىكىن يىقىندا ئىسپاتلانغان «روھنىڭ ماددىنى ئىدارە قىلىش ھەقىقىتى» (
j.برۇنw.c.p
داۋسنىڭ «ئاتۇم ئىچىدىكى ئەرۋاھ»تا-(ئىلىم - پەن ھەقىقىتى بىلەن ئىسپاتلانغان )دىكى« ئىنسانىيەتنىڭ ئولچەش بەلگىسىدىكى كۋانىت ھالىتىگە توساتتىن قايىتماس ئوزگىرىش ئىلىپ كىلىشتە روھ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ .ھۇجەيرىلەردىكى ئاپتۇماتىك خاتىرلەش قۇرۇلمىسى ماكان ھەم زاماننىڭ تەسىرگە ئۇچرىسىمۇ تەندىكى بىرلىكنى تەشكىل قىلىش ئالاھىدىلىكىنى ئىلاھ ياراتقانلىغى سەۋەبىدىن ئۇنى يوق قىلىش مومكىن ئەمەس )..بىلەن ماكان ھەم زامان تەپەككۇرى ئىچىدىكى تەننىڭ شىئېريەت ھۇجەيرىلىرى بىرلىكىگە بولۇپمۇ شائىرلارنىڭ روھ بىرلىكلىرى ئىچىدىكى تىل مۇزىكىلىرىنى ئورۇندۇغۇچى ،ۋە ئۇلارنى تەشكىل قىلغۇچى ھۇجەيرىلەرگە گۇمان بىلەن قاراش –تەتقىقات ئازغۇنلىغىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .
بىز دۇچ كەلگەن تارىخ –پەقەت كەچۇرمىش .يىزىقتىكى ۋە ئاۋازدىكى مەۋجۇتلىغىمىزغا سوبىكتىپ ئىڭىمىز ئارقىلىق يەكۇن چىقىرىشقا باشلىغاندا بىز تۇپراق ئىدۇق .بىز تۇپراقتىن ئۇندۇق ھەم تۇپراقتىن كوكلىدۇق .كوڭۇللەردىكى تەسەللى بىزگە ئۇرۇلغان نۇر ۋە ئاۋاز ئارقىلىق ھۇجەيرىلىرىمىزنى ياشارتىدۇ .شىئېريەت ئۆزىدە مۇزىكا سىزىمىنى ۋە ئاھاڭدارلىقنى شەكىللەندۇرگەنلىكى بىلەن ھۇجەيرىلىرىمىزگە تەسىر كورسىتەلەيدۇ .جاراڭسىز ئۇزۇك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆز ئۆزەكلىرىگە جاراڭلىق ئۇزۇك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قۇشۇمچىلارنىڭ قوشۇلىشى .سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ مەرغۇلدىكى ماسلىشىشى بىلەن روھىيىتىمىزدە ھەم تىنىمىزدە شەكىللەنگەن تاۋۇش ئوزگىرىشلىرىگە «تىتىرتىش »ئارقىلىق، -  ھۇجەيرە ھاياتىغا رەڭ ئاتا قىلىدۇ .ئۇيغۇر ھىكىملىرىنىڭ يەكۇنىمۇ يۇقارقى قاراشلىرىمىزنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ –(«ئادەمدىكى تۆت خىلىت ئىچىدە نەزمىكارلارنى قان (ھۆل ئىسسىق )مىجەزگە ئىگە دەپ قاراش ئەڭ توغرا قاراش .....»)
يىقىندىن بىرى دۇنيا ئەدىبىياتىدا جانلىقلار قىياپىتىدىكى تىراگدىيە .مەدىنىيەت توقۇنۇشلىرى ،پىسخىكىلىق زۇلۇم ئەۋجىدىكى خەۋىپ ...قاتارلىق زىدىيەتلەرنى مەنبە قىلغان ئوتكۇنچى دۇنيانىڭ سۇرىتىدىكى نەسرى ئەسەرلەر كوپلەپ يىزىلدى ،ھەم يىزىلىۋاتىدۇ .ئەرەپ يىرىم ئارىلى ۋە پارىس قولتۇقىدىكى قىرغىنچىلىقتا «دالىدىكى جەسەت »نىڭ قان بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ  كەتكەن سىسىقچىلىرى ئىچىدىن تەنلىرىنى توپا –چاڭ  باسقان .لىكىن روھى سۇزۇك ،يۇزلىرىگە چاچرىغان قان داغلىرىنى سۇرتۇشتىن بۇرۇن نەزمە پۇتۇش ئۇچۇن سىياھ ئىزلەپ ئىشىكلىرى تاقالغان دۇكانلارنى چىكىۋاتقان  ،ئامال بولمىغاندا چىنە سۇنۇقلىرىغا قانلىرىنى توكۇپ چىغىرداق (چىش كورچىلىغۇچ )ئارقىلىق نەزمە پۇتىۋاتقان شائېرلارنىڭ جىددىلىك ئىچىدىكى ئەجرىدە شېئىريەت ھۇجەيرىسىنىڭ ھاياتتىكى قىممىتىنى چۇشىنەلەيمىز .
مەۋجۇتلىغىمىزدىكى ئىچىرقاشنىڭ مەركىزىدە تۇرۇپ شىئېريەت ھۇجەيرىسىنىڭ ئىھتىماللىق دائىرسىنى چۇشۇنۇش بىلەن بىرگە شىئېريەتتىكى بىشارەت ۋە گۇمان بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن شائىرنىڭ تۇيغۇسىغا ھەم تەپەككۇرىغا ياندىشىپ ماڭغاندا مەيلى كىلاسسىك ئەدىبىياتىمىزدىكى ئەبجەد ئۇسلۇبىدىكى نەزمىلەر ،ئەنجۇمەنلىرىمىزدىكى گۇماننىستىك شائېرلارنىڭ نەزمە پۇتۇش ماھارىتى ،ئەلنەغمىلىرىمىزدىكى سىتىخىيىلىك ئىجادىيەت ،رىۋايەتلىرىمىزدىكى ئازاپنىڭ جەريانى ۋە قەھرىماننىڭ تىراگدىيە تۇقۇنۇشى ،«خەمىسە»لىرىمىزدىكى قۇرۇلما ،«دىۋان»لىرىمىزدىكى قىممەت ،«ساقىينامە»لىرىمىزدىكى مەينىڭ سىمۇۋۇللۇق مەنىسى ،فولىكلوردىكى بولۇپمۇ ئىتىقات فولىكلورى ۋە سەنئەت فولىكلورىمىزدىكى خەلىقنىڭ دانىشمەنلىكى ،سوپىزىم شىئېريىتىدىكى «فەنا »باسقۇچىغا يەتكەن شائېرلاردىكى دەشتىگاھ دەرۋىشلىرىگە ئايلىنىپ چىكىۋاتقان تىراگدىيەلىك ئازاپ ،ئارۇز ۋەزىندىكى لىرىكىلىق ،ئىشقى تۇيغۇ ،ئويغۇنۇش سادالىرى ،مۇناجاتلاردىكى ساپ تۇيغۇ ۋە ئىلاھقا بولغان ئارزۇ –تىلەك ،كىلاسسىك ئىقىم بولۇپ شەكىللەنگەن خەلىق قوشاقلىرىدىكى پاساھەت ......قاتارلىقلارنى بايقاش ،ھەم تۇيغۇمىز بويۇچە تەھلىل قىلىپ لەززەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى بايقاش ھەممە شەخىسكە ئەمەس پەقەت شىئېريەت ھۇجەيرىسىگە ئىگە ئامەتلىك شەخىسكە مەنسۇپ بولغان موجىزە .بۇنى گىن قۇرۇلمىسىدىن تەھلىل ئىلىپ بىرىش جەريانى ئاددى بىر جەريان .
ۋاقىت بىلەن بوشلۇق ،زامان بىلەن قان،گىرەلەشمىسىدىن ماكان بىلەن شەخىسنىڭ بىرلىكىنى تارتىپ چىقىرىپ تەن بىلەن روھنىڭ پىچىلىشىشىشغا كىرسەكلا ئوزىمىزنىڭ تىنىدە شۇ ھۇجەيرىنىڭ بار يوقلۇغىغا ئىشەنجە قىلالايمىز .بۇنى بايقاش ئۇسۇلى توۋەندىكىدەك :
تولۇق ئاساسدىكى بەدىنىمىزنى ئىگەللەپ تورغان ھۇجەيرىلەر توپىدا مۇستەكەملىكىچى يادرۇلۇق ھۇجەيرە ئوزىنىڭ مەۋجۇتلىغىنى سەنئەتنىڭ گىرەلەشمە سىمفۇنىيىسى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ .تەڭكەش ئىچىدىكى ھاياتلىق ھىسياتنىڭ مايىلغىنى ۋاقىتنىڭ ئوتىشى بىلەن يوقىتىپ قويۇشنى رەت قىلىدۇ .بىتخوۋىننىڭ تۇيۇقسىز«ئولۇم سىمپۆنىيەسى»دىن ئىبارەت  مۇزىكا ئارقىلىق ھاياتلىغىنى ئىسپاتلىشى نوتا ھەم يىزىق ھىممىتىدىكى ھۇجەيرىلەر بىرلىكىدە نۇسخىلانغان ھاياتلىقنىڭ كىسەللىكگە قارشى تۇرۇش دەۋرىدىكى ئىمىنۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ سەنئەت ھۇجەيرىسىنىڭ بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھۇجەيرىلەرنى قوزغىتىپ ئىلىپ بارغان بىر قىتىملىق «سەنئەتتىكى ئوكسىتلاش »جەريانىدۇر .سەنئەتكارلارنىڭ ئوز فورمىسى بىلەن نۇسخىلىنىپ كوپەيگەن ھۇجەيرىسىدىكى
DNA(ئوكسىگېنسىز بىئو-يادرۇ كىسىلتاسى )ۋە RNA(رىبۇ يادرۇ كىسىلتاسى )مۇقەررەر سەنئەت ھىممىتىدىن سىرىتقى ئادەملەرنىڭكىدىن پەرىقلىنىدۇ .شائېرلارنىڭ ئوز پىكىردىكى تۇيغۇ يوتكىلىشى ئىچىدە شەرەپ بىلەن يىزىقتىكى سىمفۆنىيە - شېئىريەتكە كىرىپ كىلىش جەريانىمۇ يۇقارقى قاراشنىڭ دەلىللىكى ئىچىدە بولۇدۇ .ئوز ئىختىيارلىقى بىلەن يىزىقتىكى سىمفۆنىيەنى قوبۇل قىلىش ،شائېرنىڭ تۇيغۇ بىرلىكىگە كىرىپ تۇرۇپ يىزىق ۋە ئاۋاز قاتلاملىرى بىلەن ھازىرلىقلارنى پىكىر ۋە تىنىقققا ئىگە قىلىش .بىزنىڭ ھۇجەيرىلىرىمىزگە ماكانلاشقان تىنىق مەركىزى دانچىسىدىكى قوزغىتىش كۇچىنى زامان ۋە ماكاندىن تاللاش ئۇچۇن تەسەۋۋۇرنىڭ گارمۇنىك ئېستىلىسكىسىدا گۇزەللىك ئىزلەيدۇ .تەندىكى رايىشلىق بىلەن گىن گۇرۇپپىسىدىكى ھۇجەيرىنىڭ شىئېريەتكە مايىللىغى DNA
نىڭ غەلىتە دانچىلىرى بىلەن بىزنى ھەققى گۇزەللىك ئىچىگە سورەپ كىرىدۇ .تەندىكى يەككە ھۇجەيرە (شىئېريەت ھۇجەيرىسى)نىڭ مەنىنى قوبۇل قىلىش ،مەنىلەردىن مەۋجۇتلۇق كامالەتتىكى ھىسياتنىڭ يىڭى مۇناسىۋەتلەر دەۋرىگە كىرىش ئىسپاتنامىسىنى ناۋائىنىڭ بۇ غەزىلى بىلەن كۇزىتىپ كورسەك ئوزىمىزدە ھازىرلانغان مەيدانى مەۋقەنى بىلىۋالالايمىز

ﻣﯘﺯﻩﻫﻬﻪﭖ ﺋﻪﻳﻠﻪﮔﻪﻥ ﭘﻪﻳﻜﺎﻧﯩﻼﺭﯨﯔ ﺟﯩﺴﻤﯩﻢ ﺋﺎﺭﺍ ﻫﻪﺭﻳﺎﻥ،
ﺩﯨﻤﻪ ﻳﺎﺵ ﭼﻪﻛﺘﯩﻜﯩﻢ ﭼﻪﻛﺘﻰ ﺯﻩﺑﺎﻧﻪ ﺯﯙﺋﻠﻪﺋﻰ ﻫﯩﺠﺮﺍﻥ.
ﻗﺎﭼﺎﻥ ﭘﻪﻳﻜﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻱ ﻫﻪﺟﯩﺮ ﺋﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺷﯚﺋﻠﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ،
ﺋﺎﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻕ ﺯﻩﺧﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯗﺭ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ.
ﻧﻰ ﺗﺎﺵ ﺋﺎﺗﯩﭗ ﺗﻪﻧﯩﻤﻨﻰ ﺯﻩﺧﯩﻢ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﻏﻪﻣﮕﻪ ﻗﺎﻟﯘﺭﻣﻪﻥ،
ﻣﯘﯕﺎﻧﻰ ﺑﺎﻏﻼﻱ،ﺋﺎﻧﻰ ﻗﺎﻳﺪﺍ ﺑﺎﻏﻼﻱ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻧﻰ ﺋﯘﺭﻳﺎﻥ.
ﺑﻪﻻ ﺩﻩﺷﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩﺷﻰ ﻣﻪﺟﻨﯘﻧﻨﻰ ﻣﻪﻧﻰ ﺩﺍﻏﻰ،
ﺧﯩﺮﻩﺩ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻗﺎﺷﯩﺪﺍ ﺗﻪﻟﺒﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﻟﯘﺭ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ.
ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺮﯨﺪﻯ ﻏﻪﻣﯘ-ﻫﯩﺠﺮﯨﯔ،
ﻣﻪﻫﻪﻟﺪﯗﺭ ﺳﻪﮔﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪﻡ ﻛﯜﻟﺒﻪﻡ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ .
ﻧﯩﻤﻪﻥ ﻗﺎﻟﻐﯘﻡ ﻧﯩﺴﻪﻥ ﺑﺎﻗﻰ ﺯﻩﻣﺎﻧﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻞ ﺋﻪﻱ ﺳﺎﻗﻰ،
ﻗﻪﺩﻩﻫ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﺧﯘﺵ ﺗﯘﺗﻘﯩﻞ ﯞﻩﭘﺎﺳﯩﺰﺩﯗﺭ ﺑﻪﺳﻰ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ.
ﯞﻩﭘﺎﺳﯩﺰﺩﯗﺭ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ،
ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﯞﺍﭘﺎ ﺋﯩﺰﺩﻩﺭ ﺋﯩﺮﯗﺭ ﻧﺎﺩﺍﻥ.
ﺧﯘﺷﺎ ﺩﻩﻳﺮ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻣﻪﻳﺨﺎﻧﻪ ﺗﻮﻻ ﺋﯩﻠﻜﯩﯖﺪﻩ ﭘﻪﻳﻤﺎﻧﻪ،
ﻣﻪﻧﯘ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﭘﺎﻧﺎ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ«ﻛﯘﻟﻠﯘﻣﻪﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﻳﻬﺎ قان».
ﭘﻪﻧﺎ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﺎﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻨﻰ ﯞﻩﮔﻪﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﯩﻞ،
ﻛﯩﻢ ﺋﯚﻟﻤﻪﮔﻠﯩﻜﺘﻪ ﺗﻪﯕﺪﯗﺭﻟﻪﺕ ﯞﻩﮔﻪﺭﺳﺎﺋﯩﻞ،ﯞﻩﮔﻪﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ.
ﺟﻪﻫﺎﻥ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﻥ ﻳﻮﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻯ ﻳﻪﻛﺴﺎﻧﺪﯗﺭ،
ﻧﻰ ﻓﻪﺭﺭﯗﺥ ﻛﯩﻤﺴﻪﺩﯗﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺑﺎﺭﻯ-ﻳﻮﻗﻰ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ.
ﻧﺎﯞﺍﺋﻰ ﺋﯚﺯﻧﻰ ﺧﯘﺵ ﺗﯘﺗﻜﯩﻢ ﺩﻩﻫﯩﺮ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ،
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺗﯘﺗﺎﺭ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ،ﯞﻩﮔﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﯘﺗﺎﺭ ﺋﺎﺳﺎﻥ.
                                
زاماندىكى شېئىريەتكە قايتىش يۇزلىنىشى بويۇچە شىئېرنى چۇشىنىش ھەم چۇشىنەلمەسلىك باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان  شەخىسكە قارتا ئارتۇقچە گۇماندا بولۇشمۇ شىئېريەت ھۇجەيرىسىنىڭ يادرۇ كۇچىنى قۇبۇل قىلىش ۋە ئىنكار قىلىشقا بولغان چۇشىنىشمەسلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ . شەخىستىكى ئوخشاشمىغان كەيپىيات ،گۇزەللىكتىكى لەززەت قىسقا بىر پاكىتىمىزدىكى شىئېريەت ھۇجەيرىسىگە باغلىق بولۇپ بۇنى مۇتلەقلەشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىچنىمە  سىرتىدىكى تەننىڭ شىئېر تەرىپىدىن رەت قىلىنىش قايغۇسىنىمۇ قوبۇل قىلىش كىرەك .توۋەندىكى بايانلىرىمىزدا شىئېريەت ئەنئەنىمىزدىكى ،سەنئەت فولىكلورىمىزدىكى سۇزۇك ھۇجەيرە ئىچىدىن شۇ گۇزەللىكنى ،شۇ شىئېرنى،... ياراتقان  شەخىسنىڭ مەۋجۇدى كامالىتىدىكى تىنىقلىرىنى بايقاش بىلەن بىرگە تىل بەلگىلىرى ھامىلدارلىغىدىكى تەپەككۇرىنى مۇلاھىزە قىلىمىز

جان تالىشىۋاتقان شېئىريەت ئەنئەنىسى


ئۇيغۇر شىئېريىتىدىكى چىكىنىش ئازاپلىرىدىكى سۇئال –شەكىل ۋە مەزمۇندا ئىپادىلىنىدۇ  ،«ئۇيغۇرلارنىڭ شىئېريەت تارىخى»نىڭ دارۋازىسىنى چىكىپ باققىنىمىزدا ئىچكى تىل بەلگىلىرىدىكى مۇنۇلۇگنىڭ قاپىيە ۋە ۋەزىن ئارقىلىق چەكسىز تالان تاراچ قىلىنغانلىغىنى ،تۇيغۇدىن ياتلىشىش ھالاكىتىدە كىرزىس ئىچىدىكى تەسەۋۋۇرنىڭ تەبىئەتنىڭ تاشقى گۇزەللىكى ،ئىنسانىيەتنىڭ شەكلى تەبىرى ۋە شەكلى قىياپىتى ،گۇزەللىكنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئەمەس نەرسىلەر تەرىپىدىن قوراشتۇرلۇپ چىقىلغان رەڭلەر ،ئەلمىساقتىن ئايرىۋىتىلگەن مەۋجۇتلۇقتىكى سىر ....قاتارلىقلارنى جان –جەھلى بىلەن «لىرىكىلىق »تەسۋىرلىگەنلىكىدە تولۇپ –تاشقان ئىسپاتنامىلەرنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ .بىزدىكى ئەنئەنە سىمالىرى ئارۇزنى بىرلىك قىلغان ۋەزنلىك شىئېريەت ئەنئەنىسى ،بارماق ۋەزىنلىك شىئېريەت ئەنئەنىسى ...قاتارلىقلارنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ تىل –سىھرىدىكى كۇڭۇللەرنى شەكلەن دۇنيا بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ قەلىپكە كوچۇش نىممىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ئۇچۇن قان –تەر ئاققۇزۇپتۇ .شۇنداقتىمۇ شىئېريەت دەرۋازىسىدىن ئىچكىرلەپ كىرگىنىمىزدە ئەركىن شېئىريەت ئەنئەنىمىزدىكى ئىسلام دىنىغا كىرىشىمىزدىن بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بۇددىنىزىم شىئېريىتى ،يىقىنقى مەزگىللەردە بىشىمىزغا ئىلىپ كوتىرىپ تەتقىقاتلىرىمىزدا نەقىل ئىلىپ تەرىپلەپ كىلىۋاتقان ساترىنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ خىمىر تۇرۇچى بولغان تەسەۋۋۇپنىڭ - شىئېريەت  ئەنئەنىسى ،20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شاۋقۇن –سۇرەن بىلەن مەيدانغا كىلىپ بىر مەيدان شىئېريەت ئىنقىلاۋى ئىلىپ بىرىلغان ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شىئېريەت ئەنئەنىسى قاتارلىق تەبىئەتنىڭ ۋە ئىنساننىڭ ئىچكى قىسمىغا، روھىيىتىگە ئىچكىرلەپ كىرىش ئارقىلىق يىزىقتىكى چەكسىز كوچمە مەنا يارىتىش ئۇچۇن گۇزەللىكتىكى تىراگدىيە ۋە جەۋھەرنى قەلىپتىن ئىزدەش چاقرىقىدىكى شىئېريەت ھۇجەيرىسىگە ئىگە بىر تۇركۇم شائېرلىرىمىزدىن سۆيىنىمىز ھەم ئۇلارغا رەھمەت ئىيتىمىز .
شىئېريىتىمىزدىكى ئازغۇنلۇقتا بىر قىسىم شائېرلىرىمىز قۇياش مەۋجۇتلىغىدىكى كۇندۇزدىمۇ چىراغ يىقىپ ئوقۇرمەنلەرنى چىراغ ئەتىراپىغا ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئاڭلاش ۋە كورۇش سەزگۇسىگە ئىگە شىئېريەت ھۇجەيرىسىدىكى كىتاپخانلارنىڭ رەت قىلىنىشىغا ئۇچرىسىمۇ ئوزىنىڭ سوبىكتىپ دۇنياسىنىڭ ماھىيتىنى زورلاپ قوراشتۇرۇش ئارقىلىق تۇزۇپ چىققان چەكلىك شەيئېي ھەققىدىكى لىرىكىلىرىنى «مانا بۇ شېئىريەت »دەپ داستىخان يىيىپ شىئېريەت لەززىتى ئىچىدىكى ۋاقىت بەركىتىگە خىيانەت قىلىش ئارقىلىق سۇكۇتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ «شىئېريەت»دىن سوۋۇش خائىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ،بۇ پاجىئە ئۇيغۇر دىداكتىكىلىق شىئېريىتى ۋارىسلىرى ،ۋە ئۇيغۇر تەمسىللىك شىئېريىتى قىساسكارلىرىدا كوپ ئۇچرايدۇ .ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى بىر ھادىسە دەپ ئىتراپ قىلىنغان ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شىئېريىتىدىكى بىر قىسىم ئۇگەنچى شىئېرۋازلارنىڭ يازمىلىرىدىمۇ مەۋجۇت .
«يەنە بىر شىئېريەت »بىزگە شۇنداق نىدا قىلىدۇ .-شىئېر قايەردە ؟
رىئاللىقتىكى ئازاپ چەكلىمىسى پەسىللەر بايانىدا گۇزەللىككە ھامىلدار بولۇپ قىلىشىمۇ مومكىن .بىز شېئىريەتتىكى نامايەندە تېكىسېتلەردىن ئېستىلېسكىدىكى شەخىسنىڭ ياشلىرىنى ئەبەدىلىككە سورەپ كىرىش مۇشاقىتىنى بايقىغىنىمىزدا يەنە ئۇمىدكە تولىمىز .تىل بەلگىلىرىدىكى تەۋرىنىش ئىچىدىن ئابدۇرەھىم نىزارى ،ئابدىقادىر داموللام ،ئاپرىنچۇر تېگىن ،ئاتايى ،ئايازبىگ قۇشچى ،ئەلشىر ناۋائى ،ئەنسارى ،ئەھمەد يەسەۋى ،يۇكنەكى ،بايانچۇر قاراخان ،بىلال ،تەجەللى ،تۇنيۇقۇق،نازىم ،خاراباتى ،خازامى ،رابغۇزى ،رەشىدى ،زەلىلى ،زۇھۇرى ،ساكيا قايا ،سەككاكى ،،سەئىدى ،سۇجۇپ ئاقارى ،شەۋقى ،فارابى ،قەلەندەر ،قىدىرخان يەركەندى ،قىسۇرى ،لۇتىفى ،بابا رەھىم مەشرەپ ،مەھمۇد قەشقىرى ،مەھزۇن ،موللا شاكىر ،موللا قۇشچى ،موللا سىدىق يەركەندى ،موللا مۇسا سەيرامى ،موللا يەركەندى ،موللا ئەلى قۇشچى ،بىلال نازىمى ،موللا ھەيدەر ،مۇھەممەد سىدىق رەشىدى ،شەۋقى ،ناقىس ،نۆبىتى ،نۇزۇگۇم ،ھۇسەيىن بايقارا ،باجىنا ،سەبۇرى ،ئىسمائىل بەگ ،يۇللۇغ تېكېن ،يۇسۇپ سەككاكى ،يۇسۇپ خاس ھاجىپ(ئىلىپبە تەرتىۋى بويۇچە نەقىل ئىلىندى ) ....قاتارلىق ئەنئەنە ئۇستازلىرىنىڭ شاپائەتلىك ھىممىتىنى بايقاش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ نامايەندىلىك ئورنىنى بەلگە قىلىپ تۇرۇپ «ئۇيغۇر شېئىريىتى»نىڭ چىكىنىش قەدىمىنى بەلگىلەپ  قارا تەرگە چۇمىمىز .شېئىريەتتىن  خۇرسەن بولۇش ھەم ئەپسۇسلىنىش ھىسياتى نۇقۇل شەخىسكە تەۋە ھىممەت بولماستىن بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلارغا خاس بولغان مەسۇلىيەتلىك ئويلۇنۇش .
تەسەۋۋۇردىكى سادا بىلەن دىلنى يۇرۇتۇش جەريانىغا كىتىۋاتىمىز ،ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بۇرچىمىزنى قانچىلىك ئادا قىلدۇق؟ .سويۇملۇك خەلقىمىزگە يىزىق مۇزىكىلىرىدىكى  نوتىنى بۇزماي ئورۇنداپ بەرگەن شائېرلار  قانچىلىك ؟شېئىريەت كۇزەتكۇچىلىرى بايان قىلغان باياناتنىڭ چۇشىنىش دائىرسى ئىچىدىكى جويلۇشلىرىنىڭ  «شېئىريەت ھۇجەيرىسى »بىلەن باغلىنىشى بارمۇ –يوق ؟....مانا بۇ گۇزەللىك ئىزدىگۇچىلەرگە ،شېئىريەت يولىدىكى جاپاكەشلەرگە تاشلانغان سۇئال .توۋەندە «ئەنئەنە ۋارىسلىرى »لىرىنىڭ ئوتكەن ئەسىرنىڭ كىيىنكى يىرىمىدىن باشلاپ بىزگە تاشلاپ بەرگەن ئىجادىيەت سەرمەرلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئەنئەنىگە ياندىشىش ،بىلەن ئەنئەنىدىن چەتنەپ كىتىش، ھەقىقىتىدىكى چىنلىققا ئىچكىرلەپ كىرىمىز .


«ئەنئەنە ۋارىسلىرى »ۋە شېئىريەتتىكى« ئىستىھكام قۇربانلىرى »



بۇددا دىنىغا ئاساس سالغۇچى ،ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇش ،قېرىش ،ئاغرىش ۋە ئولۇش ئازابى ئىچىدىكى دەھشەتلىك ئازاپ كۇچىدىن  راھەت –پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كىچىپ دەرۋىش بولۇش ئۇچۇن قەسەم ئىچكۇچى ساكيامۇنى مىلادىن ئىلگىركى 48-يىلى «ئەڭ ئاخىرقى نۇتىقى»دا -«شاگرىتلىرىم ،سىلەر ئوزۇڭلارنى نۇرلۇق چىراغ دەپ بىلىڭلار ،كۇلپەت ھەم خورلۇقنى ئازاپنىڭ سەۋەبى دەپ بىلىڭلار .ئويۇڭلاردىكى يىلاننى ئويدىن چىقىرۋىتىڭلار ،دۇنيانىڭ چىنلىقىنى بىلىڭلار ....»دەپ نەسىھەت قىلغان بولسا، يۇناندا ئوتكەن ئىدېئالىسىت پەيلاسۇپ ،تاش ئويمىچىنىڭ بالىسى، كۇچلۇك ناتىقلىق تالانتىغا ئىگە ئەقىل ھەۋەسكارى سۇقرات «ئەڭ ئاخىرقى ھايات سوتى»دا شېئىرى تەپەككۇر بىلەن نۇتىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ  -:«قەدىرلىك قىرىنداشلىرىم... مىنىڭ ۋە سىلەرنىڭ كوپ ۋاقتى قالمىدى .بىز ئولۇمگە سەپەر قىلىۋاتىمىز .سىلەر ئاللاھ قارشىلىغىدىكى كىشىلەرنى...- مىنى ئولۇمگە بۇيرۇغۇچىلارنى ئەيىپلىمەڭلار ،بىر قىسىملار مىنىڭ دانىشمەنلىكىمدىن ئەنسىرەپ مىنى ئولۇمگە بۇيرىدى .غەيرى ئەقىدىلەرنى يۇرەكلىك تەشۋىق قىلغانلىغىم تۇپەيلىدىن ئولۇمگە ھوكۇم قىلىندىم .مەن يامانلىقنىڭ ھەم سۇيقەسىتنىڭ يولىدا تەمتىرەپ سەپەر قىلىۋاتىمەن .ئولۇمدىن كىيىن ماڭا بىر خورازنى قان قىلىڭلار ....ئولۇم   روھىنىڭ ئىچىدىكى كۆچىشىدىن ،-ھەقىقەتنى ۋە گۇزەللىكنى تاپقايسىلەر ...ئامان بولۇڭلار ...»....
بىز بايقىغان ھەم بايقاش ئالدىدا تۇرغان، روھىمىزدىكى يىڭىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ،تىراگدىيە توقۇنىشى ئىچىدىكى گۇزەللىك ئاڭلاش ھەم كورۇش سەزگۇمىز ئارقىلىق بىزگە يىتىپ كەلدى ،ھەم يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرۇدۇ .ئىنساندىن ئىبارەت چەكسىز مومكىنچىلىكنىڭ ئاۋازى شئىردەك تاتلىق پىچىرلاپ مەنىلەر بىلەن چىڭدالغان تىلنى بىزگە يەتكۇزگەندە تەپەككۇر لەھزىسى بىلەن ھەزىم قىلىنشقا باشلىغان سوزلەر تەنگە ۋە روھقا تەسىر كورسىتىش ئارقىلىق بىزنى گۇزەللىككە چىللايدۇ .بىز ياشاشقا باشلايمىز .گەرچە گۇزەللىكتىكى تەمەننا ئارقىلىق قورقۇش پىسىخىكىمىزنى ئاشكارلاپ تۇرساقمۇ ۋاقىتنىڭ قەلىپكە ئۇرۇلغان بىئۆگىيەلىك تەرتىپلىرىدىن مەسخىرە قىلىنغان جەرياننىڭ تەننى يەكلىشى بىلەن شىئېريەتكە ئىچكىرلەپ كىرىشىمىز ئوتتۇرسىدىكى تەرتىپ مەقسەتنى ئاشكارلايدۇ .شېئىريەتتىكى مەقسەت نۇقۇل ئاۋاز ۋە رەڭ ئەمەس .يىزىقتىكى ۋەھىمە ئارقىلىق ئازاپ بىلەن ئىلىشىۋاتقان تەننىڭ جانلىق تىل دەۋرىدىكى بىشارىتى .بىز بۇ بىشارەت ئىچىگە كىرىپ ئوزىمىزنىڭ مۇئەللەقتىكى ئوبرازىنى ئىزلەش ئۇچۇن يەنىلا شېئىرغا مۇراجەت قىلىشىمىز كىرەك .شەكلەن ئادەم –يەنى ئەقىلنى يۇكسەكلەشتۇرۇپ، ئويدۇرۇپ  چىقرىلغان تاشقى مۇھىت ئىچىدىكى ئادەمدىن گۇمانلىنىشنىڭ ھورمۇنلىرى ئوز –ئوزىنى ھىسسى دەۋرىگە ئىلىپ كىرىش ھىممىتىدىكى شېئىريەت ھۇجەيرىسىگە مەڭگۇ ئىگە بولالمىغاندا جانلىقلارنىڭ ئالماشتۇرۇش سىممىتىرىكىدىكى شەكىل بىلەن ئۇلارنى كىلۇنلاشمۇ مەڭگۇ مومكىن ئەمەس .مەۋجۇتلۇقنىڭ بىنۇرمال شەكلىدىكى روھى كىسەللىك تارىخى ئۇلارنى شېئىريەت بىلەن باغلاپ ئۇلارنى تەبىئې زۇرۇريەت بىلەن قورشاپ تۇرغاندا ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن ئاۋارە بولماسلىق كىرەك .دۇنيادىكى پۇتۇنلۇك گەۋدىسىگە كىرگەن شائېرلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئوخشاشلىق ھەممىگە قادىر ئۇلۇغلۇقنىڭ شاپائىتى  بىلەن ئەنئەنىگە شەرەپ بىلەن كىرگەندە شېئىريەتتىكى سۇزۇكلۇكنىڭ زامان ۋە ماكان مۇناسىۋىتى بولمايدۇ .ئوخشاش تەپەككۇر ،ئوخشاش تەسەۋۋۇر ،ئوخشاش تۇيغۇ بىلەن ئاتمۇسبۇراغا كىرىپ كىلىمىز .ئىپتىدائى رىۋايەتلىرىمىزدىكى ناشتىلىق بىلەن ھىسسى دۇنيانىڭ روھ تاللاش پائىلىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقىنىمىزدا بىزنى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرغۇچى ئەركىن ئىرادىدىكى خىيالى تۇيغۇ بىزنى قىيىنچىلىقلارنى مەنسىتمەيدىغان ،ۋە قىيىنچىلىقنى، ئازاپنى، يوق قىلىدىغان شىپالىق دورىغا ئايلىنىدۇ .
روھ تاللاش پائىلىيىتىدىكى ئەركىن ئىرادە دوقمۇشىدا بىزنى كۇتۇپ تۇرغىنى ئەنئەنە ،ۋە سەنئەت فولىكلىرىمىزدىكى جەۋھەرلەر، بىز يەككە ئۇقۇم ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنىڭ تەجىربىسىنى دۇنيا قاراشنىڭ چەكلىمىلىرىدىن ئايرىپ ئەنئەنە جەۋھەرلىرىگە كىرىپ كىتىش سەپىرىنى باشلىغان شېئىريەت كارۋانلىرىنى «ئۇيغۇر شىئېريەت يۇرتى»دىن تىپىش ئۇچۇن ئارلىقتىن ھالقىغان تەسىر بىلەن ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ باقايلى .
شېئىريەتتىكى تەخىتنىڭ «ئوغۇزنامىدىن –دىۋانى بايازغىچە »ئىشقى تەسىرات ۋە ئازاپلىق شېئىرى نەزمىلەرنىڭ پۇتىلىشى بىلەن ئوز سەلتەنىتىنى تۇركى ئەللىرى ۋە پارىس تىللىرىدىكى ئەللەرنىڭ شېئىريىتىدە تىكلىگەنلىكى ئۇيغۇر شىئېريىتىنىڭ 18-ئەسىرگىچە ۋۇجۇت گۇلىدىكى دەرەخلىكتە مىۋە بەرگەنلىكى بىلەن خۇلاسە قىلىنىلىدۇ  .شېئىريەتتىكى سەلتەنەتنىڭ ئاغدۇرلۇپ كىتىش دەۋرى گەرچە قىسقا بولسىمۇ شېئىريەت گۇللىرىنىڭ پۇرىقىنى قوغداش  ئۇچۇن سەپەرگە چىققان كارۋانلاردىن -تاڭدا  ئەمەس كىچىدىكى قازى كالان شائېرلار ۋەكىللىرى ،شېئىريەتتىكى ئەمىر –تىيىپجان ئىليۇۋ ،شېئىريەتتىكى بۇلاق تامچىسى- ئوسمانجان ساۋۇت ،مۇھەممەدجان راشىدىن ،يۇقلۇقتىكى قۇملۇق باياۋىنى –قۇربان بارات ،شېئىريەت ئىچىدە خەلىقنى سوزلىگۇچى –روزى سايىت ،ھەقىقەت سىرلىرىنى مەشىق قىلغۇچى –مامۇت زايىت ،شېئىريەتتە ئەنئەنىگە كۆچكۇچى ،ھەم مەھكەم ساقلىغۇچى ئەخمەتجان ئوسمان ،شېئىريەت مەيخانىسىدىكى شاھزادە –باتۇر روزى ،دىيانەت قەسىردىكى شائېر ۋە پەيلاسۇپ- ئابدىقادىر جالالىدىن ،شېئىريەت دەشتىگاھىدىكى دەرۋىش- پولات ھىۋىزۇللا ،يار ئاچتى ۋە دەرىزە چاققۇچى -ئەزىزى ،داستان كەلتۇرگۇچى –ئادىل تۇنىياز ،نەزمىكار –زاھىر بورھان ،شېئىريەتتىكى ناپەيدا –ئەركىن نۇر ،مۇدام ساھىپ -ئومەر مۇھەممەتئىمىن ،ئەل خاتىرلىرىنى شات ئەتكۇچى –ئەسقەر ياسىن ،سەرمە قامەتتىكى ئىسيانكار –مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى ،جۇنۇن ئىشقىدىكى –تاھىر ھامۇت ،ئوزىدە ياشىغۇچى ۋە ياشناتقۇچى مۇختەر مەخسۇت ،شېئىريەت كوزىدىكى قارچۇق ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ،شېئىريەت تۇپرىقىدىكى ئۇل بەرقى –ئابلەت ئابدۇرېشىت ،شېئىريەتتە زاھىرلەنگۇچى- ئابلىكىم ھەسەن ،زاماندىن پاكزات ،خوتەن دەشتىدىكى شېئىريەت ئەرۋىسى غوجا مۇھەممەد مۇھەممەد ،ئەھلى دۇنيادىكى ياش توككۇچى –ئابدىرېشىت ئېلى ،شېئىريەتتىكى مەن شاھىپ ئابدۇسالام ،ئىشقى ۋادىسىكى مەلىكە –چىمەنگۇل ئاۋۇت ،شېئىريەت مەلىكىلىرى –ئايسىمە ئىدرىس ،ئامانگۇل ئەزىز ،ئاتىكەم سىدىق ،گەۋھەر بولدى ئالدىدىكى –ئوسمانجان مۇھەممەت ،شېئىريەتتىكى مۇساپىر –مەن ،شەۋق قوزغۇغۇچى يازمىلىرى بىلەن كىچىگە قۇياشنى باشلاپ كەلگۇچى –قەيسەر تۇرسۇن ،شېئىريەتتىكى يول ۋە خاراكتىردە سەرۋە قامەت بىلەن ئەنئەنە دەرۋازىسىنى غەزەپ بىلەن چەككۇچى تالايلىغان ئۇيغۇر دىداكتىكىلىق شېئىريەت ،ئۇيغۇر تەمسىللىك شېئىريەت ،ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شېئىريەت مەھسۇلىيەتكارلىرى... قاراڭغۇلۇق بىدئىتىدىكى شېئىر ئوقۇغۇچىلارغا تالايلىغان ھىممەت ۋە ھىكمەت ئاتا قىلدى .كوزى كور ،قۇلىغى ئاڭلىمايدىغان ،شېئىريەت ھۇجەيرىسىسى يوق قىلىۋىتىلگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىرغاقلارغا چىقىرۋىتىلگەن سۇ دولقۇنلىرىدىن ئوزلۇكنى چاقرىش خەۋەرلىرى كوپۇككە ئايلاندى .ئەي !!شېئىريەت ئاسىيلىرى .شېئىريەت ئىستىھكامىدىكى سالغۇنلارنىڭ نە ئۇچۇن زاھىر قىلغان تەپەككۇر جەۋھەرلىرىدە تۇپراقتىن ئەنبەر ،ئەتىر كەلتۇرگەنلىكىنى نىمە ئۇچۇن تۇيمايسىلەر .....نىمە ئۇچۇن سەزمەيسىلەر ......بىر قەلەم  بىر بىيىتنىڭ قەدرىنى قان بىلەن پۇتىۋاتقان ،ئادەت ئولىۋاتقان ،قول تىپىش ئۇچۇن كىچىدە ئۇزىۋاتقان شەپەرەڭدىكى بىشارەتگە بىر يولى ياد ئەتمىكى نەزمىلەرنى ھەزىم قىلدۇرۇش ئۇچۇن كىچىنى –كۇندۇزگە ئۇلاۋاتقان تەنلەرگە خارابات كىچىلەر بىلەن ئىسيان قىلىۋاتقان تەنلەرگە ۋاي ...!!!سىماپ ھامان سۇ بولۇدۇ .سەزگۇرەشتىلەر ...بولۇپمۇ قان بىلەن يىزىلغان تارىخ –شېئىريەتكە، چاقچاق قىلغۇچىلار قەلبىگە ۋاي .....!!!ئۇلارنىڭ كوزلىرىگە ۋاي ......!!!ئۇلارنىڭ ئازغۇن سوزلىرىگە ۋاي ....!!!شېئىريەت بىزگە يار ئىچىۋاتقان دەملەرنىڭ سولكىتى بىلەن ....نۇر تىشىنىڭ كىچىدىكى گۇزەللىكى بىلەن .....كوزلەرنىڭ ئەتىكاپتىكى مومىنلىكى بىلەن ئەنئەنە ۋارىسلىرىغا ئامانلىق تىلەيمەن ،چۇنكى شېئىريەتتىكى ئىستىكامنىڭ قۇرۇق قىلىشى رەزىللىكنى مىھراپ ئەيلەيدۇ .تاشلاردىكى بوھتان سەدىقىلىرى جەۋھەرلەرگە يامان سوز ،يامان كوز دىن پاناھ ئەيلەشنى ئەسكەرتىدۇ .


«ئەنئەنىگە كىرىش سوز »گە كىرىش سوز

ئەنئەنىنى،- شېئىريىتىىمىزدىكى چەۋەنداز ،ئۇيغۇر بۇگۇنكى  زامان شېئىريىتىمىزگە ئۇل سالغۇچى ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن قان تەقدىم قىلغۇچى ،ئەرەپ شېئىريىتى ۋە تۇرىك ئەللىرى ئەدىىبياتىدا شېئىريەت تەختى بىلەن تارتۇقلانغۇچى ئەخمەتجان ئوسمان مۇنداق شەرھىلەيدۇ .
بىزدە «ئەنئەنە» دىگەن ئۇقۇم «ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان »دىگەن مەنىگە ياندىشىپ كىلىدۇ .زادى ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان نەرسە نىمە ؟
-خەلىق تەرىپىدىن مۇققەددەسلەنگەن يارالمىغا ۋارىسلىق قىلىشمۇ ؟
-شۇنداق .
ئۇنداقتا شېئىر بۇ ئەنئەنىنى ئېتراپ قىلمايدۇ .
-مەجھۇلغا ۋارىسلىق قىلىشمۇ ؟
-شۇنداق .
مانا بۇ شېئىرىېي ئەنئەنە .»
ئېستېتىك زوقتىكى ئورتاق سادانىڭ مەۋجۇتلىغىدا شېئىريەتنىڭ ئوبىيېكتىپلىق ۋە ئىجتىمايىلىقىنى،- خەلىق بىلەن ئولچىگۇچى تارازا ئارقىلىق داۋاملىق يىڭىلىنىپ تۇرىدىغان دۇنيانى ئولچىگىنىمىزدە ئەنئەنىنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئولچەم يەنىلا ھەقىقەت بولۇدۇ .ئەنئەنىگە بولغان سوبىكتىپ تاللىشىمىز شېئىريەت ئوبىيېكتىغا بولغان مەسۇلىيەتنىڭ ئىجتىمايى ئاڭ شەكلى بىلەن يەنىلا ئەنئەنىنى ئىزلەيدۇ .
ئۇيغۇر شېئىريىتىدە ئەنئەنە ئىزلەش جەريانلىرى شېئىريەتتىكى شەكىل –بولۇپمۇ ئارۇز ۋەزىن كورىشى بىلەن ئالاھىدە كوزگە چىلىقىدۇ .تارىخى ئاساس بىلەن يارتىلغان ئەنئەنىنى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويغۇچىلار رەسسام بىلەن تۇتاش كەتكەن ئەمگەكلىرىنى شېئىريەت ئەنئەنىسى دەپ جار سىلىۋاتقاندا مىللەتنىڭ ئوز چوڭقۇرلۇقىدا مەجھۇلنىڭ ھەركەتلىنىۋاتقان گۇزەللىكىنى بايقىيالىدىمۇ ؟قىنى توۋەندىكى ئىسپاتقا قاراپ بىقىڭ .ناۋائې 15-ئەسىردە ئوتكەن كىلاسسىك شائېرىمىز .باتۇر روزى بىز بىلەن زامانداش بولغان 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوز تالانتىنى نامايەن قىلىپ ياشاپ ئوتكەن ئىستېداتلىق شائېرىمىز .ناۋائې دۇردانىلىرىنى شېئىريەتتە ئەنئەنىگە ئايلىنىپ كەتكەن جەۋھەرلەر دەپ قاراش ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا مۇتلەقلەشتۇرۋىتىلگەن .چەكسىزلىكتىكى مەنىلەردە بابىر ،ھۇۋەيدا ،ئايازى ،ئەرشى ،بابا رەھىم مەشرەپ ،باتۇر روزى ،غوجا مۇھەممەد مۇھەممەد ،مۇھەممەت خىۋىر ،ۋارىسجان قاسىم ،مۇتەللىپ مەنسۇر ،....قاتارلىقلارنىڭ غەزەللىرىدە نۇقۇل ئارۇز ۋەزىننى بىرلىك قىلغان شەكىل بىردەكلىكى ئەمەس ،مەزمۇن چوڭقۇرلىغىدىكى ئوخشاش تەپەككۇر ،ئوخشاش تۇيغۇ، زامان ۋە ماكان قورشاۋىدىن چىقىپ كەتكەن يىقىنلىقنى ھازىرلىغان .ئەنئەنىگە بولغان سەمىمىلىكنى يۇقارقى شائېرلىرىمىزنىڭ توۋەندىكى غەزەللىرىدىن بايقاش مومكىن .

ساقىيا مەي تۇتماغان خۇنابە ھىجران قالدىمۇ؟
بەرمەدەڭ مەي ئەمدى قان يۇتماققا ئىمكان قالدىمۇ؟
ئەيكى دەرسەن ئىستەسەڭ ۋەسلىمنى جان قىلغىل پىدا،
مۇنى سور ئەۋۋەلكى ھەجرىڭدىن ماڭا جان قالدىمۇ؟
كۆرگەچ ئول ئاينى جۇنۇندىنكىم  يېقىلدىم ئەي ر ەفىق
تەڭرىچۈن ئەيتكى ھالىمغا ھەيران قالدىمۇ ؟،
ئەي كۆڭۈل بۇ گۈلشەنىدىن ئەتراپقا باقكىم غۇنچەئى،
كىم كۆڭۈل جەم ئەيلەدى بولماي پەرىشان قالدىمۇ؟
ئەي نەۋائى قاچماغىل ھەمدەملىغىمدىن  كۆركى بار،
گەر ساڭا مېھرىن كەم ئەتتى بىزگە يەكسان قالدىمۇ؟

ناۋائې

ﺩﻩﺭﯨﺨﺎﻛﯩﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﻮﻝ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ،
ﻗﺎﻟﯩﭙﺘﯘﺭﻟﻪﺭ ﻧﻪﭼﻪ ﻧﺎ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ،ﺋﻮﻝ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻧﻪﺳﯘﺩ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﯜﻥ ﺧﻪﺭﻣﯘﻫﺮﻩﻟﻪﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ،
ﻧﯧﺘﻪﻱ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺩﯗﺭﺭﻯ ﺑﯩﺒﻪﻫﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺧﯘﺷﺎ ﺑﻪﺯﻣﻰ ﯞﯨﺴﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﻪﻛﯜﻥ ﻛﺎﻣﯩﺮﺍﻥ ﺋﻪﺭﺩﯨﻢ ،
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﻪﻫﺘﺎﺏ ﺋﻪﻳﻨﯩﻢ ﺗﯩﻴﺮﻩ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﻣﻪﻫﻠﯩﻘﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻧﯩﭽﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﯟﻩﭘﺎ ﺑﯩﺮ ﺷﻮﺥ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺷﻮﺥ ﺋﯩﺪﻯ ﻳﺎﺭﻩﺏ،
ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﺕ ﺋﯩﻠﻪ ﺑﻪﺱ ﺋﻪﺭﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺑﯩﻨﻪﯞﺍ ﻛﻪﺗﺘﻰ.

                                        (ﺋﻪﺭﺷﻰ)

ﺩﯨﻠﺒﻪﺭﺋﺎ ﺳﺎﯕﺎ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﺎﺭﯗ،ﺟﺎﻧﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ،
ﺳﺎﯕﺎ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﺭﯗ،ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
ﺧﻪﺳﺘﻪﯞﯗ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻳﻮﻟﯘﯕﺪﺍ ﻳﺎﺗﺴﺎﻡ ﻣﯘﺭﺩﻩﯞﺍﺭ،
ﺳﻮﺭﻏﯘﭼﻰ ﻫﺎﻟﻰ ﻏﯧﺮﯨﺒﻰ ﻣﻪﻫﺮﻩﻣﻰ ﺟﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
ﻳﯜﺭﻩﮔﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺟﺎﺭﺍﻫﻪﺕ،ﺑﺎﻏﻼﺩﻯ ﺯﻩﺭﺩﺍﭘﯘ-ﻗﺎﻥ،
ﺳﻪﻥ ﻛﻪﺑﻰ ﻣﻪﻫﺮﻩﻡ ﻗﯩﻠﯘﺭ ﻳﺎﺭﻯ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
ﻏﯘﻧﭽﻪ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻘﯩﯖﺪﺍﻣﻪﻥ ﺧﺎﻣﯘﺷﻤﻪﻥ،
ﺑﯘ ﻫﯘﯞﻩﻳﺪﺍﺩﻩﻙ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﺎﻏﺮﻯ ﺗﻮﻻ ﻗﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.

                                    (ﻫﯘﯞﻩﻳﺪﺍ)

ﻧﻪﺭﮔﯩﺴﯩﯔ ﺟﺎﺩﯗﺳﯩﺪﯨﻦ ﻫﻪﺭﺩﻩﻡ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ،
ﺳﯘﻧﺒﯘﻟﯘﯓ ﺳﻪﯞﺩﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﺗﯩﺮ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ.
ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺯﯨﻨﺪﻩﮔﺎﻧﻠﯩﻎ ﺋﺎﯕﻼﺩﯨﻢ ﺩﯨﺸﯟﺍﺭ ﺋﯩﻤﯩﺶ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺟﯘﺩﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﻧﻪ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ.
ﻧﺎﻟﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺋﻪﺭﺩﻯ ﺭﻩﻫﻤﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻱ ﺋﻪﺭﺩﯨﯔ،ﯞﺍﻫ ﻗﻪﻧﻰ،
ﻛﯩﻢ ﭘﯩﺮﺍﻗﯩﯔ ﺯﻩﺋﻔﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻘﻤﺎﻏﺎﻥ ﺟﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ.
ﺋﻪﺑﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻫﻪﺭﺩﻩﻡ ﺩﯗﺭﻩﻓﺸﺎﻥ ،ﺋﻪﻱ ﺋﺎﻳﺎﺯﻯ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ،
ﻫﺎﻟﻰ ﺯﺍﺭﯨﻤﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺋﻪﻓﻼﻙ ﮔﯩﺮﻳﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ.

(ﺋﺎﻳﺎﺯﻯ)

ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﺭﯨﻦ ﯞﺍﻱ ﺟﺎﻧﯩﻤﻪ ﺋﻪﻏﻴﺎﺭﯨﯔ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﻘﺎﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﺩﻩﻱ ﺩﯨﻠﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ .
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻩﻫﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺌﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﻫﯩﻨﯩﯔ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺟﺮﻩﯞﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﭼﻪﺭﺧﻰ ﻛﻪﺟﺮﻩﺑﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ.
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﯩﻦ ﯞﻩﭘﺎﺳﯩﺰ ﯞﻩﺳﻠﯩﻨﯩﯔ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻬﻨﻪﺕ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺭﻩﻧﺠﯩﻦ ﭘﯘﺭﻗﻪﺗﻰ ﺧﯘﻧﺨﺎﺭﻩﻧﯩﯔ.
ﺑﺎﺑﯩﺮ ﺋﻮﻝ ﮔﯜﻝ ﺟﻪﯞﯨﺮ ﺋﯩﺘﻪﺭ ﺋﻪﻏﻴﺎﺭﻩﺩﯨﻦ ﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ،
ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺭﻯ ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯞﻩﻫ ﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﺧﺎﺭﯨﻨﯩﯔ،

                                               (ﺑﺎﺑۇﺮ)

ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺋﻮﻝ ﭘﻪﺭﻯ ﺭﯗﺧﺴﺎﺭﯨﻨﻰ،
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﻯ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﻨﻰ.

ﺋﯜﭺ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﺎﻥ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ ﺷﻪﮬﯩﺪﯗ ﺋﯩﺸﻘﯘ ﻣﻪﻥ،
ﺗﯚﺕ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺳﻪﻟﯘﻟﻪﺭ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭﻯ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻨﻰ.

ﺑﻪﺵ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﻟﯘ ﺟﺎﻧﻐﺎ ﺩﯗﺭ،
ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺗﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻥ ﻗﺎﭘﯩﺰﯗ ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﯩﻨﻰ.

ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﺪﺍ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ ﺳﯩﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺑﻪﺩﻩﻥ،
ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﯘﭼﻤﺎﻗﺘﺎ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﻤﯘ ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﺭﯨﻨﻰ.

ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﻳﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯩﻠﻰ،
ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻱ ﺑﯩﺮﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ ﻏﻪﻣﺨﺎﺭﯨﻨﻰ.


ناۋائې

ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭ ﻣﻪﺷﺮﻩﺑﯩﯖﻤﻪﻥ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ،
ﺑﯩﮭﯘﺷﺘﯘ ﮬﯘﺭﻯ ﻏﯩﻠﻤﺎﻧﯩﯔ ﭘﯜﭼﻪﻙ ﭘﯘﻟﻐﻪ ﺳﺎﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.

ﻧﻪ ﺋﻪﻳﻠﻪﻱ ﺋﺎﺑﻰ ﻛﻪﯞﺳﻪﺭﻧﻰ ﻧﯩﮕﺎﺭﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻪ ﺳﺎﻗﻰ،
ﺧﻪﺭﺍﺑﺎﺕ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ ﻗﻪﺗﺮﻩ ﻣﻪﻱ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.

ﺋﺎﻳﺎ،ﺩﻩﯞﺯﻩﺥ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭ،ﺧﻪﻻﻳﯩﻖ ﻛﯚﻳﻤﻪﺳﯘﻥ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ،
ﺗﺎﻣﯘﻏﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﻖ ﺋﻮﺗﻰ ﭘﯘﺭ ﺯﻭﺭ،ﺋﺎﻧﯩﯔ ﺯﻩﮬﺮﯨﻦ ﻳﯜﺗﯜﭖ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.

ﻛﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ،ﺩﯦﺪﯨﻢ:<ﺋﺎﻟﻐﯩﻞ ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﻨﻰ>،
ﺋﻪﺟﻪﻝ ﻗﺎﭼﺘﻰ،ﺋﯘﺭﯗﭖ-ﻗﻮﻏﻼﭖ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻧﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.

ﺳﺎﻟﯩﭗ ﺑﺎﺯﺍﺭﻯ ﺋﯩﺸﻘﯩﯖﻐﻪ ﻣﻪﺗﺎﺋﻰ ﺟﯩﺴﻤﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﻨﻰ،
ﺧﻪﺭﯨﺪﺍﺭ ﺳﻮﺭﻣﺎﺩﻯ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ،ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.

ﯞﯨﺴﺎﻝ ﺋﻪﻳﻴﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ،ﻛﯚﺯﯛﯓ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﮬﯩﻤﻨﻰ،
ﺑﺎﺷﯩﻤﻐﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻳﺎﺭﯨﻢ،ﻣﻪﻥ ﻳﺎﻧﯩﭗ ﺋﯘﺧﻼﭖ،ﺑﯘﻛﯜﭖ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.

ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺋﻮﺗﻘﻪ ﻣﻪﻧﻰ ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﻣﻪﺷﺮﻩﺑﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ،
ﻧﻪ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺩﻩﺭﺕ ﺗﺎﭘﺪﯨﻢ،ﻛﯚﺯﯛﻡ ﻳﺎﺷﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.

بابا رەھىم مەشرەپ

ﺋﺎﻧﺎﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﯗﻡ،ﺗﻪﯕﯩﺮﺩﯨﻦ ﻣﯩﯔ ﺭﻩﺕ ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ،
ﺯﺍﻛﺎﻣﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻏﯘﻟﺪﯗﻡ،ﻣﯩﯔ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻏﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ.

ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻦ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪﻛﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻣﻪﺧﺴﻪﺕ،
ﮬﺎﻳﺎﺗﻤﻪﻧﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﺳﻪﯞﺩﺍﺩﯨﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﻱ ﺩﻩﻡ ﻗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ؟

ﺑﯘ ﺳﻪﯞﺩﺍﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺴﺎﻡ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﺩﺍ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻱ،
ﻣﻪﺳﻪﻝ ﺑﺎﺭ«ﻗﺎﭼﺴﺎ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺑﯚﺭﯨﮕﻪ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ.»

ﻣﺎﯕﺎ ﻳﻮﻝ-ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭ،ﮬﺎﻣﺎﻧﻪ ﻗﺎﭼﻘﯩﻨﯩﻢ-ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ،
ﺑﯘ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻠﯩﺴﺎﻡ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﺳﻮﻗﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ.

ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻤﯩﻨﻰ ﮔﻪﺭ ﺋﯩﻘﺎﺩﺕ ﺋﻪﺗﺴﻪﻣﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ،
ﺭﻩﮬﯩﻤﺴﯩﺰ ﺷﯘ ﺋﻪﺟﻪﻟﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﭼﯘﻏﺎﺳﯩﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ.

باتۇر روزى

كەزسەم خوتەننى ،قەشقەردە ئاھىم ،
ياش تۆكتى ئاقسۇ،مىڭ ئەردە ئاھىم .

ئىزدەپ تىنچلىق بارسام ئىلىغا ،
قانىتى بوغۇق كەپتەردە ئاھىم .

ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى ،
جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم .

تۇرپاندا قەبرە ، بولدۇم ھازىدار ،
شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم .

كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ ،
ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم .


غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

...................................................
شېئىريەتتىكى تاشقى شەكىل- شېئىريەتنىڭ مەۋجۇتلىغىدا ئالاھىدە ئامىل ئەمەس ،شەكىل تۇزەشكە ئامال قالمىغاندا بىزنىڭ ئىتراپلىقىمىزدىكى يىزىق بەلگىلىرى قاپىيە بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن ۋەزىن بىردەكلىكىدە شېئىريەتنى مەنىگە ئىگە قىلىش ئۇچۇن بايان شەكلىنى قوللۇنۇپ شېئىريەتنىڭ ئەسلى تەركىبىگە خائىنلىق قىلىدۇ.شېئىريەتتىكى ئىچكى ئىنىرگىيەنى ئەگرى –توقاي چىغىر يولدىكى تەپەككۇر ۋە تۇيغۇ بىرلىكىدە تۇرغۇزۇپ چىققان ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ بىزگە ئىيتىپ بەرگەن ھىچنەرسىلىرى ئىچىدىن تەسەۋۋۇرىدىكى پارچىلىنىشنى بايقاشتىن بۇرۇن زامان پەرقىدىكى تۇتەكنى چىقىرىپ تاشلاپ  شېئىريەتنى روھىيتىمىزنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇپ باقايلى .
-شېئىريەتتتىكى تەنقىتچىلەر ئورنەك قىلىۋاتقان ئاشۇ جۇملىنى نىمە ئۇچۇن قوبۇل قىلمايدىغانلىغىمنى ،نىمە ئۇچۇن ئايرىم كورسىتىلگەن ،تۇيغۇ بىردەكلىكى بولمىغان ئىماگ ئىبارىلىرى بىلەن روھىمنىڭ تالان –تاراجقا ،مىڭەمنىڭ يۇيۇلۇپ كىتىشىگە سەۋەپ بولغان ئامىلنى سەنئەت داڭقىدىكى ھالىقىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغۇچى  شېئىريەتتىن ئىزلەش ئۇچۇن قايسى ماكاندا ،قايسى زاماندا ياشىشىم كىرەك –ھەزرىتىم ؟؟
-سەن ئەينەكتىكى دۇنيادا ياشاۋاتقانلىغىڭنى بايقاشتىن بۇرۇن بۇ سۇئاللىرىڭنى رەت قىلىش كۇچىگە ئىگە ئىدىم .لىكىن مەن رەت قىلىش كۇچىنى يەنىلا "گۇمانلىنىش "رىتىسىپىغا باغلاپ سۇئاللىرىڭغا جاۋاپ بىرەي .سەن ئىككىنجى ئاگاھلاندۇرۇش ماكانىدا ياشاپ باققىن ....تۇيغۇ بىلەن ئەقىلنىڭ قۇدا بولۇش ماكانىدا ...لىكىن بۇ ماكاننى تىپىش ئۇچۇن ئوزىڭدە بەخىتلىك ئىدىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇش قانۇنىيتى بىلەن مىڭە سىستىمىسىغا قۇرۇلغان ئورمانلىقنىڭ كىسىشمىسىدىكى يولدا جان تالىشىسەن ....شۇنىڭغا بەرداشلىق بىرەلىسەڭ ھەقىقەتنى مەقسەتلىك ئەمەس بىۋاستە چۇشىنىش باسقۇچىغا يىتىپ  بارىسەن ...قىزغىنلىق بىلەن ئوتمۇشكە قايتىپ كەتكەنلىكىڭنى تىنىڭدىكى زەرىچىلەر ئىيتىپ بىرىدۇ .
ھەزرىتىمنىڭ جاۋاپلىرىدىن ئويغاق ھالەتتە ئەمەسلىكىمنى پەقەت ياشاشتىكى پەرىقتە ئۇيقۇلۇق ۋە ئويغاق ھالەتنىڭ كىسىشمىسىدە تۇرۇپ  شېئىر ئوقىغانلىقىمنى سەزدىم .بىۋاستە سىزىم قارىشىنىڭ مىنى ئالدىغانلىغىنى بىلگەندىن كىيىن ئەقىلنىڭ ھەم ھىسياتنىڭ  دۇشمىنىگە ئايلاندىم .......
تىل بەلگىلىرى تىل مەنىلىرىنى ئىپادىلەشتە خىزمەت قىلىش زۇرۇريىتىنى لوگىكىلىق چەكلەش بىلەن ئەمەس دۇنيا مەنىسىزلىكلىرى ئىچىدىكى سۇكۇت بىلەن پۇتىۋاتقاندا نىتزىنىڭ "دۇنياغا مەنا ئاتا قىلىش ئۇچۇن كەلدىم "سوزىنىڭ مۇققەدىسىگە ئىرىشتىم .ئەنئەنىنى ئاڭلاۋاتقىنىمدا مىنى ئوقىۋاتقان ھەرىپلەرنىڭ مىنى پۇرىۋاتقانلىغىنى سەزدىم .زۇرۇريەت مىنى ھەرىپلەرنى تىتىپ بىقىشقا ئۇندىدى  .ۋەزىن گۇزەللىكدىن قايتىپ چىقىپ رىتىم گۇزەللىكگە قايتىپ كەلدىم .تۇپراقتىكى شېئىريەت ئۇرۇقلىرى بىز ئەنئەنە دەپ پىچىرلىدى ."تەخمىنەن گۇزەللىك"نىڭ سەنئەتلىك قۇرۇلمىسىدىكى پەرىقنى ئىزلەش ئۇچۇن يۇرۇقلۇققا مۇھتاج بولدۇم .
ئەنئەنىنى بايقاشتىكى جەرياننىڭ يۇرۇقلۇق بىلەن خۇلاسە قىلىنىشى سۇ دولقۇنى كىمىنى تەۋرىتىپ  قوزغاتقاندا ئوخشاش قەلبىمگە خىتاپ قىلدى .ئەي !!قەلىپتىكى يۇرۇقلۇق سەن قايەردە ؟تاشقى شەكىل يۇرۇقلۇقنىڭ ئىچىدە .لىكىن قەلىپتىكى نۇرچۇ ؟تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىدىكى غەززالى "قەلىپنىڭ گۇللىنىشى "دە نۇرنى بەندىگە تۇغما دەپ شەرھىلەپتۇ .مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىدىكى ساترىدىن ئىلگىركى كېركېگارد سۇقراتنىڭ ئىدىيىلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ "بۇ ياكى ئۇ "ئەسىردە قەلىپتىكى گۇزەللىكنىڭ نۇر ئىكەنلىكىگىنى .بۇ نۇرنىڭ ئىېستېتېكىدا ئىكەنلىگىنى شەرھىلەپتۇ .تۇرمۇش باسقۇچىدىكى ئەيمىنىشنىڭ گىرۋىكىدە تۇرۇپ ئىنجىل قىسىلىرىدىكى "قەلىپتىكى نۇر "دا –بۇ ئادەم كىم ؟يۇھاننا بىزنىڭ تىنىمىزنى پاكلاپ يۇيۇندىراتتى .ئۇ  بىزنىڭ  روھىمىزنى يۇيۇندۇرۋاتىدۇ ....روھىمدىكى ۋە قەلبىمدىكى نۇرنىڭ ئىتىقات ئىكەنلىكىنى سىزىۋاتىمەن ...بولەكلىرى ،قۇرئانى كەرىمدىكى سۇرە نۇر ئايەتلىرى بىلەن يورۇقلۇق تارازىسىغا ئىگە بولغاندىن تاشقىرى شېئىريەتتىكى ئەنئەننىڭ ئىتىقاتمۇ ئەمەس ،پەلسەپىمۇ ئەمەس قەلىپتىكى قۇياشنىڭ رىتىم ئەۋجىدىكى چۇقانى ئىكەنلىگىنى يۇشۇرۇن ھىسيات ۋە ئەقىل بىلەن شاماللار ھۇشقۇرتىشىدا ئاڭلاش يۇرۇقلۇقتىن سىرىتقى نۇر بىلەن يورۇقلۇق ئىچىدىكى نۇرنىڭ پەرقىنى بىزگە سوزلەپ بىرىدۇ .قەلىپتە يورۇقلۇقنىڭ تىزلىگىنى بىسىپ چۇشىدىغان سىزىم بىلەن روھىمىزغا ئىلتىجا قىلىمىز. دىمەك ئەنئەنە بىزنىڭ ئوتمىشىمىزدىكى يورۇقلۇق .ئوز ئوتمىشىمىز بىلەن سوزلىشىش ئۇچۇن نۇرغا مۇھتاج بولىمىز .ئوتمۇش بىلەن سوزلىشىش نۇسرىتى شائېرلارغا تۇيغۇ ۋە تەپەككۇر بەركىتى ئاتا قىلىشتىن بۇرۇن قاراڭغۇلۇقتىن ۋاز كىچىشىمىز كىرەك  .



2007-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۇنى





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-6 12:29  


زاماندىن قالغىنى پەقەت بىر سەنەم، سۆيگۈ ئىستەپ سۈيىمەن سۆيسەم . ياشاشنى مەنىسىز دېگەنلىرىڭدە، ﯲﻟﯜﻡ ﺋﯩﺴﺘﻪﭖ ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 643
تۆھپە : 5
توردا: 169
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 12:16:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيىت كۈن ئەپەندى،
مەن ئىلگىرى بىر ئىنكاسىمدىمۇ سىزنىڭ ئەنئەنە چۈشەنچىڭىزدە خېلە مەسىلە بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەنىدىم.  

سىز دەۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسى(ئەدەبىيات ئەنئەنىسى) دېگەن زادى نېمە؟ سىز ئەسەرلىرىڭىزدە ئاشۇ ئەنئەنىنى ھىمايە قىلىۋاتامسىز؟

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 15:43:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىئانغا :
   قەستەن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكىنىم يوق.مەن بايان قىلغان،سىز يىغىنچاقلىغان ئۈچ نوقتا ئاددى ۋە قىسقا پىكىر بىلەن يورۇتۇلىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس.ئۇ مەسىلىلەرنى مۇستەقىل تېمىلار سۈپىتىدە ئىنچىكە مۇلاھىيزە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا دەرھال جاۋاپ قايتۇرمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى شۇ.مۇستەقىل قاراشقا ئىگە بولغانلار باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپلا قايىل بولۇپ كەتمەيدۇ.پىكىرنىڭ ۋەزنىنى دەڭسەشكە ۋاقىت كېتىدۇ.موھىم پىكىرلەردە ئالدىراپ ئىنكاس قايتۇرماسلىق كېرەك.ئويلانغاندىن كېيىن رەت قىلسىمۇ ياكى قۇبۇل قىلسىمۇ كېچىكمەيدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-6 15:47  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش