ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئوسمان قاۋۇلنىڭ ئەسەرلىرىنى ، بولۇپمۇ شېئىر ۋە نەسىرلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئوقۇپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇنىڭدىن بەلگىلىك زوق ھەم «خېمىرتۇرۇچ» ئېلىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ ، بۇ مۇبارەك نەسرچىمىز بىلەن دىدار كۆرىشىش نىسىپ بولۇپ باقمىغان ئىدى .
ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن 2013-يىلى 29-ماي ئوسمان قاۋۇلنىڭ يۇرتىدىن قايتىشىدا ، ئۇنىڭ بىلەن قاراشەھەردە تۇنجى دىدارلىشىش نىسىپ بوپتۇ . ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇن !
ئۇ سەپەر ئۈستىدە بولغاچقا ، گەرچە ئۇزۇن تۇرالمىسىمۇ نۇرگۈل ئەبەي ئىككىمىز بۇ ئۇچرىشىشتىن ھەقىقەتەن سۆيۈندۇق . پائالىيىتىگە قاتنىشالمىغان بولساقمۇ ، پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەققىيىتىدىن سۆيۈنگەنلىكىمىزنى بىلدۈردۇق ...
مەن كۆرگەن ئوسمان قاۋۇل ھەقىقەتەن كەمتەر ، ئاق كۆڭۈللىكى چىرايىدىن چىقىپ تۇرىدىغان ، ئوچۇق -يورۇق ، خۇش پېئىل كىشى ئىكەن ...
ئۇسسۇلۇق ئىچىشكەچ ، كەمىنە دىدارخان چاقچاق پاراڭلارنى باشلىۋىدى ، ئۇ قىزىرىپ شولىسى نۇرگۈل ئىككىمىزنىڭ يۈزلىرىمىزگىمۇ چۈشۈپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتى ...
خوشلىشىشتىن كېيىن ،نۇرگۈل ئىككىمىز چوڭقۇر سالاملىرىمىز ، تىلەكلىرىمىز بىلەن ئۇنى ئۇزۇتۇپ قالدۇق ...