ئوسمان قاۋۇل ئەدەبىي ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
«شەھىرىمىز سەرخىللىرى» قاراماي ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ــــ ئوسمان قاۋۇل ئەدەبىي ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى 26 – ماي چۈشتىن كېيىن قاراماي گېزىتخانىسى دوكلات زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن تۇرغۇن رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىننى قاراماي گېزىتخانىسى، قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، قاراماي رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن باشلىنىشى بىلەن قاراماي گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مۇختار مۇھەممەد ھەر قايسى ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ژۇرنال تەھرىراتلىرى ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. مۇھاكىمە يىغىندا بەش مۇتەخەسسىس ئوسمان قاۋۇلنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئەمەلىي مىساللارنى ئېلىپ، ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ شېئىرىيەت، نەسىرچىلىك، پىروزا قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى، قاراماي ئەدەبىيات –سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. يىغىن ئارىلىقىدا ئوسمان قاۋۇلنىڭ بىر پارچە نەسر ۋە بىر پارچە شېئىرى دېكلاماتسىيە قىلىنىپ، سۇرۇن كەيپىياتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. ئوسمان قاۋۇل سۆز قىلىپ ئۇزاقتىن بۇيان ئۆزىنى قىزغىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ كەلگەن ئوقۇرمەنلەرگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىللە، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ خەلققە تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىن ئاخىرىدا ئوسمان قاۋۇلنىڭ خىزمەتداش، ساۋاقداشلىرى، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرى ۋە شەھىرىمىزدىكى قەلەمكەشلەر ئۇنىڭغا ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ بەرىكەت ۋە ئۇتۇقلار تىلەش بىلەن بىللە، كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى تەقدىم قىلدى. ئوسمان قاۋۇلنىڭ تەرجىمىھالى ئوسمان قاۋۇل 1962-يىل 13-سېنتەبىر توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1984-يىل قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن «شىنجاڭ نېفىت گېزىتى (ھازىرقى «قاراماي گېزىتى»)»دە مۇخبىر، ئەدەبىي بەت مۇھەررىرى، تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2001-يىل ئاپرېلدىن ھازىرغىچە قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «مايبۇلاق»ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرىلىك خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر. ئوسمان قاۋۇلنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1982-يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا 1000 پارچىگە يېقىن شېئىرى، «قىزىلگۈلنىڭ چۈشى»،«يۈرەك»، «كېچە خامىنى» قاتارلىق يەتتە باللادا، «بادام قاپاق»، «كۈۋەجەش»، «بىرى كەم قىرىق»، «تەكلىماكان، بىر ئادەمبېلىق»، «يىلان، مەن ۋە كەتىرەنگۈل» قاتارلىق بەش داستانى، 800 پارچىدىن ئارتۇق نەسرى، «باش كۈز»، «يانجىلىش»، «كۈمۈش چوققىلار» قاتارلىق 32 پارچە ھېكايىسى، «ئىسسىق تۇپراق»، «پارچىلىنىش»، «مۇنداق ئىشلارمۇ بولغان» قاتارلىق توققۇز پارچە پوۋېستى، 100 پارچىگە يېقىن ئوبزور، ئىلمىي، پوبلېستىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى. 19 پارچە ئەسىرى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىندى. ئىككى پارچە ئەسىرى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى. «كاككۇك ھەققىدە رىۋايەت»( شېئىرلار توپلىمى 1996-يىل 9-ئاي)، «ئەپيۈنگۈل» (نەسرلەر توپلىمى 1999-يىل 2-ئاي)، «جېففىرسون» (بىرلەشمە تەرجىمە 2000-يىل 2-ئاي)، «ئۇ مېنى قۇياشىم، دېدى» (پوۋېستلار توپلىمى 2006-يىل 1-ئاي) ،«گۈلتاشتىكى مەخپىيەت»(نەسرلەر توپلىمى، 2012-يىل 11-ئاي شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، «ئايسىمەنىڭ كېىنكى كۈنلىرى»(ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2013-يىل 3-ئاي نەشرى) قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا «نېفىتلىك ئوغلى»، «شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ 50يىلى»،«مايبۇلاق ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما»قاتارلىق كىتابلارنى مۇستەقىل نەشىرگە تەييارلىدى ۋە «قاراماي ئەسەرلىرى» (4 توم)نى نەشىرگە تەييارلاشقا قاتناشتى. ئۇنىڭ «پەزىلەت ناخشىسى»،«پەرۋازنامە»، «ئۇ مېنى قۇياشىم، دېدى»قاتارلىق 15 پارچە ئەسىرى شىجاڭ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەسىس قىلغان «قارا ياقۇت مۇكاپاتى »قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ھەم جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز باش شىركىتى (مىنىستىرلىق)دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا 3 قېتىم ئۇيغۇر نەسرچىلىكى ۋە شەھەر ئەدەبىياتىغا دائىر ئىلمى ماقالە ئوقۇدى. «ئاسماننىڭ ئاخىرى»، «ئۆتكۈر ئەپەندى ئابىدىسى»، «ئۇيغۇر نەسرلىرىدىن تاللانما»، «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىدىن تاللانما-نەسر قىسمى» (جۇڭگو يازغۇچىلار نەشرىياتى، خەنزۇچە)، «قۇياش نۇرى ئاستىدا»، «بۇمۇ مۇھەببەت»، «گۈلۈم ئۈچۈن ياشايمەن»، «سۆيگۈ نىدالىرى»قاتارلىق توققۇز كىتابقا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلدى. ئۇ «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىمۇ 500 پارچىدىن كۆپرەك ئاخبارات ئەسىرى، مەملىكەتلىك نۇقتىلىق ئاخباراتچىلىق كەسپىي ژۇرناللىرىدا ئاخباراتچىلىق نەزەرىيىسىگە دائىر 10 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بەش پارچە ئاخبارات ئەسىرى ئاپتونوم رايون ۋە جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز باش شىركىتى تەرىپىدىن 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئوسمان قاۋۇل ھازىر مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو نېفىت يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمىئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ، قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ھەم قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى.
چىنلىقنىڭ ئىككى روشەن قاتلىمى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى: « ئەدىب ئوسمان قاۋۇلنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇھاكىمە يىغىنى» دا تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ئۆزىنىڭ «چىنلىقنىڭ ئىككى روشەن قاتلىمى » ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ماقالىسىدە ئىجادىيەت پىسخولوگىيەسى نۇقتىسىدىن چىقىپ، ئوسمان قاۋۇلنىڭ «ياخشى قال، بالىلىقىم» ، «ئۇ مېنى قۇياشىم دېدى» قاتارلىق پوۋېستلىرى بىلەن ۋەكىل خاراكتېرلىك ماقالىلىرىدىن «سىترولۇق بەدىئىي قۇرۇلما ۋە مۇرەككەپ مەزمۇن» قاتارلىق ئەسەرلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇۋاپپەقىيەتلىرىدىكى ئەنئەنە ،كىملىك، ئۆزلۈك قاراشلىرى ھەم شەھەردىكى تۇرمۇشنى تەسۋىرلەشتىكى ئۆزگىچە چىنلىق قاتلاملىرىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلغان. ئاپتور ماقالىسىدە شائىر،يازغۇچى ئوسمان قاۋۇلنىڭ ئۆگىنىش بىلەن يېزىش ئوتتۇرىسىدىكى ئورگانىك باغلىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، يازغۇچىنىڭ تەربىيەلىنىشىدە، ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەشنىڭ تولىمۇ موھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى قايىل قىلارلىق پاكىتلار بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن.
نەسىر-سېھىرلەنگەن مۇزىكا ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر نەسىر ئىنسان قەلبىدىكى ئىزگۈ تىلەكلەرنى ئاجايىپ ئويناق تىل تىۋىشلىرى ئارقىلىق ئاۋامنىڭ روھىغا باشلاپ كىرگۈچى مەيىن شامالدۇر. ئۇنىڭ مەيىن ئاۋازى ئاۋام قەلبىنى گاھ شادلاندۇرسا، گاھ چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. نەسىر بايان شەكلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن بارلىق ئەدەبىي شەكىللەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەركىن، ئەڭ ئاز چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان ژانىر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەييار قېلىپى بولمايدۇ، شۇڭا شەكىل جەھەتتىن رەڭدارلىققا ئىگە قىلىنىدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن ئىخچام ۋە چوڭقۇرلۇقنى تەلەپ قىلغاچقا، تاللانغان، شېئىرىي تۈسكە ئىگە تىللارنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا نەسىرچىنىڭ قورالى نەسىردە ئىپادىلەنگەن گۈزەل ۋە ئوبرازلىق تىلدا ئۆز جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ ماقالىدە ئوسمان قاۋۇل نەسىرلىرىنىڭ تىل ۋە بەدىئىي ئۇسلۇب جەھەتتە ئەخمەت ئىمىن، نۇرمۇھەممەت توختى، ھاجى ئەھمەت كۆلتېگىن، بەگمەت يۈسۈپ، ئەنۋەر تاشتۆمۈر قاتارلىق باشقا ئۇيغۇر نەسىر يازغۇچىلىرىنىڭ نەسىرلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدىغانلىقىدەك خاس ئالاھىدىلىكى «ئەپيۈنگۈل» ۋە «گۈلتاشتىكى مەخپىيەت» قاتارلىق كىتابلىرىدىن مىسال كەلتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق شەرھىيلىنىدۇ، شۇنداقلا ئوسمان قاۋۇلنىڭ نەسىر ئىجادىيىتىكى ئۆزگىچىلىكلىرى پاكىتلىق دەلىل ۋە نەزەرىيىۋى دەلىل ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ، يازغۇچى ئوسمان قاۋۇلنىڭ ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىدە تۇتقان ئورنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىنى جانلاندۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىگە مۇۋاپىق باھا بېرىلىدۇ. ئاخىرىدا، يازغۇچى ئوسمان قاۋۇلدىن كۈتىدىغان ئۈمىد ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش
ئوسمان قاۋۇلنىڭ ساۋاقدىشى، كەسىپدىشى نىياز راخمان ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتمەكتە.
قاراماي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى تۇرسۇنئاي ئاپتورنىڭ <<ئاتام ئاسمان، ئانام يەر>>ناملىق نەسرىنى دېكلاماتىسيە قىلماقتا
ياش شائىر سەۋرىدىن ھېنىپىدىن شائىرنىڭ <<مەن ۋە قاراماي>>ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتىسىيە قىلماقتا.
گۈل ئۈزگەندە باغۋەننى ئۇنۇتماڭ گۈزەلنۇر مۇتەللىپ بىزدە «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ » دەيدىغان گەپ بار. شۇنىڭغا ئوخشاش رەڭمۇ-رەڭ پورەكلەپ ئېچىلغان خۇش پۇراق گۈللەرنى كۆرگىنىمىزدە گۈل ئۆستۈرگۈچى باغۋەننى ئېسىمزگە ئالماي تۇرالمايمىز ئەلۋەتتە. دىيارىمىز ئەدەبىيات - سەنئەت گۇلزارلىقىدا بەس-بەس بىلەن ئېچلىغان گۈللەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسىنا ئەمەس.«مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئوسمان قاۋۇل ئەپەندىنى نېفىتلىك بوستانلىقىدىكى جاپاكەش پەرۋىشكار باغۋەن دېسەك قىلچىمۇ ئارتۇق كەتمەس دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭدىن 23 يىل ئىلگىرى مەنمۇ بىر ئۆسمۇر ئىدىم.شۇ چاغلاردا ئانچە-مۇنچە ئەسەرلەرنى يازساممۇ ئەمما مەتبۇئاتقا بېرىشتىن قورۇنۇپ ، ئەسەرلىرىمنىڭ ئىشىلىتىلمەي تۇنجى قېتىمدىلا زەربىگە ئۇچراپ قېلىشمدىن ئەنسىرەپ خاتىرەمگە خاتىرلەپ قۇيۇش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن ئىدىم. تەساددىبىي پۇرسەتتە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتۇم .ئۇ تولىمۇ مۇلايىملىق بىلەن مېنى قارشى ئالدى . مانا شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئۇنىڭ غەمخورلۇقى، زېرىكمەي تېرىكمەي تۇزۇتىشى نەتىجىسدە مېنىڭ ئەسەرلىرىم گېزىت بېتىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن تەلەپ قويۇشى بولمىغان بولسا ئېھتىمال بىزنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىمىز بۈگۈىكى كۈنگە ئۇلاشمىغان بىزمۇ ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ سەھنە بىلەن خوشلاشقان بولاتتۇق. يىللار رەھىمسز كېلىدىكەن كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە 23 يىل ئۆتۈپ كەتتى.بىزمۇ كىچىكلىكتىن چوڭ بولدۇق.قوشۇنمىزمۇ ئازلىقتىن كۆپلۈككە يۈزلەندى.ئوي -پىكرلىرىمىزدىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە ئۆزگۈرۈشلەر بولدى.ئۇستازنىڭ قارا چاچلىرنىڭ ئورنىنى ئاق چاچلار ئىگەللەشكە باشلىدى.گەرچە نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزگەرگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇستازنىڭ ئەدەبىياتقا ،ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرنى يېتەكلەشكە بولغان مۇھەببىتى ئۆزگەرمىدى.ئۆتكەن شۇ كۈنلەرنى ئەسلىگىنىمىزدە ئۇستازنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلىقىنى ئېسىمىزگە ئالماي تۇرالمايمىز.ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ تېخمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ،مۇھىمى سالامەت بولۇشىنى تىلەيمىز.
سۈرەتلەرنى نۇرمۇھەممەد ھەسەن تارتقان.
|