قەشقەر دېسەم
ئاپتورى:ئوسمان قاۋۇل
قېنىپ ئۆتمەس دىلىم ھەرگىز گۈزەل قەشقەر جامالىڭغا،
يۈرەك-باغرىمدا قايىللىق تاشار ھېكمەت-كامالىڭغا.
سېنى ھەردەم پەدەرىم دەپ ئۇلۇغلاپ ئۆتمىكىم ھەقتۇر،
كۈلۈپ ئۆتكەچ ئەزەلدىن مەن سېنىڭ جەننەت قۇچاقىڭدا.
گۈزەللىك تاجىسىدۇرسەن،ساڭا قايىل جاھان ئەھلى،
جۇلالار ھەر قاچان باقسام سېنىڭ قوينۇڭدا گۈل پەسلى.
تىلىمغا لىق كېلەر«قەشقەر» دېگەن ياڭراق خىتاپمۇ ھەم،
سېنى كۈيلەپ غۇرۇرلانغان ئاجايىپ شاد شۇ چاغىمدا...
قەدەم باسقاچ باھار،كۈزدە دىدارىڭغا ئۇزاق باقتىم،
بالام كەل،دەپ قويۇن ئاچتىڭ،قۇچاقىڭغا قۇچاق ياقتىم.
ئوپال-ئازىخ،خانئېرىق ھەم سۆيۈپ مەڭزىمگە دۆلەتباغ،
كۆكئېرىق كۆكلىتىپ مەڭگۈ مېنى ئويناتتى باغىڭدا...
بىلىم-ھېكمەت بىلەن ئاپپاق ئاقارتىپ بۇ ھاياتىمنى،
ئىلىمكار ئەيلىدىڭ،سەنچۈن پىدا قىلدىم ماماتىمنى.
بۈگۈن «قەشقەر»دېسەم يايراپ كېتەر جانىم بېلىقتەك شوخ،
بۈيۈك سېما بولۇپ قاتتىڭ شۇڭا پارلاپ قاراقىمدا...!
مەنبە:«قەشقەر ئەدەبىياتى»ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئىلىندى...
مۇبارەك بولسۇن ئوسمانجان...!