كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 15

بىر قىسىم سەنئەتكارلىرىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 32
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 10:46:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يولۋاسخان ئاكا


Yolwashan-1.png


       مەملىكەتلىك ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تېياتىرچىلار جەمئىيتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك تېياتىرچىلار جەمئىيتىنىڭ سابىق رەئىسى، دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك كومېدىيە ئارتىسى، ئەل سۆيگەن سەنئەت چولپىنى، ئۇستاز رېژىسور يولۋاسخان ئىمىن،1921- يىلى 5- ئايدا قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزا،پوستەكچى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1939- يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،1945- يىلىغىچە قورچاق 6- يېڭدا ئەسكەر بولغان.1946-يىلىدىن 1949- يىلىغىچە گومىنداڭ  تۈرمىسىدە ياتقان. ئازادلىق تېڭى ئاتقاندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبول قىلىنىپ، سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. 1950- يىلىدىن باشلاپ «زۇلۇمغا زاۋال»، «ئېچىنىشلىق   مۇڭلار»، «دولقۇنلۇق كۈچ»، «غېرىپ-سەنەم»، «ئەجداد بەگ»، «يېمىرىلگەن قۇللۇق»، «رابىئە سەئىدىن»، «تاڭ بىلەن تەڭلىك»، «باي ۋە مالاي»، «غۇنچەم»، «گۈلنىسا»، «يالقۇنتاغ غەزىپى»، « ئاۋغۇست بورانلىرى»، «توي مارشى»، «مۇقام ئۇستازى»... قاتارلىق 40 قا يېقىن چوڭ تىپتىكى ئوپېرا ۋە دارامىلاردا ئاساسلىق سەلبى روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك  ئويناپ چىقىپ، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا كۆپلىگەن دىراما ۋە ئوپىرالارنىڭ رېژىسورلۇقىنى قىلغان. «ھېيىت باقى، مەمەت باقى»، «بىر مۇتىھەمنى كۆرۈرمەن»، «تەخسىكەش»، «دوستۇم سېيىت»، «نۇرەك نوچى»، «ئاشپۇزۇلدا»، «مەيدەمنى ياقاي مۇزغا»، «قارا يورغام»، «نەزەر موپتى»، «ساتتارۇپ»، «ئاخۇنۇم چۈشەندى»، قاتارلىق ئېيتىشىش ۋە قىزىقارلىق نومۇرلارنى، «دوپپىڭىزنىڭ گۈلىمەن»، «ئالمىخان» قاتارلىق لەپەر ۋە ئەلنەغمە نۇمۇرلىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، ئۆزىنىڭ يۇمۇرىستىك خاراكېتىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئۇ 1953- يىلى مارشال خې لۇڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئامېرىكىغا قارىشى تۇرۇپ، چاۋشىيەنگە ياردەم بېرىش، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىملىرىدىن ھال سوراش ئۆمىكى تەركىبىدە چاۋشىيەن ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىملىرى ۋە چاۋشىيەن خەلق ئارمىيەسىگە ھال سوراش ئويۇنى قويغان. يولۋاسخاننىڭ بەدىئىي تالانتىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن بىر چاۋشىيەن ئوفېستىرى ئۆزىگە مۇكاپات بېرىلگەن «2- دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانى» مېدالىنى شەرەپ بىلەن ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان. تەشكىل ئۇنىڭ تىياتىر ۋە ئەلنەغمە ساھەسىدە ئالاھىدە تالانتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى 1959-يىلى ئاپتونوم  رايۇنلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكىگەن، ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، يولۋاسخان ئاكا«نازىركۇم»، «غوجالدىرۋاق»، «باھار»... قاتارلىق لەپەر ۋە ئەلنەغمە نومۇرلىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. كېيىن ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا-تياتىر ئۆمىكىگە ئالمىشىپ، 1973- يىلىغا قەدەر بۇ ئۆمەكتە ئىشلىگەن، بۇ جەرياندا  ئۇ، «26- ئاۋغۇسىت ھارپىسىدا»، «يالقۇنتاغ غەزىپى»، «ئاۋغۇسىت بوۋانلىرى»... قاتارلىق كۆپلىگەن دارامىلاردا ئاساسلىق سەلبى روللارنى ئالغاندىن باشقا،«ئۈچ ياش»، «نەسىردىن ئەپەندى»، «باغ»... قاتارلىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىمۇ ئاساسلىق سەلبى روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ چىقىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ سالامەتلىك سەۋەبى بىلەن 1973- يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ئۆمەكنىڭ تىياتىر ۋە ئەلنەغمە ئىشلىرىدا رېژىسورلۇق ۋە مەسلىھەتچىلىك ئىشلىرىنى ئىشلىگەندىن باشقا، بۇ ئۆمەك ئوينىغان تىياتىرلاردا ئاساسلىق سەلبى روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ چىققان.
    يولۋاسخان ئاكىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى، 1957- يىلدىن تارتىپلا ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا تونۇشتۇرۇلغان. 1981-يىلى بېيجىڭ تىل ئىنىستىتۇتى نەشر قىلغان،مەملىكەت بويىچە مەشھۇر سەنئەت مۇتەخەسىسلىرى تونۇشتۇرۇلغان «جۇڭگو ھازىرقى زامان سەنئەتچىلىرى» قامۇسىغا، 1993- يىلى بېيجىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان،«جۇڭگو ھازىرقى زامان سەنئەت ساھەسىدىكى ئاتاغلىق ئەربابلار» توپلىمىغا، 1994- يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىر قىلغان «جۇڭگودىكى ئاتاغلىق سەنئەتكارلار» لۇغىتىگە، «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئاتاغلىق سەنئەتكارلار» لۇغىتىگە ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك تەزكىرە ئىشخانىسى تۈزۈپ نەشىر قىلغان،«قەشقەر يىلنامىسى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن.
     يولۋاسخان ئىمىن ئاكا، 1995- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش كومتېتى تەرىپىدىن،شىنجاڭنىڭ 40 يىللىق قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا تۆھپە قوشقۇچىلارغا بېرىلىدىغان «ئالتۇن مېدال» بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ،جۈملىدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان، شۇڭا ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت تەرىپىدىن كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان.بىر قانچە قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ماۋزىدۇڭ، جۇئىنلەي، لىيۇ شاۋچى، جۇدى قاتارلىقلارنىڭ سەمىمىي قوبول قىلىشىغا نائىل بولغان.
ئۇ، 1986-يىلى پېنسىيگە چىققان بولسىمۇ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ، جۈملىدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئىشلەپ، 2005- يىلى6- ئاينىڭ 10-كۈنى 84 يېشىداۋاپات بولغان .   

زىكىرى ئەلپەتتا


43.jpg


    ئاتاقلىق مۇزىكانت زىكرى ئەلپەتتاھ، 1915-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى خەلق ناخشا- مۇزىكىلىرىغا ئىشتىياق باغلاپ، ساز ۋە ناخشا - ئۇسسۇل ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكەن، كېيىنچە ئاتاقلىق پىشىۋالاردىن ھەسەن تەمبۇر، ھۈسەيىن تەمبۇر، روزى تەمبۇر قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس  ئالاھىدىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق خاس ئۇسلۇبقا ئىگە ناخشىچى، سازەندە بولۇپ يېتىلگەن.

ئۇ«قانلىق داغ»،«باي ۋە مالاي »، «غېرىب – سەنەم» ، «پەرھات – شېرىن» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاساسلىق روللارغا چىقىپ، رول ئېلىشتىكى ماھىرلىقى، ناخشا ئېيتقاندىكى ئاۋازىنىڭ ياڭراقلىقى بىلەن تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىلىرى، بولۇپمۇ خەلق داستانى ئاساسىدا سەھنىلەشتۈرۈلگەن «غېرىب – سەنەم» ئوپېراسىغا مۇقام ئۇسلۇبى ئاساسىدا ئىجاد قىلىپ قوشقان «ئاغچى ئانا»، «نەچچە ۋاقتىن ئاھئۇرۇپ»، « تەسەددۇقۇڭ بولاي ئاغچى ئانىجان»، «قۇربانىڭىز بولاي ئاي يۈزلۈك سەنەم» قاتارلىق ناخشىلاردا ئالاھىدە گەۋدىلىنىپلا قالماي، مەزكۇر ئوپېرانى بەدىئىيلىك جەھەتتە يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرگەن. ئۇ «غېرىب – سەنەم» ئوپېراسىغا ئىشلىگەن ئاھاڭلىرىنى ئاساس قىلىپ، بىر مۇقەددىمە، بىر تەزە، ئالتە داستان- مەرغۇللۇق «رۇخسارى مۇقامى» نى ئىجاد قىلغان. بۇ مۇقام مېلودىيىسىنىڭ ئىنتايىن نەپىسلىكى، مۇقامغا خاس پۇراققا تويۇنغانلىقى، شۇنداقلا داستان - مەرغۇللىرىنىڭ شوخ - ئويناق، جۇشقۇنلىقى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا تېز ئومۇملىشىپ، ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.


                                                        

                                                        مۇساجان روزى

   مۇساجان روزى 1924-يىلى غۇلجا شەھىرىدە نەغمىچى ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئەجدادى قەشقەر، يەركەنتلەردە ئۇستا سازەندىلەر ئىدى،كېيىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئىلىغا كۆچۈپ چىققان، مۇساجان ئىلىدا ئوقۇپ، دەسلەپ ئارمىيگە قاتنىشىپ تارباغاتاي، دۆربىلجىن قاتارلىق جايلاردا ئىشلىگەن،كېيىن غەربىي شىمال سەنئەت ئىنستىتۇتى ھەم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن. ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى، 12 مۇقامنى ئۆگەنگەن. دۇتار، تەمبۇر، غېجەك، راۋاب ، نەي قاتارلىق چالغۇلارنىڭ تۇنجى دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. دۇتار، تەمبۇرنى ئىسلاھ قىلىپ ماقالە يازغان. رايونىمىزدا «مىللىي مۇزىكا ئىسلاھاتىنى باھالاش-مۇكاپاتلاش يىغىنى» دا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ،«دۇتار پىرى» دېگەن نامغا ئىگە. ئۇ ئىلى ناخشىلىرى ۋە باشقا بىر قىسىم ناخشىلارنى دۇتاردا ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالىدۇ.ئۇ يەنە مۇقاملار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە نۇرغۇنلىغان سەنئەتچىلەرنى تەربىيىلىگەن. ئۇنىڭ «ئەل ئۈچۈن كۆيسەڭ سۆيەي»، «شۇنچىمۇ»، «قالدى ئىز»، «سازچىمەن- سازەندىمەن»، «سايرىدى خۇشال بۇلبۇل» ۋە باشقا بىر يۈرۈش ئىجادىي ئاھاڭلىرى خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان.


                                                                شىرئەلى ھاشىم


     خەلق سەنئەتكارى شىرئەلى ھاشىم، 1928-يىلى قەشقەردە داۋاز ھاشىم ھاجى ئائىلىسىدە توغۇلغان. ناھىيە، ۋىلايەت، ئاپتونۇم رايونلۇق سەنئەت  ئۆمەكلىرىدە ئىشلەپ، جاپا-مۇشەقەتلەر ئالدىدا بوشاشماي، ئىزچىل تىرىشىپ، ئىجادىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى شىنجاڭ غېجەك كەسپىنىنىڭ سۆيۈملۈك ئۇستازى بولۇپ يېتىشكەن.ئۇ 1974- يىلى تۇرسۇنجان ئىجاد قىلغان خۇشتار سازىنى تىغا كىرگۈزگەن. 1996- يىلى ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئادالەيىت شەھرىدە دۇنيادىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە «ئازاد ئۆلكەم»، «جانانىم توي»، «ئويغان دېھقانلا»، «سېغىنىپ كەلدىم» قاتارلىق ناخشا-مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 22:57  


idraksoft
bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 32
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 10:59:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تور سۈرئىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن رەسىملەرنى چىقىرىش مۇمكىن بولمىدى، كېيىن قوشۇپ قويىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  913
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1756
تۆھپە : 0
توردا: 188
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 11:16:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تېما ئاستىغا بولسا تېخىمۇ كۆپ سەنئەتكارلارنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز ..ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5679
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 12:20:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق سەنئەتكارلارنى داۋاملىق تۇنۇشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلسە دەپ قارايمەن

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3415
تۆھپە : 0
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 13:14:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تىمىغا تۇتۇش قىپتىلا،قەلەملىرى توختاپ قالمىغاي.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 861
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1414
تۆھپە : 4
توردا: 175
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 15:15:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاغلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ تارىخى ھەم ئىش-پائالىيەتلىرى  بىلىش ياخشى بىر ئىش. ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1608
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 301
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-26

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 21:45:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەھمىيەتلىك  تېما  بوپتۇ ، مەنمۇ  بىلىۋالدىم .

bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 32
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 23:00:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                                 ئىبراھىمجان نۇر

ibrahim jan-1.png


      ئاتاقلىق ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىسى ئىبراھىمجان نۇر، 1930- يىلى ئۈرۈمچىدە سەنئەتخۇمار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى مىرزا نۇرىيكوف ئوقۇمۇشلۇق ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ چالغان تەمبۇر، دۇتارلىرى ئېيتقان ناخشىلىرى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتەتتى.ئۇنىڭ ئانىسى ئامىنىخانمۇ سەنئەتخۇمار كىشىلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۆز دەۋرىنىڭ توي-تۆكۈن سورۇنلىرىدا ئۆزىنىڭ ئوينىغان نەپىس ئۇسسۇلى بىلەن ھۆرمەت تۆردىن چۈشمەيدىغان ئابرۇيلۇق ئايال ئىدى. ئىبراھىمجان ئەنە شۇنداق سەنئەتكارلار ئائىلىسىدە كىچىكىدىن تارتىپلا تولىمۇ شوخ، ئەقىللىق، ھېسسىياتچان، قىزىقچى ئادەم بولۇپ ئۆستى. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن،تۇرپان خەلق ئۇسسۇلى «نازىركۇم »نىڭ بەزى ھەرىكەتلىرىنى دوراپ، ھەر دائىم ساۋاقداشلىرىنى كۈلدۈرۈپ يۈرەتتى.
      1942-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى سانايى نەفىسەدە ئىشلەۋاتقان ئاتاقلىق ئۇسسۇلچى قەمبەرخانىم،شىنجاڭ مىللىي ئۇسسۇلچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشى مەقسىتىدە ئۆز يېنىدىن خىراجەت ئاجرىتىپ، بىر سەنئەت كورژۇكى تەسىس قىلغان. ئىبراھىمجاننىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇنى قەمبەرخانىمغا شاگىرتلىققا بەرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا قەمبەرخانىم ئۆگەتكەن ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ھارماي-تالماي مەشىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەينى دەۋردە سانايى نەفىسەدە ئىشلەيدىغان ئابدۇگۈل، ئابلاجان قاتارلىق ئاتاقلىق ئۇسسۇلچىلاردىن ئەرلەرگە خاس بەزى ھەرىكەتلەرنى ئۆگەنگەن. 1945- يىلى ئىبراھىمجان تۇنجى قېتىم سەھنىدە قەمبەرخان ئىشلىگەن يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل «بوستان»نى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئويناپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئاران ئون بەش ياشتا ئىدى. شۇ كېچىسى ئۇ خۇشاللىقتىن ئۇخلىيالمىدى. قەمبەرخانىممۇ ئۇنىڭدىن قالتىس رازى بولدى. ئىبراھىمجان ئۇستازى قەمبەرخانىمنىڭ سەمىمىي تەربىيىسىدە كۈندىن-كۈنگە پىشىپ يېتىلىپ،ئۇ ئىشلىگەن «مۈشكۈلات»، «چەببىيات»، «ناغرا بايات»، «نىم پەدە» قاتارلىق يالغۇز كىشىلىك ئۇيغۇرچە ئۇسۇللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاپ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا جامائەتچىلىككە تونۇلىدۇ.
        1949-يىلى ئىبراھىمجاننىڭ سەنئەت ھاياتىغا ئاجايىپ مەزمۇنلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئەينى دەۋردىكى شىنجاڭ تىنچلىقنى ساقلاش شتابى قارمىقىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى،-1950  يىلدىن 1951-يىلنىڭ باشلىرىغىچە،شىنجاڭ ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى بولدى. باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە ئىبراھىمجانغا ئەينى چاغدىكى بۇ خىزمەت ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى. شۇنداق بولسىمۇ،ئۇ ئاشۇ جاپالارغا بەرداشلىق بېرىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، كىتاب كۆرۈپ، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ تارىخىي، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ باشقا مىللەت ئۇسسۇلى بىلەن بولغان پەرقى توغرىلىق ئەتراپلىق ئۆگەندى ۋە بېرىلىپ تەتقىق قىلدى. شۇ ئاساستا ئوقۇغۇچىلارغا قېتىرقىنىپ ئۆگىتىپ چىقتى. تەشكىل ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ،1951- يىلى ئۇنى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتتى.
      ئىبراھىمجان بۇ مەكتەپنىڭ مەخسۇس ئۇسسۇل كەسپىدە ئۈچ يىل ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆلكىلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ سەھنىگە چىقمىدى. بەلكى كىشىلەر كۆرمەيدىغان ئەڭ جاپالىق جاي−پەردىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ،بۇ ساھىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى مەملىكەتكە، جۈملىدىن دۇنياغا تونۇتۇشتىن ئىبارەت بىر ئۇلۇغۋار ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جاپاغا چىداپ بېرىلىپ ئۆگەندى، شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر تەرەپتىن يېتەكچىلىك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇسسۇل ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى، ئىبراھىمجاننىڭ ئۇسسۇل ئىجادىيىتى 1955- يىلى ئىشلىگەن «گىلەمچىلىك ئۇسسۇلى» بىلەن باشلاندى. بۇ ئۇسسۇل يالغۇز شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوينىلىپ ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشپلا قالماي، بەلكى 1956- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىققان ئارتىسلىرىمىز تەرىپىدىن ئوينىلىپ، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق جايلاردىكى ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ يېڭى جەمئىيەتتىكى شاد-خۇراملىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كوللېكتىپ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل «پىلىچىلىك ئۇسسۇلى»، تاجىك قىزلىرىنىڭ يېڭى تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن يالغۇز كىشىلىك تاجىكچە ئۇسسۇل «قويچى قىز»، مول ھوسۇلنى تەنتەنە قىلىش مەزمۇن قىلىنغان،ئەر-ئايالچە كوللېكتىپ ئۇسسۇل «ئالتۇن باشاقلار»، ئىككى كىشىلىك لەپەر «گۈللەيلى»، ئۆزبېكچە كوللېكتىپ ئۇسسۇل «جانان »، ياشلارنىڭ ساپ مۇھەببىتى ۋە سەمىمىي سېغىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يالغۇز كىشىلىك لەپەر «بوينۇمدىكى مەرۋايىت» قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلدى. ئۇ يۇقىرىقىلارغا ئۇلاپلا ئىجاد قىلغان ئۇيغۇرچە كوللېكتىپ ئۇسسۇل «بايرام مەشرىپى»، تاجىكچە ئۇسسۇل «يېڭى كېلىننى قارشى ئېلىش» يالغۇز كىشىلىك ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل «كورلا سەنىمى»، تۈركچە ئۇسسۇل «تۈرك ئۇسسۇلى» قاتارلىقلار كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.ئۇ 80-يىللاردىن كېيىن يەنە،«بايرام »،«ئۆزبېك قىزى» ۋە «گۈلزارىم ۋەتەن»، «ئۇزىتىش»، «توي » قاتارلىق ئۇسسۇللارنى ئىجاد قىلدى.
      ئىبراھىمجان ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا بېغىشلانغان چوڭ تىپتىكى ناخشا -ئۇسسۇل «تەڭرىتاغ شادلىقى»نىڭ مۇئاۋىن رېژىسسورى بولدى. ئۇ 40 تىن ئارتۇق ھەر خىل ئۇسسۇللارنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇلاردىن «يېڭى كېلىننى قارشى  ئېلىش » ناملىق تاجىكچە ئۇسسۇل 1979- يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرۈكىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئۇيغۇرچە كوللېكتىپ ئۇسسۇل «گىلەمچىلىك ئۇسسۇلى» 1980- يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل كۆرۈكىدە «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ ئىجاد قىلغان كۆپلىگەن ئۇسسۇلار ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا قىتىەسىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سەھنىلىرىدە ئوينىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئىېلىشىغا ئېرىشتى.
     ئىبراھىمجان يۇقىرىقىدەك بىر قاتار تۆھپىلىرى بىلەن مەملىكەتلىك ئۇسسۇلچىلار جەمىىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئۇسسۇلچىلار جەمىئيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسسۇلى تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سەنئەت يېتەكچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.ئۇ سەھنىدىكى چولپانلارنىڭ غەمگۈزارى، خەلقىمىز مىللىي سەنئىتىنىڭ تۆھپىكارى،خەلقىمىزنىڭ ئۇسسۇل سەنىئتىگە بەلگىلىك تۆھپە قوشۇپ خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مەشھۇر سەنئەتكار ئىدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 23:09  


bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 32
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 23:22:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                          رەسسام غازى ئەھمەت

Gazi amat-1.png


    داڭلىق رەسسام غازى ئەھمەت ئاكا، 1935-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ)يىزىسىدىكى، بىر دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى ئەھمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم بولغاچقا غازى ئەھمەت ئاكىنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن. ئۇ 1946-يىلىدىن 1950-يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان. كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا، رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن غازى ئەھمەت ئاكا بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.ئۇ 1952-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇز تالانتىنى نامايەن قىلىپ،رەسساملىق ساھەسىگە چۇڭقۇر ئۇل سالغان. ئۇ 1954-شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسىم فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە ئۇ يەردىمۇ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلدى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، شۇ مەكتەپتە ئىشلىدى. ئۇ ھازىر جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت دەرجىلىك رەسسام بولغان.
1954-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ئۇنىڭ رەسىملەر توپلىمى نەشرقىلىنغان.ئۇنىڭ«جىنايى ھۆكۈم»ناملىق رەسىمى جۇڭگۇ رەسىم سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. 1982-يىلى پارىژدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان«مەھمۇد قەشقەرى»ناملىق رەسىمى بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە، «مۇقام»ناملىق رەسىمى1981-يىلى جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر گۈزەلسەنئەت كۆرگەزمىسىدە1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،«مۇقام ئىشقى»ناملىق ئەسىرى 1984-يىلى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك گۈزەلسەنئەت كۆرگەزمىسىدە كۆمۇش مىدالغا ئېرىشكەن، بۇ ئەسەر يەنە،1987-يىلى مۇسكىۋادا كۆرگەزمە قىلىنغان، يەنە بۇ ئەسەر مەملىكەتلىك ماي بۇياق ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىدە كۈمۈش مىدالغا ئىرىشكەن.
     شىنجاڭدا،ھەتتا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا، رەسسام غازى ئەھمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 _ يىلى، غازى ئەھمەت شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېنىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېريازوفنى ئۇستاز تۇتۇپ، «چېسكاكوف ئوقۇتۇش ئۇسۇلى» بويىچە تەربىيىلىنىپ، يورۇقلۇق ئىلمى، پىلاستىتسىزىم ئىلىمى ۋە رەڭ ئىلمىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، غەرپ سەنئەت پەلسەپەسى ۋە غەرپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەسساملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. غازى ئەھمەت ئاكا، 1962-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبيىياتىغا ئاساسلىنىپ سىزغان «غېرىپ-سەنەم» ناملىق ماي بوياق رەسىم،جۇڭگو ۋە شىنجاڭنىڭ رەسساملىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ماي بوياق رەسىمدە ئېسىلزادىلەرچە كىيىنگەن، گۈزەل بىر جۈپ قىز- يىگىتنىڭ،ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن گۈللۈكتە ئۇچراشقاندىكى ئوتلۇق ھىسسىياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاسماندىكى تولۇن ئاي، قەد كۆتۈرگەن مەسچىد مۇنارى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە ئىشارە قىلىنغان بولسا؛ ئالدى كۆرىنىشتىكى قانىتى سۇنغان، سۇلغۇن توز، قىزنىڭ ئازابلىق كەچمىشىگە سىموۋول قىلىنغان؛ ئورمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەۋەنداز بولسا، قەدىمقى زاماندىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ گۈزەل مۇھەببەتكە بولغان توسقۇنلۇقىغا سىموۋول قىلىنغان. بۇ رەسىم يېڭى بىر ئەۋلات ياشلارنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەت، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش، يورۇقلۇققا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
      رىئال تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، چوڭقۇر سەنئەت ئەمەلىيىتى، كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت غازى ئەھمەت ئاكىنى ئەتراپلىق چېنىقتۇردى ۋە ئۇنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى.ئۇ 1979-يىلىدىن 1982- يىلىغىچە تارىخ،قەدىمىي كىتاپلار ۋە ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىياتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «ئاماننىساخان»،«مەھمۇد قەشقىرى»،« رابىيە _ سەئىدىن» ۋە«يۈسۈپ خاس ھاجىپ» قاتارلىق بىر تۈركۈم تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدە پارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرىۋالالايدۇ. غازى ئەھمەت ئاكا ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا زوق بىرىپلا قالماي، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى تىرىشچانلىقنىڭ ئۈلگىنىسىنى تىكلەپ بەردى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 23:24  


bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 32
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 00:39:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر ، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلى تاماشىنىللارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر . ئۇ 1969 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن . 1987- يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى تىياتىر فالكولتىتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناﮬىيىسگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يۇشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ - دە ، ئۇنى سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قۇبۇل قىلىدۇ . شۇ يىلى 9 - ئايدىن ئېتىبارەن ئۇ ﮬەقىقى سەنئەت ﮬاياتىنى باشلىدى . ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ﮬاياتىدا بىر تەرەپتىن سەﮬنىدە ئوبراز يارىتىش ماﮬارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ناخسا سەنئتىگە چوڭقۇر مۇﮬەببەت باغلاپ ، ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ ، ناخشا ئورۇنداش جەﮬەتتە ئۆزگىچە ئاﮬاڭ ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماﮬارەت يىتۈلدۈردى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991- يىلى 7 - ئايدا ئۇقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى ﮬەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارىلغان " غېرىپ - سەنەم " ئوپىراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئېلىياسنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللاندى . 1992 - يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بۇ ئوپىرا قازاقىستان ، ئۆزبەكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماﮬارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىللارنىڭ ياخشى باﮬاسىغا ئېرىشتى .

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم گەرچە تىياتىر ئەرتىسى بولسىمۇ ، لېكىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلگە تونۇلغان تالانلىق ناخشىچىدۇر . ئۇ ئورۇنلىغان " سىرلىق تومان ، ئۇچىراشقاندا ، ۋاپادارىم ، مۇئەللىم ، كىچەلمەيمەن ، ئايرىلىش ، كۆزىڭنى ياشلىما ، تۇنجى سۆيگۈ ، سېغىنىش كۈيلىرى " قاتارلىق ناخشىلار تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغاپ ، ئابدۇللانىڭ خەلىق ئىچىدىكى شۆﮬرىتىنى يۇقۇرى كۆتۈردى . 1994 - يىلدىن ﮬازىرغىچە " سىرلىق تومان ، سۈكۈتتىكى سادا ، پەرۋانەڭ بۇلاي " قاتارلىق ئۈنئالغۇ لىنتىلىرى ، " شىرىن چۈش ، تۇنجى سۆيگۈ " قاتارلىق بىر قانچە MTV سى نەشىر قىلىندى . ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا 1998 - يىلى 4 - ئايدا پاكىستانغا ئويۇن قويغىلى بېرىپ ، ئېقىن سۇدەك سۈزۈك ﮬەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن شۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى . 1998 - يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ " مۇنەۋۋەر ناخشىچى " مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . يەنە شۇ يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن " يېڭى ئادەم ، يېڭى ئەسىر ناخشا مۇسابىقىسى " غا قاتنىشىپ ، ئاممىباب ئۇسلۇبدا ناخشا ئېيتىش بۇيىچە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى ﮬەمدە 1 - دەرىجىلىك ناخشىچى بۇلۇپ باﮬالاندى . 1999 - يىلى بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن " بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي " ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كىچىلىكىدە " ياشلىق كۈيى " دىگەن ناخشىنى خەنزۇچە ئورۇنلاپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى . 1999 - يىلى 9- ئايدا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن " يىپەك يولى دىرامما بايرىمى " دا تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك رەﮬبەرلىرى بىلەن ئويۇن قويغىلى بارغان ئابدۇللا ناخشىلىرىدىكى مىللىيلىك ﮬەم ئاممىبابلىق بىلەن شۇ ئەل خەلىقلىرىگە ئۆزىنى تونۇتتى . ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ، يارقىن سىماسى گېرمانىيە سەﮬنىلىرىدە پەيدا بولدى .

بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ " شادىمان دوسلار ، بۇ كىشىنى تونامسىز " قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ، " گۇناﮬسىز جىنايەتكار ، كىيىنكى ئاتا " قاتارلىق دىراممىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ ، ئۆزىنىڭ پېرسۇناژلارنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسىنى ماﮬىرلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىشتەك ئالاﮬىدىلىكىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە يەنە " ئۇچۇرىشىش ، شىكەر شەنبە ، پۇل ، ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۇچ " قاتارلىق ئېپىزوتلاردا ئوخشىمىغان يۇمۇرلۇق خارەكتىرگە ئىگە ئوبرازلارنى ناﮬايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ناﮬايىتتى يۇقۇرى باﮬاسىغا ئېرىشتى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ﮬەقىقەتەنمۇ ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق سەنئەتكار بۇلۇپ ، بىر قانچە يىلدىن بويان ناخشا ئېيتىش ، دىرامما - ئېپىزوتلاردا رول ئېىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي ، يەنە مۇزىكا ئېجادىيىتى بىلەنمۇ شوغۇللىنىپ ، " قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش ، ئاي گۇۋاﮬ ، ئۇر توقماق ، كۈلكىگە يۇشۇرۇنغان يىغا " قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ۋە بۇ فىلىملەرنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنلاپ ، تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغىدى .

ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ﮬىسىياتقا باي ئاجايىپ مۇﮬەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان . ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ، كۈتۈلمىگەندە ﮬازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچىراشتى . ئۆز - ئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇردى . ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ﮬىسىياتقا باي لېرىك ناخشىلىرى ، ئېغىر بېسىق مىجەز - خارەكتىرى ﮬەم مەمىميلىكى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ﮬەم ﮬۆرمىتىگە ئېرىشتى . ئامىنەمۇ 1988 - يىلى " بويتاقلار ئائىلىسى " ناملىق ﮬىكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئېلىپ ئابدۇللانى ﮬاياجانغا سالدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 1988 - يىلنىڭ ئاخىرى مۇﮬەببەت باغلاپ ، كىيىنكى ساۋاقداشلىق ﮬاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى . 1991 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ بىرلىكتە شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى ﮬەمدە 1992 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى بەخىتلىك ﮬالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . ﮬازىر ئۇلارنىڭ شاﮬناز ئىسىملىك بىر قىزى بار بۇلۇپ ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ .


Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1898
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5606
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 00:43:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   سەنئەتكارلار بىلەن تولۇق تونۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت!
   ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدىكى بىر پارچىسى نېسى قالدى.

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.
bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 32
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 00:48:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                          ئايشەم كېرىم

   خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئارتىس _ ئايشەم كېرىم 1998 - يىلى 9 -ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۇزىنىڭ يېرىم ئەسىر ھاياتىنى ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ، درامىچىلىقى ۋە ناخشا ئۇسسۇل،مۇقام تەتقىقاتى ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلاپ ، سەھنە ۋە ئېكراندا ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ مىليۇنلىغان تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلماس ئىز قالدۇرغان 50 - يىللارنىڭ بېشدا سەھنە ھاياتىنى ، 1959 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى ( ئەينى يىللادا شىنجاڭ كىنو سىتودىيىسى دەپ ئاتالغان ) بىلەن شاڭخەي خەييەن كىنو سىتودىيىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن، ئۇيغۇر تۇرمۇش تېما ،ئالىي كوپىراتسىيىلىشش دەۋردىكى ۋەقەلەر سيۇژىت قىلىنغان تۇنجى ھېكايە فىلىم «بوستانلىقتا تەنتەنە » دە ئايال باش قەھرىمان ئايىمخان مۇدىر ئوبرازىنى ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىش بىلەن تونجى ئېكران ھاياتىنى باشلىغان ئاتاقلىق كىنو ۋە تىياتىر سەنئەتكارى ،مۇقامچى ، مەملىكەتلىك 1 - دەرىجىلىك ئارتىس ئايشەم كېرىمنىڭ يۈرىكى سوقۇشتن توختىدى . 50 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدا تۇنجى قېىتىم چاقنىغان ، ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ئۈچۈن تۇنجى ئاساس سالغان چولپاننىڭ ۋاپاتى شىنجاڭ كىنوچىلىقى، تىياتىر چىلىق ئۈچۈن زور يۇقىتىش بولدى .

ئايشەم كېرىم 1931 - يىل 10 - ئايدا « نەشپۈت يۇرتى » كورلىنىڭ توۋۇرچى يېزىسى ئەللىك كەتمەن كەنىتىدە سەنئەتخۇمار كەمبەغەل ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ناھىيىدىن يىراق بۇ جايدا ئۇنىڭ دادىسى ئۇزىنىڭ سازەندىلىكتىكى ئۆزگىچە ماھارىتى ئارقىلىق خەلققە مەنىۋى ئۇزۇق بەخىش ئېتىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ دادىسى داپ ،غېجەك چېلىشقا ،ئانىسى دۇتار چېلىش، ناخشا ئېيتىشقا ماھىر بولغاچقا ، بۇنداق ئائىلە مۇھىتى گۆدەك ئايشەم كېرىمنىڭ قەلبىدە سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق، ئىنتىلىشى كىچىكىدىنلا بىخلاندۇرغانىدى، شۇنداق بولغاچقا ئۇ 5 - 6 ياشلارغا كىرمەيلا دادىسى ياساپ بەرگەن داپ ۋە غېجەكنى تەمتىرىمەي چالالايدىغان بولدى .ئانىسى دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتسا ، ئۇ يۇمران قۇللىرى بىلەن قاس چىقىرىپ زۇق شۇخ بىلەن ئۇسسۇل ئۇينايتتى . ناھىيىدىن يىراق ئەللىك كەتمەن كەنىتىدە ئاخشىمى ئېتىز -ئېرىق ئىشلىردىن ھاردۇق يېتىپ قايتىپ كەلگەن دېھقانلار ئۈچۈن كەچلىك مەشرەپ -ئەلنەغمە سورۇنلىرى ھاردۇق چىقىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ،سەنئەتخۇمارلار ئۈچۈن ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان سەھنە ئىدى . ئۆز مەھەللىسى ۋە قوشنا مەھەللىلەردىكى توي -تۆكۈن مەشرەپ سورۇنلىرى دادىسىنىڭ باشلىشى بىلەن كېچىك ئايشەم كۆزى ئىچىلدى . ئۇنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى . ئۇنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ، نەپىس ئۇسسۇل ھەرىكىتى ،يېقىن - يىراقتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىشقا باشلىدى. كېچىك ئايشەم ئۆز كەنتىدە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ،مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرگە قاتنىشىپ،ناخشا ئېيتىپ،ئۇسسۇل ئۇيناپ ، ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتىنى نامايەن قىلىپ كەلگۈسى پارلاق ئىستىقبالىدىن بېشارەت بەردى . باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىدا ئۇ سەھىنىدە ئېيتقان« يېتىم قىز » ناخشىسى ئۇنىڭدىن ئۆزگىچە تالانتنى نامايەن قىلدى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۇنىڭ روھىغا ئىلىھام بەردى ،بىراق يوقسۇللۇق،كونا ئۆرۇپ - ئادەت تۈپەيلىدىن ئۇ ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي ،ئۇزۇنغا قالماي تۇرمۇشلۇق بولۇپ ، ئائىلە خىزمىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى، بەختىگە يارىشا ، ئۇنىڭ يولدىشى ئابدۇكېرىم ئەبەيدۇللا ئوقۇمۇشلۇق زىيالى ،بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇق ئۆتكەن ، سەنئەتنى چۈشىنىدىغان كىشى ئىدى.

    ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ يولدىشىنىڭ خىزمىتىنى يۆتكىلىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلدى ۋە شۇ يىلىلار يولدىشىنىڭ قىزغىن مەدەت بېرىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئالغا ئىنتىلىش ئارزۇسىنى قەلبىگە پۈكۈپ ،سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك بيۇرو كادىرلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. بيۇرو كادىرلار مەكتىپىدە تەشكىلەنگەن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ پائالىيىتىنى ياش ئايشەم كېرىمنىڭ سەھنە ھاياتنى باشلاش ،تالانتىنى نامايەن قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى . ئۇ كادىرلار مەكتىپى سەھىنلىردىمۇ تاماشىبنىلارنى ھاڭ تاڭ قالدۇردى. ئۇنىڭ نەپىس ،جازىبىلىك ئۇسسۇللىرى .جاراڭلىق ئاۋازدا ئېيتقان ناخشىلىرى بيۇرو كادىرلار مەكتىپىدە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ،رەھبەرلەرنىڭ يۇقىرى باھاسغا ئېرىشتى ،ئۇ سەھنىلەردە پارتىينى ،ئازاد يېڭى زاماننى كۈيلەيدىغان،يەر ئىسلاھاتىنى تەشۋىق قىلدىغان مەزمۇنلاردىكى ناخشا -ئۇسسۇللارنى ئۇرۇنلىدى ،ئۆمەك تەركىبدە ئۆز يۇرتى كورلىغا بېرىپ ئېجارە ھەققىنى كېمەيتىش ۋە يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە قاتناشتى . ئۇ كورلىدىن بيۇرو كادىرلار مەكتىپىگە يېنىپ كەلگەندىن كېيىن 1952 - يىلى كادىرلار مەكتىپى سەنئەت ئۆمىكىدىكى بارىلىق خادىملار بىرقلا سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ناخشا -ئۇسسۇل ئۆمىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى . ئايشەم كېرىم شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆمەكتە ناخشىچى ۋە ئۇسسۇلچى،بولۇپ سەنئەت ھاياتىنى رەسمىي باشلىدى. ئارتىسلىق ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇ ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ،يېقىملىق،تەبىئىي ئاۋازى بىلەن « پارتىيگە مەد ھىيە »، « گۈل قىسقان مېنىڭ يايرىم » ، « قادىر مەۋلان » ،« ئالتۇن بىلەن رەنا » ، «دا ھىي ماۋزېدۇڭ »، «تاڭ ئاتقاندا» ،« ئۇلۇغ پارتىيەم»، « ئانا ئارزۇسى »،«ئالتۇنجان »،« ئاشنالىرى زەگەرمىكىن»، « ئاللا يارەي» قاتارلىق ئۇيغۇرچە ناخشىلاردىن باشقا ،يەنە خەنزۇچە، ئۆزبېكچە ،قازاقچە ،تاجىكچە ناخشلارنىمۇ ۋايىغايەتكۈزۈپ ئېيتىپ، ھەرمىللەت تاماشىبنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ،دىققىتىگە سازاۋەر بۇلدى، ئۇ يەنە شۇ مەزگىلدە تۈنجى قېتىم «توي ئۈستىگە توي » ناملىق درامىدا تۇنساخان موماينىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويناپ چىقىپ، ئۇزىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان سەنئەت تالانتىنى نامايەن قىلدۇ . ،بو دراما مەملىكەتلىك تىياتىر كۆرىكىگە قاتناشتۇرلۇپ مۇكاپاتلاندى .

1955 - سابىق شىنجاڭ ئۆلكىسى ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى رەسمىي قۇرۇلدى شىنجاڭدا كىنو سىتودىيسى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئوي - پىكىر لەر شۇ يىلىنىڭ ئاخىردا غۇلغۇلا قىلنىشقا باشلىدى. 1956 -يىلى شىنجاڭ كىنو سىتودىيسى قۇرۇش تەييارلىق خىزمىتى رەسمىي باشلىنىپ كەتتى . شىنجاڭدا بۇ يېڭى شەيئى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت خادىملىرى ئاپىرىدە قىلش كېرەك ئىدى. بۇ ئىشقائاپتونۇم رايۇنىلۇق مەدەنىيەت نازارىتى كونكىرىت مەسئۇل بولدى، 1956 - يىلى ئۈرۈمچى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە كىنو ئارتىسلىرىنى يېتشتۇرۇپ، تەربىيلەش سىنىپى ئېچىلىپ ،بىر تۈركۈم سەنئەتكارلار بۇ سىنىپقا ئۇقۇشقا كىردى ،ئايشەم كېرەممۇ بۇ قىممەتلىك پۇرسەتكە ئېرىشىپ ، ئۇزىنىڭ كەسپى ماھارىتىنى ئۆستۇرۇشكە،كەلگۈسى ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن يول ئېچىشقا پۇختا ئاساس سالدى .سەنئەت ئىشلىرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ،ئۇ كۆپلىگەن دراما ،ئوپېرلاردا باش رول ۋە ئاساسلىق رول ئېلىپ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قازاندى.

    ئايشەم كېرىم 50 - يىللاردىن تارتىپ 1980 - يىلغىچە ئىلگىر- كېيىن بۇلوپ «غۇنچەم» درامىسىدا غۇنچەم، كېيىنكى مەزگىلدە شۇ ناملىق درامىدا زومىگەر پومېشچىك ئۇمەر شاڭيۇنىڭ ھازازۇل خوتۇنى شەرۋانىغان ،«غىرىپ - سەنەم » ئوپېراسىدا دەسلەپكى ۋاقىتلىردا سەنەم ، كېيىنكى مەزگىلدە غېرىپنىڭ ئانىسى مېھرىبانۇ، «ئارشىن- مال ئالان» ئوپېرسىدا باش پېرسوناژ گۈلچېھرە، «يالقۇنتاغ غەزىپى» ئوپېراسىدا دەسلەپكى باش قەھىرىمان،قۇزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى ئەمەتنىڭ سۈيگونى ئايىمگول،« قىزىل بايراق لەپىلدىمىكتە» درامىسىدا خەلچىغان، «كۈرەش يولى» ئوپېراسىدا ئانا ،خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۇرۇپ ئوينىغان ئوپېرا «قىزىل چىراق» دا موماي قاتارلىق كۆپلىگەن پېرسوناژلارنىڭ رولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇنداپ كۆپ قېتىم مۇكاپاتلاندى.

    ئايشەم كېرىم 1958 - يىلى يولدىشىنىڭ خىزمىتىنىڭ بېيجىڭغا يۆتكىلىشى بىلەن بېيجىڭغا يۆتكىلىپ بېرىپ مەركىزى مىللەتلەر ناخشا -ئۇسسۇل ئىشلەپ، ئاتاقلىق ناخشىچى ۋاڭ كۈندىن ناخشا ئېيتىش ماھارىتىنى ئۆگەندى.

1959 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيسى رەسمىي قۇرلۇپ ، تۈنجى بولۇپ ،شاڭخەي كىنو سىتودىيسى بىلەب بىرلىشىپ ،« بوستانلىقتا تەنتەنە» ناملىق ھېكايە فىلىمنى ئىشلەش تەييارلىقىنى باشلۋەتتى . بۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىق مەرىكىسىگە ئاتىغان سوۋغا ئىدى . بۇ فىلىمنىڭ ئارتىسلىرنى ،بۇلۇپمۇ باش رۇلدىكى ئارتىسلارنى تاللاش تولىمۇ ئىنچكە،جاپالىق خىزمەت ئىدى. فىلىمنىڭ رېژسسورى ۋە خىزمەتچىلىرى ئاپتونوم رايۇنىمىزدا نۇرغۇن ئارتىسلارنى تاللاپ باقتى. ئەڭ ئاخىردا باشقىلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن،شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ،تىياتىرچىلىقى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۇنگەن.شۇ ۋاقىتتا بېيجىڭدا ئىشلاۋاتقان ئايشەم كېرىم بۇ كىنۇنىڭ ئايال باش قەھىرىمان ئايىمخان مۇدىرنىڭ رولىنى ئېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات دەپ بېكىتىلدى ۋە مۇشۇ فىلىم ئىشلەش ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىندى ،بۇ ئايشەم كېرىمنىڭ تۇنجى ئېكران قەدىمى بولۇپ ،ئۇنىڭ كېيىنكى ئېكران ھاياتى ئۈچۈن داغدام يول ئىچىپ بەردى .

     ئايشەم كېرىم « بوستانلىقتا تەنتەنە»نىڭ سېنارىيسىنى قۇلغا ئالغاندىن كېيىن بۇ سېنارىيىنى تەكرا -تەكرا ئۇقۇپ ،ئايىمخان ئۇبرازىنى چۇڭقۇر تەھلىل قىلدى . ئۇ تۇرپانغا تۇرمۇش ئۆگىنىش بارغان پۇرسەتتىن پايدىلىنپ، ئايىمخانىڭ ئەسىلي پروتوتىينى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى . ئايىمخانىڭ مىجەز -خۇلۇقىنى ، ئىچكى ھېسسىياتىنى يارقىن يارىتىپ بېرىش يولدا ھارماي- تالماي ئىزدەندى ۋەئاخىرى جاسارەتلىك،باتۇر ، قەيسەر ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ تىپىك ۋەكلى ئايىمخاننىڭ شانلىق ئوبرازىنى ئېكراند نامايەن قىلىپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى . ئۇنىڭ نامى مەملىكەت ئىچى سىرتىغا تونۇلدى . ئۇ قەيەرگە بارسا خەلق ئۇنى يېقىملىق ھالدا « ئايىمخان » دەپ چاقىردىغان ،ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن ئېكران ئوبرازى يارىتىش ماھارىتىگە ئاپىرىن ئېيتىدىغان بولدى . بۇ فىلىم تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ قويۇقلىقى ،بەدىئىيلىكىنىك يۇقىرىلىقى ،ۋەقەلىكلىرىنىڭ چىنلىقى ،ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنى ۋايىغا يەتكەنلىكىنى بىلەن ئەينى يىللاردا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جاي -جايلىرنى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ ،ھازىرغىچە كېشلەرنىڭ ئىغېزدىن چۇشمەي كەلمەكتە. ئايشەم كېرىم شۇنىڭدندىن كېيىن يەنە «يىراقتىكى ئۇچقۇنلار»فىلىمدە( 1962 - يىلى ) ئۇينالغان « تاھىر -زۆھرە » ئوپېرسىدا كېنىزەك ،1964 - يىلىدىكى « قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن»ناملىق ھېكايە فىلىمدە كوپىراتسىيە مۇدىرى قاسىمنىڭ ئايالى ،«نەسىردىن ئەپەندىم» فىلىمدە ياغاچچىنىڭ ئايالى ، خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرگەن ئوپېرا «قىزىل چىراق» دا لى يۈخېنىڭ ئانىسى لى مۇماي ، «رەنانىڭ توي» فىلىمدە رەنانىڭ ئانىسى ئامىنە كېرىم،«ئۈچ ياش » ناملىق تېلېۋزىيە تىياتىردا ئامىنە ، « تاش ئۇستىدە ئېچىلغان گۈل» دە ئاق كۈڭۈل يېزا ئايالى ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ كىشلەر قەلبىدەئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرۇپ ،ئىسىم-جىسمىغا مۇناسىپ خەلق قەلبىدىكى ئارتىس بولۇپ قالدى .

    ئايشەم كېرىم تارىخىتا مىسلى كۆرۈلمىگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » دا تۈرلۈك بەتناملارغا قىلىپ ، « شيۇجىڭجۇيىچىلارنىڭ تەشۋىقاتچىسى» ، « تارىخى ئەكسىل ئىنقلابچىنىڭ ئايالى» ، «قارا يىپ »دەپ بىگۇناە قارىلىنپ ئاز بولمغان رىيازەتلەرنى چەككەن. دىلى قاتتىق ئازار يېدى . سە ھنە ھاياتىدىن بىر مەزگىل تۇختاپ قالدى . لېكىن ئۇ ئىرادىسىدىن يانماي ، قىلچە ئۈمىدسىزلەنمەي ،داۋاملىق ھالدا سەنئەتكە ئائىت ئەسەرلەرنى ئۇگىنىپ ،سە ھنە ھاياتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ناچار بولۇشىغا قارىماي يەنە داۋاملىق ھالدا دراما ئۇيناشقا قاتنىشىپ ،سە ھنە ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى .

    ئايشەم كېرىم 1980 - يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن مۇقام تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا يۆتكىلىپ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قېزەش ، رەتلەش ، تەتقىق قىلىش ۋە ئېتىش پائالىيەتلىرگە قاتناشتى ، 12 مۇقامنىڭ ئىچىدىكى سەككىز مۇقامنى تۇلۇق ئۇگىنىپ ئىگىلىۋالدى ، «مۇشاۋىرەك »، چەبىيات » ، « راك » ، قاتارلىق سەككىز مۇقامنى لېنتىغا ئېلىش ، ئۇرۇنداش ۋە سەھنىلەشتۈرۈشنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەپ ،جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى . ئۇ مۇقام تەتقىقاتى ئۈچۈن زور تۆھپە قۇشۇپلار قالماي ، يەنە مۇقام ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۇش ، تەربىيىلەش جەھەتتىمۇ يۈرەك قېنىنى ئايىماي سەرىپ قىلدى . ئايشەم كېرىم دراما،كىنو ئوپېرالاردا رول ئالالايدىغان ،ناخشا- ئۇسسۇل بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان ئۇنىۋېرسال ئالاھىدىلىككە كۆپ ئىقدارلىق ماھىر ئارتىس بولۇپ ، ھايات ۋاقىتىدا ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى خەلق قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىلى ، ئاپتونوم سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ كىنو چىلىقى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغانىدى. ئۇ ھايات ۋاىتىدا پارتىيىنى ،ۋەتەننى ، خەلقنى ،مىللىتىنى ،سەنئەتنى قىزغىن سۆيەتتى ، كېچىك پېئىل ،كەمتەر ،ئاق كۆڭۈل،سەمىمىي ،چىقىشقاق ،ئۈمىدۋار ئىدى. ئۇ ئۇزى ياراتقان كۆپلىگەن ئېكران،سەھنە ئوبرازلىرى بىلەن خەلق ئارىسدا ئەبەدىي ياشىغۇسى !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-6 00:51  


bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 32
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 23:51:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                            ئىسكەندەر سەيپۇللا
                                                    iskandar-1.png

     ئاتاقلىق كومپوزىتور ئىسكەندەر سەيپۇللا، 1935- يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا سەنئەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان. 21 يېشىدا شىئەندىكى غەربى شىمال سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇزىكا فاكولتىتىغا ئوقۇشقا بارغان. ئۇ شىئەن، بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، موسكۋالاردا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەشنا يۈرەكلىرىگە خۇشاللىق بەخىش ئەتكەن. ئۇنىڭ دراما، ئوپېرا، كىنو-تېلېۋېزىيە ئۈچۈن ئىشلىگەن مۇزىكىلىرى ۋە خەلق ئاغىزىدىكى ناخشىلىرى مېڭدىن ئاشىدۇ. بۇ ھارماس ئىجاتكار 2006- يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۈرۈمچىدە 71 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ «قەھرىمان ئىشچى»، «زەپ چىرايلىق كەلدى باھار»، «باغ سەيلىسى»، «كۈرەش يوللىرى»، «مېھرىم بولسۇن ھەمراھىڭ»، «بەختىيار ئەۋلاد»، «ياڭرات»، «ئورما ناخشام»، «گۈلگە تولسۇن سەھرايىڭ»، «ئوقۇغۇچى مارشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-6 23:52  


bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 32
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 00:02:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                       غىياسىدىن بارات
                                       giyasidin barat-1.png

     ئورۇنلاشتىكى ئۆزگىچىلىكى، تەمبۇر، دۇتار قاتارلىق چالغۇلارنى چېلىشتىكى يۇقىرى ماھارىتى ۋە مۇزىكا ئىجادىيىتى جەھەتتىكى تۆھپىسى بىلەن نامى خەلقىمىزگە تونۇش بولۇپ كەتكەن ئاتاقلىق كومپوزىتور، مۇقامشۇناس غىياسىدىن بارات، 1936- يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇ كىچىكىدىلا خەلق ئارىسىدىكى سەنئەتكارلار بىلەن ئۇچراشقان بولغاچقا،بالىلىقىدىن باشلاپلا ئۇنىڭ قەلبىدە  سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق بىخ سۈرۈشكە باشلىغان.
غىياسىدىن بارات 1943 -يىلدىن -1947يىلغىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇش داۋامىدا سەنئەت پائالىيەتلىرىگە پائال ئىشتىراك قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مىللىي ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشىگە تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بەرگەچكە، ئىلى ۋادىسىدا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللەپ-ياشناش ۋەزىيىتى شەكىللىنىدۇ. غىياسىدىن بۇنداق قاينام -تاشقىنلىققا تولغان مۇھىتتا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ناخشىلىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ ھەمدە خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ تەسىرى ۋە يېتەكچىلىكىدە قاتتىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق، ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى بىمالال ئېيتالايدىغان سەۋىيەگە يىتىپ، خەلق ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، -1950 يىلى ئىلى ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنىپ،ناخشىچى ۋە سازەندە بولۇپ ئىشلەيدۇ.
      غىياسىدىن بارات بىر سەنئەتچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ناخشا ئېيتىش، ساز چىلىشلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، سەنئەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجادىي ئەمگەك سىڭدىرگەندىلا ئاندىن،ئۇنى بېيىتقىلى بولىدىغانلىغىنى ھېس قىلىدۇ ۋە بۇ مەقسەتكە يىتىشتە ئون ئىككى مۇقام ۋە خەلق ناخشىلىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ -تەتقىق قىلىش لازىملىقىنى چۈشىنىدۇ.ئۇ ناملىق تۇنجى ئەسىرى «ياشلىق چېغىمدا»ناملىق لەپەرنىڭ ئاھاڭىنى ئىجاد قىلىپ،ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كېلىدۇ.
غىياسىدىن بارات سەنئەت ۋە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشتا پۇختا نەزەرىيىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن،  ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق – 1954يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سەنئەت كۇرسىغا ئوقۇشقا كېلىپ، بىر يىل بىلىم ئاشۇرغاندىن كېيىن، 1955-يىلدىن 1957- يىلغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئىشلەيدۇ،بۇ جەرياندا ئۇ «گۈلزارىم ئامان»، «گۇل قىسقان مېنىڭ يارىم»،«سالام دەڭلار»  قاتارلىق ناخشىلارنىڭ ئاھاڭىنى ئىجاد قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىجادىي ئىزدىنىشى تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، يەنىمۇ بېيىشقا ۋە يەنىمۇ رەڭمۇ-رەڭ تۈس ئېلىشقا باشلايدۇ.بىر خىل مەزمۇن، بىر خىل دائىرىدىن ھالقىپ چىقىپ خەلقنىڭ تەلەپ-ئارزۇسىغا، دەۋر روھىغا مۇناسىپ يېڭى -يېڭى ناخشىلارنى ئىجاد قىلىشقا تەلپۈنىدۇ. ئۇ يەنە،– 1966 يىلغىچە بولغان ئارلىقتا «كەلدىم يېزام قوينۇڭغا»، «دوستلۇق»، «گۈزەل ۋەتەن»، «كاككۇك ئۈنى» «خاڭچىلار قوشىقى»، «ئىلى دەريا بويلىرى»، «ئاتقاندا تاڭ» قاتارلىق ئوتتۇزغا يېقىن ناخشىنىڭ ئاھاڭىنى ئىشلەپ، ئېلان قىلىدۇ. «كۈرەش يولى» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق ئوپېرالارنىڭ مۇزىكا ۋە ناخشىلىرىنى ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ «جان ئانا»، «بەختىنى تاپقان ئىلى»، «ھۆر ۋەتەن»، «قاينام ئۆركىشى»، «مەنىلىك ئۆتسۇن ھايات» قاتارلىق ناخشا-مۇزىكىلىرى ئىجادىيەت جەھەتتىكى يېڭى نەتىجىلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ناخشا-مۇزىكىلار قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە بولغانلىقى بىلەن جامائەتچىلىك ئىچىدە زور تەسىر قوزغايدۇ.
      كومپوزىتور غىياسىدىن بارات ،ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيتىدىكى تۆھپىلىرى بىلەنلا ئەمەس،بەلكى سوقما يەنى،تارلىق سازلار تىپىدىكى دۇتار، تەمبۇر، راۋاب قاتارلىق چالغۇلار ۋە قىللىق سازلاردىن ئىسكىرىپكا، ساتار بىلەن ئۆز ئالدىغا نەغمە قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى جەلپ قىلىدۇ ۋە كۆڭۈللەرگە ئارام بەخش ئېتىدۇ. ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئويۇن قويۇش جەريانىدا،ئۆز ماھارىتى بىلەن زور شۆھرەت قازىنىدۇ. چەت ئەل سەھنىلىرىدە تالانلىق مۇزىكانت مەرھۇم ئابلا ھامۇتنىڭ دۇتارنى تەڭكەش قىلىشى بىلەن تەمبۇردا ئۇيغۇر خەلق ناخشا-مۇزىكىلرىدىن «ئەجەم» «سابا مەرغۇلى»، «ئاسمىنىڭدا ئاي بارمۇ؟» قاتارلىق ئاھاڭلارنى ئورۇنلاپ، چەت ئەل تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ ماھىر سازەندە ھۈسەنجان جامىنىڭ تەمبۇرىغا دۇتارنى تەڭكەش قىلىپ «مۇشاۋىرەك» مۇقامىنىڭ بىرىنچى داستان مەرغۇلى،«رۇخسارىنىڭ بىرىنچى داستان مەرغۇلى»، «راك مۇقامىنىڭ ئۈچىنچى داستان مەرغۇلى» قاتارلىق خەلق مۇزىكىلىرىنىمۇ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلايدۇ.
     غىياسىدىن باراتنى ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنلاشتا ناھايىتى يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، «ئەۋرىشىم»دەك قىيىن ناخشىنى ئۇنىڭدەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغانلار كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئۆلگىسى سۈپىتىدە،مۇقام نەغمىلىرىنى خېلى پىششىق ئۆزلەشتۈرگەن. 1980 -يىللاردا ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە يەنە بىر قېتىم بۆسۈش ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭ «ئانا مېھرى»ناملىق ئىجادىيىتى ئۇيغۇر ناخشىچىلىىمىزدا ئالاھىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپلا قالماي، ئاتاقلىق ناخشىچىمىز پاشا ئىشاننىڭ ئىجراسى بىلەن چەت ئەل سەھنىلەردىمۇ زور شۆھرەت قازىنىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىر مۇنچە ئىجادىيەتلىرى ئامما ئارىسىغا كەڭ تارقىلىپ، خەلق ناخشىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن. غىياسىدىن باراتنىڭ سەنئەت ھاياتىدا بىر مۇنچە ئىجادىيەتلىرى،مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرەك ۋە ناخشا قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرىدە 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك كومپوزىتور غىياسىدىن بارات جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئون ئىككى مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 00:05  


bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 32
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 22:14:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پاشا ئىشان
Paxa ixan-1.png



   ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشان، 1940 - يىلى 11 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ دادىسىدىن كىچىك يىتىم قالغاچقا ئانىسىنىڭ قولىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان.ئۇنىڭ ئانىسى ناخشا - مۇزىكىغا ھېرىسمەن ئايال بولۇپ، پاشا ئىشاننىڭ ئاتاقلىق ناخشىچى بولۇپ چىقىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.
1955-يىلى ئەمدىلا 15 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان پاشا ئىشان، پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن، 117 دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىرى ئىشتىراك قىلغان 5 - نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار فىستىۋالىغا قاتنىشىپ، ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئۇسلۇبىدا ئىجاد قىلىنغان «ئازاد زامان»، «ئانا ئارزۇسى»، «ۋەتىنىم» قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنداپ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، ۋەتەنگە زور شان-شەرەپ كەلتۈردى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، نامى تېخىمۇ چىقىشقا باشلىدى. ھەر قېتىملىق ئويۇندا ئۇ سەھنىگە چىقسىلا تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى توختىمايتتى. 1957 - يىلى ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئويۇن قويۇش ئۆمىكى تەركىبىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق 6 رىسپوبلىكىسىنى ئايلىنىپ ئويۇن قويۇش جەريانىدا ئىلى خەلق ناخشىلىرىدىن «ۋەتىنىم»، « سېغىنىپ كەلدىم»، «يار سېنىڭ دەردىڭ» قاتارلىقلارنى ئورۇنداپ، چەت ئەللىك دوستلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى، ھەمدە شۇ يىلى بېيجىڭغا بېرىپ تۇنجى قېتىم رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى. 1961-يىلى جۇ ئىنلەي زۇڭلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە،ھەر مىللەت سەنئەتكارلىرى بىلەن ھىندونېزىيە، بېرما، نېپال، ئىران قاتارلىق 4 دۆلەتكە زىيارەتكە بېرىپ، «ئازاد زامان»، «مودەنخان»، «سېغىنىپ كەلدىم» قاتارلىق يېقىملىق ناخشىلىرى ئارقىلىق شۇ يەردىكى تاماشىبىنلار ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
   ئۇ ئۆزىنىڭ 50 يىلدىن ئارتۇق سەھنە ھاياتىدا ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ، «ئازاد زامان»، «ئەجەم مۇقامى»، «ۋەتەنگە مەدھىيە»،«جانەي»، «يار سىنىڭ دەردىڭ»، «دوستۇمغا»، «گۈلزارەي»، «ئامان بولسۇن»، «قىز قوشىقى»، «تاغ سۇلىرى»، «ئانا مېھرى »، «ھارۋىكەش ناخشىسى»، «بۇلبۇل»، «دەردىڭ يامان» قاتارلىق ئاز بولمىغان ناخشىلارنى ئورۇنداپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى سانسىزلىغان خەلققە زور مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلىدى. بولۇپمۇ 1980 - يىلىدىن كىيىن،ئۇنىڭ ئاشۇ كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆلمەس ناخشىلىرى خەلقىمىز تەرىپىدىن تېخىمۇ ئەتىۋارلىنىپ ۋە قەدىرلىنىپ، سەنئەت خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق بولۇپ قالدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-15 22:16  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش