ئىگىسى: bagyar

بىر قىسىم سەنئەتكارلىرىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1185
تۆھپە : 32
توردا: 348
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 22:40:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                    ئايتىللا قاسىم

Aytilla kasim-1.png

    ئايتىللا قاسىم، 1940- يىلى 5- ئايدا كۇچا ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1952- يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە ئۇسۇلچىلىققا قۇبۇل قىلىنغان. 1955- يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكەلگەن. 1959- يىلى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ياشلار فېىستىۋالىدا «ئۈزۈم ئۈزۈش ئۇسۇلى» نى ئويناپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. بۇ ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ خەلىقئارا مۇسابىقىدە 2- قېتىم ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئىدى. ئۇ 1961- يىلى جوڭگو شەرق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا،جۇئېنلەي زۇڭلىنىڭ تەكلىپى بىلەن «جۇڭگو شەرق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى»گە يۆتكەلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئايتىللا خانىم مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا «تىيانشاندا باھار»، «مېھمان كۈتۈش»، «پادىچى قىز»، «باغ سەيلىسى»، «داپ ئۇسۇلى»، «قوغۇنچىلىق ئۇسۇلى» قاتارلىق ئۇسسۇللارنى ئوينىغاندىن باشقا، پاكىستاننىڭ «كاداك»، ھېندىستاننىڭ «پورۇدۇ ئۇسۇلى»، «توپ ئويناش ئۇسۇلى»، نېپالنىڭ «بەش پىرىنسىپقا مەدھىيە»، ھىندۇنېزىيىنىڭ «ئەزىمەت يىگىت»، سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ «مۇشاۋىرەك»، «شوخ قىز»، مىسىرنىڭ «توقۇمىچى قىز»، «يۇقىرى مىسىرلىق قىز»، ئالجىرىيەنىڭ «سەھرايى كەبىر چەۋەندازى»، مىكسىكىنىڭ «ئىككى كىشلىك ئۇسۇل»، ئارگىنتىنانىڭ «يايلاقتىكى بايرام» قاتارلىق ئۇسۇللىرىنى ئويناپ، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسى قىتئەلىرىدىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا جۇڭگونىڭ سەنئەت ئەلچىسى بولۇپ بېرىپ، ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان.
   ئايتىللا قاسىم مۇنتىزىم كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولىسمۇ، لېكىن ئەمەلىي ئۆگىنىش، مەشىق قىلىش، مەملىكەتلىك ۋە دۇنياۋىي سەھنىلەردە يالغۇز كىشلىك ئۇسۇل ئويناش داۋامىدا، پىشىپ يىتىلگەن ئاتاقلىق ئۇسۇل سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بىرى.
    جۇئېنلەي زۇڭلى ئايتىللا قاسىم قاتارلىقلارنى «سىلەر ئەلچىلىرىمىز قىلالمىغان ئىشلارنى قىلدىڭىلا، رەھمەت سىلەرگە!» دېگەن. مۇئاۋىن زۇڭلى، مارشال چېن يى پەخىرلەنگەن ھالدا ئۇنى «بىزنىڭ ئۇسۇلچىمىز!» دېگەن. شاڭگاڭدا كىشىلەر ئايتىللانى، چاۋشىيەن مىللىتىدىن چىققان ئۇسۇلچى سۇي مېيشەننى ۋە مۇڭغۇل مىللىتىدىن چىققان ئۇسۇلچى مودېگېمانى «شەرقتىكى ئۈچ تەۋەرۈك» دەپ ئاتىغان.
ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى 1966- يىلىدىن 1976-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا 10 يىل توختاپ قالغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىشەنچىسى يەنلا تولۇپ تاشقان ئىدى. ئۇ 1976-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ يەنە قايتا سەھنىگە چىقىپ، سەنئەتنىڭ سېھرى كۈچىنى تېخىمۇ نامايەن قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ 1994-يىلىغىچە، ئۇ جۇڭگو شەرق ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسۇل ئارتىسى ۋە سەنئەت يىتەكچىسى سۈپىتىدە ئامېرىكا، تايلاند، سىنگاپور، مىسىر، ئالجىرىيە،سۇدان، پاكىستان، سىرلانكا، مالى، نىپال، زىمبابۇۋى، ئانگۇلا، چاۋشىيەن، گېرمانىيە، فىنلاندىيە ۋە شىياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا باردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ مەملىكەتلىك پائالىيەتلەرگە، جۈملىدىن، شىزاڭ مەدەنىيەت يىغىنى، جەنۇبىي جۇڭگودىكى زاۋۇت، كان-كارخانا ۋە ھەربىي قىسىملار ئارىسىغا بېرىپ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى، « قەلىبداشلار» سەنئەت ئۆمىكى تەركىبىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ ئويۇن قويۇشقا قاتناشتى ھەمدە ئاقسۇ، كۇچا، ئاۋات، ئونسۇ قاتارلىق جايلاردا يەتتە مەيدان مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، كەڭ خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ 1984- يىلى 10- ئايدا مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى سېستىمىسى بويىچە«مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخىس»بولۇپ باھالىنىپ، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى. ھەمدە خەلىقئارادا نۇرغۇن ياخشى ناملارغا ئېرىشتى.
ئۇ يەنە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ،مەملىكەتلىك 3-، 5-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومتىتىنىڭ ئەزاسى، سىياسى كېڭەش مەملىكەتلىك 6-، 7-، ۋە 8-نۆۋەتلىك كومتىتىنىڭ ئەزاسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتىپاقى مەملىكەتلىك 9-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئۇسۇلچىلار جەمئىيتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت فوندى جەمئىيتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسۇلچىلىرى ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو دۇنخۇاڭ، تۇرپان ئىلمىي جەمئىيتى ئۇسۇل ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ئىجتىمائى ۋەزىپىلەرئۆتىدى. مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا نەچچە ئون خىل گېزىت-ژۇرناللاردا ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە سۈرەتلىرى تۇنۇشتۇرۇلدى، نام-شەرىپى «جۇڭگو بۈيۈك ئېنىسكلوپېدىيەسى» قاتارلىق ئون نەچچە خىل مەشھۇر شەخىسلەر قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-15 22:43  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش