يولۋاسخان ئاكا
مەملىكەتلىك ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تېياتىرچىلار جەمئىيتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك تېياتىرچىلار جەمئىيتىنىڭ سابىق رەئىسى، دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك كومېدىيە ئارتىسى، ئەل سۆيگەن سەنئەت چولپىنى، ئۇستاز رېژىسور يولۋاسخان ئىمىن،1921- يىلى 5- ئايدا قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزا،پوستەكچى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1939- يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،1945- يىلىغىچە قورچاق 6- يېڭدا ئەسكەر بولغان.1946-يىلىدىن 1949- يىلىغىچە گومىنداڭ تۈرمىسىدە ياتقان. ئازادلىق تېڭى ئاتقاندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبول قىلىنىپ، سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. 1950- يىلىدىن باشلاپ «زۇلۇمغا زاۋال»، «ئېچىنىشلىق مۇڭلار»، «دولقۇنلۇق كۈچ»، «غېرىپ-سەنەم»، «ئەجداد بەگ»، «يېمىرىلگەن قۇللۇق»، «رابىئە سەئىدىن»، «تاڭ بىلەن تەڭلىك»، «باي ۋە مالاي»، «غۇنچەم»، «گۈلنىسا»، «يالقۇنتاغ غەزىپى»، « ئاۋغۇست بورانلىرى»، «توي مارشى»، «مۇقام ئۇستازى»... قاتارلىق 40 قا يېقىن چوڭ تىپتىكى ئوپېرا ۋە دارامىلاردا ئاساسلىق سەلبى روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويناپ چىقىپ، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا كۆپلىگەن دىراما ۋە ئوپىرالارنىڭ رېژىسورلۇقىنى قىلغان. «ھېيىت باقى، مەمەت باقى»، «بىر مۇتىھەمنى كۆرۈرمەن»، «تەخسىكەش»، «دوستۇم سېيىت»، «نۇرەك نوچى»، «ئاشپۇزۇلدا»، «مەيدەمنى ياقاي مۇزغا»، «قارا يورغام»، «نەزەر موپتى»، «ساتتارۇپ»، «ئاخۇنۇم چۈشەندى»، قاتارلىق ئېيتىشىش ۋە قىزىقارلىق نومۇرلارنى، «دوپپىڭىزنىڭ گۈلىمەن»، «ئالمىخان» قاتارلىق لەپەر ۋە ئەلنەغمە نۇمۇرلىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، ئۆزىنىڭ يۇمۇرىستىك خاراكېتىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئۇ 1953- يىلى مارشال خې لۇڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئامېرىكىغا قارىشى تۇرۇپ، چاۋشىيەنگە ياردەم بېرىش، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىملىرىدىن ھال سوراش ئۆمىكى تەركىبىدە چاۋشىيەن ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىملىرى ۋە چاۋشىيەن خەلق ئارمىيەسىگە ھال سوراش ئويۇنى قويغان. يولۋاسخاننىڭ بەدىئىي تالانتىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن بىر چاۋشىيەن ئوفېستىرى ئۆزىگە مۇكاپات بېرىلگەن «2- دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانى» مېدالىنى شەرەپ بىلەن ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان. تەشكىل ئۇنىڭ تىياتىر ۋە ئەلنەغمە ساھەسىدە ئالاھىدە تالانتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى 1959-يىلى ئاپتونوم رايۇنلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكىگەن، ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، يولۋاسخان ئاكا«نازىركۇم»، «غوجالدىرۋاق»، «باھار»... قاتارلىق لەپەر ۋە ئەلنەغمە نومۇرلىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. كېيىن ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا-تياتىر ئۆمىكىگە ئالمىشىپ، 1973- يىلىغا قەدەر بۇ ئۆمەكتە ئىشلىگەن، بۇ جەرياندا ئۇ، «26- ئاۋغۇسىت ھارپىسىدا»، «يالقۇنتاغ غەزىپى»، «ئاۋغۇسىت بوۋانلىرى»... قاتارلىق كۆپلىگەن دارامىلاردا ئاساسلىق سەلبى روللارنى ئالغاندىن باشقا،«ئۈچ ياش»، «نەسىردىن ئەپەندى»، «باغ»... قاتارلىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىمۇ ئاساسلىق سەلبى روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ چىقىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ سالامەتلىك سەۋەبى بىلەن 1973- يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ئۆمەكنىڭ تىياتىر ۋە ئەلنەغمە ئىشلىرىدا رېژىسورلۇق ۋە مەسلىھەتچىلىك ئىشلىرىنى ئىشلىگەندىن باشقا، بۇ ئۆمەك ئوينىغان تىياتىرلاردا ئاساسلىق سەلبى روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ چىققان.
يولۋاسخان ئاكىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى، 1957- يىلدىن تارتىپلا ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا تونۇشتۇرۇلغان. 1981-يىلى بېيجىڭ تىل ئىنىستىتۇتى نەشر قىلغان،مەملىكەت بويىچە مەشھۇر سەنئەت مۇتەخەسىسلىرى تونۇشتۇرۇلغان «جۇڭگو ھازىرقى زامان سەنئەتچىلىرى» قامۇسىغا، 1993- يىلى بېيجىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان،«جۇڭگو ھازىرقى زامان سەنئەت ساھەسىدىكى ئاتاغلىق ئەربابلار» توپلىمىغا، 1994- يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىر قىلغان «جۇڭگودىكى ئاتاغلىق سەنئەتكارلار» لۇغىتىگە، «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئاتاغلىق سەنئەتكارلار» لۇغىتىگە ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك تەزكىرە ئىشخانىسى تۈزۈپ نەشىر قىلغان،«قەشقەر يىلنامىسى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن.
يولۋاسخان ئىمىن ئاكا، 1995- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش كومتېتى تەرىپىدىن،شىنجاڭنىڭ 40 يىللىق قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا تۆھپە قوشقۇچىلارغا بېرىلىدىغان «ئالتۇن مېدال» بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ،جۈملىدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان، شۇڭا ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت تەرىپىدىن كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان.بىر قانچە قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ماۋزىدۇڭ، جۇئىنلەي، لىيۇ شاۋچى، جۇدى قاتارلىقلارنىڭ سەمىمىي قوبول قىلىشىغا نائىل بولغان.
ئۇ، 1986-يىلى پېنسىيگە چىققان بولسىمۇ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ، جۈملىدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئىشلەپ، 2005- يىلى6- ئاينىڭ 10-كۈنى 84 يېشىداۋاپات بولغان .
زىكىرى ئەلپەتتا
ئاتاقلىق مۇزىكانت زىكرى ئەلپەتتاھ، 1915-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى خەلق ناخشا- مۇزىكىلىرىغا ئىشتىياق باغلاپ، ساز ۋە ناخشا - ئۇسسۇل ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكەن، كېيىنچە ئاتاقلىق پىشىۋالاردىن ھەسەن تەمبۇر، ھۈسەيىن تەمبۇر، روزى تەمبۇر قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق خاس ئۇسلۇبقا ئىگە ناخشىچى، سازەندە بولۇپ يېتىلگەن. ئۇ«قانلىق داغ»،«باي ۋە مالاي »، «غېرىب – سەنەم» ، «پەرھات – شېرىن» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاساسلىق روللارغا چىقىپ، رول ئېلىشتىكى ماھىرلىقى، ناخشا ئېيتقاندىكى ئاۋازىنىڭ ياڭراقلىقى بىلەن تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىلىرى، بولۇپمۇ خەلق داستانى ئاساسىدا سەھنىلەشتۈرۈلگەن «غېرىب – سەنەم» ئوپېراسىغا مۇقام ئۇسلۇبى ئاساسىدا ئىجاد قىلىپ قوشقان «ئاغچى ئانا»، «نەچچە ۋاقتىن ئاھئۇرۇپ»، « تەسەددۇقۇڭ بولاي ئاغچى ئانىجان»، «قۇربانىڭىز بولاي ئاي يۈزلۈك سەنەم» قاتارلىق ناخشىلاردا ئالاھىدە گەۋدىلىنىپلا قالماي، مەزكۇر ئوپېرانى بەدىئىيلىك جەھەتتە يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرگەن. ئۇ «غېرىب – سەنەم» ئوپېراسىغا ئىشلىگەن ئاھاڭلىرىنى ئاساس قىلىپ، بىر مۇقەددىمە، بىر تەزە، ئالتە داستان- مەرغۇللۇق «رۇخسارى مۇقامى» نى ئىجاد قىلغان. بۇ مۇقام مېلودىيىسىنىڭ ئىنتايىن نەپىسلىكى، مۇقامغا خاس پۇراققا تويۇنغانلىقى، شۇنداقلا داستان - مەرغۇللىرىنىڭ شوخ - ئويناق، جۇشقۇنلىقى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا تېز ئومۇملىشىپ، ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.
مۇساجان روزى مۇساجان روزى 1924-يىلى غۇلجا شەھىرىدە نەغمىچى ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئەجدادى قەشقەر، يەركەنتلەردە ئۇستا سازەندىلەر ئىدى،كېيىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئىلىغا كۆچۈپ چىققان، مۇساجان ئىلىدا ئوقۇپ، دەسلەپ ئارمىيگە قاتنىشىپ تارباغاتاي، دۆربىلجىن قاتارلىق جايلاردا ئىشلىگەن،كېيىن غەربىي شىمال سەنئەت ئىنستىتۇتى ھەم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن. ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى، 12 مۇقامنى ئۆگەنگەن. دۇتار، تەمبۇر، غېجەك، راۋاب ، نەي قاتارلىق چالغۇلارنىڭ تۇنجى دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. دۇتار، تەمبۇرنى ئىسلاھ قىلىپ ماقالە يازغان. رايونىمىزدا «مىللىي مۇزىكا ئىسلاھاتىنى باھالاش-مۇكاپاتلاش يىغىنى» دا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ،«دۇتار پىرى» دېگەن نامغا ئىگە. ئۇ ئىلى ناخشىلىرى ۋە باشقا بىر قىسىم ناخشىلارنى دۇتاردا ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالىدۇ.ئۇ يەنە مۇقاملار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە نۇرغۇنلىغان سەنئەتچىلەرنى تەربىيىلىگەن. ئۇنىڭ «ئەل ئۈچۈن كۆيسەڭ سۆيەي»، «شۇنچىمۇ»، «قالدى ئىز»، «سازچىمەن- سازەندىمەن»، «سايرىدى خۇشال بۇلبۇل» ۋە باشقا بىر يۈرۈش ئىجادىي ئاھاڭلىرى خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان.
شىرئەلى ھاشىم
خەلق سەنئەتكارى شىرئەلى ھاشىم، 1928-يىلى قەشقەردە داۋاز ھاشىم ھاجى ئائىلىسىدە توغۇلغان. ناھىيە، ۋىلايەت، ئاپتونۇم رايونلۇق سەنئەت ئۆمەكلىرىدە ئىشلەپ، جاپا-مۇشەقەتلەر ئالدىدا بوشاشماي، ئىزچىل تىرىشىپ، ئىجادىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى شىنجاڭ غېجەك كەسپىنىنىڭ سۆيۈملۈك ئۇستازى بولۇپ يېتىشكەن.ئۇ 1974- يىلى تۇرسۇنجان ئىجاد قىلغان خۇشتار سازىنى تىغا كىرگۈزگەن. 1996- يىلى ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئادالەيىت شەھرىدە دۇنيادىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە «ئازاد ئۆلكەم»، «جانانىم توي»، «ئويغان دېھقانلا»، «سېغىنىپ كەلدىم» قاتارلىق ناخشا-مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-5 22:57
|