سەمەندەر شېئىرلىرىدىن
سەمەندەر دەپ باشلانغان ئىسمىم
سىرتتا ساقلاپ ھېرىپ قالدى قار
ئېچىلمىدى سەن كۈتكەن سۈكۈت
تەپەككۈرنىڭ يېراق كەنتىدە
چېچەكلىدى سەن قالدۇرغان ئوت
سۆيگۈ ماڭا يېراق ئەپسانە
ھەم ئۇزاقتا كۆرۈنگەن ئالۋۇن
قاغجىرىغان دىل ئېگىزلىكى
چىلان تۇپراق بىز تۆلىگەن خۇن...
بۈگۈن يامغۇر ياغمايدۇ چوقۇم!
ئىششىق زەنجىرىدە باغلانغان ئىتمەن
قىزغىنىمەن سۆڭەكنى سەندىن
قانخورلىقىم ماڭا ئىرسىيەت
ۋاز كەچمەيمەن يارى ۋەتەندىن
بازغاننى ئۇر باستىم كۈرەكنى
ئوت ئىچىدە تاۋلانسۇن جىسمىم
پولات مۆھۈر چۈشسۇن قەلبىڭگە
سەمەندەر دەپ باشلانغان ئىسمىم
كۆزلىرىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار
كۆزلىرىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار
بىرمۇ-بىر ۋاراقلاپ قەلبىڭنى قات-قات
گاچىدەك سۆزلەيسەن كۆزلىرىڭ بىلەن
...قىلىچنى تەڭلىسە كۆزۈڭگە ئاپتاپ !
بەزىدە راسىت چىقار بەزىدە يالغان
زورىغا كۈلىسەن يۈرەكنى ئېزىپ
كۆزۈڭدە ساقلانغان ئېچىلمىغان كان
ئارقاڭدىن ئۇلۇغ دەرد كېلەر ئىز بېسىپ
يۈرەكنىڭ رېتىمى كۆزۈڭگە تۇتاش
كۆزلىرىڭ مۇڭلىنىپ ئاققان بىر دەريا
دەريا ئۇ بىر كىتاب سۇدا يېزىلغان
شۇ كىتابنى ئوقۇپ باققۇم بار!
كېچىنىڭ ئېنىقلىغۇچىلىرى
يارنى چىللاش ئەجەپ تەس كەلدى
ئېنىقلاندىم كېچىدە تىمتاس
سىمۋولغا يېقىن قۇرت پەسلى
تاماكا قۇسۇقنى قىپ باقتىم قىياس
ئۈستىلىم ئۈستىدە قۇرۇق ئۈزۈملەر
ۋە قېنىق دەملەنگەن قاڭسىق قارا چاي
ئەينەكتە ئۆسكىلەڭ مەجنۇن قىياپەت
بۇ ھالىم بىلەن ئاھ نەگىمۇ باراي ؟
دات باسقان دېرزە سارغايغان قۇلۇپ
(تىلىمنىڭ ئۇچىدا كۆيىدۇ بىر سۆز)
كېچىگە كىرىش سۆزيۈرەك رېتىمىم
كېچىدە يورىدى قاپقارا بىر كۆز...
چارلىدىم ئەتراپنى ساقچىغا ئوخشاش
قاراقچى كۆرۈنمەس ھېچقانداق يەردە
كىم ئۈچۈن كۈل تارتتىم كۈلداندا تەنھا ؟
يەتتە كۈن ھەجىدەتۇردۇم تۈگمەندە
بىر كىشى سىغىدۇ مېنىڭ كېچەمگە
گۈل چېلاپ ئولتۇرسام شارابقا ئاچچىق
ئېنىقلاپ چىقىمەن ئىگەمنى شۇئان
مۇھەببەت سەن ماڭا ئەجەپمۇ تاتلىق !
توقۇمىچى قىز
ئاھ،ئۆمۈچۈك توقۇمىچى قىز
توقۇيسەن بەك ئۇزۇن خىيال يىپىنى
تورۇسقا باقىمەن خىيالىم ئويغاق
مەن يالغۇز كۈتىمەن مىڭ بىر كېچىنى ...!
ئاھ،ئۆمۈچۈك توقۇمىچى قىز
مەن بارىمەن پادا باققىلى ...
ئىشقىڭنىڭ قويلىرى مەرەشمەكتە ...
ئازابنىڭ بوۋىقى تەۋرىمەكتە...
كۈنلىرىم مەنىسىز مەڭدىمەكتە
ئاھ،ئۆمۈچۈك توقۇمىچى قىز
قاچان بارىمىز ياڭاق چاققىلى ...
سامان يولىدا پادا باققىلى ...
نامەلۇم سۆيگۈ
مەن ھىچكىمنى سۆيۈپ باقمىغان
لىكىن مېنى سۆيىدۇ ھىچكىم ...
يىغلىغىلى قويۇڭلار بىردەم
مەن نېچۈنكى سۆيگۈڭگە يىتىم ؟
مېنى بىر كىم سۆيىدۇ بەلكىم
يۇشۇرۇنچە ئوتۇمدا كۆيۈپ ...
مەن ھىچكىمنىڭ ئوتىدا بىراق
نىشانىمنى قوغلايمەن ئۆلۈپ...!
ئىچىمنىڭ تالاسى
كېچىدە ئادەممەن كۈندۈزدە ھىچكىم
ئىچىمنىڭ تالاسى ھەسرەتلىك كېچە
ئىچىمنىڭ ئىچىنى زۇلمەت دەپ ئاتاپ
سازاڭدەك قاچىمەن قاراڭغۇ يەرگە...
ئىشىك ئۇ بىر ئازاب ئېچىلدى قاندەك
كارۋات ئۇ بىر بۆشۈك تەۋرەتكەن مېنى
كىتاب ئۇ كۆڭۈلگە بارىدىغان يول
مەغرۇر رەت قىلدىم سەندىن باشقىنى
تالاغا چىقىمەن كىرىمەن ئۆيگە ...!
ئۆتىدۇ كۈنلىرىم ئاشۇ تەرىزدە
قىلىچنى كېسىمەن باشلىرىم بىلەن
سەپىرىڭ قاياققا مەندىن ئۆزۈمگە...!
گۈزەللىك قارىشىم
بارىمەن مەكتەپنىڭ يوللىرى تامان
ئالدىمدا ئاقساپراق ماڭىدۇ بىر قىز
گۈل سۈپەت جانانلار كۆرسىتىپ ئۇنى
مەسخىرە ئوقلىرى ياغىدۇ ئەنسىز
مەن قاندا ئويلىدىم ،مۇشۇدەم شۇچاغ
تەگسىز بىر خىيالغا پاتتىمغۇ چەكسىز
مۈرىسىگە ئېسىپ ،ئاھ،ئىغىر سومكىنى
ئۈمۈدۋار روھ بىلەن چامدا ئۇقىز
بىر كۈنى شۇ قىزنى ئۇچراتتىم يەنە
بىر نەرسە يادىلار چۆكۈپ ئىچىگە
سۆيۈنۈش ئىكىدە يوللىدىم ھۆرمەت
ئۆزگىلەر قەلبىدە كۆرۈمسىز قىزچاق
تەڭداشسىز گۈزەل بوپ كىردى قەلبىمگە
كۆزۈمدە كۆرگىنىم يالغانكەن ئەسلى
ھەر نەرسە قەلبىمدە باشقىچە ئايان
گۈزەللىك قارشىسىدىن گۈزەللىك ئىزدەپ
گۈزەللىك قارىشىم ئۆزگەردى شۇئان
گۈزەللەر ئالدىمدا نازلانسا قانچە
كۆرۈمسىز كۆرۈنەر كۆزۈمگە شۇنچە
ھاياتنىڭ قارشىسىدىن ئۆزۈمنى ئىزدەپ
قەلبىمنى تىڭشىدىم ،تىڭشاپ قانغۇچە
يارىماس ئەر
كېچە بىلەن يوق ئېغىزىڭنىڭ تەمىنى تىتىيمەن .
يوق تېنىم بىلەن كېچە كارۋىتىڭغا يامىشىمەن .
ئاينى ئورغاق قىلىپ ،
ئىچىمدىكى گۇناھ بۇغدايلىرىنى ئورۇيمەن .
يۇلتۇزنى زىناخ بىلىپ ،
يۈرىكىمنى ھوۋقۇشلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا تاپشۇرىمەن .
كېچە -چېچىڭدۇر.
سېنى كاۋاك بۇلۇتلارغا ئېسىپ قويۇپ ،
يوق تاپىنىڭدىن قېنىڭنى شورايمەن.
بىر تال تاماكا مېنى چېكىپ تاشلىغاندىن كېيىن ،
يۇمشاق پاشنا تېنىمنى دەسسەپ ئۆتىدۇ ...
تومۇرۇم _قاراڭغۇ تونىلدۇر
مەن بۇيەردە پاھىشىلەرنىڭ نۇمۇسىغا تېگىدىغان.
ئۇ_ئوماق پاھىشە
ھېچكىمگە قىزلىقىنى ئالدۇرمىغان .
ئۇ_بۈڭ باراقسان قارغۇ دەرەخ
ئۇرۇقى پۈچەك .
يارىماس ئەر_ زۇلمەتتۇر .
كۆزۈڭنى يۇم ،كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل
-جالالىددىن رۇمى
بەخىت -بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشتۇر.
گۈزەللىك -گۈزەللىكىنى ھىس قىلىشتۇر.
ئەگەر سەن بەخىتنى ئىزدىسەڭ ،
ئۆزۈڭنىڭ بەخىتسىز ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىسەن.
ئەگەر سەن گۈزەللىك ئىزدىسەڭ ،
ئۆزۈڭنىڭ رەزىل ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىسەن .
ئەگەر سەن بەخىت ۋە گۈزەللىك ئارىسىدا ياشاي دېسەڭ
ئىچىڭدىكى كانلارنى قېزىپ چىقىپ ،ھىس قۇشلىرىڭنى قاراڭغۇ دەرەخكە تاپشۇر!
(كۆزۈڭنى يۇم ،كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل)
شەپەرەڭگە
ئۇ زۇلمەت بىلەن ئېغىزلانغاندىن كېيىن
چېكەتكىنىڭ چىرىلدىشىغا قولىنى ئۇزاتقاچ
كېچىدە ئويغانغۇچى خەلقتۇر
ئۇنىڭ كۆزى يوق
بىراق تۇيغۇسى يول باشلايدۇ
ئۇنىڭ ئۆيى يوق
شۇڭا(سۆزدە ئولتۇراقلىشىدۇ )
تىل دەرىخى ئاستىدا سايىداشنى خالىمىغانلىقتىن
ھېچنىمە قىلمايدۇ
كەل!قارغىش تەككۈر شەپەرەڭ
كېچە مېنى زىيارەت قىل
ئاندىن شەپەققە قاراپ ئۇزاق خىيال سۈرگەندىن كېيىن
ھېچيەرگە قاراپ ئۇچايلى !
ماڭا سۆزلىۋاتقان قۇرت
سىھرىگەرنىڭ قالپىقى ئىچىدىن چىققان ئاق توشقاننىڭ تۈكلىرى ئارىسىدىكى قۇرت يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەيدۇ
تەئەججۈپ قۇرىتىنىڭ ئويلىرىنى زۇلمەت ئۇرۇقلىرى تەستىقلايدۇ
سەن ئۆرلە!ئاق توشقاننىڭ مىڭىسى بولۇش ئۈچۈن
سەن ئۆرلە!سىھرىگەرنىڭ قالپىقى بولۇش ئۈچۈن
سەن ئۆرلە!سىھرىگەرنىڭ ئۆزى بولۇش ئۈچۈن
مانا بۇ ماڭا سۆزلىۋاتقان قۇرت .
سېنى دېدىم ھەم دېمىدىم
سېنى دېسەم
سۆز ئورمانلىقى قارىيار
سېنى دېمىسەم
قۇرغاقچىلىق يۈز بېرەر
شۇڭىلاشقا
سېنى دېدىم ھەم دېمىدىم ...
زاھىد
تەشۋىش قۇشى قۇچۇشنى ئويلىسا
ئاسمان كۆتۈرەلمەس قاناتلىرىمنى
روھ قۇشى قۇچۇشنى ئويلىسا
قاناتلىرىم جەنۇپقا سەپەر قىلار
ئىككى قانىتىمدىن ئايرىلدىم
قۇش يۈرىكى ـــ سەپىرىم
ئەمدى نە سەپەر ، نە قانات بولسۇن!