تاگورنىڭ "باغۋەن دىۋانى"دىن
6
ئۆي قۇشىلىرى قەپەستە ،ياۋا قۇشلار ئورماندا .
ئۇلار تاساددىبىي ئۇچرىشىپ قالدى ،بۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى .
"سۆيۈملىكىم ،بىز ئورمانغا قاراپ ئۇچايلى "دەپ توۋلارئەرك قۇشى .
قەپەستىكى قۇش پەس ئاۋازدا ،"ماڭا كەل ،بىز قەپەستە بىللە تۇرايلى "دەيدۇ .
ئەرك قۇشى ،"قەپەس ئۇ پەرۋاز قىلىدىغان يەرمۇ ؟"دەپ سورايدۇ .
"ھەي"دەپ خۇرسىنىدۇ قەپەستىكى قۇش ،"كۆكنىڭ قەيىرىدە قونغىدەك يەر بارلىقىنى مەن راستىلا بىلمەيمەن ."
ئەرك قۇشى ،"سۆيۈملىكىم،ئورمان ناخشىسى ئىيىتىپ بەر "دەيدۇ .
قەپەستىكى قۇش ،"سەن مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇر، مەن ساڭا ئۈگىتەي "دەپ جاۋاب بېرەر .
ئورمان قۇشى ئۈنلۈك ئاۋازدا،"ياق،ياق ،ناخشا دېگەن ھەرگىز ئۈگۈتىدىغان نەرسە ئەمەس "دەيدۇ .
قەپەستىكى قۇش "مەن بەك بىچارە ،مەن ئورماندىكى ناخشىنى چۈشەنمەيمەن "دەر.
ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئارزۇ سەۋەبلىك بەك قىزغىن ،ھالبۇكى ئۇلار مەڭگۈ پەرۋاز قىلىشتىن مەھرۇم .
ئۇلار تۆمۈر رىشاتكىدىن ئۆز-ئارا قارىشىدۇ ،بىراق ئۇلارنىڭ چۈشىنىش ئىستىكى مۇشۇنداق ،دەرۋەقە .
ئۇلار ئىستەك ئارا قانات قېقىشىپ ،ناخشا ئىيتىدۇ ،"ماڭا يىقىن تۇر ،سۆيۈملىكىم ".
ئەرك قۇشى قەتئىيلىك بىلەن "ياق،ياق،ياق ، قەپەسنىڭ چىڭ ئېتىلگەن ئىشىكىدىن قورقىمەن "دەيدۇ .
قەپەستىكى قۇش پەس ئاۋازدا،"ھەي، قانىتىمدا ماغدۇر يوق..."دەيدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-1 15:02