كۆرۈش: 5727|ئىنكاس: 59

ئوت ئىچىدىكى سەمەندەر (32) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1676
تۆھپە : 9
توردا: 494
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 10:51:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


samandar.PNG


كىملىك بىلەن ئۆزلۈك ئارىسىدا بولىدىغان تەنھالىق مېنى تەپەككۇردىن ئىبارەت ئېزىتقۇ قەسىرگە سۈرگۈن قىلغانلىقىنى تۇيىۋاتىمەن . ئۆزۈمگە :«مەن كىم ؟»دەپ سۇئال قويغىنىمدا ئاۋۇ ئۈستىدىكى قۇرلاردىكى تەرجىمىھالىم بۇنىڭغا جاۋاب بولالمايدۇ .شۇڭا ئۇنى ئىزدەش ئۈچۈن سەپەر قىلدىم ،سۆزلەر ئارقىلىق بۇ ئىستىكىمنى قاندۇرۇپمۇ تۇردۇم . ھايات كېمەم تەپەككۇرنىڭ قاينىمىغا ئىچكىرلىگەنسېرى ،سۇئاللار كۆپىيىشكە باشلىدى .ھەمدە ماڭا ئۆزىنى ئىزدىتىدىغان نەرسە ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم ،ئۇ بۇ يەردە ئەمەس ئىدى ،ئۇ يەرگە كېتىۋاتىمەن ،كېتىۋاتقىنىمدا ئۆزۈمگە قايتىپ كەلدىم ،ئۆزۈمگە دېققەت قىلغانسېرى ،ئىچىمدە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئارلىشىپ داشقايناق بولۇپ كەتكەنلىكىنى تۇيدۇم ،كۈچۈمنىڭ بارىچە ئۇلارنى ئاجرىتىشقا باشلىدىم ،شۇئان مۇزلۇق دېرىزەمدىن زۇلمەت بىلەن روبرو كېلىشنىڭ نۇرىنى بايقىدىم .قاراڭغۇلۇقنىڭ بوشلۇقىدا ئېسىلىپ ،تېگى يوق كېچىنىڭ قاراڭغۇسىدا غەيىب بىلەن سۆيۈشتۈم .كېچىنىڭ باغچىسىدىن مەنىسىزلىكنىڭ گۈللىرىنى ئۈزۈۋالدىم .ئىچىمدىكى ئاۋۇ بوشلۇقنى مەنە ئارقىلىق تولدۇرۇش نېيىتىگە كەلدىم . ئارقا-ئارقىدىن قىممەت –قارشىمدىن گۇمانلىنىشقا ،قايتىدىن باھالاشقا باشلىدىم. سۆز بىلەن بولىدىغان تەنھالىقتا يۈرمەكتىمەن ...
توخۇلار تاڭ ئىزدەپ يەر چوقۇلىماقتا (لوركا)دېمەك،مەن مەنە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋىتىپتىمەن.دېمىسىمۇ ، «مەنىسىز دۇنياغا مەنە ئاتا قىلىش ئۈچۈن كەلدۇق»ئەمەسمۇ!


ئابدۇكېرىم داۋۇت سەمەندەر،1991-يىلى 4-ئاينىڭ17-كۈنى گۇما ناھىيسىنىڭ زاڭگۇي يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى ئۆز يېزىسىدا  ، تولۇق ئوتتۇرىنى خوتەن ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە تاماملىغان.2011-يىلى خۈەينەن پېداگوكىكا ئىنىستوتىغا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ، ھازىر
نىڭشىيادا تەييارلىق ئوقۇۋاتىدۇ . ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى «جوڭگۇ مىللەتلىرى » ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان. ئابدۇكېرىم ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى ژانېرلىرىدا ئۈزلۈكسىز ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۈمىدلىك ھەۋەسكار بولۇپ بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە نۇسرەت تىلەپ يېقىندا يازغان ئەسەرلىرىدىن نەمۇنىلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

ـــــ مەسئۇل مۇھەررىردىن



20-نومۇرلۇق ئورۇندۇق

(ھېكايە)


ماشىنا سوقۇشۇپ كەتتى ،مەن بىردىن-بىر يولۇچى سۈپىتىدە ئامان قالغان ئىدىم .بىراق ئىككى شوپۇر گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كۈلىۋاتاتتى ...قوللىرى قىزىل بويالغان بىر مۇنچە رىمۇنىتچى مېنى بالىلار ياتىدىغان كارۋاتلىق ماشىنىغا سېلىپ قويدى ،بۇ بىز ساياھەتكە چىقىپ بىر يىل بولاي دېگەندە يۈز بەرگەن ۋەقە ئىدى ...نېمە دېگەن كۆپ يولۇچى !؟بالام،ئارقىدىكى ئورۇنغا ئۆتۈپ ئولتۇرغىنە ،ئۇكاڭنى قىستاپ قويۇپسەن !
21 -نومۇرلۇق ئورۇندۇق مېنىڭ ئورنۇم ئىدى،سۈرۈلۈپ-سۈرۈلۈپ يەنە قەيەرگە بارارمەن ؟بۇ ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ تاشلانسامچۇ ؟بۈگۈن مەن 21-نومۇرلۇق ئورۇننىڭ بىلىتىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپتىمەن ،ئەتە22-ئورۇندا ئولتۇرىشىمىنى ياكى يولۇچىلىق سالاھىتىمىنڭ ئېلىپ تاشلىنىشىنى بىلمەيمەن ...
20-نومۇرلۇق ئورۇندا بىر قىز ئولتۇرىدۇ .مەن نېمىشقا ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئالالمايدىغاندىمەن ؟ئۇنى بىر كىم قايسى بىر بىكەتتە ساقلاپ تۇرغانمىدۇ ؟ياق-ياق.چۈشۈپ قالسىچۇ؟جۆيلىمەي ئولتۇر ،ئېغىزىڭغا تاش،ئۇ ھەرگىز چۈشۈپ قالمايدۇ ...ئۇيقۇم كەلمىدى ...جۈرئەتلىك بول كالۋا! نېمە دەيسەن ساراڭ ؟سەنمۇ قىز دوستۇڭ ئالدىدا تېلفۇندەك دۇت...دۇت...دۇت...قىلىپ تۇرۇپ، يەنە ماڭا ئەقىل كۆرسىتىۋاتامسەن ؟مېنىڭ دېگىنىمدەك قىل .سەن كىم ؟بۇنى سورىما ،دېگىنىمدەك قىل.چوقۇم...دېگىنە،مەن قانداق قىلاي؟!ئۇ ئويغانغان ھامان گەپ قىل ،ئۆز مەۋجۇتلىقىڭنى ئىسپاتلا،ئۇ تۈنۈگۈن سېنى كۆردى .سېنىڭ نۇر چاقناپ تۇرغان كۆزۈڭنى ،يەنە سېنىڭ ئاچ بۆرىدەك ئۆزىدىن كۆز ئۈزمەي قېتىپ قالغانلىقىڭنى كۆرۈپ يۈرىكى ئىختىيارسىز ئېغىپ كەتتى .ئۇ چۈشىدە قورقۇنۇچلۇق نەرسىلەرنى كۆردى ئېھتىمال ،قار!ئۇنىڭ چىرايىنىڭ قانداق تۈسكە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆردۇڭ ،چىراينى پۈرۈشتۈرىشى ،بىچارە قىياپەت...ئۇ ھازىرلا ئويغۇنۇپ كېتىدۇ .سەن ئەمدى باتۇر ۋە يۇمۇرىستىك خاراكتىرىڭنى ئىشقا سال ،چۈنكى بىزدە بىر گەپ بار :سۇنى سەپ سىڭەر يەرگە ،گەپنى قىل ئۆتەر يەرگە .كۈچنى كېرەكلىك يەرگە سېلىش كېرەك، شۇنداقمۇ ؟قولۇڭدىكى ئالمىنى ئاقلاپ ئۇنىڭغا سۇن .سەن زادى كىم ؟نېمىشقا سېنىڭ دېگىنىڭدەك قىلغۇدەكەن ؟سەن ئاللاقاچان ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭ .يوق گەپنى قىلما .بارخانلاردەك كۆتۈرلۈپ ياتقان كۆكسىگە،سۈتتەك ئاق ئىشتىھانى ئاچىدىغان يوتىلىرىغا قاراپ خىيالغا چۆمگىنىڭچۇ؟سەن!بەك ئەسكى ئىكەنسەن .كېچە قاراڭغۇلىقىدىن پايدىلىنىپ يەلكىسىگە يۇلتۇزلاردەك چېچىلىپ ياتقان چاچلىرىنى سىلاپ ،پۇرىغىنڭچۇ؟شەپەقتەك لەۋلىرىگە سۆيىۋىلىشنى ئارزۇ قىلغىنڭچۇ؟تەن ئالمىساڭ پۇشايمان قىلىسەن.ئۇ سېنى ساقلاۋاتىدۇ ،تېز ئېغىز ئاچ ،يا ماتاڭ يەۋالغانمىدىڭ ؟مەنمۇ بىلمەيمەن مۇشۇ قىزلارنىڭ ئالدىغا كەلسەم ۋىتىلداق ئېغىزىم جىمىپلا قالىدۇ دېسە!تېز بول!ياق،قورقمەن .ئەمسە خەت يېزىپ باق.ئالمىسىچۇ؟ئالىدۇ بىراق ...ھەەەە نېمە بىراق ؟بۇ ئۆزۈڭگە باغلىق.ئەجەپ گومۇشكەنسەن ،مەن گەپ باشلاپ بېرەي ي ي،سەنمۇ...
ياخشىمۇ سىز؟كېيىمىڭىز بەك يارىشىپتۇ ،بەك گۈزەلكەنسىز،ئىسمىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟رەھمەت!ئىسمىم م م م گۈل.گەپ قىلمايسەنغۇ ؟مەن باشلاپ بەردىم ئەنە.بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالدى .ھا...ھا...ھا...دېمىدىممۇ؟سەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپسەن دەپ .رەت قىلىسا ئەلەم بولمىسۇن دەيمەنائەمدى .چېكىنىش يولۇڭنى ئويلاۋاتامسەن ،دېمەي تۇرۇپ نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭ ،ئەخمەق. تەسىرلەنگۈدەك ئىش قىل ،ئاياللار ھىسياتقا مايىل كېلىدۇ ،ئۇمۇ بۇرۇن بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ باققان ،ئازابلىنىپ قانچە ئۇيقىسىز كېچىلەرنى ئۆتكۈزگەن ،شۇڭا ئۇ چۈشىنىدۇ ،پەقەت ئۇنى ئالدىمىساڭلا بولدى ...ئۈمىد بارما؟بار دېسەڭ بار ،يوق دېسەڭ يوق ،ئۆزۈڭگە باغلىق!سىناپ باقاي ...
قى ز چ ا ق ياخشىمۇ س س ىز؟ھەي!ئوۋچى دېگەن ئوۋ ئالدىدا كېسەل مىلتىقتەك دۇدۇقلىماسلىقى كېرەك ،ئۇقتۇڭمۇ ؟بولمىسا ئۇ سېنى يارىماس دەپ ئويلاپ قالمىسۇن ...سىز قەيەرلىك؟ياخشى ،مازاردىن .قەيەرگە ماڭدىڭىز؟سىزنى ئىزدەپ.چاقچاقچى ئىكەنسىز.ئۆزىڭىز قەيەرگە ماڭدىڭىز؟رول ئالغىلى.ئارتىسمۇ سىز؟شۇنداق،تانسا بىلەمسىز؟ئۇقمايمەن،ئۆگىتىپ قويارسىز؟كېلىڭ ئەمسە...مەن...مەن...نېمانچە قىزلاردەك نازلىنىسىز ،نېمە گەپ بولسا ئوچۇق دەۋىرىڭ .سىز بەك ياخشى ئىكەنسىز،ئەمىلىيەتتە،مەن سىزنى ياخشى... قىزكەن دەپ ئويلىدىم.توغرا ئويلاپسىز ،قىزلارنىڭ يامىنى يوق.ئۇغۇ شۇۇۇۇ،بىراق ق ق ق...ئويلىنىپ باقاي،خاتىرجەم بولۇڭ، ياخشى جاۋاب بېرىمەن .
قانداق، مۇھەببەت بىر ناخشا بولىدىغان بولسا گاچىلارمۇ غىڭشىپ كېتەركەن ،سەن گاچىنى ناتىق قىلغان يەردە!دوسىتلۇققا يارايدىكەنسەن -جۇمۇ؟بىراق سەن كىم ؟سەن قانداق قىلماقچى ؟ئۇنىڭ بىلەن توي قىلامسەن؟ بۇنى ئويلاپ باقمىدىم ،ئۇ ماقۇل دېگەن ھامان ئۇنى سۆيۈپ قويىمەن ،ياخشى گەپلەر بىلەن ئۇنى مايدەك ئىرىتىپ ...قورۇپ يەۋىتىدىغان ئوخشىمامسەن ؟پەس گەپ قىل ئۇ ئاڭلاپ قالمىسۇن،ئۆتۈنۈپ قالاي!ھە راسىت،بايام ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئوينىغاندا چاندۇرماي كاسىسىنى سىلىۋالدىم ،ھەي ...كاساپەت،ئاپەتكەنغۇ!قار كۆزلىرىڭنىڭ بۆرىنىڭكىدەك بوپ كەتكىنىنى،سەن ئۇنىڭ قەيىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭ؟كۆزىنى ،ئۇنىڭ كۆزى بەك خۇمارلىق ئىكەن ،تۇماردەكلا مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى ،قارىساملا تۇيغۇلىرىم ئويغىنىپ كېتىدۇ،ھەي...ھەي...
گۈل ساڭا گەپ قىلىۋاتىدۇ .ئىسمىڭىز نېمە ؟ئىنتىزار.ئۈزۈك بارمۇ ؟نېمە قىلىسىز؟بارمىقىمغا ئۈزۈك سېلىپ قويۇڭ ،بىز مۇھەببەتلىشەيلى ...توي قىلامدۇق ؟ئۇنى ۋاقىتقا قويۇپ بېرەيلى...ھە مۇنداق دەڭ!
قانچىلىك يۈردىڭلار؟بىر ئاي .نېمە سەۋەبدىن ئايرىلىپ كەتتىڭلار؟ئاتا-ئانىسى قىزىنى يېراق يەرگە بەرمىگۈدەك (ئۇ شۇنداق دېدى )ھەر ھالدا ئۇ سەندىن يېراقنى ئويلاپتۇ ...ئەمەلىيەتتىمۇ مەن توي قىلىشنى چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان .قانداق ئايرىلدىڭلار؟مەن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان ھەممە نەرسەمنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى ،دوستلۇق ئۈچۈن بولسىمۇ ئېلىپ قېلىڭ دېسەم ئۇنىماي قويدى، بەك غۇرۇرۇمغا تېگىپتىكەن ،ئاچچىقىمدا يېنىمدا تۇرغا ئەخلەت ساندۇقىغا كەينىچە ئېتىۋىتىپ ،بەخىتلىك بولۇڭ ،دەپ قويۇپ يېنپ كىردىم .ئازابلاندىڭمۇ ؟ھەئە ،ئازابلىنىپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتمامدىم
قارا!گۈل ل ل،ئاۋۇۇۇ، ھۇ بۇزۇق،رەسۋا!يەنە كەشىنى ئالماشتۇرۇپتىدە؟كۈندەشلىك قىلىۋاتامسەن ؟ئۇنداق ئادەم ئايرىلىپ كەتمىسەڭ بولمامدۇ؟! ئۇ ئايىغى چىقمايدىغان ئىش دېگەن تۇرسا !خەپ ،ئۇنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن ھارامتاماقنىڭ تىلىنى كېسىۋەتمەيدىغان بولسام ...ئوبدان قارا ،ئۇ سېنىڭ دوستۇڭ ئارمانغۇ ؟يوقالسۇن ئۇ دوسىت-پوسىت دېگەن گەپ ،ھۇ خائىن ،ھايۋان ...قانداق قىلماقچى سەن ؟ئۆلتۈرۋىتىمەن ،ئەتە ئۇنى ھاراققا تەكىلىپ قىلىپ راسا ئۆزىنى جۆڭشىيەلىمگۈدەك بولغاندا ...ماشىنىدىن ئىتتىرىۋىتىمەن .ماشىنىغا چىقامسىلەر ؟بىر ماشىنىدىغۇ ؟!سوغۇقتا مۇزلاپ ياكى ماشىنا بېسىپ مىڭىسىنىڭ قىتىقىنى چىقارغانغا قاراپ راسا كۈلىمەن .ئاھ!بەك رەزىل ئىكەنسەن ،جاھاندا سەندەكمۇ ئادەم بىلەن دوسىت بوپتىمەن ،باشقا ئادەم چىقمىغاندەك !ئىشىڭنى قىل !سەن ھازىر مېنىڭ روھى -ھالىتىمى چۈشىنەمتىڭ ؟يوقال!بىر گەپ، ئۇ يەنىلاسېنى ...ئويلىنىپ ئىش قىل ،بولمىسا سەن دوستۇڭدىن قىساس ئالساڭ بەك نامەرتلىك بولۇپ قالىدۇ...بىراق ئۇ ئامالسىز ،ئاتا-ئانىنى رازى قىلماق زۆرۈر ،ئاتا-ئانىلارنىڭ بىز ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلى ئالدىدا سىلەرنىڭ بۇنچىلىك قۇربانلىق بېرىشىڭلار ھىچقانچە ئىش ئەمەس ...بىراق يەنە بىر ئىش ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق ،بولسىمۇ ناھايىتى ئاز!
راسىت، ئاتا-ئانام بەك جاپا چەكتى .ئۇلار بىزنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كەچتى ، ئانام ...بىچارە ئانام ...ھۆ...ھۆ...ھۆ...بولدى كۆڭلۈڭنى بۇزما .مەن ئائىلەڭنىڭ بەخىتسىزلىكىنى بىلىمەن ،ئاناڭ بىر كۆزىدىن ئايرىلدى ،داداڭ ئاغرىقچان ،سەن ئۇلاردىن ئەنسىرەيسەن ،مەن تېخى ئاناڭنىڭ كۆزىنى ئوپراتسىيە قىلىۋاتقاندا ئاناڭغا يازغان خەتنى ئوقۇغان .كەچۈر،مەن ئوغىرلىقچە ئوقۇغان. سەن بالىلىق بۇرچۇڭنى باشقا ئاكا-ھەدىلىرىڭدىن كۆپ يۈدۈدۈڭ ،مەن بىلىمەن ،ئاللا كۆرۈپ تۇردى ،سەن ئاناڭغا بىر كۆزۈڭنى بەرمەك...چى ..سەن ئۇلارنىڭ جاپاسىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن مېھرىبان بىر قىزنى ئىزدىدىڭ ،بار ،گۈل دەل شۇنداق قىز ،ئۇ يەنىلا سېنى ياخشى كۆرىدۇ ...بىراق ئۇ بەك ناچاركەن .قانداق؟ ماقۇل دېگەن بولسا ئېلىپ قاچاتتىم .خۇشال -خۇرام ياشايىتتۇق.كاللاڭ بەك ئاددىي ئىكەن ،ئېلىپ قېچىپلا ئىش پۇتەمدۇ ؟سەن نېمىشقىمۇ گۈلنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغانسەن ،ئۇنىڭ ھالى سەندىنمۇ خاراب...ھا...ھا...ھا...ئۇ سېنىڭ ئىستىقبالىڭنى ئويلاپ شۇ يالغاننى توقۇپ چىققاننى ئويلاپ باققان بولمىغىيدىڭ ؟بىراق ئەمدى ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالما،سەن بىر چاغدا ،كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىركىشىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق مېنى تىنىمسىز بىر نەرسىگە تەقەززا قىلىدۇ ،ئۇ بولسىمۇ -ئۆگىنىش .شۇڭاچۇ،سەن ياخشى ئوقۇپ ئۇنى بەخىتلىك قىل ،ئۇ سېنى ساقلايدۇ...ئەمدى دەپ بەر ،سەن زادى كىم ؟مەن ئىككى يۈرەك ئارىسىدىكى ھاڭغا قويۇلغان كۆۋرۈك.سەن چۈش كۆرىۋاتىسەن ،20-نومۇرلۇق ئورۇندۇق سېنىڭ خىيالىڭدا توقۇپ چىققان شىرىن گۇڭگىلىق،ئەمىليەتتە،بۇ سەندە نەچچە يىللار ئىلگىرى قوزغالغان كېسەل ،سېنىڭ جىنسى ھورمۇنۇڭ ئېشىپ كېتىپتۇ ،شۇڭا خىيالىي ئاياللارنى ياساپ چىقتىڭ ،مەن ساڭا ياردەمدە بولدۇم . چۈش ...چۈشۈڭ دېدىڭما؟مەن كارۋاتتىن بىر ئىغىناپ پەسكە چۈشۇپ كېتىپ ئىككى تال قوۋۇرغامغا دەزكېتىپ دوختۇرخانا كېرىپ قالدىم .
ئاھ،20-نومۇرلۇق كېسەل كارۋىتى .ئاۋۇ قىز بولامدىكەن ؟ئۇنىڭ گەپلىرى راسىت چىقىۋاتاتتى .مەن ئۇنى چۈشتىن كېيىنگىچە كۈتتۈم ،ئۇ ئاخرى تاماق قاچىسىدا ئاچىسىغا تاماق ئېلىپ كەلدى .ئاچىسى :تىتىپ بېقىڭ،سىڭلىم قىلغان بۇنى ،دەپ سىڭلىسىدىن سۇنۇپ بەردى ،قوللىرىدىن قاچىنى ئېلىۋىتىپ ئۇنىڭ نىپىز لەۋلىرىگە قاراپ بىردىنلا لېۋىمنى گەز باغلاپ كەتتى ،كۆزىگە تىكلىپ قارىغان ئوخشايمەن ،ئۇ تاماقنى قولۇمدىن ئېلىپ شىرەگە تاققىدە قويغاندا ئۆزۈمگە كەلدىم .باشقىلار كۈلۈشۈپ كەتتى،ئۇ بولسا ئاچىسىنىڭ يېنىدا تىرنىقىنى كوچىلاپ ئولتۇرۇپ پات-پات ئۈركۈپ قاراپ قوياتتى .مەنمۇ ئۇنىڭغا قارىسام ئاغرىقىم چىقىپ كەتكەندەك يىنىكلەپ قالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم ...
ئۇ بۈگۈن ئاخشام مۇشۇ يەردە يېتىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ .ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ ؟ئۇ يېنىڭدىكى20-نومۇرلۇق كارۋاتتا ياتىدۇ .ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ ؟ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇنى ئەتە ياتاققا ئالىدىكەن ،ئۇ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ دەك،ئۇزۇن بوپتۇ .ياق!بوش توۋلا،باشقىلار ساراڭ ئوخشايدۇ دەپ قالمىسۇن يەنە.ئىشەن ،بىر خەۋەر بار ئۇنىڭغا بۆرەك تەقدىم قىلىدىغانلار چىقماپتۇ ،تۇغقانلىرىنىڭ تىپى ئوخشاش چىقماپتۇ .سەن...نېمە كارىم.ئاچكۆزدەك قارايتتىڭغۇ يېگۈدەك خۇددى.ھىم .يېقىن كېلە،بولمىسا مەن ئەتە تەكشۈرۈتۈپ باقاي ،بىراق ھىچكىم ئۇقمىسۇن .
ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولماپتۇدەك ،ئۇ...ئەتە بالنىسىتتىن چىقامسەن ؟ھەئە .
نېمىگە تاماكا چېكىسەن ؟سەن نېمىشقا چەكمەيسەن ،سەۋەبى ئوخشاش.بۇنداق قىلما ،ئۈمىدۋار بول.ئىشىڭنى قىل ،مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن ،ياشىغىم يوق .ئاھ،ئۆلۈم قايدىسەن ؟!
مەن تەتۈر ھامىلە ئىدىم ،شۇڭلاشقا ھايات نامىلىق تاۋكادا ئاتقان ئوشۇقۇم داۋام تەتۈر ...

ئەگەر باسسا يەلكەڭنى ھەر تەرەپتىن غەم
چوقچىلايدۇ بۇرۇنقى ئوتلارى زىقچا
ئەقلى ياتار ئادەمنىڭ داڭگال قۇچاقلاپ
ئۇندا تارتسا ئات ئۆلەر بۇندا ھەم ھارۋا...



كاتىپنىڭ ئۆلۈمى

(ھېكايە)


  قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ھەسەن ئەپەندىگە كاتىپ بولۇپ كىرگىنىم ئىسىمدە يوق،ئېھتىمالىم باشلانغۇچنى پۈتتۈرەي دېگەن ۋاقتىمغا توغرا كەلسە كېرەك .بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم ئاتام ئەتىدىن باشلاپ مەكتەپكە بارمىساممۇ بولىدىغانلىقىنى ئىيتتى.مەن نېمە ئۈچۈنلىكىنى سوراپ يۈرمىدىم .شۇنداق قىلىپ ئۆيدە بىر –ئىككى كۈن ئوينىغان ،مەھەللىلەرنى ئارىلاپ كۆندۈرۈلمىگەن تايچاقتەك چاپقان بولدۇم               بىر كۈنى ئاتام قولۇمدىن سۆيۈپ يات بىرئىشىككە  باشلاپ باردى .ئىشىكتىن كىرىشىمگە ئەڭ ئاۋۋال قەغەز ۋە سىياھنىڭ پۇرىقىنى پۇرىدىم .ئاندىن جاھازىلارغا تېزىلغان ماتېرىياللارغا كۆزۈم چۈشتى .ھەيرانلىقىم شۇ بولدىكى ،ئاتام مېنى سالاپەتلىك بىر تاغىغا تاپشۇرۇپ كەتتى .قىلغان ئىشى شۇ بولدىكى ،يۈزۈمگە يېنىشلاپ سۆيدى .ئاندىن ھىلىقى تاغا بىلەن كۆز بېقىشىپ ئىپادە قىلىشتى .قارىغاندا بۇلارھېكايەمنىڭ خاتىمىسىنى يېزىپ بولغاندەك،مەن ئەمدى بىر-بىرلەپ بۇ سىرنى چېكىنمە بايان قىلىدىغاندەك تۇراتتىم.شۇڭا ،يا ئاتامدىن يا سالاپەتلىك تاغىدىن بىر نېمە سورىمىدىم .              
ئاتام شۇ كەتكەنچە مېنى يوقلىغىلى كەلمىدى .     
سالاپەتلىك تاغا بىردەم جىجىت تۇرغاندىن كېيىن ئۆزنىڭ ئىسمىنىڭ سالاپەتلىك ھەسەن ئەپەندى ئىكەنلىكىنى ئىيتتى .ئاندىن بىرەيلەنگە بۇيرۇق قىلىپ ماڭا ئورۇن راسلاپ بېرىشنى ۋە ماڭا سەل تۇرۇپ ئۆزىدىن ماتېرىيال ئېلىۋىلىشنى جىكىلىدى .ھۇجرامغا كىردىم ،بۇ ئوپچە ياتاقتەك تۇراتتى .نەچچە بالا بارلىقىغا دېققەت قىلغۇم كەلمىدى .قارىسام ھەممىسى بىر خىل ئالدىراش ماڭا قاراشقا خوشى يوقتەك قىلاتتى. يېتىپمۇ ،ئولتۇرۇپمۇ بىر نەرسە يازاتتى .قوللىرى سىياھلار بىلەن بويۇلۇپ بوياقچىغا ئوخشاپ قىلىشقاندى.ھەتتا بىر ئىككىسىنىڭ يۈزىدە سىياھ دېغى تۇراتتى .ھەتتا بىرسىنىڭ قىزلارنىڭكىدەك يۇمران ئېغىزىنىڭ ئۈستىگە بۇرۇتتەك سىياھ دېغىغىمۇ ھېچكىم دېققەت قىلمايىتتى.كېيىن بىلدىمكى ،مەنمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي شۇنداق بولۇپ قىلىش خەۋىپىم بار ئىدى .بىراق سالاپەتلىك ئەپەندىنىڭ كاتىپى بولۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ئۇقمايىتتىم.                 
بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئارقا ھويلىدىكى گەمىنى كۆرۈپ قالدىم .ئادەتتە بىزنى ئارقا ھويلىغا ئۆتكۈزمەيىتتى.مەن گەمە ئىشىكىنىڭ يۇچۇقىدىن ئىچىگە نەزەر تاشلاپ دەھشەت بىر مەنزىرىنى كۆردۈم.ئۇنىڭ ئىچىدە ساقاللىرى ئالا-پۇلىماچ سىياھلار بىلەن بويالغان قىرىلار تۇراتتى ،ئۇلارمۇ خۇددى ھىلىقى ياشلارغا ئوخشاشلا ئىشلەيىتتى.كۆزلىرى ئىششىپ كەتكەن ،ئەينەك تاقىۋالغان ،بەللىرى ئېگىلگەن ...ھەتتا قېتىپ قالغانلارنىڭمۇ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.                             
ئارىدىن خىلى ۋاقىت ئۆتتى بولغاي ،بىلمەيمەن .بۇيەردە سائەت يوق ئىدى .بىراق بىر نەرسىلا سائەتكە قاراپ ئىشقا سالاتتى .بىز ھەممىمىز سالاپەتلىك ئەپەندىنىڭ كاتىپلىرى ئىدۇق .ئۇنىڭ يازىدىغان ،رەتلەيدىغان ماتېرىياللىرى شۇنچىلىك كۆپ ئىدى .توغرا،مەن مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ،نۇرىمان مۇئەللىمنىڭ كاتىپى ئىدىم .خېتىم شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدى .بىراق نېمىشقىكىن تاپشۇرۇقنى ئون قېتىم قايتا ئىشلىگىنىم ئېسىمدە ؛يەنە تەنتەربىيە دەرىسىدە ئۇزۇنغا يۈگىرەشتە قائىدە بويىچە يۈگىرسەممۇ جازالانغانلىقىم ،بىرىنچى بولۇپ كېلىپمۇ نەتىجەم 59.9 بولغانلىقى ئېسىمدە ؛يەنە چوڭ يىللىقتىكى بىرسىدىن تاياق يەپ ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىم ئېسىمدە .                     
چوڭ بىر زالدا ئەتىدىن كەچكىچە ئالدىراش يۈرىمىز ،بىرسىمىزنىڭ ئىشى بىلەن يەنە بىرسىمىزنىڭ كارى بولمايدۇ ،خۇددى«ئىت –مۈشۈكلىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ ،ئۆلگىچە باردى-كەلدى قىلماسلىق »قا ئوخشاپ قالاتتى .كېىم –كىچەكلىرىمىز،يۈز-قوللىرىمىز سىياھ بىلەن بويالغان ،بۇ يەردە ئەينەك يوق ئىدى .شۇنداق بولغاندا ھېچكىمنىڭ يۈزىنى يۇيۇشقا ھاجىتى چۈشمەيىتتى .كەچتە ياتاققا قايتاتتۇق .ياتاقمۇ چوڭ زالدەك ئالدىراش كۆرىنىدۇ .ماتېرىيال رەتلەيمىز ،بىر نەرسە يازىمىز .خۇدا ھەققى ،بۇ يەردە بىركېچە ئۇخلاپ باققىنىمنى بىلمەيمەن .كېيىن پەرەز قىلىشىمچە،بۇ يەردىكى كاتىپلارنىڭ ھەممىسى مەندەك خېتى چىرايلىق بالىلارنى ئىزدەپ تېپىپ ،كۈندە مۇشۇنداق ماتېرىيال رەتلەش ،بىر نەسە يېزىشقا سېلىشقا ئېلىپ كېلىنىدىكەن  .مەن تۇنجى كىرگەن كۈنى سالاپەتلىك ئەپەندى بىر توپ ماتېرىيال ۋە يېزىشقا بىرنەرسە بەرگەن شۇنى ھازىرغىچە قولۇمدىن چىقارمىدىم ،قايتا ئىشلەيمەن .مەن ھازىر چوڭ ئىشخانىدىن كۆچۈپ چىقىپ ئارقا ھويلىدىكى گەمىدە ئىشلەيدىغان بولدۇم .كۆزۈم تورلىشىدىغان بولۇپ قالدى ،راسىت گەپنى دېسەم ،مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقمنى تازا ئۇقۇپ كەتمەيمەن .بېشمىنى ياستۇققا تىرەپ قويۇپ ماتېرىيال رەتلەۋەتىمەن ،ياستۇق دېسەم ئەمدى ئۇخلىيالايدىغان بولغان ئوخشايسەن دەپ قالماڭلار ،بۇ تاش ياستۇق .                        
مەن سىلەرگە دېسەم ئاتامنى سىغىندىم .سالاپەتلىك ئەپەندىنى سىغىندىم ،ئۇنى ئاتام قايىتىپ كەتكەن كۈنى بىر كۆرگەن شۇندىن كېيىن بۇ يەردە پەيدا بولۇپ باقمىدى .ئۇنى كۆرسەم بولاتتى .مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ كاتىپى ئىكەنلىكىمنى ئىيتاتتىم .               


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1676
تۆھپە : 9
توردا: 494
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 10:53:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمەندەرنىڭ ئىككى پارچە نەسىرى

جانانغا يېزىلغان خەت


نەپەس سەندىلىمگە ئۇرۇلىۋاتقىنى سېنىڭ ۋاقىت بازغانلىرىڭدۇر ،جانان ،سەن مېنىڭ كۆڭۈل قالقانلىرىمنى تېشىۋىتەلەيسەن ،پەقەت سەنلا مېنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرۈپ پۈتۈن جىسمىمنى كۈل قىلالايسەن .
ۋىسال لۇغىتىم سېنىڭ سۆزلۈكلىرىڭ بىلەن پۈتكەن ،شۇڭاسەندىن باشقا ھىچنىمە دېيەلمەيمەن ،جانان!
سەن مىسكىنلىكىمنىڭ بەرپاچىسى ،ئازابىمنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ...
سەن مېنىڭ كۆڭۈل قاتلىمىمدا ئۇزۇندىن بۇيان ساقلانغان ئانار ،چىڭ يۆگىسەم ئۇ بىخسىپ قالىدۇ ،ئېچىۋەتسەم مۇزلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن بۇ ۋىسالنىڭ قىش پەسلىدە .
مېنى ياشاشقا ئۈمۈدلەندۈرۋاتقان كىشىنىڭ بىر ئايال ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمدا ،ئەقىل ۋە ھىسياتتىن بىر چىمدىم توپا ئېلىپ ،كۆز يېشىم بىلەن يۇغۇرۇپ بىر ئابىدە ياساپ چىقىمەن ،ئۇ بولسىمۇ شۇ كۈندىكى ساڭا بولغان ئوتتەك مۇھەببىتىم ،جانان.
دەرەخنىڭ تۇتۇپ تۇرىدىغان يىلتىزى بار ،ئاسماننىڭ تۇتۇپ تۇرىدىغان ئاسمىنى بار ،بىراق مېنىڭ تۇتۇپ تۇرىدىغان ھېچنىمەم يوق ،بار دېگە ندە ئۇ سەن ،جانان ،مېنىڭ بىردىنبىر قىلىدىغان ئىشىم ھويلامغا ئۆلۈم ئەتىرگۈللىرىنى تېرىپ ئولتۇرۇپ ئەسلىمىلەر قوينىغا شۇڭغۇش ...
تۈن يىپلىرى بىلەن كۆزۈمنى چىڭ باغلايمەن ،ئىچىمدىكى قاراڭغۇلۇقنى بويلاپ :شاۋقۇن ئىچىدە سۈكۈتنى ،ئوت ئىچىدە سۇنى ،ھايات ئىچىدە ئۆلۈمنى ،ۋىسال ئىچىدە ھىجراننى،ئەر ئىچىدە ئايالنى ھىس قىلىمەن .سېنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ سىغىنىشنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇشلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىمەن ،تۇيۇقسىز يۆتىلىپ كېتىپ ئالقىنىمغا قاراپ كۈلۈپ كېتىمەن ،ئالقىنىم قان ئىچىدە گۈلدەك ئېچىلغان بولاتتى ،لەۋلىرىم سېنىڭ لەۋسۇرۇقىڭنىڭ رەڭگىدە بولاتتى...
مۇشۇ دەمدە ماڭا ھېچنىمە كېرەك بولمايىتتى ،چۈنكى مەن ئۆزۈمنى سەندىن قاچۇرۇشۇم ،سەندىن جىمجىت يېراقلىشىم كېرەك ئىدى .
مەن كېسىلىمنى ساڭا دېمىدىم ،چۈنكى ھىسداشلىق قىلىشىڭنى خالىمايىتتىم ،ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ شۇنداق .مەن ساڭا قاراڭغۇلىقىمنى دېمىدىم ،چۈنكى سەن تولىمۇ ئاق ،تولىمۇ سەبىي قىز ئىدىڭ .مەن ساڭا ھېچنىمە دېمىدىم ،ھەتتا سۆيىدىغانلىقىمنى .
ھېچنىمىنى كۆرگۈم يوق ،كۆرگۈم بارى-ئىچىڭدە ماڭا نىسبەتەن قاناۋاتقان ئەتىر گۈللەرنى كۆرۈش كۇپايە ،جانان!
تەن ھارۋام ئاققان كېسەلنى سۆرەپ ئاۋۇ ياققا كېتىپ بارىدۇ ،مازار يولىنى بويلاپ .جېنىم ئىسىڭدە بولسۇن ،تۇپراق بېشىمغا چىقىپ تۇر ،روھىم قورۇنۇپ قالمىسۇن ،شۇندا مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن ،جانان!


تەنھا تۇيغۇ


يالغۇزلۇقتىن (تەنھا)قورقۇش كېسىلىم تۈپەيلى مەن ساڭا يېقىنلىشىمەن ،جانان، بۇ بىزدىن بۇرۇن باشلانغان جاراھەت...شۇ سەۋەبدىن ،مەن سېنى سۆيىمەن .
تەنھالىق مېنى ئۆزسەنىمىگە دەسسىتىشتىن بۇرۇن ،ئىششىق زەنجىرىگە ئۆزۈمىنى باغلاپ ،قول سائىتىمنىڭ غالىب چېكىلدىشىنى ئەسەبىي،لەرزان ناخشىلار ۋادىسىغا تاشلاپ خائىن تاغلارنىڭ چەكسىزسۈكۈتىگە يەم قىلىمەن ،ئاندىن ،ئايرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ،سەن بىلەن توي قىلىمەن ،جانان.
مەن بارلىق نەرسىلىرىڭگە ئىرىشىشنى ئويلايمەن ،بىراق...يەنە شۇ قورقۇش كېسىلىم تۈپەيلى ،بىز بالىلىق بولىمىز ،لىكىن بىز يېقىنلىشىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ئارىمىزغا چوڭ بىر بوشلۇقنىڭ ئېچىلىپ ،بارا-بارايېراقلاپ كەتكەنلىكىمىزنى تەنھا ئولتۇرۇپ ھىس قىلماقتىمەن .


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1676
تۆھپە : 9
توردا: 494
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 11:00:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەمەندەر شېئىرلىرىدىن


سەمەندەر دەپ باشلانغان ئىسمىم


سىرتتا ساقلاپ ھېرىپ قالدى قار
ئېچىلمىدى سەن كۈتكەن سۈكۈت
تەپەككۈرنىڭ يېراق كەنتىدە
چېچەكلىدى سەن قالدۇرغان ئوت

سۆيگۈ ماڭا يېراق ئەپسانە
ھەم ئۇزاقتا كۆرۈنگەن ئالۋۇن
قاغجىرىغان دىل ئېگىزلىكى
چىلان تۇپراق بىز تۆلىگەن خۇن...
بۈگۈن يامغۇر ياغمايدۇ چوقۇم!

ئىششىق زەنجىرىدە باغلانغان ئىتمەن
قىزغىنىمەن سۆڭەكنى سەندىن
قانخورلىقىم ماڭا ئىرسىيەت
ۋاز كەچمەيمەن يارى ۋەتەندىن

بازغاننى ئۇر باستىم كۈرەكنى
ئوت ئىچىدە تاۋلانسۇن جىسمىم
پولات مۆھۈر چۈشسۇن قەلبىڭگە
سەمەندەر دەپ باشلانغان ئىسمىم


كۆزلىرىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار


كۆزلىرىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار
بىرمۇ-بىر ۋاراقلاپ قەلبىڭنى قات-قات
گاچىدەك سۆزلەيسەن كۆزلىرىڭ بىلەن
...قىلىچنى تەڭلىسە كۆزۈڭگە ئاپتاپ !

بەزىدە راسىت چىقار بەزىدە يالغان
زورىغا كۈلىسەن يۈرەكنى ئېزىپ
كۆزۈڭدە ساقلانغان ئېچىلمىغان كان
ئارقاڭدىن ئۇلۇغ دەرد كېلەر ئىز بېسىپ

يۈرەكنىڭ رېتىمى كۆزۈڭگە تۇتاش
كۆزلىرىڭ مۇڭلىنىپ ئاققان بىر دەريا
دەريا ئۇ بىر كىتاب سۇدا يېزىلغان
شۇ كىتابنى ئوقۇپ باققۇم بار!


كېچىنىڭ ئېنىقلىغۇچىلىرى


يارنى چىللاش ئەجەپ تەس كەلدى
ئېنىقلاندىم كېچىدە تىمتاس
سىمۋولغا يېقىن قۇرت پەسلى
تاماكا قۇسۇقنى قىپ باقتىم قىياس

ئۈستىلىم ئۈستىدە قۇرۇق ئۈزۈملەر
ۋە قېنىق دەملەنگەن قاڭسىق قارا چاي
ئەينەكتە ئۆسكىلەڭ مەجنۇن قىياپەت
بۇ ھالىم بىلەن ئاھ نەگىمۇ باراي ؟

دات باسقان دېرزە سارغايغان قۇلۇپ
(تىلىمنىڭ ئۇچىدا كۆيىدۇ بىر سۆز)
كېچىگە كىرىش سۆزيۈرەك رېتىمىم
كېچىدە يورىدى قاپقارا بىر كۆز...

چارلىدىم ئەتراپنى ساقچىغا ئوخشاش
قاراقچى كۆرۈنمەس ھېچقانداق يەردە
كىم ئۈچۈن كۈل تارتتىم كۈلداندا تەنھا ؟
يەتتە كۈن ھەجىدەتۇردۇم تۈگمەندە

بىر كىشى سىغىدۇ مېنىڭ كېچەمگە
گۈل چېلاپ ئولتۇرسام شارابقا ئاچچىق
ئېنىقلاپ چىقىمەن ئىگەمنى شۇئان
مۇھەببەت سەن ماڭا ئەجەپمۇ تاتلىق !


توقۇمىچى قىز


ئاھ،ئۆمۈچۈك توقۇمىچى قىز
توقۇيسەن بەك ئۇزۇن خىيال يىپىنى
تورۇسقا باقىمەن خىيالىم ئويغاق
مەن يالغۇز كۈتىمەن مىڭ بىر كېچىنى ...!
ئاھ،ئۆمۈچۈك توقۇمىچى قىز
مەن بارىمەن پادا باققىلى ...
ئىشقىڭنىڭ قويلىرى مەرەشمەكتە ...
ئازابنىڭ بوۋىقى تەۋرىمەكتە...
كۈنلىرىم مەنىسىز مەڭدىمەكتە
ئاھ،ئۆمۈچۈك توقۇمىچى قىز
قاچان بارىمىز ياڭاق چاققىلى ...
سامان يولىدا پادا باققىلى ...


نامەلۇم سۆيگۈ


مەن ھىچكىمنى سۆيۈپ باقمىغان

لىكىن مېنى سۆيىدۇ ھىچكىم ...

يىغلىغىلى قويۇڭلار بىردەم

مەن نېچۈنكى سۆيگۈڭگە يىتىم ؟

مېنى بىر كىم سۆيىدۇ بەلكىم

يۇشۇرۇنچە ئوتۇمدا كۆيۈپ ...

مەن ھىچكىمنىڭ ئوتىدا بىراق

نىشانىمنى قوغلايمەن ئۆلۈپ...!




ئىچىمنىڭ تالاسى


كېچىدە ئادەممەن كۈندۈزدە ھىچكىم
ئىچىمنىڭ تالاسى ھەسرەتلىك كېچە
ئىچىمنىڭ ئىچىنى زۇلمەت دەپ ئاتاپ
سازاڭدەك قاچىمەن قاراڭغۇ يەرگە...

ئىشىك ئۇ بىر ئازاب ئېچىلدى قاندەك
كارۋات ئۇ بىر بۆشۈك تەۋرەتكەن مېنى
كىتاب ئۇ كۆڭۈلگە بارىدىغان يول
مەغرۇر رەت قىلدىم سەندىن باشقىنى

تالاغا چىقىمەن كىرىمەن ئۆيگە ...!
ئۆتىدۇ كۈنلىرىم ئاشۇ تەرىزدە
قىلىچنى كېسىمەن باشلىرىم بىلەن
سەپىرىڭ قاياققا مەندىن ئۆزۈمگە...!


گۈزەللىك قارىشىم


بارىمەن مەكتەپنىڭ يوللىرى تامان

ئالدىمدا ئاقساپراق ماڭىدۇ بىر قىز

گۈل سۈپەت جانانلار كۆرسىتىپ ئۇنى

مەسخىرە ئوقلىرى ياغىدۇ ئەنسىز

مەن قاندا ئويلىدىم ،مۇشۇدەم شۇچاغ

تەگسىز بىر خىيالغا پاتتىمغۇ چەكسىز

مۈرىسىگە ئېسىپ ،ئاھ،ئىغىر سومكىنى

ئۈمۈدۋار روھ بىلەن چامدا ئۇقىز

بىر كۈنى شۇ قىزنى ئۇچراتتىم يەنە

بىر نەرسە يادىلار چۆكۈپ ئىچىگە

سۆيۈنۈش ئىكىدە يوللىدىم ھۆرمەت

ئۆزگىلەر قەلبىدە كۆرۈمسىز قىزچاق

تەڭداشسىز گۈزەل بوپ كىردى قەلبىمگە

كۆزۈمدە كۆرگىنىم يالغانكەن ئەسلى

ھەر نەرسە قەلبىمدە باشقىچە ئايان

گۈزەللىك قارشىسىدىن گۈزەللىك ئىزدەپ

گۈزەللىك قارىشىم ئۆزگەردى شۇئان

گۈزەللەر ئالدىمدا نازلانسا قانچە

كۆرۈمسىز كۆرۈنەر كۆزۈمگە شۇنچە

ھاياتنىڭ قارشىسىدىن ئۆزۈمنى ئىزدەپ

قەلبىمنى تىڭشىدىم ،تىڭشاپ قانغۇچە


يارىماس ئەر


كېچە بىلەن يوق ئېغىزىڭنىڭ تەمىنى تىتىيمەن .
يوق تېنىم بىلەن كېچە كارۋىتىڭغا يامىشىمەن .
ئاينى ئورغاق قىلىپ ،
ئىچىمدىكى گۇناھ بۇغدايلىرىنى ئورۇيمەن .
يۇلتۇزنى زىناخ بىلىپ ،
يۈرىكىمنى ھوۋقۇشلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا تاپشۇرىمەن .
كېچە -چېچىڭدۇر.
سېنى كاۋاك بۇلۇتلارغا ئېسىپ قويۇپ ،
يوق تاپىنىڭدىن قېنىڭنى شورايمەن.
بىر تال تاماكا مېنى چېكىپ تاشلىغاندىن كېيىن ،
يۇمشاق پاشنا تېنىمنى دەسسەپ ئۆتىدۇ ...
تومۇرۇم _قاراڭغۇ تونىلدۇر
مەن بۇيەردە پاھىشىلەرنىڭ نۇمۇسىغا تېگىدىغان.
ئۇ_ئوماق پاھىشە
ھېچكىمگە قىزلىقىنى ئالدۇرمىغان .
ئۇ_بۈڭ باراقسان قارغۇ دەرەخ
ئۇرۇقى پۈچەك .
يارىماس ئەر_ زۇلمەتتۇر .


كۆزۈڭنى يۇم ،كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل


                  -جالالىددىن رۇمى


بەخىت -بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشتۇر.
گۈزەللىك -گۈزەللىكىنى ھىس قىلىشتۇر.
ئەگەر سەن بەخىتنى ئىزدىسەڭ ،
ئۆزۈڭنىڭ بەخىتسىز ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىسەن.
ئەگەر سەن گۈزەللىك ئىزدىسەڭ ،
ئۆزۈڭنىڭ رەزىل ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىسەن .
ئەگەر سەن بەخىت ۋە گۈزەللىك ئارىسىدا ياشاي دېسەڭ
ئىچىڭدىكى كانلارنى قېزىپ چىقىپ ،ھىس قۇشلىرىڭنى قاراڭغۇ دەرەخكە تاپشۇر!
(كۆزۈڭنى يۇم ،كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل)


شەپەرەڭگە


ئۇ زۇلمەت بىلەن ئېغىزلانغاندىن كېيىن
چېكەتكىنىڭ چىرىلدىشىغا قولىنى ئۇزاتقاچ
كېچىدە ئويغانغۇچى خەلقتۇر
ئۇنىڭ كۆزى يوق
بىراق تۇيغۇسى يول باشلايدۇ
ئۇنىڭ ئۆيى يوق
شۇڭا(سۆزدە ئولتۇراقلىشىدۇ )
تىل دەرىخى ئاستىدا سايىداشنى خالىمىغانلىقتىن
ھېچنىمە قىلمايدۇ
كەل!قارغىش تەككۈر شەپەرەڭ
كېچە مېنى زىيارەت قىل
ئاندىن شەپەققە قاراپ ئۇزاق خىيال سۈرگەندىن كېيىن
ھېچيەرگە قاراپ ئۇچايلى !


ماڭا سۆزلىۋاتقان قۇرت


سىھرىگەرنىڭ قالپىقى ئىچىدىن چىققان ئاق توشقاننىڭ تۈكلىرى ئارىسىدىكى قۇرت يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەيدۇ
تەئەججۈپ قۇرىتىنىڭ ئويلىرىنى زۇلمەت ئۇرۇقلىرى تەستىقلايدۇ
سەن ئۆرلە!ئاق توشقاننىڭ مىڭىسى بولۇش ئۈچۈن
سەن ئۆرلە!سىھرىگەرنىڭ قالپىقى بولۇش ئۈچۈن
سەن ئۆرلە!سىھرىگەرنىڭ ئۆزى بولۇش ئۈچۈن
مانا بۇ ماڭا سۆزلىۋاتقان قۇرت .


سېنى دېدىم ھەم دېمىدىم


سېنى دېسەم
سۆز ئورمانلىقى قارىيار
سېنى دېمىسەم
قۇرغاقچىلىق يۈز بېرەر
شۇڭىلاشقا
سېنى دېدىم ھەم دېمىدىم ...




زاھىد


تەشۋىش قۇشى قۇچۇشنى ئويلىسا
ئاسمان كۆتۈرەلمەس قاناتلىرىمنى

روھ قۇشى قۇچۇشنى ئويلىسا
قاناتلىرىم جەنۇپقا سەپەر قىلار

ئىككى قانىتىمدىن ئايرىلدىم
قۇش يۈرىكى ـــ سەپىرىم

ئەمدى نە سەپەر ، نە قانات بولسۇن!


Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1729
يازما سانى: 1755
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4172
تۆھپە : 17
توردا: 1015
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 11:03:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمىز ئابدۇكېرىمنىڭ ئەسەرلىرىگە يېقىندىن بۇيان باشقىچە دىققەت قىلدىغان بۇلۇپ قالدىم. مەيلى شېئىرلىرى بولسۇن، مەيلى ھېكايىلىرى بولسۇن ئۆزگىچە ئۇسلۇب، چوڭقۇر مەنالار بىلەن يۇغۇرلغان ياخشى ئەسەرلەر چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت يولىغا بەرىكەت ۋە شەرەپ يار بولسۇن!

باھا سۆز

سەمەندەر  رەھمەت، ئەرتېگىن ،بەرىكەت ۋە شەرەپ بىرگە يار بولسۇن !  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 11:42:15
يىگىت يۈرىكى مېسلى كائىنات،
سىغار ئۇنىڭغا جىمى مەۋجۇدات...
                        - ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  245
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2208
تۆھپە : 0
توردا: 217
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 11:34:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن سەمەندەر!  مەنا دەرىخىڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ مېۋىلىشىگە تىلەكداشمەن.

باھا سۆز

سەمەندەر  ئۇزارتىشىڭنى تىلەيمەن ...  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 11:40:47
سەمەندەر  رەھمەت ،دوستۇم .سېنىڭمۇ ئورتاق كېچىنىڭ جەنۇپ تەرىپىنى يەنىمۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 11:40:30

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1407
تۆھپە : 0
توردا: 527
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 11:45:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىنىمىزنىڭ بەدىئى تەپەككۈرىدىكى خاسلىق مىنى ھەيران قالدۇردى. بىزگە كېرەكلىكى بىر خىللىق ئەمەس، مانا مۇشۇنداق كۆپ خىللىق. ئىنىمىزنىڭ كۆپ ئوقۇش بىلەن، كۆپ تەپەككۈر قىلىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ يازمىللىرىدىكى ئۆزگىچىلىكتىن كۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئىنىمىزنىڭ ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ يۈكسىلىش تىلەش بىلەن بىرگە، ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى يۇلتۇزلىرىنى بىزگە تۇنۇۋېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقان شائىر ئاغىمىز ئابدۇرىشىت ئېلىنىڭ خالىس ئەجرىگىمۇ كۆپ تەشەككۈر!

باھا سۆز

سەمەندەر  ھەبىبۇللا ئاكامغا رەھمەت .  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 11:48:14

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  396
يازما سانى: 692
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4779
تۆھپە : 0
توردا: 537
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-10

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 12:01:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن دوستۇم! ئىجادىيەت باياۋانىدا ئۆزۈڭگە خاس ئۆزگىچە يول تۇتۇپ، قەسىر قۇرۇپ، ئۆزلۈك مەنزىلىنى بويلاپ ئىزدىنىشىڭنى تىلەيمەن! بەرىكەتلىك بول بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلەت.م.كۈيزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-3 12:04  


باھا سۆز

سەمەندەر  رەھمەت ،كۈيزار ،سەنمۇ بەرىكەتلىك بول ،دوستۇم!  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 12:17:18
گۈل ئۈزسەڭ سەھەردە ئۈز،
چولپان كېلۇر كۆز قېسىپ!
         
                                        __ ئاپتۇرى نامەلۇم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  613
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1420
تۆھپە : 2
توردا: 784
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-8-27

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 12:18:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم سەمەندەرگە ئىجادىيەتتە خاسلىق تىلەيمەن

باھا سۆز

سەمەندەر  رەھمەت دوستۇم ،سېنىڭ مەنا دەرىخىڭنىڭ چوڭقۇر چېچەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ...!  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 12:23:17

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  105
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1504
تۆھپە : 0
توردا: 226
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-2-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 12:24:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن، سەمەندەر!

باھا سۆز

سەمەندەر  پاسئانغا رەھمەت ! سېنىڭ «... جەنۇپ تەرىپىنى»بەكرەك ئۇزارتىشىڭغا تىلەكداشمەن !  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 12:33:24
تور بېتىم: http://www.xjpasan.com

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 6510
نادىر تېمىسى: 9
تېللا: 26309
تۆھپە : 10
توردا: 2902
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 12:27:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      قەدەملىرىڭىزنىڭ چوڭ، بارلىق ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭ بولىشىنى تىلەش بىلەن ھارماس تۇلپاردەك ئۈزۈكسىز ئالغا قاراپ چېپىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھا سۆز

سەمەندەر  رەھمەت ،ئابدۇرېھىم مۇئەللىم .  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 12:31:06
قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  96
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1140
تۆھپە : 0
توردا: 310
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-8-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 12:52:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن  ! قەلىمىڭىزگە  قۇت  تىلەيمەن

باھا سۆز

سەمەندەر  ئابدۇۋەلىگە رەھمەت.سېنىڭمۇ قەلىمىڭگە قۇت تىلەيمەن !  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 13:03:10

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1846
يازما سانى: 848
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2623
تۆھپە : 0
توردا: 596
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 12:57:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمەندەرنىڭ  ئەسەرلىرى  مېنى  بەكمۇ  قايىل  قىلدى .ئۇنىڭدىكى  بەدىلىك   ئۆزگىچە  ئۇسلۇپ  بەكمۇ  ئۇستۇلۇق بىلەن   بىرلەشتۈرۈلگەن ....شېئىرلىرىمۇ  بىر  بىردىن ياخشى ....قەلەم تۇلپارىڭىز  ھارمىسۇن  ئۇتۇقلار  سىزگە  ھەمىشە  يار بولسۇن

باھا سۆز

سەمەندەر  رەھمەت، زۇلپىيە.بىرگە بولسۇن !  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 13:03:54
سەمىمىلىك  مېنىڭ قىبىلنامەم
otluk ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  562
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2073
تۆھپە : 0
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 16:39:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆزۈمگە نۇر زىيا بەردىڭ
كۆرمەككە ئالەمنى يارەب.
دىلىمغا خۇي-ئىشىق بەردىڭ
سۆيمەككە ئادەمنى يارەب...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 848
تۆھپە : 5
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 17:37:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سوۋغا __ سەن چوقۇم رەھمەت ئېيتىشىڭ بېكىتىلگەن نەرسە ئەمەستۇر!
                                                                                __ ژاك دېرىدا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  333
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 724
تۆھپە : 0
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 17:42:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. بىر ئىزدا توختاپ قالماي داۋاملىق تىرىشىپ تۇرۇڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TANGRIKUT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-3 18:10  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش