|
مەن ۋە مائارىپ (2)
(قىسقا مۇلاھىزىلەر)
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۇسەيىن بۇژغۇن
1-)«ئۇچ تۇرلۇك بىسىم»ئارقىدا قالغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئازاپلاپ،مەكتەپتىن،ئائىلىسىدىن
قىچىشنىڭ سەۋەبى بولماقتا.يەنى،سىنىپ مۇدىرى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىسىمى،ئائىلە بىسىمى ھەمدەساۋاقداشلىرى ۋەجەمىيەتنىڭ بىسىمى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر كۈچلۈك توسالغۇ بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يىتىلدۇرۇش ئىمكانىيتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.«تەنبىھ،قوپال تەربىيە،تەن جازاسى،
چەتكە قىقىش،ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇش ياكى قوغلاپ چىقىرىش،ئىشخانىدا سائەت-سائەتلەپ تۇرغۇزۇپ قويۇش» ...ۋاستىلىرى ئۇلارنىڭ كەلگۇسىگە ئۈمىدسىزلىك بىلەن قارايدىغان جىمخورلۇق،روھىي چۈشكۈنلۈك ،غەلىتە مىجەزلىك ھەمدە مەغلۇبىيەتچىلىك ئۇرۇقىنى چاچىدۇ.ئىللىق قۇياش نۇرىغا جىمىكى مەۋجۇدات تەشنا بولغاندەك،
ئارقىدا قالغان ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىللىق مۇھىت ۋە ئادىل مۇئامىلىگە مۇھتاجدۇر...!
2-)ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىدا «بالىڭىز ھىچنىمە بىلمەيدۇ،بالىڭىز نىمىنى ئويلايدىكىنە؟ ئائىلىدە كوپرەك ;
ياردەم بەرسىڭىز...!؟ »دىگەندەك «تەكلىپ پىكىرلەر»نى توختىتىشى كىرەك. ئەگەر بالىلار بىر نەرسە بىلسە،مەكتەپتە ,
نىمە ئىش قىلىدۇ؟ ئاتا-ئانىلار سىلەر ئۆتكەن دەرسنى بىلسە،بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ نىمە قىلىدۇ...!
3-)نۆۋەتتە ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئاساسلىق كۈچ بولۇپ قالدى.بۇلارغا نىسبەتەن رىقابەت ھەم خىرىس،تۇرلۇك بىسىم ئىنتايىن كۈچلۈك.مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن ھەم بالىلار تەلىم-تەربىيىسى سۆھبەتلىرىدە رەتلىك،يارىشىملىق كىيىنىشكە دىققەت قىلىش كىرەك.سۆھبەت ۋە تەربىيە جەريانىدا سىلەرنىڭ كىيىنىش ھەم پەردازلىرىڭلارغا توغرا باھا بىرىدىغانلارغا قارىغاندا،ئۇنى دورايدىغانلار ھەم ھەسەت قىلىدىغانلار كۆپرەك بولىدۇ.
سۆھبەت ھەم تەربىيىنىڭ ئۈنۈمىگە توغرا باھا بىرىدىغانلار «ھەسەتخور ۋە دورامچىلار»غا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ...!
4-)يالغان سۆزلەش بىر خىل يامان ئىللەت.ئۇ چوڭلار ئارقىلىق بالىلارغا يۇقۇپ بارىدۇ.ئەسلىدە بالىلار يالغانچى
ئەمەس.چوڭلار يالغانچى بولۇش مەسىلىسى تەلىم-تەربىيە جەريانىدا بالىلارنىڭ ساپ،پاك ۋە يۇمران قەلبىنى
يالغانچىلىق بۇيۇملىرى بىلەن پەردازلاپ كەلمەكتە.مانا بۇ تولىمۇ قەبىھ تەربىيە ئۇسۇلىدۇر...!
|
|