سوخۇملىنىسكى ۋە مائارىپ(8)
نەشىرگە تەييارلىغۇچى: تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
1)چۆچەك ئاكتىپ گۈزەللىك ئىجادىيىتى،ئۇ بالىلار تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى
ساھەلىرىگە:ئەقىل-پاراسەت،ھېسىيات،تەسسەۋۇر ۋە ئىرادىسىگە بېرىپ چېتىلىدۇ.شۇڭا،چۆچەك ئىجادىيىتيى سۆزلەشتىن باشلىنىدۇ.ئۇنىڭ ئەڭ
ئالىي ئىپادىلەش شەكلى درامىغا ئايلاندۇرۇپ ئويناشتۇر.چۆچەك بىلەن
بالىلىق ئۈزۈلمەس رىشتە بىلەن باغلانغان.
2) بالىلىق دەۋردە ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ھەقىقەت بىلەن خاتالىق،
سەمىمىيەت بىلەن ساختىلىق توغرىسىدىكى ئەسەرلەر ئوقۇپ ئۆتۈلسە،
ئۇنداقتا ئەسەرلەردىكى ئەخلاق ئىددىيىسى بالىلارنىڭ شەخسىي مەنىۋى
بايلىقىغا ئايلىنىدۇ.
3)چۆچەكنى ئوقۇشمۇ ئاقكۆڭۈللۈكنى ۋە ئەقىل-پاراسەتنى يېتىلدۈرۈشنىڭ
مۇھىم ۋاستىسى.
4)قىز بالىلارنىڭ جىمخورلىقى ئەقلىي تەرەققىياتنىڭ ئاستا بولغانلىقىدىن ئەمەس،بەلكى ئۇلارنىڭ ئويلاشنى،خىيال سۈرۈشنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن
بولىدۇ.
5) تەبىئەت مۇزىكىسى-تىلنى ھېسىيات پۇرىقىغا باي قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم
مەنبە.شۇنداقلا رېتىم گۈزەللىكىنى چۈشىنىش ۋە ھېس قىلىشنىڭ بىر مۇھىم
قەدىمى.
6)سەبىي قەلبلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇنلىغان ۋاستىلەر ئىچىدە،مۇزىكا
مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.مۇزىكا بىلەن ئەخلاق چۇڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە
ئىزدىنىشنى كۈتۈۋاتقان بىر مەسىلە.
7) ناخشا كىشىلەردە ئەتراپىدىكى دۇنياغا بولغان شېئىرىي مەنەغا باي كۈزىتىش
ۋە تەسسەۋۇرنى شەكىللەندۈرىدۇ.
8) خەلق ناخشىلىرى بالىلارغا ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىۋىي بايلىق-مىللىي تىلنى نامايەن قىلىدۇ ۋە ئۆگىتىدۇ.
9) بالىلارنى مۇزىكا ئەسەرلىرىنى چۈشىنىشكە،بولۇپمۇ ناتونۇش ئەسەرلەرنى
چۈشىنىشكە يېتەكلەش ئىنتايىن قىيىن ئىش.بۇ،ئوقۇتقۇچىنىڭ چۈشەندۈرىشىنىڭ ناھايىتى جايىدا بولۇشىنى،بىر قەدەر يۇقۇرى تەربىيە
كۆرگەن بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
10) بالىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن تىلدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ تەسسەۋۇر
قىلغان نەرسىلىرىنى تەسۋىرلەشنى ئويلايدۇ.ئەقلىي تەرەققىياتى ئاستا
بولغان بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا،مۇزىكا ئاڭلاش تەپەككۈرنى جانلاندۇرىدىغان مەنبە بولالايدۇ.
11) باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرىدىن بىرى-بالىلارنىڭ
گۈزەل شەيئىلەرگە بولغان ئىزدىنىشىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.بۇ خىل
ئىزدىنىش ناھايىتى زور دەرىجىدە بالىلارنىڭ پۈتكۈل روھىي قىياپىتى ۋە
ئۇلارنىڭ كۆللېكتىپ ئىچىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدۇ.
|