مەن ۋە مائارىپ(11)
(مىكرو مۇلاھىزىلەر)
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
1) بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئۇلارنىڭ ساغلام پىسخىكىسى بىلەن زىچ مۇناسىبەتلىك.
«ئاپتونۇم رايۇنىمىز،بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھرىمىزدە نەچچە يىللاردىن يۈز بەرگەن
نەتىجىلىرى بىلەن قۇرۇلتاينى تەبرىكلەيمىز....»دېگەن رادىئو خەۋىرىدىكى
خاتا قوللىنىلغان بىر سۆز بىرىكمىسىنى تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى5مىنۇتقىچە
تاپالمىغان،ئەمما،باشلانغۇچ 1-يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى بىر يىرىم مىنۇت ئىچىدە
«يۈز بەرگەن»دېگەن سۆز خاتا قوللىنىلغان...دەپ جاۋاپ بەرگەن.مانا بۇ بالىلارنىڭ يېشى بىلەن ئەمەس،بەلكى،تەپەككۈرنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ...
2)بالىلارغا كۆپرەك ۋاقتىنى ئاجرىتىشنى خالىمايدىغان ئوقۇتقۇچى-ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى يوقاتقان؛شەخسىيىتى-ئوقۇغۇچىلار كۆللىكتىۋىدىن غالىپ ئورۇنغا قويۇلغان؛
مەجبۇرىيەت ھەم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىزلاشقان ئوقۇتقۇچىلاردۇر.بۇلار ساپا مائارىپى ھەم ئۇچۇر مائارىپى كەڭ ئومۇملاشتۇرىلىۋاتقان بۈگۈنكى يېڭى مائارىپ ئەندىزىسىنى
قانداقمۇ چۈشۈنۈپ يېتەلىسۇن...!؟
3)سەن بىر سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچى،چىرايىڭدىن تەبىئىي ئىللىقلىق ھەم خۇشاللىق تەبەسسۇمى
جىلۋىلەنسە،بالىلار سېنىڭ بۇ ئوبرازىڭدىن پەخىرلىنىدۇ،ئازادىچىلىكنى ھىس قىلىشىدۇ.
ئەكسىنچە«تەنبىھ ھەم غەزەپ ئارىلاشقان كۈلكەڭ»دىن بالىلار ئىغىر بىسىم ۋە خورلۇق
ھىس قىلىشىدۇ.
4)«ئۈچ تۈرلۈك بىسىم»-بىر قىسىم ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئازاپلاپ،مەكتەپتىن،ئائىلىسىدىنقېچىشنىڭ سەۋەبى بولماقتا.يەنى
1)مەكتەپتە-سىنىپ مۇدىرى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىسىمى (2)ئائىلىدە-ئاتا-ئانىسى ۋە چوڭلارنىڭ
بىسىمى(3)ساۋاقداشلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك بىسىملار....بۇ خىل سەۋەبلەر ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر كۈچلۈك توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان
ئىشەنچىسىنى يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىپ،«تەنبىھ،قوپال تەربىيە،تەن جازاسى،چەتكە قېقىش،تۇرغۇزۇپ قويۇپ جازالاش ھەمدە سىنىپتىن قوغلاپ چېقىرۋىتىش،ئىشخانىغا ئەكىرىپ كۈن-كۈنلەپ تۇرغۇزۇپ قويۇش»تەك ۋاستىلىرى ھازىرقى
زامان بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىگە «ئۈمىدسىزلىك»-بىلەن قارايدىغان جىمخورلۇق،روھىي چۈشكۈنلۈك،غەلىتە مىجەزلىك ،قارشىلىشىش ھەمدە مەغلۇبىيەتچىلىك ئۇرۇقىنى چاچماقتا.
نەتىجىدە،ئۇلاردا خامۇشلۇق،دىۋەڭلىك كىسەللىكلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە...!
5)ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىدا«بالىڭىز ھېچنىمە بىلمەيدۇ...»دېگەندەك «تەكلىپ پىكىر»لەرنى قەتئىي ئوتتۇرغا قويماسلىق كېرەك،ئەگەر بالىلار بىر نەرسە بىلسە-مەكتەپتە نېمە ئىش قىلسۇن؟ ئاتا-ئانىلار دەرسلىكلەرنى ھەقىقىي
بىلسە-بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ نېمە قىلىدۇ...؟!