ئىگىسى: بۇژغۇن

تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن: مەن ۋە مائارىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-21 03:21:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ۋە مائارىپ(15)


(مىكرو مۇلاھىزىلەر)   


ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

1)ئوقۇتقۇچى خاتالىق سادىر قىلغاندا،باراۋەرلىك ئاساستا ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا خاتالىقىنى ئىقرار قىلىشقا جۇرئەت قىلالىغاندىلا،ئاندىن ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىر-بىرىنىڭ
ئىشەنچىسىگە ھەم سىرداش دوستىغا ئايلىنالايدۇ...!
2)باشلانغۇچتىكى ئوقۇتقۇچىمنىڭ كۆيۈنۈشى مېنى ھەر دائىم ئوقۇغۇچىلىرىمغا كۆيۈنۈشكە؛
مېنىڭ كۆيۈنۈشۈم ئوقۇغۇچىلىرىمنىمۇ باشقىلارغا كۆيۈنىدىغان، ئۆزئارا كۆيۈمچانلىقنى مەڭگۈ
داۋاملاشتۇرىدىغانئىسىل ئەخلاقىي پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈشكە ئاساس بولدى.
3)ئىمتىھان ھەم «ئۆگىنىشنى» باھا بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ھەم«ئۆگىتىش»نى يىتەكچى ماتىريال
بىلەن تەمىنلەپ،ئىمتىھاننى تېخىمۇ ئىلمىيلىككە،مۇكەممەللىككە يۈزلەندۈرىدۇ.بۇ ئارقىلىق
ئىمتىھاننىڭ ئۇنۋېرسال ئىقتىدار سىناشتەكئاكتىپ رولى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىلىدۇ.
4)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە بولسۇن ياكى ئۆمۈرلۈك
تەرەققىياتىغا بولسۇن ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا،ئوقۇتقۇچى بولغان كىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە يىتىلدۈرىشى ۋە ئاسرىشى
زۆرۈردۇر.
5)گۈزەل بولغان مەكتەپ مۇھىيتى،قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقى كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ
خاراكتىرىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ مەنىۋىي ھەم مەدەنىيەت ئىھتىياجىنى
ئاشۇرىدۇ ھەم قاندۇرىدۇ.
6)مەكتەپلەر بالىلارنى تەتىلگە قويۇپ بەرگەن ھامان جەمىئىيەت ئۇلارغا ئەمەلىيەت دەرسىنى
باشلايدۇ،بەزى كىشىلەر قىشلىق،يازلىق تەتىللەرنى ياش-ئۆسمۈرلەر تەربىيىسىدىكى«بوشلۇق»،مەكتەپنىڭ باشقۇرۇشى تەس،جەمئىيەتنىڭ كارى يوق،-دەپ قاراشماقتا.بۇ تولىمۇ بىمەنە قاراشلاردۇر.نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەت تەرىپىدىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي چوڭ دەرسخانىدا-مەكتەپلەردە ئۆگىنەلمىگەن،ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى
بولمىغان كۆپلىگەن بىلىملەرگە ئىگە بولۇپ،ھەر جەھەتتىن ئۆز ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ،
بىلىم-قابىلىيتىنى ئاشۇرىدۇ؛بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پىسخىك تەرەققىياتىدا ئاكتىپ ئامىللار ساغلام بىخلىنىپ،تەبىئەتنىڭ ياراملىق نوتىلىرىغا ئايلىنالايدۇ.
7)ئوقۇتقۇچى ماھىيەتتە بىر ئاددىي ئەمگەكچى بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ئەڭ مۇنەۋۋەر،قىلچە
تەماسىز،تەمەنناسىز پەرۋىشكاردۇر.
8)«ئوقۇتقۇچى»نىڭ تەبىرىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەن يېغىنچاقلىغاندا،«سەن بۈگۈن ئىلگىرلەشتىن توختاپ قالساڭ،ئەتە روشەنكى  ئوقۇتۇشتىن توختاپ قالىسەن».شۇڭا،سەن قانچىلىك ياشىساڭ شۇنچىلىك ۋاقىت داۋاملىق  ئۆگىنىشىڭ كېرەك.
9)بىلىم ئۆگىنىش ئەندىزىسىدە،بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش شەكلىدىن قاتنىشىش،ھەمدە
ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەش شەكلىگە قاراپ تەرەققىي قىلىش مىخانىزىمىنى ئورنىتىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
10)«گۈزەللىك»-مەكتەپلەر ئوقۇتۇشىنىڭ ماگنىتى بولۇش كېرەك،ئۇ دائىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ
دەرس تەييارلاش خاتىرسى يىنىدا؛تىلىدا؛دىلىدا ھەمدە ئىملا-يېزىقىدانۇر چاقنىتىپ تۇرىدۇ.
ئۇنى قولغا ئېلىش ۋە ئالماسلىق ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا،ئوقۇتۇش جەريانىدا گۈزەللىكنىڭ رولىغا ۋە ۋەزنىگە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-23 01:17:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ۋە مائارىپ(16)


(مىكرو مۇلاھىزىلەر)   


ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

1)يېڭى دەرس ئىسلاھاتى جەريانىدا-مەكتەپلەر ئوقۇتۇشىدىكى بىر مۇھىم يۆنىلىش ۋاقىت
بايلىقىدىن تېخمۇ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ قالدى.چۈنكى؛ۋاقىت بايلىقى-
ئوقۇغۇچىلاردا ئىپادىلىنىدىغان ئەڭ زور ئالاھىدىلىك بولۇپ،ئۇلار نەزىرىدە ۋاقىت«كەتسە
كەلمەيدۇ،كىشىلىك ھاياتتا-ئوقۇغۇچىلىق دەۋر ئەڭ مۇھىم ھاياتلىق باسقۇچىدۇر»-دېگەن
يەكۈن مەۋجۇت.بۇ تولىمۇ ئاقىلانە چېقىرىلغان يەكۈندۇر...!

2)
چەكلىك ئوقۇش ۋاقتى ۋە دەرس سائىتىئېچىدە ھەم يېڭى ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى كۆپەيتىش،لاھىيەلەش ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەك ئىغىرلىشىپ كەتكەن دەرستىن سىرتقى
سىلىقىنى يىنىكلىتىپ،مۇشۇ ئاساستا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش گەۋدىلىك زىددىيەت،شۇنداقلا مەڭگۈلۈك زىددىيەتتۇر.ئوقۇتقۇچىلار بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا ئوخشاش بولمىغان قاتلاملاردىن،تەربىيە نوقتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك چارە ئىزدەش ھەم ئۇنى دادىل سىناق قىلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.بۇ-دەۋرنىڭ تەققەززاسى...!

3)
ياش-ئۆسمۈرلەردە كەشپىيات ئېڭى ھەم ئىجادچانلىق روھىينىڭ بولماسلىقى-ئاتا-ئانىلار ھەم مائارىپ خادىملىرىدا ئىجادكارلىق-ئىزدىنىش روھىينىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.
تاۋشىڭجى ئەپەندى:«ھەرقانداق جايدا،ھەر قانداق ۋاقىتتا بولسۇن،ئىرادىلا بولىدىكەن،
ھەرقانداق ئادەم كەشپىيات يارىتالايدۇ،ئۆزىگە ئىشىنىش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش بولسا-ئۇلاردا
يىڭىلىق يارىتىش روھىنىيىتىلدۈرۈشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.»دېگەنىدى.
       شۇنداق،بىز«كەشپىيات ۋە ئىجادكارلىق روھىنىڭ بولماسلىقى»دەك «بوشلۇق »نى
تولۇقلاش ئۈچۈن كەڭ ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار دا داۋاملىق يول ئىچىپ ئىلگىرلىيەلەيدىغان غەيرەت؛كۈزىتىش روھىي،تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى ھەم ئەمەلى
قول سىلىپ ئىشلەشتەك ئىجادكارلىق جاسارىتى بولۇش زۆرۈر.بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ«ئۈلگىنىڭ
كۈچى ۋە رولى»دىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

4)
ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بالىلار ئۈچۈن سەن ئاتوم بومبىسىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا تىرەپ قويساڭمۇ،
ئۇلار ھەرگىزمۇ قىمىرلاپ قويماستىن، ئۆزلىرىنىڭ بىلىم تەشنالىقى ئۈستىدە غەم-ئەندىشىسىز
پىكىر يۈرگۈزىشىدۇ...!

5)ئېسىڭلاردا بولسۇنكى،ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار سىلەر تەرىپلىگەندەك«دۆت ياكى ئەقىلسىز »ئەمەس.چۈنكى،ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىنكاسى،كۈزىتىشى،ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى،
تەۋەككۈلچىلىك روھىي-ئۆز نۆۋىتىدە نەزىرىڭلاردا«بەك ئەقىللىق،چېچەن»دەپ تەرىپ-
لىنىۋاتقان«ئەلاچى»لاردىن نەچچە ھەسسە يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدۇ.

6)ئۇستاز -ئەڭ قابىل،ئەڭ پاك،ئەڭ سەمىمى،ئەڭ مېھرىبان،ئەڭ مەسئۇلىيەتچان ئىنساندۇر.

7)غۇنچىلارغا خىيانەت قىلغان،ئۇلار بەختىنى نابۇت قىلغانئوقۇتقۇچى-لاياقەتسىز،نومۇسسىز
كىشىدۇر.

8)ئۆز كەسپىنىڭ جاپالىق ،ئەمما  ئۇلۇغلىقىنى چۈشەنگەن باغۋەن-بىر ئۆمۈر ئۆز ئوبىكتىلىرى
ئۈچۈن ئۆزىنى شام قىلىشقا تەييار تۇرالايدۇ...!

9)ئادەم  جىسمى بىلەن ئەمەس،بەلكى،ئەخلاقى پەزىلىتى،ئادىمىيلىكى،كەسپىي قابىللىقى،
كەمتەرلىكى،داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەش روھىي،پاك بولغان مۇھەببەت ھىسسىياتى ۋە يىمىرىلمەس ئىددىيە-ئىرادىسى بىلەن دۇنياغا ئۆزىنىڭ«سۆيۈملۈك ئادىمىيلىكى»نى نامايەن قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ.

10)ماددى بۇيۇم ئۈچۈن ئۆز قەدىر-قىممىتىنى تىگىشكەن كىشى-ئەبەدى«پۇلنىڭ قۇلى»
بولۇپ قالغۇسىدۇر...!



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-17 12:33:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ۋە مائارىپ(17)


(مىكرو مۇلاھىزىلەر)   


ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

1)ئۆز خەلقى،ئۆز مىللىتىنى قەدىرلەيدىغان،سۆيىدىغان،غېمىنى يەيدىغان،كەلگۈسىنى
     ئويلايدىغان پەرزەنت-شۆبھىسىزكى،جامائەتنىڭ قەلبىدە پاك ھەم جەسۇرلىقى بىلەن
     مەڭگۈلۈك ئابىدە بولۇپ تىكلىنىدۇ.
2)ئەدەپ-ئەخلاق،قائىدە-يوسۇن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇقەددەس قانۇنىمىزدۇر؛بۇنىڭ بىلەن دۇنيادا ئەڭ ئەقىللىق،چېچەن،ئەڭ ساپدىل،مەدەنىيەتلىك؛ئەڭ قەدىمىي تارىخىي
مۇقەددەسلىككە ئىگە ئۇلۇغ بىر مىللەت بولۇپ سانالغانمىز...!مائارىپمۇ بۇنىڭدىن
مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە...!
3)دەرسلىك مەزمۇنلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىي،ئەقلىي تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىيەتتە قوللىنىشچانلىقىغا ئۇيغۇن تۈزۈشكە،تاللاشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.
4)ئوقۇغۇچىلارغا ئومۇمىي يۈزلۈك يۈزلىنىش؛بىر-ئىككى ئوقۇغۇچىغا بولغان  يېتەكچىلىك
كۇپايە قىلمايدۇ؛يېتەكلەشنى ئومۇمىي تەرەپكە يۆتكەش -دەۋرنىڭ كۈچلۈك تەقەززاسى.
5)ئۆگىنىش_روھنى ئۇرغۇتۇش_مەسئۇلىيەتچانلىق_خۇلاسىچانلىق_ئۇنۋېرسال ساپا_ساپا
مائارىپىنىڭ ھەقىقىي سىڭىشىشچانلىقىدۇر...!
6)قەدەم-باسقۇچ_تۈپ نېگىزى_مەسئىلىنىڭ ماھىيىتى_تونۇلۇشچانلىقى_قوللۇنۇشچانلىقى_
سۈپەت كۆرۈنۈشىدۇر...!
7)دەرسلىك مەزمۇنىنى لايىھەلەش _تەييارلاش_ئوقۇتۇش_ئەمەلىلەشتۈرۈش_تاپشۇرۇش_
دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ماھىيەتلىك گەۋدىلىنىشىدۇر.
8)سەنئەت مائارىپى بولسا-بالىلار ھاياتىغا مەڭگۈ ھەمراھ مائارىپتۇر...!
9)مېنىڭچە،ھەرقانداق  زاماننىڭ ئۆزىدە ھەم كۆڭۈللۈك ھەم ئەھمىيەتلىك ياشىغىلى بولىدۇ.
چۈنكى،بىز ھاياتىمىزنى بېھۇدە ئۆتكۈزمىسەكلا.ھاياتلىقتا:«مەن قولۇمدىن كېلىدىغان،چاممام يېتىدىغان ئىشلارنى قىلالىدىم.»دېيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
ئىنسانلارنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ...!
10)ئەگەر،سىز بىرەر كۆزلىگەن مەخسەتكە يېتىمەن دىسىڭىز،ئەلۋەتتە شۇ مەخسەتنى يوشۇرۇشنىمۇ بېلىۋىلىڭ...!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-29 16:11:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ۋە مائارىپ(18)


(مىكرو مۇلاھىزىلەر)   


ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

1)دوستۇڭغا بەك يېقىنلىشىپ كەتمە،كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بەلكىم دۈشمىنىڭگە ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن.
2)قىرىق ئەرنىڭ ھېلىسىدىن ،بىر ئايالنىڭ ھېلىسى ياماندۇر.
3)باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈشەنمەسلىكىدىن ئەنسىرىمەي،ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن ئەنسىرەش ئاقىلانىلىقتۇر.
4)جەمئىيەتتە ھەركىمگە پايدا يەتكۈزىدىغان دوست 3خىل بولىدۇ؛زىيان يەتكۈزىدىغان
دوستمۇ 3خىل بولىدۇ:
(1)پايدا يەتكۈزىدىغان دوست-تۈز كۆڭۈل،سەمىمىي ۋەبىلىملىك كىشىلەردىن ئىبارەت.
(2)زىيان يەتكۈزىدىغان دوست- تەخسىكەش،ئالدىدا خوشامەت قىلىپ ئارقىدىن غەيۋەت
قىلىدىغان،ياغلىما سۆزلەيدىغان دوستتۇر.
5)باشقىلاردىن كىيىن قالارمەنمۇ دەپ بەسلىشىش،ئۆگەنگەننى ئۇنتۇپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەش-بىلىم ئىلىشنىڭ يولىدۇر.
6)ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر يۈك 3تۈرلۈك بولىدۇ1)يوقسىزلىق،(2)بىكارچىلىق،(3)يالغۇزچىلىق...
7)ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق نەرسە_بىلىمدۇر.چۈنكى؛بىلىم كىشىگە ھەر ئىككى ئالەمدە خۇشاللىق ھەم بەخت ئېلىپ كىلىدۇ.
8)«ئۇيات-قىلىغىڭ»ياخشى بولسا پۈتۈن ئەل-يۇرت سېنى ئىززەتلەيدۇ؛«خۇي-پەيلىڭ»
دۇرۇس بولسا تۆردىن ئورۇن ئالىسەن؛ئۇيات-سېنى ناچار ھەم ناشايان ئىشلاردىن توسايدۇ؛ياخشى ئىشقا ھەيدەكچى بولىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-2 06:26:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ۋە مائارىپ(19)


(مىكرو مۇلاھىزىلەر)   


ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن


1)ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ پايدىسىز نەرسە بولسا:_(1)كاجلىق ۋە ھەرىكەت قىلىقتا ياۋۇزلۇق.
    (2)سۆزدىكى يالغانچىلىق.(3)بىخىللىق،بۇ خىل ئىللەتتىكى كىشىلەر ھاياتلىقىدا خارلىق تارتىدۇ.چۈنكى،كىشى كاج بولسا-قىلىقى يامان،ئىشى تەتۇر بولىدۇ.كىمكى يالغانچى بولسا
-بۇ ئەسكى نام ئۆلگۈچە پىشانىسىدىن كەتمەيدۇ.كىمكى بىخىل بولسا_ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ.ئۆزى يىمەي مال-دۇنيا يىغىدۇ-يۇ ئاخىرى ئۆزى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ.تاپقان مال-دۇنياسى خەققە قالىدۇ.
2)دۇنيادا ئەڭ پەزىلەتلىك ئادەم---پۇل ۋە مال-دۇنيا ئۈچۈن ئۆزىنى بۇزمىغان ئادەم.ئۇنداق ئادەمنى پەرىشتە دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.
3)دۇنيادا ئەڭ پەس ئادەم---تەماخورلۇق رىشتىسىنى ئۆزىگە باغلاپ قويغان ئادەم
ئەڭ پەس ئادەمدۇر.چۈنكى،ئۇنىڭدا جان بولغان تەقدىردىمۇ قۇلدىن تۆۋەن ھېساپلىنىدۇ.
4)ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئېچىنارلىق ۋە ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش-قىلغان ئەجىر-تۆھپىسىنىڭ
زايا بولۇپ كېتىشىدىن  ئىبارەتتۇر.
5)دۇنيادا ئەڭ بەختلىك ئادەم بولسا---ياشانغانسىرى ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ،
يامان ئىشلاردىن قول ئۈزگەن كىشىدۇر.
   دۇنيادا ئەڭ بەختسىز ئادەم بولسا---قىرىغانسىرى تېخىمۇ قۇرۇق ھەۋەسنىڭ كەينىدىن
يۈگۈرگەن كىشىدۇر...
6)تەقۋادارلىقنىڭ مەنبەسى بولسا:---ھارامدىن نەپسىنى  يېغىپ،ھالال ئەمگەككە  تايىنىپ
ياشىماقتۇر...
7)ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئەينەك---ھەركىم ئۈچۈن ئەڭ كۆيۈمچان كىشىدۇر،ئۇ كىشى سەن ئۈچۈن ئەڭ سۈزۈك،ئەڭ پاكىزە ئەينەكتۇر


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-11 12:00:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ۋە مائارىپ(20)
(مىكرو مۇلاھىزە)
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
1)ئىنساننى يەرگە قارىتىدىغان ئىشلارـيالغان سۆزلىمەك،خەلق ئارىسىغا پىتنە-ئىغۋا ھەم بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇقىنى تېرىماقتۇر.
2)ھاراق ـ ئۆز ئىچكۇچىلىرىنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.
ھەي ھاراق!ـ ئۇلۇغ مۆتىۋەرلەر بىناسى ۋە ئەقىل سارايلىرى سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن
خارابىلىققا ئايلىنىدۇ.
3)كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرىيدىغان كىشى-تەبىئىكى،سېنىڭ
ئەيىبىڭنىمۇ باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ.بۇنداقلاردىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىش لازىمدۇر.
4)ئادەملەر ھەرقانداق ئاچچىققا،جىسمانىي ئازاپلارغا چىدىغىنى بىلەن،روشەنكى،
روھىي خورلىنىشقا ھەرگىزمۇ چىدىمايدۇ.
5)ئەگەر باشقىلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە(دامىغا) چۈشۈپ قالساڭ،بۇ تەقدىرىمىزنىڭ
كاجلىغىدىن ئەمەس،بەلكى،ئۆزىمىزنىڭ كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمىزدىن كۆرسەك بولىدۇ.
6)بىر ھەقىقەتنى ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ ھەم مەڭگۈ ئىشىنىڭ:-كىلىچەك تەقدىرنىڭ
قولىدا ئەمەس،بەلكى،ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا بولىدۇ.
7)ئۆز تەقدىرىگە ئىگە بولالمىغان كىشى-ئەلۋەتتە ئۆز ئەركىنلىكىدىنمۇ بەھرىمان
بولالمايدۇ.
8)ئىنسان ئۈچۈن زىيانكەشلىك قىلىدىغان نەرسە دەل «ئەتە» دېگەن سۆزدىن ئىبارەتتۇر.
9)تەڭرىدىن تۆۋەن،پەرىشتىلەردىن يۇقۇرى تۇرىدىغان بىر نەرسە بار.
ئۇ بولسىمۇ : ـ ئىنساپ...!
10)پەقەت ۋە پەقەت ئادەملەر ئارىسىدا –كىشىلەر بىر-بىرىنى چۈشىنىشكە قادىر بولالايدۇ.
11)ئىنسان دۇنيانى قانچىلىك چۈشەنسە،ئەلۋەتتە ئۆزىنىمۇ شۇنچىلىك چۈشىنىدۇ.
12)خۇشخۇي ئادەمگە پۈتكۈل ئالەم ئاجايىپ گۈزەل ھەم يېقىملىق كۆرىنىدۇ.
13)ئۆزىنى ئەقىللىق كۆرسۈتۈشكە ئۇرىنىدىغان ئەخمەقتىنمۇ خەتەرلىك ئادەم بولمىسا
كېرەك.
14)باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرۈپ،ئۆزىنى تۈزەتكەن ئادەم تولىمۇ بەختلىكتۇر.
15)ئاچچىقلىنىش ـ باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالىغانلىق بولىدۇ.
16)ھەقىقەت ئۆزىنى-ئۆزى ئاقلايدۇ.خۇددى ،شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئۆزىنى-ئۆزى
   چۈشەنگەن ئادەم  تولىمۇ دانىشمەن ھېساپلىنىدۇ.
17)ھەسەتخورغا جازا يوق.چۈنكى،ئۇنىڭ ھەسەتخورلىقى  ئۆزىگە بېرىلگەن جازادۇر.
   ئۇنداق ئادەملەر ئۆز ئېچىدىن سېسىپ ،ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەپ،ئاخىرى ھەيران بولىدۇ.
18) دۇنيادا كەسپىي يالغانچىغا ئىشلەنگەن دورا بولمىسا كېرەك.ئەگەر بار دەپ قارالسا،
   ئۇ شۇ دورىنى يېگەنسىرى گويا دورا يېگەنسىرى يوغىناپ كېتىۋاتقان «چاشقان»نىڭ
ئۆزىگىلا ئوخشاپ قالىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-23 12:46:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئىككىنچى باپ


سوخۇمۇلىنىسكى ۋە مائارىپ(1)


(مىكرو مۇلاھىزىلەر)


رەتلەپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن


1)ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ پىسخىكىلىق ئۆزگىرىشىنى،ئۇلارنىڭ مەكتەپكە قانداق كەيپىياتتا كېلىدىغانلىقىنى ئىگىلەشكە تىرىشىشى لازىم،بۇنداق قىلىش بالىلارنىڭ
سەزگۈر قەلبىدىكى ئازاپقا يەنە يېڭى ئازاپ قوشماسلىقنى مەقسەت قىلىدۇ.
2) ئازاپلىق كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن،قەلبى جاراھەتلەنگەن بالىلارغا ئالاھىدە
   ۋە كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىش كېرەك.
3)بالىلارنىڭ چىۋەرلىك بىلەن خىيال قىلىش ئۇسۇلىنى بىز چوڭلارنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئوخشىتىشقا بولمايدۇ.بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىددىيۋى ھېسىياتىنى ئۆزئارا
ئۆز تىلى بىلەن ئىپادىلىشىگە يول قويۇش كېرەك.
4)بالىلارنىڭ نېمىلەرنى سىزغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگۈسى بار،سۆزلىگەندە ئاندىن
بۇ روشەن ئوبراز ۋە ئوخشىتىشلار ياقۇتتەك جۇلالىنىدۇ.رەسىم سىزىش بالىلار تىلىنىڭ
يەنىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
5)تۆۋەن يىللىقلاردىكى بالىلارغا رەسىم سىزدۇرغاندا،نىسبەتەن كۆزىتىش،ئۆزئارا بىر-بىرىگە ماس كەلتۈرۈش قاتارلىق قائىدىلەرگە دىققەت قىلىش توغرا،لېكىن،
بالىلارنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن ،كەڭ زېمىن يارىتىپ بېرىشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىش
لازىم.بالىلارنىڭ دۇنياغا بولغان ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى بۇزۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
6)ئاق كۆڭۈللۈك بولمىسا ياكى بىر كىشىدە باشقىلارغا قارىتا ساداقەتلىك،قىزغىنلىق
بولمىسا،ئۇ كىشىنىڭ قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا گۈزەللىكنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
7)ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ يىلتىزى-ئىجادىيەتتە،جانلىق نەرسىلەرنى ئاسراش ۋە گۈزەللىكنى يارىتىشتا.چۈنكى،ياخشىلىق بىلەن گۈزەللىك زىچ بىرلەشكەن بولىدۇ.
8)ئاق كۆڭۈللۈك تۇيغۇسىنى بالىلىق دەۋردىن باشلاپ سىڭدۈرۈش-تەلىم-تەربىيە
جەريانىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى.
9)بالىلار خەتتىكى خۇش-پۇراقنى تېخى ھېس قىلمىغان ،خەتتىكى چىرايلىق رەڭنى
  تېخى كۆرۈپ يەتمىگەن چاغدا،خەت تونۇتۇش-ئوقۇتۇشنى باشلىماسلىق كېرەك.
  ئەگەر ئوقۇتقۇچى بۇنداق چاغدا خەت تونۇتۇش-ئوقۇتۇشنى باشلايدىغان بولسا،بالىلارنى جەزمەن قىيىن يولغا ئىتتىرىۋېتىدۇ.بالىلار بۇ قىيىنچىلىقنى ئاخىر
يېڭىدۇ.لېكىن،ئىنتايىن زور بەدەل تۆلەيدۇ.
10)ئوقۇتۇش جەريانىدا ،بالىلاردا ئۇلار تۇرمۇشتا ئۇچراتقان ئوبراز،ئاۋاز ۋە رېتىملارغا
نىسبەتەن چۇڭقۇر قىزىقىش قوزغالغاندا،ئوقۇش-يېزىش،ئوقۇتۇشنى ئاندىن ئوڭۇشلۇق
ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ئۆزى قىزىقىدىغان نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشقا يول قويۇش كېرەك.شۇڭا،ئوقۇش-يېزىش ئوقۇتۇشىنى رەسىم سىزىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىم.
11)بالىلارغا«بۇ ھەرپلەرنى جەزمەن تونۇپ كېلىڭلار،بۇ سۆزلەرنى ئوقۇشنى جەزمەن
ئۆگىنىپ كېلىڭلار...!»دېگەندەك تەلەپلەرنى قويماسلىق كېرەك.بۇ نوختا ئىنتايىن مۇھىم.چۈنكى،بالىلار تونۇش باسقۇچىنىڭ تۈنجى پەلەمپىيىگە ئويناش ۋە كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا قەدەم تاشلايدۇ.
12)بالىلار ئەقلىي پائالىيەتتە ھەر ۋاقىت گۈزەللىك،رىۋايەت،مۇزىكا،ئوي-پىكىر،
ئىجادىيەت،تەپەككۈرنىڭ تەسىرى ۋە ئىلھاملاندۇرىشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.ئومۇمەن،
ئۇلارنىڭ ھېسىياتىنى قوزغىغان،ئۇلارنى جەلپ قىلغانلىكى نەرسىلەر ،ئۇلارنىڭ
ئېسىدە چىڭ تۇرىدۇ.نۇرغۇن بالىلار ئۆز ئىددىيىسىنى ئېغىزچە ئىپادىلەشنى ئۈمىد
قىلىپ قالماستىن،يەنە خەت بىلەن يېزىپ چىقىشنىمۇ ئۈمىد قىلىشىدۇ.
13)بالىلار گۈزەللىكنى كۆرگەن ۋە ھېس قىلغاندا،ئۇلارنىڭ ئېڭىدىكى خىيال،ئىجادىيەت
ۋە ھەر خىل ئوي-پىكىرلەر بۇلاق سۈيىدەك ئېتىلىپ چىقىدۇ.
14)ئۈنلۈك ئوقۇلغان مەزمۇن بالىلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانلاندۇرغاندا،ئاندىن ئۈنلۈك
ئوقۇش بالىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تولۇقلىيالايدۇ.
15)ئاڭلىق ھالدا راۋان ۋە ھېسىياتلىق ئۈنلۈك ئوقۇش قانچە بالدۇر باشلانسا،ئۇنىڭغا
بالىلارنىڭ پۈتكۈل مەنىۋى تۇرمۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شۈنچە يېقىن بولىدۇ.
ئوقۇغاندا،تەپەككۈر قىلىش جەريانىدا بۇ قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى ،ئوقۇش بالىلارنىڭ ئەقلىي جەھەتتە يېتىلىشىنى شۈنچە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-24 10:29:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سوخۇمۇلىنىسكى ۋە مائارىپ(2)

(مىكرو مۇلاھىزىلەر)

رەتلەپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن


1)يەتتە ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغان بالىلار بىر خىل ماھارەتنى
شەكىللەندۈرۈۋالالايدۇ.بۇ ماھارەت-سۆز ۋە جۈملىلەرنى تاۋۇشتىن بۇرۇن كۆرۈش
سېزىمى ئارقىلىق ھېسسىي بىلىشتىن ئىبارەت.
2)        بالىلار :«كىشىلەر ئۈچۈن گۈزەللىك ۋە شادلىق يارىتىش» چاقىرىقىغا ئىنتايىن
ئەھمىيەت بېرىدۇ.لېكىن ئەڭ مۇھىمى-چاقىرىقنى ئەمگەك بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
3)بالىلار يېنىدا باشقىلارنىڭمۇ بارلىقىنى،ئۆز ھەركىتىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن شادلىق
بەخش ئېتىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىدىغان بولسا،ئۆز ئارزۇسىنى كۆپ ساندىكى
كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى كىچىك چېغىدىلا ئۆگىنىۋالالايدۇ.بۇ،
ئاق كۆڭۈل ھېسىيات ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھنى يېتىشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.
4)مۇزىكا مائارىپى-مۇزىكانت يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولماستىن،مۇھىمى
ئادەم يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
5)مۇزىكا-قۇدرەتلىك ئىددىيۋى مەنبەئە.ئۇنىڭسىز بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنىڭ تولۇق
تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
6)بالىلار،مۇزىكا-تەسسەۋۇر-پىكىر يۈرگۈزۈش-رىۋايەت-ئىجادىيەت قاتارلىق باغ-
لىنىشلىق يول ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
7)مۇزىكا،بالىلارنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغىيالايدۇ.ھەتتا،كاللىسى قاشاڭ بالىلارنىڭمۇ
پىكىر يۈرگۈزۈش ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.
8)مۇزىكا گويا پىكىر قىلىش ماددىلىرىنىڭ ھۈجەيرىلىرىگە سېھىرىي كۈچنى ئۇكۇل
قىلىپ ئۇرغاندەك زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
9)مۇزىكا ئاھاڭ رېتىمى تەپەككۈر بۇلىقىنى ئاچىدۇ ھەم روشەنلەشتۈرىدۇ.
10)مۇزىكىمۇ ئاددىي تىلغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي مېجەز-خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.
11)بالىلار مۇزىكا ئاڭلىغاندا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئادەم ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر ھېس قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ قەلبى –سەزگۈر كومپۇزىتۇر قەلبى.
12)مۇزىكا-مائارىپچىلار،سەنئەتكارلار ۋە بالىلاردا مەنىۋى جەھەتتىكى بىر دەرسلىك-
نىڭ پەيدا بولىشى ئۈچۈن ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ بېرەلەيدۇ.كىشىلەرنىڭ قەلبىنى
تۇتاشتۇرىدۇ.ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە مۇزىكا ئاڭلاپ ،ئۇنىڭ گۈزەل-
لىكىنى بىرلىكتە ھېس قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن بىرلىكتە لەززەت ئالغاندا،ئۇلارنىڭ
ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ تەبىئىي ھالدا يېقىنلىشىپ بارىدۇ.
13)بالىلار مۇزىكىدا ئىپادىلەنگەن يۈكسەك تۇيغۇغا غەرق بولۇپ كەتكەندە ،ئۆزىنىڭ
ھاياجېنىنى ۋە خاتىرجەمسىزلىكىنى سىزگە قىلچە يوشۇرماي ئېيتىپ بېرىدۇ.
14)مۇزىكا كىشىگە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ،ئەخلاق مۇناسىۋىتىنى ۋە ئەمگەكنىڭ
گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
15)مۇزىكا كىشىنىڭ ئەتراپىدىكى دۇنيانى ۋە ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپلىقى،ئۇلۇغلۇقى ۋە
گۈزەللىكىنى تونۇۋېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.شۇڭا،ئۇ ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەشنىڭ كۈچلۈك
قورالى ھېساپلىنىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-24 16:24:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سوخۇمۇلىنىسكى ۋە مائارىپ(3)


(مىكرو مۇلاھىزىلەر)


رەتلەپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن



1)مۇزىكىنىڭ-مېلودىيە،ئاھاڭ رېتىمىنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىش،ئەخلاق
تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ۋە ئەقلىي كۈچنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى.
شۇنداقلا،ئالىيجاناپ روھ ۋە پاك قەلبنىڭ مەنبەسى.
2)مۇزىكا مائارىپىدا،پىسخىكا نىشانى ئالاھىيدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.كەڭ
مائارىپچىلار بالىلارنى مۇشۇ نىشانغا  ئاساسەن گۈزەللىك دۇنياسىغا ئۇيۇشتۇرۇشى
لازىم.چۈنكى،بالىلارنىڭ گۈزەل شەيئىلەرگە بولغان چۇڭقۇر مۇھەببىتى ۋە ئىستېتىكا
ئېھتىياجىغا بولغان ئىزدىنىشىنى يېتىلدۈرۈش مۇھىم بىر نىشاندۇر.
3)مەيلى مىللى تىلنى ئىگىلەشتە بولسۇن،ياكى مۇزىكىنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىنى
ئىگىلەشتە-ئاھاڭ رېتىمىنىڭ گۈزەللىكىنى قوبۇل قىلىش ،چۈشىنىش،ھېس قىلىش
ۋە ھېسسىي ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشىدە بولسۇن،بالىلىق دەۋر ئەڭ ئاچقۇچلۇق
مەزگىل ھېساپلىنىدۇ.
4)مۇزىكا بالىلارغا شەيئىي ۋە ھادىسىلەرنى باشقا نوقتىدا تۇرۇپ نامايەن قىلىپ بەر-
گەچكە،ئۇلار پۈتۈن دېققىتىنى ئاشۇ شەيئىي ۋە ھادىسىلەرگە مەركەزلەشتۈرىدۇ.
5)مۇزىكىنى بالىلارنىڭ نەزەرىدە كىشىلىك تۇيغۇ مەنبەسىنى ئېچىشنىڭ ئاچقۇچىغا
ئايلاندۇرۇش كېرەك.
6)جانلىق ئانا تىلمۇ،مۇزىكىمۇ بالىلارغا ئەتراپتىكى دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.لېكىن ئىنسانلارنىڭ ھېسىيات تىلى بولغان مۇزىكا،بالىلارنىڭ قەلبىگە
ئەتراپتىكى دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى سىڭدۈرۈپلا قالماستىن،بەلكى بالىلارغا يەنە ئادەم-
نىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئىززەت-ئابرويىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
7)بالىلار گۈزەل ھەم يېقىملىق مۇزىكا دۇنياسىدا ياشىشى كېرەك.بىز ئۇلارغا ئوقۇش
ۋە يېزىشنى ئۆگىتىۋاتقان چاغلاردىمۇ ،ئۇلارنى مۇشۇ دۇنيادىن ئايرىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك.
8)تەبىئەت مۇزىكىسىغا بولغان سەزگۈرلۈكنىڭ بالىلارنىڭ خەتنىڭ ئاھاڭىنى ھېس
قىلىشىغا ياردىمى بولىدۇ.بالىلار ھەر بىر ھەرپنىڭ سىزىق سانىنى ئۆگەنگەندە،شۇ
ھەرپنىڭ مۇڭلۇق ئاھاڭىنى بىرلىكتە ئەسلىسە،ھەرپلەرنى ئاسانلا ئەستە تۇتالايدۇ.
سىزىقلاردىن تەركىپ تاپقان خەت-بىر پۈتۈن گەۋدە ھېساپلىنىدۇ.
9)بالىلارنىڭ قەلبى ئانا تىلى ياكى تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە بولسۇن ۋە ياكى مۇزىكىنىڭ
ئاھاڭ رېتىمىگە بولغان سەزگۈرلۈك دەرىجىسىگە بولسۇن ئوخشاش بولىدۇ.
10)مۇزىكا،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسىياتىدا ئورتاق تۇيغۇ پەيدا قىلغاندا،
ئوقۇتقۇچىلار ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمىدىكى مۇزىكا يوق چاغدا ھەرگىز پەيدا
بولمايدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈۋالالايدۇ.
11)مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى،ئەمدىلا پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرۈپ
چىققان  ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا پىسخولوگىيىنى ئۆزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ،پىسخولوگىيە ھەققىدىكى بىلىملىرىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاش-
تۇرغاندىلا ،تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىرلىرىدىن بولۇپ چىقالايدۇ.
12)يېشى كىچىك بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا،ئوقۇتقۇچى ئادىللىقنىڭ سىمۋولى بولىدۇ.
13)ھەر بىر بالىنى بىلىم ئىگىلەش جەريانىدا ئىنسانىي غۇرۇر تۇيغۇسى ۋە پەخىر-
لىنىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش،ئەڭ مۇھىم تەربىيىلەش
ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى.
14)ئەقلىي ئەمگەك يەككىلىك خاراكتېرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئەمگەك.بۇ خىل ئەمگەك
بالىلارنىڭ قابىلىيىتىگە تايىنىپلا قالماي،بەلكى يەنە بالىلارنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكى
ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان خۇسۇسىي شەرتلەرگە تايىنىدۇ.
15)بالىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىش ،ئۇنى يامان كۆرۈش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان
نەپرەتلىنىشتىنمۇ ئۆتە بالىنىڭ قەلبىنى نابۇت قىلىدىغان يەنە قانداق نەرسىنىڭ
بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قىيىن.
16)سەمىمىي ھېسداشلىق ئوقۇتۇش ئارقىلىق يەتكىلى بولمايدىغان بىر خىل پەزىلەت.
ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىنسانپەرۋەر ھېسىداشلىق ،ئەخلاقىي،ئەقلىي،گۈزەللىك،ھېسىيات
قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەربىيىلىنىشنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشى ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ
17)ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلىي ئەمگەك ،ئۆگىنىش جەريانىدىكى ئوڭۇشلۇق ۋە ئوڭۇشسىز-
لىقلىرى ئۇنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى ۋە ئىچكى دۇنياسىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
18)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسىي كەيپىياتنى چۈشىنىشى،دەل كىشىلەرنىڭ قەلبىنى
يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەڭ ئىنچىكە،ئەڭ قىيىن ئەمگەكتىن كېلىدۇ.
19)ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەربىيىلەشنىڭ ،سۆز بىلەن تەربىيىلەشتىن پايدىسى
ئىنتايىن زور بولىدۇ.
20)باشقىلارنىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر ئائىلە باشلىقىغا نەسىھەت قىلىش ۋە تەكلىپ بېرىش
باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىق بولىدۇ.كۆڭلىدە بىلسىلا بولدى.بەزى ئائىلە
باشلىقلىرىغا تاقىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ،ئۇنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئايرىم سۆزلىشىش يولى ئارقىلىقلا ،ھەل قىلىش ۋە ھەر بىر ئىغىز گەپنى
ئىنچىكىلىك بىلەن دەڭسەپ قىلىش--تەلىم-تەربىيىدىكى مۇھىم بىر ھالقا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-25 12:23:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سوخۇمۇلىنىسكى ۋە مائارىپ(4)


(مىكرو مۇلاھىزىلەر)


رەتلەپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن



1)ئائىلە باشلىقلىرى بالىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى بىر ئەينەك.چۈنكى،قايسى
ئائىلىدىكى ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقىنى باشقىلارغا تەقدىم قىلالىسا،باشقىلارنىڭ
ھالىغا يېتىشنى كۆڭلىگە پۈكەلىسە،شۇ ئائىلىنىڭ بالىلىرى مۇقەررەر ھالدا سەمىمىي
ئادەم بولىدۇ.
2)تەپەككۈر بۇلىقىدا ئوبرازلارنى بىۋاستە كۈزىتىشنى ئالدى بىلەن تەبىئەت قوينىدا مەشق قىلىپ،بىۋاستە كۆزىتىلگەن بۇ ئوبرازلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تۇرغۇزۇش
ۋە بىۋاستە كۆرسىتىلگەن بۇ ئوبرازلارنى پىششىقلاش-بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ
تەرەققىي قىلىشىدىكى تەبىئىي ئېھتىياج.
3)تەبىئەت-تەپەككۈر يۈرگۈزىدىغان،ئەقىلنى يېتىلدۈرىدىغان،ياخشى ئاخلاقىي-
پەزىلەت سىڭدۈرىدىغان دەرسخانا.ھەر بىر قېتىم تەبىئەت قوينىغا بېرىپ ساياھەت،
ئېكىسكۇرسىيە قىلىش،بالىلارنىڭ تەپەككۈر قىلىش ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يېتىلىشىنى
؛تەبىئەتنى،ۋەتەننى،ئانا يۇرتنى،ئانا يۇرت تۇپرىقىنى قىزغىن سۆيۈش روھىنى يېتىل-
دۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
4)بالىلار تەپەككۈر ۋە تىل مەنبەسىگە ئەتراپتىكى دۇنياغا قاراپ يېقىنلاشقانسېرى،
ئۇلار تىلغا ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا شۈنچە باي بولىدۇ.
5)بالىلارنىڭ گۈزەللىكنى ھېس قىلىشى ۋە مەدھىيلىشى ئۈچۈن ،ئۇلارنىڭ قەلبى ۋە
خاتىرىسىدە ۋەتەننىڭ ئوبرازى مەڭگۈ ساقلىنىشى لازىم.گۈزەللىك تۇيغۇسى-ئىنسان
تەبىئىيتىنىڭ جەۋھىرى.ئۇ،ياخشى ھېسىيات،سەمىمىي مۇناسىۋەتتىن خۇددى قان
بىلەن گۆشتەك ئايرىلمايدۇ.
6)كوللېكتىپ پىسخىكىلىك كەيپىيات-شادلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات بالىلارنى
ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان بىر خىل غايەت زور  مەنىۋى كۈچ.شۇنداقلا مىسكىن قەلبتە
كوللېكتىۋىزىملىق ھېسىياتنى ئويغىتىدىغان مەنىۋى كۈچ.
7)بالىلار ھېسسىي بىلگۈچىلەر بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى سۈرەتلىگۈچ ۋە ئىجادچى.
چۈنكى،ئۇلارنىڭ دۇنيا توغرىسىدا يۈرگۈزگەن خىياللىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە
ئىگە بىر خىل بەدىئىي ئەسەردۇر.
8)ھېسىياتقا تولغان قىزغىنلىق بولمىسا،بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ نورمال تەرەققىي
قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى، ھېسىيات تولۇپ تۇرغان،زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان
مەزگىللەردە بالىلارنىڭ تەپەككۈر قىلىشى ئالاھىدە ئېنىق،تونۇش ۋە ئەستە ساقلىشى
ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
9)بالىلارنىڭ جانلىق تەپەككۈر ۋە گۈزەللىككە بولغان تەسىراتى قۇياش بىلەن غۇنچىغا
ئوخشاش  بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.
10)پىكىر يۈگۈزۈشى گال بالىلارنىڭ  ھامان جىسمانىي  قۇۋۋىتى ئاجىزراق بولىدۇ.
ئەمما چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئىقتىدارى  ئادەتتە  يەنىلا نورمال بولىدۇ.
فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولمايدۇ.
11)بالىلاردا كۆرىلىدىغان چىرايى تاتىراڭغۇلۇق ۋە ئىشتەيسىزلىك ئەھۋاللىرىنىڭ
كۆپىنچىسى ،ئۆي ئېچىدە بەك ئۇزاق تۇرغانلىقى،يېڭى ماددىلار بىلەن كونا ماددىلار
ئالماشماي قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكنىڭ  نەتىجىسىدۇر.
12)چارچاش بولمىسا،ساغلاملىق بولمايدۇ.بالىلار جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بارغاندىن
كېيىن تولۇق دەم ئالسا،ئاندىن كۈندىن-كۈنگە ساغلام بولىدۇ.
13)ھەرىكەت-جىسمانىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاستىلارنىڭ بىرى.قىممىتى بار،بالىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى يېتىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوزۇقلۇق
-بالىلارنىڭ  ساغلاملىقى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن  مۇھىم.
14)ئۆگىنىشنىڭ ئويۇن-تاماشا ۋە نوقۇل ھالدىكى دائىملىق كۆڭۈل ئېچىش بولۇشى
مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى،ئۇ ئالدى بىلەن بىر خىل ئەمگەك.بۇ ئەمگەككە ئۇيۇشتۇرغاندا
،بالىلارنىڭ ھەر قايسى ياشتىكى ئەقلىي كۈچى ،ھېسىياتى ۋە ئىستىتىكا ئىقتىدارىنىڭ
تەرەققىي قىلىش ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك.
15)چۆچەك –بالىلارنىڭ تەبىئەت قانۇنىيتىنى تونۇۋېلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىدۇ.
چۈنكى،ئۇلار بىر پارچە كېسەكنىڭ  تىرىك نەرسىگە ئايلىنالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.



ئالاھىدە ئەسكەرتىش:


مەن يوللاۋاتقان «سوخۇمۇلىنىسكى ۋە مائارىپ» تېمىسىدىكى «مىكرو مۇلاھىزىلەر]»
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى»لىرىنىڭ 1996-يىللىق
سانلىرىدا ،ئۆزەم رەتلەپ ئىلان قىلدۇرۇپ بولغان.مېنىڭ «مەن ۋە مائارىپ »ناملىق
رەتلەۋاتقان كىتابىمغىمۇ كىرگۈزگەنمەن...




داۋامى بار جۇمۇ تورداشلار.....!رەھمەت...!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-28 13:00:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ۋە مائارىپ(21)

(مىكرو مۇلاھىزىلەر)

ئۈمىدۋارلىق-كىشىنى روھلاندۇرۇش دورىسىغا ئوخشايدۇ. ھەي دوستۇم ئۈمۈدسىزلەنمەڭ....كۈندە چەككەن
ئازاپنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى ئىنتايىن ئېغىردۇر.ئۈمىدسىزلىكمۇ ھەم شۇنداق...!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-28 15:52:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سوخۇمۇلىنىسكى ۋە مائارىپ(5)


(مىكرو مۇلاھىزىلەر)


رەتلەپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن


1)مۇزىكىنى بالىلارنىڭ نەزىرىدە كىشىلىك تۇيغۇ مەنبەسىنى ئېچىشنىڭ ئاچقۇچىغا
ئايلاندۇرۇش كېرەك.
2)جانلىق تىلمۇ ،مۇزىكىمۇ بالىلارغا ئەتراپىدىكى دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.لېكىن ئىنسانلارنىڭ ھېسىيات تىلى بولغان مۇزىكا،بالىلارنىڭ قەلبىگە
ئەتراپتىكى دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى سىڭدۈرۈپلا قالماستىن ،بەلكى بالىلارغا يەنە ئادەم بولۇشنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئىززەت-ئابرويىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.
3)باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلاردىكى ئۆگىنىشىگە نومۇر
قويۇشتا،مۇھىمى نومۇرنىڭ ئۇنىڭ ياخشى ئۆگىنىپ ئالغا باسقانلىقىنىڭ باشلىنىشى
بولالايدىغان-بولالمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.
4)بالىلار بىلەن تەبىئىي،كۆپ خىل شەكىلدىكى دائىملىق ئالاقە-ئىددىيىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ مەنبەسى،شۇنداقلا،شادلىقنىڭمۇ،غەم-ئەندىشىنىڭمۇ،قايغۇ-ھەسرەتنىڭمۇ مەنبەسى.
ئۇنىڭسىز ئىجادىي ئەمگەكتىن ھەرگىز سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
5)ئۆگىنىش گەرچە ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ،لېكىن ئۇ بالىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ
بىردىن-بىر تەرىپى ئەمەس.
6)تەلىم-تەربىيە مائارىپتىن ئىبارەت بۇ بىر تال گۈلنىڭ مەركىزىي ئوق يىلتىزىدىن
ئىبارەت.
7)بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچ باغلىيالىشى-ئوقۇتقۇچىغا،ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ دەرىجىسىگە باغلىق.
8)مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى ۋە ئوقۇش يېشىنىڭ دەسلىپىدىكى مەزگىل ئىنتايىن زور دەرىجىدە بىر ئادەمنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەيدۇ.
9)مائارىپتىكى توغرا يول-دىققەت ئېتىبارىنى بالىلىق دەۋردە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى
تۈزىتىشكە قارىتىش بولماستىن ،بەلكى ئۇلارنى بۇنداق خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمەيدىغان
ۋە قايتا تەربىيىلىنىشتىن ساقلىنىدىغان قىلىشقا قارىتىشتىن ئىبارەت.
10)ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە بالىلارنىڭ مېڭىسىگە كۆپرەك بىلىم قاچىلاش دەپلا چۈشىنىدىغان بولسا،بالىلارنىڭ تەبىئىي يېتىلىشى بۇزغۇنچىلىققا
ئۇچرايدۇ.
11)ئەتراپتىكى رېئاللىقنى تونۇش جەريانى-مول ھېسىيات تۈسىنى ئالغان قوزغىتىش
جەريانىدۇر.
12)تەلىم-تەربىيە ئاز- تولا بىلىمگە  ئىگە قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ.يېشىل يوپۇرماققا قۇياش نۇرى بولمىسا بولمىغىنىدەك،لېكىن يەنە يېشىل يوپۇرماق بىلەن
قۇياشنى بىر نەرسە دەپ قارىغىلى بولمىغاندەك،ئەقلىي تەربىيە بىلەن بىلىمنى ئارى-
لاشتۇرىۋەتكىلى بولمايدۇ.
13)بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ،بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ
تەپەككۈر قىلىش ئالاھىيىدىلىكىنى كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ
ئەڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسى.
14)بالىلار كېچىكىدە ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ئادىللىققا ئىشەنمىسە،ئۆزىنىڭ دۇرۇس ئادەم
ئىكەنلىكىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ھېس قىلمايدۇ.شۇنداقلا ئادەم بولۇشنىڭ قەدىر-قىممىتىنىمۇ چۈشەنمەيدۇ.

داۋامى بار دوستلار.....   

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-25 15:25:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سوخۇمۇلىنىسكى ۋە مائارىپ(6)

(مىكرو مۇلاھىزىلەر)


رەتلەپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن



1)        «تەبىئەت كىتابى»نى ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ تەپەككۈرى بىر رۇشەن ئالاھىدىلىككە
  ئىگە بولىدۇ.ئۇ بولسىمۇ بالىلار ئابستراكىت ئۇقۇملارنى تەدبىقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا
،تەپەككۈرى ئابستراكىت ئۇقۇمنى ئاساس قىلغان ھېلىقى تەسىرات،ئوبراز،مەنزىرى-
لەرگە يۆتكىلىدۇ.
2) ئوقۇغۇچىلارنى ھەۋەسكە ئىگە،ئىجادچانلىق ۋە ئىزدىنىش روھىيغا باي كىشىلەر-
دىن قىلىپ تەربىيەلەش مەكتەپلەرنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى.
3) بالىلىق دەۋر بىر كىشى قانداق تەپەككۈر قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدىغان ناھايىتى
  ياخشى مەزگىلدۇر.
4)ئادەمنىڭ دىققەت كۈچى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىلىقتا بىر نىشاندىن يەنە بىر
نىشانغا يۆتكىلەلەيدۇ.بۇ خىل يۆتكىلىش ئادەمنىڭ تەپەككۈر قىلىش جەريانىنىڭ
بىر مۇھىم قانۇنىيتى.
5)بالىلار چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئۇنى ئەتراپىمىزدىكى ،دۇنيادىكى شەيئىلەرنى
سەزگۈرلۈك بىلەن ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان ۋە ھېس قىلالايدىغان قىلىش-كەڭ مائارىپ-
چىلارنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرىدىن بىرى.
6) بالىلارنى تەسسەۋۇر كۈچى ۋە تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدىغان
مەشقلەرگە جاۋاپ بېرەلەيدىغان قىلىش-بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشنىڭ
مۇھىم ئۇسۇلى.
7)باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا زېھنىي مەشق ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ،
ئالاھىدە خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىغا مۇھتاج بولىدۇ.
8) بالىلارنىڭ ئاكتىپ تەپەككۈر پائالىيتى مەشقلەرنى يېشىشنىڭ ئاچقۇچى.چۈنكى،
بالىلار كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ شەيئىلەر بىلەن ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇنا-
سىۋەتنى ئىزدەۋاتقان ۋاقىتتا،چوڭ مېڭە بىرلا ۋاقىتتا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىدۇ.
چۈنكى،ئەتراپىمىزدىكى دۇنياغا مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان تېمىلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ.
9) جىددىي پىكىر يۈرگۈزۈشنىڭ ئۆزى ماھىيەتتە بالىلارنىڭ زېھنىي كۈچىنى تەرەققى
قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاستىسى.
10) ئابستراكىت يىغىنچاقلاش كونكرېت شەيئىلەرنى چۇڭقۇر چۈشىنىشنىڭ ئالدىنقى
شەرتى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-4 23:39:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مەن ۋە مائارىپ(22)


(مىكرو مۇلاھىزىلەر)

ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

1)پىلانلىق تۇغۇت-جەمئىيەت،ئائىلە،مىللەت،دۆلەت ۋەكىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي،ئىقتىسادى
    سۈپىتىنى بەلگۈلەيدۇ.
2)بالا ئاز بولسا كۆڭۈل توق بولۇر؛ بالا كۆپ بولسا ئىنساپ يوق بولۇر...!
3)بالا كۆپ ئۆيدە ئەندىشە كۆپ بولۇر؛بالا ئاز ئۆيدە ئەندىزە كۆپ بولۇر...!
4)كېچىككىنە ئورۇن سېنى قالتىس كۆرسەتكىنى بىلەن ئۇ بەرىبىر،بىراق سېنىڭ شۇ قالتىسلىقىڭ
   كەلگۈسىدە باشقىلارغا پايلىيالىسا سېنىڭ كۈچلۈكلىگىڭ،پايلىيالمىسا-سېنىڭ ۋەيران بولغىنىڭ...!
5)جەمئىيەت ئىستىلىنى ياخشىلاش-پىلانلىق تۇغۇت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى.
6)ئادەم بىر پارچە يەرگە ئوخشايدۇ.يەرنى تىرىشقا كىمنىڭ قۇربىتى يەتسە ئەلۋەتتە شۇ-
    شۇ يەرنىڭ خوجايىنى بولالايدۇ.
7)ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى چۈشىنىشكە ئالدىرايدىغان كىشى ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ
   قەدىر-قىممىتىنى چۈشىنىشى كېرەك...
8)قاسساپلارنىڭ كۆپلۈكىدىن قوي گۆشلىرى جالاشتى،
   ئىنساپسىزلار كۆپلۈكىدىن نائىرىسىدىلەر خارلاندى...
9)كىشىلىك ئاڭ-نۇپۇسنى كونتۇرۇل قىلىشنىڭ يادروسى،مەجبۇرلاش-مۇقۇمسىزلىقنىڭ ئاساسى.
10)نۇپۇسنىڭ كۆپلۈكىدىن جەمئىيەت بۇلغانمىسۇن،جەمئىيەت كەيپىياتىدىن ئاھالىلەر
      زارلانمايدىغان بولسۇن...!
11) ئائىلىۋى ئەخلاق-ئائىلە بىلەن جەمئىيەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ،نۇپۇسنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىدۇر.!
12)نۇپۇس ئاز بولسا -دۆلەت گۈل بولۇر،
      نۇپۇس كۆپ بولسا-دۆلەت چۆل بولۇر.
      نۇپۇس كۆپ ئەلدە -مۇقىملىق بولماس،
     نۇپۇس ئاز ئەلدە -بۇلغىنىش بولماس...!
13)مەن جاھاندىكى ئىنسانلاردىن قىلچە رەنجىمەيمەن،
      رەنجىيىدىغىنىم-يەنىلا كېيىنكى كۈنلەر...!
   


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-25 17:37:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سوخۇمۇلىنىسكى ۋە مائارىپ(7)


(مىكرو مۇلاھىزىلەر)


رەتلەپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن


1)بالىلار خەتنى راۋان ئوقۇيالايدىغان بولغان ۋاقىتتا،كىتاب ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا غايەت زور رول ئوينايدۇ.بۇ يەردىكى راۋان ئوقۇش ئالدى بىلەن
ئوقۇش ماھارىتىنى ئىگىلەشنى كۆرسىتىدۇ.
2) كىتاپ ئوقۇشنى ئوقۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن دەپلا قارىماستىن
بەلكى ئۇنى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان ۋاستە،شۇنىڭدەك بۇ پەقەت باشلىنىش دەپ قاراش لازىم.
3) ھەقىقى ئوقۇش سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى،تىلنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە ئۇنىڭ نەپىس
رەڭدارلىقىنى ناھايىتى ياخشى ھېس قىلىشتىن ئىبارەت.
4) ئوقۇش- بىر كىچىك دېرىزە.ئوقۇش ئارقىلىق بالىلار ئەتراپىدىكى دۇنيانى
كۈزىتەلەيدۇ ۋە بىلەلەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئۆزىنىمۇ تونۇيالايدۇ.
5) ئوقۇش ۋە يېزىشقا بولغان قىزىقىش ھەمدە گۈزەللىككە ئىنتىلىش قابىلىيىتىنىڭ تەييارلىنىشى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگېنىۋىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم
شەرتى.
6) كىتاب پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىگە-ئەقلىي،ھېسىيات، ئىستېتىك سەۋىيىسىگە ماسلاشقاندىلا،شۇنىڭدەك بۇ تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئالغا سۈرگەن چاغدىلا،ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا كىرەلەيدۇ.
7) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشلۇقىنى توغرا تاللاش ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.ھېسىيات پۇرىقىغا باي،جانلىق بولغان ئۈنلۈك ئوقۇشقا تەييارلىق
قىلىش جەريانىدا،ئالاھىدە مۇھىم بولىدىغىنى بالىلارنى تەپەككۈر مەنبەلىرىگە
كۆپ قېتىم ئېلىپ بېرىپ،تىلنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
8) ئەگەر ئوقۇتقۇچى تىل ۋە تەپەككۈر مەنبەسىگە بارىدىغان چېغىر يولنى ئاچ-
مايدىغان بولسا،ئۇنداقتا،مەيلى ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇش،قانداق تەلەپپۇز
قىلىش،ئۇرغۇنى قانداق ئىگىلەشلەرنى قانداق ئۆگەتسۇن؟ بالىلار ھېسىياتلىق
ئۈنلۈك ئوقۇشنى ياخشى ئۆگىنىۋالالمايدۇ.
9) سۆزنىڭ ھېسىيات تۈسى ھېسىياتلىق ئوقۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.ئاڭلاش
سەزگۈسى ئارقىلىق ئىدراك قىلىنىدۇ.
10) بالا تىل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھېسىياتى ۋە تەسىراتىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان ۋاقتىدىلا،ئاندىن ئەسەرنىڭ ئىدىيىسى ئۇنىڭ قەلبىگە كىرەلەيدۇ.
11) ئاتالمىش«تەركىدۇنيا»لىق ھەرگىزمۇ تەنھالىق ئەمەس،بەلكى تەپەككۈر،
ھېسىيات،ئېتىقاد،كۆزقاراش جەھەتتە ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەشنىڭ باشلىنىشىدۇر
...بۇ باشلىنىش پەقەت كىتاب بالىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا كىرگەندىن كېيىنلا
،ئاندىن مۇمكىنلىككە ئايلىنالايدۇ.
12) مەكتەپ تۆۋەندىكى 4خىل چوقۇنۇش كەيپىياتىغا تولغان چاغدىلا،ئاندىن
ھەقىقىي مەدەنىيەت بۆشۈكىگە ئايلىنالايدۇ:ئۇلار-ۋەتەنگە چوقۇنۇش؛ئىنسا-
نىيەتكە چوقۇنۇش؛كىتابقا چوقۇنۇش ۋە مىللىي تىلغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت.




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش