ximal
كۆرۈش: 55|ئىنكاس: 1

مەدەنىيىتتە ئائىلىنىڭ ئۆلۈمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  153
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 19
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 00:51:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەنىيىتتە ئائىلىنىڭ ئۆلۈمى

قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى

(‹‹ ئىلى دەرياسى ›› ژۇرنىلى 2012– يىل 3– سان)

قارىماققا، ‹‹ ئائىلىنىڭ ئۆلۈمى ›› دېگەن بۇ سۆز بىرقەدەر سىرلىق ھەم قورقۇنچلۈق تۇيۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىپتىدائىي دەۋردىن باشلانغان ئائىلە ئۆزىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا نەچچە قېتىم ئۆلگەن ۋە يېڭىۋاشتىن تۆرەلگەن. ئائىلىنىڭ ئۆلۈشى ۋە ئۇنىڭ تەرققىياتى مەدەنىيەتنىڭ تۇغۇلىشى ۋە ئىزچىل يېڭىلىنىشى، جۇغلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. روشەنكى، مەدەنىيەت كىشىنىڭ ھايات ۋە تەپەككۇر پائالىيەتلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، تولۇقلىنىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئۇنداقتا، مەدەنىيەتتە ‹‹ ئائىلە ئۆلەمدۇ ››؟
مەدەنىيەت ئىزچىل تەرەققىي قىلىدۇ ۋە يېڭىلىنىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئائىلىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ ۋە يېڭىلىنىدۇ. ئائىلىنىڭ مەدەنىيەتتە تۇتقان ئورنىنىڭ قانداقلىقى، قايسى يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشى، شۇنىڭدەك ئائىلىنىڭ مەدەنىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ قايسى رەۋىشتە تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىزچىللىققا ئىگە بولۇشىغا ئوخشاش مەزمۇنلار مەدەنىيەت بىلەن ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئائىلە ‹‹ ئاتا – ئانا – پەرزەنتتىن تەركىب تاپقان ئىجتىمائىي بىرلىك ›› بولۇپ قالماستىن، بەلكى مەدەنىيەتنى تۇغىدىغان ۋە ئۇنى تاكاموللۇققا ئىگە قىلىدىغان ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋىي بىرلىكتىن ئىبارەت.  بىراق، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە كىشىلىك مەدەنىيەت قىممەت قارىشىنىڭ يېڭىۋاشتىن تولۇقلىنىشى بىلەن، ئائىلە ئۆزى تۇغقان مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ئىجتىمائىيلىق، مەنىۋېيلىك ھەمدە ئىقتىساد، سىياسىي ۋە روھىيەت ئالىمىدە يۇغۇرۇلغان زۆرۈرىيەتلىك قاتلامدا ئاددەتتىكى ئىجتىمائىيلىق ئوراپ تۇرغان ئامىلغا ئايلىنىدۇ. بۇ ماھىيەتتە، ئائىلنىڭ مەدەنىيەتتىن ئايرىلىشى، يەنى ئائىلىنىڭ ياتلىشىشى، تېخىمۇ ئېنىقراغى، ئائىلنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىبارەت. ئائىلە ئادەمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئائىلىدىكى ئادەملەر ئەر – خوتۇن، پەرزەنتلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئائىلىۋى مۇناسىۋەت ئەر بىلەن خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، بالا بىلەن ئاتا – ئانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، بالا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، يەنى ئەر – خوتۇنلۇق، ئاغا– ئىنىلىك، ئاچا – سىڭىللىق مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە ئاتا – بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئاساسىي ئوق قىلىدۇ( لى يىيۇەن ‹‹ مەدەنىيەت ۋە تەربىيىلىنىش ››، گۇاڭشى پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرياتى، 85 – بەت ). مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەت ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىيلىق، مەنىۋىيلىك، سىياسىي، ئىقتىساد  قاتارلىقلار شۇ مۇناسىۋەتنىڭ ھەربىر قاتلىمىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. ئائىلنىڭ مەدەنىيەتتىكى ئۆلۈمىنى ماھىيەت نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، ئائىلىنىڭ ئۆلۈمى مەدەنىيەتتىن ئايرىلىش بولماستىن، بەلكى ئۇنى ئائىلدىكى ئادەملەردىن، يەنى ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىن ياتلىشىشتىن ئىبارەت ئۇقۇمغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
مەيلى ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سەگەكلىك بىلەن نەزەر سالايلى ياكى ياۋرۇپا ياكى ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا دېققەت قىلايلى، ئائىلە فورمىسىنىڭ قانداق بولۇشى دۇنيا ۋە مىللەتلەر مەدەنىيەت ئايرىمىسىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلىگەن. شۇڭا، ھەر قايسى مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەردە، مۇھىمى شەرقچە تەپەككۇر بىلەن غەربچە تەپەككۇردىكى ئائىلىۋى قىممەت قارىشى بىلەن مەدەنىيەت قىممەت قارىشى، شۇنىڭدەك ئۆزلۈك ۋە كىملىك قىممەت قارىشىدا ناھايىتى چوڭ پەرق ساقلانغان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئائىلىنىڭ شۇ فورمىسى ئائىلە بىلەن مەدەنىيەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بەزىدە چوڭقۇرلاشتۇرغان بولسا، يەنە بەزىدە بۇ مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا دەز كەتكۈزدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغىنىمزدا، مەدەنىيەت بىلەن ئائىلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يېرىقنىڭ ھامان چوڭىيىۋاتقانلىقىنى، ئائىلىنىڭ مەدەنىيەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملىرىدا ‹‹ ئۆلۈم ›› ۋەھىمىسىدە ئىڭراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز.  قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدىن قارىغاندا، ئۇرقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى قۇرۇلۇشتىن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغى ئاستىغا ئۇيۇشقان  قەبىلىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار قەبىلىسى باشلامچىلىق ۋە يېتەكچىلىك قىلاتتى، قەبىلە ئاقساقاللىرى، ئېركىن، قاغانلار ياغلاقار ئۇرۇقىدىن بولاتتى، ھەربىي، مۈلكىي ئەمەلدارلارمۇ ئاساسەن شۇ ئۇرۇقنى ئاساسىي گەۋدە قىلىناتتى. ياغلاقار ئۇرۇقى ئەسلىدە بىر ئائىلىنىڭ يېتەكچىسى ئىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇرقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يىمىرلىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئائىلنىڭ يىمىرىلىشى، يەنى ئۇرقۇن ئۇيغۇرلىرى مەدەنىيىتىدىكى ئائىلىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ياغلاقار ئۇرۇقىنى ئاساسىي ئوق  قىلغان بۇ چوڭ ئائىلە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزلۈك قىممەت ( يەنە ئۆزلۈك مەنپەئەت ) تالىشىشى، شۇنىڭدەك بىربىرى بىلەن ئايرىلىشى، ياتلىشىشى ۋە ياتلاشتۇرۇلۇشى داۋامىدا گۇمران بولدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ياغلاقار ئائىلىسى سىياسىيلىقىنى يوقىتىپ، قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقالمىدى، بەلكى، كېيىنچە ياغما ۋە قارلۇق ئۇرۇقىنى ئاساسىي ئوق قىلغان چوڭ ئائىلە روناق تاپتى. ئامما بۇ ئائىلىمۇ خۇددى ئۇيغۇر تارىخىدىكى باشقا ئائىلىلەرگە ئوخشاشلا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشى ۋە ئۆزلۈكى، تەلىپى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت قىممەت قارىشىنىڭ يېڭىلىنىشى، ئايرىلىشى بىلەن مەدەنىيەتتىكى ‹‹ ئۆلۈمى ›› دىن قۇتۇلالمىدى. ئۇيغۇر تارىخىدىن مۇنداق مىسالنى كۈرمىڭلاپ تېپىش مۇمكىن. لېكىن، ئائىلنىڭ مەدەنىيەتتە ‹‹ ئۆلۈشى ›› نى مۇنداق چوڭ ئوق مەركەز ئائىلنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە سىياسىيدىكى كىملىك قىممەتتىكى ئورنىغىلا باغلاپ قويۇش تازا مۇۋاپىق بولمىسا كېرەك. يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ئاساستا، مەدەنىيەتلەر ئۆتكۈر دەرىجىدە يۇغۇرىلىۋاتقان، مەدەنىيەت تەمرەتكىلىرى ۋە مەدەنىيەت بۇلغانمىلىرى ‹‹ تەرەققىيات ››، ‹‹ ئېسىل ئەنئەنە ››، ‹‹ غايىۋى مەدەنىيەت ›› نىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە گەۋدىلىنىۋاتقان كۆز ئالدىمىزدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا قاراپ باقايلى.
1980 – يىلىنىڭ بۇياقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسىدە، شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەنىۋىي تۇرمۇشىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە زور يۈكسېلىشلەر بارلىققا كەلدى. شۇنىڭغا ئۇلىنىپلا تۇرمۇش رېتىمىنىڭ كۈنسايىن تېزلىشىشى ۋە چەت ئەل مەدەنىيىتى، پەن – تېخنىكىسىنىڭ چوڭقۇرلاپ كىرىشىگە ئەگىشىپ يەنە بىرمۇنچىلىغان مەدەنىيەت، ئەنئەنە ۋە ئائىلە  سورۇقچىلىقلىرىغىمۇ ئۇچرىدۇق. مەدەنىيەتتىكى ئائىلىنىڭ ئۆلۈمى ئىلگىرى يوشۇرۇن ھالدا كۆزىمىز ۋە روھىمىزنى غەلەت قىلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرىپ، نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت قاتلىمىمىزنى ئوڭتەي – توڭتەي قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئائىلىنىڭ ئۆلۈمىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلماقتا. ئىلگىرى، ھەممە ئائىلىدە ئاتا – ئانا ، قىز – ئوغۇل، كېلىن – كەتەكلەر بىر تىزىق مارجاندەك ئائىلىۋى تۇرمۇش رېتىمىنى، يەنى يېڭىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىۋى ھايات سېمفونىيىسىنى ياراتقانىدى.  ئاتا – ئانا ئوغۇل ئۆيلەپ، قىز چىقىرىپ، كېلىنلىك، كۈيئوغۇللۇق  بولغاندا، كەم دېگەندە بىر – ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇلارنى بۆلۈپ، ئايرىم ئۆيلۈك – ئوچاقلىق قىلىپ قوياتتى. نەۋرىلەر بىر قورادا چوڭ بولاتتى، بوۋا – مومىسىنى، تاغا – ھاممىسىنى ۋە  بىر – بىرىنى تونۇشاتتى، ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق رېشتى، مېھىر – مۇھەبببىتى يالقۇنجاپ تۇراتتى. بالىلار ( ئاتا – ئانا بولغان ئوغۇل – قىزلار )، نەۋرىلەر چوڭلار ( بوۋاي – موماي دەپ ئاتالغان ئاتا – ئانىلار ) دىن ھېيىقاتتى، ئۇلارنىڭ سۈرى بالىلار، نەۋرىلەرنى تەربىيىلەيتتى. ھېيت – ئايەملەردە ئائىلەر شاد – خوراملىققا چۆمەتتى. بىراق، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى، ئۆزلۈك، كىملىك ۋە مەدەنىيەت قارىشىنىڭ تولۇقلىنىشى، يېڭىلىنىشى بىلەن بۇنداق مەدەنىيەت بىلەن ئائىلە بىر گەۋدىلەشكەن مىلودىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئاستا – ئاستا يىراقلىشىشقا باشلىدى. ئىلگىرىكى كەڭ – ئازادە قورا، ئۆيلەرنى تار، ھويلىسى يوق ئۆيلەر ئىگىلىدى. ئىلگىرى، ئۆينىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرىدىغان تۇرمۇش رېتىمى كوچىمۇ – كوچا، مەھەللىمۇ – مەھەللە، بازارمۇ – بازار قاتراپ يۈرىدىغان بولدى. ئىلگىرى، توي قىلىپ ھېچ بولمىغاندا، بىر – ئىككى يىل چوڭ قورادا ئولتۇرۇپ، ئاتا – ئانىسىغا خىزمەت قىلىدىغان ئوغۇل بىلەن كېلىندىن ئەسەر قالمىدى، توي قىلماي تۇرۇپلا  ئۆيلىرى ئايرىلىپ بولىدۇ. نەۋرىلەر بوۋا – مومىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدۇ، نەۋرىلەر بىربىرى بىلەن تازا تونۇشۇپ كەتمەيدۇ، تاغا – ھاممىلىرىنى بىلىشمەيدۇ، ھەتتا قوشنىلىرىنىمۇ ئانچە تونۇپ كەتمەيدۇ. ئوغۇل – قىز، كېلىن – كەتەك، كۈيئوغۇللار ئاتا – ئانىلاردىن ئەيمىنىپ كەتمەيدۇ، ئاتا – ئانىلارنىڭ سۈرى سۇسلىشىپ، ئۇلارنى تەربىيىلەش ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلىپ قالدى. ھېيت – ئايەملەردە ئۆيلەر ئادەمسىز قاغچىراپ، ئاتا – ئانا بالىلىرىنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ قارايدىغان ئائىلىنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق تىراگدىيە ئاخىر يېتىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىكى ماھىيەتتە ئائىلىنى ئاساسىي ئوق قىلغان ئائىلىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكىدىن  بارابارا سىرتقى جايلارغا قاراپ كېڭەيدى، ئائىلنىڭ بالىلارنى تەربىيىلەش، قېرى– چۈرىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتەك مائارىپلىق ۋە ساناتورىيىلىك رولى كۈنسايىن ئاجىزلاشتى، يىللارنىڭ ئۆرۈلۈشى بىلەن ئاۋۋال ئەرلەرنىڭ، ئارقىدىنلار ئاياللارنىڭ بوسۇغىدىن ئىبارەت داۋاندىن ئاتلىشى بىلەن كان – كارخانىلارغا، ئىدارە – ئورگانلارغا بېرىپ، سائەتلىك تۈزۈمدە ئىشلەيدىغان، بالىلىرىنى يەسلىگە، قېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئاتا – ئانىسىنى ساناتورىيىلەرگە ئاپىرىپ قويىدىغان شارائىت ھازىرلاندى. بۇنىڭ بىلەن نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنى ئۆز قوينىغا سىغدۇرۇپ ۋە پەپىلەپ، تەربىيىلەپ كەلگەن ئائىلە كۈندۈزدە ‹‹ ھوقۇش ئۇۋىلايدىغان ››، كېچىدە ‹‹ ۋاڭ – چۇڭ بېسىلمايدىغان ›› يېقىنقى زامان دەۋرىدىكى يولۇچىلارنىڭ غەمگۈزارى —— ‹‹ دەڭ ›› گە ياكى غەربلىكلەرنىڭ تىلى بويىچە قوپالراق ئېيتقاندا، ئائىلە ئىككى جىنىسنىڭ ( ئەر – ئايالنىڭ ) ئۇچرىشىدىغان ۋە ئەۋلاد قالدۇرىدىغان ‹‹ ئۇۋا ›› سىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ۋاھالەنكى، بۇ مۇستەملىكە دەۋرى ۋە ئىنقىلاپ غەلىبە قىلىپ، ئىزدىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش دەۋرىدىكى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي رىئاللىقى ئىدى( فىرانسىس فۇكۇياما ‹‹ چوڭ بۆلۈنۈش —— ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى ››، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشىرىياتى، 43 – بەت ).  روشەنكى، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان بىز مەدەنىيىلەشتۇق، كۆپلىگەن مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلدۇق، پەن – تېخنىكىدا خېلىلا يۈكسېلىپ قالدۇق. يامىنى بىزنىڭ كۆزىمىزنى ‹‹ ئېچىۋاتقان مەدەنىيەت ›› ئامىللىرى ئائىلىمىزدىن تەزدۈرۈشكە، ياتلاشتۇرۇشقا، ئائىلىنى ئۆز قولىمىزدا ۋە ئۆزلۈك مەدەنىيىتىمىزدە ئۆلتۈرۈشكە  قىستاۋاتىدۇ.
شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، ئائىلىنىڭ ئۆلۈمى بۇ نۇقتىلاردىلا گەۋدىلىنىپ قالغان ئەمەس. ئۇنىڭ يىلتىزى تېخىمۇ تىرەن، دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، ئۇ ئوراپ ۋە سىقىپ تۇرغان ئىجتىمائىي، مەنىۋى  تۇرمۇشىمىزنىڭ ھالقىلىرى تېخىمۇ چوڭ. چەت ئەلنىڭ ئائىلە، نىكاھ ، مۇھەببەت ۋە كىشىلىك قىممەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى ھەمدە جىنسىي قىممەت قارىشىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئائىلە، نىكاھ، مۇھەببەت، جىنسىي قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك قىممەت، ئۆزلۈك مەنپەئەت قىممەت قارىشى، مەدەنىيەت قىممەت ۋە سەنئەت قىممەت  قارىشىدا ‹‹ غەرپلىشىش ›› ئۇچقۇنلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ھەتتا دىنىي قىممەت قارىشىدىمۇ ( بۇ ئاساسلىقى بىر قىسىم ياشلارغا كۆرۈلىۋاتىدۇ ) ‹‹ ئىسلامىي كالام ›› دىن ‹‹ خىرستىيانىي كالام ››غا ئەگىشىش قۇيۇنلىرى كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە مەدەنىيەتنىڭ جۇغلىشى ۋە يۇغۇرۇلۇشى، يەنى مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىكى سۈپىتىدە ئائىلىنى ‹‹ ئۆلۈم ›› دىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق ئارالغا چاقىرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ قارىشىدا، قەدىمكى دەۋرلەردە ۋە ھەتتا يېقىنقى چاغلارغىچە ( ھازىرمۇ بار ) ئوغۇللار ئاتا – ئانىلارنىڭ رازىلىقى ۋە ئارزۇسى بويىچە ئۆيلىنەتتى، قىزلار تالالىق قىلىناتتى. ‹‹ تويدىن كېيىن مۇھەببەتلىشىش ›› ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەغدىرى ۋە بارلىقى ئىدى. بۇنداق، فېئودال ئىدىيىگە شۇ دەۋرلەردىلا ‹‹ ياشلارنىڭ ئەركىن تاللىشى ›› دىن ئىبارەت مۇھەببەت ۋە نىكاھ قىممەت قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ‹‹ تاھىر – زۆھرە ››، ‹‹ غېرىپ – سەنەم ››، ‹‹ ۋامۇق – ئۇزرا ››، ‹‹ رابىئە – سەئىددىن ›› ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەركىن مۇھەببەت كۈيلەنگەن داستانلار بىزنى بۇ ھەققىدە مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. ئىلى تارانچى ئۇيغۇرلىرىدىكى ئوغۇل – قىزلارنىڭ  ‹‹ پوق يەپ قويۇش ›› ( ئېلىپ قېچىش – قېچىش ) ى ئەمەلىيەتتە فېئودال ئىدىيىدىكى مۇھەببەت ۋە نىكاھ قىممەت قارىشىغا قارىشى قوزغالغان ئەركىن مۇھەببەتلىشىش ئىنقىلابى ئىدى. ھالبوكى، بۇنداق فېئوداللىق ئىدىيىنىڭ ئاسارىتى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئەركىن مۇھەببەت ۋە نىكاھ غەربلىشىپ، ‹‹ ئەركىن بىللە تۇرۇش ›› قا ئۆزگەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل قىسمەت ۋە سەۋەبلەر بەدىلى بىلەن كېچىكىپ توي قىلىدىغان ياكى مەڭگۈ توي قىلماي يالغۇز ( بويتاق، تۇل ) ئۆتىدىغانلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى سانى بارغانچە ئېشىۋاتىدۇ. توي قىلماي بىللە تۇرىدىغان، توي قىلماي بالىلىق بولىدىغان، بۇياقتىن توي قىلىپ، ئۇياقتىن ئاجرىشىدىغان، تەنھالىق ( بويتاقلىق، تۇللۇق ) ننى ياقتۇرىدىغان ئىجتىمائىي فورماتسىيە ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن باشلاپ مودىغا ئايلانغان بولسا، مانا ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت قىممەت قارىشىدا كىشىنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان مەدەنىيەت ئۇقۇمى بولۇپ قالدى. ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا،ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا ئامېرىكىدىكى توي قىلغانلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى نىكاھىدىن ئاجراشقان بولۇپ، ئاجراشقۇچىلارنىڭ سانى ئىلگىرى توي قىلغۇچىلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ ئامېرىكىنىڭ 30 – يىلاردىكىدىن تۆت ھەسسە قاتلىنىدىكەن، توي قىلماي بالا كۆرىدىغانلارنىڭ سانى 40 – يىللادىكى %5 تىن 1993 – يىلى %31 كە يەتكەن ( يۇقىرىقى ئەسەرگە قاراڭ ). گەرچە، بىزدىكى نىكاھتىن ئاجرىشىش بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەت پەرقى، شۇنىڭدەك توي قىلماي تۇرۇپ بالىلىق بولىدىغانلارنىڭ ( ئەلبەتتە ھازىرچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئائىلە يەنىلا ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغاچقا، توي قىلماي بالا تۇغقانلار بالىسىنى باشقىلارغا بېرىۋېتىدۇ ياكى دوختۇرخانىلارغا قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئوچۇق – ئاشكارە بېقىۋېلىشى يوق دېيەرلىك ) نىسبىتى ھازىرچە ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، 2000– يىلدىن بۇيانقى نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ نىسبىتى ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدىن ھەقىقەتەن يۇقىرى بولسا كېرەك. ئەركىن مۇھەببەت ۋە نىكاھنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلىشى، نىكاھتىن ئايرىلىش، كېچىكىپ توي قىلىش، بىللە تۇرۇش قاتارلىقلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ئائىلىنىڭ ئۆلۈمىنى تېزلىتىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىللاردىن بولۇپ قالدى. ئۇندىن باشقا، ئادەم بولۇش تەلىپى بىلەن ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىشى، ئادەمنىڭ ئائىلىدىن ئەركىنلىك تالىشىشى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ۋارسلىق مەنپەئەت كۈرىشى، جىنسىي ئەركىنلىك ۋە ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن بىرىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارە، يەنە بىرىنىڭ يوشۇرۇن ئورۇن ئېلىشى ( ئەمەلىيەتتە يوشۇرۇن ئەمەس، ئۆزىمىز يوشۇرۇۋاتىمىز )، ئاياللار دارامىتىنىڭ ئېشىشى، مەدەنىيەت ۋە سىياسىيدىكى ئورنىنىڭ ئۆسۈشى ( بۇلار ئاياللارنىڭ بالىلارنى تەربىيىلەشتەك ئائىلىۋى روھىنى سۇسلاشتۇرىدۇ  ) قاتارلىقلارمۇ ئائىلنىڭ مەدەنىيەتتە ‹‹ ئۆلۈشى ›› روياپقا چىقىرىدۇ.
قىسقىسى، مەدەنىيەتتە ئائىلە ‹‹ ئۆلىدۇ ››. ئەمما مەدەنىيەتتە ئەسلى روھىدىن ئايرىلغان ۋە ‹‹ ئۆلگەن ›› ئائىلىنىڭ رولىدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قانداق ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش، شۇنىڭدەك ئۇنى قانداق تىرىلدۈرۈش ياكى ئۆلتۈرمەسلىك ئۆزىمىزگە ۋە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت، ئۆزلۈك، كىملىك قىممەت قارىشىمىزنىڭ ساپلىقىغا ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىغا باغلىق.


2006 يىل 11– ئاينىڭ  26– كۈنى. ئۈرۈمچى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 894
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1928
تۆھپە : 4
توردا: 470
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 12:38:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقىسى، مەدەنىيەتتە ئائىلە ‹‹ ئۆلىدۇ ››. .........

  بۇ يەكۈن بەك مۇتلەقلىشىپ كەتتىمۇ نېمە؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاينۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 12:39  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش