قاراقاش دىيارىدىكى يازغۇچى سەبدىشىمىز تۇردى ئەھمەدنىڭ « كېرىم بۇدۇشقاق » ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىپ تارقىتىلدى.
بۇ توپلام يازغۇچىنىڭ « ساراڭ بۇلىۋالغان ئوغرى » ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمىدىن كىيىن ئۇقۇرمەنلەرگە سۇنغان يەنە بىر سوۋغىسىدۇر.
توپلامغا يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك بولغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان « تارىم »، « يېڭى قاشتېشى » ژورناللىرىدا ئىلان قىلىنىپ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان « مامۇت كاشىلا »،« توختى يوقلام »،«دېھقان چاقچىقى» قاتارلىق 12پارچە ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ، كىتاپ جەمئى 275بەت، 22باھاسى يۈەن .