كۆرۈش: 603|ئىنكاس: 16

ئالىمنىڭ ئىزتىراپلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1097
تۆھپە : 7
توردا: 250
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 01:34:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





ئالىمنىڭ ئىزتىراپلىرى



مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن(1933.9.28 ـــ 1995.2.28) ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپاد بولغان يىلى، يەنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ۋاپاتىدىن ئالتە ئاي كېيىن تۇغۇلغان. ئالىمنىڭ  ئارىمىزدىن كەتكىنىگە 12يىل بولاي دېدى.ئالىم دېگەن نامنى شۇ نام ئىگىسىگە خەلق بېرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەرقايسى ساھەلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئالىم دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان ئىلىم ئەھلى خېلى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئىسىمى-جىسىمىغا لايىق ھەقىقى ئالىم بولالىغان، خەلقىمىزنىڭ بىردەك ئېترابىغا ئېرىشكەن ئالىملىرىمىز ساناقلىق.

مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى دىن، پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات، مۇقام، سەنئەت، ئېستېتىكا، فولكلور، مائارىپ، تېبابەت، تىل، ئارخېئولوگىيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.«ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشتىكى كۈچلۈك خارەكتېرى، ھاردىم-تالدىم دېمەي ئىزدىنىش روھى، مۇستەقىل مۇلاھىزىگە، يېڭىچە يەكۈنگە ئىگە تەتقىقاتلىرى، ھېكمەتكە، ھېسىياتقا باي بەدىئي ئىجادىيەتلىرى ئۇنى ئۆز مىللىي تۈ*ركۈمى ئىچىدىكى زامانداشلىرىنىڭكىدىن سان ۋە سۈپەت جەھەتتە كۆپ ئارتۇق بولغان زور بىر تۈ*ركۈم ئەسەرلەرنى يارىتىش ئىمكانىيتىگە ۋە ‹ئىزچى›(يول ئاچقۇچى) ئالىم بولۇش سالاھىيتىگە ئىگە قىلدى.»

بۈگۈنگىچە ئالىمنىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى»(بۇ كىتاب دەسلەپ ئازراق قىسقارتىلىپ، كېيىن تۇلۇق ھالدا ئىككى قېتىم نەشىر قىلىنغان)، «قۇتادغۇ بىلىك خەزىنىسى»، «قاتلاملىق ئېستېتىكا»، «ئومۇمىي ئېستېىتىكا»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە»، «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، «ئۇيغۇرلادا ئىسلام مەدەنىيىتى»، «ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن ھېكمەتلىرى» (ئىبراھىم ئالىپ تېكىن نەشىرگە تەييارلىغان)، «رۇبائىيات-1»، «رۇبائىيات-2»، «چوغلۇق»(شېئىرلار توپلىمى)، «سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى»(نەسىرلەر توپلىمى)، «قارلىق تاغ شەجەرىسى (364 بەتلىك ئايرىم كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنغان بۇ يىرىك داستان پۈتۈنلەي قوش قاپىيە شەكىلدە يېزىلغان)، «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، «ئائىلە»، «يىپەك يولىدا سەنئەت جەۋھەرلىرى»، «ئۇيغۇر پەلەسەپە تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەر» (بۇ بىرلەشمە توپلام بولۇپ، ئالىمنىڭ بەش پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن) قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىندى. يەنە «غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر»، «يۈز شېئىر»، «بۈيۈك شائىر ئەلشىر نەۋائىي قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق كىتابقا ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن ...

ئالىم دىيارىمىزدا كومپىيوتېر تېخى ئومۇملاشمىغان دەۋردە ئاشۇنچە كۆپ ئىلمىي ئەمگەكلەرنى مىراس قالدۇردى. ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلاش، تۇنۇشتۇرۇش جەھەتلەردە يالقۇن رۇزى، ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن، ئىبراھىم ئالىپ تېكىن قاتارلىقلار كۆپ مېھنەت سىڭدۈردى.

مەرھۇم ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى، بولۇپمۇ ئىلمىي ماقالىلىرى ناھايتى يۇقۇرى سەۋىيىدە يېزىلغان بولۇپ، يۇقۇرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.مەن ئالىمنىڭ نەشىر قىلىنغان ھەممە كىتابلىرىنى سېتىۋالغان ئىدىم.بۇ كىتابلارنى ئوقۇغانسىرى ئالىمنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئۆتكۈرلىكىگە، بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم بولغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا تاشلىغىنىغا ھەسسىلەپ قايىل بولىمەن.ئالىمنىڭ كىتابلىرى شۇنچە يۇقۇرى سەۋىيەدە يېزىلغان، كىتاب ۋە ماقالىلىرىدە ناھايتى مۇھىم مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىلگەن، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئالدىمىزغا تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىتابلار ئەدناسى بىر قىسىم ئالدىراپلا يېزىلغان رومانلارچىلىكمۇ بازار تاپالمىدى.قايتا-قايتا نەشىر قىلىنىش بەختىگە تېخىمۇ مۇيەسسەر بولالمىدى. مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىساملا ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ. شۇڭا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كىتاب ۋە ماقلىلىرىدىكى ھېكمەتلىك سۆز ۋە چوڭقۇر پەلسەپىۋى مەسىللەرنى خالىس نىيەت بىلەن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى توغرا تاپتىم. قېنى ئەمىسە بىز ئالىمنىڭ ئىزتىراپلىق پىكىر چەشمىلىرىگە شۇڭغۇپ باقايلى:   

             ※                            ※     

مەن تارىخچىلىرىمىزنىڭ ئۆلگەن جەسەتلەردىن كۆرە تىرىك مىللەتكە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى، مائارىپچىلىرىمىزنىڭ كىتاب ۋە خېمىيىلىك ئانالىزدىن كۆرە رېئال تۇرمۇشقا قىزغىن خەيرىخاھلىق  قىلىشىنى؛ يازغۇچى-شائىر-ئەنزارچىلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋەقەلىرى چاتمىسىغا يۇشۇرۇنغان ئەسىر-ئەسىرلىك چىنلىق قاتلىمىغا چۆكۈشىنى، ئۇلارنىڭ سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن پاراخۇتلار بولىشىدىن كۆرە، سۇ ئاستى كېمىلىرىدەك زېمىن باغرىدىكى ئوبېيكىتلار ئۈستىدە مۇتەپپەككۇرانە پىكىر يۈرگۈزۈشىنى؛ بېيىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ قولغا كىرگۈزگىنى پاخال، قولدىن بېرىپ قويغىنى جاۋاھىرات بولۇپ قالماسلىقىنى پايدا-زىيان مىزانى قىلىشلىرىنى؛ ھەردەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئاشلىق، پولات ۋە نېفىت مەھسۇلاتى ھەققىدە باشقاتۇرۇش بىلەن بىللە مىللەتنىڭ ئۇرۇقى، سۈڭەك قۇۋۇرغۇسى، قەلبى ۋە قېنى ئۈستىدە تەخىرسىز تەپەككۇر قىلىشىنى؛ ئىللەت پاتقىقىغا چۈشۈپ قالغان ياش نوتا ۋە گۈل-گىياھلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تۇنۇپ، مىللەت كېلەچېكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەھرەمەن دېۋىدەك ئەلپازغا ئادەتلەنگەن سەلبىي ئەرۋاھلارغا ۋە ئېسىل مىجەز كىشىلەرگە كەلگەندە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ئۇنىڭ كارامەتلىرى قەلبى نۇرلانغان، روھىيىتى نۇسرەت تاپقان خەلق ئارىسىدا ئاساسلىق كۈچتىن قالىدۇ!

ــ «يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت» (142-143-بەت)

    ※                            ※

«شېئىر مىللىتى» دىگەن نام بىلەن«تالانتلىق»، «ئاتاقلىق» ئىبارىلىرىگە مەست بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىمىز نېمىشقا مىللىتىمىزنى «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» دىن ھېچ بولمىغاندا «ئىجتىمائى مىللەت» لىك ماقامىغا كۆتۈرمىگەنلىكىنى ئويلاپمۇ كۆردۇقمۇ؟ ياكى ئۆز ھالىتىمىزدىن خەۋەرسىز دۇنياغا تۇنۇلىمىز دەپ يۈرۈپتىمىزمۇ؟! دەرۋەقە، بىر قاتار ئەدەبىيات توملىرىنى نەشىر قىلدۇق، ئەمما ئۇلار بىلەن ھەقىقىي رېئاللىقىمىزنىڭ «ئۈچەي-باغرى»نى قانچىلىك سىزىپ بېرەلىدۇقكى؟! ھېچ بولمىغاندا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا ياشىغان ئەدىبلىرىمىز تەجەللىدىن كېيىكى ئەدەبىيات ئىجادىيىتىمىزدە ئىلگىرىكى قەلەمكەشلەردىن ھالقىغان ياكى پەرىقلەنگەن قايسى تەپەككۇر يېڭىلىقىنى، قايسى ھېكمەت دۇردانىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئەقلىي بىلىش تارىخىمىزغا تۆھپە قوشتۇق؟!ئەدەبىي ئوبزورچىلىق مۇشۇ سۈزۈك مەسىلىلەرنى ئەينەك قىلىپ، ھەق-ناھەق نەرسىنى ياڭرىتىپ ھالىمىزغا غەمگۇزار بولالىدۇقمۇ؟!بىلمىدىم، قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ قەلەملىرى بورىۋايدەك نېفىت قاتلاملىرىغا ـ ھەقىقىي ھال-ئەھۋالىمىزغا يەتمەي، قۇرۇق تاش-توپا قاتلاملىرىدا پىرقىراپ سۈرمەللىشىپ كەتتىمىكىن؟

ــ «يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت» (178-179-بەت)

※                            ※

مەن شائىرلارنىڭ مۇتەپەككۇر بولۇشىنى ۋە بۇ ساھەگە قىزىققۇچىلارنىڭ كەمرەك بولۇشىنى، ئالىي ماقاملىق كەسپى شائىرلاردىن باشقلىرىنىڭ پەلسەپە، قانۇن، ئىقتىساد، تەبىئى پەن، تېبابەت، ماشىنىسازلىق، تېخنىكا پەنلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئاساسى ئىقتىدار ۋە تۆھپىكارلىق ئورنىغا قويۇشىنى، رەڭلىك شار قويۇۋېتىش ۋە ساليۇت زەمبىرىكى ئېتىشنى ئاساس قىلىۋالغان مەيخانا ئىشىكىدىكى قىزىل كاستىيوملۇق «خوش كەلدى جانان» بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن رىقابەت ياكى ھەسەت بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلققە، خەلقنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بولغان مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا بولغان مەسئۇلىيەت بىلەن شائىر ۋە ئەدىبلەرنىڭ ‹ئاز ۋە ساز› بولۇشىنى ئېغىزغا ئالدىم. چۈنكى ئالدىمىزدا بىزگە شېئىرىيەت مۇسابىقىسى دۈچ كېلىۋاتقىنى يوق!

ــ «يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت» (402-بەت)

(داۋامى يەنە داۋاملىق يوللىنىدۇ)




ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر
idraksoft

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 09:23:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوقۇدۇم! خۇددى يېقىندا كاتتا ئىمتىھان بولىدىغاندەك، خۇددى يېقىندا يېڭى بىلىم گۇرزىنت سىزىقى ئېچىلىپ ساۋاتسىزغا ئايلىنىپ قالىدىغاندەك جىددىيلىك، ئەلەم سىرلىرى ئۈستىدە ئۆتكەن ئالىملاردىن دەرس ئالغاندەك كىچىك پېئىللىك، ھەممە مۇتلەق خۇلاسىلارغا ئىسيان كۆتۈرىدىغاندەك گۇمانىي تۇيغۇ، يېڭى بۇغۇننىڭ ئەلچىسىدەك جىددىي جاۋاپكارلىق بىلەن ئوقۇدۇم. مەن ھېلىمۇ ھەر كۈنى ئوقۇيمەن. پاراڭ-خەۋەر مەنبەلىرىگە قارىغاندا، ئاساسىي بىلىش مەنبەلىرىگە مايىلمەن. قاچانكى كىتابتىن مەن بىلمەيدىغان يۇقۇرى قاتلام بىلىملەر، بىشارەتلەر، ناتۇنۇش ئىبارىلەر چىقىپ مېنى لوغەت ئىزدەشكە مەجبۇر قىلسا، ئالاھىدە روھلىنىپ كېتەتتىم. ئۆز سەۋىيەمگە لايىق ياكى مەن ئۈچۈن «ئاتام ئېيتقان بايىقى» قىممىتىدىكى كىتابلارنى بىر قۇر ۋاراقلاپ نىپىز ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ قوياتتىم. ئىبىن سىنا كىتاب ئوقۇپ چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن كايىمىغان بولسا فارابى بىلەن باغلانمىغان، ئارستوتېل پىكىر ئېقىمىغا قەدەم قويمىغان ۋە «شەيخۇل رەئىس» بولمىغان بولاتتى. كىتاب-ئۇ تېلفوندىكى سۆزلىشىش ئەمەس! ھۇرۇنلۇقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بەلگىسى ۋە غەپلەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئالامىتى، مېنىڭچە، كىتاب داستىخىنىدا مۇئەللىپنى تائامنى چايناپ بېرىشكە بۇيرۇشتۇر...

ــ«يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت» (394-395-بەتلەر)

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 09:24:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە ـ ئەۋلادلار شەجەرىسىنىڭ يىلتىز ۋە شېخى؛ مىللەتنى قۇرۇپ چىقىدىغان قېلىپ.

دەرۋەقە، ئائىلىدە بەخىت كۆرمىگەن كىشى ئائىلە سىرتىدىن بەخىت كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس. ئائىلىۋى تۇرمۇشتا بەخىتسىز بولغان كىشى ئومۇمەن تۇرمۇشتا يېڭىلگەن، بەخىتسىز كىشىدۇر.

ـ «ئائىلە» (1~5-بەتلەر)

رۇشەنكى، مەدەنىيەتلىك، شۇنىڭدەك كەلگۅسى پارلاق مىللەتنىڭ ئالامەتلىرى ھەممىدىن ئىلگىرى شۇ مىللەتتىكى قىز-ئاياللارنىڭ مەنىۋى قىياپىتى، ئائىلە ئېڭى ۋە ئىش-ھەركىتىگە مەركەزلەشكەن.

ـ«ئائىلە» (124-بەت)

يەنە كىتاب، دوستلۇق ۋە مۇھەببەت بىرلەشسە ئىنساننى پۅتۅنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدىغان غايەت زور كۅچ كلىپ چىقىدۇ.

ـ «ئائىلە» (159-بەت)

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 09:25:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



تارىخ ھەقىقەتەن ئۇنى ئىنىچكىلىك بىلەن كۈزەتكەن كىشىگە مەنىلىك تەبەسسۇم قىلىدۇ!

كۆتۈرۈپ يۈرگەن بىلىملىرىڭ باشقا نەرسە، سەن ھەزىم قىلغانلىرى باشقا نەرسە، دەرھال كۆتۈرگەن ناننى دەرھال يېۋىتەلمەيسەن-دە!

ـ «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»




www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 09:25:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرھەقىقەت، دانىشمەنلىكنىڭ دەردى نۇرغۇن. ئۇ ھاياتنىڭ ساختا لەززىتىدىن كېچىپ، ھەقىقى ئازابلىرىدا ياشايدۇ؛ ياشاشنىڭ قىسقىلىقىنى بىلىپ، كېچە-كۈندۈز ئەجىر-ئەمگەك قىلىدۇ؛ ئۇ ئالدىن دىل يۇرۇتقاچقا قەلبى ھەقىقەت، لەۋزى ئادالەت ئوتىدا كۆيۈپ، كىشىلەر بىلگەن ئامەتلەرنىڭ ئىللەتلىكىنى ئېغىزىدىن چىقىرىشتىن ئەيمىنىپ، ئېغىر دىلكەشسىز ـ تەنھالىق ئىچىدە دەرد يۇتىدۇ؛ ئۇ ئۆمۈر بويى رەشىك ۋە جاھالەت ئىللىتىدىن نەپرەت ۋە مەيۈسلۈك چېكىدۇ. ئۇ ئۆز ھاياتىدا قايتا ئويغىنىش، ئولۇغ بۇرۇلۇش بىلەن ئىككىنچى قېتىم قايتا تۇغۇلغان تەپەككۈر بايراقدارىنىڭ دەل ئۆزى! ئۇ قۇياش! تەنھا، بىراق مىليۇن-مىليۇن يۇرۇق يۇلتۇزلارنى ياراتقۇچى قەلب كامالىتىنىڭ ئېنژېنېرى...

ـ «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» (279-بەت)  

سېنى جاھان بىلمەك، ھېس قىلماق، مەقسىتى مۇتلەق قىلىپ يوقلۇقتىن ياراتتى. سەن بارلىقنىڭ گۈللىنىشى، سىرلارنىڭ ئاچقۇچى. ئاللاھ ھەممە ئىقتىدارىڭنى ئۆز ئىلكىڭگە بەرگەن. سەن ئەقىل ئىزدە! ئۇ كىتاب سەھىپىلىرىدە، تەجىربە جەريانلىرىدا، تۇرمۇش تۇزانلىرىدا، تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ تەلقىن ۋە قاناتلىرىدا. ھەسەل ھەرىسىلا بال يىغالايدۇ. بال يەشىكىدىن ئەمەس، مۇھىتتىن. ھەسەل ھەرىسى بول. بىلگىنكى، ئەقىل يېنىڭدا ـ نادانلىقىڭنىڭ لاچىن قارىچۇقلىرىغا، غەزەپلىرىڭنىڭ يىلان تىلى تېگىگە، تەرسالىقىڭنىڭ ئات تۇۋىقى ئاستىغا كۆمۈلگەن!

ـ «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» ( 281-بەت)

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 09:26:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ، جۈملىدىن تەپەككۇر تارىخى ئۆتمۈشنىڭ بىردىنبىر، ئورگىنال رېئاللىقى بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ خاھىشىمىز ۋە ئىرادىمىزدىن خالىي، ئۇنىڭغا بېقىنمايدىغان تارىخىي ھادىسىدىن ئىبارەت. بىزنىڭ ئۇنى تەتقىق قىلىش ۋە ئەينەن ئىزاھلاش مەجبۇريىتىمىز  باركى، ھەرگىزمۇ ئۇنى قايتا قوراشتۇرۇپ تەسۋىرلەش ھۇقۇقىمىز يوق. تارىخنىڭ ئەڭ ئاچچىق مەسخىرىسى ئۆز ئۆتمۈشىنى بۇرمىلاشقا ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ يۈرۈشكە نىسىپ قىلىنغان!

ـ «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» (313-314-بەتلەر)

تۇرمۇش شۇنداق نىمە، ئۇنىڭغا گۆش يەپ، چىش كولاش بىلەن ھۇزۇرلىنىپ لەيلەپ يۈرمىسەڭلا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى «پەرداز قىلىنغان پەرى» قىياپىتىنى ساڭا ئېچىپ كۆرسىتىدۇ. شەرت شۇكى، نەپسىڭنى پىكىر ئىلھامچىسى، مەئىشىتىڭنى رەڭلىك كۆزەينەك قىلىۋالما!

ـ «يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت» (394-بەت)

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 09:26:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، مىللەتنى يالغۇز توپ-زەمبىرەكلا ئەمەس، چېكىملىك نەيچىسى، ئىچىملىك رومكىسى بىلەن  بۇزۇقچىلىقمۇ خار-زەبۇن قىلالايدۇ! ئىمان-ئېتقادلىق، غۇرۇر-ۋىجدانلىق ئەركەكلىرىمىز ئارىسىدىن ۋە ئىپپەت-نومۇسىنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان قىز-ئاياللىرىمىز ئارىسىدىن بىر تۈ*ركۈم قەھرىمانلارنىڭ چىقىپ ھەممە ئۈنۈملۈك ۋاستىلەر بىلەن بۇ ئىككى «قىيامەت بورىنى» سىياقىدىكى ئىپلاس ھادىسنى چەكلەشكە جان پىدا قىلىشلىرىنى تارىخىمىز تەقەززا قىلماقتا. مېنىڭچە، ئارىمىزدىن بۇنداق «چىستانى ئىلىك بەگ» ۋە بۇنداق «زورو» چۇقۇم چىقىدۇ!

ـ «يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت» (142-بەت)

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 09:27:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىگە مەلۇم، قەدىمكى تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدە ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردە كۆپلىگەن مىللى گوروھلار بىر مەزگىل تۇرمۇش كەچۇرگەن ياكى بۇ دىيارنى كېزىپ ئۆتكەن. ئەمما، پەقەت ئۇيغۇر خەلقىلا بۇ زېمىندا غوللۇق مەدەنىيەت يارىتىپ، ھەرقايسى قەلئە-قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر پۈتۈن گۈللەنگەن پارلاق يىپەك يولى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ، ياپۇنىيىلىك خانىدا تورۇ، خانىدا ئاكىرا قاتارلىق غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى مۇتەخەسىسلىرى يەكۈنلىگەن ئىلمىي ھۆكۈم.

ـ «يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت» ( 132-بەت)

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 09:30:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش:
بۇ تېما تېخى تاماملانمىغىنى ئۈچۈن، باش قىسىمى كونا مۇنبەردىن يۆتكەپ كېلىندى، داۋامىنى مۆلجەرى ئۆزى ئۇددۇللۇق يوللاپ تۇرىدۇ.

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 800
تۆھپە : 20
توردا: 170
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 10:04:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز كىچىكىپ چۈشەنگەن ئالىمىمىز بىزدىن ئايرىلىدى، ئەمما ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن روھ، ئىزدىنىش بىزنى ھاياتىقا ئۈمىد بىلەن قاراشنى، كىيىنكىلەرگە ئاز تولا بىر نەرسە قالدۇرشىنى ئۆگتىدۇ. گەپ ئەمدى بىزدە قالدى؟

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  172
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 563
تۆھپە : 0
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 10:58:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەن ئەڭ سۆيۈنگەن تېما بولدى. ئەسلىدە مۇشۇنداق تېمىلار كۆپرەك بولۇشى كېرەكتى...
ئەيبو، مۆلجەرى، رەھمەت سىلەرگە!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 449
تۆھپە : 0
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 13:51:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كونا مۇنبەرگە ئالىم توغرسىدا ئىككى پارچە ماقالە يوللىغان بىراق كۆرگەنلەر ئاز بولدى.بىز يەنىلا ئالىم تورسىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىشىمىز لازىم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1097
تۆھپە : 7
توردا: 250
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 23:47:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ئىنسان ئالىيجاناپ غايىلەرسىز، بۇنداق غايىۋى ئىدىيىگە بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببەتسىز، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۇتەپەككۇر ئەزىمەتلەرنىڭ ئەسىرلەردىن ھالقىپ كېلىۋاتقان ھېكمەت دۇردانىلىرىن ئالىدىغان بەھىر-ھالاۋەتسىز ياشىيالمايدۇ. كومېنىسكى: «دانالار بىساتىنى ئۈگىنىش بىزنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، قۇدرەتلىك ۋە ئالىيجاناپ ئىنسانغا ئايلاندۇرىدۇ» دېسە، سالىكوۋ شىدرىن: «قەدىمكى دانىشمەنلەر شۇنچە كۆپ دۇردانىلەرنى قالدۇرغانكى، ئۇ بىر پۈتۈن غولىماس تامدۇر» دېگەندى. ھايات دەرىخىدە يېتىشكەن ئەقىل ئىدراك مېۋىسىنى ۋاقىت داۋىنىدا ھاسىل بولغان ھېكمەت-پاراسەت خەزىنىسىنى ئىگىلەش ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈشتىكى زۆرۈر ئۆتكەلدۇر.

ـــ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ( 8~9-بەتلەر)





ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1097
تۆھپە : 7
توردا: 250
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 00:02:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پۈتۈن ماددىي روزىغارلار، بىنالار، بانكىلار، شەھەر ۋە مەمىلكەتلەر، ھەتتا پۈتۈن سۈرۈك مىللەتلەرمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ، پەقەت كىتاب يوقالمايدۇ. بىز كىتاب شاراپىتىدىن قەدىمكى ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى، خاندانلىق قىسسىلىرىنى، پەلسەپە جەۋھەرلىرىنى، ئەدەبىيات-سەنئەت دۇردانىلىرىنى بىلەلەيمىز. ئىنسان ياراتقان مۆجىزىلەر ئىچىدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە مۆجىزە پەقەت كىتابتۇر، كىتاب ئىسانىيەت تارىخىنىڭ ئۆلمەس روھى. ئولۇغ تارىخي سىمالارنىڭ ھەقىقەت يالقۇنلىرىنى تىرىكلىك دەرگاھىغا مەڭگۈ يېلىنجىتىپ تۇرىدىغان مۇقەددەس ئۇچاق. ئەگەر كىتاب بولمىغان بولمىسا دۇنيانى مىڭلىغان قۇياشمۇ جاھالەت ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى! مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، پۈتكۈل ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە تارىخ بىرەر خەزىنىگە ئىگە. ئۇ بولسىمۇ ئولۇغ روھىيەت قەسىرىسى بولغان كىتابتىن ئىبارەت.

ـــ «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» ( 82-بەت)



ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1097
تۆھپە : 7
توردا: 250
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 21:00:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇنىڭ(ئابدۇقادىر داموللامنىڭ) سۆزلىرى مىللەتنىڭ روناق تېپىشى بىلەن نادانلىق ۋە ھەسەتخورلۇقنىڭ ئوت بىلەن سۇدەك زىددىيىتىنى ئېچىپ بەردى. ئۇ «ئەقايىد زۆرۈرىيە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغاندى:

- ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا سەۋەپ نىمىدۇر؟

-ئىككى نەرسىدۇر: بىرى جاھىللىق ۋە ناداۈلىق، ئىككىنچىسى، تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر.

-ئىززەت-ھۆرمەت، كۈچ-قۇۋۋەت نېمە بىلەن ھاسىل بولۇر؟

-ئىلىم-مەرىپەت ھەم ئىتتىپاقلىق بىلەن ھاسىل بولۇر.

ئابدۇقادىر داموللام «قۇتادغۇبىلىك»، «ھىببەتۇل ھەقايىق» داستانلىرىدا تەكىتلەنگەن «بىلىگ»-ئىلىم-پەن قاراشلىرىغا يەنە مىللەتنىڭ ئۇيۇشقان كۈچى-بىرلىك، ھەمدەملىك تېماتېكىسىنى قوشتى! ئۇ شۇنداق قىلىپ پولاتتەك مۇستەھكەم ئەقىدىگە ئىگە مەدەنىيەتلىك مىللەت غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قانۇنىيەتلىك زۆرۈرىيەتلىرىنى رۇشەنلەشتۈرۈپ بەردى.

ـــ «يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت» ( 39~40-بەتلەر)



ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش