دەرەخنى ئۇنىڭ ئۆز شېخنى ساپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ۋەيران قىلىش مۇمكىن بولغىنىدەك، ئەقىلنىمۇ گەپ-سۆز بىلەن، تەپەككۇرنىمۇ يالغان-ياۋىداق بىلەن شاخ-شېخىدىن كەسلىۋېتىش مۇمكىن ئىكەن! ھەيرانمەن: شەيتانمۇ ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ كۆزىگە ئەمەس، قۇلىقىغا يالغان-ياۋىداق سۆزلەپ، قۇلاقنى كىرلەشتۈرۈپ «تۇىجى گۇناھ» غا باشلىدى. شۇ يىراق ئەلمىساقتىن بېرى ئاداشقانلارنىڭ كۆپى كۆزدىن ئەمەس، قۇلاقتىن كەتكەن! بۇ قارغۇ قۇلاق، بۇ تەمنى سېزىدىغان تىلى، قاتتىق-يۇمشاقنى سېزىدىغان چىشى، چوڭ-كىچىكنى پەرقلەندۈرىدىغان ئېغىز بوشلۇقى يوق قۇلاق زەررىدىن تاكى ئالەمگىچە بولغان ھەممە نەرسىنى شۇ پېتى يالماپلا ئەقىل تەختىگە يانداشتۇرۇپ قويىدۇ. قۇلەق تۈپەيلى يېقىلغان ئوت، ئېتىلغان ئوق ئازمۇ؟!
ئويلاپ قالدىم : قولۇڭنى تارت، تىلىڭنى تارت، نەپسىڭنى تارت! دېگەنلەرنى كۆپ ئاڭلىدىم، كۆپ كىتابلاردىن تەكرار ئوقۇدۇم، «قۇلىقىڭنى تارت!» دېيىش بىزگە، مۇشۇ ئەۋلاد كىشىلىرىگە قالغان ئاچچىق ھېكمەتنامە بولسا كېرەك...
ـــ «قۇلىقىڭنى تارت!» توغرىسىدا( «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» ( 263~264-بەتلەر)