ئالىمنىڭ ئىزتىراپلىرى
مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن(1933.9.28 ـــ 1995.2.28) ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپاد بولغان يىلى، يەنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ۋاپاتىدىن ئالتە ئاي كېيىن تۇغۇلغان. ئالىمنىڭ ئارىمىزدىن كەتكىنىگە 12يىل بولاي دېدى.ئالىم دېگەن نامنى شۇ نام ئىگىسىگە خەلق بېرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەرقايسى ساھەلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئالىم دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان ئىلىم ئەھلى خېلى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئىسىمى-جىسىمىغا لايىق ھەقىقى ئالىم بولالىغان، خەلقىمىزنىڭ بىردەك ئېترابىغا ئېرىشكەن ئالىملىرىمىز ساناقلىق.
مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى دىن، پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات، مۇقام، سەنئەت، ئېستېتىكا، فولكلور، مائارىپ، تېبابەت، تىل، ئارخېئولوگىيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.«ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشتىكى كۈچلۈك خارەكتېرى، ھاردىم-تالدىم دېمەي ئىزدىنىش روھى، مۇستەقىل مۇلاھىزىگە، يېڭىچە يەكۈنگە ئىگە تەتقىقاتلىرى، ھېكمەتكە، ھېسىياتقا باي بەدىئي ئىجادىيەتلىرى ئۇنى ئۆز مىللىي تۈ*ركۈمى ئىچىدىكى زامانداشلىرىنىڭكىدىن سان ۋە سۈپەت جەھەتتە كۆپ ئارتۇق بولغان زور بىر تۈ*ركۈم ئەسەرلەرنى يارىتىش ئىمكانىيتىگە ۋە ‹ئىزچى›(يول ئاچقۇچى) ئالىم بولۇش سالاھىيتىگە ئىگە قىلدى.»
بۈگۈنگىچە ئالىمنىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى»(بۇ كىتاب دەسلەپ ئازراق قىسقارتىلىپ، كېيىن تۇلۇق ھالدا ئىككى قېتىم نەشىر قىلىنغان)، «قۇتادغۇ بىلىك خەزىنىسى»، «قاتلاملىق ئېستېتىكا»، «ئومۇمىي ئېستېىتىكا»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە»، «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، «ئۇيغۇرلادا ئىسلام مەدەنىيىتى»، «ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن ھېكمەتلىرى» (ئىبراھىم ئالىپ تېكىن نەشىرگە تەييارلىغان)، «رۇبائىيات-1»، «رۇبائىيات-2»، «چوغلۇق»(شېئىرلار توپلىمى)، «سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى»(نەسىرلەر توپلىمى)، «قارلىق تاغ شەجەرىسى (364 بەتلىك ئايرىم كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنغان بۇ يىرىك داستان پۈتۈنلەي قوش قاپىيە شەكىلدە يېزىلغان)، «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، «ئائىلە»، «يىپەك يولىدا سەنئەت جەۋھەرلىرى»، «ئۇيغۇر پەلەسەپە تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەر» (بۇ بىرلەشمە توپلام بولۇپ، ئالىمنىڭ بەش پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن) قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىندى. يەنە «غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر»، «يۈز شېئىر»، «بۈيۈك شائىر ئەلشىر نەۋائىي قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق كىتابقا ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن ...
ئالىم دىيارىمىزدا كومپىيوتېر تېخى ئومۇملاشمىغان دەۋردە ئاشۇنچە كۆپ ئىلمىي ئەمگەكلەرنى مىراس قالدۇردى. ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلاش، تۇنۇشتۇرۇش جەھەتلەردە يالقۇن رۇزى، ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن، ئىبراھىم ئالىپ تېكىن قاتارلىقلار كۆپ مېھنەت سىڭدۈردى.
مەرھۇم ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى، بولۇپمۇ ئىلمىي ماقالىلىرى ناھايتى يۇقۇرى سەۋىيىدە يېزىلغان بولۇپ، يۇقۇرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.مەن ئالىمنىڭ نەشىر قىلىنغان ھەممە كىتابلىرىنى سېتىۋالغان ئىدىم.بۇ كىتابلارنى ئوقۇغانسىرى ئالىمنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئۆتكۈرلىكىگە، بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم بولغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا تاشلىغىنىغا ھەسسىلەپ قايىل بولىمەن.ئالىمنىڭ كىتابلىرى شۇنچە يۇقۇرى سەۋىيەدە يېزىلغان، كىتاب ۋە ماقالىلىرىدە ناھايتى مۇھىم مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىلگەن، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئالدىمىزغا تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىتابلار ئەدناسى بىر قىسىم ئالدىراپلا يېزىلغان رومانلارچىلىكمۇ بازار تاپالمىدى.قايتا-قايتا نەشىر قىلىنىش بەختىگە تېخىمۇ مۇيەسسەر بولالمىدى. مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىساملا ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ. شۇڭا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كىتاب ۋە ماقلىلىرىدىكى ھېكمەتلىك سۆز ۋە چوڭقۇر پەلسەپىۋى مەسىللەرنى خالىس نىيەت بىلەن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى توغرا تاپتىم. قېنى ئەمىسە بىز ئالىمنىڭ ئىزتىراپلىق پىكىر چەشمىلىرىگە شۇڭغۇپ باقايلى:
※ ※
مەن تارىخچىلىرىمىزنىڭ ئۆلگەن جەسەتلەردىن كۆرە تىرىك مىللەتكە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى، مائارىپچىلىرىمىزنىڭ كىتاب ۋە خېمىيىلىك ئانالىزدىن كۆرە رېئال تۇرمۇشقا قىزغىن خەيرىخاھلىق قىلىشىنى؛ يازغۇچى-شائىر-ئەنزارچىلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋەقەلىرى چاتمىسىغا يۇشۇرۇنغان ئەسىر-ئەسىرلىك چىنلىق قاتلىمىغا چۆكۈشىنى، ئۇلارنىڭ سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن پاراخۇتلار بولىشىدىن كۆرە، سۇ ئاستى كېمىلىرىدەك زېمىن باغرىدىكى ئوبېيكىتلار ئۈستىدە مۇتەپپەككۇرانە پىكىر يۈرگۈزۈشىنى؛ بېيىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ قولغا كىرگۈزگىنى پاخال، قولدىن بېرىپ قويغىنى جاۋاھىرات بولۇپ قالماسلىقىنى پايدا-زىيان مىزانى قىلىشلىرىنى؛ ھەردەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئاشلىق، پولات ۋە نېفىت مەھسۇلاتى ھەققىدە باشقاتۇرۇش بىلەن بىللە مىللەتنىڭ ئۇرۇقى، سۈڭەك قۇۋۇرغۇسى، قەلبى ۋە قېنى ئۈستىدە تەخىرسىز تەپەككۇر قىلىشىنى؛ ئىللەت پاتقىقىغا چۈشۈپ قالغان ياش نوتا ۋە گۈل-گىياھلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تۇنۇپ، مىللەت كېلەچېكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەھرەمەن دېۋىدەك ئەلپازغا ئادەتلەنگەن سەلبىي ئەرۋاھلارغا ۋە ئېسىل مىجەز كىشىلەرگە كەلگەندە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ئۇنىڭ كارامەتلىرى قەلبى نۇرلانغان، روھىيىتى نۇسرەت تاپقان خەلق ئارىسىدا ئاساسلىق كۈچتىن قالىدۇ!
ــ «يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت» (142-143-بەت)
※ ※
«شېئىر مىللىتى» دىگەن نام بىلەن«تالانتلىق»، «ئاتاقلىق» ئىبارىلىرىگە مەست بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىمىز نېمىشقا مىللىتىمىزنى «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» دىن ھېچ بولمىغاندا «ئىجتىمائى مىللەت» لىك ماقامىغا كۆتۈرمىگەنلىكىنى ئويلاپمۇ كۆردۇقمۇ؟ ياكى ئۆز ھالىتىمىزدىن خەۋەرسىز دۇنياغا تۇنۇلىمىز دەپ يۈرۈپتىمىزمۇ؟! دەرۋەقە، بىر قاتار ئەدەبىيات توملىرىنى نەشىر قىلدۇق، ئەمما ئۇلار بىلەن ھەقىقىي رېئاللىقىمىزنىڭ «ئۈچەي-باغرى»نى قانچىلىك سىزىپ بېرەلىدۇقكى؟! ھېچ بولمىغاندا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا ياشىغان ئەدىبلىرىمىز تەجەللىدىن كېيىكى ئەدەبىيات ئىجادىيىتىمىزدە ئىلگىرىكى قەلەمكەشلەردىن ھالقىغان ياكى پەرىقلەنگەن قايسى تەپەككۇر يېڭىلىقىنى، قايسى ھېكمەت دۇردانىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئەقلىي بىلىش تارىخىمىزغا تۆھپە قوشتۇق؟!ئەدەبىي ئوبزورچىلىق مۇشۇ سۈزۈك مەسىلىلەرنى ئەينەك قىلىپ، ھەق-ناھەق نەرسىنى ياڭرىتىپ ھالىمىزغا غەمگۇزار بولالىدۇقمۇ؟!بىلمىدىم، قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ قەلەملىرى بورىۋايدەك نېفىت قاتلاملىرىغا ـ ھەقىقىي ھال-ئەھۋالىمىزغا يەتمەي، قۇرۇق تاش-توپا قاتلاملىرىدا پىرقىراپ سۈرمەللىشىپ كەتتىمىكىن؟
ــ «يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت» (178-179-بەت)
※ ※
مەن شائىرلارنىڭ مۇتەپەككۇر بولۇشىنى ۋە بۇ ساھەگە قىزىققۇچىلارنىڭ كەمرەك بولۇشىنى، ئالىي ماقاملىق كەسپى شائىرلاردىن باشقلىرىنىڭ پەلسەپە، قانۇن، ئىقتىساد، تەبىئى پەن، تېبابەت، ماشىنىسازلىق، تېخنىكا پەنلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئاساسى ئىقتىدار ۋە تۆھپىكارلىق ئورنىغا قويۇشىنى، رەڭلىك شار قويۇۋېتىش ۋە ساليۇت زەمبىرىكى ئېتىشنى ئاساس قىلىۋالغان مەيخانا ئىشىكىدىكى قىزىل كاستىيوملۇق «خوش كەلدى جانان» بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن رىقابەت ياكى ھەسەت بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلققە، خەلقنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بولغان مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا بولغان مەسئۇلىيەت بىلەن شائىر ۋە ئەدىبلەرنىڭ ‹ئاز ۋە ساز› بولۇشىنى ئېغىزغا ئالدىم. چۈنكى ئالدىمىزدا بىزگە شېئىرىيەت مۇسابىقىسى دۈچ كېلىۋاتقىنى يوق!
ــ «يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت» (402-بەت)
(داۋامى يەنە داۋاملىق يوللىنىدۇ)