شېئىر ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆزلىشىمگە رۇخسەت قىلىڭلار.
زاھىر بۇرھان
(2005 -يىلى 8 - ئاي ئۈرۈمچى)
مەن ئۆلۇم تۇيغۇسىنىڭ، روھ پەسلىدە، قانداق بىر ھالەتتە نامايان بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن كۈنى، شېئىرغا مۇراجىئەت قىلىشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.
زامان مېنى بىگانە ھېس قىلدۇرغان چېغىدىلا، شائىر بولۇشنىڭ بىر دىن -بىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.
ھاياتقا كۈلۈپ قارىيالمىغانلارنىڭ مەڭگۈ شائىر بولالمايدىغانلىقىنى سىلەر بىلدىڭلارمۇ؟ بۇنچىلىك ساۋاتىنى بىلىدىغانلىقىڭلاردىن گۇمانلانمايمەن. مېنىڭ گۇمانىم شۇكى، سىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە كەڭ بوشلۇق ئىچىدە، ئۆز روھىڭلارنى مەلۇم بىر چەمبەرگە بەند قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۇتىۋاتقىنىڭلاردۇر.
بىراۋنىڭ ئىزىغا چۈشۈش ئۆزىگە قىلىنغان ئاسىيلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا، تەقلىدچىلىك، ئۆزىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ئاللىقاچان يارىتىپ بولدى. ئۆزىگە سادىق بولۇش يۈكسەكلىككە تاشلانغان بىر قەدەم بولۇشتىن سىرت ئۇ يەنە ئىنسانىيلىقنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچىمىدۇر. ئىنسان مەنىۋىيىتى، كائىناتنىڭ جەۋھىرى. سىرلارنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ تۈگىنى. شېئىرنىڭ بايانى دەل مۇشۇ تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن زورۇقۇپ بېقىشتىن ئىبارەتتۇر.
باشقا ئادەمگە ئوخشاپ بېقىش بەكمۇ ئاددىي بىر جەريان. ئۆزىگە ئوخشاپ بېقىش بولسا بەدەل تۆلەش جەريانىدۇر. كۆز ئالدىمىزدىكى ھەممە نەرسىدە شېئىر بار. ئەمما بىز ئۇ يەردە سايىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىمىز. كۆپىنچە ھاللاردا ئەجەللىك ئاجىزلىق بىزنى ھەۋەس قىلغۇچىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بىزنىڭ بۇخىلدىكى پىسخىكا جاراھىتىمىز، روھىي گادايلىقىمىزدىن سىرت، بىلىم قۇرۇلمىمىزنىڭ چولتىلىقى، دۇنيا قارىشىمىزنىڭ تېيىزلىقى، ئىچكى تىندۇرمىللىرىمىزنىڭ نېپىزلىكى،گۇمران بولغان ئەخلاقى ساپايىمىزنىڭ غالتەككە چىققانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
ئۇيغۇرنىڭ تېنىدە، ئەجدادلاردىن قالغان ئۇدۇم گېنىنىڭ راۋاجى بار. ئۇيغۇرنىڭ ئېڭىدا بولسا، ئەجدادىدىن قالغان مىراس شەكلىدىكى زاپاس تەپەككۇر ئامبىرى بار. ئەدەبىياتنىڭ مەقسىتى ئەنە شۇ زاپاسلانغان روھ ئامبىرىغا يەنە زاپاسلانغان قوشۇمچىلارنى قالدۇرۇشتۇر.
ئۆز قوۋمىنىڭ روھىيىتىگە يېقىنلاشمىغان ھەرقانداق ئەدەبىيات تەقلىدچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. باشقىلارنىڭ يەنى باشقا قوۋىملارنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسى بويىچە ئۆز قوۋمىگە سۆزلەش ماڭقۇرۇتلۇقتۇر خالاس.
بىزنىڭ كىشىلىرىمىز، ئەدەبىياتتىن، مۇھەببەت بىلەن سىياسىينى ئىزلەپ كەلدى. بىزنىڭ يازغۇچىللىرىمىزمۇ مەيلى قانداق شەكىلدىكى يازمىللىرىدا بولسۇن، ئۆز ئەسەرلىرىگە مۇشۇ نۇقتىنى سىڭدۈرۈپ بېقىشقا ئۇرۇندى. (ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا) ئەدەبىيات دەپ ئاتالغان بۇ ژانىرنىڭ بىزدىكى تۇيۇق يولى مەنىۋىيىتىمىزنىڭ تېخىمۇ زەئىپلىشىپ كېتىشىنى تېزلەتتى.....
ئۆز قەلبىگە سادىق بولۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلەردىن كىملەر باركىن؟
"شەكىل" ياراتقۇچىلار "تەبىر" ئىزلەش بىلەن ئاۋارە بولىۋاتقان، "چۈشەنچىدىن ھالقىغان شېئىر ماھىيەتكە يېقىنلاشتۇرۇلغان "."xxxx" دېيىلىۋاتقان شوئارلار ئىچىدىن مەن بىر نەرسىنى يەنى خارلىنىۋاتقان "شېئىرنى" كۆردۇم.
"بىز ئىنسانىيەتكە يېقىنلىشىۋاتىمىز" "بىز ئۇنىڭدىن ھالقىغۇچىلارمىز" بىز يېڭى بىر نەرسىنى جىجىلىغۇچىلارمىز" " بىز......." دېگۈچىلەرنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى ساۋىدى بار ھەرقانداق بىر ئادەم چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۆز قاراشلىرىنى ھەرقانداق بىر شەكىلدە بايان قىلىش ھوقۇقى بولسىمۇ.
بۇ يەردە بىز بىر نەرسىنى دېيىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلماقتىمىز : سىلەر يەنى شەكىل ئىزدىگۈچىلەر، قايسى بىر (دانانىڭ) «سىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىڭ ماڭا ئايان ئەمما سەن ئۇنى قانداق دېمەكچى مەن دەل شۇنىڭغا قىزىقىمەن» دېگەن سۆزىنىڭ قۇربانغا ئايلىنىپ كەتكىنىنى چۈشىنىپ يەتتىڭلارمىكىن؟ يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان ھېلىقى دانانىڭ ئۇشبۇ سۆزىدە بىر "ئويۇن" بارلىقىنى ھېس قىلالىدىڭلارمىكىن؟ بىلگەن بولساڭلار ئىدى، شۇ "ئويۇننىڭ" ئارقىسىغا ئۆزىگە قىلىنغان ئاسىيلىق يوشۇرۇنغاندۇر. شۇ سۆزنىڭ ئارقىسىغا ئىنسانىيەتكە بولغان ھۆرمەتسىزلىك يوشۇرۇنغاندۇر.
بىز، بىزنى ياراتقۇچىنىڭ قولىدىكى قەلەمدۇرمىز. ئۆزىمىزنىڭ بىر "ۋاسىتە" ئىكەنلىكىمىزنى بىلگىنىمىزدە "شەكىل" يارىتىش دەۋاسىنى قىلىپ يۈرۈشىمىزنىڭ يەنە نېمە زۆرۈرىيىتى؟ " كىمنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى يەنە كىمدۇر بىرىنىڭ ئالدىن بىلىپ يېتىشى" ھەم ئۇلارغا "شەكىل" يارىتىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىشى، كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قىستىغۇدەك دەرىجىدىكى بىمەنىلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بىز ئاللىقاچان يارىتىپ بولۇنغان "شەكىل" ئىچىدە "ۋاستىلىق" رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، شەكىلگە رەڭ بېرىۋاتقان بىر "قىممىرلۇغۇچى" خالاس.
ھەممە نەرسىگە "قېلىپ ياساش" چۈشىنى كۆرۈۋاتقانلار، ئېسىڭلاردا بولسۇن ! سىلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئارزۇسى بولغان ئەدەبىياتنى ۋاسىتە قىپ تۇرۇپ، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزلىكىگە ھاقارەت قىلىۋاتىسىلەر. ئىنساننىڭ خاسلىقنى يوققا چىقىرىپ، روھىنى ئولتۇرۇش بىلەن بىرگە «بېشىنى» كېسىپ تاشلاشقا ئۇرۇنۋاتىسلەر...........
قەدىرلىك كۆپچىلىك، بۇ يەردە ئۇقۇم خاتالىقى يۈز بېرىپ قالمىسۇن.
ئۇقۇم خاتالىقى بېرىۋاتقان بەزى جۈملىلەرگە تەبىر :
بىزنىڭ ياراتقۇچىنىڭ قولىدىكى قەلەم بولغىنىمىز تۇيغۇدىن ئايرىلغان شەكىل بولغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى تۇيغۇغا تېخىمۇ چىلانغانلىقىمىزدىن يەنى چىلىنىۋاتقانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. خۇددى قەلەم سىياھقا سىياھ قەلەمگە چىلانغاندەك.....
شەكىل "شاكال" دېمەكتۇر. مېغىزىدىن ئايرىلغان "شاكال" يەنى شەكىل شېئىرىيەتتە "يېڭىلىقنىڭ" سۇپىتى بولسا ئۇ چاغدا بىز ئەدەبىيات ئىزدەۋاتقان بارلىق ئىزدىنىشتىن مەھرۇم قالغان بولىمىز.
شەكىل بىز ئىزدىمەكچى بولغان مەنزىلنىڭ يولىدۇر. ماھىيەتكە يوشۇرۇنغان سىر بولسا بىزنىڭ مەنزىلىمىزدۇر. مەنزىلسىز يولنىڭ ھېچبىر مەنىسى بولمىغىنىدەك مەنىسىزلىك قوغلىشىش يولىدا يارىتىلغان شەكىلمۇ يوقلۇق تامان سىڭىشىپ كەتكەن يەنە بىر يوقلۇقتۇر.
ئەدەبىياتتا " زامانىۋىلىق" ئىبارىسىنى ئىشلىتىش ئەدەبىياتنىڭ رولىنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر. ئەدەبىيات زامانىۋىلىق دېگەن بۇ جۈملىنى رەت قىلىدۇ. ئەدەبىياتتا "زامان ھەم ماكان" " ئۆتمۈش" بۈگۈن" " تەرەققىيات" "يېڭىلىق" "يۈزلىنىش" "يېڭىچە تەپەككۇر....." دېگەندەك نەرسىلەر بولماسلىقى كېرەك. ئەدەبىياتنىڭ جەريانى، ئىنسان بىلەن يەنە بىر مەۋھۇملۇقنىڭ باغلىنىشىنى، ئېنىقلىققا ئىگە قىلىشى، قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىشى، يوق بولسا بار قىلىشى، بار بولسا بارلىقىنى جاكارلاش جەريانىدۇر.
بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىز، بىزنى ياراتقۇچىنى تېپىش جەريانىدۇر. بۇندىن ئۆزگە بىز يەنە نېمىنى قىلالايمىز؟ نېمە قىلالىدۇق؟ نېمە قىلىش ئۈچۈن بۇنچە زورىقىمىز؟ مەسىلە بەكمۇ ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ بىزگە بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكى. بىز ھوقۇق چەمبىرىكىمىز سىزغان ئەشۇ تار دائىرە ئىچىدە "ئىزدىنىش" تىن ئىبارەت بىرلا رۇخسەتكە ئىگە.....
ۋاستىنى شەكىل دەپ چۈشىنىۋېلىش بۇ جۇملىنىڭ مەنىسىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكتۇر. ۋاسىتە بىرسى تەرىپىدىن يەنە بىر تەرەپكە قىلىنغان " ئىشنى" كۆرسىتىدۇ " ئىش" مەلۇم مەنىدىكى شەكىل بولسىمۇ ئەشۇ شەكىلگە كۈچ بېرىۋاتقان يەنە بىر نەرسىنىڭ يەنى تۇيغۇنىڭ رولىغا ۋە ئۇنىڭ شەكلىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستىن تۇرىدىغان ئېنېرگىيىسىگە كۆز يۇمماسلىق كېرەك.
بىز بۇ مەسىلىنى مۇشۇنداق ئوتتۇرىغا تاشلىغىنىمىزدا، بەزىلەر بىزدىن: "سىز دەۋاتقان ئۇ تۇيغۇ نەدىن كەلدى؟ ئەسلىدە سىز بىر ۋاسىتە ئىدىڭىزغۇ؟" دەپ سورىماي قويمايدۇ. ۋاستىغا ئايلانغان بىز، پۈتۈنلىككە ئىگە ئەمەسمىز. بىزنىڭ يېرىمىمىز ھەم ئۆزىمىز ئۈچۈن بىر ۋاسىتە. چۈنكى بىز " ئىزدىنىش ھەم ئىزدەش ھوقۇقى بېرىلگەن بىر جانلىق" بولۇش سۈپىتىدە ئۆزىمىزگە قالدۇرۇلغان ئىزدىنىش ئېنېرگىيىسىنى ۋاسىتە دەپ چۈشەنگەندىن سىرت ئۆزىمىزنى ھەم يەنە، يارتقۇچىمىزنىڭ ۋاسىتىسى دەپ ئېتىراپ قىلغانمىز.
بەزىلەر مېنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرىمدىن مۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا ئالدىراپ كېتىشى مۇمكىن «ھەقىقەت ئەسلىدە شەكلىدىن ئىبارەت ئەمەسمۇ ؟ »
ياق ياق بۇ مەسىلىگە يەنى ھەقىقەتكە، شەكىل قالپىقىنى كەيدۈرۈپ قويۇشى، شەكىلگە قىلىنغان ئارتۇقچە ئىلتىپاتتۇر. ھەقىقەت دېگەن بۇ جۈملە كۆرسىتىۋاتقان مەزمۇن، شەكىل چەمبىرىكىنىڭ، تولىمۇ سىرتىدىكى، يەنە بىر نۇقتىدۇر.
بۇ يەردە، بىزنىڭ يورۇتۇپ بېرىشىمىزنى تەقەززا قىلىۋاتقان نۇقتا، ھەقىقەت ئەمەس بەلكى شېئىر ۋە ئەدەبىيات. شېئىر، ھەقىقەت ئۇقۇمىنىڭ سىرتىدىكى نەرسە. بىز چۈشەنگەن ھەقىقەت، كونكرېتلاشقان ئۇقۇم، ئەمما شېئىر كۆنكىرىتسىز تۇيغۇ ياكى ۋەھدەت. ئۇ بىزنىڭ مەجھۇلىمىز يەنى ئىچكى ئېنىرگىيەرىمىزنىڭ ئىشارەتكە ئايلىنىش جەريانى.
بەزىلەر مەندىن «بار نەرسىنى ئىزدەش جەريانى سىز شېئىرى چۈشەنچىلەردە ئىنكار قىلىۋاتقان شەكىلنىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمۇ » دەپ سورىشى مۇمكىن.
بار نەرسىنى ئىزدەش جەريانى يەنى "جەريان" شەكىل بولسا شەكىل بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغىنى نېمە؟ ياكى شەكىل دەۋاسىنى قىلغانلارنىڭ چۈشەنچىسىدە بۇنداق بىر گەۋدىلىنىشى مۇمكىنلىككە ئىگە ئەمەسمۇ؟ شەكىل قوغلاشقۇچىلار كۈچەپ چۈشەندۈرۈۋاتقان شەكلىنى مۇزىكىنىڭ نوتىسىغا تەتبىقلىساق ئۇ چاغدا نوتا ئىپادىلەۋاتقان كۈي نەگە كەتتى؟ گارمۇنىيەچۇ؟ چالغۇچىلارنىڭ بارماقلىرىدىن تېمىۋاتقان ئىندۇكسىيىلىك ھېسسىيەتچۈ؟ ئۇلار ئۆزىنى شەكىل ياراتقۇچىمەن ياكى شەكىل يارىتىشقا چاقىرىق قىلغۇچىمەن ۋە ياكى شەكىل يارىتىشىنى ياقلىغۇچىمەن دەپ قارىسا ئۇلارنىڭ ياراتقان شەكىل قۇرۇلمىسى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا، ئەزەلدىن بار بولغان كونا نەرسىغۇ ؟ مۇبادا ئۇلار "سەن مىسرالار قۇرلىرىنىڭ دەستىلىنىشىنى شەكىل دەپ چۇشىنىۋاپسەن" ياكى " بىزنىڭ سۆز ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇلۇبىمىزدا بىز ياراتقان شەكىل بار سەن بۇنى ھېس قىلالماپسەن"دىسە مەن بۇ مەسىلىدە ئۇلارنىڭ ئىزاھات بېرىشىنى كۈتىمەن.
ئۇلار دەۋاتقان "شەكىل" ئۇيغۇر تىلىدىكى " شەكىل" دېگەن جۈملە ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇمدىن باشقىچىرەك نەرسە بولسا كېرەك. ئەگەر ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى بىلەن مەن چۈشەنگەن " شەكىل" ئۇقۇمى جەھەتتە ھېچقانداق پەرق بولمىسا مېنىڭچە ئۇلار بۇ ئىزدىنىشلىرىدە مەغلۇپ بولغان بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن؟ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى "شەكىل" ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغىلىمۇ خېلى زامانلار بولدى. مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبى شۇكى "شەكىلچىلەر" ئەدەبىياتنىڭ گەۋدىسىنى يوغىنىتىپ ئۇنىڭ ئىچىنى قۇرۇقداپ قويدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zahir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-27 23:32