ximal
ئىگىسى: zahir

(زاھىر بۇرھان) مانا بۇ مېنىڭ قارىشىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 495
تۆھپە : 0
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 19:24:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ گۇمانىم شۇكى، سىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن  شۇنچە كەڭ بوشلۇق ئىچىدە،  ئۆز روھىڭلارنى مەلۇم بىر چەمبەرگە  بەند قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۇتىۋاتقىنىڭلاردۇر.


بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان «چەمبەر» تېما دېگەن مەنىدە بولسا ،ئۇنداقتا مەن ئاپتۇرنىڭ بۇ قارىشىغا قوشۇلىمەن.بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا تېما نامراتلىقى ھەقىقەتەن ئېغىر!


بىراۋنىڭ ئىزىغا چۈشۈش ئۆزىگە قىلىنغان ئاسىيلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا، تەقلىدچىلىك، ئۆزىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ئاللىقاچان يارىتىپ بولدى.

ئاپتۇر بۇنداق ھۆكۈم خارەكتىرلىك سۆزلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۆزىنىڭ ئاساسلىرىنى تولۇقى بىلەن چۈشىنىشلىك ،تەپسىلى ئوتتۇرغا قويۇشى كىرەك.بولمىسا «پۇتى يوق مېڭىۋاتىدۇ» دېگەندەك بولۇپ قالىدۇ.ئەلۋەتتە ،ئەدەبىياتىمىزدا تەقلىد قىلىنغان ئەسەرلەر بار،ئەمما بۇ تەقلىدچىلىك مۈنەۋەر ئەسەرلەرنىڭ خاھىشچانلىقىغا بولغان تەقلىدچىلىككى ،بۇنداق ئەسەرلەردىكى ئىدىيۋى ۋە خاھىش نۇقتىسىدىن قىلغان تەقلىدچىلىكىدىن ئەسەرنىڭ خاسلىقى ،ئۆزلۈك قىممىتى يۇقۇرى تۇرىدۇ.

ئۆزىگە سادىق بولۇش يۈكسەكلىككە تاشلانغان بىر قەدەم بولۇشتىن سىرت ئۇ يەنە ئىنسانىيلىقنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچىمىدۇر.

ھەقىقەتەن «ئۆزىگە سادىق بولۇش يۈكسەكلىككە تاشلانغان بىر قەدەم»كى ،لېكىن ئۇ «ئىنسانىيلىقنىڭ ئەقەللى ئۆلچىمى»بولۇشتىن تېخى كۆپ يىراق .چۈنكى بىز بىر ئۆمۈر ئۆزىمىزگە سادىق بولۇشقا تىرىشساقمۇ ،ئەمما ئۈزلۈكسىز تۈردە توختاۋسىز ھالدا بىزنىڭ ئىدىيىمىزگە سوقۇلۇپ تۇرغان سىرتقى تەسىرلەرنىڭ ئارىسىدا ياشاشقا ۋە مەۋجۇت بولۇشقا مەجبۇر بولغىنىمىز ئۈچۈن ،بىلىپ-بىلمەي دائىم تەسىرگە ئۇچراپ تۇرىمىز.ئەگەر راستىن ئۆزىگە سادىق بولۇشنى ئىنسانىيلىق ئۆلچىمى قىلىپ يەر يۈزىدىكى ئادەملەرنى بىر ئىشىكتىن تاللاپ ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلسە،بەلكىم يەر يۈزىدە مىڭ كىشىلىك تىياتىرخانىنىڭ زالىغا سىغقۇچىلىكلا ئادەم قېلىشى مۇمكىن.


  ئىنسان مەنىۋىيىتى، كائىناتنىڭ جەۋھىرى. سىرلارنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ تۈگىنى. شېئىرنىڭ بايانى دەل مۇشۇ تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن زورۇقۇپ بېقىشتىن ئىبارەتتۇر.


دەر ھەقىقەت«ئىنسان مەنىۋىيىتى كائىناتنىڭ جەۋھىرى،سىرلارنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ تۈگىنى».بىراق شېئىرنىڭ بايانى مۇشۇ تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن ،مېنىڭچە قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ.پەقەت شۇ سىرلارنى (ئەگەر ئادەم ۋۇجۇدىدىكى تۇيغۇ،سېزىملارنى شۇنداق ئاتاش مۇۋاپىق بولسا)ئىپادىلەپلا بېرەلەيدۇ.


  كۆز ئالدىمىزدىكى ھەممە نەرسىدە شېئىر بار.


مېنىڭچە شېئىر ئادەمنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت ئەمەس .شېئىر پەقەت قەلب ياكى روھتىلا مەۋجۇت.شېئىر ئادەمگە مەنسۇپ،ھەرقانچە جەننەتتتەك گۈزەل جاي بولغان تەقدىردىمۇ ئادەم بولمىغان جايدا شېئىر (ياكى شېئىرىيلىك)مەۋجۇت ئەمەس.

بىزنىڭ بۇخىلدىكى پىسخىكا جاراھىتىمىز، روھىي گادايلىقىمىزدىن سىرت، بىلىم قۇرۇلمىمىزنىڭ چولتىلىقى، دۇنيا قارىشىمىزنىڭ تېيىزلىقى، ئىچكى تىندۇرمىللىرىمىزنىڭ نېپىزلىكى،گۇمران بولغان ئەخلاقى ساپايىمىزنىڭ  غالتەككە چىققانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

«پىسخكا جاراھىتىمىز،روھىي گادايلىقىمىزدىن سىرت بىلىم قۇرۇلمىمىىزنىڭ چولتىلىقى،دۇنيا قارىشىمىزنىڭ تېيىزلىقى،ئىچكى تېندۇرمىلىرىمىزنىڭ نېپىزلىكى»دېگەن بۇ سۆزلەر ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ ئومۇمى ھالىتى نۇقتىسىدىن چىقىرىلغان قاراش بولغان ئىكەن ،ئالدى بىلەن بۇلارغا دەلىل،ئاساسلارنى كەلتۈرۈشىڭىز زۆرۈر.ئەگەر بىر كىشى مەلۇم بىر قاراش ھەققىدە پىكىر بايان قىلىۋېتىپ ئۆزىنىڭ ھۆكۈم ،خۇلاسە خارەكتىرلىك پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويسا ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قايىل قىلارلىق دەلىل ،ئاساسلىرىنى تەپسىلى بايان قىلمىسا ،ئۆزىنىڭ بۇ ھەققىدىكى تەپەككۇرىنىڭ يېتەرلىك چوڭقۇرلۇققا بارالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويىدۇ.مەن يەنە شۇندا ق قارايمەنكى ،جەمىيتىمىزنىڭ تىچ ئىكەنلىگى،تۇرمىدىكىلەردىن سىرتتىكىلەرنىڭ كۆپلىكى ئەخلاقى ساپايىمىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىگىنى ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

بىزنىڭ كىشىلىرىمىز، ئەدەبىياتتىن، مۇھەببەت بىلەن سىياسىينى ئىزلەپ كەلدى. بىزنىڭ يازغۇچىللىرىمىزمۇ مەيلى قانداق شەكىلدىكى يازمىللىرىدا بولسۇن، ئۆز ئەسەرلىرىگە مۇشۇ نۇقتىنى سىڭدۈرۈپ بېقىشقا ئۇرۇندى. (ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا)  ئەدەبىيات دەپ ئاتالغان بۇ ژانىرنىڭ بىزدىكى تۇيۇق يولى مەنىۋىيىتىمىزنىڭ تېخىمۇ زەئىپلىشىپ كېتىشىنى تېزلەتتى.....


ئوخشاشلا ئاپتۇر بۇنىڭغىمۇ ئۆزىنىڭ دەلىل،ئاسالىرىنى كۆرسىتىشى كىرەك ئىدى.ئېشىپ كەتسەئاران تۆت-بەشمىڭچە تىراژدا نەشىر قىلىنىدىغان ،ئارتۇق ھېساپلىساق بىرەر يۈزمىڭ ئوقۇرمىنى بار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 10 مىلىيونغا يېتىدىغان نوپۇسى بار بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىنى زەئىپلەشتۈرىۋىتەلەيدىغانلىقىغا  ۋە شۇنداق بولۇپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭ باش «جىنايەتچىسى» نىڭ ئەدەبىياتىمىز ئىكەنلىكىگە مەن ئىشەنمەيمەن.بۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار بارمۇ؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1136
تۆھپە : 6
توردا: 144
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 20:19:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ھەققىدە مۇشۇنداق پىكىرلەرنىڭ بولۇپ تۇرىشى ياخشى ئەھۋال . زاھىر ئاكىنىڭ شېئىر ھەققىدىكى قىممەتلىك قاراشلىرىغا ئاپىرىن . يەنە جاللاتنىڭ مەردانىلىكىگىمۇ ككپ رەىمەت . قېنى بۇ يەردە يەنە قانداق قىممەتلىك پىكىرلەر بولىدىكىن قاراپ باقايلى .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 02:06:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەت ئىزدىنىشىڭىز ئۇتۇقلۇق ، تېنىڭىز سالامەت بولسۇن! مۇنبىرىمىزدىن تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  240
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 391
تۆھپە : 0
توردا: 85
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 03:50:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ يېڭىسى ئېچىلغاندىن بېرى ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىققۇدەك بىر تېمىنى كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن. راخمانجان دىگەندەك بۇ تېمىدا تازا بىر مۇڭداشساق ئەرزىيدىكەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 13:01:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىركا . سىز ئەمدى توختاپ قالسڭىز بولمايدۇ . چۈنكى يەتتە يىل ئاۋال يازغان يازمىغا نىسبەتەن ن. ھاشىم ئۈزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ . ئەمدى سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ . سىزنى كۈتىمىز .


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1772
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 88
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 13:58:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قەدىرلىك تورداش نۇرمۇھەممەت ھاشىم، ئالدى بىلەن ئەزىز تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىش ئوقەتلىرىڭىزگە نەتىجە تىلەيمەن.

مېنىڭ ماقالەمگە، ئەجىر قىلىپ، تەپسىلى ئىنكاس يازغىنىڭىزدىن، كۆپ سۆيۇنگەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن.

تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى ئازراق ئۆزگەرتىپ، ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مەسىلىلەرگە باشقىچە بىر نۇقتىدىن نەزەر سېلىپ، ئەتراپىڭىزدا يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىق بىلەن، ماقالىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن بەزى نا ئېنىق جۈملىلەرنى باغلاپ چۈشۈنۈپ بېقىشىڭىزنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن.

كۆز ئالدىڭىزدا كۆرۈنىۋاتقان جىسىم بەلكىم نۇرنىڭ سۇندۇرۇشى بىلەن سىزگە ئەينەن ھالىتىدە كۆرۈنمىگەن بولىشى مۇمكىن.پەقەت كىيگەن كىيىمى، چىراي تۇرقى، مېڭىش تۇرىشىغا قاراپ شۇ كىشىگە باھا بېرىشتىن ئىبارەت زەھەرلىنىشكە سىزنىمۇ ئۇچۇرمىدى دەپ ئېيتالمايمەن.مەن ماقالەمگە كىيدۈرگەن كىيىم سىزنىڭ يەنە بىر تەپسىلى قاراپ چىقىشىڭىزنى تەقەززا قىلىدۇ. ( خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ مەن مىسالغا ئالغان ئادەم ھەم كىيىم ئەمەلىيەتتە بىر سىمۋولدىن ئىبارەت )

بۇ ماقالە ھەققىدە قوشۇمچە قىلىدىغان بەزى نۇقتىلارنى سىزنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ كىيىنكى ئىنكاسلىرىڭىغا قاراپ بىر نېمە دەي.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zahir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-29 13:58  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  246
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 517
تۆھپە : 2
توردا: 50
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 17:27:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ،زاھىر ئاكا... مەن بۇ تېمىغا تەقازامەن.سىزنىڭ ئوتلۇق كۈي-نەزمىلىرىڭىز ( شۇقەدەر  تېرەن، مەنىلىك مىسرالار )  ئىسكىرىپكىڭىڭىزنىڭ مەڭگۈلۈك كۈي ناۋالىلىرىنى يالقۇنلاتتى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 495
تۆھپە : 0
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 18:17:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سالام ،ھۆرمەتلىك زاھىر بۇرھان!مەن سىزنىڭ ناخشىلىرىڭىزنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغانلىقىمنى ئىزھار قىلىش ۋە سىزنىڭ ئاشۇ يىقىملىق ئاۋازىڭىزنىڭ دائىم ياڭراپ ،يېڭى-يېڭى ناخشىلارنى توختاپ قالماستىن ئىجاد قىلىشىڭىزنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىش ۋە ئىلھام بۇلاقلىرىڭىزنىڭ دائىم قايناپ تۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش بىلەن ئىنكاسىمنى داۋاملاشتۇراي.
   سىز ئىنكاسىڭىزدا «تەپەككۇر ئۇسسۇلىڭىزنى ئازراق ئۆزگەرتىپ،ئوتتۇرغا قويىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە باشقىچە بىر نۇقتىدىن
نەزەر سېلىپ ،ئەتراپىڭىزدا يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىق بىلەن ماقالىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن بەزى نائىنىق جۈملىلەرنى باغلاپ چۈشىنىپ بېقىشىڭىزنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن »دەپ يېزىپسىز.كەچۈرسىز!مەن ئۇنداق قىلالمايمەن،چۈنكى مەن ئالدى بىلەن يازمىڭىزدا ئوتتۇرغا قويىلغان ئوي-پىكىر،كۆز قاراش ياكى ئىدىيەنى توغرا دەپ قاراپ قوبۇل قىلغان ۋاقتىمدا ئاندىن سىز ئوتتۇرغا قويغان چۈشىنىش ئۇسسۇلى بويىچە رېئاللىققا قاراپ بېقىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ،لېكىن مەن بەزى قاراشلىرىڭىزنى توغرا دەپ قوبۇل قىلغان بولساممۇ ،ئەمما خىلى كۆپ كۆز قاراشلىرىڭىزنى «خاتا ئىكەن »،بەزى كۆز قاراش ھەم بايانلار مۈجىمەل ،چۈشىنىكسىز بولۇپ قاپتۇ دەپ قارىغاچقا ئىنكاس يازدىم.ئەلۋەتتە،مەن «مېنىڭ كۆز قارىشىملا توغرا ،سىزنىڭ پەقەت خاتا»لا دېمەكچى ئەمەس،مەنمۇ ئۆز كۆز قارارشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق مېنىڭمۇ چۈشىنىش ئۇسسۇلۇمدا ياكى كۆز قاراشلىرىمدا خاتالىق بولسا سىز ۋە باشقا تورداشلارنىڭ نەزىرىگە سۇنۇش ئارقىلىق توغۇرلىۋىلىش.
  سىز يەنە «پەقەت كېيگەن كىيىمى،چىراي-تۇرقى،مېڭىش-تۇرۇشىغا قاراپ شۇ كىشىگە باھا بېرىشتىن ئىبارەت زەھەرلىنىشكە سىزنىمۇ ئۇچۇرمىدى دەپ ئېيتالمايمەن»دەپ يېزىپ مېنى بەكلا ھەيران قالدۇردىڭىز،چۈنكى سىز مېنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ھەم تونىمايسىز.شۇنداق تۇرۇپ قانداقسىگە سىزگە«ئادەمنىڭ سىرتىغا قاراپ باھا بەرگۈچى »دېگەن تەسىرنى بەرگەنلىكىمنى زادى چۈشىنەلمىدىم.بەلكىم سىز مېنى يازغان ئىنكاسىمغا قاراپ شۇنداق قارىغان بولۇشىڭىش مۇمكىن. لېكىن مەن يازغان ئىنكاسىمغا قانچە قاراپمۇ زادى قايسى سۆزلىرىم ئارقىلىق سىزگە«ئادەمنىڭ سىرتىغا قاراپ باھا بەرگۈچى» تەسىرىنى بەرگۈچى بوپ قالغانلىقىمنى بىلەلمىدىم.لېكىن مەن سىزگە ئەسكەرتسەم،ئادەملەرنىڭ سىرتىغا قاراپلا باھا بەرمەسلىك باشقىلار بىلەن تونىشىش ياكى ئۇچرىشىش ،ئالاقىلىشلەردىكى ئەڭ موھىم پىرىنسىپىم.
   سىز يەنە «مەن ماقالەمگە كەيدۈرگەن كىيىم سىزنىڭ يەنە بىر تەپسىلى قاراپ چىقىشىڭىزنى تەقەززا قىلىدۇ»دەپ يېزىپسىز
راستىن ئېيتسام ،مەن يازمىڭىزدىكى سۆز،جۈملە ۋە ئابزاس-بۆلەكلەرنى بىۋاستە كونكىرتنى چۈشەندىمكى،ئۇنىڭ سىرتىدىدىن كىيىمگە ئوخشاش ئومۇمى مەزمۇن ياكى مەنە سۈپىتىدە ئوراپ تۇرغان نەرسىنى زادى كۆرۈپ يېتەلمىدىم.بۇنى ماڭا كىم ئېيتىپ ياكى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟
  مەن شۇنداق قارايمەنكى(مېنىڭ بۇ قارىشىم باشقىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلۇپ ،مەن ،توغرا ئىكەن ،مۇشۇنداق قىلسام بولىدىكەن ،دەپ قوبۇل قىلغان باشقىلارنىڭ ئەقلىي ئەمگىگى)بىر پارچە ماقالىدە ئىدىيە،كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىلەر ئىنىق ،راۋان ،تەپسىلى ۋە چۈشىنىشلىك ئوتتۇرغا قويۇلۇشى كىرەك،ئەگەر بىر پارچە ماقالە تىپىشماق ياكى شېئىرغا ئوخشاپ قالسا، ئۇنى ماقالە دەپ ئاتاش ئۆلچىمىگە چۈشمەيدۇ دەپ قارايمەن.مۇشۇنداق قاراش توغرىمۇ-خاتامۇ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  488
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 101
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 21:47:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن زاھىر بۇرھان ئاكىمىزنىڭ ئىلگىركى ناخشىللىرىنى ياقتۇرىمەن . يەنە شۇنداق ناخشىلارنى مەيدانغا كەلتۇرشىنى ئۇمۇت قىلىمەن  .

ئوزۈمنى ئۇنتۇپ قالساممۇ باشقىلارنى ئۇنتۇپ قالمايمەن .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 736
تۆھپە : 3
توردا: 267
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 21:59:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ‹ئەينەك›دىگەن ناخشىنى بەك  ياقتۇرىمەن،مۇزىكىسىنى سىز ئىشلەپتىكەنسىز.
سىزنىڭ ئىسكىرىپكا چالغاندىكى ئىسكىرىپكا بىلەن بىر جان بولۇپ كەتكەن تۇرقىڭىز ئادەمنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ.
خۇش ئاۋاز ناخشىچىلىرىمىزغا  ئىسىل -ئىسىل مۇزىكىلارنى ئىشلەپ  تېىخىمۇ نۇر چاچقايسىز.
تىنىڭىزگە ساقلىق يار بولسۇن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1244
تۆھپە : 0
توردا: 361
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 23:07:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ


ﺑﯜﻟﻪﻧﺖ ﯲﺯﺟﺎﻥ


ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ.
ﺳﻪﯞﺩﺍ ﯮﻛﻴﺎﻧﻰ ﯰ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ.


ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ.
ﺎﻳﺎﺕ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﯰ
ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ.


ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ.
ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﻧﯘﺭﻯ ﯰ
ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ.


ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ.
ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﮔﯜﻝ ﺷﯧﺨﻰ ﯰ
ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭ ﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻰ.

2001-يىلى (ﻟﻮﻧﺪﯗﻥ)


ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﯬﺑﻪﺩﯨﻠﯩﻜﻰ

بۈلەنت ئۆزجان



زاماننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە زامان.
چۈشلەرنى زامانغا
زاماننى شېئىرغا قۇرماقتىمەن.
شېئىر چەكسىز. ئەي ئاشىق!
يازالمايسەن!..


شېئىرنى زامانغا
زاماننى چۈشلەرگە سىغدۇرالمايسەن.
شېئىر چەكسىز. ئەي ئاشىق!
كۆك يۈزى
بىر ياڭاق پوستىدا،
كۆك يۈزىنى تۇتالمايسەن!.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-29 23:09  


كېچىلىرىمگە ئاشىقمەن ،ئاشىق

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  253
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 367
تۆھپە : 4
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 10:22:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


يوقتۇر مېنىڭ بىرمۇ چىن دوستۇم،
دوستلۇق ئەرزان مۇشۇ ئالەمدە.

بۇ ناخشىنى بەكلا ياقتۇراتتىم، يەنە بىر قېتىم ئاڭلغۇم بار، ئەمما تاپالمايۋاتىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1244
تۆھپە : 0
توردا: 361
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 12:12:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مۇنازىرلەردىكى دىيالوگلاردىن ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭنىڭ  ﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯘ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺑﯩﺮﺗﺎﺵ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪلگەنلىگىنى تونۇپ يەتتىم . ﭼﯩﻦ - ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻼﺭﺗﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎيلىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ . ﺷﺎﺋﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﻨﯩﯔ ﺩﻩﺸﯩﺘﯩﮕﻪﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﺎﺷﻼﺭﻻ ﭼﯩﺪﺍﻳﺪﯗ. ﺋﯧ، ﺗﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﺎﯞﺍﺋﯩﻲ ﺭﻭﻰ،! ئوزىڭنىڭ ئىزناچىلىرىنىڭ ھاياسىز تەنلىرىدىكى شېئىرنىڭ يىغىسىغا باقىيدىكى روھىڭ بىلەن قاراپ باققىن .تەننىڭ پانىيدىكى يىغىسىدىن ئايرىلىپ باقىيغا قىتىلغان روھىڭ بىلەن بىزگە قالدۇرغان «شېئىر »چۇشەنجىسىدە بۇ بايانلىرىڭغا ئىچكىرلەپ تۇرۇپ چۇشەنجە ھاسىل قىلىش گەرۋەكلىرىگە يەتكەنلەرنىڭ ئازاپلىرىنى چۇشەنگەندەك بولدۇم .سەن قەيىتلىگەن -« ھەقىقىي شېئىرنىڭ ماھىيىتى دۇنيانى تۇيۇشتىن ئىبارەت. ئۇ تىلدىن ئىبارەت جەۋھەر ئارقىلىق زاھىرىي ۋە باتىنىي شەيئىلەرنىڭ كۈلەڭگۈسىنى تۇيىدۇ، ۋاللىدە پەيدا بولۇپ ئۆچۈپ كېتىدىغان لەھزە چېقىنلىرىنى تۇيىدۇ ۋە ئۇنى قەغەز يۈزىگە مەۋھۇم، پەرىزىي تەسۋىردە چۈشۈرىدۇ. ئادەتتىكى دېيىلمىلەر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇپ بولغان ئەقلىي قۇرمالار بولسا، شېئىر يېڭىدىن پەيدا بولغان تۇيغۇلارنىڭ چالا تەسۋىرىدۇر.»شائېرلاردىكى ئانتومىيە تۇزىلىشىگە تەسىر كورسىتىۋاتقان ھۇجەيرىنىڭ چىچىلىشى ئەقلى تىرمىنلار ئارقىلىق ئوچۇق تېكىستىنى يىپىقلىقتىكى كەڭرى مەنىلەرگە يىيىۋاتقاندا يىزىقتىكى ئەركىنلىك پايانىغا ئايلانغان شائېرلىق ۋايىغا يەتكەن بولۇدۇ .بۇنى ئەدەبىياتىمىزدىكى زاھىر بۇرھان تەييار ئېيتىلمىلار قورغىنىدا شېئىر دەپ ياشاۋاتقانلارغا ئىما قىلىۋاتقاندا يەنىلا تەييار ئىيتىلمىلار قورغىندىكى تەپەككۇرلار بوغۇلغان ھالدىكى شېئىريەت ئىنىقلىمىسى ئارقىلىق ھەزىم قىلىش «يۇرەك كىسىلى »بولۇپ تەسەللىگە مۇھتاج بىمارنى ئازاپلىغاندەك بىر ئىش . شېئىرىيلىق بولسا سىزنىڭ تەييار ئېيتىمدىن قۇرۇقدالغان ھەقىقىي ئۆزلۈكىڭىزدۇر. ھەقىقىي مەنىدىكى شائىرلار دەل مۇشۇ نۇقتىدىن ئالدىن تۇيغۇچىلار دەپ قارىلىدۇ.  ھەقىقىي مەنىدىكى شائىرلار كوللېكتىپ ۋىجدان قورغىنىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇ مەنە پايانلىقىدا ئېزىقىپ يۈرگۈچى سەرگەندان.ئۇ باشقىلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە بويسۇنمايدۇ.يىزىقتىكى تىل مۇناسىۋەتلىرىدە ئوزلىكىنى قوڭغىراق قىلىپ «شېئىريەت قەسىدىسى»نى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئورۇنلاش ئۇچۇن ئوز پەشتىقىنىڭ خانىشلىرى بىلەن ئۇسۇل ئوينايدۇ . بىز تېخى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ كىلاسسىك نەمۇنىلىرىنىڭ مېغىزىنى چېقىپ بولالمىغاننىڭ ئۈستىگە دۇنيا شېئىرىيىتىدىنمۇ ھېچقانچە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. بىز ئېنىقراق چۈشەنچىگە ئىگە شېئىرىيەت پەقەت ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىن باشلىنىپ ھازىرقى مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىدا توختايدۇ. كىلاسسىك شېئىرىيەت ۋە ئۇيغۇر بۈگۈنكى يېڭى شېئىرىيىتى توغرىلىق بىز يەنىلا ئاز ساندىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ گېپىگە ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇرغاندا يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئاقىلانە تەشكىللىشى ئىچىدىكى ئەنجۇمەنلەر .بىر قانچە يىل ئاۋۋالقى 60-يىللار شائېرلىرىنىڭ كىلاسسىك نۇتۇقلىرى ،توم –توم كىتاپلىرى ،بىزگە ھازىرچە ناشتىلىق .بىز قەدەمنى تىزلىتىپ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتنى ماددى جەھەتتىكى كاپتال بەلگىلىرىدىن سىرىت مەنىۋىيەتتىكى قاغجىراشقىمۇ ئىلىپ كىرىپ رايۇنىمىزدىن 15-ئەسىردىكىدەك چىگرا ھالقىپ تەسىر قوزغۇغۇدەك شائېر يارىتالىغىنىمىزدا «ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ كىملىگى»تۇرغۇزۇلغان بولۇدۇ .

ئىتىمنى قامچىلاپ ئوتسەم ،

تۇگىمەيدۇ مىنىڭ سوزۇم  .

«شائېرى»مەن ئۇيغۇرنىڭ ،

كورمەيدۇ مىنىڭ كوزۇم .

دۇتار بىلەن راۋاپ،تەمبۇر  تارىلىرىنىڭ ئارىسىغا قىستىلىپ ،قاپىيەلىك ئويلانمىلارنى يىزىققا پۇتمەرمەي  ،قاپىيەلىك لىرىكىلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتەيلى .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-30 12:13  


كېچىلىرىمگە ئاشىقمەن ،ئاشىق

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 495
تۆھپە : 0
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 20:05:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  جاللات ،مەن شېئىرلاردىن نوقۇل ئىدىيە،مەزمۇن ئىزدەيدىغانالاردىن بولمىساممۇ ،مۇنبەردىكى ئىنكاسلارنى بىر مىكرو ماقالە ئورنىدا كۆرۈپ مەلۇم كۆز قاراش ياكى چۈشەنچىلەرنى ئىزدەپ باقىمەن.مەن 29 -قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ خىلى كۆپ يەرلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى تەرك ئەتكەن ،بەزى يېڭىچە شېئىرلاردەك پەش-چېكىتلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغان ئىنكاسىڭىزدا نېمە دېمەكچى بولغىنىڭىزنى ،ئومۇمەن تولۇقى بىلەن چۈشىنەلمىدىم. شۇنداقتىمۇ «بۇنى ئەدەبىياتىمىزدىكى زاھىر بۇرھان تەييار ئېيتىلمىلار قورغىنىدا شېئىر دەپ ياشاۋاتقانلارغا ئىما قىلىۋاتقاندا» دېگەن سۆزىڭىزدىن ،بۇ ئىنكاسنى زاھىر بۇھاننىڭ يازمىسىغا ئىنكاس يازغان ماڭا قاراتقان ئوخشايدۇ ،دەپ ئويلىدىم. بەلكىم خاتا چۈشىنىۋالغان بولۇشۇم ،سىز بۇ ئىنكاسنى پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مۇنداقلا يېزىپ قويغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئىنكاسىڭىزغا نىسبەتەن بەزى نەرسىلەرنى دېگۈم كەلدى.

مۇنازىرلەردىكى دىيالوگلاردىن ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭنىڭ  ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯘ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺑﯩﺮﺗﺎﺵ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪلگەنلىگىنى تونۇپ يەتتىم . ﭼﯩﻦ - ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻼﺭﺗﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎيلىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ . ﺷﺎﺋﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﻨﯩﯔ ﺩﻩﻫﺸﯩﺘﯩﮕﻪﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﺎﺷﻼﺭﻻ ﭼﯩﺪﺍﻳﺪﯗ.

  مېنىڭ بۇ بۆلەك يازمىڭىزنى شېئىر دېگۈم كەلمىدى،ئەلۋەتتە سىز مۇ بۇ سۆزلەرنى ئادەتتىكى كۆز قاراشلارنى بايان قىلىدىغان ئىنكاس ئورنىدا ئوتتۇرغا قويغان بولۇشىڭىز چوقۇم.بىراق سىز بۇ يەردە تىلغا ئالغان«تاش»نى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ قايسى بىرىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپسىز،بولمىغاندا ئىنساننىڭ ھېسياتى ئەزەلدىن تاشقا ئايلانمايدۇ.مېنىڭچە بىر پارچە شېئىردا شۇنداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلانسا ئەسەرنىڭ ئىستېتىكىلىق ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما كۆز قاراش ،چۈشەنچىلەر بايان قىلىنىدىغان بىر پارچە يازمىدا بۇنداق قىلىنسا دېمەكچى بولغان پىكىرنىڭ مەزمۇنىنى مۈجىمەللەشتۈرۈپ قويىدۇ.لېكىن ،مەن شۇنداقتىمۇ قۇربىمنىڭ يېتىشىچە يازمىڭىزنى چۈشىنىپ بېقىشقا ئۇرىنىپ كۆردۈم.سىز
سىز بۇ بۆلەكتە«مۇنازىرلەردىكى دىيالوگلاردىن ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭنىڭ  ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯘ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺑﯩﺮﺗﺎﺵ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪلگەنلىگىنى تونۇپ يەتتىم .»دەپ يېزىپ ،شائىرلار نىڭ ھېسياتىنىڭ تاشقا ئايلانغان غەلىتە بىر تاش دەۋىرگە دۇچ كەلگەنلىگىنى زادى ئىككىلىنىش يوق بىر شەكىلدە ئېتراپ قىلىپسىزيۇ ،كەينىدىن «ﭼﯩﻦ - ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻼﺭﺗﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎيلىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ . »دەپ يېزىپ ،ئالدىدا جەزىملەشتۈرگەن پىكىرىڭىزدا سەل خاتالاشقاندەك بىر تەسىراتتا، «چىن-سەمىمى»دېگەن سۆزلەرنى قوشۇپ قايتىدىن ئۇ  پىكىرىڭىزنى جەزىملەشتۈرەلمەيدىغان «...ۋاتقاندەك قىلىدۇ»دېگەن شەكىلدە بايان قىلىپ ،بىر پىكىرنى ئىككى خىل مەنەدە ئوتتۇرغا قويۇپسىز.نېمىلام بولمىسۇن مەن كەينىدىن سىزنىڭ بۇ ئىككى جۈملە يازمىڭىزنى بىرلەشتۈرۈپ«شائىرلارنىڭ چىن-سەمىمى ھېسياتى تاش دەۋىر-يەنە مەن بۇ ئوخشىتىشنى ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان كىشىلەر راست گېپىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماي سۈكۈتكە پاتقان ۋاقىت ،دېگەن مەنىدە چۈشەندىم-دە سۈكۈت قىلىشقا ،ئىچىدىكىنى ئېيتماي جىم تۇرىۋېلىشقامەجبۇر بولىۋاتىدۇ»دېگەن مەنىدە چۈشەندىم  .ئەگەر سىز بۇ ئىككى جۈملە سۆزدىكى پىكىرىڭىزنى راستىن شۇ مەنىدە يازغان بولسىڭىز ،مەن بۇ چۈشەنچىڭىز بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ قاپتۇ ،جاللات ئۆزىنى ئۆزى تۇغۇلغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 70 -يىللاردا تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان ئوخشايدۇ،دەپ چۈشىنىشكە مەجبۇر بولىمەن.چۈنكى مەن شۇنداق قارايمەنكى ھازىر بىز جوڭگۈلۈقلار تارىختىن بۇيانقى ئەڭ گۈللەنگەن ،ئەڭ دىموگىراتىك دەۋىردە تۇرىۋاتىمىز،بۇ نۇقتىدىن شائىرلار تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ ،بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ قەلەم تۇلپارىنىڭ چاپىدىغان مەيدانى تېخىمۇ كىڭەيگەن.
  سىز بۇ بۆلەك يازمىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە«شائىرنىڭ خىيالىنىڭ دەھشىتىگە پەقەت تاشلارلا چىدايدۇ»دەپ يېزىپ يەنە بىر چۈشىنىكسىز مەنەنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز؟سىز بۇ جۈملىدە كۆز تۇتقان ،پەقەت تاشلارلا چىدايدىغان شائىرنىڭ دەھشەتلىك خىيالى ،شائىرلارنىڭ ئاشكارىلاشقا ئامالسىز ،بېسىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان ئازابلىق ھېسياتىمۇ؟بۇ زادى نېمە سەۋەپتىن بېسىۋلىشقا مەجبۇر بولغان ھېسيات؟ياكى تاشلارلا چىدايدىغان شائىرلارنىڭ بۇ خىياللىرى رەزىل نومۇسسىز ھەم پەس،يىرگىنىشلىك خىياللار بولغىنىدىن شۇنداقمۇ؟سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى زاھىر بۇرھاننىڭ يازمىسى ۋە بۇيازمىغا چۈشكەن ئىنكاسلار تۈپەيلىدىن ئوتتۇرغا قويغىنىڭىز سەۋەبىدىن ،سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزدىمۇ ئومۇمى ئۇيغۇر شائىرلىرى كۆزدە تۇتۇلغان دەپ قاراپ ،يىگىرمە يىللاردىن بېرى شېئىر كوچىسىدا ھەۋەس بىلەن چۆرگىلەپ يۈرۈپ قانداقسىگە مەن شائىرلىرىمىزنىڭ تاشلارلا چىدايدىغان دەھشەتلىك خىياللىرى ھەققىدە بىرەر يەردە كۆرمەي،ئوقۇماي،ئاڭلىماي قالغاندىمەن دەپ ئۆزۈمنىڭ نادانلىغىدىن ،بىخەستىلىگىدىن چۆچۈدىم.شۇڭا مۇمكىن بولسا مەن خەۋەرسىز قالغان بۇ شائىرلارنىڭ تاشلارلار چىدايدىغان  دەھشەتلىك خىياللىرى توغرىسىدا ماڭا ئازراق بولسىمۇ ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز سىزگە كۆپ تەشەككۇر ئېيتقان بولاتتىم.


ﺋﯧﻬ، ﺗﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﺎﯞﺍﺋﯩﻲ ﺭﻭﻫﻰ،! ئوزىڭنىڭ ئىزناچىلىرىنىڭ ھاياسىز تەنلىرىدىكى شېئىرنىڭ يىغىسىغا باقىيدىكى روھىڭ بىلەن قاراپ باققىن .تەننىڭ پانىيدىكى يىغىسىدىن ئايرىلىپ باقىيغا قىتىلغان روھىڭ بىلەن بىزگە قالدۇرغان «شېئىر »چۇشەنجىسىدە بۇ بايانلىرىڭغا ئىچكىرلەپ تۇرۇپ چۇشەنجە ھاسىل قىلىش گەرۋەكلىرىگە يەتكەنلەرنىڭ ئازاپلىرىنى چۇشەنگەندەك بولدۇم .

سىز «ئېھ،تاشلارغا دەپنە قىلىنغان ناۋائىي روھىي،!»دېگەن بۇ جۈملىدە ،زامانىمىز شائىرلىرى نەۋايى ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن شائىر روھىنى ئۇنتۇپ كەتتى دېمەكچىمۇ؟مېنىڭچە ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ روھىنى دەپنە قىلغىلى بولمايدۇ،دەپنە قىلىنىدىغىنى ئۆلگەن ئادەمنىڭ تېنى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلگەن ئادەمنى تاشلارنىڭ ئارىسىغا دەپنە قىلغىلى بولىدۇكى تاشلارغا دەپنە قىلغىلى بولمايدۇ.بۇنداق بولمىسا ،ياكى مەن سىزنىڭ بۇ جۈملىڭىزنى توغرا چۈشىنەلمىدىممۇ ؟ مۇمكىن بولسا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.سىز يەنە « ئوزىڭنىڭ ئىزناچىلىرىنىڭ ھاياسىز تەنلىرىدىكى شېئىرنىڭ يىغىسىغا باقىيدىكى روھىڭ بىلەن قاراپ باققىن »دەپ يېزىپسىز.مەن بۇ جۈملىنى سىز ئالدىدا تىلغا ئالغان شائىر نەۋايى روھىغا خىتاب قىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشەندىم.سىز بۇ جۈملىدە «باقىيدىكى روھىڭ»دەپ ئالغانلىقىڭىز تۈپەيلىدىن ،ئالدىنقى جۈملىدىكى «ئىھ،تاشلارغا دەپنە قىلىنغان نەۋايى روھى!»دېگەن جۈملىدىكى روھ ئاتالغۇسى بىلەن كەينىدىكى روھ ئاتالغۇسى پەرىقلىق مەنىدە ئىشلىتىلگەن ،دەپ چۈشەندىم.چۈنكى ئالدىدىكىسى زامانىمىز شائىرلىرى تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن شائىر نەۋايىنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدىكى ئوي-پىكىر ،كۆز قاراش ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىدىن ئىبارەت سۇبيېكتىپ ئېڭىنىڭ نامايەندىسى بولسا ،كەينىدىكىسىدە تىلغا ئېلىنغان روھ سىز «باقىيدىكى»دېگەن سۆز بىلەن قوشۇپ تىلغا ئالغانلىقىڭىز تۈپەيلىدىن ، ئاللا ئىگىمىز ئىنسان بالىسى يارالغاندا ئۇنىڭ تېنىگە ئاتا قىلغان ۋە تەن ھاياتلىق سەپىرىنى تاماملاپ تۇپراققا قايتقاندا ئاللانىڭ دەرگاھىدا قايتىدىغان دىنىي چۈشەنچىمىزدىكى روھ بولىدۇ.بىراق ،مېنىڭچە ئاللانىڭ دەرگاھىدىكى روھلار يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايدۇ ياكى پەرۋا قىلمايدۇ.ئەلۋەتتە ،بۇ خىتابىڭىزنى «قىزىم ساڭا ئېيتاي ،كېلىنىم سەن ئاڭلا »دېگەندەك ،زامانىمىز شائىرلىرىغا قىلىنغان خىتاپ دەپ چۈشىنىش كىرەك.ئۇنداق بولغانكەن بۇ جۈملىنى «ئەي زامانىمىز شائىرلىرى...»دېگەندەك بىۋاستە شەكىلدە ئېلىپ  خىتابىڭىزنى ئوچۇق تۈز بايان قىلسىڭىز تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولماسمىدى؟سىز مېنىڭ بۇ پىكىرلىرىمنى ھەرگىزمۇ ،ئۆزىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئۆلچىمىنى ياكى شەكلىنى ماڭا تېڭىۋىتىپتۇ ،ماڭا كۆز-كۆز قىلىۋىتىپتۇ ،دەپ چۈشىنىپ قالماڭ. مەن ئۆزۈمنى مۇنبەرلەرگە ئىنكاس يازسام ،كۆز قاراش،چۈشەنچىلەردە تورداشلاردىن بىلەن ئورتاقلاشسام ۋە مۇۋاپىق بولمىغان تەرەپلەردە تورداشلار كۆرسەتمە بەرسە توغۇرلىۋالسام ،دېگەن مەقسەتتە ئىنكاس يازىمەن ۋە ھەممەيلەننى شۇنداق بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغانلىقىم سەۋەبىدىن سىزنىمۇ شۇ قاتاردا كۆرۈپ ،مۇنداق-مۇنداق يازغان بولسا تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋالغان بولاتتىم ،دېگەن ئوي بىلەن سىزگە يوليورۇق بەرگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ سالدىم .ناۋادا ئۇ سۆزلەر سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە كەلگۈدەك بولسا سىزدىن ئەپۇ سورايمەن ۋە سۆزۈم خاتا بولۇپ قاپتۇ دەپ قايتۇرىۋالىمەن.
  مەن«ئوزىڭنىڭ ئىزناچىلىرىنىڭ ھاياسىز تەنلىرىدىكى شېئىرنىڭ يىغىسىغا باقىيدىكى روھىڭ بىلەن قاراپ باققىن»دېگەن جۈملىدىكى «ھاياسىز تەنلىرى»دېگەن سۆزدىن بەك غەلىتىلىك ھېس قىلدىم.سىز «ئىزناچىلىرىڭ »دېگەن سۆزنى باشتىكى جۈملىلەر بىلەن بىر لەشتۈرۈپ «شائىر نەۋايى روھىغا ئىز باسار بولۇشقا تېگىشلىك ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شائىرلىرى»دەپ چۈشەنسەم ،سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تېنىنى «ھاياسىز تەن»دەپ ئاتىغانلىقىڭىزنى ھېچ چۈشىنەلمىدىم.«ھاياسىز»دېگەن سۆزنى مەن ئەدەپ-ئەخلاقتىن چىققان ۋە نومۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە ئىشلىتىدۇ دەپ چۈشىنىمەن.مەن تېخى ھازىرغىچە بىرەر ئۇيغۇر شائىرىنى ئەدەپ-نومۇسنى بىر ياقىغا قايرىپ قويۇپ كوچىلارغا يالىڭاچ پېتى چىقىۋاپتۇ دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم.ئەلۋەتتە ،سىز بۇ سۆزنى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ جىسمانىيىتىگە ئەمەس بەلكى ئەخلاق-پەزىلىتىگە قارىتىپ دېگىنىڭىز چوقۇم.ئۇنداقتا نەۋايىنىڭ ئىز باسارلىرى بولغان شائىرلارنىڭ (يەنى ئىزناچىلىرىنىڭ )ھاياسىز تەنلىرىدىكى شېئىرلار قانداقمۇ يىغلىيالسۇن؟ھاياسىز كىشىلەر ئەخلاق-نومۇستىن ۋاز كەچكەن بولغاچقا ھاياسىز دەپ ئاتىلىدۇ،ھاياسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردا نە ئەدەپ،نە ئازاب تۇيغۇسى ،نە شېئىر بولسۇن؟سىز راستىنلا شائىر نەۋايىنىڭ ئىز باسارلىرى بولغان بۈگۈنكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنى ھاياسىز ،ئەدەپ-نومۇسنى بىلمەيدىغان كىشىلەر دەپ قارامسىز؟بۇنىڭغا ئاساسىڭىز بارمۇ ؟ياكى مەن بۇ جۈملىىدىكى سۆزلىرىڭىزنىڭ مەنىسىنى خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ؟ ئۇنداق بولسا سىز بۇ جۈملە ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مېنىڭ خاتا چۈشەنچەمنى توغۇرلىۋىلىشىمغا ياردەم قىلالامسىز؟
   ئالدىراش ئىشىم چىقىپ قالغاچقا داۋامىنى ئەتىگە قالدۇردۇم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 20:11:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرمۇھەممەد ھاشىم . مۇنازىرە روھىڭىزنى قوللايمەن . بەزى سۆزلەرنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇش كىرەك . ئۆزىمىز ياخشى كۆرمىگەن ئىدىيەنى ناچارغا چىقىرىش ئارقىلىق ئۇنى ئىنكار قىلىش ئاجىزلىقنىڭ بەلگىسى بۇلىشى مۈمكىن . ئەمدى قالغانلىرىغا شارائىتىمىز يار بەرگەن دائىرىدە ماسلاشقايمىز .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش