تورداشلاردىن، نۇرمۇھەممەت ھاشىم، ئابدىرېشىت سۇلايمان ئۆزھال قاتارلىق قەلەم ئىگىللىرىنىڭ، مەزكۇر تېما ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، ئىلمىي مۇنازىر سورىنى ھازىرلاۋاتقىنىدىن بەكمۇ مەمنۇنمەن.
ئىنسان مەنىۋىيىتىنى يورىتىپ بېرىش بىر نەچچە توم كىتاب ۋە ياكى بىرنەچچە «ئىزىم» ئېقىملىرىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس.
ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخى، تا ھازىرغا قەدەر، كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئەممائۆزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بۇ مۇرەككەپ روھى ھالەت ھەققىدە،تېخى كىشىنى قايىل قۇلغۇدەك ئېنقلىما بېرەلمىدى.
قەدىمكى زامان ئەدەبىياتى بولسۇن كلاسسىك ئەدەبىيات ئېقىملىرى بولسۇن ۋە ياكى يېقىنقى زامان ئەدەبىيات ئېقىملىرىدىن رومانتىزم، رېئالىزم، كىيىنكى رېئالىزم، سوتسيالىستىك رېئالىزم، دەسلەپكى مودېرنىزىم، كىيىنكى مودېرنىزىم....قاتارلىق تۇرلۇك ئېقىملار بولسۇن، بىرلا نۇقتىنى يەنى ئىنسان مەنىۋىيىتىنى ئەينەن تەسۋىرلەشكە كۆپ تىرىشىپ باقتى.
مېنىڭچە، ئېرىق، مىللەت، دىن، دولەت ۋە تۇرلۇك سىياسىي ئېقىملاردىن ھالقىغان تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنىۋىيىتىگە يېقىنلىشالايدۇ.
يۇقىرىقى تېمامدا مەن مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى قىلغان ئىدىم «بىزنىڭ كىشىلىرىمىز، ئەدەبىياتتىن، مۇھەببەت بىلەن سىياسىينى ئىزلەپ كەلدى.» يۇقىرىقى سۆزۇم، ئەدەبىياتچىلارنىڭ، ئىنسان مەنىۋىيىتىنى تەسۋىرلىگۈچى بولۇش سۇپۇتى بىلەن، پەقەت يۇقىرىقى ئىككىلا خىل نۇقتىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشىشتىن ئىبارەت، تۇيۇق يولدىن يېنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسۇتۇپ تۇرۇپتۇ.
ئەدەبىيات ئوقۇرمەنلەرنى يېتەكلەشنى ئاساس قىلىۋالسا ئۇ چاغدا ئىنساننىڭ ئۆزلۈكى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ مەقسىدى يېتەكلەش ئەمەس تەسۋىرلەشتۇر.
ئەدەبىياتتا مىللىي خاسلىق بولىدۇ ئەمما تەسۋىرلەشتە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تۇيغۇسى خاتىرگە ئېلىنىشى كېرەك.
بىر ئادەمنىڭ روھىيىتىدىكى مۇرەككەپ ئۆزگۈرۈشلەرنى نوقۇل سىياسىي تۇزۇم ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقلارغا باغلاپ چۈشىنىۋېلىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى خاتا سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ زەھىرى.
بەزى تورداشلار مەن يازغان يۇقارقى ماقالىنى « ئەپەندىمنىڭ خېتىگە » ئوخشۇتۇپ ئۆزىمنىڭ كېلىپ ئوقۇپ بېرىشىمنى ۋە ياكى بولمىسىا ماقالىدىكى «چۈشىنىكسىز» بولۇپ قالغان يەرلەرگە ئىزاھات بېرىشىمنى تەلەپ قىلسا مەن بۇ تەلەپنى رەت قىلىمەن. سەۋەبى شۇكى مەن بۇ ماقالىنى ناھىتە ئەستايىدىللىق بىلەن يازغانمەن. ماقالىدىكى ھەر بىر جۇملە ۋە ھەر بىر ئابزاس سۆز، نۇرغۇن تەجرىبىلەردىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوتتۇرغا قويۇلغان قاراشلىرىمدۇر.
ئەدىبىياتى سۆيىدىغان بارلىق قەلەم ئىگىللىرىگە:
ئەگەر نىيىتىڭلار دۇرۇس بولسىلا، بىلگىلى بولمايدىغان ئىش، چۈشەنگىلى بولمايدىغان سۆز جۇملىلەر، يەتكىلى بولمايدىغان مەنزىل بولمايدۇ.
مۇبادا ھەقىقەتەن سوراشقا تېگىشلىك سوئال بولسا مەزكۇر تېما ئاستىغا سۇئاللارنى ئېنىق قىلىپ قالدۇرغايسىزلەر مەن ھەر ۋاقىت سىلەرگە جاۋاب بېرىشكە تەييارمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zahir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-31 16:44