- UID
- 43
- QQ
- 56333748
- ھوقۇقى
- 255
- ھەقىقىي ئىسمى
- ئابدۇرېشىت ئېلى
- يازما
- 241
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1415
- تىزىملاتقان
- 2012-3-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-6
- توردا
- 372 سائەت
|
|
|
|
|
بىر تۈركۈم بالىلار تەسەۋۋۇرىغا تويۇنغان يۇمۇرىستىك يىڭىچە بالىلار شېئىر، ھېكايىلىرى بىلەن بالىلارنىڭ ئەرمەك دوستى بولۇپ قالغان ياش يازغۇچى ياسىن ئابدۇقادىرنىڭ «رەسسام چاشقان» ناملىق بالىلار شىئېرلىرى توپلىمى يىقىندا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى كەپسىز بولۇپ گاھ كىتابتىن چىقىپ كەتسە، گاھ نەگىدۇ يۇشۇرىنىۋالىدۇ؛ گاھ بالىلار بىلەن قوغلاشماق ئوينىسا، گاھ يۇمۇرۇستىكچانلىقى بىلەن بالىلارنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى قىزىقارلىق كارتون فىلىملىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئابلىكىم ھەسەن دېگەندەك «ئۇنىڭ شېئرلىرىدا ھالقىش بار». (ئوسمان زاھىرنىڭ «جەنۇبىي تاغ باغرىدىكى 18 ‹بالا›» دېگەن ماقالىسىگە قارالسۇن). مەزكۇر توپلامدا ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى بىرقەدەر مۇكەممەل گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان بالىلار شىئېر توپلاملىرىنىڭ ئىچىدە خېلىلا ياخشى چىققان توپلام دېيىشكە بولىدۇ. بۇ توپلام ئىللىق تەبىئەتكە، بالىلىق تۇيغۇغا تەلپۈنۈپ تۇرغان بالىلىرىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك بىر سوۋغات بولۇپ قالغۇسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-15 20:48
|
|
|
|
|
|
|