دالىدا ئويناپ يۈرگەن ساقاللىق بالا
ئۇ ۋاقىتلار 2004- يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىدى. مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇيتتىم. ئۆزۈم ئىزدەپ تاپالمايۋاتقان بىر تۈركۈم كىتابلارنى تېپىش ئۈچۈن «رەسسام چاشقان» نى ئىزدىگەنىدىم. مۇئەللىملەرنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيتتىم. ئۇلاردىن تارتىناتتىم. خىيالىمدا «ئۇ دېگەن مۇئەللىم تۇرسا، بۇ كىتابلارنى تېپىپ بەرسىڭىز دېسەم، نېمە دەر؟ ئاچچىقلاپ قالارمۇ؟» دېگەندەك خىياللار ئەگىپ يۈرەتتى. ئاخىرى ئىرادىگە كەلدىم. بىز تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپلا ئاكا- ئۇكىدەك بولۇپ كەتتۇق. ياسىن مۇئەللىمنىڭ قىزغىن مۇئامىلىرى مەندىكى قورۇنۇش تۇيغۇلىرىنى يوقاتقانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ياسىن مۇئەللىم مېنى ئىزچىل ئىزدەپ تۇردى. ئىجادىيىتىمگە ئىلھام بەردى. ياسىن مۇئەللىم مېنىڭ نەزىرىمدە مەسئۇلىيەتچان بىر مائارىپچى ئىدى.
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى. مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خوتەن شەھرىدە تىجارەت قىلىشنى ئۆگىنىۋاتاتتىم. بىر كۈنى ياسىن مۇئەللىم كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى. قولىدا بىر تال «تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلى بار ئىدى. بىرەر خوشلۇقى بارمۇ- قانداق چىرايى نۇرلىنىپ كەتكەنىدى. «خوشخەۋەر»- دېدى ئۇ چىرايىمغا تېكىلىپ، ئىككى پارچە شېئىرىڭ بۇ ژورنالغا چىقىپتۇ. ئالدىراپ ژورنالغا قارىدىم. «توشقان بىلەن سۆزلىشىش»، «قار بوۋاي» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرىم ژورنالغا بېسىلغانىكەن. ھاياجاندىن تىپچەكلەپ كەتتىم. ياسىن مۇئەللىم مەندىن بەكرەك خوشال بولغاندەك كۆرىنەتتى. ئۆزى يېتىشتۈرگەن بىر كۆچەتنىڭ مېۋىگە كىرىشى باغۋەننى ھەقىقىي خۇشال قىلالىغانىدى. ياسىن مۇئەللىم بىلەن شىنخۇا كىتابخانىسىغا بىرگە كىردىم. ئۇ ماڭا ياش شائىرە ئايىمنىسا سۇلايماننىڭ «ئوت پەسلى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى سوۋغا قىلدى. مەن شۇ كېچىسى زادىلا ئۇخلىيالمىدىم. بىرسى ئەسىرىمنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى ئۇيقۇمنى قاچۇرغان بولسا، يەنە بىرسى ياسىن مۇئەللىمنىڭ بىر تال ژورنالنى، خوشخەۋەرنى ماڭا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاتايىتەن 15 يۈەن پۇل خەجلەپ خوتەنگە كېلىشى ئىدى. خالىس نىيەت پۈتۈن نىرىپلىرىمنى تەسىرلەندۈرگەنىدى. بۇ ئىشلارغا گەرچە ئالتە يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ھەر ئېسىمگە كەلگىنىدە ياسىن مۇئەللىمگە بولغان ھۆرمەت ھەسسىلەپ كۈچىيىدۇ. ياسىن مۇئەللىم ئەنە شۇنداق ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي بىر ئىنسان ئىدى.
شۇنداق قىلىپ مەن ياسىن مۇئەللىم بىلەن دوست بولغىلى توققۇز يىلغا يېقىنلاشتى. ئۇ گاھىدا ماڭا ئۇستاز بولدى، گاھىدا ماڭا دوست بولدى. مەن بۇ دوستۇمنىڭ مەسئۇلىياتچانلىق روھىدىن مەڭگۈ ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن. بىر پارچە كىتابى «رەسسام چاشقان» نى ئۈچۈن توققۇز يىل ئۆگەندى، ئىزدەندى. نەشرىياتقا بىرىپ بولغان كىتابىنى ئۈچ قېتىم قايتۇرۇۋالدى. ئەدەبىياتقا، جۈملىدىن بالىلار ئەدەبىياتىغا بولغان بۇ قەدەر يۇقىرى مەسئۇلىياتچانلىق ئېڭى ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ .
مېنىڭ نەزىرىمدە ياسىن مۇئەللىم مەسئۇلىيەت ئېڭىغا تويۇنغان، شېئىرلىرىدەكلا يېقىملىق ھەقىقىي بىر شائىر ئىدى.
سەبىي دالىدا ئويناپ يۈرگەن ساقاللىق بالا- ياسىن ئابدۇقادىرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات مۇساپىسىنىڭ نۇرلۇق بولىشىنى ئولۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ت.نەمەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-21 13:43