«رەسسام چاشقان» تەبرىكلەندى
«رەسسام چاشقان» قاراقاشقا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن دوست-بۇرادەرلەر يەككە ھالدا ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ياش يازغۇچىمىز ياسىن ئابدۇقادىرنى تەبرىكلەشكەن ئىدۇق.
2-ئاينىڭ 26-كۈنى ياش يازغۇچىمىز ياسىن ئابدۇقادىرنىڭ مەكتىپىدىكى مۇناسىۋەتلىك بىرقىسىم رەھبەرلەر، خىزمەتداش- دوستلار ناھىيەمىزدىكى «ئەتىرگۈل خوگو شەھەرچىسى» دە يازغۇچى ياسىن ئابدۇقادىرغا دوپپا، كالتە تون كەيدۈرۈش شەكىلدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بىر ئاددىي تەبرىكلەش بولسىمۇ مۇھەببەتتىن كۆڭۈللەر سۇ ئىچىپ دىللار يايرىدى.
خۇلاسىمىز شۇ بولدىكى، تۆھپە يەردە قالمايدىكەن ۋە ئۇنتۇلمايدىكەن.