يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 11479|ئىنكاس: 337

سائادەت ساتتار ئايتۇغ: قوشاقلار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قوشاقلار


سائادەت ساتتار ئايتۇغ


0023aeaa687b0ca3a22904.jpg

ئۆگزىگە چىقاي دېسەم،
شوتا بەلدىن سۇنۇپتۇ.
يايرىمنىڭ كېلىشىنى،
بۈگۈن يۈرەك تۇيۇپتۇ.


يالىڭاياق ماڭغاننىڭ،
تىكەن كىرەر پۇتىغا.
چىدىمىغىم تەس ئىكەن،
سەن ناداننىڭ ئوتىغا.


بۇغداي تېرىپ ئېتىزغا،
شال تېرىدىم زەيكەشكە.
يايرىم مەندىن رەنجىپتۇ،
بارالمايمەن دېگەچكە.


قۇيرىقى يوق توشقاننىڭ،
قۇلىقى زەپ ئۇزۇنكەن.
چىرايى يوق يايرىمنىڭ،
خۇلقى ئەجەپ  ئۇز ئىكەن.


يايرىم مېنى چىللايدۇ،
ئۆزى كىرگەن باغچىغا.
كۆڭۈل قانداق ئۇنايدۇ،
ئۆز يارىدىن باشقىغا؟.


بۈگۈن كەچتە مەشرەپ دەپ،
خەۋەر قىلدىم باللىغا.
يارنى تولا ئەسلىگەچ،
دەرس چۈشمەس كاللىغا.


باغقا كىرسەم مەيلىمۇ،
گۈلنى ئۈزسەم مەيلىمۇ؟
جاۋابىڭنى ئېيتمىساڭ،
ئۈمۈت ئۈزسەم مەيلىمۇ؟


يايرىم بۈگۈن چىقىپتۇ،
چاچلىرىنى تارىماي.
گېپىڭ بولسا ئېيتمامسەن،
يەر تېگىدىن مارىماي.


ئەتلەس كۆينەك كەيسەڭچۇ،
چىمەن دوپپا كەيسەڭچۇ.
كۆپ يىل بولدى ئوتۇڭدا،
كۆيگىنىمنى بىلسەڭچۇ.


دەرەخلەردىن تۆكۈلەر.
سارغايغان ياپراق.
مۇرۇللۇغۇم يايرىمغا،
مەن ئەجەپ ئامراق.


چولپان چىقىپ،يۈتەركەن،
ئەللەر كۆرمەستە.
كۆرەلمىگەچ يايرىمنى،
دىللار شېكەستە.


كۈز ئايلىرى كەپ قالغاچ،
يازغا خوش دىدۇق.
يۈرەكلەردە داغ قالغاچ،
يارغا خوش دىدۇق.


بۇغداي پىشماي دانچۇقتا،
ئورغاق داتلىشىپ كەتتى.
پۇل قالمىغاچ يانچۇقتا،
يارلار ياتلىشىپ كەتتى.

1249876885391_1249876885391_r.jpg

داۋامى بار....

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-4 20:47:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
001c25c5d41809a762740d.jpg
ئەتلەس كۆينەك كىيگۈم بار،
سەن يايرىمغا توقۇتۇپ.
خوش دىمىگىن ئالدىراپ،
يايرىم مىنى قوقۇتۇپ؟

يامغۇر ياغسا تاڭغۇچە،
چىقمايمەن سۇ تۇتقىلى.*
بىر پىيالە چېيىم بار،
يار كۆڭلىنى ئۇتقىلى.

ئۆكسىمەيدۇ قىشۇ-ياز،
ئولانباينىڭ شامىلى.
مىنى يامان دىگەنگە،
ئۇچرار مەندىن يامىنى.

قىزىل گۈلنى ئەگىيدۇ،
بېغىمىزدا كېپىنەك.
سەندىن ئۆزگە سىرداش يوق،
دەرتلىرىمنى دىگۈدەك.

باغدا بۇلبۇل سايرايدۇ،
باھار كەلگەن ئوخشايدۇ.
يىراقتىكى يايرىمدىن،
خەۋەر كەلگەن ئوخشايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 21:35  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-4 20:51:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يامغۇرلار تولا يېغىپ،
ئۆيدىن ئۆتتى تامچىسى.
تېزرەك ئەلچى بولمىساڭ،
ماراپ يۈرەر نەچچىسى.

تىمتاس جىمجىت كېچىدە،
چىكىلدايدۇ سائىتىم.
كەلسەڭ تېزرەك كەلمەمسەن،
تۇشۇپ قالدى تاقىتىم.

.

ئېۋېرغولنىڭ يوللىرى،
ئىلانباغرى ئەگىم كۆپ.
سەن يايرىمنى كۆرمىگەچ،
يۈرەگىمدە دەدىم كۆپ.

قارا تاغدا داۋان كۆپ،
ئۈستىدە تۇمانى بار.
يايرىم مەندىن رەنجىپتۇ،
كۆڭلىدە گۇمانى بار.

ئېرىقتىكى لاي سۇلار،
ئېتىزلارغا ئاقىدۇ.
تاللاپ سۆيگەن يارىمنىڭ،
سۆزى دىلغا ياقىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 20:52  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-4 20:52:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆكتەبىرنىڭ ئايلىرى،
يوپۇرماقلار تۆكۈلەر.
يىراقتىكى يار قەدرى،
يالغۇزلۇقتا ئۆتۈلەر.
*

يامغۇر ياغقاچ كېچىچە،
پىشايۋانلار ھۆل بولدى.
سەن يايرىمنى كۆرمىگەچ،
كەيپىياتلار نۆل بولدى.
*

ئاپتاپپەرەس شاخلىرى،
كۈنگە قاراپ تۇرغۇدەك.
قوشاق يازسام توختىماي،
ئەمدى يارلار ئۇرغۇدەك.
*

شاختىن چۈشكەن ئۆرۈكنى،
گۈلە قىلىپ قۇرۇتتۇق.
ۋىسال پەيتى كەلگەندە،
ئازاپلارنى ئۇنۇتتۇق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 20:54  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-4 20:56:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈنچە دوپپا كەيمەيمەن،
بادام دوپپا كەيمەيمەن.
قوشاق يازما دىگەنگە،
ھەرگىز ماقۇل دىمەيمەن.

چۆگۈن قايناپ كىتىپتۇ،
چاينى دەملەپ قويغۇلۇق.
بىۋاپاغا ياش تۆكمەي،
ئوبدان ئەپلەپ قويغۇلۇق.

بۈگۈن كېچە ئاڭلىسام،
تۇنجى قارلار ياغارمىش.
كىچىكلەرنى يار تۇتساڭ،
ئاچاللاردا ئازارمىش.

بارغىنىمنى سورىماي،
يانغىنىمنى سوراڭلار.
غەيۋەت قىلسا كىمەركى،
تۇمشۇقىنى موراڭلار.

دېرىزەڭگە تاش ئاتماي،
ئۆگزەڭگە گۈل ئاتىمەن.
تاڭ ئاتقۇچە چىقمىساڭ،
ئىشىكىڭدە ياتىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-4 20:57:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈگۈن ئازنا بازىرى،
ھارۋىلارنى قاتىمەن.
قوقماي بەرگىن قولۇڭنى،
سېنى ئۆزۈم باقىمەن.

ئاقيارنىڭ بازارىدا،
پىستە-بادام ساتىمەن.
ئەنسىرىمە دەردىڭنى،
بىرلا ئۆزەم تاتىمەن.

يارنى كۈيلەپ ھارماستىن،
قوشاقلارنى قاتىمەن.
يىتەرمۇ دەپ ھالىمغا،
خىياللارغا پاتىمەن.

قىروۋ چۈشسە يايرىمنىڭ،
تەستۇر تەرمەچ تەرمىكى.
تەماننا ئەيلىمەڭ يايرىم،
بار ئالغانننىڭ بەرمىكى.

شال تېرىسام ئۈنمىدى،
يېرىم شورلۇق يەرمىكىن.
خوش دىگەندەك سىز ماڭا،
يارلىرىڭىز دەرمىكىن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-4 20:57:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆپكە-ھېسىپ قۇياي دەپ،
ئۈتلەپ قويدۇم كاللىنى.
ئەركەك دىگۈم كەلمەيدۇ،
بۇرۇتى يوق باللىنى.

يامغۇر ياغسا توختىماي،
كەلكۈن كەلمەمدۇ.
تاز يارىنى ئۇز دىسە،
كۈلگۈم كەلمەمدۇ.

ئورما ئورۇپ كەچكۈچە،
ھېرىپ كەتسەم مەيلىمۇ.
ساقلاۋېرىپ مەن سېنى،
قېرىپ كەتسەم مەيلىمۇ.

باغقا كىرگىن دەپ قويۇپ،
كۆرسەتمىدىڭ قاراڭنى.
خۇدايىم يولاتمىسۇن،
سەندەك بىغەم-ساراڭنى.

ئۆتكەن ھەپتە ئۈزگەن گۈل،
تېخىچە سولاشمىدى.
يارنى ئاران كۆرگەندە،
گەپلىرىم قولاشمىدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-4 20:59:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

داۋانچىڭنىڭ يولىنى،
دەيدۇ ئىگىز- پەس.
كۆيگىنىمنى بىلمىدى،
يايرىم غەم يىمەس.


<<مازار غوجام>> دەيدىكەن،
<<پەيشەنبازار>> دەيدىكەن.
قارىمايمەن يايرىمغا،
كۆڭلۈم ئازار يەيدىكەن.

<<شاققوتان>> نىڭ يولىنى،
يۈرۈپ باققان بىلىدۇ.
مۇھەببەتنىڭ ئوتىنى،
كۈيۈپ باققان بىلىدۇ.

<<يانتاقشە>>دىن چىققۇچە،
كۈن كەچ بولۇپ شام بولدى.
تىلى تاتلىق يايرىمغا،
كۆڭلۈم ئەجەپ رام بولدى.

<<ئويمەھەللە>> كۆۋرىكى،
ياش باللىنى يىغىدۇ.
يۈرۈكۈمنى قاناتقان،
مۇھەببەتنىڭ تىغىدۇ.


<<ئۈچئۆستەڭ>>نىڭ يوللىرى،
ئىپار-ئەنبەر پۈركۈيدۇ.
مەلىدىكى قىزلاردىن،
زىل يىگىتلەر ئۈركۈيدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-4 21:00:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



چېچىلىپ كەتكەن قورماچنى،
تېرىدىغان قىزلار يوق.
قۇرۇق گەپكە كۆڭلىنى،
بېرىدىغان قىزلار يوق.

باھار كەلگەن ئوخشايدۇ،
قاپتۇ چىملىق چارلىشىپ.
قالدىممۇ مەن ئۆزۈمچە،
ئارتۇق ئىشقا ئارلىشىپ.

يەر تەۋرەپتۇ غۇلجىدا،
يۈرەكلەر ئېغىپ كەتتى.
ئالدىراپلا تۇتقان يار،
تەڭ يولدا ئېزىپ كەتتى.

بۇيىل قىش سوغۇق يامان،
شىۋىرغان ۋىژىلدايدۇ.
يارنىڭ سۆزىنى ئويلاپ،
يۈرەكلەر پىژىلدايدۇ.

يەڭنى تۈرۈپ ئورمىنى،
بىر كۈندە تاماملاپسەن.
خەقتىن ئاڭلىدىم يارىم،
سەن مەندىن يامانلاپسەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-4 21:00:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغقا كىرگىن دەپ قويۇپ،
ئۆزۈڭ نىچۈن كىرمەيسەن.
شۇنچە قىلسام مەن ساڭا،
قىلچىلىكمۇ بىلمەيسەن.

بىر جۈپ ئالما كۆتۈرۈپ،
كەلگەن كىمنىڭ يارىدۇر.
زەخمەك بولسا قوللىرىڭ،
يۈرەكلىرىم تارىدۇر.

مەلىمىزنىڭ بېغىدا،
شەنبە كۈنى توي ئىكەن.
يۈرۈكۈمنى كۆيدۈرگەن.
يايرىم زىلۋا بوي ئىكەن.

قونداقلارغا قارىسام،
بىرلا كەپتەر تاق كىردى.
سېنى ساقلاپ بىلەمسەن،
چاچلىرىمغا ئاق كىردى.

پىشايۋاندا ئولتۇرسام،
ئۇچۇپ كەتتى دەمدىرىم.
يۈرۈكۈمگە قاراپ باق،
تۇشۇپ كەتتى دەرتلىرىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-4 21:01:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەن ئولتۇرساڭ يېنىمدا،
جانۇ-دىلىم يايرايدۇ.
قاغجىرىغان دىلىمغا،
غايىپتىن نۇر تارايدۇ.

بۈگۈن كەچتە مەشرەپ بار،
چاقىرساق چىقالامسەن.
گەپنى چوڭ قىلغان بىلەن،
ئايرىلساق چىدالامسەن؟

مەلەڭلەرنىڭ يولىنى،
ئىگىز-پەس دەپ ئاڭلىدىم.
قوشاقچى دىسە مەيلى،
تېخى يىزىپ قانمىدىم.




جاھان كەزدى سەيياھنىڭ،
يانغىنىنى ئاڭلىدىم.
ياخشى يارنى تاپالماي،
يامىنىنى داڭلىدىم.*


ھويلاڭدىكى مايماق شاخ،
ياغلىقىمنى ئېپ قالدى.
قارىمايلا ئۆتسەممۇ،
يۈرەك سەندە قېپ قالدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-4 21:03:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇرنىلار ئۇچۇپ كەلدى،
قاتارلىشىپ سەپ تارتىپ.
قالارمىزمۇ كۈيۈشۈپ،
قېرىغاندا دەرت تارتىپ.

مىنىڭ يايرىم تارغاقتا،
چاچلىرىنى تارىغان.
بوپ قالدىممۇ قوشاقتا،
يىگىتلەرنى مارىغان؟

مەلىدىكى ياش باللا،
تۇخۇ-توشقان ئوۋلايدۇ.
قوشاق دىگەن مۇشۇنداق،
خالىغانلار توۋلايدۇ.

يارغا ئېيتار سۆزۈم بار،
تېپىلمايدۇ ھېچبىر ئەپ.
قوشاق توقۇپ قويغانغا،
چىقمىسىكەن مىش-مىش گەپ.

قىبلىدىن شامال چىقىپ،
جىگدىلەرنى ئەگمىسۇن.
ئاران تەستە جەم بولدۇق،
يامان كۆزلەر تەگمىسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-4 21:03:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاغرىپ قاپتۇ ئوغلىقىم،
يەم يىگىلى تاۋى يوق.
يۈرەككە ئوت سەپ قويۇپ،
بېغەم يارنىڭ كارى يوق.

پالاق ئويناپ ئېڭىزدا،
يۈگرەپ يۈرەر بالىلار.
يار قەدرىنى بىلمەيدۇ،
ئەقىدىسى چالىلار.

تاللاپ ئۈزگەن قوغۇنلار،
تېخى سويما-توڭ ئىكەن.
چىرايى يوق سەت تازنىڭ،
ئەجەپ ھالى چوڭ ئىكەن.

ئاپام مىنى ساقلايدۇ،
ئۇيۇققا ئاش ئەپ قويۇپ.
قاش ئاتىدۇ بوۋايلار،
يۈرەكلەر ياش دەپ قويۇپ.

قوشئاۋاتتىن قايرىلساق،
كۆرۈنىدۇ ئۆچكۈلۈك.
بىۋاپانى سۆيگۈچە،
يارسىز تەنھا ئۆتكۈلۈك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-4 21:04:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەلىدىكى بالىلار،
ھاشارنى تاماملاپتۇ.
چىق دىگەندە چىقمىسام،
يار مەندىن يامانلاپتۇ.

ھويلامدىكى باراڭدا،
ئىككى شىڭگىل ئۈزۈم بار.
يار كۆڭلىنى ئالغۇدەك،
ئىككى ئېغىز سۆزۈم بار.

تاشقىن كەلسە ئۆستەڭگە،
كۆۋرۈك سېلىپ ئۆتكۈلۈك.
تۆت كۈنلۈك بۇ ئالەمدە،
يارغا قېنىپ ئۆتكۈلۈك.

سوغۇق ئەمەس بۇ يىل قىش،
ئىللىققىنە ئۆتمەكتە.
يىراقتىكى سەبىي قىز،
ئۆز بەختىنى كۈتمەكتە.

ھەممە دىلدىن كۈلىدۇ،
<<توي>> نامىنى ئاڭلىسا.
يىغلاپ يۈرەر بويتاقلار،
خەق يارىنى داڭلىسا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 21:05  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-4 21:05:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭى ئالغان ئايىقىم،
زەپ قىستىدى پۇتۇمنى.
ئۆچۈرەرسەن قاچانمۇ؟
يۈرەكتىكى ئوتۇمنى.

باغچام راستلا چىرايلىق،
گۈل ئېچىلغان ھۆپپىدە.
ئەنسىرەيمەن ئەلۋەتتە،
كۆز تىگىشتىن پوككىدە.

باغچام ئىسىل بىلىپسىز،
مەيلى سەيلە قىلسىڭىز.
ھەرە تۈرۈپ ئورۇن يوق،
كېپىنەك مەن دىسىڭىز.

كېپىنەكچۈن گۈل دېگەن،
پەرىمىكىن دەيمەنغۇ؟
بەرگىلەرنى سۇلدۇرغان،
ھەرىمىكىن دەيمەنغۇ؟



سەھەردە ئەجەپ تۇمان،
ئۈرۈمچىنىڭ يوللىرى.
تالدىمىكىن يايرىمنىڭ،
مەكتۈپ يىزىپ قوللىرى؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش