بۇ يىل قىشتا تېخىچە،
قار ياغمىدى لەپىلدەپ.
يۈرىدىكىن نەلەردە،
مىنىڭ يايرىم لەكىلدەپ؟
كۆنۈپ قالدۇق ئۆز-ئارا،
تۇيماستىنلا ئىچىكىپ.
گاھ دىيىشتۇق سەمىمى:
-تۇنۇشۇپتۇق كېچىكىپ.
يوق ئەمەستۇر بەزىدە،
ھەسەتخورنىڭ ئۆسىكى.
تېپىلغاندەك ھەرجايدا،
ئىتقا غاجار سوڭىكى.
................
كۆز تەگمىسۇن دوستلارغا،
دەپ تىلەيمەن ھەرقاچان.
سىلەر ئۈچۈن جۈپ قولۇم،
كۆكسۈمدىدۇر ھەر زامان.
ئېتىز بويلاپ يول ئاچتىم،
بولسۇن دەيمەن تىرگىنى*
گەپ-سۆزنىڭمۇ ھەرجايدا،
بولسۇن لايىق تىزگىنى.
|