ئشىك ئايلامدا چوڭ ئېرىق،
كۈندە لايسۇ ئاقىدۇ.
يارنىڭ سۆزى بەك سېسىق،
يۈرىگىمنى چاقىدۇ.
ئېشىك ئايلام توپىلاڭ،
سۇ چاچىمەن قاتۇرۇپ.
بىلىگىڭگە ئەن سالدىم،
بارمىغىمنى پاتۇرۇپ.
مەجنۇن تاللار ئەركىلەپ،
تولغىشىدۇ شامالدا.
يارنىڭ تونۇش ھىدى بار،
بوينۇمدىكى رومالدا!
بۇلبۇل قوندى بېغىمغا،
كۆڭلۈم ھەجەپ بۇزۇلدى.
يايرىم بىر رەت كەلمىگەچ،
كۆڭۈل رىشتىم ئۈزۈلدى.
گۈزەل باغقا كىرگەندە،
توڭ ئالمىنى سۇنغان يار.
ۋەدە بېرىپ بۇلبۇلغا،
ھۆپۇپ بىلەن قونغان يار.
2012.4.10
|