سائادەت ساتتار يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 01:27 
خەق مېنى كەپتەر دېسە،
ھەئە دەپ ئۇچارمىدىم.
يۈرەكتە لى ...
كەپتەر دېسەم رەنجىپسىز ،
كەپتەر دوستلۇق سىمۋولى .
زەيتۇن شېخى چىشلىگەن ،
كەپتەرنىڭ بار بىر يولى .
يوقاپ كېتىپ بەش-ئون كۈن ،
قاتمىسىڭىز قوشاققا .
جۈدىمەيىتتىم نېمىشكە ،
كەلمىسىڭىز بۇ ياققا .
تۆھمەت ، ئۆسەك يوق مەندە ،
يۇۋاش ، مۆمىن بىر بەندە .
دوستلىقىمىز گۈللەنىسۇن ،
بولمايلى بىز كۆپ غەمدە .
،