ximal
كۆرۈش: 3514|ئىنكاس: 89

مۇھەممەتجان سادىق ۋاپات بولدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 23:05:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                          مۇھەممەتجان سادىق ۋاپات بولدى- [. D( f! x6 T8 A; `) \$ T
: i1 B& t$ C- c: u7 R/ k& i- w, P/ w
                               UF010668514001254107449.jpg

8 s9 G* h" K0 R' I1 Z- w0 S3 }' F* B4 j
    بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى، شىنجاڭدىكى سانسىزلىغان ئىلىم سۆيەرلەرنىڭ تەلەپچان، مېھرىبان ئۇستازى، ئىلى ۋە ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان پىشقەدەم پىداگوك مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تەخمىنەن كەچ سائەت 6:30 مىنۇت ئۆتكەندە غۇلجىدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 78 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى، ئىلى شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ئەدەبىيات، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىز مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىدىغانلىقىمىزنى ۋە چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز. مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن سەمىمى ھال سورايمىز. ئۇستاز مۇھەممەتجان سادىق خەلققە تەقدىم قىلغان ئېسىل مەنىۋىي ئەمگەكلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.
6 r# g) w- N, V6 [: H( a
% }* T1 p& [: ]     مەرھۇم مۇھەممەتجان سادىق 1934-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1954-يىلى شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى)نىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خوتەن،قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىن كېيىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ باشقارمىسى، غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا رەھبەرلىك خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرغان. ئۇ ئىلى 1-دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى «ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى» بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى قۇرۇش خىزمىتىنى بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلەپ ۋە پاكۇلتىت مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىلى ۋە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھىرمەن بولىدىغان مۇتەخەسىس ئىدى. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا يەنە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، ئىلىنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنتايىن كۆپ ۋە ئەھمىيەتلىك خىزمەت نەتىنجىلىرىنى ياراتقان ئىدى.   

. X' b* Q; k4 e- @- w) Y; v! p# q     مەرھۇمنىڭ ئىجادىيىتى 1952-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئەينى يىللىرى ئۇ «نان»، «يېزا يولىدا» ناملىق داڭلىق شىئېرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ ئۈمىدلىك، تالانتلىق ياش شائىر دەپ قارالغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۇ بىزگە «زۇلپىقار» (ئۈچ قىسىملىق رومان)، «بوز ئەر» (ئىككى قىسىملىق رومان)،«گۈمبەزلىك قەبرىنىڭ سىرى» (رومان)، «ئىلى پەرزەنتلىرى»(شىئېرى رومان)،«قېلىن قاردىكى ناخشا» (شىئېرلار توپلىمى)،«تەڭرىتاغ ناخشىسى» (شىئېرلار توپلىمى)، «مۇھەببەت ۋە تەبەسسۇم»(شىئېرلار توپلىمى)،«ۋاپا ۋە مەرتلىك» (داستانلار توپلىمى)،«يۇلغۇن» (داستانلار توپلىمى)، «تۇلپارغا مىنگەن چەۋەنداز»(داستانلار توپلىمى)، «ئىلى خەمسىسى» (داستانلار توپلىمى)، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى» (ئالى مەكتەپلەر دەرىسلىكى) قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ «نان»، «يېزا يولىدا»، «چىن مۇھەببەت»،«ستودىنىتلار»،«كروران گۈزىلى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايۇن ۋە مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن ئىدى.
( o8 t5 ~$ B0 b% Y     ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلانغان ھايات بولۇپ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا،ئىجادىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئىلىمگە بولغان ئەستائىدىللىقى، شاگرىتلىرىغا بولغان تەلەپچانلىقى بىلەن بىزدە ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرغان ئىدى. مەرھۇم ۋاقىتسىز بىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇ قالدۇرغان ئەسەرلەر، ئۇنىڭ چىن ئادىمىيلىك خىسلەتلىرى خەلقىمىزنىڭ ئورتاق مەنىۋىي بايلىقىغا ئايلىنىپ، بىزنى تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرغۇسى.
2 X1 z2 ?8 Q: y. y0 o4 X; Oمەرھۇم ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت – تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
1 c" Q3 G- i  d  W2 |, Z# D
  \6 B2 d! a- r# ?, X
' h1 [  d6 B. g* b- l' p
" h9 k) d3 E( |

# ?4 F. W/ Z& j5 n, P" j( ?# A+ s& d2 q6 M' n7 S. H9 s

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1548
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 36
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 23:14:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى تۇنجى بۇلۇپ كۆرگەنلىكىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم، پىشقەدەم ئوستازلار بىر-بىرلەپ ئارىمىزدىن كىتىۋاتىدۇ، ئۆزىمىز خالاپ دۇنياغا كىلەلمىگەندەك كىتىدىغان ۋاقتىمىزنىمۇ ئۆزىمىز خالاپ بەلگۈلىيەلمەيدىكەنمىز. ئەلۋىدا ئۇستاز، ئەلۋىدا ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولغاي، سەمەرىلىك ھاياتىڭىز بىلەن سىز ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ھايات...

ھاياتلىقنىڭ ئۈزى بىر پۇرسەت!!!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 23:21:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرقى مۇسىبەتنامىنى تەييارلاۋېتىپ،ئۇستازىم مۇھەممەتجان سادىقنىڭ ۋاپاتىدىن چەكسىز قايغۇغا چۆكتۈم. ئىختىيارسىز ھالدا 1983-يىلى ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇغا تۇنجى بولۇپ قەدەم باسقان كۈنلەر، تېخى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى شىمال سەپىرىدە مەمتىمىن ھوشۇر، غەيرەت ئاسىم،شاكىرجان ھېلاجى، ئابلىكىم ھەسەن، ئاسىمجان ئوبۇلقاسىملار بىلەن ئۇنى يوقلاپ بارغان مىنۇتلار كۆز ئالدىمدىن كەچتى. ئۇ ئېغىر كېسەلدە ياتسىمۇ روھلۇق كۆرۈنگەن ئىدى. جۇدالىقنىڭ بۇ قەدەر تېز يېتىپ كېلىدىغانلىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن.
- P& r* L6 u: s+ E3 o- E) L% x+ sئەلۋىدا، ئۇستاز! ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولغاي!

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1067
تۆھپە : 0
توردا: 198
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 23:29:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم بىزلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن نەمۇنىلىك ئەسەرلىرى بىلەن مەڭگۈ يادلىنىدۇ. ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي! ھاياتلارغا سەبرى ئاتا قىلغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەبەسسۇم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-26 00:00  
3 h" S, S; N' S! f( S# `$ j+ V4 _
  T2 q( j; s% H3 E; P' d

ئاسمان دەز كەتسە كەتسۇن، كۆڭۈل دەز كەتمىسۇن!...

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1095
تۆھپە : 14
توردا: 322
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 23:30:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قەلبىم قاتتىق ئازابلاندى. مۇھەممەتجان سادىق  ھەقىقەتەن مول ھوسۇللۇق ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ پەخىرلىك باشلامچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇلۇپمۇ، مەرھۇمنىڭ « ئىلى پەرزەنتلىرى» ناملىق شېئىرىي رومانىنى مۇشۇ ساھەدىكى بىباھا گۆھەر  دەپ تەرىپلەشكە ھەقلىق ئىدۇق...
5 G8 b, R7 x/ {7 u: Q    ئەلۋىدا، ئۇستاز، ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ئۇلۇغ اللا  ئۆزلىرىگە جەننەت ئاتا قىلغاي.5 A1 N$ y+ t1 J

ئەركزاتمەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لۇغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن  ئۆز قىممىتىم-نەرقىم بىلەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  87
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 645
تۆھپە : 0
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 23:42:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  282
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 936
تۆھپە : 4
توردا: 122
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 23:42:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇستازغا جەننەت ئاتا قىلغاي، ئامىن!

قاتىل زادى كىم؟

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 23:47:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالۇ ئىننا لىللاھى ۋەئىننا ئىلەيھى راجىئۇن! ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا ئاللاھ ئۆز دەرگاھىغا چاقىرىپتۇ، جەننەتتىن ئورۇن بەرگەيسىز ئاللاھ . ئامىن، ئاللاھۇ ئەكبەر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-25 23:53  
2 A) ]% h0 g7 f6 ^& h. i
. [6 I8 k; W; c% K; ]

ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2666
تۆھپە : 8
توردا: 196
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 23:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  G, x4 i! j3 Q3 `5 q$ B
قالۇ ئىننا لىللاھى ۋەئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!
: I7 [  @& C2 T5 {/ ~( Qياخشى كۈنلەردە قايتىپتۇ!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 23:50:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1612
تۆھپە : 114
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 23:50:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ خەۋەرنى قايسى شامال قۇلىقىمغا يەتكۈزىدى دەپ تىتىرەپ كەتتىم. بۇ ئۇچۇرنى قايسى كۆزۈم كۆردى دەپ ئۆزۈمنى ھەرتەرەپكە ئۇردۇم. ئەپسۇسكى ھەممىگە ئورتاق بولغان ئۆلۈمنى ئۇلۇغ رامزان ئىيىدا ئارزۇلاپ ياشاۋاتقىنىم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۇ ياخشى بەندىسىگە خۇدادىن رەھمەت تىلەپ قەلبىمگە سەۋىر تىلىدىم. ئاللاھ، ھاياتىمىزخورلانسىمۇ، ئۆلۈمىمىزنى بولسىمۇ ئۇلۇغ قىلغىن!...

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 23:57:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

5 a* d# n, L7 X$ \9 g" {) J. e2 @

مۇھەممەتجان سادىق


+ {7 C% p  U) U


4 H! v8 _& F) m4 E3 Hئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا چاچما شېئىر يېزىش بىلەن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ، كەڭ كىتابخانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن شائىر مۇھەممەتجان سادىق 1934 – يىلى 8 – ئايدا غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1941 – يىلىدىن 1948 – يىلى 7 – ئايغا قەدەر غۇلجا شەھەرلىك ‹‹روشەن›› باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىنىڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىدا ئوقۇغان. 1948 – يىلى 9 – ئايدا غۇلجا شەھەرلىك رۇس گىمنازىيىسىگە كىرىپ ئوقۇغان. بۇ گىمنازىيەدە 1951 – يىلى 7 – ئايغىچە ئوقۇپ، رۇس يېزىقىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيالايدىغان سەۋىيەگە ئىگە بولغان ھەمدە پۇشكىن، لېرمونتوۋ، نىكراسوۋ قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرى، گوركىي، ماياكوۋسكىي ۋە ھادى توختاش، ئۆمەر مۇھەممىدى قاتارلىقلارنىڭ رۇس يېزىقىدىكى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. ئۇ 1951 – يىلى قايتىدىن ئىمتىھان بېرىپ، ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952 – يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خوتەن، قەشقەرلەردە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1957 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 1963 – يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1963 – يىلى ئۇ غۇلجىغا يۆتكىلىپ ئوبلاستلىق ۋە شەھەرلىك مەدەنىيەت – مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 1979 – يىلىدىن بېرى ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.# D/ ~/ [3 ^9 T' y
مۇھەممەتجان سادىق كىچىك چاغلىرىدا چۆچەك ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى. شائىرنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا ھەردائىم قىزىقارلىق چۆچەك، ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇ ئوقۇپ ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، كىتاب ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىغا ئايلاندى. ئۇ كۆپىنچە ۋاقتىنى خالىي، جىمجىت ئورۇنلارغا بېرىۋېلىپ كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. كىتاب شائىرنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى ئىجادىيىتىگە ئاساس سالدى ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بىلىم يۇرتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، ھۈسەيىن ناسىروۋ، خۇدابەردى تالىپ قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كۈچلۈك ئىلھام بەردى. مۇھەممەتجان 1951 – يىلى خۇدابەردى تالىپنىڭ يېتەكچىلىكىدە ‹‹ئالماناخ›› دەپ ئاتالغان ئەدەبىي توپلامنى ئىشلەشكە قاتناشتى. بۇ ھال ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئارزۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. 1952 – يىلى ئۇنىڭ ‹‹1 – مايدا›› ناملىق شېئىرى ‹‹ئىلى گېزىتى›› دە ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇھەممەتجاننىڭ ئىجادىيەت يولى بارغانسېرى كېڭىيىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن لىرىك شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ‹‹قېلىن قاردىكى ناخشا››، ‹‹تىيانشان ناخشىسى››، ‹‹ۋاپا ۋە مەردلىك››، ‹‹ئىلى پەرزەنتلىرى››، ‹‹قىزىل يۇلغۇن›› قاتارلىق شېئىر، باللادا، داستان توپلاملىرى نەشىر قىلىندى. ‹‹سالام تېرىمدىن››، ‹‹نان››، ‹‹يېزا يولىدا››، ‹‹چىن مۇھەببەت››، ‹‹سىتودېنتلار›› قاتارلىق شېئىر – داستانلىرى ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەملىكىتىمىز بويىچە 1956 – يىلىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاش – مۇكاپاتلاش پائالىيەتلىرىدە، ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1 –، 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
! W  \0 |6 \6 [* B- P: sلىرىك شائىر مۇھەممەتجان سادىق ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئەدەبىي ئۇسلۇب يارىتىش يولىدا ھارماي – تالماي ئىزدەندى. ئۇ چاچما شېئىر شەكلىنى تاللىۋېلىپ، پىكرىنى كەڭ – كۇشادە بايان قىلىشقا تىرىشتى. ‹‹مېنىڭ ئىجادىيىتىم كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، يازغان شېئىرلىرىم باشقىلارنىڭكىگە يېتەلمىگەن تەقدىردىمۇ، جەزمەن ئۆزۈمنىڭ بولۇشى كېرەك، – دەيدۇ شائىر، – مەن ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ سايىسى بولۇپ قالماسلىقىم كېرەك.›› شائىر ئۆزىنىڭ بۇ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق شارائىتتا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلدى.; I( t$ A# j( r+ w+ |
مۇھەممەتجان سادىق شېئىر پەقەت پىكىرنىڭ ئىجادىيلىقى، يېڭىلىق بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا قوللىنىلغان بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك، ھەممىلا ئادەم سۆزلەرنى بوغۇم ساناپ قۇرلارغا تىزىپ چىقالايدۇ، شائىرنىڭ ماھارىتى يېڭى – يېڭى بەدىئىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئوبرازلىق پىكىر قىلالىشىدا، دەپ قارىدى ۋە ئۆزى شۇنداق قىلىشقا تىرىشتى.
6 q) {. g- u  S8 fمۇھەممەتجان سادىق يالغۇز قىسقا لىرىكىلار ۋە ئىپىك شېئىرلار جەھەتتىلا ئەمەس، داستانچىلىق ساھەسىدىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىدى ۋە مول مېۋە بەردى. ئۇ ئون نەچچە پارچە داستان ھەمدە چوڭ ھەجىملىك تارىخىي داستانى — ‹‹ئىلى پەرزەنتلىرى›› نى يازدى. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان داستانلىرىنىڭ بىرى ‹‹چىن مۇھەببەت›› تۇر. بۇ داستاننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقى، ئوبرازلارنىڭ خېلى مۇكەممەل يارىتىلغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شائىرنىڭ ‹‹قىزىلگۈل ۋە بۇلبۇل›› داستانىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان.; {1 O$ b* o1 K! V$ C
مۇھەممەتجان سادىق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چاچما شېئىرىي شەكىلنى قانداق قىلىپ ئارۇز، بارماق ۋەزىنلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى قوبۇل قىلغان ھالدا مىللىيلاشتۇرۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يالغۇز شەكىل مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى، مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ بىرلىكى مەسىلىسى. شائىرنىڭ بۇ پايدىلىق ئىزدىنىشى ئۇ يېزىۋاتقان، ئۇزۇن يىللىق ئىلى تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان ‹‹ئىلى خەمىسەسى›› دە مېۋە بەرگۈسى.4 _3 n0 {1 _9 n/ c
( Q: I. m; y* L7 B! d* \& F

' K8 G  F$ x9 w2 w/ B: k- f* P. v: J. ^* ?
0 {" P+ Y" x* \7 o7 d1 V

& c4 l5 `6 ]& d* ?+ u1 s( b1 O# X) Z$ \5 x& U$ D6 Y6 h8 [: \
; H/ y$ Y5 j9 F& J, i, E3 M) ]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-26 00:29  
5 q) o) `) T* h9 v' Y
' A2 M; F( p) }3 L* I8 |  _3 O# p

ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 366
تۆھپە : 4
توردا: 149
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 00:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازابلاندىم. ئەلۋىدا، ئۇستاز! ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولغاي!$ I8 G' |, a1 X' s# P  n; z

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 302
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 00:12:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ موھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ئاتاقلىق شائىر،يازغۇچى مۇھەممەتجان سادىق ئاكىنىڭ رەھمەتلىك بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئەجەپ ئەسكى بولدى،ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 493
تۆھپە : 2
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 00:17:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئاسان قىلغاي ، ئامىن!!!

كۆيمەكتە ئەنە ئاھ، قاردىكى قۇياش
http://kilyang.blogbus.com/  غا مەرھەمەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش