|
سىز قازا قىلغان شۇ كۈنى
( i! s" S6 z* S/ ?3 Q) P- @7 D
5 m7 v+ [7 t7 |( p* a; ?( مەرھۇم ئۇستازىم مۇھەممەتجان سادىققا بېغىشلايمەن)9 @* z' F- Q! `* `
" Q" y$ Q& Z0 l* E6 N3 W6 |
: L- d3 L. {4 N. X" S. jبىر گۈزەل ئادىمگەرچىلىك گۈل دەستىسىنى كۆتۈرۈپ، سىزنى يوخلاپ بارغاندا ،بىر تاۋاق ھىممەتنىڭ چاچقۇسى بىلەن روھىمنى تارتۇقلىغان ئىدىڭىز .8 B: e J8 f5 x
بىر يۈكسەك قەدرى قىممەتنىڭ شېرىن كەمپۈتىنى ئاغىزىڭىزغا سالغاندا ، بىر دەريا مىنەتتارلىقنى باغرىمغا ئېقىتقان ئىدىڭىز .
- K# K, D) _, c! \بىر يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن ئىجادىيەت دەستۇرلىرىڭىزنى ۋاراقلىغاندا ،بىر پاكىزە ھاياجان بىلەن ئىلھام شەربىتىنى ماڭا تەڭلىگەن ئىدىڭىز .* O" ]- b3 F2 A5 V/ |
ئەپسۇس بۈگۈن ، مۇسئىبەت خەۋىرىڭىزنى تېلچى قۇشلار قۇلىقىمغا پىچىرلىغاندا، يۈرەك قەپىزىمنىڭ تاملىرى قېلىنلىشىپ ، ئوتتۇرسىدىكى يۈرەك ناملىق قانرەڭ گۆشنى ئازاپ قىسىپ مىجىقلىدى.
2 S% c6 F' H9 ?/ K. p/ {مۇسئىبەت خەۋرىڭىزنى شاماللار ئۇچۇرۇپ كەلگەندە ،ئەۋىليا چوقىسى ئاق شايىدەك يېيىلىپ ، باشلىرىمغا ماتەم لېچىكى بولۇپ سېلىندى .
( V+ R, q6 e# b2 yمۇسئىبەت خەۋىرىڭىزنى ۋاقتنىڭ قانىتى ئۇستىگە ئولتۇرغۇزۇپ . روھىمنىڭ ھىسداشلىق پايانىغا تاشلىغاندا ،دىلخەسلىك چۆپلىرى ئاراملىق باغلىرىمدا دىل مايسىلىرىمغا چىرمىشىپ كۆكلىدى .
$ N8 I; p. K4 d/ _ئىخ ئۇستاز !
; j. T% U$ [+ Y1 ^- Qسىز قازا قىلغان شۇ كۈنى، يۇلتۇزلارنىڭ قارچۇقلىرى ئېقىپ كەتتى.قۇياشنىڭ يۈزى قارىداپ ،ئاينىڭ لەۋلىرىمۇ ئۈمچەرىدى.
% Q" C7 y, H. l# k' [8 k# _سىز قازا قىلغان شۇ كۈنى،شىمالى قۇتۇپ ئىلىلىقلار باغرىغا كۆچۈپ كەلدى.كۈلكىلەر توڭلاپ، چاخچاقلارغا ئۈشۈك تەگدى...' ?' ]0 \, { u
بىر ھىممەتلىك قەدەم بىلەن ئالتۇن بوسۇغىڭىزدىن ئاتلىغاندا ،بىر ئىللىق قۇياشتەك مېھماندۇسلىقىڭىز بىلەن تەشۋىشلىرىمنى ئېرىتقان ئىدىڭىز .
- o8 B0 C6 S$ gبىر لاتاپەتلىك سالام بىلەن ئۇستازلىق ئىمتىيازىڭىزغا ئېگىلگەندە ، بىر بەركەتلىك دۇنيانىڭ پەرىشتىسىدەك تەبەسسۈم قىلغان ئىدىڭىز. ! x; b9 E; C( ]$ y7 {' v. p( x
بىر ئۇلۇغلۇققا ئېتقات قىلغان ئىرادەم بىلەن، سىز بەرگەن بىلىم شەرۋىتىدىن دۇر- سەدەپ سۈزگەندە ،بىر مەمنۇنيەت تۆكۈلۈپ تۇرغان ئالقىشلاردا مۇۋاپىقىيىتىم ئۈچۈن چاۋاك چالغان ئىدىڭىز ., n1 @- x% d: L5 D# h
ئەپسۇس بۈگۈن، مۇسئىبەت خەۋىرىڭىزنى تېلچى قۇشلار قۇلىقىمغا پىچىرلىغاندا، جىسمىمدىكى سەزگۈ نى قان رەڭلىك ئازاپ بېغىر قىلىپ پۇچىلىدى . ھەسرەت زىقىغا ئۆتكۈزۈلگەن يۈرەكلەر ۋەھىمىگە يەمچۈك بولدى . ; r# H9 @; e! Q( ~% ]) J/ ]4 k7 _
مۇسىبەت خەۋرىڭىزنى يۇم- يۇم يىغلىغان ئورمانلاردىن ئاڭلاپ ، ئىلى دەرياسى قايغۇلۇق دولقۇنلىدى .ئابرالنىڭ ئۆپكىسى ئۆرلەپ ھەسرەتلىك بۇقۇلدىدى .
4 R1 M+ O9 p6 s: v$ S! m5 bئىخ ئۇستاز ! ( r8 o' S1 U: q5 V1 d" c
سىز قازا قىلغان شۇ كۈنى ، بۇلاقلارنىڭ كۆزلىرى پۈتۈپ كەتتى . زىمىننىڭ چىرايى تاتىرىپ ، تاغلارمۇ ھازىدار بوپ مۈكچەرىدى .
, |+ ~# X5 ?7 X8 k1 Pسىز قازا قىلغان شۇ كۈنى،كۆز ياشلا ر مۇز تاغلارنى ئېرىتتى . گۈللەر قۇرۇپ ، يۇپۇرماقلار توزۇپ ، تەبئىەتنىڭ چىرايىمۇ خۇنىكلەشتى…9 B. J/ z5 Y4 h# E5 [1 `
8 m% Y9 D. B# P* _" N
3 ?9 \" ^ L3 H$ s: S+ G7 |
|
|