جىنايەت ئەسلىدە ۋىجداننى خورلاش
جىنايەت يولىغا ماڭغانلار ئۈچۈن ،
قاراڭغۇ ئېھتىمال ھايات يولىمۇ .
ساقچىنىڭ تۇتقىنى ئۇ بىر ھەقىقەت،
كىشەندە باغلاقلىق مەھبۇس قولىمۇ .
ئويلىنىپ قالىمەن جىنايەت نىمە ؟
ئۆلتۈرۈش،ئوغۇرلاش ۋەياكى بۇلاش.
ۋىجداندىن باشقىنى كۆرمىدى كۆزۈم ،
جىنايەت ئەسلىدە ۋىجداننى خورلاش.
مەنبە ؛ قەلىمىم