يازغۇچىنىڭ ساپاسى ۋە ئۆزگىرىۋاتقان ئەدەبىيات
يادرو دۇنياسىدىن ئەدەبىيات ئالىمىگە قايتىپ كەلدۇق. بىزنىڭ «قايتىش»ىمىز 18-19-ئىيۇل كۈنلىرى سۆزلەنگەن «يازغۇچىنىڭ ساپاسى»، «ئەدەبىياتتىكى ئۆزگىرىش ۋە كۆپ خىللىشىش» قاتارلىق ئىككى تېمىدىكى دەرسى ئارقىلىق باشلاندى. بىز ئۆگىنىش، مۇلاھىيزە قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىككى دەرىسنى «يازغۇچىنىڭ ساپاسى ۋە ئۆزگىرىۋاتقان ئەدەبىيات» دېگەن تېمىغا يىغىنچاقلىدۇق.
بىرىنچى، قانداق ئادەم يازغۇچى بولالايدۇ، قانداق قىلغاندا مۇنەۋۋەر يازغۇچى بولغىلى بولىدۇ؟
بىز بۇ يەردە ئۆگەنگەنلىرىمىزدىن يازغۇچى بولۇش جۈملىدىن مۇنەۋۋەر يازغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرىتلەرنىڭ ھازىرلىنىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇق:
1. چىن ھېسيات كەچمىشى بولۇشى كېرەك. ئەدەبىيات ئادەملەردىكى چېن ھېسياتنى ئىپادە قىلىشى كېرەك. يازغۇچىدا كىشىلەردىكى ئاجايىپ كەچمىشلەرنى بىلەلەيدىغان سەزگۈر كاللا بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلىپ تۇرۇقلۇق قەلبىڭىزدە ئىنسان تەبىئىيىتىنىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى، ئىچكى دۇنياسىنى،پىنھان سىرلىرىنى، ئوي -پىكىرلىرىنى ئىپادە قىلىشقا قادىر بولغان سەزگۈر كاللا بولمىسا، يېزىقچىلىقتا بىر باشقا چىقالىشىڭىز ناتايىن.
ئىجتىمائى تۇرمۇش قارىماققا تولىمۇ ئاددى كۆرۈنىدۇ. سىز تۇرمۇشقا ئادەتتىكى كۆز بىلەن قارىسىڭىز ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاددى، ئەمما سىز تۇرمۇشنى، تۇرمۇش قاينىمىدىكى ئاشۇ ئادەملەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتسىڭىز تۇرمۇشنىڭ كومىدىيە بىلەن تىراگدىيە ئارلىقىدا دوقۇرۇپ يۈرگەنلىكىنى بايقايسىز. ئادەملەر گەرچە ئىدراك، تەپەككۈر ئىقتىدارى جەھەتتە ھايۋانلاردىن پەرىقلەنسىمۇ بىراق مەنپەئەت خاھىشى بىلەن گۇمانى كۆز قاراش ئىنسان تەبىئىتىنى كونتىرۇل قىلىۋالغان، تۇرمۇش ئۆزلىكىدىن مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن. يەنە بىر جەھەتتىن قارىساق، خېلى بىر قىسىم ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئىچىدە بىر خىل، سىرتىدا بىرخىل ياشاپ ئۆز – ئۆزىگە سىرىتماق سالماقتا. مىسال: تۇرمۇشتا توققۇزى تەل بولغان بىر باينى مىسالغا ئالايلى. بۇ باينىڭ ھەشەمەتلىك داچىسى، ئالى دەرىجىلىك پىكاپى، چۆنتىكىدە ئېشىپ –تېشىپ تۇرغان پۇلى بار. بىراق بۇ باي تۇرمۇشتا خاتىرجەم ئەمەس، سەۋەپ: ئۇ تالادىمۇ بىر ئۆي تۇتۇۋالغان، بۇزۇقچىلىقتىن قول ئۈزمىگەن. خوتۇنىنىڭ كۈنلۈكى يامان بولغانلىقتىن، ئۆيدە جىدەل قۇرىمايدۇ. ئەر، خوتۇن ئىككەيلەن ئۆيدە دائىم دىگۈدەك جىدەللىشىپ تۇرىدۇ، ئەرنىڭ قاپىقى سېلىنغان، ئايالنىڭ يىغىدىن كۆز چاناقلىرى قىزارغان... ئەمما ئۇلار خۇلۇم – خوشنىلىرىنىڭ ئالدىدا ئائىلە ئىچىدىكى زىدىيەتنى قاتتىق سىر تۇتىدۇ،چاندۇرمايدۇ. باردى-كەلدىلەرگە بىللە بارىدۇ. باشقىلارنىڭ ئالدىدا پۇل بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ. باينىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن تاشقى دۇنياسىدا زور پەرىق بار. دېمەك يازغۇچى تۇرمۇشنى كۈزەتكەندە، ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىكى گېپىنىلا ئەمەس، بەلكى قەلبىنى تىڭشاش كېرەك، تۇرمۇشنىڭ ئىچكى قاتلىمىنى سەزگۈرلىك بىلەن كۈزىتىش ئىقىترىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك.
2. ئۈزلۈكسىز مەشىق قىلىش كېرەك. ئادەم تۇغۇلۇپلار يازغۇچى بولۇپ قالمايدۇ. يازغۇچى بولۇش توختاۋسىز ئۆگىنىش ۋە مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان ، ناھايىتى ئاز ئادەملەر ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان جاپالىق جەريان. بۇ يەردىكى ئۆگىنىش دېگىنىمىز ئالدىنقلار قالدۇرغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئوقۇش–ئۆگىنىش (بولۇپمۇ ئىپادىلەش سەنئىتىنى ئۆگىنىش) ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆزى ئېرىشكەن تۇرمۇش ھاسىلاتلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ يېزىش ۋە يېزىقچىلىق مىتۇدى يېتىلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. يازغۇچىلىقنى كىتاپ ئوقۇش- ئۆگىنىشتىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس. كىتاپ ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ تۇرمۇشنى ئىپادىلەش، تۇرمۇشنى بەدىئى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىش، يېزىش ئىقتىدارى بولۇشى ناتايىن. يازغۇچى يەنە ھەقىقى كۈزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن بولۇشى لازىم. بۇ يەردىكى كۈزىتىش ئىقتىدارىنىڭ دائىرسى كەڭ بولۇپ تۇرمۇشنى كۈزىتىش، ئايرىم ئادەملەرنى كۈزىتىش، بىر قوۋم كىشىلىرىنى كۈزىتىش، بىر شەھەنى كۈزىتىش، بىر يېزىنى كۈزىتىش، بىر دەۋىر كىشىلىرىنى كۈزىتىش، تەبىئەتنى كۈزىتىش... قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىشى مۈمكىن. ئەدەبى ئىجادىيەتنى يازغۇچىنىڭ كۈزىتىشىدىن ئايرىپ قاراش مۈمكىن ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى بولۇش لازىم. تەسەۋۋۇر قىلىش يازغۇچىنىڭ ئۆزى يازماقچى بولغان تۇرمۇشنى بەدىئى يۈەكسەكلىككە كۆتۈرۈشنىڭ ئاساسى. ئەگەر تەسەۋۋۇر بولمايدىكەن يازغۇچىنىڭ قەلەمگە ئالغانلىرى ئۆلۈك ھالەتتىكى تۇرمۇش كارتىنىسى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. ئەگەر تەسەۋۋۇر بولمىسا، تۇرمۇش ئەينەن يېزىپ قويۇلسا بۇنداق ئەسەرنىڭ ھاياتى كۈچى بولمايدۇ. ئىپادىلەش ئىقتىدارى بولۇش لازىم. نۆۋەتتە ئەدەبى ئىجادىيەتتە نېمىنى يېزىش ئەمەس بەلكى قانداق يېزىش مەسىلىسى كۆپرەك تەكىتلىنىۋاتىدۇ. قانداق يېزىش ئەلۋەتتە ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. گەرچە تۇرمۇش رەڭگا-رەڭ، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مۇرەككەپ بىر جەريان بولسىمۇ ئۇنىڭ ماھىيتى ئاخىرقى ھېساپتا ئادەم بىلەن ئادەم ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت. يازغۇچى يېزىشقا كىرىشكەندە، يەنە شۇ ئادەملەرنى، تەبىئەتنى يېزىشى مۈمكىن. بۇنى ئىلگىركى يازغۇچىلارمۇ يازغان، دەۋرداش يازغۇچىلارمۇ يېزىۋاتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس بولغان ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە ئىپادىلەش ئۇسسۇلىنى يېتىلدۈرگەندىلا ئاندىن تۇرمۇشتىكى ئوخشاشلىقلارنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن يېزىپ چىقىپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارقىلىق يازغۇچىلىق مەقامىغا يەتكىلى بولىدۇ.
3. ئىجتىھات بىلەن ئىشلەش كېرەك. يېزىقچىلىق يازغۇچىدىن زور ئىجتىھات تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق ئەمگەك. بىر پارچە ياخشى ئەسەر تۇرمۇشنى كۈزىتىش، تەپەككۈر قىلىشتىن باشلاپ يېزىش، ئۆزگەرتىش، قايتا –قايتا تۈزىتىش، نەشىرگە تاپشۇرۇشتەك بىر قاتار جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ناۋادا يازغۇچىلىق كوچىسىغا قادەم قويغان ئادەم ھەقىقى بىر ئىجتىھات ئىگىسى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ مۇۋەقىيەت قازىنالىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.
4. ئىستىتىكا تەربىيسىگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك. ئىستىتىكا تەربىيسىنىڭ دائىرسى كەڭ، ئۇ يازغۇچىنىڭ ئاساسى ماھارەت يېتىلدۈرۈشىدىن تارتىپ تەبىئى تالانتى، كىشىلىك پەزىلىتىگىچە بېرىپ چېتىلىدۇ. ئاساسى ماھارىتى يېتلىمگەن يازغۇچىدىن ياخشى ئەسەر چىقمايدۇ. تالانت ئىگىسى بولمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ. ياخشى يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن يەنە ھەقىقى پەزىلەت ئىگىسى بولۇش كېرەك. يازغۇچىنىڭ پەزىلىتى ئاخىردا ئۇنىڭ قىممەت قارىشىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. قىممەت قارىشى بولسا ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىددىيسىنى نامايەن قىلىدىغان ئاساسى ئامىل.
5.كۈچلۈك ھالقىش ئېڭى بولۇش كېرەك. بۇ يەردىكى ھالقىش ئېڭى يازغۇچىنىڭ ئۆز – ئۆزىدىن ھالقىشى، بەدىئى ماھارەتتە ھالقىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبى ئىجادىيەت تۇرمۇشنى ئۆزگىچە نۇقتىلاردىن كۈزىتىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدۇر. ھالقىش ئەنە شۇ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئىككىنچى، ئەدەبىياتنىڭ ئۆزگىرىشى. بەي يې مۇئەللىم ئىلگىركى ئەدەبىياتنى تۈزۈلمە ئىچىدىكى ئەدەبىيات ۋە سىياسى ئەدەبىيات دەپ ئىككى تۈرگە يىغىنچاقلىغاندىن كېيىن بۈگۈنكى ئەدەبىياتنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچكە بۆلۈپ سۆزلىدى:
1. جاراھەت ئەدەبىياتى. جاراھەت ئەدەبىياتى ئاساسەن مەدەنىيەت ئىنىقىلاۋى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان، شۇ دەۋىر كىشىلىرىنىڭ تارىتقۇلۇقلىرىنى، قەلىب جاراھىتىنى يېزىش دولقۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 –يىللىرىدىكى ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، «جاراھەت ئەدەبىياتى» دەپ ئاتالغان.
2. ئويلىنىش ئەدبىياتى. ئويلىنىش ئەدەبىياتى ئوڭچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ئاساسى تېما قىلغان.
3. ئىسلاھات ئەدەبىياتى. ئىسلاھات ئەدەبىياتى 1978 –يىلدىن بۇيانقى ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى شۇنىڭدەك ئىسلاھات ئېچىۋېتىش جەريانىدىكى ئادەملەرنىڭ روھىي ئۆزگىرىشلىرىنى، ئەگىر-توقايلىقلارنى ئاساسى تېما قلغان.
4. يىلتىزىنى ئىزدەش ئەدەبىياتى. بۇ ئامېرىكىلىق يازغۇچى ئالكىس خالىنىڭ «يىلتىز» رومانىغا ئوخشاش ئەينى چاغدا غەرىبتە مەيدانغا كەلگەن يېڭى ئەدەبىيات ئېقىمى بولۇپ، جۇڭگو ئەدەبىياتىغا خېلى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ ئوموملاشتۇرۇلۇپ «يىلتىز ئىزدەش ئەدەبىياتى » دەپ ئاتالغان.
بەي مۇئەللىم دەرسنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى يىغىنچاقلاپ: « ئومومەن بىزدىكى ئەدەبىياتنىڭ ئۆزگىرىشى تېز ۋە كۆپ خىل بولدى. بىر يىلى «ئەدەبىيات بىلەن سىياسىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا » دېگەن تېمىدا يىغىن بولدى. ئۇ چاغدا ئەدەبىيات سىياسىنىڭ كونتىرۇللۇقىدا ئىدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تېما بىر باشقا چىقماي تۇرۇپ، «ئادىمىيلىك بىلەن ئىنسانپەرەۋەرلىك» ھەققىدىكى مۇنازىرگە ئۆتۈپ كەتتۇق... 80- يىللاردا «پەقەت رىئالىزىملا ئەدەبىياتنى قۇتقۇزالايدۇ»، دەپ قاريىتتۇق، كېيىن «ئاڭ ئېقىمى» كىرىپ كەلدى. 80 –يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىقتىسادنى مەركەز قىلغان ئەدەبىيات مەيدانغا كەلدى. ئارقىدىن «6.4»ۋەقەسى ھەممىنى تېڭىرقاتتى. دىڭشاۋپىڭ جەنۇپنى كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كېيىن بازار ئىگىلىكى ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. يازغۇچىلارمۇ بۇ مەركەزنى چۆرىدېدى. پۇلۇڭ بارمۇ، پۇل تاپالامسەن؟ دېگەندەك تېمىلار يازغۇچىلارنىڭ قەلىمىدە ئىپادىلەندى. نۇرغۇن كىشىلەر «دېڭىز»غا چۈشتى.
90 –يىللاردا مەيدانغا كەلگەن رومانچىلىق تا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ ھاياتى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرمىدى. نۇرغۇن كىتاپپۇرۇشلار مەيدانغا كەلدى ۋە تەدىرجى شىركەتلەشتى. بۇ –يىللاردا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ ياخشى رومان «بەي لېيۈەن» بولدى . 90–يىللاردىن باشلاپ يىلىغا 1000 رومان نەشىر قىلىنغان بولسا 2011-يىلغا كەلگەندە 4000 رومان نەشىر قىلىنىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
2000-يىللاردىن باشلاپ تور ئەدەبىياتى مەيدانغا كەلدى. تور ئەدەبىياتى ئەنئەنىۋى ئەدبىيات بىلەن تومۇرداش بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇچۇرچانلىقى تېز، تارقىلىش دائىرسى ئىنتايىن كەڭرى بولدى. مەخسۇس ئەدەبىيات تور بېكەتلرى، تور شىركەتلىرى قۇرلۇشقا باشلىدى. ئەدەبىياتنىڭ ھازىرچانلىقى، دەرقەملىكى، يۈزمۇ- يۈزلۈكى ئىشقا ئاشۇرۇلۇش بىلەن بىرگە مەزمۇنى سەرخىللاشتى. بۈگۈنكى كۈندە ھازىرقى ئەدەبىيات ژۇرناللارنى مەركەز قىلغان ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات، بازارنى مەركەز قىلغان ئاممىباپ ئەدەبىيات، تورنى مەركەز قىلغان ئۇچۇر ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىنى مەركەز قىلدى. ئومۇمەن دەۋىرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماس ھالدا ئەدەبىياتنىڭ ئۆزگىرىشى تېز، دەۋىرچانلىقى كۈچلۈك بولدى». دېدى.
بىز بۇ دەرستىن ئېرىشكەن ھاسىلاتلىرىمىزغا ئاساسەن مۇشۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نەزەر سالغىنىمزدا، ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۇ چوڭ ئېقىم، چوڭ بازاردىن خېلىلا يىراقتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۆزىگە يارىشا خاسلىقنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، مەيلى پىروزا، مەيلى شىئېرىيەت ۋە ياكى باشقا ژانېرلاردا بولسۇن كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن پەخىرلەندۇق. ئۇنىڭدىن باشقا بىزدە يەنە تور ئەدەبىياتى ئىشتىراكچىلىرىنىڭ يىلسېرى كۆپىيىپ تور ئەدەبىياتىدەك يېڭى شەئىيىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقى، ئەدەبىياتمىزنىڭ جۇڭگودىكى ئەدەبىيات چوڭ ئېقىمى، چوڭ بازارغا ئەگىشىپ خېلى مەزمۇت قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن شۇنداقلا ئەدەبىياتمىزنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىدىن ئىپتىخارلاندۇق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 18:21