ﺭﯗﺑﺎﺋﯩﻴﻼﺭ
ﺋﺎﭘﺘوﺭﻯ: ﺭﻭﺯﻯ ﮔﯜﻟﺒﺎﻱ
ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ،
ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﻩﻙ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ ﺋﯚﻣﺮﯛﯓ ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻖ.
ﺑﯜﮔﯜﻧﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯘﻝ ﺳﺎﻝ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪ،
ﺋﯧﭽﯩﻼﺭ ﺋﻪﺟﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ.
※ ※
ﻛﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻚ،
ﺋﯚﻣﺮﯛﯕﺪﻩ ﺋﻪﻝ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ.
ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﻠﯩﻚ ﺷﺎﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻳﺎﻏﻘﺎﻥ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻧﯩﯔ،
ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯘﭼﯩﻠﯩﻚ.
※ ※
ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺑﺎﺳﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﻻﻳﻰ-ﺗﻮﭘﺎﻥ،
ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﺱ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻦ-ﺯﺍﻣﺎﻥ،
ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ،ﺋﯩﺨﺘﯩﺮﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺧﯩﺴﻠﯩﺘﻰ،
ﺧﻮﺟﺎ ﺑﻮﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ.
※ ※
يۇرت – ۋەتەن بىر گەۋدە — بىر پۈتۈن بەدەن،
گۈللەنسە يۇرت – ۋەتەن شۇ بەدەن تىمەن.
بولمىسا يۇرت ئاۋات، ۋەتەن قۇدرەتلىك،
ئاغرىيدۇ ئازابتا، كېسەلمەن شۇ تەن.
※ ※
ئىناقلىق ئەل – يۇرتقا نىجاتلىق چولپان،
بىرلەشكەن كۈچ بىلەن ھەممە ئىش ئاسان.
بىر دەرەخ ھەرگىزمۇ ئورمان بولالماس،
پۈتمەيدۇ بىر لىمدا ساراي ھېچقاچان.
※ ※
ئۆملۈكنىڭ قۇدرىتى ھەممىگە ئايان،
تاغنىمۇ يۆتكەيدۇ، قىلىدۇ تالقان.
ئۆملۈكتىن ئايرىلسا ھەر قانداق بىر ئەل،
چېچىلار قۇم كەبى يوقىلار ھامان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Elayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-20 01:14