يادرو دۇنياسى ۋە ئەدەبىيات ئالىمى
ئۆگىنىشىمىزنىڭ تۇنجى كۈنى (17-ئىيۇل) يادرو دۇنياسىغا كىرىپ كەلدۇق. ئەدەبىيات ئوتى يېلىنجاپ تۇرغان قەلبىمىزگە يادرو ئېنىرگىيسى ۋە بۈگۈنكى يادرو دۇيانسى ھەققىدىكى بىلىملەر قوشۇلدى!
ئالدىنقى كۈنى كۇرىسقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، كۈن تەرتىپ جەدىۋىلىدىن بىزگە ئۆتىلىدىغان تۇنجى دەرىسنى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ فىروفىسورى جېڭ چۈنكەي مۇئەللىمنىڭ سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلگەن ۋە بىرئاز ئەجەپلىنىش ھېس قىلغان ئىدۇق. ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا فىزىكا پەنلىرى فىروپىسورى دەرىس سۆزلەيدۇ، دېسە كىم ئەجەپلەنمەيدۇ؟
76 ياشلىق جېڭ فىروپىسور دەرىسخانىغا كىرىپ كەلگەندە، چوڭ ئېكرانغا توغرىلانغان كومپىيۇتېردىن «جۇڭگونىڭ يادرو قورالى ياسىشىدىكى جاپالىق مۇساپە ۋە شەرەپلىك نەتىجە» دېگەن خەتلەر كۆرۈندى. جېڭ فىروپىسور بىلەن بولغان تونۇشۇشتىن كېيىن دەرىس باشلاندى. دەرىس يادرو ئىنېرگىيسى توغرىسىدىكى ئاساسى بىلىمدىن باشلاپ، 19–ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يەنى 1895 –يىلى گېرمانىيە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ يادرو تېخنىكىسىغا ئىگە بولغاندىن تاكى ئامېركا 1945 –يىلى ياپۇنىيەنىڭ خىروسىما ئارىلى بىلەن ناگاساكى ئارىلىغا يادرو بومبىسى تاشلىغانغا قەدەر بولغان 50يىللىق جەريان بىر باسقۇچ قىلىنىپ سۆزلەندى. ئىككىنچى باسقۇچتا جۇڭگو 1955- يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى يادرو پىلانىنى يولغا قويغاندىن باشلاپ تاكى 1964-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇۋەپىقيەتلىك ھالدا يادور بومبىسى ياساپ چىققانلىقى؛ ئۈچىنچى باسقۇچتا ئامېركا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 1952-يىلدىن 1955-يىلغىچە قەدەر ئارقا- ئارقىدىن ۋودروت بومبىسى ياسىغاندىن كېيىن جۇڭگومۇ دەرھال ۋودروت بومبىسى ياساش پىلانىنى يولغا قويۇپ 1968-يىلى 8- ئاينىڭ 24-كۈنى مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا ۋودروت بومىبىسى ياساپ چىققانلىقى؛ ئىككى خىل بومبىنى ياساشتا زور تۆھپە كۆرسەتكەن ئالىملارنىڭ ئەينى چاغدا 20 يۈەندىن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقى(كۈلكە) سۆزلەندى.
بىز دەرىس ئاڭلاۋېتىپ بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ساناقلىق بولغان يادرو چوڭ دۆلىتى ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتەتنى قايتا تونۇپ يەتسەك، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى چاغدا ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ھەربى ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ياسىغان يادرو بومبىسىنى ئۆزلىرى مۇستەملىكە قىلىۋالاغان ئاۋىستىرالىيە، ئالجېرىيە قاتارلىق ئەللەرگە ئاپىرىپ سىناق قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ جاھانگىر دۆلەتلەرگە بولغان نەپرىتىمىز ئاشتى.
بۈگۈنكى كۈندە يادرو قوراللىرى ۋە يادرو ئېنىرگىيسىنىڭ ئىنسانىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان بولغان ھەقىقەت. 2010-يىلى ياپۇنىيەدە ئېغىر يەر تەۋرەپ، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يادرو ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا جۈملىدىن شەرىقى ئاسىيا ئەللىرى بىر مەھەل ساراسىمىگە چۈشتى. ئارقىدىن يادرو ئېنىرگىيىسىدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسى ھەممىدىن يۇقىرى بولغان گېرمانىيەدە ئاۋام پۇقرالارنىڭ يادرو ئېلېىكتىر ئىستانسىسىنى تاقاش توغرىسىدىكى سادالىرى كۈچىيىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى. ھەمدە يادرو ئېنىرگىيسىگە تايىنىشنى تەدىرجى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى كۈن تەرتىپكە كىرگۈزدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېراننىڭ يادرو ئېنىرگىيسىگە ئىگە بولۇش ئىستىكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرىب ئەللىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئۇرۇش تەھدىتى كۈچەيدى... بىز جېڭ فىروپىسوردىن يادرو تەھدىتى كۈچىيىپ كەتكەن بۈگۈنكى دۇنيادا، جۇڭگونىڭ يادرو ئېنىرگىيسىدىن پايدىلىنىشنىڭ قانداق زور ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى سوراپ باقماقچى بولدۇق. بىراق دەرىسنىڭ ھەجمى كۆپ، ۋاقىت قىس بولۇش سەۋەپلىك دەرىس ۋاقتىنىڭ تولۇق 30 مىنۇت ئېشىپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئىگەللىۋېلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدۇق.
چۈشتىن كېيىن كۇرسانتلار ئۆز–ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرۇش ـ تونۇش دەرىسىگە قاتناشقاندىن كېيىن گۇرۇپىلاغا بۆلۈنۈپ تېما بەلگىلەپ مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. بىزنىڭ گۇرۇپىدىكىلەرنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى «يادرو دۇنياسى ۋە ئەدەبىيات ئالىمى» بولدى. ھەر مىللەتتىن بولغان ئەدىپلەر يادرو بىلەن ئەدبىياتنىڭ باغلىنىشى بارمۇ، يادرو نېمىگە خىزمەت قىلىدۇ، ئەدەبىياتچۇ؟ دېگەن مەزمۇنلاردا قىزغىن بەس مۇنازىرە قىلىشتى. مەن ئۈن-تىنسىز ئولتۇرۇپ ساۋاقداشلىرىمنىڭ مۇنازىرسىدىن مۇنداق يەكۈنگە ئېرىشتىم: يادرو تېخنىكىسى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا تىنچلىق ئۈچۈن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بۇرۇلۇش خاراكتىرلىك تېخنىكا، بىراق يادرو ئېنىرگىيسىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ھاسىلاتى بولغان يادرو قوراللىرى غەرىپتىكى جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ ئاجىز ئەللەرگە تەھدىت سالىدىغان كۇزىرى بولۇپ قالغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ياپۇنىيەگە تاشلىغان ئىككى يادرو بومبىسى ياپۇنىيە خەلقىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانيەتكە زور بالايى ئاپەت كەلتۈردى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىدە يادرو تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇشنى مەركەز قىلغان ھەربى ھازىرلىقلار دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، تەبىئەت ئېغىر دەرىجىدە يادرو بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچىردى. ئېكىلوگىيلىك مۇھىت بۇزۇلدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يادرو تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان ئىران ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل ئىنسانىيەت يادرو تەھدىتى ئاستىدا ياشىماقتا.
ئۇنداق بولسا ئەدەبىياتچۇ؟ ئەدەبىيات بولسا ئىنسانىيەتنى تىنىچلىققا ئۈندەپ كەلدى. قەدىمقىسىنى قويۇپ يېقىنقىسىنى، ھازىرقىنى تىلغا ئالساق لۇشۈن شاڭلىن ھەدىنى يېزىش ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىگە، ئىنسانىيەتكە بەخت تىلىگەندىن باشلاپ ئەدەبىيات ئىنسانىىيەتنىڭ بەختىنى كۆزلەپ كەلدى. جۇڭگودىن چەت ئەللەرگىچە، شەرىقتىن غەرىپكىچە شۇنىڭدەك قىممەت قارىشى ئوخشاش بولمىغان ھەرقايسى ئەللەردە نۇرغۇنلىغان نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كېلىپ، ھاياتقا مەدىھىيە ئوقۇلدى. شۇنداق، ئەدەبىيات ھەر دەۋىردە، ھەممىلا يەردە تۇرمۇشنى ئىپادىلەش ئارقىلىق گاڭگىرىغان تۇرمۇشقا خوشاللىق ئېلىپ كەلدى. ئەدەبىيات خلۋەت سەھرالارنى سۈرەتلەش ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلدى. ئەدەبىيات گاڭگىرىغان ياشلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ يولىغا چىراق يېقىپ بەردى. ئەدەبىيات ھەسرەتلىك قەلىبلەرگە تەسەللى بېرىپ، يىغا ئورنىغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. ئەدەبىيات كىشىلەر، قوۋملەر، مىللەتلەر، ئېرىقلار قەلبىدىكى ئاداۋەت ئوتلىرىنى پەسەيتىپ، قېرىنداشلىق، دوسىتلۇق، قوشنىدارچىلىق، بىرلىك، تىنىچلىقنىڭ يۈكسەكلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ئەدەبىيات ئىنسانىيەتكە سۇ، تۇپراق، ھاۋا، دەل –دەرەخلەر، ئۇچار قۇشلار، ھايۋاناتلارنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلدۇردى. ئەدەبىيات يەنە ئىنسانىيەتكە سۇ، تۇپراق، ھاۋا، دەل –دەرەخلەر، ئۇچار قۇشلار، ھايۋاناتلارنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلىكىنى مۇراجەت قىلىدى. شۇنداق، ئەدەبىيات ئىنسانىيەتكە ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەتتى. ئەدەبىيات ئىنسانىيەتكە كەلگۈسىدىن بىشارەت بەردى. بىز يادرو بىلەن ئەدەبىياتنىڭ رولىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەدەبىياتنىڭ يۈكسەكلىكىنى قايتا ھېس قىلالىغىنىمز ئۈچۈن جېڭ مۇئەللىمنىڭ دەرسىدىن رازى بولدۇق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 18:14