ئەڭ مۇھىمى بەزى ئەزالىرىمىز ۋە يېڭىدىن تىزىملىنىۋاتقان ئەزالىرىمىز ھەممە سەھىپىلەرنىڭ ئۈستىدە چوققىلىنىپ تۇرغان تۈپ تۈزۈمىمىزنى كۆرمىگەن ئوخشايدۇ. بىز كونا مۇنبەردىن تارتىپ ئىزچىل دەپ كېلىۋاتىمىز «بۇ ئورگان ـ ھۆكۈمەت تور بېتى، بۇ يەردە ئادەم توپلاپ تور ‹قىزىتىدىغان› ئىش مەۋجۇت ئەمەس دەپ»، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان قارىسام، يەنىلا تومۇرىمىزنى «تۇتۇپ» باقىدىغانلار كۆپىيىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. تۈزۈمىمىز چوققۇم تۈزۈم بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەزانىڭ قانچىلىك بولۇشى ھېچقانچە ئىش ئەمەس. كىم بەلگىلىمىلىرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن ئۇ بۇ يەردە مەۋجۇت بوپ تۇرمايدۇ. بىزگە مەدھىيەرىڭىزمۇ ، نىزا، خۇسۇمەت، ئىتتىپاقسىزلىق تېرىيدىغان غەيۋەت، غاجاشلىرىڭىزمۇ كېرەك ئەمەس. پەقەتلا مۇنبەرنىڭ خاراكتىرى، تەرەققىيات يۆلىنىشى،خاسلىقى ۋە مۇقىملىقى كېرەك. تومۇرىمىزنى «تۇتۇپ» باقماقچى بولىۋاتقانلار ۋە يېڭىدىن تىزىملانماقچى بولىۋاتقان تورداشلارنىڭ ئالدى بىلەن تۈزۈم ۋە ئۇقتۇرۇشلىرىمىزنى بىرەر قۇر كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
forum.php?mod=viewthread&tid=309&extra=page%3D1