يېڭى مۇنبىرىمىزنى باشقۇرۇش، يۈرگۈزۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش
«يازغۇچىلار تورى»نىڭ يېڭى مۇنبىرى بىرقانچە كۈندىن بېرى سىناق قىلىنىپ مانا ھازىر رەسمىي ئېچىۋېتىلدى، باش بېتىمۇ جىددى ياسىلىۋاتىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېڭى مۇنبىرىمىزنى باشقۇرۇش، يۈرگۈزۈش ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش چىقىرىمىز. بارلىق ئەدىبلىرىمىز ۋە تورداشلارنىڭ تۈزۈملىرىمىزگە ئاڭلىق بويسۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا تۈزۈمىمىز بويىچە چارە كۆرىمىز.
1.تورىمىزدا دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە، سىياسەتلىرىگە خىلاپ ھەرقانداق تېما ۋە ئىنكاسلارنى يوللاش بىردەك چەكلىنىدۇ.
2.بۆلگۈنچىلىك، قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىدىكى تېما-ئىنكاسلارنى يوللىغان ئاپتورلارئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بىز ئۇلارنىڭ ماتىريال ۋە پاكىتلىرىنى تەمىنلەپ بېرىمىز.تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇليەتنى ئۈستىگەئالمايدۇ !
3.دىنىي مەزمۇن، خۇراپاتلىق ۋە ئەسەبىيلىك تەرغىپ قىلىنىدىغان ھەرقانداق ئەسەر ۋە ئىنكاسلار بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.
4.جەمىئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋىي كەيپىياتىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان چاكىنىلىق، زوراۋانلىق، شەھۋانىيلىق تېمىسىدىكى ھەرقانداق يوللانمىلار بىردەك رەت قىلىنىدۇ.
5.نورمال ئەدەبىي مۇنازىرىلەردە قارشى تەرەپنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان ھاقارەتلىك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ. ئاخبارات ئەدەبىياتى ۋە ئىلمىي-نەزەرىيەۋىي ئەسەرلەرنىڭ چىنلىق بويىچە يېزىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر گۇمانىي، پەرەز خاراكتېرلىك،پاكىت ئاساسى يوق، «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان»، خۇسۇسىي غەرەز ئارىلاشقان تەرەپلەر بايقالسا ئېلان قىلىنمايدۇ ۋە ئۆچۈرۈلىدۇ.
6.بوشلۇق ۋە يەنە تېما پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەۋەبىدىن، تورىمىز ھەرقانداق تورلاردىن ئەسەرلەرنى ئەكىلىپ، كۆچۈرۈپ ـ چاپلاشنى رەت قىلىدۇ. (مۇھىم بولغان خەۋەر _ ئۇچۇرلار بۇنىڭ سىرتىدا) تورىمىزدىكى ئاپتورلارنىڭ باشقا تورلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. تورىمىزدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، تېما يوللىغۇچى ۋە ئەسلى ئەسەر ئاپتورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ پايدىلانغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. لېكىن باشقا تورلارغا چاپلاشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
7.يوللىنىدىغان تېمىلار ماس سەھىپىگە يوللىنىشى، تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە ئەسلى ئاپتورى چوققۇم ئەسكەرتىلىشى كېرەك. بەت قۇرۇلمىسى تەڭشەلگەن بولۇشى، تېما-ئىنكاس يوللىغاندا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە رېئايە قىلىنىشى لازىم. ئىملا خاتالىقى ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولغان تېما-ئىنكاسلار، بەت ھالىتىنى تۈزىگىلى بولمايدىغان تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ.
8. ھازىردىن باشلاپ كونا مۇنبەرگە تىزىملىنىشقا،تېما ۋە ئىنكاسلارنى يوللاشقا چەك قويۇلىدۇ. تېما ۋە ئىنكاسلار بىردەك يېڭى مۇنبەرگە يوللىنىدۇ.
9.مۇنبەرگە كىرمەكچى بولغان ئەزالارنىڭ ئۆز ئىسىم - فامىلىسى ۋە دائىم ئىشلىتىۋاتقان تەخەللۇسى بىلەن تىزىملىنىپ كىرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلىمىز چېگرىسى سىرتىدىن بولسا بىردەك ئەزا قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەزالارنىڭ باش سۈرەتلىرىگە دىننىي مەزمۇندىكى بەلگە ۋە سۈرەتلەرنى چىقىرىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن ئەزالىق نامى بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى بايقالغان ھامان ئۆچۈرىلىدۇ. ھازىرغىچە تەلەپكە نامۇۋاپىق تىزىملىنىپ كىرگەن ئەزالارنى دەرھال تور ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋېلىشقا بۇيرۇيمىز. ئۆزگەرتىشنى خالىمىغان ئەزالىرىنىڭ تورىمىزغا تېما ۋە ئىنكاسلارنى يوللىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
10.بۇ قېتىم مۇنبىرىمىزگە يېڭىدىن «يازغۇچىلار لۇغىتى» سەھىپىسى تەسىس قىلىندى. بۇ سەھىپىمىز شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق ئارخىپىلىق رولىنى ئوينايدۇ. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىرى ئۆز تەرجىمھالى بىلەن ئىجادىيەت ئەھۋالىنى ۋە چوققۇم ئۆلچەملىك سۈرىتىنى يوللىشى كېرەك.ئۆلچەمسىز، تۇرمۇش ۋە باشقا خىلدىكى سۈرەتلەر بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.بۇ سەھىپىگە ئائىت مەزمۇنلارنى باشقا تورداشلارنىڭ ۋاكالەتەن يوللاپ بېرىشىنى قارشى ئالىمىز. ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇ سەھىپىمىزگە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئەمەس ئاپتورلارنىڭ تەرجىمھالى ۋە باشقا مەزمۇندىكى يازمىلارنى يوللىشىغا بىردەك يول قويۇلمايدۇ.
يېڭى مۇنبىرىمىزگە ئائىت باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۇددۇللۇق ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تۇرىدۇ، تورداشلارنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرىمىزغا دائىم نەزەر ئاغدۇرۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
ھۆرمەت بىلەن
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
2012-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى