يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: eybuyaqup

يېڭى مۇنبىرىمىز ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-4-2 12:06:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن كىرىشنى قوللايمەن . شۇندىلا بىر كىشىنىڭ بىر نەچچە ئىسىمدا تىزىملىتىپ كىرىپ خاپا سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . مۇمكىن بولسا سالاھىيەت گۇۋاھنامە نومۇرى دىگەننىمۇ ئەنگە ئالسا ..

ۋاقتى: 2012-4-2 15:02:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام، جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار! مەن بۇ ئۇقتۇرۇشنى دەسلەپتە ئوقۇپ «يازغۇچىلار لۇغىتى» سەھىپىسىگە ئىنكاس قوبۇل قىلماسلىقنى توغرا تاپقان ئىدىم. لېكىن، بۈگۈن مۇھەممەت پولات ئاكنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇۋېىتپ، ئۇنىڭ بىر كىتابىنىڭ ئىسمىنىڭ چالا قالغانلىقنى بايقاپ تولۇقلاپ قويۇش مەقسىتىدە ئىنكاس يېزىشنى ئويلىغان ئىدىم، لېكىن يازالمىدىم. شۇڭا بۇ سەھىپىگە ئىنكاس يزىشنى چەكلەشنىڭ يەنىلا مەلۇم جەھەتتە ئەكىس تەسىرى بارلىقنى ئويلاپ قالدىم.
پىكىرىم: يا ئىنكاس يازغىلى قويىدىغان قىلساڭلار (تەرجىمھالدا كەم قالغان تەرەپلەرنى ئىنكاس ئارقىلىق تولۇقلاش مۇمكىن)  يا بولمىسا يوللانغان تەرجىمھالنى تەستىقلاشتا ئەستايىدىل بولۇپ، تەرجىمھالنىڭ يېڭى ھەم مۇكەممەللكىگە كاپالەتلىك قىلساڭلار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسەبىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-2 15:04  


ۋاقتى: 2012-4-2 17:11:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن ھەقىقىي ئىسمىنى يازغانلار ياكى يازمىغانلار ھازىردىن باشلاپ تەڭشەك رايۇنىغا كىرىپ شەخسىي ماتىريالى ئىچىدىن ھەقىقىي ئىسمى دىگەن كاتاكچىگە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى يېزىۋىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز .

ۋاقتى: 2012-4-2 18:50:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەنىلا ھەقىقى ئىسىمدا كىرىپ تېما-ئىنكاس يېزىشنى تەشەببۇس قىلىمەن. بۇنداق قىلغاندا بەزىلەرنىڭ سەھنە ئارقىغا ئۆتۈۋېلىپ ياكى نىقاپلىنىۋېتىپ قەستەن تېما قىزغىنلىقى، مۇنازىرە تەتۈر قويۇنى چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شەخسى ئۆچ ئېلىش غەرىزى بىلەن مەۋھۇم ئىسىمدا كىرىپ باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تىگىدىغان ئىشلارمۇ كۆپ كۆرۈلدى كونا مۇنبەردە. ھەق سۆزنىڭ ئۆز نامىدا ئېيتىلغىنى ياخشى. مەۋقەسى مۇستەھكەملا بولسا ئۆز نامىدا پىكىر قىلىشتىن يالتايمىغۇلۇق.‹‹شەخسى پىكىر››

باھا سۆز

پىكرىڭىزنى قوللايمەن . ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىپ قويدۇق .  ۋاقتى: 2012-4-2 10:24 PM
ۋاقتى: 2012-4-2 21:15:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئىسىم فامىلەمنىمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ھالىتىگە ئەكىلىپ ئۆزگەرتىپ قويغان بولساڭلار.

باھا سۆز

تەلىپىڭىزگە ئاساسەن ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىپ قويدۇق .  ۋاقتى: 2012-4-2 10:23 PM
ۋاقتى: 2012-4-2 21:52:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بۇرۇندىن كېرىۋاتقان تولۇق ئىسمىم شەۋكەت ئىبراھىم ئىدى . ھازىر شەۋكەت بولۇپ قالدى . ئۇنى شەۋكەت ئىبراھىمغا ئۆزگەرتىپ قويساڭلار بولاتتى .

باھا سۆز

ئىسمىڭىزنى شەۋكەت ئىبراھىمغا ئۆزگەرتىپ قويدۇق .  ۋاقتى: 2012-4-2 10:24 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-3 11:44:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەبىي يوللىغان ۋاقتى  2012-4-2 15:02
ئەسسالام، جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار! مەن بۇ ئۇقتۇرۇشنى دە ...


ئەسەبىينىڭ بۇ پىكىرى ئورۇنلۇق ئىكەن، مەن تاييارلىغان بەزى تەرجىمھاللار راستىنلا بۇرۇنقىلار ئىدى. ئىنكاس يېزىشقا رۇخسەت قىلىشنى يانغىن ئوڭشاپ قويسۇن!
كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىلىرى بىلىدىغان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ تەرجىمھالىنى يوللاپ بېرىشىنى قارشى ئالىمىز!
يەنە بىر گەپ، ئۆز تەرجىمھالىڭلارنى ئۆزۈڭلار يوللاۋېرىڭلار، بۇنىڭ خىجىل بولىدىغان يېرى يوق. بۇ چوڭ بىر قۇرۇلۇش، كېيىن مۇشۇ ئاساستا «شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى»نى كىتاپ قىلىپ نەشر قىلىمىز.ھازىرغىچە ماتىرياللار يىغىلىپ بولمىغاچقا بۇ ئىش قولغا ئېلىنمىدى.ھەممىسىنى ماڭا ئەۋەتكىلى تۇرساڭلار مەنمۇ يېتىشىپ بولالمايمەن.

ۋاقتى: 2012-4-3 12:45:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2012-4-3 13:44:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          مەن ھەقىقى ئىسىمدا تىزىملىتىشنى ياكى تىزىملاتقاندا ھەقىقى ئىسمىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى تەۋىسىيە قىلىمەن! باشقىلارغا ئويلىغىمىزنى ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئادەتلەنمىسەك، پىسخىكا جەھەتتە ھەرگىز پىشىپ يېتىلەلمەيمىز. بىز ھەم ئوچۇق ئاشكارا تەنقىد قوبۇل قىلالايدىغان ھەم ئوچۇق ئاشكارا تەنقىد قىلالايدىغان بولۇشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى تەنقىدىمىز نامۇۋاپىق بولۇپ قالسا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزىتەلەيدىغان ئاكتىپ پوزۇتسىيەگە ئىگە بولۇشىمىز كېرەك!

ۋاقتى: 2012-4-3 15:30:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەبىينىڭ پىكرى بۇيىچە يازغۇچىلار لۇغىتىگە ئىنكاس يوللاشنى ئېچىۋەتتۇق . كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىلىرى بىلىدىغان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ تەرجىمھالىنى يوللاپ بېرىشىنى قارشى ئالىمىز!
يەنە بىر گەپ، ئۆز تەرجىمھالىڭلارنى ئۆزۈڭلار يوللاۋېرىڭلار، بۇنىڭ خىجىل بولىدىغان يېرى يوق. بۇ چوڭ بىر قۇرۇلۇش، كېيىن مۇشۇ ئاساستا «شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى»نى كىتاپ قىلىپ نەشر قىلىمىز.

ۋاقتى: 2012-4-3 16:57:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاپا بولماي مىنىڭ ئىسمىمنى« مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر » غا ئۆزگەرتىپ قويغان بولساڭلار ،مالال قىلدىم رەخمەت.

باھا سۆز

ئىسمىڭىزنى لاتىنچە Munawar Abduqadir غا ئۆزگەرتىپ قويدۇق .  ۋاقتى: 2012-4-3 06:32 PM
ۋاقتى: 2012-4-3 20:43:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2012-4-3 20:52:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەسلى بۇ تور مۇنبىرىنىڭ «تىرىشچان ئەزا»سى ئىدىم. بۇ مۇنبەرگە ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن ئۆز ئىسمىم ئەكبەر ئابدۇرېشىت نامىدا تىزىملىتىپ كىرىپ ، ئاددى بولسىمۇ ئەسەر ئىنكاسلارنى يوللاش بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىلىم ھەم ھۇزۇر ئېلىپ كىلىۋاتاتتىم. يېقىندىن بۇيان «ئەكبەر ئابدۇرېشىت» نامى بىلەن مۇنبەرگە كىرەلمەي ئۆزۈمنىڭ گوشىنى ئۆزۈم يىگىدەك بۇلۇپ، كىچىللىرى ئۇيقۇممۇ قاچتى. مىنى مۇنبەردىن ئۈچىرىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپمۇ ئويلىغان بولدۇم. لىكىن كونا مۇنبەردە يەنىلا ئىسمىم تۇرىدۇ. ئۇ مۇنبەرگە كىرسەم خەت شەكلى ئۆزگەرمەي تېخى خاپا قىلدى مىنى. ئامال قىلالماي يېڭى مۇنبەرگە قايتىدىن ئەزا بۇلاي دەپ ، ئىسمىمنى ئەكبەر ئابدۇرېشىت دەپ يازسام خەت سانى 15 تىن ئېشىپ كەتتى دەپ تۇرىۋالدى (ئەمىلىيەتتە سانىسام 14 خەتكەن مىنىڭ ئىسمىم بولمىسا). ئەكبەر دەپ يازسام باشقىلار تىزىملىتىپ بولغان دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامال قىلالماي ھازىرقى «يولچى» نامى بىلەن تىزىمغا ئالدۇردۇم. (تاشيول ئىدارىسىدىن بولغىنىم ئۈچۈنمىكى) شۇ سەۋەپتىن ھۆرمەتلىك مۇھەررىرلەردىن بەزى ئىشلارنى سورىغۇم كەپقالدى: -كونا مۇنبەردىكى  ئۆز ئىسمىم ئەكبەر ئابدۇرېشىت دىگەن نامنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلامدۇ؟ كونا مۇنبەردىكى تىللا-تۆھپىغۇ كەتتى سالاۋات ، لىكىن ئالدىنقى قېتىمدا ئىلان قىلىنغان (قىممىتى بولمىسىمۇ) ئەسەرلىرىمىزنى قايتا يوللامدۇق؟  مۇشۇ ئىشلار تۈپەيلى قىزغىنلىغىمغا سوغوق سۇ سىپىلگەندەك ھىسسىياتقا كىلىپ قالدىم. مۇمكىن بولسا گاڭگىراش ئىچىدە قالغان سۇئاللىرىمغا چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلا....  

ۋاقتى: 2012-4-3 20:58:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولچى يوللىغان ۋاقتى  2012-4-3 20:52
مەن ئەسلى بۇ تور مۇنبىرىنىڭ «تىرىشچان ئەزا»سى ئىدىم. ب ...

سالام يۇلۇچى . كونا مۇنبەردىكى ھەممە ئەزالار قايتىدىن يېڭى مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىۋاتىدۇ . بۇرۇنقى تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزمۇ ، ئالىي ، تۆھپىكار ئەزالىرىمىزمۇ يېڭى مۇنبەردە يېڭى ئەزا بۇلۇپ مۇنبەردە مەشغۇلات قىلىۋاتىدۇ . شۇڭا بۇنى توغرا چۈشەنگەيسىز . كونا مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنى يېڭى مۇنبەرگە يۆتكىمەيمىز.  كونا مۇنبىرىمىز تورىمىزنىڭ ماتىريال ئامبىرى سۈپىتىدە مەڭگۈلۈك ساقلاپ قېلىنىدۇ. ئىسمىڭىزغا كەلسەك بىز ئۇنى ئۆزگەرتىپ بەرسەك بۇلىدۇ .

ۋاقتى: 2012-4-4 01:35:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   كونا مۇنبەردىكى ئۇچۇر كۆزنىكى بەكلا ياخشىدى....بۇ مۇنبەردىمۇ بارمىدۇ؟...

باھا سۆز

بۇ مۇنبەردىكى ئۇچۇر كۆزنىكى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى . ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ .  ۋاقتى: 2012-4-4 01:41 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش