ximal
ئىگىسى: eybuyaqup

شىمالغا سەپەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  994
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 84
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 10:37:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          سالام قەدىردانلار:
          شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ شىمالغا سەپىرى پائالىيىتىنىڭ قارامايدىكى زىيارىتى غەلىبىلىك ئاخىرىلىشىپ، ھازىر تولى ناھىيەسى چېگرىسىدا قارامايدىن ئايرىلىپ بورتالاغا ئاتلاندى.  ئۇلارنىڭ سەپىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن.    مەن ئۆمەك تەركىپىدىكى قەلەمكەشلەر بىلەن 2 كۈن دەرقەمتە  بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلغانلىقىمدىن خۇشالمەن .... ئەزىز ئەيسا، گۈلباھار ئەزىز، ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت قاتارلىقلارنىڭ قاراماي ھەقىقىدىكى نەسىرلىرى ۋە چۈچۈك شېئىرلىرى مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى.  ھەممەيلەننىڭ بۇندىن كېيىنكى سەپىرى غەلىبىلىك، بىخەتەر بولغاي! غەيرەت ئاسىم ئاكا ۋە ئەيبۇ ياقۇپ دوستۇمنىڭ تېنىگە ساغلاملىق تىلەيمەن.... ئىشلار ئوڭۇشلۇق، راۋان بولسۇن. بورتالا ۋە ئىلى دىيارىدىكى بارلىق دىلداشلارغا قىزغىن سالام!
                                                                  

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 453
تۆھپە : 3
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 11:10:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇزەل قەدەملەرگە گۈزەل مەنزىللەرنى تىلەيمەن.
كۆپلىگەن ئاكا - ھەدىلەر بىلەن دىدارلاشمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. سۈرەتلەردىن ئۇلار بىلەن دىدارلاشقاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. ئەيبۇ ئاكا، يانغىن قاتارلىق ئەزىزلەرگە رەھمەت! يانغىننىمۇ تونىۋالغاندەك قىلىمەن.

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1052
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 341
تۆھپە : 0
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 11:17:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىمال سەپىرىگە ئاتلانغان ئوت - يۈرەك شائىر - يازغۇچىلىرىمىز،گۈل چىراي خانىم قىزلىرىمىزنىڭ سەپىرىگە ئاق يول تىلەيمەن ! ئەيبۇ ئاكامنىڭ بۇ قۇتلۇق سەپەرنىڭ قىممەتلىك دەقىقىلىرىدىن بىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرغىنىغا رەھمەت! داۋامىغا تەشنابىز !

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 12:10:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سالام  جەنۇپ!


ــ شىمالى شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش، تۇرمۇش ئۈگىنىش پائالىيىتى ھەققىدە

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن قاراماي، بۆرتالا،ئىلى قاتارلىق جايلاردىن تەشكىل تاپقان «شىمالى شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش، تۇرمۇش ئۈگىنىش پائالىيىتى» 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلدى.

http://new.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=12&TopicID=4485&Page=1

ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  348
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 59
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 17:43:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنجانغا تاۋۇز يەتمەپتۇ ھە؟  ئۇسسۇلۇقى بەك يامان ئىدى ئۇ ئاغىنىمىزنىڭ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  542
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 50
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 18:18:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   دىدارلىشىشقا ئىنتىزار بولغان  ئەزىزلەر بىلەن قارامايدا دەرقەمدە بۇلۇپ چەكسىز شادلىققا تولدۇق ...  ئەمما بۇ مەنزىرىنىڭ چۈش ياكى رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ ، ئۇلار يەنە يېڭى مەنزىلگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى...ھەي....
   سەپىرىڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك ، مول - مەزمۇنلۇق بولۇشىنى  ، تېنىڭلارنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمىز. بورتالا ۋە ئىلى دىيارىدىكى ئەزىزلەرگە سالىمىمىزنى يەتكۈزگەيسىلەر...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  718
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 674
تۆھپە : 9
توردا: 156
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 19:05:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پائالىيەتلەر بولىۋاتىدۇ،جەنۇبنىڭ شىمالغا،شىمالنىڭ جەنۇبقا .مۇشۇنداق پۇرسەتلەر بولمىسا،بەزىدە بىر ئۆمۈر مۇشۇ زىمىندا ياشاپمۇ،ئۆز دىيارىنىڭ گۈزەللىكىنى تولۇق بىلگىلى بولمايدۇ.
ھەر ئىككى ئۆمەكنىڭ جەنۇب-شىمال سەپىرى قۇتلۇق بولغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ____kizilgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-13 16:19  


«ئىت ھۈرەر،كارۋان يۈرەر»
ھەركىم قىلسا ئۆزىگە.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 639
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2258
تۆھپە : 18
توردا: 416
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 19:21:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغوچى ھەم شائىرلار،
يۇرتنىڭ كۆركى زىننىتى.
سىلەر پۇتكەن دۇرلاردىن ،
ئاشار ھايات قىممىتى.

ئەزەلدىنلا قارىماي،
كۇي ،ئىلھامنىڭ بۈلىقى.
مەپتۇن قىلار گۇل كەبى،
ئالتۇن ئەنداز تۇپرىقى.

ئىلھام ئېلىپ دوستلىرىم ،
گۇل دەستىلەر تىزگۇسى.
خۇددى سېلىم بوۋامدەك،
ئۇلگە مەشئەل بولغۇسى.

ھەممىڭىزلارنىڭ ئەزىز  تەنلىرى سالامەت، ياخشى تىلەكلېرى ئىجاۋەت بولغاي!!!

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 871
تۆھپە : 1
توردا: 255
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 20:53:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەلمىساقتىن قەدرىسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 871
تۆھپە : 1
توردا: 255
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 21:08:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەلمىساقتىن قەدرىسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1327
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 374
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 22:24:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئەدىپلەر، قەدىرلىك ھەمقەلەم دوسىتلار!
قۇتلۇق سەپىرىڭلارنىڭ خاتىرسى بولغان يازمىلارنى، سۈرەتلەرنى مۇنبەردىن كۆرۈپ گويا ئۆزۈمنى سىلەر بىلەن بىللە كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم، خۇشاللاندىم. بۇ قۇتلۇق سەپەردىن ئۇچۇر بېرىۋاتقان ئەيبۇ ياقۇپ ئەپەندىنىڭ قەلىمى، فوتوگىرافلارنىڭ ئاپپاراتى سىلەر زىيارەت قىلىۋاتقان نەقمەيداندىن مۇنبىرىمىزگە ئۇلانغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرگەن تور ئەدەبىياتىنىڭ قالتىسلىقىنى، ئىستىقبالىنىڭ  پارلاق بولىدىغانلىقىنى قايتا تونۇپ يەتتىم.
ھەر بىرىڭلارغا كەينىڭلاردا قالغان جەنۇپتىن ئوتلۇق سالاملار بولسۇن، خاسىيەتلىك سەپىرىڭلار ئاق يوللۇق بولسۇن، ماڭغان ئىزىڭلاردىن قىزىلگۈل ئۈنسۇن، جەنۇپ بىلەن شىمالنىڭ دىل رىشتىسى ئەبەدىيلىككە باغلىنىپ كەتسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-11 00:25  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  402
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 731
تۆھپە : 8
توردا: 123
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 01:16:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئالتە جۇپ كۆز


كومپيۇتېرنى ئېچىپ بۇ سۇرەتكە قاراپ ئولتۇرغىنىمغا خېلى بولدى.توۋا ئۇلار بىلەن تۇنۇگۇن تېخى بۇ يۇرتتا بىرگە يۇرگەن ،ئاخشام تېخى قارامايدىكى ئايال  ئاپتۇرلار  يىغىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمسوھبەتتە بولغان ئىدۇق.ئىسمىلىرىمىزنى ئۇزاقتىن بۇيان ئاڭلاپ ئانچە-مۇنچە مۇنبەر يۇزىدە ياكى ژورنال يۇزىدە ئۇچىرىشىپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ ئەمما كۆرۈشىشىكە نىسىپ بولمىغان ئىدى.مانا بۇ قېتىمقى بۇ ئۇلۇغ پائالىيەت تۇپەيلى بىز ئاخىرى بىر-بىرمىزنى كورىۋالدۇق. ھەتتا قەلبىمىزگە مەڭگۈلۈك سىماھ سۈپىتىدە ئويۇۋالدۇق.لېكىن ۋاقىت بەكمۇ تېز ئۆتۈپ كەتتى. ئەگەر ۋاقىتىنى بىر  ئىزىدا توختىتىپ قويغىلى بولغان بولسا ئىدى. ئۇ ھالدا بىز يەنە ئۇزاقراق سۆھبەتلىشىۋالغان نۇرغۇن گەپلىرىمىزنى دىيىشىۋالغان بولار ئىدۇق.بىراق خىيال دىگەن يەنىلا خىيال ئىكەن.ئۇلار بىزنى بۇ شەھەردە قالدۇرۇپ ئالدىدكى مەنزىلگە قاراپ يول ئالدى.شۇغىنىسى مەن ئۇلارغا خوش دىيىشكە ئۈلگىرەلمىدىم. راست، بۈگۈن ئۆزۈمگە شۇنچە ئۆچلۈكۈم كەلدى. بىر كۈن كۆڭلۈم غەش يۇردۇم . ئەگەر ماشىنىنى 10 مىنۇت بۇرۇن قوزغاتقان بولسام بەلكىم ئۇلارغا خوش دىيەلەر ئىدىم. لېكىن ئۇنداق قىلالمىدىم. ئاخشام ئۇلارغا ياخشىراق خوشمۇ دىمىگەن ئىدىم. چۈنكى خىيالىمدا تاڭ سەھەردە ئۇلارنىڭ يېنىغا ئۈنۈپ ئۇلار بىلەن ئوبدانراق خوشلىش ئويۇم بار ئىدى.لېكىن تالادىكى پىلان ئۆيگە توغرا كەلمىدى. مەن ئاخىرى تېلفۇن بىلەنلا خوشلىشىقا مەجبۇر بولدۇم. ئاق كۆڭۈل دوستلىرىم مېنى كەچۇرۋەتتى.
شادلىق كۈلكىسى يېغىپ تۇرغان 6 جۈپ كۆزگە قارغىنىمچە خىيالغا پاتتىم. ئادەم دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن. بۇ كۆزلەرنىڭ بىر قانچىسى ماڭا بەكلا تونۇش. شۇ مىھرىبان كۆزلەر ماڭا ھەر ۋاقىت بىر تۇققان ئاچىلىرىمنىڭ كۆزىدەك مىھرىبان تۇيۇلىدۇ.چۈنكى دىلنۇر ئاچام بىلەن ئارزۇگۇل ئاچام مەن ئۈچۈن ئەڭ يېقىملىق قېرىنداشلىرىمغا ئوخشاش. ئاۋۇ ئاتىكەم سىدىقىنى ئالدىنىقى يىلى « ئارسلان تالىپ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى» دا تونۇشقان ھەم بىر ياتقتىمۇ ياتقان.كېيىنچە ئۇنىڭ نەسىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ نەسىرلىىرنى ياقتۇرغان ئىدىم.شۇڭا ئۇنى بىر كۆرۈپلا تونۇۋالدىم.گۇلباھار ئېزىزنى «يازغۇچىلار لوغىتى » دە كۆرۇپلا بەك ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم كېيىن ئۇ ئۆزى ئوقۇغان بىر قانچە نەسرىنى مۇنبەردىن كۆرۈپ ھەم ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئاۋازىنىمۇ ياقتۇرغان ئىدىم.كېيىنكى كۈنلەردە بىز ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق.بىر-بىرمىزنى شۇنچە كۆرگمىز دىدارلاشقىمىز بار ئىدى. مانا بۇ پۇرسەتتە بۇ ئارزۇيىمىزغا يەتتتۇق. ئۇنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم. ئەمدى پاتىگۇل نىيازغا كەلسەك ئۆزىمنى سەل دۆت ئىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالدىم. مەن گەرچە يىلدا نەچچە قېتىم كۇچاغا سەپەر قىلساممۇ ئەمما تا ھازىرغىچە « كۈسەن مەدەنىيتى» ژورنىلىنى ئىككى ئايالنىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. دەل شۇ بىلمەسلىك سەۋەبىدىن تەھرىر بۆلۈمىگىمۇ بېرىپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇ قېتىم پاتىگۇل نىياز ھەققىدە تۇنجى تەسىراتقا ئىگە بولدۇم دىسەممۇ بولىدۇ. مەن ئۇنى تۇنجى كۆرگەندە ئۇ ماڭا تولىمۇ ھاكاۋۇر تەسىر بەردى.ھەتتا يېىنىمدىكى ئارزۇگۇل ھەدەمگە-«نىمىنداق توڭ قاپاق چوكان ئاۋۇ، ئادەمگە گەپ قىلدىغاندەك ئەمەس»-دەپ كوتۇلداپ قويدۇم. «بەلكىم مىجەزى ئېغىر بولسا كېرەك ھەر بىر ئادەمنىڭ يېڭى مۇھىتىقا بولغان ئىنكاسى ئوخشاش بولمايدۇ» -دىدى ئارزۇگۇل ھەدەم.
- ئىلاھىم ئەتىگىچە ئوڭشىلىپ بۇ يەرگىمۇ كۆنۈپ قالار دىدىم مەن .ئۇ ماڭا كۈلمەيدىغاندەك تەسىر بەردى.مانا بۇ ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تۇنجى تەسىرى ئىدى.لېكىن ئىشلار تېزلا مېنىڭ ئويلىغىنىمنڭ ئەكسىچە چىقتى. كەچلىك تاماق ۋاختىدا ئۇ دادىللىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز ژورنىلىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ، ژورنالنى يوقلىتىن بارلىققا كەلتۇرۇش جەريانىدا تارتقان جاپالىرىنى « كۆسەن مەدەنىيتى» نىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن ئاپتۇرلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىد ۋە تەلەپلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.مەن ئۇنىڭ دادىللقىغا قاراپ ھەيران قالدىم.ئەتىسى قارامايدىكى بىر قانچە ئايال ئاپتۇر بىر دوسىتىخانغا يىغىلىپ كەڭ-كۇشادە سۆھبەتلەشتۇق.سورۇندا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغنى پاتىگۇل نىيازنىڭ بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئائىلە، خىزمەت مۇناسىۋېتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ تۇرلۇك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جەريانى شۇنداقلا رۇقىيە بىلەن ئىككىسنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى بولسا كېرەك. ئۇ قىلغان ئىشلارنى مانا مەن دىگەن ئەرلەرمۇ قىلالمىسا كېرەك.ئۇ ماڭغان يوللاردا نۇرغۇن ئادەملەر ماڭالمىسا كېرەك. ئۇ ئەنە شۇنداق ئىنسان ،ئۇ ئەنە شۇنداق ئانا ئىكەن.ئۆزۈمگە قاراپ ئەپسۇسلاندىم. كىچىككىنا قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئېگىپ قەلەمنى چۆرۈپ قويۇپ يېتىم ئارام ئېلىشلىمنى خىجالەت ئىلكىدە ئېسىمگە ئالدىم.ھەم ئارمىزدىن شۇنداق ئانىلارنىڭ ،ئاياللارنىڭ كۆپلەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدىم. كۇچاغا بېرىپلا رۇقىيەنى ئىزدەش خىيالغا كەلدىم.
بۇ خاتىرنى يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يەنە شۇ 6 جۇپ كۆز ماڭا قاراپ كۈلمىسرەپ تۇراتتى. بۇ كۆزلەر ئەمدى بىر- بىرنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇ كۆزلەر يۇرەكلەرنى مەھكەم باغلايدۇ.
خەير مېنىڭ ئامراق گۇللىرىم. ياخشى چۈش كۆرۇڭلار. 2258650log1t8b7a4.gif



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   guzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-10 10:25  


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 10
تېللا: 1042
تۆھپە : 4
توردا: 455
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 01:28:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12.jpg
11.jpg
10.jpg
9.jpg
8.jpg
7.jpg
6.jpg
5.jpg
4.jpg
3.jpg
2.jpg
1.jpg

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  402
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 731
تۆھپە : 8
توردا: 123
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 01:45:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پاتىگۇل مەڭگۇ مۇشۇنداق كۈلىڭ جۇمۇ. سەپىرڭلارغا ئاق يول تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  402
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 731
تۆھپە : 8
توردا: 123
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 02:23:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  « جاللات خېنىم»،« باھادىرنامە» قاتارلىق تارىخى  رومانلىرى بىلەن  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەن ،مىللتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ياسىنجان سادىق چوغلان ئاكابىلەن بۇ قېتىم قايتا دىدارلشپ بەكمۇ خۇشال بولدۇم. بۇندىن 13يىل بۇرۇن بۇ ئۇلۇغ ئىنسان بىلەن« 9- نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبياتى يىغنى»دا تۇنجى قېتىم دىدارلاشقان ئىدىم. ئۇ چاغدا ئەمدىلا ئوقۇش پۇتتۇرگەن ۋاخلىرىم ئىدى. بۇ يىغنىغا يەكەندىن ياسىنجان ئاكام بىلەن رىزۋاگۇل يۇسۇپ كەلگەن ئىدى.مەن رىزۋانگۇل يۇسۇپ بىلەن ياتاقداش ئىدىم.رىزۋانگۇلنىڭ ئېغىر بېسىق مىجەزى گۇزەل ھۆسنىگە تېخمۇ ھۆسۈن قاتقان ئىدى. ئۇنى كۆرگەنلام ئادەم ياقتۇرۇپ قالاتتى. مەنمۇ تېزلا ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدىم كېيىن ئۇنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئەسلىدىكى خوتەنگە بېرىش سەپىرىمنى ئۆزگەرتىپ يەكەنگە ماڭدىم. شۇ چاغدا ياسىنجان ئاكاممۇ بىز بىلەن بىللە ماڭغان ئىدى. ئۇلار مېنى يەكەن تارىخى ھەققىدە تۇنجى تەسىراتقا ئىگە قىلغان ئىدى. مانا شۇ خوشلاشقان پېتى كېيىنكى كۇنلەردە بۇ ئىككى ئۇلۇغ ئەرباپ  بىلەن قايتا دىدارلىشىش پۇرسىتى بولمىدى.ئۇلارنىڭ كىتاپلىرىنى سۆيۈنىش ئىچدە ئوقۇپ ،ئۇلاردىن پەخىرلىنىپ يۇردۇم. بۇ قېتىمقى شىمال سەپىرىدە ياسىنجان ئاكامنىڭمۇ بارلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا قۇلۇقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. خۇددى يۇتتۇرۇپ قويغان گۆھىرىنى قايتا تاپقان ئادەمدەك بەكلا ھاياجانلادىم. ئۇنى كۆرۈپ شۇنچە شادلاندىم. دىمسىمۇ ئۇ بىزنىڭ بايلىقمىز - گۆھىرىمىز ئەمەسمۇ؟
ياسىنجان ئاكىنىڭ ئوچۇق مىجەزى ئاۋالقدەكلا تۇرۇپتۇ. ئۇ نىڭ كىشلەرگە  بولغان قىزغىن مۇئامىلىسى ئاۋالقىدەكلا . ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان ھەر قانداق ئادەم قورۇنۇپ قالمايدىكەن. مەن شۇ مىنۇتلاردا ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتىلىك ھېس قىلىدىم چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىش نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئارزۇسى. شۇڭا دەرھال « باھادىرنامە» نى كۆتۇرۇپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئىمزا قويدۇرۋالدىم. ئەۋاتلىرىم بۇ ئىمزانى - مۇشۇ كىتاپنى ،مۇشۇ تارىخنى يازغان ئۇلۇغ ئىنساننىڭ پوچۇركىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن دەيمەن.ياسىنجان ئاكا، ئامان بولۇڭ، شىمالدىمۇ، بىزنىڭ بۇ نېفىت شەھرىدىمۇ نۇرغۇن تارىخلار ، رىۋايەتلەر سىزنىڭ ئۆزىنى بايقىشىڭىزنى كۈتۈپ ياتماقتا. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، چۈنكى سىز  مەھمۇت قەشقىرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ ،ئەلشىر ناۋائى ...ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمن ،زوردىن سابىر، ئابدىرېھم ئۆتكۇر، مەمتمىن ھوشۇر، جالالىدىن بەھرام  ......قاتارلىق پەخىرلىك ئوغلانلىرىمزغا ئوخشاشلا بىزنىڭ بىباھا بايلىقىمز.
شىنجاڭ يازغۇچىلا ر جەمىئيىتىدىكى بارلىق رەھبەرلەرنىڭ مۇشۇنداق ياخشى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىزنى ئۆز-ئارا ئۇچراشتۇرغالىقىغا كۆپ تەشەككۇر. ئەيبۇ ئاكا، جاپا تارتىڭىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   guzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-10 16:59  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش