تونۇش ئىدۇق تونۇشمىساقمۇ
ئۇزۇن بولدى
خېلىلا ئۇزۇن،
تونۇش ئىدۇق
تونۇشمىساقمۇ،
سىرداش ئىدۇق
ئۇچراشمىساقمۇ
ئوتلۇق مىسرا ياققانتى ئوتنى
دىل رېشتىلەر ئۇندا چىگىلىپ
ساداقەتتە باغلاندى بەللەر
قىلچە ۋەدە بېرىشمىسەكمۇ...
كۈتتۇق
كۈتەتتۇق
يىللار قامچىسى ئۇرۇلدى دەششەت
كۈتۈش ئىلكىدە،
ئۆتمەكتە پەسىل قوغلاپ ، قوغلۇشۇپ
ئىللىق باھار قىشقا ئۇلۇشۇپ.
قارچۇقلاردا تۈنەيدۇ كۈتۈش.
كۈتۈش شېرىن دېيىشمىسەكمۇ..
كېلىدۇ – دېدى شامال پىچىرلاپ،
گەر نەچچە رەت قالسام ئالدىنىپ
ئىنتىزارلىق ئىشقىدا بېقىپ ،
شېرىن تۇيغۇ قەلبىمگە ئېقىپ.
كەتتى
كېتەتتى
ۋۇجۇدۇمدا ئالەم تاۋلىنىپ
تاقەتلەرمۇ چىكىگە يېتىپ،
كۈتتۈم
كېلەلەمسەن ؟ دېيەلمىسەكمۇ...
توۋا،
ئىنسان دېگەن شۇنداق بولارمۇ
تەلمۈرەركەن
كۈنلەپ ۋە تۈنلەپ،
ھەسرەت يۈتۈپ
ۋىسال ئوتىدا
ياپراقلارغا ئايلىنىپ يۈرەك
قالار ئىكەن قۇشلاردەك ئۈنلەپ..
شەبنەم كەبى گۈلنىڭ بەرگىدە-
قېنىپ – قېنىپ سۆيۈلمىسەكمۇ...
كەپتۇ
كەلدى
تۇرار ئالدىمدا
چېھرىدىن نۇر-زىبا تېمىپ
نېمىشقا
تاپانلىرىم تۇپراققا پاتتى
تىلىم گويا تاش كەبى قاتتى
بىر قەدەم
ئىككى قەدەم
بۇ ئېغىرلىق ئەسلى دىلىمدا
نەچچە ئەسىر ساقلانغان ئىدى.
ئەمما،
كۆزلەر سۆزلەر
قەۋەت – قەۋەت سېغىنىشىنى،
شېرىن – شېرىن تېۋىنىشىنى.
مۇھەببەتكە تار كەلدى ئالەم
گەر ئەزەلدىن ئېرىشمىسەكمۇ...
ماڭدۇق ياندىشىپ،
خىياللاردا سىرداشقان كەبى
گاھى سىردىشىپ .
ماڭا تەۋە ھەربىر دەقىقە،
ماڭا تەۋە كۆزلەر دەممۇ-دەم.
ماڭا تەۋە ھەممە ۋە ھەممە،
ماڭا تەۋە بولماقتا ئالەم.
بېشىم يەتتى كۆككە يۇلتۇزغا
ئايغا شۇدەم قالدىم ياندىشىپ.
جۇڭغارىيە كەلدى لەرزىگە
بىرەر رەت «ئۇھ» دېيەلمىسەممۇ..
«ئۇھ» لىرىمنى ئەپ قويدۇم ساڭا
سالمىقىنى بېلەلمىسەكمۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا orgilaykizi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-10 22:29