كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 5

يامغۇر چىقار قانچە تال ( بالىلار شېئىرى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 460
تۆھپە : 0
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 23:37:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان ئەمەت ئۆزكان
يامغۇر چىقار قانچە تال
قارا بۇلۇت ، ئاق بۇلۇت ،
يۈگرەشلەردە بەسلەشتى .
تەڭ چىققاچقا پەللىگە ،
جىلە بولۇپ سەكرەشتى .

چىماقلاشىپ تىركەشتى ،
بەل تۇتۇشۇپ چىلىشىپ .
ئىككى بۇلۇت بوش كەلمەي ،
پومداقلاشتى چىمىشىپ .

بىر – بىرىنى ئۇتالماي ،
چىلىق – چىلىق تەرلەشتى .
كۆكتىن چۈشۈپ مارجانلار ،
توكۇر – توكۇر سەكرەشتى .

ساناپ باقماق بولۇشۇپ ،
ساناق ساناپ توۋلاشتۇق .
بىر يەرلەرگە كەلگەندە ،
سان تاپالماي قىلىشتۇق .

تىرىقلاتتى ئەينەكنى ،
ئۇششاق – ئۇششاق تامچىلار .
سانىم قانچە ؟ دېگەندە ،
تۇرۇپ قالدۇق بالىلار .

يېشىل قومچاق ئۇستىكەن ،
ھېساپلىدى كۇركىراپ .
يامغۇر توختاپ بولغۇچە ،
ھېرىپ كەتتى خىرقىراپ .

سورىغاندا جاۋاپنى ،
كەتتى قېچىپ سەكرەشتىن .
خىجىل بولۇپ ئۇيالدۇق ،
قايتا – قايتا سوراشتىن .

يامغۇر چىقار قانچە تال ،
بىر دېڭىزدەك كېلەرمۇ ؟
سىڭىپ كەتتى تۇپراققا ،
بىرتال – بىرتال ئۈنەرمۇ ؟
مەنبە : قەلىمىم

mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  906
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 297
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 05:26:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە دىققەت قىلىڭ. شېئرنىڭ سوبىستىك كەڭلىكىگە نەزەر ئاغدۇرۇڭ.

ئۆزىنى ئۇنۇتقانلارنى ئۆزلۈك ئۇنتۇيدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  906
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 297
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 05:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسەك؛نېمە ئشنى كىمنىڭ قىلىشى كرەكلىكىنى بولسىمۇ بىلىشكە ئورۇنايلى.
« قولۇڭدىن كەلگەننى ئەمەس،ياراشقىنىنى قىل» دېگەن بىزنىڭ ئەللامىلار.
ئەپسۇس،بىزدە ئۆزىنى بىلىش خاراكتېر تىپىنى ئالالمايۋاتىدۇ،ۋاھاكىزالار.
مەسىلەن: مەن بالىلار تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ( ۋە ياكى باشقا تېمىدىكى ئەسەرلەرنى ) يېزىشتىن بۇرۇن ،«مەن دېگەننى باشقىلار دەپ بولدىمۇ ،قانداق؟» دېگەننى تۇنجى بولۇپ ئويلىنىمەن. ئەگەر،باشقىلار شۇ خۇسۇستا قەلەم تەۋرەتمىسە؛
( تەۋرىتىپمۇ مەن كۆزلىگەن ئۆنۈمگە ئېرىشەلمىسە) قولۇمدىكى قەلەمنى رەڭلەيمەن. مەن ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىددىيە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ بولغان بولسا،ۋاز كېچىشنى ئاڭلىق تاللىۋالىمەن. بولمىسا،ئۆزۈمنى ئىپادىلەشكە ئورۇنىمەن.

ئۆزىنى ئۇنۇتقانلارنى ئۆزلۈك ئۇنتۇيدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1541
تۆھپە : 16
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 14:31:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ئەققىلي ساۋاد بولۇپتۇ. ھەقىقەتەن يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەھەممەتقان ئەمەتنىڭ بۇ شېئىرىدا ئازراق ئىلگىرلەشنىڭ ئېلمىنتىلىرىنى كۆردۈم

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 632
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 22:24:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك!
ياخشى چىقىپتۇ!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-18 22:29  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1432
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 335
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 23:02:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بەكلا يېقىشلىق چىقىپتۇ، ئوخشۇتۇشلىرىمۇ جايىدا. بالىلارچە قىلىق ھەم تىل جايىدا ئىپادىلەنگەن.

دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتلىك بىلەن،
يۇرۇق كۈن تۇغۇلغاي قارا كېچىدىن.
                        ـ «دانالار خەزىنىسى»دىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش