ximal
كۆرۈش: 84|ئىنكاس: 1

تۇردى ئەيسا: كورلا توي مەشرىپى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 12:23:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كورلا توي مەشرىپى ھەققىدە



تۇردى ئەيسا





شەرق مۇزىكا تارىخىدىكى بىباھا گۆھەر دەپ شۆھرەت قازانغان ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى《ئون ئىككى مۇقامى》نىڭ ئېتنىك يىلتىزى بولغان 《ئۇيغۇر مەشرەپلىرى》ئەقىل – پاراسەتلىك، ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجادىي مېھنىتى بولۇپ، ئۇ تولىمۇ ئۇزاق تارىخي تەرەققىيات ئارقىلىق مۇكەممەللىشىپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن ئۇلۇغ سەنئەت مىراسىدۇر.

«مەشرەپ» ئەرەپچە سۆز بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق لوغىتىدە 《يىغىلىش》،《بەزمە》دەپ ئىزاھلانغان. ئۇيغۇر خەلقىمىز قەدىمدىن تارتىپ ئاممىۋى خاراكتېرلىك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى 《مەشرەپ》دەپ ئاتاپ كەلگەن.

چوڭ كۆلەملىك ئاممىۋى مەشرەپلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىسى، «ۋىينامە ، ئىگىز ھارۋىلىقلار تەزكىرىسى» دە، گاۋزۇڭنىڭ دەۋرىدە، ئىگىز ھارۋىلىقلارنىڭ بەش قەبىلىسى بىر سورۇنغا جەم بولۇپ تەڭرىگە سېغىندى، ئادەم سانى نەچچە ئون مىڭغا يەتتى،سورۇنغا كەلگەنلەر ئات بەيگىسى ئۆتكۈزدى. قۇربانلىق قىلدى. سەيلى-ساياھەتتە بولدى، ناخشا توۋلىدى، شاد – خوراملىققا چۆمۈلدى،》 دەپ خاتىرىلەنگەن. 《يېڭى تاڭنامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسى》 دە قارشەھەرلىكلەر سەيلى – ساياھەتكە ئامراق، كۈسەنلىكلەر ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىر، ئۇدۇنلۇقلارنىڭ ھەممىسى ناخشا – ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن دەپ خاتىرىلەنگەن. ئۇندىن باشقا،قارا خانىيلار خاندانلىغى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى تەرپىدىن پۈتكۈزۈلگەن 《تۈركىي تىللار دىۋانى》 ناملىق ئەسەردە مەشرەپكە دائىر شېئىر-قوشاقلارنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن: ئەسەردە《سورچۇق》،《سوغدىت》دەپ ئاتالغان كەچكى يىغىلىشلار ھەمدە بۇ يىغىلىشلاردا ئېيتىلىدىغان:كۈيلەر تولۇق تۈزۈلدى،ئىۋرىق ئىدىش تىزىلدى.سەنسىز ئۆزگىم ئۈزۈلدى، كەل،خاتىرجەم ئوينايلى.دىگەندەك خەلق ناخشىلىرى ئارقىلىق بۇ يىغىلىشلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن.

كورلا مەشرىپىنىڭ قاچاندىن تارتىپ ئوينالغانلىقى توغرىسىدا يازما خاتىرىلەر تېپىلمىدى. لېكىن،ئارخىئولوگىيىلىك خاتىرىلەر،ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تارىخى ئىزلار ۋە مىڭ ئۆيلەردىكى سىزمىلاردا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كۈرۈنۈشلەردىن، خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان نەغمە-ناۋا قىلىپ مەشرەپ ئويناپ كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز، كورلا مەشرەپلرى ۋە ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كورلا توي مەشرىپى قاتارلىق ئەلنەغمە-مەشرەپلەرنىڭ شەكىللىنىش ۋە ئوينىلىش تارىخىمۇ يۇقىرىقىلارغا ئوخشاش بولۇپ، مىلادى 5-6-ئەسىرلەرگە تەئەللۇق بولغان ،كورلا شەھرىنىڭ شىمالىدىكى يەتتە يۇلتۇز(شىكشىن)مىڭ ئۆيلىرىدىكى تامغا سىزىلغان نەغمە-ناۋا مەشرەپكە ئائىت رەسىملەربولسا بۇنىڭ دەلىلىدۇر. ئۇندىن باشقا، مەملىكىتىمىزنىڭ غەرىبى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە،غەربى يۇرتتىكى 36بەگلىكنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلانغان كورلا- قەدىمدىن تارتىپ يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا قاتناش تۈگۈنى ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ باشئەگىم تاغ ئېغىزى خېلى بۇرۇنلا تەڭرى تېغىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا زىل ئۆتەڭ، تۆمۈر قۇۋۇق دىگەن مەشھۇر نام بىلەن ئاتالغان. كورلىنىڭ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇخىل جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك ۋە سىياسىي،مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە، يىپەك يولى بويىدىكى كۈسەن، ئۇدۇن قاتارلىق بوستانلىقلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئۆزىگە خاس مەشرەپلىرى بىلەن بىرگە كورلا مەشرەپلىرىمۇ ماس قەدەمدە  ئۆزىنى تۇلۇقلاپ ،بىيىتىپ كەلگەن. كورلا ئۇيغۇر مەشرەپلىرىمۇ قەدىمدىن بۇيان باشئەگىم باغرىدىكى كورلىدىن ئىبارەت 《نەشپۈت يۇرتى》دا ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ، دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ ياشاپ كەلگەن  مېھنەتكەش، پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش ھاياتى جەريانىدىكى غەلبە خوشاللىقى ۋە قايغۇسىنى ئىپادىلەش، شۇنداقلا جاپالىق ئەمگەك مۇھىتىدىكى زېرىكىشلىرىنى خوشاللىققا ئايلاندۇرۇش، جاپالىق ئەمگەك مۇھىتى ئىچىدىنمۇ خوشاللىق ئىزدەش جەريانىدىكى ھالال مېھنىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، 《كورلا توي مەشرىپى》دەل كورلا مەشرىپى ئىچىدىكى ۋەكىللىك مەشرەپ ھېسابلىنىدۇ.

كورلا توي مەشرىپى باشئەگىم باغرىغا جايلاشقان 《نەشپۈت يۇرتى》دىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي توي – تۆكۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپ بولۇپ، ئۇ ئەمگەكچان، پاراسەتلىك كورلا خەلقىنىڭ تويى بولغان ئىككى ياشقا بەخت – ئامەت تىلەش، تويىنى تېخىمۇ خوشاللىققا چۆمدۈرۈش ھەمدە تۇرمۇش ئىچىدىن شاد – خوراملىق ئىزلەش جەريانىدىكى ئىجادىي مېھنىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مىللىي خاسلىقى بىلەن باشقا يۇرت مەشرەپلىرىدىن  ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاممىۋى، ئۆزگىچە ئىجابىي قىممەتكە ئىگە، مەزمۇنلۇق، ئىلمىي، غەيرى – ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، ئۇــ مۇقاملار ۋە خەلق ناخشا – ئۇسسۇللىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ ئەلنەغمە، بېيىت – قوشاقلار، تېپىشماق، ۋائىزلىق، جەڭنامە، تارىخىي رىۋايەت، پەندى – نەسىھەت،سىرىك ۋە ھەرخىل ئويۇن تۈرلىرى  بىلەن تەركىبلەنگەن.

كورلا توي مەشىرىپىنىڭ قۇرۇلمىسى

كورلا توي مەشرىپى مۇنتىزىم تەشكىلىي قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئامىللاردىن تەركىپ تاپىدۇ. يەنى، قازىبەگ (مەشرەپ بېگى)، مىرگاز (كورلا مەشرىپىنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى بولۇپ باشقا يۇرتلاردا 《مىرۋاز》مۇ دىيىلىدۇ.)، دوغا (يايى) ۋە تاماشىبىندىن ئىبارەت.

1. قازىبەگ (مەشرەپ بېگى) ــ توي مەشرىپىدىكى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپ بولۇپ، ئۇ مەشرەپنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلغۇچى، مەشرەپتىكى دەۋا – دەستۇر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچى بولۇپ، ئۇ مەشرەپ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ ،شۇڭلاشقا ئۇ ئادەتتە خەلق ئىچىدىكى ھەق –ناھەق كۆز قارىشى ئايدىڭ، سۆزى ئۆتكۈر، ئادىل ، كەسكىن بولغان  يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئارىسىدىن سايلاپ چىقىلىدۇ.

2. مىرگاز ــ توي مەشرىپىنىڭ ئاساسلىق  تەشكىللىگۈچىسى بولۇپ، مەشرەپ پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش، مەشرەپنىڭ ناخشا – ئۇسسۇل، ھەرخىل ئويۇن قاتارلىق كۈڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل. شۇنداق بولغاچقا مىرگازنىڭ مەشرەپتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا، مىرگاز ئادەتتە خەلق ئارىسىدىكى ئىناۋىتى يوقىرى، تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە، جۈرئەتلىك، سۆزمەن، كېلىشەڭگۈ، ئويۇنخۇمار، يېتۈك مەدداھ ، يېتۈك ئەلنەغمىچىلەر ئارىسىدىن تاللاپ چىقىلىدۇ. مىرگاز ئادەتتە شۇ يۇرت  كوللىكتىپىنى تەشكىللەپ، مەشرەپتىكى بارلىق نومۇرلارنىڭ تەرتىپىنى بېكىتىدۇ ياكى تەڭشەيدۇ. مەشرەپ سورۇنىدا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئويۇن ۋە ئەلنەغمىچىلەرنى تونۇشتۇرۇش، مەدداھلىق قىلىش، كەيپىياتنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىلھامبەخش بېيىتلارنى ئوقۇش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ.

3. دوغا (يايى) ــ مەشرەپنىڭ ئىنتىزام باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، قازىبەگنىڭ گۇناھكار ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىپ، جازانى يولغا قويىدۇ. مۇشۇ خىل مۇنتىزىم تەشكىلىي قۇرۇلما مەشرەپنىڭ نورمال تەرتىپىگە ۋە ھەرخىل پائالىيەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.

4. تاماشىبىن ــ مەشرەپكە قاتناشقان چوڭ-كىچىك ،قېرى-ياش ھەممەيلەن كۆزدە تۇتىلىدۇ.  مەشرەپ سورۇنىدىكى تاماشىبىنلار گەرچە ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتمىسىمۇ لىكىن ئويۇن كۆرۈش داۋامىدا ناخشا – ئۇسسۇلچىلارنىڭ نومۇرىغا ئۆزلىرىنىڭ قىزغىن چاۋاكلىرى بىلەن ئىلھام بېرىپ ئۇلارنىڭ روھىنى تېخىمۇ كۆتۈرىدۇ. ئەلنەغمىچىلەرنىڭ ناخشا – سازىغا ماس ھالدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ سورۇننى تېخىمۇ قىزىتىدۇ. مەشرەپتىكى ھەرخىل ئويۇنلارنى ھەم كۆرىدۇ ھەم قاتنىشىپ ئوينايدۇ، قىسقىسى، مەشرەپ تاماشىبىن ئارقىلىقلا قىزىيدۇ، ئەگەر تاماشىبىن بولمىسا مەشرەپ ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ.

كورلا توي مەشرىپىنىڭمەزمۇنى ۋە ئوينىلىش تەرتىپى

توي مەشرىپى ــ كورلا توي مۇراسىملىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر تويلىرى ئىنتايىن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. تويى بولغان يىگىت تويدىن كىيىن (يەنى قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كىيىن) ئەل – جامائەتكە مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا توي ئاۋۋال ئۆتكۈزۈلۈپ، يىگىت تەرەپ گۈدۈكلۈك ھارۋا (يەنى قىز كۆچۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان، تۆگە كولدۇرمىلىرىدىن چوڭ گۈدۈك ئېسىلغان ئۈچ ئات قوشۇلىدىغان ئېسىل ھارۋا)، قاتار مەپىلەردە ناغرا – سۇنايلارنى ياڭرىتىپ، بىرتوپ ئوغلاقچىلار بىلەن قىز تەرەپكە بارىدۇ. يىگىت تەرەپ يېتىپ كەلگەن ھامان قىز تەرەپمۇ ناغرا – سۇنايلار بىلەن ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىز تەرەپنىڭ ھويلىسىدا قىز – يىگىت ئىككى تەرەپ بىرلىكتە گىرەلەشمە ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. بىر دۈرە توي سەنىمىدىن كىيىن، ساھىپخان مېھمانلارغا تاماق تارتىپ بولۇپ، ئوغلاقچىلارغا ئوغلاق تاشلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىز – يىگىت ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بىر مەيدان ئوغلاق تارتىشىش ئېلىپ بېرىلىپ بۇ ئارقىلىق كېلەر نۆۋەتلىك ئوغلاق مەشرىپىنىڭ ساھىپخانى بېكىتىپ چىقىلىدۇ، ھەمدە ئوغلاق تارتىشىشتا ئوغلاقنى ئاخىرقى نوقتىغا ئاپىرىپ تاشلىيالىغان ئەزىمەتنى ساھىپخان تون كىيدۈرۈپ تارتۇقلايدۇ. ئوغلاق تارتىشىش تۈگىگەن ھامان يىگىت تەرەپ قىزنى كۈچۈرۈپ ماڭىدۇ. قىز كۈچۈرۈلۈپ كېلىنگەندىن كىيىن توي مەشرىپى رەسمى باشلىنىدۇ. توي مەشرىپىنىڭ باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە بولۇپ:

1. توي مەشرىپىنىڭ باشلىنىش باسقۇچى:

قىز كۈچۈرۈلۈپ كەلگەندىن كىيىن قىز – يىگىت مەشرەپ سورۇنىنىڭ ئالاھىدىرەك ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئورۇن تاماشىبىنلار بىلەن پەردە ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. باشلانغاندا مىرگاز ئوتتۇرىغا چۈشۈپ مەشرەپنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مەشرەپنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىنى ئەل – جامائەتكە چۈشەندۈرىدۇ. ئەلنەغمىچىلەر سازلىرىنى قولىغا ئېلىپ توي سەنىمىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان ھامان مىرگاز ماھىر ئۇسسۇلچىدىن ئىككىنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق، ئاۋال يىگىتنىڭ ئاتا – ئانىسىنى، ئاندىن قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىدۇ. بىر مەيدان ئۇسسۇل ئارقىلىق قىز – يىگىتنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇسسۇلى بىلەن، قىز – يىگىتنىڭ مەشرەپ سورۇنىدا كۈڭۈللۈك ئولتۇرۇشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ ئۇسسۇل ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، بىرجۇپ قىز – يىگىت يەنى، قىز ۋە يىگىتنىڭ قولداشلىرى ئۆز ئارا بىر مەيدان  ئۇسسۇل ئويناپ ئاندىن، قىز – يىگىتنى پەردىنىڭ كەينىدىن ئېلىپ چىقىپ تاماشىبىنلارنىڭ 《كۆز》ىگە ئولتۇرغۇزىدۇ،ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ ئىلتىماسى بىلەن، قىز قولداش بىر بىلىكىگە بىر پارچە رەختنى باغلاپ، قولىدا ئىككى تال چوكىنى ئېلىپ، ئەلنەغمىچىلەرنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن لەرزان كورلا سەنىمىگە چۈشىدۇ ـ دە، تاماشىبىنلارنى ئايلىنىپ ئويناپ كېلىپ قىزنىڭ يۈزىنى چوكا بىلەن يېرىم قايرىپ ئاچىدۇ – دە، يېپىۋىتىدۇھەم يەنەئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. بۇ ئەھۋال ئىككى قېتىم قايتىلىنىپ،ئۈچىنچى قېتىم قىزنىڭ يۈزىنى چوكا بىلەن قايرىپ پۈتۈنلەي ئېچىۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارلىق تاماشىبىن ئالقىشلار بىلەن قىز – يىگىتنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىدۇ. يىگىتنىڭ تەكلىپى بىلەن قىز يىگىت ئىككىسى بىر مەيدان ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سورۇن كەيپىياتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ بىر دۈرە توي سەنەم قىز – يىگىتنىڭ ئۇسسۇلى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

2. تاماق تارتىش باسقۇچى:

بۇ باسقۇچتا مەشرەپ ساھىپخانى پۈتكۈل مەشرەپ ئەھلىگە تاماق تارتىدۇ. ئەلۋەتتە يەپ – ئىچىشمۇ توي مەشرەپنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، مەمۇرچىلىق ۋاقىتتا قوي سويۇلۇپ قازانغا گۆش سېلىنىدۇ. كاۋاپلار پىشۇرۇلىدۇ، ھەرخىل ئېسىل تاماقلار ئىتىلىدۇ. سېرىقتال مەزگىلدە بولسا ئەھۋالىغا قاراپ نان – چاي، سۈت – قايماق، مىۋە – چىۋە قاتارلىق ئۇششاق – چۈششەكلەر ئاساس قىلىنىدۇ. كورلا توي مەشرىپىنىڭ تاماق ئىتىشتىكى ئۆزگىچىلىكى شۇكى، تويى بولغان قىز – يىگىتكە ئېتىلىدىغان تاماق ئالاھىدىرەك بولىدۇ. يەنى يېڭى كېلىننىڭ قىيىن ئاتا، قېيىن ئانا ئالدىدا ئېغىر – بېسىق، سىلىق – سىپايە بولۇپ بىر ئۆمۈر ياخشى بىر كۈيۈمچان كىلىن بولۇپ ئۆتۈشى ئۈمىد قىلىنىپ، ئىككىسىگە 《بوتقا ئاش》(يەنى گۈرۈچ تامىقى بولۇپ، شويلا ئاشتىن قۇيۇقراق، پولودىن سۇيۇقراق ئېتىلىدۇ)يىگۈزىلىدۇ.ئۇسۇلى بولسا،يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇخىل تاماقنىڭ سەل قۇيۇقراق قىسمىنى قاچىغا ئۇسۇپ،ئۈستىنى بىر نان بىلەن يېپىپ ئەكىلىپ،كىلىننىڭ ئالدىغا قويىدۇ،بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب، كىلىننىڭ قېيىن ئاتا، قېيىن ئانىنىڭ ئالدىدا ئېغىر – بېسىق بولۇپ، ئىناق ئۆتۈشىگە بولغان تىلىگىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈندۇر.

3. مۇقام، ناخشا – ئۇسسۇل باسقۇچى:

بۇ باسقۇچتا ئەلنەغمىچىلەر قوللىرىغا سازلىرىنى ئېلىپ تەڭكەش قىلىش بىلەن سورۇن ئەھلى قوللىرىنى كۆتۈرۈپ كورلا سەنىمىگە چۈشىدۇ. 《كورلا سەنىمى》كورلا مەشرەپلىرىنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، ئۇ باشئەگىم باغرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئەمگەكچى خەلقنىڭ كۆپ ئەسىرلىك ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە تارىخي تەرەققىياتى جەريانىدا ئۆزلىرى ياراتقان ناخشا –ئۇسسۇللۇق كۈيى بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە كورلىنىڭ بارلىق سەنەملىرىگە قويۇلغان ئومۇمىي نامىدۇر. 《كورلا سەنىمى》 دىگەن بۇ نامنىڭ ئاستىدا 3، 4، 5، 6 ئۆزگىرىش ئاھاڭلاردىن قۇرۇلغان تارىختا ھېيت سادىر (لەقىمى-نەغمىچى) قاتارلىق ئەلنەغمىچىلىرىمىز قويغان 《توي سەنىمى》، 《ئىلانداش سەنىمى》، 《دەردمەنلەر سەنىمى》، 《ئاخۇنلار سەنىمى》،《پەريادەي سەنىمى》، 《ئالتۇن قۇلۇپ سەنىمى》 قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان 36 سەنەم بار. بۇ سەنەملەرنىڭ مۇقام سەنەم، چۈشۈرگىلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مىلودىيە قۇرۇلمىلىرىمۇ بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. تېكىست ئاھاڭلىرى گۈزەل بولۇپ قۇرۇلمىسى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە، يەرلىك پۇرىقى كۈچلۈك، رېتىم جەھەتتە ئۆزگىچە، مۇڭلۇق، يېقىملىق، ئويناق، جەلىبكار. بۇ ئاھاڭلار كورلا خەلقىنىڭ ئارزۇ، ئۈمىد- ئىستەكلىرىنى كۈيلەيدىغان، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئاساسىدا يارالغان خەلق قوشاقلىرى بىلەن زىچ كىرىشتۈرۈلۈپ كەلگەچكە كىشىگە تولىمۇ يېقىملىق بەدىئىي زوق ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىنقى كوپلىت ئاھاڭى كىيىنكى كوپلىت ئاھاڭىنى تارتىپ كېلىدۇ. شۇ تارتىشىش بىلەن ئاھاڭلار ناھايىتىمۇ يارىشىملىق، يېقىملىق، گۈزەل مىلودىيىلىك، يۈرۈشلەشكەن بولىدۇ. بۇ ئاھاڭغا ماس ھالدا ئۇنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىمۇ كۆپ شەكىللىك، سالماق، نەپىس، لەرزان، شوخ بولۇپ، مۇزىكا بىلەن زىچ كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ قوشاقلىرى مەزمۇنىغا باي، راۋان، يىنىك، يېىقىملىق، يۇمۇرلۇق، قاپىيىسى تولىمۇ جايىغا چۈشكەن، قۇيۇق يەرلىك تۈسكە ئىگە بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئۇنى ئۆزىنىڭ رېئال تۇرمۇشى ئاساسىدا ياراتقان بولغاچقا، بۇقوشاقلار تۇرمۇشنى ئەينى بويىچە كۆرسىتىپ بەرگەن. قايسى سەنەم بولسا ئۇنىڭ بېيىت – قوشاقلىرى شۇ تۈردىكى سەنەمنىڭ تېمىسىنى گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، شۇخىل سەنەمنىڭ خاراكتېرىنى، تېمىسىنى روشەن ئېچىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، «توي مەشرىپى» نىڭ تېكىست قوشىقى:

خانىم باغرى – ساچى يەرگە تېگەدۇر،

بويىغا يەتسە قىز بالا ئەرگە تېگەدۇر.

بېيىتى:

يىغلىما قىز خوش بولغىن تويۇڭ بولدى،

خوشلۇقۇڭغا توي سەنەم كۈيۈڭ بولدى.

سەرەمجانلىق ئۆشۈكۈڭ ئۆيۈڭ بولدى،

غۇسۇلغا سۈزۈڭ زۇمرەت سۈيۈڭ بولدى.

كورلا سەنەملىرىنىڭ ئالاھىلىكىدە كورلىنىڭ جاي ناملىرىغا قارىتىلغان خاس بېيت – قوشاقلارمۇ خېلىلا كۆپ. مەسىلەن، بېيىتىدىكى خاسلىق:

يىگىت: مەن ئوينايمەن لاچىن كەبى

تاغلارنىڭ باشى

بىزنىڭ يارنىڭ ئوينار يېرى

باشئەگىم قاشى

جامالى ئاي، تۇرقى گۈلخان

ئون سەككىز ياشى

قول، بوينىدا جۇلالايدۇ

سۈزۈك قاشتاشى

قىز:   چېھرىلەرنىڭ شۇ قاشتاشتەك

سۈزۈك چاقناشى

  بولسا جۈپلەر بىر – بىرىنى

قوغداش – ئاياشى

        بولسا ھەمدە ھەرجاي – ھەرۋاق

دىلكەش قاياشى

   چىقماس ھەرگىز نىگاھىدىن

رەنجى كۆز ياشى

قوشاقلاردىكى خاسلىق:

تاغ سارىخان تاغلىقتۇر،

تاغ ئاراسى باغلىقتۇر.

سارىخاننىڭ ئالدىدا،

باشقا قىزلار چاغلىقتۇ.ر

يارنىڭ ئۆيى لەڭگەردە،

يەنە بىر ئۈيى يېڭىشەدە.

لەڭگەرلىكنىڭ قىزىدەك،

قىزلار يوقتۇر ھېچيەردە.

قوشئېرىقتىن يۈتمەيدۇ،

قوشئېرىقنىڭ ئىزلىرى.

يىگىتلەرنى باغلايدۇ،

قوشۇمىقاش قىزلىرى .

    قارىغايلىقتىن ياغاچ كەسسەم،

ئاراشتا قالدى .

    چارىباغدىن ئاداش تۇتسام ،

تالاشتا قالدى .

دىگەندەك قوشاقلار ھەممە سەنەملەردە ئېيتىلىپ تۇرىدۇ.

كورلا توي مەشرىپىنىڭ مۇقام ۋە ناخشا – ئۇسسۇل (يەنى كورلا سەنىمى) قىسمى تۆۋەندىكى بىرقانچە قەدەم باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:

1 – قەدەم: كورلا سەنىمىنىڭ مۇقەددىمە قىسمى بولۇپ، سازەندىلەرنىڭ تەمبۇر – ساتالىرىنى تەڭكەش قىلىشى بىلەن مۇقامچىلار مۇقامنى باشلايدۇ. مۇقامنىڭ ئۇدارى تۇراقسىز بولۇپ ئەركىن ئېيتىلىدۇ. لېكىن سۆزلىرى ئېنىق، مەزمۇنى چوڭقۇر، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى شېئىرلاردىن قۇرۇلغان بولۇپ، كىشىلەرنى مۇڭغا چۆكتۈرىدۇ. مۇقاملارغا ياشانغان ماھىر ئۇسسۇلچىلار سالماق قەدەملەر بىلەن قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ.

2 – قەدەم: سەنەم باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا ئەلنەغمىچىلەر مۇقامدىن سەنەمگە ئۆتىدۇ. داپ، دۇتار، تەمبۇر، راۋاپ قاتارلىق ھەممە سازلار قوشۇلۇپ چېلىنىدۇ. مۇزىكا رېتىمى بۇرۇنقىدىن تېزلىشىدۇ. ئۇدار  تۆتتىن تۆتلىك بولىدۇ. ئەر ئاياللار مەيداننىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قاراپ جۇپ – جۇپ بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. ئۇسسۇل ھەرىكىتى بىرقەدەر سالماق، روھلۇق، لەرزان بولىدۇ.

3 – باسقۇچ: سەلىقە باسقۇچى بولۇپ بۇ باسقۇچتا ئاھاڭ رېتىمى يەنىمۇ تېزلىشىپ ئۇدارى سەككىزدىن بەش ياكى سەككىزدىن يەتتىلىك شەكىلگە ئۆزگىرىدۇ. ئاھاڭ ئويناق، گۈزەل بولىدۇ. ئۇسسۇل ھەرىكىتى مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ سالماق ئەمما، جۇشقۇن بولىدۇ.

4 – باسقۇچ: چوڭ چۈشۈرگە باسقۇچى بولۇپ مۇزىكا رېتىمى تېزلىشىدۇ. ئۇدارى تۆتتىن ئىككىلىككە ئۆزگىرىدۇ. ئاھاڭمۇ شوخ، جۇشقۇنلىشىدۇ. ئۇسسۇلمۇ مۇزىكىغا ماس بارغانسېرى تېزلىشىپ ھەرىكەت لەرزان شوخلىشىپ بارىدۇ.

5 – باسقۇچ: كىچىك چۈشۈرگە باسقۇچى بولۇپ مۇزىكا رېتىمى بارغانسېرى تېزلىشىدۇ. ئۇدارى يەنىلا  تۆتتىن ئىككى بولسىمۇ ، رېتىمى بۇرۇنقىدىن تېزلىشىدۇ. ئاھاڭمۇ رېتىمغا ماس ھالدا تېخىمۇ ئويناق جۇشقۇنلىشىدۇ. ئۇسسۇل ھەرىكىتى بولسا مۇزىكا رېتىمىغا ماس ھالدا بارغانسېرى شوخ، تېزلىشىپ بارىدۇ. مەيدان كەيپىياتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ.

توي سەنىمى ــ ئاساسەن توي مەشرىپىدە يەنى قىز – يىگىتنىڭ تويىدا ئوينىلىدىغان سەنەم بولغاچقا بىر پۈتۈن سەنەمنىڭ قوشاقلىرى، ئاھاڭى ياكى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بولسۇن ھەممىسى شۇ توي خوشاللىقىنى ئىپادە قىلىش، يورۇتۇپ بېرىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئاھاڭ ئۆزگىرىشىنىڭ كۆپ خىللىقى، ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ مۇرەككەپ، مۇزىكا ئۇدارىنىڭ كۆپ خىللىقىدىن ئىبارەت ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن تارىختىن بۇيان باشئەگىم باغرىدىكى ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ توي مەشرىپىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ كەلمەكتە.

4 . ھەرخىل مەشرەپ ئويۇنلىرى باسقۇچى:

كورلا توي مەشرىپىدە يۇقىرىقى ئىككى باسقۇچ مۇقام ۋە ناخشا- ئۇسسۇللاردىن كىيىن يەنە كىرىشتۈرۈلۈپ مەشرەپ ئويۇنلىرى ئوينىلىدۇ. مەشرەپ ئويۇنلىرى باشقا سورۇنلاردا ئوينالمىغاچقا،بۇ ئۇيۇنلار شۇ قېتىمقى مەشرەپتە ئۇسسۇلنى راسا ئويناپ، ناخشىنى قانغۇچە ئاڭلاپ تويۇنغان مەشرەپ ئەھلىنىڭ كەيپىياتىنى يېڭى بىر دولقۇنغا كۆتىرىدۇ. كورلا توي مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ كىشىلەرگە بەكرەك تونۇشلۇق بولغىنى 《چىلىم ئويناش》،《توخۇ ئۇسسۇلى》،《شىر ئۇسسۇلى》ۋە باشقا سۆز ئويۇنلىرى  قاتارلىقلاردۇر.

1) چىلىم ئويناش (دەررە ئويۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بۇ ئويۇن ھەربىر كىشىدىن چاققانلىق ۋە ھوشيارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ بىرقەدەر كومىدىيە تۈسىنى ئالغان بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە راسا جەلپ قىلىدۇ. ئويۇن باشلانغاندا مىرگاز ياكى باشقا بىرەيلەن (ئەر ياكى ئايال) ئىشىلگەن چىلىم (بەلباغنى ياكى بىر ياغلىقنىڭ بىر ئۇچىنى چاشقان قۇلاق قىلىپ تۈگۈپ چىلىم ياسايدۇ) ئېلىپ بىر كوپلېت بىيت بىلەن ئۆزى كۆڭلى يېقىن يەنە بىرەيلەننى چىلىم ئويناشقا تەكلىپ قىلىدۇ. چىلىم ئويناش ــ قاتار مېڭىپ ئويناش، چۆرگىلەپ ئويناش، ئۆتۈشۈپ ئويناش دەپ ئۈچ خىل بولۇپ، ئاۋال ئىككەيلەن قايسى خىل شەكىلدە ئويناشنى بېكىتىۋالىدۇ. ئويۇن جەريانىدا تەكلىپ قىلىنغۇچى چىلىمنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. قارشى تەرەپ بەرمەسلىككە تىرىشىدۇ. ئويۇندىكى قىزىقچلىق شۇ جەرياندا شەكىللىنىدۇ. باشلانغاندا تەكلىپ قىلىنغۇچى چىلىمنى ئالماقچى بولۇپ قول ئۇزارتقاندا چىلىمنى تۇتقۇچى قائىدە بويىچە قارشى تەرەپنى ئازغاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوڭ ياكى سولغا تېزلىك بىلەن ئايلىنىدۇ) ياكى ئايلانماقچى بولۇپ توختىۋالىدۇ (. ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ سۈرئىتى ئاستا، ئىنكاسى تۆۋەن بولۇپ قالسا، ماسلىشىپ ئايلىنىپ بولالمايدۇ ياكى خاتا ئايلىنىدۇ (ياكى بىلمەي ئايلىنىپ سالىدۇ) . شۇنىڭ بىلەن چىلىم تۇتقۇچى ئۇنىڭ كاسسىسىغا كىلىشتۈرۈپ چىلىم بىلەن بىرنى سالىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ ئىنكاسى تېز بولسا قېچىپ كېتىپ چىلىمنى تەگكۈزمەيدۇ. ئىنكاسى ئاستا بولسا ئۈلگۈرەلمەي ،كاسسىسىغا بىرنى يەيدۇ – دە، تاماشىبىنلارنىڭ كۈلكىسىگە قالىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئەگەر چۆرگىلەپ ئويناش بېكىتىلگەن بولسا شۇ ئويۇن قائىدىسى ئىچىدە تۇرۇپ ناھايىتى سىلىق، يىنىك ئايلىنىپ ئوڭدىن ياكى سولدىن چۆگىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. چىلىم تۇتقۇچىنىڭ چىلىم بىلەن ئۇرۇشى ياكى قارشى تەرەپنىڭ چىلىمدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،قېچىۋىلىشى شۇ قېتىملىق چۆرگىلەشتىن كىيىن بولىدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇرۇۋېلىش ئۈچۈن چۆرگىلەش مەقسەت قىلىنمايدۇ. ئويۇن داۋامىدا چىلىمنى تۇتقۇچىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن تەكلىپ قىلىنغۇچىنىڭ خاتالىشىپ كاسسىسىغا چىلىم يىيىشى ياكى چىلىم يىيىشتىن قورقۇپ ئۆزىنى قاچۇرۇپ قېچىپ كېتىشى تاماشىبىنلار ئارىسىدا ناھايىتى قىزىقچىلىق كۈلۈشمەك پەيدا قىلىدۇ. تاماشىبىنلار ئويۇندىن قانغۇچە كۈلۈشىدۇ. ئويۇننى ئوينىغان ئىككىيلەنمۇ ناھايىتى راھەت ھېس قىلىپ، ئىچ – ئىچىدىن خوشال بولۇشىدۇ. ئويۇن داۋامىدا تەكلىپ قىلىنغۇچى چىلىمنى تۇتقۇچىدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋال چۆگىلەش داۋامىدا بولىدۇ. ئويۇن داۋامىدا قارشى تەرەپ چىلىمنى تارتىۋالسا تارتقۇزۇپ قويغۇچى كاسسىسىغا چىلىم يەپ تاماشىبىنلارنىڭ كۈلكىسى ئاستىدا سەھنىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ چىلىمنى تارتىۋالالمىسا چۆگىلەپ ئويناش ئۈچ – تۆت قېتىم داۋاملاشقاندىن كىيىن چىلىمنى بېرىشنى ئۆتىنىدۇ. چىلىمنى تۇتقۇچى بولسا بىر كوپلېت بېيت ئېيتىپ ئېلىشنى شەرت قىلىدۇ. بىر كوپلېت بېيىتتىن كىيىن چىلىمنى تۇتقۇچى چىلىمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ سەھنىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. چىلىمنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى كۆڭلى يېقىن يەنە بىرەيلەننى تەكلىپ قىلىدۇ. ئويۇن مۇشۇ تەرىقىدە ناھايىتى قىزغىن داۋاملىشىدۇ. بۇ ئويۇن ئەر – ئايال، قىز – يىگىتلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغاچقا، ناھايىتى قىزىقارلىق ۋە مەنىلىك بولىدۇ. بۇ ئويۇن بىر تەرەپتىن ياش قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۆز مۇھەببىتىنى ئاشكارىلاشنىڭ ۋاستىسى بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارغا نىسبەتەن ھوشيارلىقنىڭ، چاققانلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە مەشرەپ ئەھلىنى خوشاللىققا چۆمدۈرۈپلا قالماي، بەلكى ياشلارنى ئەمگەك ،تۇرمۇشتىمۇ چاققان،سەزگۈر بۇلۇش جەھەتتە تەربىيىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئۇندىن باشقا مەشرەپتە ھەييار ئۇسسۇلچىلار تەرىپىدىن ئوينىلىدىغان شىر ئۇسسۇلى، توخۇ ئۇسسۇلى ۋە ئاقساق – چولاقلارنى دوراپ ئوينىلىدىغان ئۇسسۇللار ۋە باشقا سۆز ئويۇنلىرى ئۆزىنىڭ كومىدىيىلىك قىزىقارلىقلىقى، ھەجىۋىيلىكى بىلەن كىشىلەرگە تولىمۇ بەدىئىي زوق ئاتا قىلىدۇ. بۇخىل ئۇيۇنلارمۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى مەنبە قىلغاچقا، تۇرمۇشتىكى بىرقىسىم كىشىلەرنى ھەجىۋىيلەشتۈرۈپ دورايدۇ، تاماشىبىنلار بۇ قىزىقچىلىقتىن قانغۇچە كۈلۈشىدۇ.

5. مەشرەپنىڭ جازا ۋە تەربىيە باسقۇچى:  

كورلا توي مەشرىپى مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئۆتكۈزۈلسۇن ئۇنىڭ مۇكەممەل تەرتىپ ئىنتىزاملىرى بار. بۇ يەردىكى ئىنتىزام خەلقنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بېرى يەكۈنلىگەن كىشلىك ئەخلاق مىزانلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇ خەلق مەشرەپلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەت كۈچىنى شەكىللەندۈرگەن. كورلا خەلق مەشرەپلىرى ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مۇساپىسىدا جەمئىيەتنىڭ تەرتىپ ئىنتىزاملىرىنى ياخشىلاش، ياش ئەۋلادلارغا ئۆرپ – ئادەت، قائىدە – نىزام ئۆگۈتۈش، پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرىنى ياخشى ئەخلاقىي خىسلەت بىلەن تەربىيىلەشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. شۇڭا، كورلا توي مەشرىپىدىكى 《جازا ۋە تەربىيە》بۇ مەشرەپنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەشرەپ ئەھلىدىن بىرەيلەن، مەلۇم  بىر كىشىنىڭ قەستەن ياكى تەبىئىي ھالدا ھېچ كىشىنىڭ ئىجازىتىسىز مەشرەپ مەيدانىدىن ئايرىلغانلىقى، كېچىكىپ كەلگەنلىكى ياكى كىشلىك ئەخلاققا خىلاپ بىرەر سەۋەنلىك سادىر قىلغانلىقى، مەشرەپتە ناخشا – ئۇسسۇل بۇلىۋاتقاندا تەرتىپنى بۇزغانلىقى... قاتارلىق مەشرەپ ئىنتىزامىغا خىلاپ ھەرىكىتى ئۈستىدىن قازىبەگ (مەشرەپ بېگى) كە ئەرز قىلىدۇ. قازىبەگ سوراق قىلىش ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ《گۇناھكار》ياكى 《گۇناھسىز》ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بولغاندىن كىيىن، كۆپچىلىكنىڭ مەسلىھەتى بويىچە گۇناھكارغا 《جازا》كېسىدۇ. مەشرەپتىكى جازا ئىككى خىل بولۇپ بىرى ئىقتىسادىي جازا يەنە بىرى سەۋەنلىك جازاسى. سەۋەنلىك جازاسى مەشرەپتىكى ئويۇنلارنى ئويناش داۋامىدا سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە، ياكى مەشرەپنى يەنىمۇ قىزىتىش، قىزىقچىلىق قىلىپ ئويۇن ئىچىدىن ئويۇن چىقىرىش مەقسىتىدە گۇناھكارغا بېرىلىدىغان جازا. مەسىلەن: 《ئۇچۇرۇش》،《ھايگانچا》(باشقا جايلاردا ھاۋانچا دىيىلىدۇ)،《ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈش》،... قاتارلىقلار.

توي مەشرىپىدە ئوينىلىدىغان《گۈل》دەپ بىر ئويۇن بار بولۇپ مەشرەپ سورۇنىدىكى بىرەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ  :گۈل، نىمە گۈل؟-دەپ سورايدۇ. يەنە بىرەيلەن؛ قىزىل گۈل -دەپ ئۇلايدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە بىرەيلەن؛ قوغۇن گۈل- دەپ ئۇلايدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە باشقىلارمۇ ئەگىشىپ كەينى – كەينىدىن گۈل ئىسمى بىلەن ئۇلايدۇ. ئەگەر شۇ جەرياندا كىمكى ئاۋۋال بىرەيلەن ئاتاپ بولغان گۈل ئىسمىنى تەكرارلاپ قويسا، شۇ گۈل ئىسمىنى ئاۋۋال ئاتىغان كىشى: قازىبەگ جانابلىرى، مەن بېغىمغا قىزىل گۈل تېرىغان ئىدىم، ئاخشام پالانى بېغىمغا كىرىپ گۈلۈمنى ئۈزۈپ ئوغۇرلاپ كېتىپتۇ- دىگەندىن كىيىن قازىبەگ دوغىنى چاقىرىپ: پالانىنى ئالدىمغا كەلتۈر، ـ دەيدۇ. دوغا گۇناھكارنى دەرھال قازىبەگنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىدۇ. قازىبەگ : پالانىنىڭ گۈلىنى ئوغۇرلىغىنىڭ راستمۇ؟ - دەپ سورايدۇ. گۇناھكار: راست -دەيدۇ. قازىبەگ: نىمىشقا ئوغۇرلىدىڭ؟ - دەپ سورايدۇ. گۇناھكار: ئايالىم چىكەمگە گۈل قىسىپ تېخىمۇ چىرايلىق بولىمەن دىگەنتى شۇڭا ئوغۇرلاپتىمەن- دەيدۇ. قازىبەگە: دوغا، گۇناھكارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن 《ئۇچۇرۇش》 جازاسى بېرىلسۇن- دەيدۇ.《ئۇچۇرۇش》 جازاسىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش شەكلى مۇنداق بولۇپ، جازالانغۇچى گۇناھكارنىڭ غۇلىچىنى كەڭ ئاچقۇزۇپ ئۈچ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچ شالغا غۇلىچىنى كەڭ ئاچقان ھالدا ئىككى قولىنى مۇقىم قىلىپ ئىككى بېغىشىدىن قولىنى بوشىتىۋالمىغۇدەك دەرىجىدە باغلايدۇ – دە، مەيدانغا تۇرغۇزۇپ قويۇلىدۇ. ئاندىن مەشرەپ ئەھلى گۇناھكارنىڭ ئۇ يەر – بۇ يېرىنى قىچىقلاشقا باشلايدۇ. گۇناھكار بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي خۇددى قۇشلار ئۇچىۋاتقاندەك ئۆزىنى ئەپقاچىمەن دەپ شالنى ھەرخىل ھەرياڭزا پۇلاڭلىتىشقا باشلايدۇ. گۇناھكار قىچىقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكتىن ئوڭايسىزلىنىپ ھەرخىل قىزىقارلىق، كۈلكىلىك ھەرىكەت ئىپادىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. مەشرەپ ئەھلى بولسا بۇ قىزىقارلىق ئويۇننى كۆرۈپ ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك كۈلىشىدۇ، بۇ ئارقىلىق كىشىنىڭ ھەققىگە قارا سانىغانلار ،باشقىلارنىڭ مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار ھامان مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە ھەم نەپرىتىگە قالىدۇ، دىگەن ھەقىقەتنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرىدۇ.   

ئۇندىن باشقا 《ھايگانچا》(باشقا جايلاردا ھاۋانچا دىيىلىدۇ) دەپ بىرخىل جازا ئويۇنى بار بولۇپ، مەشرەپتىكى گۇناھكار بۇخىل جازاغا بۇيرۇلسا، مەيدانغا ئېلىپ چىقىلىپ زوڭ ئولتۇرغۇزىلىدۇ. ئاندىن كىيىن ئىككى قولىنى تىزىنىڭ ئاستىدىن ئېلىپ، ھايگانچىدەك چوڭلۇقتا بىرنەرسىنى تۇتقۇزۇپ (ياكى قولىغا دەل كەلگۈدەك غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچ بولسىمۇ بولىدۇ) ئاندىن ئىككى قولىنى جىپسىلاپ بېغىشىدىن باغلىۋىتىلىدۇ – دە، ياتقۇزۇپ قويۇلىدۇ. گۇناھكار ھەرقانچە كۈچىسىمۇ ئورنىدىن تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياندىكى تاماشىبىنلار گۇناھكارنى ھەرتەرەپتىن كېلىپ قىچىقلاشقا باشلايدۇ. گۇناھكار قىچىقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەي ھەريان دومۇلاپ نالە قىلىدۇ. تاماشىبىنلار بۇ قىزىقچىلىقتىن قانغۇچە كۈلۈپ ھوزۇرلىنىدۇ ھەمدە ئەگەر ئاممىۋى ئەخلاققا رىئايە قىلمىغان ھەرقانداق كىشىلەر ھامان ئاشۇنداق ئەلنىڭ كۈلكىسىگە قالىدۇ دەپ قاتتىق ئىبرەت ئالىدۇ.

كورلا توي مەشرىپىدە گۇناھكارلارغا بېرىلىدىغان ناماقۇللۇق بىلدۈرۈش جازاسى ئادەتتە، 《ناماقۇللۇق مەشرىپى》دىگەن چىرايلىق نام بىلەن ئاتالسىمۇ لېكىن ئۇ بىرخىل ئىقتىسادى جازا تۈرى بولۇپ،  ئۇنىڭدا بىرەرسى مەشرەپ تۈزۈمىنى ئېغىر ھالدا بۇزسا ياكى ئاممىۋى ئەخلاققا خىلاپ  بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا ، شۇ كىشىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، كۆتۈرۈش كۈچىگە قاراپ، ئۇ كىشىگە ناماقۇللۇق مەشرىپى ئۆتكۈزۈپ بېرىش جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ جازانى مەشرەپ ئەھلى قىزغىن قوللايدۇ. بۇ 《جازا》نى ئۆتەش داۋامىدا گۇناھكارنىڭ نۇخۇلىسى خېلى ئېلىنىپ، قىلغان ئەتكەنلىرىگە پۇشايمان قىلىپ، ئەگەر ئاممىۋى ئەخلاققا يات قىلمىش سادىر قىلسا ياخشى ئاقىۋەتكە قالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىىپ خېلى ئىبرەت ئالىدۇ.

ئومۇمەن، كورلا توي مەشرىپى باشئەگىم باغرىدىكى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ئولتۇراقلاشقان كورلا خەلقىنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتى، يەرلىك نىزاملىرى ۋە ئۆرپ – ئادىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ مەدەنىيەت – سەنئەت جەھەتتە خەلققە بەكمۇ يېقىن ياكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان بولغاچقا خەلق ئۇنى ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ. كورلا توي مەشرىپىمۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە. بۇخىل مەشرەپتە ئۇرۇق – تۇغقانلار، ئەل – ئاغىنىلەر، مەھەللە – كويلار ئاساس قىلىنىدىغان بولغاچقا تەشكىللەش بىرقەدەر ئوڭاي. بۇخىل مەشرەپتە داپ، دۇتار، ساتار، تەمبۇر، راۋاپ، ناغرا – سۇناي قاتارلىق سازلار ئاساس قىلىنىپ يەرلىك مۇقاملار، يەرلىك ناخشىلار، كورلا سەنەملىرى ئورۇنلىنىدۇ. مەشرەپنىڭ ئومۇمىي ۋاقتى ئىككى سائەت ئەتراپىدا بولۇپ مەشرەپتە يەنە خەلق ئۇسسۇلچىلىرى توي سەنىمىگە چۈشىدۇ. شىر ئۇسسۇلى، توخۇ ئۇسسۇلى ۋە باشقا چىنە ئۇسسۇلى، ئاقساق – چولاقنى دوراپ ئوينىلىدىغان ئۇسسۇللارنى ئوينايدۇ. قىزىقچىلار بېيت – قوشاق، يۇمۇر ئېيتىشىدۇ. ۋائىزلار جەڭنامە داستان ئېيتىدۇ. ھەرخىل جازا ئويۇنلىرى ئوينىلىدۇ. ئىشقىلىپ قاتناشقۇچىلار ئۇرۇق – تۇغقان، يارۇ – بۇرادەر، ئەل – ئاغىنىلەر بولغاچقا تارتىنماي قوساقتا بار ھۈنىرىنى چىقىرىدۇ. ئەگەر مەشرەپ قىزىپ كەتسە 《گاچىغا تىل، توكۇرغا پۇت》چىقىرىۋېتىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، كورلا توي مەشرىپى يالغۇز كۈڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلىپلا قالماي بەلكى ئۇ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تويۇنغان رەڭگارەڭ خەلق سەنئىتىنى نامايەن قىلىپ، خەلقنىڭ مەدەنىيىەت – سەنئەت بايلىقىنى ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ،ياشلارنى ئەخلاق ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادەت جەھەتتىن تەربىيىلەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر خەلققى ئىچىدە 《مەشرەپ كۆرگەن》،《مەشرەپ كۆرمىگەن》 دىگەندەك سۆزلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلاقى ۋە خۇلق – مىجەزىنى باھالايدىغان ئادەت بار. ھەتتا، 《ئالىم بولاي دىسەڭ مەكتەپكە بار، ئادەم بولاي دىسەڭ مەشرەپكە بار》دىگەندەك ماقاللارمۇ بار.

بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، كورلا توي مەشرىپى كورلا خەلقىنىڭ سەنئەت مەكتىۋى، ئۆرپ – ئادەت مەكتىۋى شۇنداقلا ئىلىم – مەرىپەت مەكتىۋى. خەلقىمىزنىڭ سەنئەت بېغىدىكى بىر گۆھەردىن ئىبارەت.

كورلا توي مەشرىپىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى

بىر پۈتۈن توي مەشرىپى ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئاممىۋىيلىقى، كوللىكتىپچانلىقى، ئۇنۋېرساللىقى، بىۋاستىلىكى، بەدىئيلىگى، ۋارىسچانلىقى قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە:

1. ئاممىۋىيلىقى

كورلا توي مەشرىپى قەدىمدىن تارتىپ،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ توي قىلغان بىر جۈپ ياشقا بەخىت تىلەش،ئۇلارنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشىنىڭ خوشال-خوراملىق ئىچىدە كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى تىلەپ ئۆتكۈزىدىغان بىرخىل ئاممىۋىي خاراكتىردىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بۇلۇپ،شۇ يۇرتتىكى بوۋاي – مومايلاردىن تارتىپ ،ياشلار ۋە ئۇششاق بالىلارغىچە خالىغانلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ قاتناشسا بولىۋېرىدۇ، قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ.ئوينىلىدىغان ئويۇنلار خەلق ئويۇنلىرى ،ئورۇندىلىدىغان ناخشا – ئۇسسۇللارمۇ خەلق ئاممىسىغا تونۇشلۇق خەلق ناخشا – ئۇسسۇللىرى بولغاچقا،بارلىق ئامما بۇ مەشرەپكە خوشاللىق بىلەن قىزغىن قاتنىشىدۇ. بۇخىل مەشرەپ ئاساسەن چوڭ ھويلىلاردا، باغلاردا ئېلىپ بېرىلغاچقا، سورۇن قانچە كۆپ ئادەم قاتناشسىمۇ تارلىق قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچلىكى ئىشتىن  يانغاندا ئۆتكۈزۈلگەچكە، ئامما بۇخىل مەشرەپكە قاتنىشىشنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيدۇ. چۈنكى ئامما كۆرۈپ، ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىپلا قالماي، خالىسا مەيدانغا چۈشۈپ ناخشا ئېيتىپ ،ئۇسسۇل ئوينايدۇ. خالىغانچە ئوتتۇرىغا چۈشۈپ،ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناپ بىركۈنلۈك ھاردۇقىنى چىقىرىش بىلەن بىرگە تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىدىن ھوزۇرلىنىدۇ.

2. كوللىكتىپچانلىقى

كوللىكتىپچانلىق ــ كورلا توي مەشرىپىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ قازىبەگ، مىرگاز، دوغا قاتارلىق مەشرەپنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى، ئەلنەغمىچى ئۇسسۇلچىلار، بېيىت – قوشاقچى،سېرىك، مەدداھلار ۋە قىزىقچى ھەييارلار قاتارلىق نومۇر ئورۇنلىغۇچىلار ھەمدە شۇ مەشرەپ سورۇنىغا كەلگەن ، ئويۇن تۈرلىرىنى سىرتتىن قاتنىشىپ ئوينايدىغان كەڭ ئاممىدىن ئىبارەت بىر كوللىكتىپنىڭ ئۆز-ئارا زىچ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئوبىيكىتلارنىڭ بىرى كەم بولسا مەشرەپنىڭ ئۈنۈمىگە، سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ، قىزىمايدۇ.

3. ئۇنىۋېرساللىقى

توي مەشرىپى ــ ناخشا – مۇزىكا، ئۇسسۇل،درامما،سېرىك شېئىرىيەت، تۈرلۈك قىزىقارلىق ئويۇنلار قاتارلىق ھەرخىل ئامىللارنىڭ ئۆز-ئارا گىرەلىشىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا چىقىدىغان بىرخىل ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلى بولۇپ،بۇ ئامىللار مەشرەپ جەريانىدا ھەربىرى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ ، بىر-بىرنى تۇلۇقلاش،بېيىتىش ئارقىلىق توي مەشرىپىنى بىر پۈتۈنلۈككە،ۋە مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىدۇ،شۇڭلاشقا توي مەشرىپى شەكلىنىڭ رەڭدارلىقى، مەزمۇنىنىڭ ئۇنۋىرساللىقى بىلەن باشقا سەنئەت تۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

4. بىۋاستىلىكى

توي مەشرىپى توي بولغان كۈنى مەلۈم ۋاقىت،مەلۇم شارائىت ئاستىدا ئوينىلىدىغان بۇلۇپ،مەشرەپنىڭ مەزمۇنىدىن تاماشىبىنلار بىۋاستە خەۋەردار بولىدۇ ۋە ھۇزۇرلىنىدۇ.بۇ جەھەتتە كورلا توي مەشرىپى ئۇيغۇر دىرامما سەنئىتى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە.

يەنە بىر جەھەتتىن بولسا مەشرەپتە ئورۇنلانغان سەنئەت تۈرىدىكى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى ئالدىن رېپىتىس قىلىنماي،مەشرەپ باشلانغاندا بىۋاستە ھالدا ئوتتۇرغا چۈشۈپ ئوينىلىدىغان بۇلۇپ،بۇ جەھەتتىن سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

مەشرەپ كۈنى ھەممە كىشى مەشرەپ ئويناش ئۈچۈن تەييارلىق بىلەن كېلىدۇ. مەشرەپ نەق مەيداندا قويۇلىدۇ. تاماشىبىن ئامما نەق مەيداندا تۇرۇپ،بىۋاستە ھالدا مەشرەپنى كۆرىدۇ، ھۇزۇرلىنىدۇ. خەلق سەنئەتچىلىرى ئورۇنلىغان نومۇر بىلەن تاماشىبىنلار بىۋاستە ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا، توي مەشرىپىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك دەرىجىدە چىنلىققا ئىگە بولىدۇ. خەلق ئاممىسى ئۆزلىرى مەشرەپ سورۇنىغا چۈشۈپ خالىغانچە پىرقىراپ ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق ،مەشرەپنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ. مەشرەپ سورۇنىدىكى ھەممەيلەن ئىجادىيەتچى بولۇپ ھەم 《تاماشىبىن》ھەم 《ئورۇندىغۇچى》بولۇشتەك ئىككى خىل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، سورۇن قىزىپ كەتكەندە ھەممە كىشى بار ھۈنىرىنى ئىشقا سالىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئامما ئۆزى ئوينىغان شۇ ئۇسسۇلنى، ئېيتقان بېيت – قوشاقنى ئۈيىدە ئالدىن رەپىتىس قىلىۋالمايدۇ، نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە بىۋاستە ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

5.بەدىئىيلىگى

توي مەشرىپىدە ئوينىلىدىغان بىر پۈتۈن توي سەنىمىنىڭ قوشاقلىرى، ئاھاڭى ياكى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بولسۇن ھەممىسى شۇ توي خوشاللىقىنى ئىپادىلەش، يورۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىنىڭ كۆپ خىللىقى، مىلودىيىسىنىڭ يارقىن، جۇشقۇن، ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ نەپس، مۇزىكا ئۇدارىنىڭ كۆپ خىللىقىدىن ئىبارەت ئۆزگىچىلىكى بىلەن تارىختىن بۇيان ،باشئەگىم باغرىدىكى ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىنىڭ بىرقىسمى بۇلۇپ كەلدى،توي مەشرىپىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياش قىز-ئوغۇللار بولغاچقا،مەشرەپتە ئېيتىلغان ناخشا-مۇقاملارنىڭ مەزمۇنى ۋە تىلى ئىنتايىن گۈزەل ھەم لىرىكىلىق بۇلۇپ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چەكسە، ئوينالغان ئۇسۇللار ،ھەركىتىنىڭ نەپسلىكى،جۇشقۇنلىقى بىلەن بىۋاستە ھالدا كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ،خەلق سەنئەتكارلىرى مانا مۇشۇنداق ئىسىل ناخشا –مۇقاملار ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ، ئۇلارنى ئىختىيارسىز ھالدا مەيدانغا چۈشۈپ ئۇسۇل ئويناشقا دەۋەت قىلىدۇ.ئوغۇللار ئۆزلىرىنىڭ چەبدەس،جۇشقۇن ھەم شوخ ئۇسۇللىرى ئارقىلىق قىزلارنى ئۆزىگە تارتسا،قىزلار ئۆزىنىڭ نەپىس،لەرزان ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يىگىتلەرنى جەلىپ قىلىشقا تىرىشىدۇ،ھەم بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قەلىب سىرلىرىنى بىر-بىرىگە بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تويى بولغان قىز-يىگىتنىڭ مۇھەببەت ۋىسالىغا يەتكەنلىكىگە بولغان خوشاللىقىنى ئىپادىلىشىدۇ.مانا بۇ توي مەشرىپى مۇشۇنداق قوش يۆنىلىشلىك ئېلىپ بېرىلىپ،تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى،مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى،ئەدەپ-ئەخلاق،قائىدە-يۇسۇنلارنىڭ مۇھىملىقىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرىدۇ.

6. ۋارىسچانلىقى

ئىنسانىيەت تارىخىدا شەكىللەنگەن باشقا غەيرى-ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي ،دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كىلىشىگە ئوخشاش، كورلا توي مەشرىپىمۇ قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا، زاماندىن – زامانغا ئىزچىل داۋاملىشىپ، ئۈزۈلۈپ قالماي بۇگۈنگىچە يىتىپ كەلدى،چۈنكى توي بولغانىكەن چوقۇم مەشرەپ بولىدۇ ،توي ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان بىر ئىش بۇلۇپ،ئۇيغۇر تويلىرى باشقا مىللەتلەرنىڭ تويىغا تۈپتىن ئوخشاشمايدۇ، قەدىمدىن تارتىپ ئاتا بوۋىللىرىمىز تويدىن كىيىن خەلىققە مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن،مەشرەپ توينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغان.شۇ سەۋەبتىن، خەلقىمىزنىڭ يىگىت ئۆيلەپ،قىز ياتلىق قىلىش ئارقىلىق مەشرەپ ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ،بۇ توي مەشرىپى مەشرەپ سورۇنىدىكى ئەلنەغمىچى ئۇستىلاردىن – شاگىرتقا، چوڭلاردىن – بالىلارغا ئاغزاكى مىراس قېلىشتەك ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار ئارقىلىق دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئالايلى، تارىختا ئۆتكەن ئەلنەغمە پېشىۋالىرىدىن مەرھۇم نىياز موللام، نەزەر غازى، مەرھۇم ساۋۇر موللام، مەرھۇم ئىسلام مەزىن، مەرھۇم نىياز ئاخۇن، مەرھۇم تىيىپ مىراپ، مەرھۇم يەھياۋاي مىرگاز، مەرھۇم ھېيت نەغمىچى، مەرھۇم ئابدۇل مىرگاز، مەرھۇم باۋۇدۇن تىيىپ، باۋۇدۇن توختى،  مەرھۇم ئەيسا رۇزى قاتارلىق خەلق سەنئەتچىلىرى كورلا توي مەشرىپىنىڭ تارىخ جەريانىدا ئۈزۈلۈپ قالماي،ئۆز خاسلىقىنى يوقاتماي بۇگۈنگىچە يېتىپ كېلىشىدە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. بولۇپمۇ، مەرھۇم ئەلنەغمە پېشىۋاسى ھېيت سادىر (1984 – 1906 لەقىمى -نەغمىچى) ئاكا ئۆز ئۆمرىدە نۇرغۇن شاگىرتلارنى تەربىيىلەپلا قالماي يەنە كورلا توي مەشرىپىنىڭ ئۇنۋىرسال ئالاھىدىلىكىنى ئەسلى ھالىتى بىلەن دەۋرىمىزگىچە يەتكۈزۈپ كېلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ھازىر يۇقىرىقى مەرھۇم پېشىۋالارنىڭ شاگىرتلىرىدىن خالىق ھېيت، رەھمەت تىيىپ، توختى ئەيسا، ئەھەت ئابدۇل، زىياۋۇدۇن ھېبىبۇللا، نەژمىدىن قادىر، مەمەت مويدۇن، غوپۇر ئابدۇرېھىم، گۈلنىساخان نىياز، پاتەم نىياز، سېلىمخان خالىق، قارىخان،  تاھىر ئىبراھىم... قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلار توي مەشرىپى جۈملىدىن پۈتكۈل كورلا ئەلنەغمە مەشرەپلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىپ كىلىشىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. لېكىن، شۇنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى، گەرچە توي مەشرىپى 《ئاتىدىن بالىغا، ئۇستازدىن شاگىرتقا》مىراس قېلىش شەكلىدە ھازىرغىچە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ ،لېكىن زاماننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەبىئىي ئامىللار ئۇنىڭ چېكىنىپ، يوقىلىش گىردابىغا كىلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بۇلۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1) شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى

ئىسلاھات – ئېچىۋىتىشتىن كىيىن شەھىرىمىز شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا – كەنت مەھەللىرى شەھەر دائىرىسىگە قوشۇلۇپ كىتىپ، ئەسلىدىكى كۆجۈم مەھەللىلەرنىڭ ئورنىنى بىنالار ئىگىلىدى. پارتىيىنىڭ دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتى ئاستىدا،بىر قىسىم ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلىدى، تۇرمۇش رېتىمى تېزلەشتى، مۇشۇنداق بىر قاتار ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،توي مەشرىپى ئۆزىنىڭ ئەسلى ئوينىلىش ماكانى بولغان كۆجۈم مەھەللىلەردىن ئايرىلدى، مەشرەپنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان بىر ئامىلى تاماشىبىنلار،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ،مەشرەپ سورۇنىدىن يىراقلاپ كەتتى.

2) زامانىۋى مەدەنىيەت سەنئەتنىڭ سىڭىپ كىرىشى

ئىقتىساتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۈلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىلىشىگە ئەگىشىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتمۇ خەلق تۇرمۇشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتە ئاسمىلياتسىيە يۈز بېرىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بىلەن زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ئوتتۇرسىدا پەرق شەكىللەندى،نەتىجىدە زامانىۋى مەدەنىيەت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى.مۇشۇنداق زامانىۋى مەدەنىيەت سەنئەتنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن مەھەللىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى توي مەشرىپى شەھەردىكى ئالىي دەرىجىلىك رېستۇراندا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. ئەسلىدىكى توي مەشرىپىدە ئورۇنلىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلار، توي سەنىمىنىڭ ئورنىنى زامانىۋى ئەبجەش مودا ناخشا – ئۇسسۇللار ئىگىلىدى. ياشلار زامانىۋى ئەبجەش مودا ناخشا – ئۇسسۇللارغا ئۆزىنى ئاتتى. ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى ئەلنەغمە مەشرەپكە قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدى.

3) يەرلىك ئەلنەغمىچىلەر قوشۇنىنىڭ ئازىيىپ بېرىشى ۋە ياش ۋارىسلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەر.

يەرلىك ئەلنەغمىچىلەر خەلقنى مەنبە قىلىدىغان بۇلۇپ،خەلق ئارىسىدا ئۆسۈپ،پىشىپ يىتىلىدۇ،مۇنتىزىم تەربىيلىنىش مۇھىتى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇستازى خەلق، سەھنىسى بولسا مەشرەپ سورۇنى بولىدۇ.مانا بۇلار خەلق ئەلنەغمىچىلىرىنىڭ كەسپى سەنئەتچىلەردىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكى.

ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى فىئوداللىق زۇلۇم، ئۇرۇش – مالىمانچىلىقى، ئازادلىقتىن كىيىنكى 《تۆت كونىنى يوقىتىش》ۋە 《مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي》نىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسۋىرلىگۈسىز يامان ئاقىۋىتىنىڭ نەتىجىسىدە، پىشقەدەم ئەلنەغمىچىلەر قوشۇنى ئازىيىپ كېتىش بىلەن بىرگە، ياش ئەۋلاد ۋارىسلارنى تەربىيىلەش ئىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالدى، ھەمدە پۈتۈن خەلق پەقەت 《نان ۋە جان قايغۇسىدا》 قالدى. ئىسلاھات – ئېچىۋىتىشتىن كىيىن پارتىيىنىڭ ياخشى سىياسىتىدە جاھان ئوڭشىلىپ خەلق خاتىرجەم بولۇپ، خەلق ئارىسىدىكى ئەلنەغمە مەشرەپنى توپلاش – رەتلەش، قوغداش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ،بۇرۇنقى پىشقەدەم خەلق سەنئەتكارلارنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمەسلىك،سالامەتلىكى يار بەرسىمۇ《يىلاندىن قورققان ئارغامچىدىنمۇ قورقۇپتۇ》دىگەندەك، ئۆزىدە بار بولغان ئەمىلي بىلىمنى ياش نوتىلارغا يۈرەكلىك ئۆگىتىشتىن قورقۇش پىسخىكىسى سەۋەبىدىن،يېڭى نوتىلارنى يىتىشتۈرۈش خىزمىتى ئۈزۈلۈپ قالدى.

شۇنداق بولغاچقا، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ قىزىقتۇرۇش كۈچى ئالدىدا كىشىلەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-سەنئەتكە قارىغاندا،زامانىۋى مەدەنىيەت سەنئەتكە بەكرەك قىزىقىپ،نۇرغۇنلىغان ياش نوتىلارنى ئەبجەش مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى قىلىپ يىتىشتۈرۈپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن زامانلاردىن بۇيان گۈللىنىپ،داۋاملىشىپ ،خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كەلگەن توي مەشرپىمىز بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ۋارىسلارنىڭ كەم بۇلىشى تۇپەيلىدىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.  

كورلا توي مەشرىپىنىڭ باشقا يۇرت مەشرەپلىرىدىن پەرقى

1. كورلا توي مەشرىپىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە بولۇپ، باشقا جايلارنىڭكىدىن پەرىقلىنىدۇ.مەسلەن؛ كورلا توي مەشرىپىدە يىگىت بېشى ، مىرشاپ، پاششاپ…قاتارلىقلار بولمايدۇ.

2. كورلا توي مەشرىپىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئۇسۇلى باشقا جايلارنىڭكىدىن پەرىقلىنىدۇ. مەسىلەن؛ كورلا توي مەشرىپىنىڭ باشلىنىش باسقۇچىدىكى 《قىزنىڭ يۈزىنى ئېچىش》باشقا يۇرتلاردا ئادەتتە توينىڭ ئككىنجى كۈنى ئېلىپ بېرىلسا، كورلىدا شۇ كۈنى ئالاھدە ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى، مەشرەپ باشلانغاندا قىز – يىگىت مەشرەپ سورۇنىنىڭ ئالاھىدىرەك ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئورۇن تاماشىبىنلار بىلەن پەردە ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئاۋال يىگىتنىڭ ئاتا – ئانىسىى، ئاندىن قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىنىدۇ. بىر مەيدان ئۇسسۇل ئارقىلىق قىز – يىگىتنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇسسۇلى بىلەن، قىز – يىگىتنىڭ مەشرەپ سورۇنىدا كۈڭۈللۈك ئولتۇرۇشى ئۈچۈن《يول》 ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ ئۇسسۇل ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، بىر جۇپ قىز – يىگىت يەنى، قىز ۋە يىگىتنىڭ قولداشلىرى ئۆز ئارا بىر مەيدان  ئۇسسۇل ئويناپ ئاندىن، قىز – يىگىتنى پەردىنىڭ كەينىدىن ئېلىپ چىقىپ تاماشىبىنلارنىڭ 《كۆز》ىگە ئولتۇرغۇزىدۇ،ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ ئىلتىماسى بىلەن، قىز قولدىشى بىر بىلىكىگە بىر پارچە رەختنى باغلاپ، قولىدا ئىككى تال چوكىنى ئېلىپ، ئەلنەغمىچىلەرنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن، لەرزان كورلا سەنىمىگە چۈشىدۇ. 《قىزنىڭ يۈزىنى ئېچىش》-قىز قولدىشىنىڭ بىر مەيدان درامماتىك خۇسۇسىيەت مۇجەسسەملەنگەن لەرزان ئۇسسۇلى بىلەن   ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. كورلا توي مەشرىپىدە ئوينىلىدىغان ئويۇن تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى كورلىنىڭ يەرلىك ئويۇنلىرى بولۇپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە. بولۇپمۇ  مەشرەپتە ئوينىلىدىغان 《گۈل》،《ئۇچۇرۇش》،《ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈش》《ھايگانچا》…قاتارلىق جازا ئۇيۇنلار باشقا جايلارنىڭكىدىن پەرىقلىنىدۇ.  

كورلا توي مەشرىپىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى

1 كورلا توي مەشرىپىدىكى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تۇنۇشتۇرۇش ئارقىلىق ساغلام مەشرەپنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى سەنئەتنىڭ جۇغلانمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئۇنىڭ كىشىلەرنى جىسمانىي، مەنىۋى جەھەتتىن شاتلاندۇرىدىغان،،ھېسىيات ئالماشتۇرىدىغان، ئىجتىمائىي تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان،جامائەت ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭىشدىغان، ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرىدىغان كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارى بار.

2كورلا توي مەشرىپى خەلقىمىزنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئىشتىياقىنى، ئارزۇسىنى، خوشاللىق ۋە قايغۇ، ھېس – تۇيغۇلىرىنى ھەمدە قابىلىيەت ۋە ماھارەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، باشئەگىم باغرىدىكى كەڭ كورلا خەلقىنىڭ، تۇرمۇشىغا خوشاللىق ۋە مەنىۋى زوق ئاتا قىلىپ، مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتىمىزنى ئەۋلادتتىن – ئەۋلادقا يەتكۈزۈشتىكى، ھازىرقى زامان سەنئىتىمىزنى گۈللەندۈرۈشتىكى مول مەنبە بولماقتا.

3كورلا توي مەشرىپى يالغۇز كۈڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلىپلا قالماي بەلكى ئۇ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تويۇنغان رەڭگارەڭ خەلق سەنئىتىنى نامايەن قىلىپ، خەلقنىڭ مەدەنىيىەت – سەنئەت بايلىقىنى ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ،ياشلارنى ئەخلاق ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادەت جەھەتتىن تەربىيىلەيدۇ.

بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، كورلا توي مەشرىپى كورلا خەلقىنىڭ سەنئەت مەكتىۋى، ئۆرپ – ئادەت مەكتىۋى شۇنداقلا ئالىملارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، 《خەلقنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورنى 》بولۇپ، ئىناق جەمىيەت قۇرۇپ چىقىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ .

ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، كورلا توي مەشرىپى ــ قەدىمدىن بۈگۈنگىچە، ئەدەپ – ئەخلاق ۋە سەنئەت بىرىككەن چىن مەنىدىكى خەلقنىڭ سەنئەت مەكتىپى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ھەربىر قاتلىمىغا پاراسەتلىك، خۇشچاقچاق سەنئەتخۇمار كورلا خەلقىنىڭ ۋەتەننى، يۇرتىنى سۈيۈش روھى ،جاسارەتلىك، كەڭ قورساق، ئەپۇچان، ئېسىل خىسلىتى سىڭگەن بولۇپ، ئوينىلىش جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى روھىنى كۆتۈرۈش رولىنى ئويناپلا قالماستىن بەلكى ياشلارغا ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتنى يەتكۈزۈش يەنى چوڭلارنى، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى ھۆرمەتلەش، شەرمىى – ھايانى تەشۋىق قىلىپ، ناچار ئادەم، ناچار ھادىسلەرنى قامچىلاش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.

ئۇ ئەدەپ – ئەخلاقنى ئۆزىنىڭ مىزانى قىلىپ، ئۆز – ئارا دوستلۇق، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ روھىغا مەردانىلىق، خۇشخۇيلۇق، گۈزەللىك ۋە مۇھەببەت ئاتا قىلىپ، جەمىئيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.



(«كروران» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-28 12:34  


ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2737
تۆھپە : 1
توردا: 435
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 18:23:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرقى ماقالىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى،تېمىنى يورۇتۇش جەھەتتىكى قاتلاملىقلىقى،مۇكەمەل قۇرۇلمىسى،باغلىنىشقا ئىگە قىلىنغان كەڭ مەزمۇننى،مەشرەپنى يادرۇ  قىلغان خاراكتىرى،ئىلمىي ۋە پاكىتلىق بولۇش ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ئومۇمىي تەرەپلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا «غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى دەلىللەش ماتىريالى ئۆلچىمى » گە ئۇيغۇنلاشقاندىن باشقا تېخىمۇ كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىپ يېزىلىپتۇ.قىسقىسى كورلا توي مەشرىپى ھەققىدە ئۇزاق مۇددەتكىچە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان بىر ئىلمىي ئەسەر بوپتۇ.

بارلىق مەخسەتلىرىم،- ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈشىمگە باش ئىگىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش