كۆرۈش: 70|ئىنكاس: 0

تەسەۋۋۇپ تارىخىدىكى مەشھۇر تەسەۋۋۇپچىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 23:04:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسەۋۋۇپ تارىخىدىكى مەشھۇر تەسەۋۋۇپچىلار

1. ھاسان باسرى
2. ھېجرى ئۈچىنجى ئەسىردىكى تەسەۋۋۇپچىلار ① ھارىس ئەل مۇھاسىبى ② ھارراز ③ ئىبىن كەررام ④ جۈنەيىد
3. ھەللاج
4. غەززالى
5. مۇھددىن ئىبىن ئارابى
6. مەۋلانە جەلالەددىن رۇمى
7.  ئەرزۇرۇملۇق ئىبراھىم ھاككى

1. ھاسان باسرى – ھېجرى 1- ئەسىرنىڭ 641-642- يىللىرىدىن 728- يىلىغىچە ياشىغان . ئەسلى ئىسمى ھاسان بىن ئەبىل ھاسان ياساربولۇپ ، دادىسىنىڭ ئىسمى فىرۈز ، يەسار ياكى جافەر، ئانىسىنىڭ ئىسمى ھايرى ( خەيرى ) . 641- يىلى مەدىنە مۈنەۋۋەردە تۇغۇلۇپ 728- يىلى بەسرە ( بەسىر ) دە ۋاپات بولغان . قەبرىسى بەسىردىكى سالىھىييە دەپ ئاتىلىدىغان جايدا.
       ھاسان باسرى ھەزرەتلىرىنىڭ دادىسى بەسىرلىك بولۇپ ،مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن فىرۇز ۋە ياسار دېگەن ئىسىملارنى قوللانغان . مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن جافەر ئىسمىدە ئاتالغان . ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ مەيساننى بۇيسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشكەن جافەر ئەسھابى كېرەملەر ئىچىدىكى زەيىدبىن سابىت ئەل ئەنسارىنىڭ قۇلى بولغان . ئانىسى ھايرە ( خەيرى) خاتون ، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى بولغان ئۈممۈسەلەمەرادىيوللاھۇ ئەنھانىڭ دېدىكى بولۇپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلغان . ئۇلار مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن توي قىلغان . ھەزرىتى ئۆمەر خەلىپە بولغان يىلى يەنى 641- يىلى بۇ ئككىسىنىڭ تۇنجى پەرزەنتى ھاسان باسرى دۇنياغا كەلگەن . جافەر تۇنجى پەرزەنتىگە ئىسىم قويدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى خەلىپە ئۆمەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارغان . ھەزرىتى ئۆمەر بۇۋاقنىڭ يۈزىنى كۆرگەندىن كېيىن ‹‹ ئىسىمى ھاسان ( گۈزەل ) بولسۇن ›› دېگەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاققا ھەزرىتى ئۆمەر تەرىپىدىن ھاسان دېگەن ئىسىم قويۇلغان .
      تېخى مۇسۇلمان بولمىغان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى مەدىنىدىكى ۋادىل كۇرا دېگەن جايدا ئولتۇراتتى . ئانىسى خەيرى ھەزرىتى ئۈممۈ سەلەم رادىيوللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىپ تۇراتتى . بۇنادق ۋاقىتلاردا ئۇ بۇۋاق ھاساننىمۇ بىللە ئېلىپ باراتتى . ئانىسى ئۈممۈسەلەمەنىڭ خىزمىتى بىلەن سىرىتقا چىقىپ كەتكەندە ھاسان يىغلاپ كەتسە ، ئۈممۈ سەلەمە ئۇنى مېھرى بىلەن قولىغا ئېلىپ باغرىغا باساتتى ۋە ھەتتا ئۇنى ئىمىتكەن ۋاقىتلىرىمۇ بولغان . ئۈممۈ سەلەمە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ ‹‹ يا رەببىم ، سەن بۇ بالىنى ئىمام قىلغىن ، ئىنسانلار ئۇنىڭغا بوي سۇنسۇن ، ئۇنىڭ تۇتقان ھەق يولىدا ماڭسۇن ›› دەيتتى .
      بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ھاساننىڭ ئاتا – ئانىسى مۇسۇلمان بولۇپ ، قۇللۇقتىن ئازاد قىلىندى . ھاسان باسرىنىڭ باللىقى مەدىنە مۈنەۋۋەردە ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئەرەپچىنى پۇختا بىلەتتى . ئۇ ئانىسى بىلەن ئۈممۈ سەلەمەنىڭ يېنىغا كېلىپ كېتىپ يۈرۈپ ئىسلام ئەخلاقى بىلەن يېتىشىپ ، كىچىكىدىلا قۇرئان كەرىمنى يادلاپ بولدى . ئون بەش ئون ئالتە ياشلىرىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە مەدىنە مۈنەۋۋەردىن ئايرىلىپ ، شۇ زامانلاردا ئىلىم مەركىزى بولغان بەسرىگە كۆچۈپ كەلدى . ئۇلار دادىسىنىڭ يۇرتى بولغان بەسىرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ، ئابدۇللاھ بىن ئابباس ، ئەنەس بىن مالىك ،ئابدۇرراھمان بىن سەمۇرە ، سەمۇرەبىن جۈندەپ ، ئىھياد بىن ھىمار ، مالىك بىن ياسار ۋە ئەسۋەد بىن رادىياللاھۇغا ئوخشاش ساھابىلارنىڭ ئىلىم مەجلىسلىرىگە ۋە سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىپ ، ھەدىس ، تەپسىر ، فىكىخ ئىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللەپ يۈكسەك ئىلىم ساھىبى بولغان . كېيىن ئىسلام قۇشۇنلىرى بىلەن جەڭلەرگە قاتىنىشىپ خۇرراسان ۋالىسى بولغان ۋە خۇراساندىمۇ ئىلىم ئەھلى بىلەن بىرگە بولۇپ ئىتقاد ، ئىمان ، زاھىر ئىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللىگەن . ئۇ تەسەۋۋۇپ يولىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئۈنچە – مەرۋايىت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىپ كەتكەن . بۇ مەزگىللەردە تىجارەت بىلەن رۇم دىيارىغا ( ئانادولۇ ) بارماقچى بولۇپ يولغا چىققان ھەم قەيسەرى شەھرىگە كەلگەن . قەيسەرىدە تىجارەت رۇخسەتنامىسى ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمدارلارغا قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى بېرىدىغان قائىدە بويىچە ، ھاسانمۇ قەيسەرى ۋەزىرىگە قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى يوللىغان ، ۋەزىر ئۇنى يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان مۇراسىمغا قاتنىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان .
       ئۇقاتناشقان بۇ مۇراسىم ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىپ ، بۇدۇنيادىكى مال – دۇنيا، يۇقرى مەنسەپ ، گۈزەللىكلەرنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ ئاخىرەتكە يۈزلەنگەن ۋە قايتىشىدا شەھەرگە كىرىپلا تىجارەتتە تاپقان دۇنيالىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇھتاجلارغا ، نامراتلارغا تارقىتىپ بېرىپ ، بەسرى ھاكىمى بولغان مۇھسىن ئەلىگە قول بېرىپ تەسەۋۋۇپ يولىنى تۇتقان . ئۇ تەسەۋۋۇپ يولىدا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە تېز ئىلگىرلەپ مەنىۋى دەرىجىگە يۈكسەلگەن . ھېچقانداق ۋاقىتتا خەلىقتىن بىرنەرسە تەلەپ قىلمىغان ، پەقەت ئۇستازى مۇھسىن ئەلىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ۋەز ئېيتىپ تالىپلارنى يېتىشتۈرگەن .
      ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولغان ۋاقىتلاردا شەھەرمۇ شەھەر ئايلىنىپ خەلىق ئارىسىغا چۆكۈپ ، قەيەردە بىرەر شەيىخ ياكى ۋەز ئېيتىۋاتقانلارنى كۆرسە شۇ يەردە توختاپ ۋەز نەسىھەت ئاڭلايتتى ، توغرا يولدىن ئايرىلغانلارنى ئەدەپلەيتتى . ئەلى مۇشۇنداق شەھەر كېزىپ يۈرۈپ بەسرىگە كېلىپ ، ئۈچ كۈن تۇرۇپ قالدى . ئۇ بىر مەجلىستە ھاسان باسرىنىڭ ۋەزلىرىنى ئاڭلىدى . مانا مۇشۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى ئەلى ھاسانغا تەسەۋۋۇپقا مۇناسىۋەتلىك بولغان يۇشۇرۇن سىرلارنى ئېيتىپ چۈشەندۈردى . ھاسان باسرى ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلدى . ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىپ زىكىر تەلكىن بىلەن ئىنسانلارنى ئىسلامىيەتنىڭ ئەمىرى يۇسۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈپ تارقىتىشقا ئەمىر قىلدى ۋە تەرىقەتتىكى تۇنجى ‹‹ ئىجازەتنامە ›› نى يېزىپ ھاسان باسرىغا بەردى . تەرىقەت ئەھلى ئارىسىدىكى ئۇسۇل بولغان ‹‹ ئىجازەتنامە ›› يەنى قەغەزگە يېزىلغان رۇخسەتنامە مانا شۇ چاغدىن باشلانغان .
      ھاسان ئەل باسرى -19-14 ياشلىرىدا ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئاسىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش ئۇرۇشلىرىنى ، ھەزرىتى ئەلى ۋە مۇھالىفلىرى ئارىسىدىكى ئۇرۇشلارنى ، جەمەل ۋەقەسى ۋە ئەلى بىلەن مۇئاۋىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار ، سىففىن ۋەقەسى ۋە جامائەتنىڭ سۈننى ، شىفى ، ھارجى دەپ ئۈچكە ئايرىلىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن .
      ئۇ كېسەل سەۋەبىدىن 728- يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ ئالدىنقى بىر جۈمە كېچىسى كەلمە شاھادەت ئېيتىپ 88 يېشىدا ۋاپات بولغان . مىيىتىنى تالىپلىرىدىن ئەييۈب بىلەن ھۈمەيدۇتتاۋىل يۇيغان . جۈمە نامىزىدىن كېيىن جىنازا نامىزى قىلىنغان .
      ھاسان باسرىنىڭ تەسەۋۋۇپتىكى يولىنى ئۇ تەربىيىلىگەن ئالىملار ئارىسىدىكى تۆت خەلىپە داۋاملاشتۇرغان . ئۇلار مالىك بىن دىنار، ئۇتبە ئى غۇلام ، ئبەۇ ھاشىمى مەككى ۋە ھاببى ئاجەمدۇر .
      ھاسان باسرىنىڭ ھەزرىتى ئەلىدىن ئالغان تەسەۋۋۇپتىكى يولى كېيىنكى چاغلاردا ئەدھەمىييە ۋە چەشتىييە دەپ ئاتالغان. ئۇ ھاياتىدا ئاللا يلىدا ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋە ساھابى كېرەملەرنىڭ يولىدا مېڭىپ ، ئىلمى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان .
      ئۇنىڭ قالدۇرغان ئەسەرلىرى :
      1. تەفسىرۇل ھاسەنىل باسرى
      2. كىتابۇل ھاسەن ئىبنى ئەبىل ھاسان فىل ئادەد ( قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك )
      3. رىسالەفى فادىل ھارامى مەككەتىل مۈكەررەمە ( مەككىنىڭ پەزىلەتلىرىگە دائىر )
      4. رىسالە ئابدىل مەلىك ئىبنى مەرۋان بىلەن ھاسەنىل باسرى ۋە جەۋابىھى ئالەيھا( خەلىپە ئابدۇلمەلىككە يېزىلغان رىسالە )
      5. رىسالە ئەربىئا ۋە ھامىن فارىدا( ئەللىك تۆت پەرىزنى چۈشەندۈرگەن كىتاپ)
      6. ئىماندىكى ئەللىك پەزىلەت توغرىسىدىكى رىسالە
      7. ئەل ئىستىغفاراتۇل مۇنكىزە منەننار ( ئەررابى ھىفزىييە دەپمۇ ئاتىلىدۇ تۆۋبە ھەققىدىكى كىتاپ )
      
      بەزى رىۋايەتلەردە ھاسان باسرى ئەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى بولغان ئۈممۈسەلەمەنىڭ قېرىندىشىنىڭ بالىسى بولۇپ ، ئۇنى ئۈممۈسەلەمە ئىمىتكەن دېيىلگەن . يەنە بەزى رىۋايەتلەردە ھاسان كىچىك چېغىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىچىپ قويۇپ قويغان سۈيىنى ئىچىۋالغاندىن كېيىن ، پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا ‹‹ ھاسان قانچىلىك ئىچكەن بولسا ، ئىچكەن سۈيى ئىلىم بولسۇن ›› دەپ دۇئا قىلغان دېيىلگەن . يەنە باشقا بىر رىۋايەتتە بولسا ، ئۈممۈسەلەمەنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرغان ھاساننى پەيغەمبىرىمىز قۇچىقىغا ئېلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلغان . مانا شۇنىڭدىن كېيىن ھاساندا ئۆزگۈرۈشلەر ۋە ھېكمەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىغان دېيىلگەن .
      مەنبە : Akara universitesi ilahiyat fakultesi yayinlari no:171
      Bilgi tezkiretulevliya.net ,  afyuksel.com , gavsulaza.de

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : نىگاران

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش